قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 420|ئىنكاس: 5

ئاخىرقى ھىجران(ئاتەش)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

111

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22976
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 12:51:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

ئاخىرقى ھىجران
ئېزىز مەتكىرىم ئاتەش
مۇقەددىمە

كۆرگەنمۇ يا ئاڭلىغانمۇ سىز،
ۋەيران ئاشىق ئاۋارىسىنى.
سۆزلەپ بىرەر <<ئاخىرقى ھىجران>>،
ئەلى-رەيھان ھىكايىسىنى.


        غۇلجىدائۇنىڭ بىلەن غۇلجىغا كەلگىلى تۆت كۈن بوپتۇ،بۇ تۆت كۈن مابەينىدە ئۇنىڭ بىلەن غۇلجا شەھىرى xناھىيەسىنىڭ مەلۇم بىر مەھەللىسىنى قانچە قېتىملاپ چۆگىلىگىنىمنى،تۇنۇش بۇلۇپ كەتكەن غۇلجا كوچىللىرىدا قانچە قېتىم ماشىنا بىلەن مېڭىپ ئۇنىڭ ئازابىغا،كۆز يېشىغا،ئاللاھقا قىلغان نىدالىرىغا شاھىد بولغىنىمنى بىلمەيمەن.پەقەت ھەسرەتلىك تىنىق ۋە ئاچچىق كۆز يېشىغا تولغان ماشىنا ئىچىدە،ئۇ يېقىننىڭياقى ئاڭلاپ-ئاڭلاپ قانمىغان،خۇشاللىق ئەمەس ئازاپ ئاتا قىلىدىغان  بىر ناخشىنى تىڭشىماقتىمەن.ئۇنى بۇ ناخشىنى ئۆتكۈزۋېتىشكە مەجبۇرلىيالمايمەن ھەم مەجبۇرلىساممۇ ئۆتكۈزىۋېتەلمەيمەن.مىنىڭ قىلالايدىغىنىم پەقەت ئۇنىڭ ھەسرىتىگە ئاشنا بۇلۇپ بىللە كۆز يېشى قىلىش ۋە پايدىسى يوق تەسەللىيلەرنى بىرىشتىنلا ئىبارەت،خالاس.مانا بۈگۈن غۇلجىغا كەلگىنىمىزنىڭ تۆتىنچى كۈنى ،يەنى رەيھاننىڭ توي كۈنى.تۈنۈگۈن رەيھاننىڭ يېنىمدا قۇنۇپ قال دىگەن سۆزلىرىگە <<بولدى،ئالىي مەكتەپتە بىللە ئۇقۇغان   بىر غۇلجىلىق ساۋاقدىشىم بار،شۇنىڭ يېنىغا باراي>>دىدىم ۋە ئۇنىڭ يەنە تۇسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئېيتقان تالاي سۆزلىرىگە ھەرخىل باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ،ئۇنىڭ توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈش ۋە يۇرتتىن كەلگەن ئۇرۇق -تۇققانلىرىنى قوندۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىتلىق ئىجارىگە ئالغان قورۇسىدىن يېنىپ چىقتىم-دە،500مېتىر يىراقلىقتا مىنى ماشىنىسىدا ساقلاپ تۇرغان ئەلىنىڭ قېشىغا ماڭدىم.مىھمانخانىغا قايتىپ كەلگەندىن كىين،ئەلىگە يەنە بىراز   تەسەللىي بىرىپ ئەلىنىڭ  ياتىقىدىن ئۆز چىقىپ ياتىقىمغا چىقىپ كەتتىم.مانا ،تاڭ ئېتىپ يىڭى بىر كۈننى،يەنى غۇلجىغا كەلگەن تۆتىنچى كۈنىمىزنى قارشى ئالدۇق.كىتىۋاتىمىز، ھەسرەت سىڭگەن تىنىقلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قورۇغا قاراپ كىتىۋاتىمىز،ماشىنا ۋىدىئوسىدىن مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ<<ئاخىرقى ھىجران>>ناملىق ناخشىسى قۇيۇلماقتا.


توي ناخشىسى ئاڭلاندى يىراقتىن،
مەن سۆيگەن قىز ياسىنىپتۇ لىباستىن.
تەكلىپنامە بىرىپتۇ كىلىڭ دەپ،
كۆزۈمدە ياش يۈرەكلەردە قىيناقتىن.


تىللا ئۈزۈكنى تاقاپتۇ قولىغا،
مەن ئىنتىزار ئىدىم ئۇنىڭ يولىغا.
تاللىغىنىم بىراۋلارغا يار بولدى،
يالغۇز قالدىم مۇھەببەتنىڭ يۇلىدا.

يۈرەگىمدە ئۇنىڭ رەسىمى بار ئىدى،
تەشنا لەۋلەر بىر-بىرىگە زار ئىدى.
بەرگەن ۋەدىلەرى يالغان ئىكەن يار،
بۇ ئۆمرۈدە مىنى ئالدىغان دىلدار.

توي كىچىسى بىرگە ئىككى يۈرەكلەر،
ئىككىسىدە ھەر خىل ئارزۇ تىلەكلەر.
ھەر ئىنساننىڭ ئۆزى سۆيگەن يارى بولسۇن،
سۈيۈشكەنلەر بىر -بىرى بىلەن جەم بولسۇن.


      مىھمانخانىدىن مەرىكە ئۆتكۈزىلىدىغان  قورۇغىچە بولغان ئارلىقتا <<ئاخىرقى ھىجران>>ناخشىسىنى قانچە قېتىم ئاڭلىغىنىمىزنى بىلمەيمەن،بەلكىم يەتتە-سەككىز قېتىم ئاڭلىدۇققۇ دەيمەن.بۇ ئارىدا ئۆز-ئارا بىر ئېغىزمۇ گەپ سۆز قىلىشمىدۇق.پەقەت پات-پات ئەلىنىڭ كۆز ياش چاڭقىغان  كۆزلىرى ۋە سولغۇن چىرايىغا قاراپ ئۆز-ئۆزۈمچە خۇرسىنىپ كەتتىم ۋە دېرىزە سىر تىغا قاراپ ئۈنسىز ياش تۆكتۈم .مانا ،مەرىكە ئۆتكۈزىلىدىغان ھويلىغا ئازلا قالدۇق،<<ئاخىرقى ھىجران>>ناخشىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنىۇتلىرىدىكى مۇڭلۇق غىجەك ئاۋازىغا ئەگىشىپ ماشىنا ئاستا توختىدى.ماشىنىنىڭ قورۇ بىلەن بولغا ئارلىقى يۈز مىتىردەك كىلەتتى.-ئەلى راست كىرمەمسەن؟!-دىدىم ئەلىگە.چۈنكى،تۈنۈگۈن ئۇ مەرىكە ئۆتكۈزىلىدىغان قورۇغا كىرمەيدىغانلىقى،پەقەت سىرتتا ماشىنا ئىچىدە ئولتۇرۇپ،قىز  يۆتكىگەندە رەيھانغا ئەگىشىپ يىگىت تەرەپكە بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.قەدىرلىك ئۇقۇرمەنلەر،سىلەر بەلكىم مەندىن ئەلى قورۇغا كىرىپ  ماجرا چىقىرامدۇ؟دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن.جاۋابىنى مەن ھازىرلا دەپ بىرىمەن.بۇ جەھەتتە مەن ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي خاتىرجەم.چۈنكى،بىز خوتەندىن غۇلجىغا ئاتلىنىشتىن بۇرۇن لا،ئۇنىڭدىن ماجرا چىقارماسلىق،رەيھاننىڭ تويىنى كۆرۈپ بۇلۇپلا يېنىپ كىلىدىغانلىق توغرىسىدا ۋەدە ئالغان ئىدىم.-كىرمەيمەن-دىدى ئۇ.ئەمىسە قانداق قىلىسەن؟-سورىدىم مەن يەنە،-ماشىنا ئىچىدە ئولتۇرۇپ ھىجران ناخشىسى ئاڭلايسەن شۇنداقمۇ؟!ناخشا ئاڭلىساڭمۇ ئاڭلىغىن ،لىكىن بۇ ناخشىنى ئەمدى ئاڭلىما بۇلامدۇ؟!-ياق،ئاڭلايمەن.ئەسلىدە بۇ ناخشىنى كورلىدا ئاڭلايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم،لىكىن ھازىر غۇلجا كوچىللىرىدا ئاڭلاۋاتىمەن...-ئۇ ماڭا تىكىلىپ بىر نەچچە سىكۇنت تۇردى-دە،نەزىرىنى سىرتقا تاشلاپ،-ئۇ نىمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟!-دىدى ۋە بېشىنى  ماشىنا رولىغا قۇيۇپ بۇقۇلدىقىنىچە يىغلاپ كەتتى.مەنمۇ كۆز يېشىمنى توختىتىۋالالماي،ئۇنىڭ مۈرىسىگە قۇلۇمنى قۇيۇپ،ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرىشكە باشلىدىم.-ئەلى بولدى،يىغلىما،دۇنيادا ھېچكىممۇ مۇكەممەل بەخىتكە ئىرىشەلمەيدىكەن ......ئۆزۈڭنى تۇتىۋال بۇلامدۇ؟!-لىكىن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام،ئۇنى ئۇنتالمايدىغان تۇرسام ،-ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى.-ئەمىسە قانداق قىلىسەن-دىدىم ئامالسىزلىقتىن.ئۇ ماشىنا رولىدىن بېشىنى كۆتەردى ۋە قولى بىلەن كۆز يېشىنى ئېرتىپ تۇرۇپ:-ئۇنى بۇلاپ قاچسام قانداق دەيسەن؟!-دىدى.-ساراڭ بولدۇڭمۇ،-ئۇنىڭ سۆزىدىن چۆچۈپ كەتتىم،-سەن ماڭا خۇتەندە نىمە دەپ ۋەدە قىلغان،يەنە كىلىپ ئۇنى قانداق بۇلاپ قاچىسەن.-ئادەم ياللاپ باستۇرۇپ كىرىمەن.-ئادەم ياللاپ،سەن ئەقلىڭدىن ئېزىپسەن،بۇ دىگەن خۇتەن ئەمەس غۇلجا،تۇنۇشلۇرۇڭ يوق بىلەمسەن.-پۇللا بۇلىدىكەن،ئۇنداق تۇنۇشلار ھەر قانداڭق يەردە بار.ئۇنىڭ بۇسۆزىدىن  بىرەر ماجرا تۇغدۇرۇشىدىن ئەنسىرەپ بىر تەرەپتىن ئۇنى ئېلىپ كەلگىنىمگە پۇشايمان قىلغان بولسام،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقىنىمدىن ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتىم.بىردەمدىن كىيىن يىغامنى توختىتىپ ،ئۇنىڭغا قارىدىم-دە،تەمكىنلىك ۋە كەسكىنلىك بىلەن:-پۇل بىلەن ھەممە نەرسىگە ئىرىشەلەمسەن ئەلى،-دىدىم.ـــ ياق ئۇنىڭغا ئىرىشەلمەيمەن،ئەگەر ئۇ مىنى ياخشى كۆرگەن بولسىچۇ كاشكى،ھېلىغۇ توي مەرىكىسىكەن،تېرورچىلارنىڭ ئۇۋىسى بولغان تەغدىردىمۇ ھېچ ئىككىلەنمەيلا بېسىپ كىرگەن بۇلاتتىم.-سەن ساراڭلىق قىلما بۇلامدۇ؟-ئۇنىڭ ئىش چىقىرىپ قۇيىشىدىن ئەنسىرەپ دىدىم،-مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارغا  ئۆزۈڭنى ئۇرساڭمۇ پايدىسىز،ئەلى.ئۇ ماڭا تىكىلدى ۋە كۆزۈمدىكى ئەندىشە ئالامەتلىرىنى كۆرۈپ ،مىنى خاتىرجەم قىلماق ئۈچۈن:-خاتىرجەم بول،ئۇنداق قىلمايمەن،مىنىڭ ۋەدەم ۋەدە.بولدى،ماڭغىن ،ئۇ سىنى ساقلاۋاتىدۇ.ئۇنىڭغا يەنە بىردە تەسەللىي بەرگەنمۇ بۇلاتتىم ،لىكىن بۈگۈن ھەر قانداق تەسەللىي ئۇنىڭ يارىسىغا مەلھەم بۇلالمايتتى.شۇڭىلاشقا مەن ئۇنىڭغا تاماق ۋاقتىدا ۋاقتىدا تاماق يەپ،كۆڭلىنى بىئارام قىلماسلىقىنى تاپىلاپ قۇيۇپ ماشىنىدىن چۈشتۈم.ماشىنىدىن چۈشۈپ تېخى 5قەدەم ماڭماستا يەنە شۇ ناخشىنىڭ يۈرەكلەرنى قىينايدىغان مۇڭلۇق كۈيىنى ئاڭلىدىم-دە،ئىچىمدە<<ئاھ،خۇدا>>دەپ پىچىرلىغىنىمچە مەركە ئۆتكۈزىلىدىغان قۇرۇغا قاراپ ماڭدىم.قەدىرلىك ئۇقۇرمەن.رەيھاننىڭ قۇرۇسىغا قارا كىتىۋاتىمەن،لىكىن مەن ئويلىنىپ قالدىم،ھىكايىنىڭ داۋامىنى رەيھاننىڭ قۇرۇسىغا قانداق كىرگەنلىكىمنى،كىملەر بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقانلىقىمنى،رەيھانغا نىمىلەرنى دىگەنلىكىمنى،قايسى قىز-يىگىتلەرنىڭ توينى قىززىتقانلىقىنى يازايمۇ ياكى ئەلى بىلەن رەيھاننىڭ ئۆتمۈشىنىمۇ؟سىلەرنىڭ پىكىرىڭلارنى بەكمۇ ئاڭلىغۇم بار ئىدى،لىكىن بۇ ئەسەر روياپقا چىقىشتىن بۇرۇن سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەيمەن.ئەمما ئىشىنىمەنكى سىلەر چۇقۇم ئەلى بىلەن رەيھاننىڭ قىسمىتىنى ياز،دەپ پىكىر بىرىسىلەر.چۈنكى،ئالدىنقى قۇرلاردىن سىلەر ئەلىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن ھەسرەت چىكىدىغانلىقىنى بىلىپ بولدۇڭلار.شۇڭا چۇقۇم ئۇنىڭ قىسمىتىگە قىززىقىسىلەر،ئۇنداقتا مەن بىلەن مېڭىڭلار...مۇھەببەت ئۇيۇنىبەش يىل ئىلگىرى.مەن،رەيھان ۋە ئەلىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ دوست  تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ،ئۈچ يىللىق ئەجىر مىھنىتىمىزنى ئۆلچەيدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىسىنى بېرىپ بولغاندىن كىيىن،شۇ يىلى ئىيۇن ئېيىنىڭ 15-كۈنى بىر-بىرىمىزگە قىيمىغان ھالدا ئايرىلغان ئىدۇق.گەرچە مەن قىز بالا ،ئەلى ئۇغۇل بالا بولسىمۇ ،مەكتەپتە ناھايىتى يېقىن ئۆتەتتۇق .لىكىن نىمىشقىدۇر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كىيىن،تەتىلدە نىمە ئۈچۈندۇر ئۆزۈممۈ بىلمەيمەن،ئۇنىڭ بىلەن كۆپ ئالاقىلىشالمىدىم.بەلكىم ئۇغۇل-قىزلار ئوتتۇرىسىدىكى تارتىنىش سەۋەپ بولغان  بولسا كىرەك.شۈڭا ئىككى ئايلىق تەتىلدە دوستانە سېغىنىشنى ھەمراھ قىلالىغان بولساممۇ،ئالاقىلىشىشنى ھەمراھ قىلالمىدىم.لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالمىدى .ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن،تۇلىمۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلدىم.ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپتە شىنجاڭلىق بالىلار ئاز بۇلۇپ،ئۆز قېرىندىشىنى كۆرمەك خېلى تەس ئىدى،ھەم يىڭى كەلگەچكە مەكتەپتىكى ئازغىنە يۇرتداش بالىلار بىلەنمۇ تېخى يېقىنلىشىپ كەتمىگەن ئىدىم.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە،تۇيۇقسىز ئەلىدىن تېلفۇن كىلىپ مىنى تۇلىمۇ خۇش قىلىۋەتتى.ئۇنىڭ<<ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم>>دىگەن سۆزىدىنلا ئۇنى تۇنۇۋالدىم.-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ياخشى تۇردۇڭمۇ؟--ـــ خۇشاللىقىمدىن ئۇنىڭغا گەپ ياغدۇرىۋەتتىم،ـــ كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،تېلفۇن نۇمۇرۇمنى نەدىن بىلدىڭ،مەكتىپىڭلار قانداقراقكەن،كۆنۈپ كىتەلىدىڭمۇ.......ـــ توختا-توختا،ـــ گىپىم تۈگىمەستە ئەلى مىنى توختىتىۋالدى،ــــ نىمانداق گەپدان بۇلۇپ كەتتىڭ،سۇرىغان سۇئاللىرىڭنىڭ قايسىسىغا بۇرۇن جاۋاپ بىرىمەن.ئەلىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتىم ۋە ئۇنىڭغا:ـــ بەك ھاياجانلىنىپ كىتىپمەن .ھە،ئەمىسە بىردىن-بىردىن جاۋاب بەرگىلى تۇر،ــــ دىدىم.ــــ ئەمىسە ،جاۋاب بىرىشنى باشلىدىم-ھە،ــ ئەلى شۇنداق دىدى-دە،مەندىنمۇ جېق سۆزلەپ كەتتى،ـــ مەن ياخشى تۇردۇم،تېلفۇن نۇمۇرۇڭنى ئارزۇگۈلدىن سورىۋالغان،شۇنىڭ بىلەن تېلفۇن قىلىشىم،سەنغۇ مەن تېلفۇن قىلمىسام تېلفۇن قىلمايسەن.تەتىلدە تېلفۇن ئېلىپمۇ قويمىدىڭ ماڭا،مەن ئالاي دىسەم ئاتا-ئاناڭ ياكى ئاكاڭ ئېلىپ قېلىپ خاتا چۈشۈنۈپ قېلىشىدىن ئەنسىردىم.ـــ ۋېي،دىگىننى، تېلفۇ...ـــ توختا-توخـتا،،مەن بايا سۇرىغان سۇئاللىرىڭغا جاۋاپ بىرىپ بۇلاي،ئاندىن كىيىن سەن سۆزلە،جاۋاپ بىرىپ قايسى سۇئالغا كەلگەنتىم،ھە،مەكتىپىم ياخشى،خېلى كۆنۈپ قالدىم،لىكىن شۇ ئازراق يالغۇزلۇق ھىس قىلىۋاتىمەن.ـــ مەنمۇ شۇ،ــ شۇنداق قىلىپ ئەلى بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.مە ئۇنىڭغا تەتىلدە تېلفۇن ئىشلەتمىگەنلىكىمنى ،شۇڭا تورغىمۇ كۆپ چىقمىغانلىقىمدىن ئالاقىلىشالمىغىنىمىزنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا چۈشەندۈرگەندىن كىيىن،ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىز توغرۇلۇق پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.پارىڭىمىز تۈگەي دىگەندە،ئۇ تۇيۇقسىز رەيھاننى سۇراپ قالدى.ـــ رەيھان بىلەن كۆرۈشتۈڭمۇ؟!ـــ ھە،نەچچە كۈن ئالدىدا كۆرۈشكەن.ـــ ياخشى تۇرۋېتىپتىمۇ؟---ياخشى تۇرۇپتۇ.ـــ ماڭا تېلفۇن نۇمۇرىنى دەپ بەر،كۆرۈشۈپ قوياي.مەن رەيھاننىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى دەپ بەرگەندىن كىيىن،ئۆز-ئارا تىنىچ-ئامانلىق تىلەپ خوشلاشتۇق.شۇ قېتىمقى پاراڭ ئۆتۈپ ئۇنىڭدىن يەنە تېلفۇن كەلدى.بۇ دۆلەت بايرىمىغا ئاز قالغان كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى.ــ ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ـــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ياخشى تۇردۇم ،ئۆزۈڭچۇ؟ــــ مەنمۇ ياخشى.بىز يەنە قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.پارىڭىمىز ئىككى ئايغا يېقىن بولغان ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىز توغرۇلۇق باشلىنىپ،دۆلەت بايرىمىدىكى پىلانىمىزغا يىتىپ كەلدى.--بايرامدا قانداق قىلماقچى بۇلىۋاتىسەن؟-سورىدى ئۇمەندىن.--ھە،مەن رەيھاننىڭ قېشىغا بېرىپ ئويناپ كىلىدىغان بولدۇم،سەنمۇ كىلەمسەن؟--بەك بارغۇم بار ئىدى،لىكىن ئارلىقىمىز بەك يىراق،كىلەر يىلى پۇرسەت چىقىپ قالار.--ھەي،بىرىمىز خۇرازنىڭ بېشىدا،بىرىمىز قورسىقىدا.ئارلىقىمىز يېقىنراق بولغان بولسا،بايراملاردا كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق.يا سەنمۇ رەيھاندەك مەن ئۇقۇغان مەكتەپكە يېقىن بىرەر شەھەرگە ئۆتمەپسەن.--ھەي،ئامال يوق،مەيلى قەيەردە بۇلايلى كىيىن يەنە يۇرتقا قايتىمىز ئەمەسمۇ،ئۇ چاغدا كۆرۈشىدىغان پۇرسەت كۆپ.شۇ قېتىم ئەلى بىلەن بولغان پارىڭىمىز بايرام پىلانىمىز بىلەن ئاياغلاشتى.لىكىن مەن شۇ قېتىمقى پاراڭدىن كىيىن،ئەلىنىڭ مىنى بىر مەزگىل گادىرماچ خىىياللار قوينىغا سۆرەپ ئەكىرىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدىم.ئۇ28-سىنتەبىر ئىدى،چۈشلۈك تامىقىنى يەپ بۇلۇپ ياتاققا قايتىپ كەلگەن مەن كارۋىتىمغا چىقىپ بۇلۇپ،كوت-كوتتا ئەلى ئەۋەتكەن ئۈچ پارچە سۈرەتنى تاپشۇرىۋالدىم.بۇ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئەلى بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتىمىز ئىدى.بۇ سۈرەت مەندىمۇ بار بۇلۇپ،ئوخشىمايدىغان يىرى ئەلى ئەۋەتكەن سۈرەتنىڭ ئۈستىدە خەت يېزىقلىق تۇراتتى.سۈرەت كوت-كوتتا كىچىك چىققاچقا،مەن چوڭايتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ سۈرەتتىكى خەتلارنى كۆرمەكچى بولدۇم.مانا،سۈرەتنى چوڭايتىپ كۆردۈم،كۆردۈم-يۇ،چۆچۈپ كەتتىم.سۈرەتتە<<520>>،<<غۇنچە بۇلۇپ ئېچىلارسەنمۇ>>،<<قەيەردە سەن>>دىگەن سۆز ۋە رەقەملەر يېزىقلىق تۇراتتى.بۇلۇپمۇ<<520>>دىگەن رەقەم مىنى چۆچىتىۋەتتى،چۈنكى ئۇ<<مەن سىزنى سۆيىمەن>>دىگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى.گەرچە ئەلى ئىككىنچى كۈنى تېلفۇن قىلىپ بۇ توغرۇلۇق سۆز ئاچمىغان بولسىمۇ،لىكىن مەن ئەلى مىنى ياخشى كۆرىدىكەن ،دەپ چۈشەندىم،ھەمدە شۇ چۈشەنچە بىلەن 1-ئۆكتەبىر رەيھاننىڭ مەكتىپىگە قاراپ ماڭدىم.رەيھان بىلەن كۆرۈشۈپ ،بۇ توغرۇلۇق ئىككى ئۈچ كۈنگىچە ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچمىدىم.4-ئۆكتەبىر كۈنى رەيھان ئۆزى سۆز ئېچىپ قالدى.چۈنكى،ئەلى ماڭا يوللاپ بەرگەن سۈرەتلەرنى رەيھانغىمۇ يوللاپ بەرگەن ئىكەن.رەيھان  مەندىن قانداق قىلماقچى بولغانلىقىمنى سورىدى.مەن بىلمەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.ئۇمۇ مەندىن كۆپ سورىمىدى.چۈنكى ئۇ چاغلاردا رەيھانمۇ، مەنمۇ ئۆز ئىشلىرىمىز ئۈستىدە ئازابلىنىپ يۈرەتتۇق.چۈنكى ھەر ئىككىلىمىز باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدۇق.شۇڭا ئۆزىمىزنىمۇ ئەلىنىمۇ چۈشىنەتتۇق.
       رەيھاننىڭ مەكتىپىدە ئالتە كۈندەك تۇرغاندىن كىيىن،يەتتىنچى كۈنى ئۆز مەكتىپىمگە قايتىپ كەلدىم.مەكتەپكە قايتىپ كىلىپ گەرچە ئۇقۇش ھاياتىم يەنە ئۆز ئىزىغا چۈشكەن بولسىمۇ،لىكىن بۇرۇنقىغا ئوخشىمىغان بىر رىتىمدا كىتىپ باراتتى.چۈنكى ئەلىدىن دائىم تېلفۇن كىلىپ تۇراتتى .ھەر قېتىم ماڭا تېلفۇن قىلغاندا ،ئۇ ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشى توغرۇلۇق سۆز ئاچاتتى،لىكىن مەنمۇ باشقا ئىش ئۈستىدە پاراڭلىشىشىتا چىڭ تۇرۇۋالاتتىم.ئۇمۇ خۇددى گەپ ئاڭلايدىغان ئۇماق بالىدەك  ماڭا مۇھەببەت توغرۇلۇق سۆز ئاچمايتتى،<<ئەمىسە كىيىن دىيىشىۋالارمىز-ھە!>>دەيتتى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.شۇنداق قىلىپ مۇھەببەت تىمىسىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن باشقا ئىشلار ئۈستىدە پاراڭلىشاتتۇق.پارىڭىمىز تۇلىراقى بۇرۇن بىللە ئۇقۇغان ۋە دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان دوستلىرىمىز ئۈستىدە بۇلاتتى.كىم بىلەن كۆرۈشكىنىمىزنى ،نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلىپ تۇراتتۇق.ئەلۋەتتە ،ئەلىنىڭ كۆپ سۇرايدىغىنى رەيھان ئىدى.ئۇ سۇراۋەرگەچكىمىكىن ،مەنمۇ بىلىپ بىلمەي رەيھاننىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بىرەتتىم.رەيھاننىڭ مەكتەپتە يۇقىرى يىللىقتىكى ئەختەم ئىسىملىك بىر كورلىلىق يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ،لىكىن ئەختەمنىڭ قىز دوستى بارلىقىنى ،شۇڭا ھازىر رەيھاننىڭ ئەختەم بىلەن دوست بۇلۇپ ئۆتىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم.
ئەسلىدە بۇلارنى سۆزلەپ خاتا قىلغاندىمەن .لىكىن ئەلى بىلەن مۇھەببەت تىمىسىدا سۆزلىشىشتىن قېچىپ،باشقا پاراڭغا چۈشكىنىمدە بىلىپ-بىلمەي نۇرغۇن ئىشلارنى سۆزلەپ بىرەتتىم.ھەي،شۇكۈنلەردە مىنىڭمۇ كۆڭلۈم پەرىشان ئىدى،مەكتەپتە مەنمۇ بىر يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇرېھىم ئىدى.مەن قىز بولغاچقا ئۇنىڭغا بۇ سىرنى ئاشكارلىيالمايتتىم،ئەڭ يامان يىرى رەيھان يۇلۇققان قىسمەتكە مەنمۇ دۇچار بولغان ئىدىم،ئابدۇرېھىمنىڭمۇ قىز دوستى بار ئىدى.مەن مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن ئازابلىنىپ يۈرگەندە،ئەلى ئەۋەتكەن سۈرەتنى كۆرۈپ تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم.<<ئەلى مەن ئۈچۈن ئازابلىنىۋېتىپتۇ!>>دەيتتىم ئىچىمدە.
مەن ئەلىنى ياخشى كۆرەتتىم،لىكىن بۇ ياخشى كۆرۈش مۇھەببەت نۇقتىسىدىن ئەمەس بەلكى دوستلۇق نۇقتىسىدىن ئىدى.ئۇنى ئازابلاش مەن ئۈچۈن يىڭى بىر ئازاب ئىدى.شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن ئازاپلىنىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرەتتىم -يۇ،قانداق قىلىشىمنى بىلمەيتتىم ۋە تېلفۇندا بۇ توغرۇلۇق پاراڭلىشىشنى خالىمايتتىم.لىكىن كىم بىلسۇن،بارلىق ئەنسىرەشلىرىم ھەممىسى ئارتۇقچە ئىكەن ئەمەسمۇ.ئەسلىدە...ھەي....قەدىرلىك ئۇقۇرمەن مەن نىمە ئىش  ئىكەنلىكىنى ئۆز ئاغىزىم بىلەن سۆزلەپ ئولتۇرماي،ئەڭ ياخشىسى ئەلىنىڭ ئۆز ئاغىزىدىن ئاڭلاڭلار.نەزىرىڭلارنى ئەلىنىڭ تۆۋەندىكى خېـتىگـە ئاغدۇرغايسىلەر.
       ئەلىنىڭ خېتى
        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،رەيھان:
       ياخشى تۇرىۋاتامسەن؟كۈنلىرىڭ ياخشى ئۆتىۋاتامدۇ؟تىنىڭ سالامەت ،قەلبىڭ ئەلەمسىزمۇ؟يىراقتا بولغانلىقىم ئۈچۈن ئەھۋالىڭدىن كۆپ خەۋەردار بۇلالمىدىم ،لىكىن ھەر ۋاقىت سىنىڭ خەۋىرىڭنى ئىزدەپ تۇردۇم.نىمە ئۈچۈن؟چۈنكى سىنى ياخشى كۆرىمەن،رەيھان.ئەلۋەتتە ،بۇ سۆزۈمنى ئۇقۇغىنىڭدا چاقماق تىزلىكىدە ئاينۇر بىلەن مەن كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇلىشىم ۋە قەلبىڭدە نەپرەتلىنىش ،ئۆچ بۇلۇش،غەزەپلىنىش ھىسياتىنى ئويغۇتۇشۇم مۇمكىن.لىكىن چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن،مىنى كەچۈرۋېتىسەن،شۇنداقمۇ؟گۈلۈم مىنى كەچۈرەلەمسەن،شامال ئەمەس چىقارسام قۇيۇن.بىلمەك بۇلۇپ قەلب سىرىڭنى،ئۆزگە بىلەن ئوينىسام ئۇيۇن.بىلەمسەن،مەن ھەر دائىم سىنى سېغىنىمەن.ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن تارتىپ تاھازىرغىچە سەن بىلەن تېلفۇنلىشىپ تۇردۇم،ئاينۇر بىلەنمۇ ھەم.مەن سىنى ئاللىبۇرۇن ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ساڭا تېلفۇن قىلىشىم تەبئىي،لىكىن ھەپتىدە ئىككى ياكى بىر قېتىم تېلفۇنلىشىشقا مەن قانائەت قىلالمىدىم،ھەم سەن ماڭا بىر نەچچە قېتىم كىلىشكەن ئۇغۇللار توغرۇلۇق سۆزلىگىنىڭدە ،كاللامدىن ھەر خىل ئوي-خىياللار كەچتى.بەلكىم مىنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياكى راستىنلا ئاشۇنداق كىلىشكەن يىگىتكە يۇلۇققان بولسا مىنى ئاگاھلاندۇرش ئۈچۈن شۇنداق دىگەن  بولسا كىرەك،دىگەنلەرنى ئويلىدىم،ھەم ئۇنى بىلىشكە قىززىقتىم،بىئارامسىزلاندىم.سەندىن شۇنچە سۇرىساممۇ ،ئۇ كىم؟ماڭا دەپ بەرمەيتتىڭ .كىيىن ئاينۇرنىڭ سىنىڭ قېشىڭغا بارىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن،ئويلا-ئويلا بىر ئۇيۇن ئويناشنى لايىق تاپتىم.ئۇ بولسىمۇ ئاينۇرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بۇلىۋېلىش.شۇنداق قىلسام سىنىڭ خەۋىرىڭنى ھەم سەندىن ھەم ئاينۇردىن بىلەلەيتتىم.ئۇقۇغان كىتابلىرىم ۋە تۇرمۇشتا كۆرگەنلىرىمگە ئاساسەن مۇشۇنداق ئۇيۇن ئوينىسام، سىلەرنى قايسى يول قايسى كۆۋرۈكتە ماڭغىنىڭلارنى يىراقتا تۇرۇپ پەرەز قىلالايتتىم.ئويلىغىنىمدەك مەن ئاينۇرنى<<ياخشى كۆرۈپ قېلىش>>تىن بۇرۇن سەن ئۆزۈڭ توغرۇلۇق ھېچنىمە دەپ بەرمەيتتىڭ ،ئاينۇرنى <<ياخشى كۆرۈپ >>قالغاندىن كىيىن خېلى جېق ئىشلارنى سۆزلەپ بىرىدىغان بولدۇڭ.مەسىلەن،يۇقىرى يىللىقتىكى ئىككى ئاشىق -مەشۇق ئاكا-ھەدەڭ توغرۇلۇق.ئۇيۇن باشلىنىپ ھەر قېتىم ئاينۇر بىلەن سۆزلەشكەندە،مەن ئالدى بىلەن ئۇ توغرۇلۇق سۆز ئاچىمەن،ئۇ بولسا مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ باشقا تىمىدا سۆزلىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ.مەنمۇ ياق دىمەي سىنى سۇرايمەن .ئۇ ئۆزى توغرۇلۇق سۆزلىمگىنىمگە خۇش بۇلۇپ سىنڭ خەۋېرىڭنى بىرىدۇ.شۇنداق قىلىپ مەن سەن توغرۇلۇق بىلمىگەنلىرىمنى بىلىپ تۇرىمەن.ئەمدى بۇ ياخشى كۆرۈشنىڭ قانداق ياخشى كۆرۈش ئىكەنلىكىنى بىلگەنسەن.ئاينۇر بۇ ئىشتىن تېخى بەش كۈن ئالدىدا خەۋەر تاپتى،ئۇنىڭغا ھەممە ئىشنى ئېيتتىم ھەم كەچۈرۈم سورىدىم.
       بىلەمسەن،سەن مەن ئۈچۈن بىر سۆيۈملۈك زەھەر.سىنى قاچاندىن باشلاپ ياخشى كۆرۈپ قالدىم،راستىمنى ئېيتسام ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.ھېلىقى كۈنى ئىسىڭدە بارمۇ؟مەن ماھىنۇرنىڭ خاپىلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن(ئۆز ۋاقتىدا ماھىنۇر ئەلىنى رەت قىلىپ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ،كىيىن ئەلى بىلەن رەيھان ياخشى ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە،ئۆزىنىڭ باشقىچە بىر ھىسياتتا بولغانلىقىنى ماڭا ئېيتقان.مەن ئەلىنى ئىزدەپ رەيھان بىلەن سەل ئارلىق ساقلاشنى ئېيتقان)سەن بىلەن مەكتەپ باغچىسىدىكى كۆۋرۈك بېشىدا پاراڭلاشقان ئىدىم.گەرچە نۇرغۇن چۈشىنىكسىز گەپلەرنى قىلغان بولساممۇ،لىكن ساڭا سىنى ھازىرچە ياخشى كۆرۈپ قالمىغانلىقىمنى،ھەم ياخشى كۆرۈپ قالغان تەغدىردىمۇ پەقەت دوست بۇلۇپ ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدىم.لىكىن تىلىم ساڭا يالغان سۆزلەپتۇ.مەن ساڭا بۇرۇن مۇنداق دەپ ئېيتقان ئىدىم،ئادەمنىڭ تىلى بىلەن دىلى بەزىدە ئوخشىماي قالىدىكەن.بەزى ئادەملەرنى ياخشى كۆرىمەن دەيدىكەنمىز ،لىكىن رىئاللىق ۋە قەلبىمىز ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قويىدىكەن .بەزى ئادەملەرنى ياخشى كۆرمەيمەن دەيدىكەنمىز،لىكىن كىيىن تۇيۇقسىز ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمىزنى بايقايدىكەنمىز.مەنمۇ شۇنداق بولدۇم.ھېلىقى كۈنى كۆۋرۈك بېشىدىكى سۆھبەت ئاخىرلىشىپ ،ئىككى كۈندەك يىراقلىشىپ يۈردۇق.مەن دەل مۇشۇ ئىككى كۈندە سىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى سەزگەن ئىدىم.ئايرىلغامدا قەدرى ئۆتۈلەر دەپ،سىنىڭ بىلەن ئىككى كۈن يىراقلاشمايلا يەنە سىنى ئۆزۈم ئىزدەپ باردىم.توغرا ،ئاشۇ ھىجرانلىق ئىككى كۈندىن كىيىن ،ساڭا بولغان دوستلۇق نەزىرىمنىڭ ئورنىنى مۇھەببەت نەزىرى تارتىۋالدى.گەرچە سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولساممۇ،لىكىن ئىچىمدە<<ياق،بۇ ماھىنۇر بىرەلمىگەن دوستلۇق مىھرىدىن كىلىپ چىققان ئۆتكۈنچى ھىسيات.رەيھاندىن تەسىرلىنىپ قالغاچقا ،مۇشۇنداق تۇيغۇدا بۇلۇپ قالغان بۇلىشىم مۇمكىن>.دەپ ئۆزۈمنى بەزلەيتتىم،ھەم بۇ ھىسياتنى ساڭا ئاشكارلىماسلىققا تىرىشاتتىم ،كىيىنكى ئىككى ئايلىق ھاياتىمدا سەن بىلەن يېقىن دوستلاردىن بۇلۇپ ئۆتۈشنى ئىستەيتتىم،لىكن مەن قەلبىمنىڭ ئاللىبۇرۇن سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلگەچكە ،قانچە يۇشۇرساممۇ بۇ ھىسياتنى يۇشۇرۇپ قالالمىدىممۇ،ئەيتاۋۇر،كۆپ ئۆتمەي بىر قېتىملىق كەچلىك مۇزاكىردىكى ئىستىراھەت ۋاقتىدا ،ھېلىقى كۈنى مەن ساڭا ئېيتقان سۆزلەرنى سەن ماڭا قايتۇرۇپ بەردىڭ ،ماڭا پەقەت دوست بۇلۇپلا ئۆتىمىز دىدىڭ،ئەڭ يامىنى شۇ كۈندىن باشلاپ مەندىن ئاستا-ئاستا يىراقلاپ كەتكەندەك بىلىندىڭ.بۇ مەن ئۈچۈن بىر ئازاپ بولدى.بىلەمسەن،سىنىڭ بۇنداق قىلغىنىنڭ خۇددى بىر زەھەر ساتقۇچىنىڭ بىراۋنى زەھەرگە خۇمار قىلىپ قۇيۇپ ئۆزىنى قاچۇرغانغا ئوخشاش ئىش بۇلۇپ قالدى.ئەگەر بىراۋ زەھەر چىكىپ خۇمار بۇلۇپ قالسا،ئۇ چۇقۇم  زەھەر ساتقۇچىدىن يەنە زەھەر ئىزدەيدۇ.مەن دەل ئاشۇنداق زەھەر چەككۈچىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدىم.شۇڭا سىنىڭ مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇرغىنىڭ مەن ئۈچۈن ياخشى بولماي،بەلكى  ئازاب بولدى.بەلكىم ماھىنۇرنىڭ كۆزىگە سەت كۈرۈنمەسلىك ئۈچۈن ئۆزۈڭنى قاچۇرغانسەن ياكى مىنىڭ ياخشى كۆرۈپ قېلىششمدىن ئەنسىرەپ شۇڭا ئۆزۈڭنى قاچۇرغانسەن ۋەياكى ماڭا شۇنداق بىلىنگەندۇ،لىكىن مەن سىنى ئاللىبۇرۇن ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەنمەن،رەيھان.توغرا،شۇ كۈندىن باشلاپ سەن مەن ئۈچۈن بىر سۈيۈملۈك زەھەرگە ئايلاندىڭ،ھەر دائىم سىنى ئىزدەيدىغان،كۆرمىسەم سېغىنىدىغان بولدۇم.قەلبىمدىكى ماھىنۇرنىڭ ئورنىنى سەن ئىگىلىدىڭ.ئىچىمدە<<گەرچە مەكتەپ ھاياتىمىزنىڭ كىينكى كۈنلىرىدە مۇھەببەت نەزىرىدە قارايدىغان بۇلۇپ قالغان بولساممۇ،لىكىن كىيىن يەنە دوستلۇق نەزىرىم بىلەن قارايدىغان بۇلۇپ قالىمەن >>،دەپ ئۆزۈمنى ئالداپ يۈردۈم .ئەپسۇس،قەلبىم بۇنىڭغا ئىزچىل ئالدانماي كەلدى.ئاشۇ كۈندىن باشلاپ باشلانغان ھىسياتىم ھازىزغىچە پەسەيگىنى يوق،ئەكىسچە كۈندىن كۈنگە ئۇلغايماقتا،رەيھان.ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،مەن تەتىلدە تېلفۇن ئېكرانىمدىكى سۈرىتىڭگە قانچە قېتىم قارىغانلىقىمنى،سەن بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىستەپ تېلفۇن قىلىپ ،تېلفۇننى سىڭلىڭ ئالغاندا قانچىلىك ھۇدۇققىنىمنى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايمەن.(ئۇ كۈنى تېلفۇن قىلىپ سىڭلىڭنىڭ <<ۋەي،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم>>دىگەن سۆزىگە ھېچنىمە دىمەي قۇيىۋەتتىم)سىنىڭ ساۋاقداشلار خاتىرەمگە يېزىپ بەرگىنىڭ  ،ئالبۇمدىكى سۈرەتلىرىڭ ،مەن بىلەن قالدۇرغان گۈزەل ئەسلىمىللىرىڭ،سەن بىلەن تېلفۇنلاشقاندا ماڭا قىلغان سۆزلىرىڭ مەن ئۈچۈن بىر مەنىۋىي ئۇزۇق.ئويلاپ باقسام مۇشۇلارغا ئىرىشكىنىمدە بەكمۇ خۇش بۇلۇپ كىتىدىكەنمەن.ئاڭلىسام زەھەر چەككۈچىلەر زەھەر خۇمارى تۇتۇپ قېلىپ،زەھەر چىكىۋالسا ئۆزىنى گويا جەننەتتە يۈرگەندەك ھېس قىلىمىش،مەنمۇ خاتىرە ۋە ئالبۇمغا قارىسام،ئەسلىمىلەرنى ئەسلىسەم،ساڭا تېلفۇن قىلىپ ئاۋازىڭنى ئاڭلىسام،ھەر قانچە ھېرىپ چارچاپ كەتكەن بولساممۇ ۋە كۆڭلۈم شۇنچەيېرىم بولغان بولسىمۇ،ئۆزۈمنى شۇنداق خۇشال ۋە يىنىڭ ھىس قىلىدىكەنمەن.ساڭا كۈندە تېلفۇن قىلغۇم كىلىدۇ،لىكن مەن ئەنسىرەيمەن، نىمىدىن، تېلفۇن قىلىۋېرىپ سىنى بىزار قىلىپ قۇيۇشۇمدىن،قەلبىڭدە كوت-كوت ئوبرازى يارىتىپ قۇيۇشىمدىن ئەنسىرەيمەن.شۇڭا ئەھۋالىڭنى بەزىدە ئاينۇردىن ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىمەن. گاھىدا سىنى ئۇنتۇپ كىتەي دەپ  ئۆزۈمچە جاھىللىق قىلىپ ،ساڭا شۇنچە تېلفۇن قىلغۇم ،ئاۋازىڭنى شۇنچە ئاڭلىغۇم بولسىمۇ،ساڭا تېلفۇن ئالماسلىققا تىرىشىمەن،لىكىن سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن گۈزەل كۈنلەرنى ئەسلىسەملا ،سىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ماڭا بولغان پەرۋاسىزلىقىڭدىن كىلىپ چىققان ئاغرىنىشىمنى ئۇنتۇيمەن-دە،يەنە بۇرۇنقى ھالىتىمگە قايتىپ يەنە ساڭا تېلفۇن ئۇرىمەن،مەندە بۇنداق ئەھۋال كۆپ يۈز بەردى.ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن،گاھىدا سەندىن ئاغرىنىپ قۇيىمەن،لىكىن كىيىن يەنە بىر كۈلكەڭ بىر سۆزۈڭ بىلەن بۇرۇنقىدەك بۇلۇپ قالىمەن.مۇشۇلارنى ئويلىسام ئىچىمدە<<ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە،تۇيۇقسىز رەيھاننى ئۇچرىتىپ قالسام ئۇنىڭغا يەنە ئاشىق بۇلۇپ قېلىپ،يېنىمدىكى ئايالىمغا خىيانەت قىلارمەنمۇ؟دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن .قىسقىسى ،مەن ھازىر ساڭا شۇنداق ئاشىق بۇلۇپ قالدىمكى ،ھېچكىم مەندەك بۇلۇپ قالمىسۇن.
       بولدى،رەيھان،ئۆزۈمنىڭ ھىسياتىنى يېزىش بىلەن بۇلۇپ كىتىپ،سىنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپتىمەن.سىنىڭ ھازىر ماڭا قانداق قارايدىغانلىقىڭ نامەلۇم.بەلكىم تىلىڭ ياخشى كۆرمەيمەن،پەقەت دوست دەپلا بىلىمەن دىيىشى مۇمكىن،لىكىن قەلبىڭ نىمە دەيدۇ ،بۇنى ۋاقتىنچە بىلمەسلىكىڭ مۇمكىن.بۇ خەتنى يېزىشتىكى  ئەڭ چوڭ مەقسىدىم  سەندىن سۆيگۈ سۇراش ئەمەس ،بەلكى سىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش .(ئەلۋەتتە سىنىڭ سۆيگۈڭگە تەشنامەن)كۆپ ساندىكى ئۇغۇللار <<سىزنى ياخشى كۆرىمەن>>دىگەن بۇ سۆزنى پەقەت مۇھەببەتلىشىش ئۈچۈنلا دەيدۇ.مەن بولسام سىنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن.پەقەت سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ،سىنىڭ ماڭا<< ياق>>جاۋابىنى بىرىدىغانلىقىڭنى بىلىپ تۇرۇپ،يەنىلا ساڭا <<سىنى ياخشى كۆرىمەن>>دەيمەن.چۈنكى،سىنى راستىنلا چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن،ھەم شۇنىڭغا ئىشىنىمەن.
      بىلىمەن،مەن بۇخەتنى ئاتلاشقا تىگىشلىك بولمىغان ئەخلاق سىزىقىدىن ئاتلاپ تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن.بۇرۇن سەن ماڭا بۇ توغرۇلۇق ئېيتقان ئىدىڭ.مەن يېقىن دوستۇڭ بولغان ماھىنۇرنى ياخشى كۆرۈپ قوغلىشىپ يۈرگەچكە ،كىيىن سىنى قوغلاشسام بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىڭ.شۇ ۋاقىتتىكى سۆزۈڭ ھېلىمۇ ئىنىق ئىسىمدە. نىمىشقا شۇنداق قىلسام بولمايدۇ رەيھان؟چۈنكى مەن ،سەن ۋە ماھىنۇردىن ئىبارەت ئۈچىمىز ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار.خۇددى ئابدۇكىرىم ئابلىز ئىتوتىدا  <<ئاچىسى ئۆلۈپ كەتسە سىڭلىسنى ئالاي دەيمەن>>دىگەندەك  ئالدىدا ماھىنۇنى قوغلىشىپ ،كىيىن سىنى قوغلاشسام بۇ سىنىڭ ھەم مىنىڭ غۇرۇر ۋىجدانىمىزغا تىگىدىغانلىقى ئىنىق.بىلىپ تۇرۇپتىمەن،ئالدىمدا غۇرۇر،ۋىجدان ۋە ئەخلاقتىن ئىبارەت ئۈچ تام تۇرۇپتۇ، مەن بۇرۇن ماھىنۇرنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمدىن تانالمايمەن ،لىكىن نەرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن،بەلكىم چىرايىنى ياخشى كۆرۈپ  قالغاندىمەن.ئەمما ھازىر سىنىڭ ھەممە يىرىڭگە ئاشىق بولدۇم رەيھان،بۇلۇپمۇ مىنى قەلىب گۈزەللىكىڭ بىلەن چىرمىۋالغان مەپتۇنكارلىقىڭ مىنى ئۆزۈڭگە مەھكەم باغلىۋالدى.ماھىنۇر مىنى ئۆزىگە گۈزەل رۇخسارى بىلەن باغلىۋالغان بولسا،سەن ھەم تاشقى ھەم ئىچكى گۈزەللىكىڭ بىلەن مىنى ئۆزۈڭگە مەھكەم باغلىۋاپسەن رەيھان.شۇ سەۋەپتىن مەن ئۆزۈمنى ھەرقانچە تۇتىۋالساممۇ،سىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قېلىشقا شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ،غۇرۇر ۋىجدان،ئەخلاقتىن ئىبارەت چېقىشقا بولمايدىغان بۇ ئۈچ تامنى يەنىلا چېقىۋەتتىم.ھەي،گاھىدا مۇھەببەت غۇرۇر ،ۋىجدان،ئەخلاق دىگەنلەر بىلەن ھىسابلاشمايدىكەن،ئۇ ئۈچۈ گاھىدا مۇھەببەت ئۈستىدىن غالىپ كەلسە،گاھىدا مۇھەببەت ئۇلار ئۈستىدىن غالىپ كىلدىكەن.مىنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىم ئاشۇلار ئۈستىدىن غالىپ كەلگەچكە <<سىنى ياخشى كۆرىمەن>>دەپ ئېيتالىساممۇ،يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلار مۇھەببەت ئۈستىدىن غالىپ كەلگەچكە <<رەيھان،بىز يۈرۈپ قالايلى >>دەپ ئېيتالمايمەن.ھەي ،سەنمۇ بۇ ئىشتا قىينىلىدىغانسەن،نەپرەتلىنىدىغانسەن،ئاچچىقىڭ كىلىدىغاندۇ.ئاچچىقلانما گۈلۈم،بايا ئېيتقىنىمدەك مەن بۇخەتنى سەندىن سۆيگۈ تاما تۇتۇپ يازغىنىم يوق،پەقەت سىنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش ئۈچۈن.چۈنكى،مەن دىگەن بىر ئۇغۇل بالا،ئۆز ھىسياتىمنى يۇشۇرۇپ ،بۇ ھىسيات بىلەن كەلگۈسىدە مۇھەببىتىم ۋە نەپرىتىم يوق بىر قىز بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايمەن.ئېيتىپ باققىنە ،رەيھان ،سىنىڭ ۋەسلىڭگە يىتىش تۈگۈل،ساڭا <<سىنى ياخشى كۆرىمەن >>دەپمۇ ئېيتالمىسام مىنىڭ نەرىممۇ ئۇغۇل بالا؟مەيلى مەن رەت قىلىناي،ياكى سىنىڭ نەپرىتىڭگە ئۇچراي،شۇنى ئىسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى ،مەن سىنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن،سېغىنىمەن......
ساڭا ئاشىقلىق سالىمىنى يوللاپ:
ئەلى
. ھېچكىمگە بەرمەيمەن
قەدىرلىك ئۇقۇرمەنلەر،ئەمدى سىلەرمۇ ئىشنىڭ تىگىگە ئازراق يەتكەنسىلەر.ئەلى رەيھانغا سۆيگۈ ئىزھار قىلىپ ،يەنە نۇرغۇن ئىشلار يۈز بىرىپ ئۆتتى.لىكىن كىيىنكى ئىشلارنى مەن ۋاقتىنچە سۆزلىمەي تۇراي،چۈنكى مەن ھازىر توي مەرىكىسىدە.توي باشلىنىپ چۈشكە يېقىن يىگىت تەرەپ  قىز كۆچۈرۈش ئۈچۈن كەلدى.يىگىت تەرەپنىڭ مىھمانلىرى كىلىپ ئالاھەزەل بىر سائەتتىن كىيىن نىكاھ ئۇقۇلۇشقا باشلىدى.نىكاھ ئۇقۇلۇپ بولسىلا  قىز كۆچۈرۈلۈپ ماڭاتتى،لىكىن دەل شۇ ۋاقىتتا بىر شۇم خەۋەر كەلدى.قىز كۆچۈرمەكچى بولغان ماشىنىنىڭ چاقىسىغا بىر كىم مىخ تىقىۋەتكەن ئىدى.قۇرۇدىكى چوڭلار بۇ ئىش ئۈچۈن بىردەم مەھەللىدىكى كەپسىز بالىلارنى ئەيىبلەشكەن بولدى ۋە دەرھال باشقا بىر ماشىنا تەييارلاشقا ئادەم ماڭدۇرۋەتتى.لىكن مەن ماشىنا چاقىغا مىخ تىقىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان چېغىمدىلا،كاللامدىن چاقماق تىزلىكىدە بىر سۇئال كەچتى.ئەلى؟ماشىنا ئىزدەش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەنلەر ناھايىتى تىزلا يېنىپ كىردى ۋە چوڭلارغا سىرتتىكى ماشىنىلار ئىچىدىن تويغا كەلگەن بىر مىھماننىڭ ماشىنىسىنى سۆزلىشىپ قويغانلىقىنى ، ماشىنىغا تاقاشقا تىگىشلىك گۈل ۋە پال-پۇللارنىڭمۇ تارتىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.مانا ياڭراق توي ناخشا ساداسى ئىچىدە  قىز كۆچۈرۈش ئۈچۈن ئاتلاندۇق ،سەل تۇرۇپ قاتار-قاتار ماشىنا توپى غۇلجا يوللىرىنى چاك كەلتۈرۈپ مېڭىشىدۇ.مەن مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ ماشىنا چاقىغا مىخ تىقىۋەتكەن ئىشنى ئۇنتۇپتىمەن.لىكىن سىرتقا چىقىپ شۇنچىلىك چۆچۈپ كەتتىمكى ،يۈرىكىم ئاغىزىمغا قاپلىشىپ قالغاندەك بولدى.ۋاي ،بۇ ئەلىنىڭ ماشىنىسىغۇ؟ئەلى سەن نىمە قىلماقچى؟پۈتۈن بەدىنىمنى چاقماق سوققاندەك بولۇپ كەتتى.ماشىنىغا يېقىنلاشقاندا بىر ئەلىگە، بىر رەيھانغا،بىر ئەتراپتىكىلەرگە ھۇدۇققىنىمچە قاراپ كەتتىم.لىكىن ھەممە بۇ ئىشتىن خاتىرجە ئىدى.رەيھاننىڭ يۈزى يۆگەكلىك بولغاچقا ئەلىنى كۆرەلمەيتتى.ئەگەر كۆرگەن بولسا نىمە بۇلۇپ كىتەر ئىدى-ھە؟!مەن ئاشۇ مىنۇتتا ھېچ ئىش قىلالمىدىم.بۇ ئىشنى ئاشكارلىيالمايتتىم،ئاشكارلىسام چاتاقنىڭ چوڭى چىقاتتى .ھازىر قىلالايدىغىنىم پەقەت ئەلىگە كۆز ئارقىلىق نەسىھەت قىلىش ئىدى.<<ئەلى ،ئۇنداق قىلما،ئۆزۈڭنى تۇتىۋال.ئۇنىڭغا نىكاھ ئۇقۇلۇپ بولدى،سەن ماڭا خۇتەندە نىمە دەپ ۋەدە قىلغان،ئەلى،ئەلى،ئەلى...>>لىكىن ئەلى بۇ ئىرادىسىدىن قايتمايدىغاندەك قىلاتتى،ئۇ مەندىن كۆزىنى ئېلىپ قاچقاندىلا،ئۇنىڭ بىر نىيەتكە كەلگەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم.ئەمدى مىنىڭ قىلالايدىغىنىم بىر ئۇلۇغ ئاللاھقا يالۋۇرۇش ئىدى.<<ئى،ئۇلۇغ اللاھ ،سەن ھەممىگە قادىرسەن.سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي،ئەلىنى بۇ ئىشنى قىلىشتىن توختىتىۋالغىن،بەلكىم ئۇ بۈگۈن بىرەر چاتاق چىقىرىپ، بۇ دۇنيادىن خوشلىشىشى مۇمكىن.ئۇنى بۇ يولدىن تۇسۇپ قال.ئۇ رەيھاننى ياخشى كۆرىدۇ،لىكىن رەيھان ئۇنىڭغا ئۆزىنى بېغىشلىيالمىدى.سەن بىلىسەن،بەندە ئۈچۈن بىراۋنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش ۋە ياخشى كۆرمەسلىك ئۆز خاھىشى بىلەن بولىدۇ،بۇنى ھېچكىممۇ زورلىيالمايدۇ.مۇھەببەت سەن ئۆزۈڭ بەندىللىرىڭگە ئاتا قىلغان ئىلاھى تۇيغۇغۇ.ئۆتۈنۈپ قالاي،سەن ئەلىنى بۇ ئىلاھى تۇيغۇ سەۋەپلىك ئۆتكۈزمەكچى بولغان خاتالىقىنى تۇسۇپ قال،ئۇنى قۇتقۇزىۋال،ئۇمۇ خۇشال ياشىسۇن.>>مەن ئىچ- ئىچىمدىن خۇداغا نالە قىلدىم ۋە ماشىنىغا چىققانلارغا ئەگىشىپ ماشىنىغا چىقتىم.گەرچە مەن رەيھاننىڭ  يېقىن دوستى بولساممۇ،قىز قولدىشى مەن كىلىشتىن بۇرۇن بىكىتىلىپ بولغاچقا،قىز يۆتكىگەندە ئۇنىڭ بىلەن بىر ماشىنىغا چىقالمىدىم.مەن ئىككىنچى ماشىنىدا ئىدىم.ئالدىدا ئەتىرگۈل ۋە رەڭمۇ-رەڭ پال-پۇللار بىلەن بىزەلگەن ئەلىنىڭ ماشىنىسى تۇراتتى.يۈرىكىم ئەنسىز سوقماقتا،ئىچىمدە توختىماستىن ئاللاھقا يالۋۇرىمەن.ئەلىنىڭ رەيھان ۋە ماشىنا ئىچىدىكىلەرنى ساق سالامەت يەتكۈزىشىنى تىلەيمەن.ئاھ،خۇدا...ئاھ،ئەلى...
ماشىنا قوزغالدى،يول ئەلىگە پۈتۈنلەي تۇنۇش ئىدى.چۈنكى ئالدىنقى كۈنلىرى بىز ئىككى قۇرۇ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كۆپ ماڭغان ئىدۇق.يۈرىكىم يەنىلا ئەنسىز  سوقماقتا ،ئىچىمدە<<ئەلى قايسى بىر ئاچما يولغا كەلگەندە ماشىنىنى ئېلىپ قاچارمۇ؟>>دىگەن ئەندىشە بىلەن ئەنسىز ئولتۇرىمەن.ۋە بىرەر قايرىلما يولغا كەلگەندە،يۈرىكىمنى قاماللىغىنىمچە،قورقۇپ كەتكىنىمدىن ئولتۇرالماي قېلىپ،يېنىمدىكىلەر ئالدىدا خىجىلچىلىققا قالىمەن.ئەلى باشقا يولغا قېچىپ كەتمەي،توغرا ماڭغىنىدا بولسا ،<<ئۇھ>>دىگىنىمچە ئىچىمدە ئاللاھقا ۋە ئەلىگە رەھمەت ئېيتىمەن.قەدىرلىك ئۇقۇرمەن،شۇ ۋاقىتتا مىنىڭ نىمە بۇلۇپ كەتكىنىمنى بىلەمسىز.شۇنداق قىلىپ ماشىنا ماڭا-ماڭا ئاخىرى يىگىت قۇرۇسىغا يىتىپ كەلدى،بۇ ئارلىقتا مەن قانچە قېتىم ھۇدۇقۇپ ئۆلەي دىگىنىمنى ۋە قانچە قېتىم ئاللاھقا ،ئەلىگە رەھمەت ئېيتقانلىقىمنى بىلمەيمەن.مانا ،ئەلى ئاخىرى رىئاللىققا يۈزلەندى،ماشىنىنى ئېلىپ قاچمىدى.سىنى چۈشىنىمەن ئەلى،سەن مىنىڭ ياخشى دوستۇم.سىنىڭ ئازابىڭ مىنىڭمۇ ئازابىم،لىكىن ئازابىڭنى يىنىكلىتىشكە ئامالسىز قالدىم،پەقەت قۇرۇق تەسەللىيلا بىرەلىدىم ،خالاس،قانداق قىلىمىز ،بەندىنىڭ بېشىغا ھەر خىل ئىشلار كىلىدىكەن.
        ئەلىگە قىلغان بۇ سۆزلەر زادى كىم ئۈچۈن دەپ بىرەلمەيمەن،راستىمنى ئېيتسام  ئۇشبۇ مىنۇتلاردا قانداق قىلىشىمنى زادىلا بىلەلمىدىم.مىنڭ بىلىدىغىنىم ماشىنا يىگىت قۇرۇسىغا ئوڭۇشلۇق يىتىپ كەلدى.بېشىدا يىگىت قولدىشى ،ئاندىن تويى بولغان يىگىت   چۈشتى -دە،قولىنى رەيھانغا تەڭلىدى،قىز قولدىشىمۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ تەييار بولغان بۇلۇپ،ئەمدى ماشىنىدىن چۈشمىگەن پەقەت رەيھانلا قالغان ئىدى.مەن ئۇنىڭ ساق-سالامەت چۈشۈشىگە ئىشىنەتتىم.چۈنكى،بايا نۇرغۇن يۇچۇق يوللاردە ماشىنىنى ئېلىپ قاچماي،ماشىنا ئىچىدىكىلەرنى ساق-سالامەت ئېلىپ كەلگەن  ئەلىنىڭ ھېلىھەم ماشىنىنى ئېلىپ قاچمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتىم.ئەنە،رەيھان ماشىنىدىن چۈشۈش ئۈچۈن تارتىنىپقىنە يىگىتنىڭ سۇنغان قولىغا قول سوزماقتا،يەنە ئازراق سوزسىلا تويى بولغان يىگىت-قىزنىڭ  قولى بىر-بىرىگە تىگىدۇ!
-ۋۇر،-ماشىنا تۇيۇقسىز قوزغىلىپ كەتتى.
-ئەلى؟
-بۇ نىمە ئىش؟!
-ھەي،توختا،ساراڭمۇ سەن؟!
      تويدىكىلەر ئالاقىزادىلىشىپ كەتتى،بۇ ئەھۋالدىن گاڭگىراپ قالغان ئەرلەر ۋاقتىنچە نىمە قىلىشنى بىلمەي تۇرۇپ قېلىشتى ۋە كىمدۇر بىرىنىڭ <<ماشىنىسى بارلار تىز قوغلاڭلار،نىمە قاراپ تۇرىسىلەر؟>>دىگەن بۇيرۇقى بىلەن ئەسلىگە قايتىپ،ئەلىنى قوغلاش ئۈچۈن ماشىنىللىرىغا چىقىشتى،مەنمۇ تىزدىن بىر ماشىنىغا چىقىۋالدىم.
ئەلى،توختا!
      ماشىنا قوزغىلىپ ئەلىنى قوغلاپ كىتىۋاتىمىز،مەن چىققان ماشىنىدا مەن،شوپۇر،تويى بولغان يىگىت،ۋە قولدىشىدىن ئىبارەت تۆت كىشى بار ئىدۇق.بۇلىۋاتقان ئىشلارنىڭ دەھشىتىدە،يېنىمدا ئولتۇرغانلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان مەن دەرھال ئەلىگە تېلفۇن قىلدىم:-ئەلى ،ئۇنداق قىلما،تىزدىن رەيھاننى چۈشۈرۈپ قېچىپ كەت.بولمىسا ئۇلار سىنى تۇتۇۋېلىپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇشى مۇمكىن.-ياق،مەن رەيھاننىڭ ئۇ ئەبلەخ بىلەن توي قىلىشىغا يول قويمايمەن،رەيھان ئۇ ئەبلەخنى ياخشى كۆرمەيدۇ.-ئەلى،رەيھان سىنىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ،بىلدىڭمۇ؟-بۇ گەپنىڭ ئاغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قاپتىمەن،-ئەلى،ئاڭلىدىڭمۇ،ئەلى،ئەلى......-ئۇ تېلفۇننى قۇيىۋەتتى.مەن قانچە قېتىم قايتىلاپ ئۇرغان بولساممۇ،ئۇ تېلفۇننى ئالمىدى،شۇ چاغدىلا لاسسىدە بۇلۇپ قالدىم-دە،تويى بولغان يىگىت ۋە قولدىشىنىڭ<<بۇ زادى نىمە ئىش؟>>دىگەن مەنىدىكى قاراشلىرىدىن ئەندىكىپ كەتكەن مەن بېشىمنى تۈۋەن سېلىۋالدىم.توۋا،نىكاھ ئۇقۇلۇپ بولغان ئېرى يېنىمدا تۇرسا ،نىمىلەرنى دەپ سالدىم-ھە؟!توغرا ،رەيھان ئەلىنى ياخشى كۆرمىگەندەك ،ھازىر تەككەن ئېرىنىمۇ ياخشى كۆرمەيتتى.غۇرۇر ،ۋىجدان،ئەخلاق سىزىقىدىن ئاتلىيالمىغان رەيھان ،تۆت يىل ئىلگىرى ئەلى سۆيگۈ ئىزھار قىلغاندا ،ئەلى  بۇرۇن رەيھاننىڭ ۋە مىنىڭ يېقىن دوستۇم بولغان ماھىنۇرنى بىر مەزگىل قوغلاشقاچقا،ئۇنى رەت قىلغان ئىدى.ئۇ ياخشى كۆرۈپ قالغان كورلىلىق  ئەختەممۇ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا باشقا بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەچكە،كىيىن قىز دوستى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ،ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈشنى خالىمىدى.تېخى بىر يىل ئالدىدا،ئەلىنىڭ<<رەيھان،مەن سىنى ھېلىھەم ياخشى كۆرىمەن،ئاڭلىسام ساڭا  غۇلجىدىن خىزمەت بىرىپتۇ.مەن سىنى تامامەن خوتەنگە يۆتكەپ كىلەلەيمەن،خوتەندە ئىشلىسەڭ ئۆيۈڭگىمۇ يېقىن............بىز توي قىلايلى بۇلامدۇ؟>>دىگەن تاققۇ-تۇققۇ،ئەمما تۇلىمۇ سەمىمىي ۋە چىن ئېيتىلغان سۆزلىرىنى رەت قىلىپ ،غۇلجىغا كىلىپ خىزمەتكە چۈشكەن ئىدى.ھەتتا مەن <<گەرچە ئەلىنى ياخشى كۆرمىسەڭمۇ ،يېنىڭدا ھېچ بولمىسا سىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭ بولسا ياخشى ئەمەسمۇ؟ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭگىمۇ ئىرىشەلمىسەڭ،سىنى ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭگىمۇ ئىرىشەلمىسەڭ ،بۇ قانداق بولغىنى>>دەپ ئېيتقان بولساممۇ،ئۇ<<ياق،مەن ۋىجدان ئازابى تارتىمەن.مەن ئۇنىڭدىن ئالاقەمنى ئۈزسەم مىنى ئۇنتۇپ كىتىدۇ دەپ نىمىلەرنى قىلمىدىم،تېلفۇن قىلسا نىمىلەرنى دەپ كۆڭلىنى رەنجىتمىدىم-ھە؟!ئەمدى قايسى يۈزۈم بىلەن ئۇنىڭغا ماقۇل دەيمەن>>دىدى-دە،ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ غۇلجىغا كەتتى.مانا،بىر يىل ئۆتۈپ بۇيىل يازلىق تەتىلدە،باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن مۇھەببىتىمۇ ۋە نەپرىتىمۇ بولمىغان بىرسى بىلەن تويى بۇلۇپ،ھازىرقى ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ.
ماشىنا ئىچىمدە  بۇرۇنقى ئەسلىمىلەر قوينىغا كىرىپ كىتىپتىمەن.بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىغىنىمدا ،تويى بولغان يىگىت <<بولدى ،نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى كىيىن رەيھاندىن ئالدىرماي سۇرىۋالارمەن >>دىگەندەك قىلىپ ئالدىغا قاراپ ئولتۇراتتى.دەل شۇ چاغدا ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان يىگىت قولدىشى تۇيۇقسىز ئارقىغا قاراپ مىنى قاتتىق ئەندىكتۈرىۋەتتى.كۆزىدىن ئوت ياندۇرۇپ ماڭا بىرھازا تىكىلگەندىن كىيىن ،ئۇمۇ ئالدىغا قاراپ ئولتۇردى.ماڭا ھازىر ماشىنا ۋە ماشىنا ئىچىدىك ئۈچ ئەر كىشى <<ئۇنى سەن باشلاپ كەپسەندە،سەل تۇرۇپ سىنىڭمۇ ئەدىپىڭنى بىرىمىز >>دىگەندەك بىلىنىپ كەتتى.
        ئون نەچچە ماشىنا ئەلىنىڭ ماشىنىسىنى قوغلاپ كىتىۋاتماقتا ،بايا ئەلى ماشىنىنى ئېلىپ قېچىشتىن بۇرۇن،ئەلىنىڭ ماشىنىنى ئېلىپ قېچىپ ،رەيھان ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىللىرىنى ،قەشقەردىن تويغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ۋە يىگىت تەرەپنى ئەل ئالدىدا رەسۋا قىلىۋېتىشتىن ئەنسىرىگەن بولسام،ھازىر پۈتۈنلەي ئەلىنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرەۋاتاتتىم.قاراڭ،ئون نەچچە ماشىنا ئەلىنىڭ ماشىنىسىنى قوغلاپ كىتىۋاتماقتا.ھەر بىر ماشىنىدا ئاز دىگەندە ئۈچتىن ئادەم بار،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەندىن باشقىسى ھەممىسى ئەر كىشى.ئەگەر ئۇلار ئەلىنى تۇتىۋالسا قانداق قىلىۋېتەر؟ھازىر ئىچىمدە تەكرارلايدىغىنىم ئالدىدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ،بايا ئىچىمدە<ئەلى، رەيھاننى ئېلىپ قاچما>>دىگەن بولسام ،ئەمدىلىكتە<<ئەلى،تىز قاچ،پەقەت غۇلجىدىن چىقىۋالساڭ ساڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ>>دەيتتىم.لىكىن ئۇ يەنىلا  تۇتۇلۇپ قالدى.
ئەلى قېچىپ بىر ئاسما كۆۋرۈككە كەلگەندە ئىككى تەرەپتىن قاپسىلىپ قالغانىدى.ياخشى يېرى ئۇ تۇتۇلغاندا ساقچىلارمۇ بار بۇلۇپ(تويدىكى چوڭلار دېلو مەلۇم قىلغانىكەن)،ئۇنىڭ ھاياتى ساقلىنىپ قالىدىغان بولدى.ئەگەر ساقچىلار بولماي قالغان بولسا ،ئۇنى قوغلاپ كەلگەن توي ئەھلى ئۇنى نىمە قىلىۋېتەر ئىدى-ھە؟!كۆۋرۈكنىڭ ئۇ بېشىدا ساقچىلار،بۇ بېشىدا بولسا تويدىن قوغلاپ چىققان مىھمانلار توپى غەزەپ بىلەن ئەلىگە يېقىنلاشماقتا.
ئەلى ئۆزىنىڭ قاچالمايدىغانلىقىنى بىلىپ،ماشىنىدىن چۈشتى-دە، رەيھاننىڭ بولغۇسى ئېرىگە غەزەپ بىلەن تىكىلدى.ئەگەر ساقچىلار تۇتىۋالمىغا بولسا ،ئۇلار ئىككىسى ،ياق،ئەلى بىلەن تويدىن قوغلاپ كەلگەنلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش چىقىشى مۇمكىن ئىدى.
مەن تىزدىن ئەلىگە ئىچ ئاغرىتقىنىمچە كۆزۈمنى تىكتىم ۋە رەيھان ئېسىمگە كىلىپ ،ماشىنىنىڭ ئارقا ئۇرۇندۇقىغا قارىدىم.ئۇ ھوشىدىن كەتكەن ئىكەن.
بۇ ئارلىقتا ساقچى باشلىقى كويزا كۆتۈرگىنىچە سۆزلەپ كەلدى:
-ھە،باتۇر يىگىت ،بۇ يېشىمغىچە نۇرغۇن ئوغرىلارنى تۇتۇپتىمەن،لىكىن كېلىن ئوغرىسىنى تۇنجى تۇتۇشۇم.ھا،ھا،ھا...بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى پەقەت كىنودىلا بار دەپ ئويلاپتىكەنمەن.
      ساقچى شۇنداق دىدى-دە،قولىدىكى كويزىنى قول ئاستىدىكى بىرەيلەنگە تۇتقۇزۇپ<<ئۇنى تۇتۇڭلار !>>دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.ئەنە،ئەلىنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ ساقچى ماشىنىسىغا يالاپ مېڭىۋاتىدۇ،لىكن ئەلى تۇيۇقسىز ساقچىلارنىڭ قولىدىن يۇپۇرلۇپ چىقتى-دە،ماشىنىنڭ ئارقا ئىشىكىگە كىلىپ،تېخى ھوشىغا كەلمىگەن رەيھانغا قاراپ<<سىنى ياخشى كۆرىمەن ،رەيھان>>دىدى.ساقچىلار ئۇنى يەنە تۇتۇپ كەتتى.ئەلى ساقچى ماشىنىسىغا سولىنىپ بولغاندىن كىيىن،ساقچى باشلىقى قېنى قىزززىغان توي ئەھلىگە يۈزلىنىپ<<ئاچچىقىڭلارنى بېسىۋېلىڭلار،قېرىنداشلار>>دىدى-دە،تويى بولغان يىگىتنى چەتكە تارتىپ بىر نىمىلەرنى دەپ كەتتى.ئاۋازى ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا ،نىمە دىگەنلىكىنى  ئاڭقىرالمىدىم.ساقچى باشلىقى سۆزىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كىيىن،تويى بولغان يىگىت رەيھاننى ماشىنىدىن كۆتـۈرۈپ  ئېلىپ چۈشتى-دە،ماشىنا ئىشىكىنى غەزەپ بىلەن تىپىپ يېپىۋەتتى.ئەلىنى قوغلاپ كەلگەنلەر ماشىنىسىغا چىقماقتا.قەدىرلىك ئۇقۇرمەن ،مەن ھىكايىنىڭ ئاساسلىق پىرسۇناژلىرى بىلەن بۇلۇپ كىتىپ،قوغلاپ كەلگەنلەرنىڭ نىمىلەرنى دىيىشكەنلىكىنى ھەم  غەزىپىگە چىدىماي چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ ئەلىنى نىمە دەپ تىللاپ كەتكەنلىكىنى يېزىشنى ئۇنتۇپتىمەن.كەچۈرگەيسىلەر ،ئەمدى يېزىشقا ئامالسىز قالدىم،چۈنكى ھىكايە تەرەققىي قىلىپ ،مىنىڭ بېشىمغا كۈلپەت چۈشتى.ھازىر مەن ئۆزۈم بىلەن قالدىم.
شۇ ۋاقىتتا مەن تويى بولغان يىگىتكە ئەگىشىپ ،ئۇ چىقماقچى بولغان ماشىنىغا قاراپ ماڭدىم(چۈنكى رەيھاننى شۇ ماشىنىغا چىقارماقچى ئىدى)،لىكىن ئۇ رەيھاننى ماشىنىغا چىقىرىپ بۇلۇپ ئارقىغا ئۆرۈلگەن چاغدا ماڭا شۇنداق سەت ئالايدىكى ،قورققۇنۇمدىن تۇرغان جايىمدا قېتىپلا قالدىم.ئۇ ماشىنىغا چىقىپ،ماشىنا ئىشىكىنى قاتتىق يېپىۋەتتى-دە،ماشىنىنى كەينىگە ياندۇرۇپ توي مەرىىسىگە  قاراپ ماڭدى.تۇرغان جايىمدا قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپ قالغان مەن بىر ئازدىن كىيىن ئۆز ئەسلىمگە كىلىپ،ئەلىنىڭ ماشىنىسىغا قارىغىنىمدا،ساقچىلار ماشىنىنى قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلەھەتلىشىۋاتاتتى.مەن ئاستا بېرىپ ساقچى باشلىقىغا:
-رۇخسەت قىلسىڭىز،بۇ ماشىنىنى ئېلىپ كەتسەم،-دىدىم.
-بۇ ماشىنا  سىزنىڭمۇ؟-سورىدى ساقچى باشلىقى.
-ياق،ئەلى ئاكامنىڭ.
-ئەلى دىگەن كىم؟
-بايا رەيھاننى ئېلىپ قاچقان ئادەم.
      سۆزۈم تۈگىگەندىن كىيىن ،ساقچى باشلىقى بىر ماڭا،بىر ئەلى سولانغان ماشىنىغا قاراپ،شۇنداق سەت ھىجايدىكى،ئۇنى بىر تەستەك سېلىۋەتكۈم كىلىپ كەتتى.بۈگۈن نۇرغۇن ئادەمنىڭ كۆڭلى پاراكەندە،ئازاپتىن،ئاچچىقتىن پارتلاپ كەتكۈدەك بۇلۇپ تۇرسا،بۇ پور قورساق ساقچىنىڭ كۈلىۋاتقانلىقىنى قارىمامدىغان.
-ھەي..ھەي...ھەي..بۇ ماشىنىدىن خاتىرجەم بۇلۇڭ،سىڭلىم.بۇنى ئېلىپ كىتىدىغان ئادەم ئۇرۇنلاشتۇرىمەن.سىز ئەڭ ياخشىسى ئەلى ئاكىڭىز بىلەن بىر ماشىنىغا چىقىڭ.گىپىڭىزگە قارىغاندا،ئەلى ئاكىڭىزغا خېلى كۆپ ياردەملەرنى قىلغاندەك تۇرىسىز.بىز بىلەن بىللە بېرىپ دېلو تەكشۈرىشىمىزگە ماسلاشمىسىڭىز بولمايدۇ.
مەن ساقچى باشلىقىنىڭ  گىپىنى ئاڭلاپ،بىردەم تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم.مىنىڭ ماڭمىغىنىمنى كۆرۈپ، بىر ساقچى:
-قولىڭىزغا كويزا سالسام ماڭىدىغان ئوخشىمامسىز،-دىدى.مەن:
-كىرىكى يوق،ئۆزۈم ماڭالايمەن،-دىدىم-دە،ساقچىلار بىلەن ئەلى ئاكام چىققان ماشىنىغا قارپ ماڭدىم.ماشىنىغا چىققاندا،ئەلى ئالدى ئۇرۇندۇققا بېشىنى قۇيغىنىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى.گەرچە يولدا كىتىۋېتىپ ئۇنىڭغا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغۇم بولسىمۇ،لىكىن ماشىنىدا باشقا ساقچىلار بولغاچقا سۆز ئېچىشقا پېتىنالمىدىم.لىكىن ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ،ئۇنىڭ بىلەن غايىبانە ۋە خىيالەن پاراڭلاشتىم.
-ئەلى،بىز خۇتەندىن چىققاندا ماڭا نىمە دەپ ۋەدە قىلغان.
-شۇنداق،مىنى كەچۈر،مەن ۋەدەمگە ئەمەل قىلالمىدىم.گەرچە ئېغىزىم ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ،لىكىن قەلبمنىڭ ھۆكمى ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە قارشى چىقتى. تاكى ھېلىقى ئەبلەخنىڭ قورۇسىغا قەدەر ۋەدەمگە ئەمەل قىلغان بولساممۇ،رەيھان ئۇ ئەبلەخكە قول سوزىۋاتقان ئاشۇ پەيتتە بىر سۇئال مىنى قىينىدى.<<ئاھ،رەيھان،ئەمدى مۇشۇ ئەبلەخ بىلەن بىرگە ئۆتەمسەن>>.ياق،....كىيىن پەقەت ئۇنى ئېلىپ قېچىشنىلا ئويلىدىم.مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن،ئاينۇر.
-سىنى چۈشىنىمەن ئەلى،ھەم ئەيىبلىمەيمەن.
-پۇشايمەن قىلامسەن.
-ياق.
-ساڭا كۆپ رەھمەت،ئاينۇر،سەن مىنىڭ ياخشى دوستۇم.
      ئەلى بىلەن غايىبانە پاراڭلىشىش بىلەن بۇلۇپ كىتىپ،ساقچىخانىغا كىلىپ قالغانلىقىمىزنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن.ساقچىلار بىزنى ئايرىم-ئايرىم سولاقخانىغا سولاپ قويدى.سولاقخانىغا سۇلاپ قۇيۇپ،سوراقخانىغا چىققىچە بولغان ئارلىقتا پۈتۈن خىيالىم رەيھاندىلا قالدى.ئىچىمدە توختىماستىن<<ئۇ نىمە بۇلۇپ كەتكەندۇ؟تويدا نىمە ئىشلار ،نىمە گەپ سۆزلەر ئۇنىڭ بېشىغا ياققاندۇ؟ئانىسى ۋە ئاكىسى قاتارلىق ئۇرۇق تۇققانلىرى نىمە بۇلۇپ كەتكەندۇ؟....>>لىكىن ھەر قانچە ئويلىساممۇ بىكار ئىدى.چۈنكى تۆت تامنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ھېچنىمىنى بىلەلمەيتتىم.كىيىن ئۇقسام ئەلىنى قوغلاپ كەلگەنلەر قايتىپ بارغاندىن كىيىن،چوڭلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن توي يەنە باشلىنىۋېرىپتۇ.ئەلۋەتتە،ھەرخىل سۆز-چۆچەك،ياشانغانلارنىڭ ساقال تۇتۇپ توۋا دىيىشلىرى ،رەيھاننىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ خىجىللىقى ۋە يىگىت ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ ئاچچىقلاشلىرى ھويلىنى بىر ئاپتۇ.پۈتۈن بەدىنى ئوت ئالغان تويى بولغان يىگىت نۇمۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بوپتۇ،رەيھان ھوشىغا كىلىپ يەنە نەچچە قېتىم ھوشىدىن كىتىپتۇ......ئىشقىلىپ بۇ توي ناھايىتىمۇ كۆڭۈلسىز ئاخىرلىشىپتۇ.
بىز سولىنىپ ئالاھەزەل تۆت سائەتتىن كىيىن،ساقچىلار بىزنى سوراقخانىغا ئېلىپ چىقتى-دە،سوراققا تارتتى.سوراقخانىدا ھېلىقى پور قورساق ساقچى باشلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ ساقچى كىرگەنىدى.
-ھە،سىلەر بەك ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلاردەك قىلىسىلەر،شۇڭا سىلەرنى ئايرىۋەتكۈم كەلمىدى،-دىدى پور قورساق باشلىق.
-ئاينۇرنىڭ بۇ ئىش بىلەن ئالاقىسى يوق،ھەممىگە ئۆزۈم ئىگە،مەن ئۇنى ئالدىغان،-ئەلى ھاياجىنىنى باسالماي سۆزلەپ كەتتى.
-نىمە ۋاقىرايسەن،ئولتۇرە،-دىدى يەنە بىر ساقچى.
ئەلى تىنىچلانغاندىن كىيىن،ساقچىلار ھەر ئىككىلمىزدىن ئىسمىمىز،يېشىمىز،قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز قاتارلىقلارنى سورىغاندىن كىيىن،سوراق تىمىسىنى بۈگۈنكى ۋەقەگە يۆتكىدى.
-ئېيتە،نىمىشقا شۇنداق قىلدىڭ.ئەلى خېلى بىر ۋاقىتقىچە گەپ قىلمىدى ۋە ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىدىن كىيىن،سۆزىنى باشلىدى.
-مەن بۇ ھاياتىمدا ئىككى قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.بىرى،يېنىمدا ئولتۇرغان دوستۇم ئاينۇرنىڭ يېقىن دوستى ماھىنۇر،يەنە بىرى،يەنە مۇشۇ دوستۇمنڭ يېقىن دوستى رەيھان.مەن مۇھەببەت بېغىدا خاتا قەدەم بېسىپ قويغان...
تۇيۇقسىز بىر ساقچى ئۈستەلگە <<پاققىدە>>ئۇردى-دە،ئەلىگە:
-بىز سىنى مۇھەببەت ھىكايىسى سۆزلە دىمىدۇق،جىنايىتىڭنى ئىقرار قىل دەۋاتىمىز.
-ھەي،بولدى قىل،ئەركىن،-دىدى پور قورساق باشلىق ،-مەن ئۇنىڭ ھىكايىسىگە قىززىقىپ قالدىم.ئەھۋالغا قارىغاندا ،ئۇ تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بىرەي  دىگەن چېغى.سۆزلە يىگىت بۈگۈن سىنىڭ ھىكايەڭنى ئاڭلاپ بولمسام ئۆيگە قايتمايمەن.
     ئەلى ھىكايىسىنى داۋاملاشتۇردى،ئۆزىنىڭ بەش يىل ئىلگىرى ماھىنۇرنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى،كىيىن ئۇنى قوغلىشىپ ئىرىشكىنىنىڭ ئازاپ بولغانلىقىنى،ماھىنۇرنىڭ ئۆزىگە سۆيگۈ ئەمەس دوستلۇق مىھرىنىمۇ بىرەلمىگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتـۈپ،كىيىن ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتـتى ۋە گەپنىڭ تىمىسىنى رەيھانغا يۆتكىدى.ئۇنىڭ ماھىنۇردىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا،تۇيۇقسىز رەيھان بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىشىپ كەتكەنلىكىنى،كىيىن بۇ دوستلۇقنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇھەببەتكە ئۆزگەرگەنلىكىنى ،لىكىن غۇرۇر ،ۋىجدان،ئەخلاق سىزىقىدىن ئاتلىيالماي،رەيھانغا بولغان ھىسياتىنى ئاشكارلىمىغانلىقىنى ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىنىڭ كىيىنكى ئۈچ  ئايلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن دوستانە ئۆتكۈزگەنلىكىنى،كۆڭلىدە<<ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ئايرىلغاندا،ئۇنى  تەتىلدە بىر مەزگىل  كۆرمىسەم  يەنە بۇرۇنقىدەك دوستلۇق نەزىرىم بىلەن قارايدىغان بۇلۇپ قالىمەن>>دەپ ئۈمىد باغلىغانلىقىنى،لىكىن ھەرقانچە قىلسىمۇ ئۇنتۇيالمىغانلىقىنى،ئەكىسچە تېخىمۇ بەك ياخشى كۆرىدىغان،سېغىنىدىغان بۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن غۇرۇر،ۋىجدان،ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ ئاتلاشقا بولمايدىغان ئادىمىيلىك سىزىقىدىن ئاتلاپ،يىراقتىكى رەيھانغا خەت يېزىپ سۆيگۈ ئىزھار قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
بۇ ئارلىقتا سوراقخانا جىمجىتلىققا چۆمدى،سوراقخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھىكايىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى.ئەلى ھىكايىسىنى داۋاملاشتۇردى.
-كىيىن ئۇ مىنى رەت قىلدى،-دەپ سۆزىنى باشلىدى ئەلى،-ھەم بۇرۇنقىدەك دوست بۇلۇپ ئۆتىمىز دىدى.مەن ھەرقانچە سۆزلىسەممۇ كار قىلمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە،ئۇنىڭدىن ئالاقەمنى ئۈزگۈم كەلمەي،سىز بىلە يەنە كۆرۈشۈپ تۇرسام بۇلامدۇ؟دىسەم،ئۇ <<گەرچە دوست بۇلىمىز دەپ  ئېيتقان بولساقمۇ ،سىز ماڭا دائىم تېلفۇن ئېلىپ تۇرسىڭىز  ،مىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قېلىشىڭىزغا دەخلى يىتىدۇ>>دىدى-دە،ماڭا ۋاقىت بەلگىلەپ بىرىپ، 5-ئايدىن بۇرۇن تېلفۇن قىلماسلىقىمنى،ئەگەر 5-ئايدىن بۇرۇن تېلفۇن قىلسام تېلفۇنۇمنى مەڭگۈ ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئۇ كۈنى 19-نويابىر كەچ ئىدى.ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ خېلى ئۇزۇن گەپ سۆز قىلماي ئولتۇردى.پەقەت پور قورساق باشلىق<<كىيىنچۇ؟>>دەپ ئەسكەرتكەندىن كىيىن،ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
-لىكىن مەن ئۇنداق قىلالمىدىم،ئۇنى سېغىندىم،ئۇنىڭغا بىر نەچچە قېتىم تېلفۇن ئۇردۇم،ئەمما ئۇ ئالمىدى.پەقەت ماڭا ئۇچۇر ئەۋەتىپ مىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغانلىقىمنى ،ئەمدى مەڭگۈ تېلفۇنۇمنى ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەلى كىينكى سۆزلىرىگە ئۇلاپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ،يەنە نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئالا قويماي سۆزلەپ چىقتى ۋە ئالدىدا مەن سۆزلەپ ئۆتكەن رەيھاننىڭ يۆتكىلىش ئىشلىرىغا قەدەر سۆزلىدى ھەمدە نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ:
-مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن،ماڭا ئۇ بولمىسا بولمايدۇ.-دىدى.
ساقچىلار خېلى ئۇزۇن گەپ قىلماي توخـىماستىن تاماكا چىكىشتى،خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن،پور قورساق باشلىقنىڭ يېنىدىكى ئىككى ساقچى قانداق قىلىمىز دىگەندەك ئۇنىڭغا قاراشتى.پور قورساق باشلىق تاماكىسىنى چىكىپ بولغاندىن كىيىن،ئەلىگە قاراپ:
-ئۆيۈڭدىكىلەر كەلسۇن،-دىدى
-ياق،ئۆيۈمدىكىلەر كەلسە ماڭىمۇ ،سىزگىمۇ پايدىسىز،-دىدى ئەلى پور قورساق باشلىققا مەنىلىك كۈلۈمسىرەپ،-دوستۇم سۇلتان كەلسۇن.
يۈزمىڭ يۈەننىڭ كارامىتى
            ئەلى شۇ كۈنى سوراقتىن كىيىن،ساقچىلارنىڭ باشچىلىقىدا،تۇلۇق ئوتتۇرىدا بىللە ئۇقۇپ جان جىگەر دوستلاردىن بۇلۇپ كەتكەن ھەم ھازىرمۇ كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتقان دوستى سۇلتانغا تېلفۇن قىلدى.ساقچىلار سۇلتان كەلگۈچە بۇ دېلونى سورىمايدىغان بولدى-دە،ئەلى ئىككىمىزنى سولاپ قويدى.ئەلىنىڭ سوراقخانىدا  بەرگەن ئىسپاتلىرىدىن مىنىڭ قانۇن ئالدىدا گۇناھسىز ئىكەنلىكىم ئىسپاتلىنىپ ،سولاققا چۈشۈپ ئىككىنچى كۈنىلا سولاقخانىدىن يېنىپ چىقتىم.ئەمدى كۈنلىرىم مىھمانخانا ۋە ساقچىخانا ئوتتۇرىسىدا پالاقلاش بىلەن ئۆتتى.رەيھاننىڭ ئۆيىگە بارالمايتتىم،تېلفۇن ئۇرسام تېلفۇنى توختىتىۋېتىلگەن ئىدى.ساقچىخانىغا چېپىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە،بىر نەچچە قېتىم رەيھاننىڭ ئېرى ۋە يەنە بىر ئادەمنىڭ (دادىسىمۇ ياكى تاغىسىمۇ بىلمىدىم)،غەزەپ ئوتى يانغان كۆزلىرىنى ئېلىپ،ساقچىخانىغا  كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ۋە ئەندىشىگە چۈشۈپ كەتتىم.ئەلى توي كۈنى رەيھاننى ئېلىپ قېچىپ نىمىلەرنى قىلىۋەتمىدى-ھە؟!دىمىسىمۇ ئۇلار جىم تۇراتتىمۇ؟گەرچە ئۇلار  بىر نەچچە قېتىم ساقچىخانىغا دات ئېيتىپ كەلگەن بولسىمۇ،لىكىن پور قورساق باشلىق بۇ ئىشنى ھىسياتقا تايىنىپ ئەمەس قانۇنغا تايىنىپ سۇرايدىغانلىقىنى،ئەلىنى چۇقۇم جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى  ئېيتىپ يولغا سالاتتى.مەن ئاشۇ كۈنلەردە،سۇلتاننىڭ كىلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتتۈم.سۇلتان كەلگەندە بولسا،ئۇنىڭدىن رەنجىپ:-نىمانداق كىيىن كىلىسەن،قەشقەردىن غۇلجىغا كەلمەك شۇنچە تەسمىكەن،-دىدىم.ئۇ مەندىن كەچۈرۈم سۇراپ ،پۇل ھەل قىلىمەن دەپ كىچىكىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.مەن <<پۇلنى نىمە قىلىسەن>>دىسەم،ئۇ<<بولدى،سورىما،مىنى تىزدىن پور قورساق باشلىق بىلەن كۆرۈشــتۈر>>دىدى-دە،ساقچىخانىغا قاراپ ماڭدى.كىيىن نىمە ئىشلار بولدى بىلمەيمەن(سۇلتان پور قورساق بىلەن سۆزلەشكەندە ،مەن يېنىدا يوق ئىدىم)،پور قورساق باشلىق بىلەن سۆزلىشىپ بولغان سۇلتاننى كەچكە يېقىن ئەلىنىڭ ياتىقىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم.لىكىن ئۇ ياتاققا كىرىپ،يۇيۇنۇپ كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،سىرتقا چىقىپ ئىش بىجىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.مەنمۇ بىللە باراي دىسەم ماقۇل بولمىدى.سۇلتان كىتىپ قاچان قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن.ئىككىنجى كۈنى تاڭ ئېتىپ ئەلى سۇلاقخانىغا سولانغان بەشىنچى كۈننى كۈتىۋالدۇق.ئەتتىگەندىلا ساقچخانىغا كىرسەك،يەنە شۇ رەيھاننىڭ ئېرى ئۈچ كىشى بىلەن بىللە پور قورساق بىلەن سۆزلىشىۋېتىپتۇ.بىز ئۇلارنى كۆرۈپ دەرھال يۇشۇرنىۋالدۇق.ئۇلار كەتكەندىن كىيىن،ئۇقساق پور قورساق ئۇلارغا ئەلىنى خوتەن ساقچى تەرەپكە تاپشۇرۇپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا ساپتۇ.پور قورساق باشلىق بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن،ئۇلار ئەلىنى بىر سائەتتىن كىيىن،ماشىنا بىلەن خوتەنگە ئاپىرىپ قويىدىغان بولدى.ئەلى توغرا دەپتىكەن،ئۇ پۇل بىلەن رەيھانغا ئىرىشەلمىگەن بىلەن،يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىرىشەلەيدىكەن ئەمەسمۇ؟!مەسىلەن،ئەركىنلىككە.كىيىن سۇلتاندىن ئۇقسام ،ئەلى يۈزمىڭ يۈەننىڭ كارامىتى بىلەن تۈرمىگە كىرىشتىن قۇتۇلىدىغان بوپتۇ.ئۇلار ئەلىنى قانداقتۇر خوتەن ساقچى تەرەپكە ئەمەس،بەلكى خوتەنگە ئاپىرىپ قۇيۇپلا قايتىپ كىلىدىكەن.لىكىن ئەلى بۇ ناھىيەگە،مۇمكىن بولسا غۇلجىغىنمۇ بىر مەزگىل كەلمەسلىكى كىرەككەن.بىز پور قورساق باشلىققا تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرگەندىن كىيىن،ئەلىنى ئېلىپ كىتىش ئۈچۈن تەييارلاندۇق،لىكىن ئەلى تۈرمىدىن چىقىشقا ئۇنىسىمۇ،غۇلجىدىن كىتىشكە ئۇنىمىدى.ساقچى باشلىقى ئۇنداق قىلسا يەنە تۈرمىگە كىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قورقان سالغان ئىدى.ئۇ:-ئۇنداق قىلالمايسىز ساقچى ئەپەندىم،-دەپ مەنىلىك كۈلۈپ قويدى.چۈنكى ئەلىنى سولاقخانىغا سولاپ قويسا يۈزمىڭ يۈەندىن قۇرۇق قالاتتى،ئەلى غۇلجىدىن كەتمىسە،يەنە بىرەر چاتاق چىقىشىدىن ئەنسىرەيتتى.ئەلۋەتتە،ئۇ ئەلىدىن ئەنسىرىمەيدۇ،ئەنسىرەيدىغىنى پار ئالغانلىقى ئاشكارلىنىپ قېلىپ،مەنسىپىدىن ئايرىلىپ قېلىش،چۈنكى ئەلى غۇلجىدا ئەركىن يۈرسە تويى بولغان يىگىت ۋە ئۆيىدىكىللىرىمۇ جىم تۇرمايدۇ-دە.ئامالسىز قالغان ساقچى باشلىقى ماڭا ۋە سۇلتانغا بىچارىلەرچە قاراپ؛-ئۇنى سىلەر گەپكە كىرگۈزۈڭلار،بولمىسا مەندىمۇ ئامال يوق،-دىدى.مەن سۇلتانغا قاراپ:-قانداق قىلىمىز،سۇلتان،ئەلى ھەرگىز ئۇنىمايدۇ،-دىدىم.-بىرلا ئامال بار.-نىمە ئامال؟-ئۇنى رەيھان گەپكە كىرگۈزىشى كىرەك.-لىكن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم.دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تېلفۇنۇم سايراپ كەتتى،ئېلىپ قارىسام ناتۇنۇش نۇمۇركەن،تېلفۇننى ئېلىپ:-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،-دىدىم.-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالامئاھ،خۇدا تېلفۇننى رەيھان ئۇرغان ئىدى.-رەيھان،ياخشى تۇردۇڭمۇ.كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما بۇلامدۇ.مەن ئەسكى،ئۇنى باشلاپ كەلگەن مەن،مىنى ئۇر،مىنى تىللا.ئۇ يىغلايتتى مەنمۇ ھەم.ئىكىمىز تېلفۇندا ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق.ئۇنىڭدىن ئۇقسام يۈزبەرگەن ئىشلارغا بەرداشلىق بىرەلمەي يېتىپ قالغان رەيھاننى ئاكىسى ۋە ئانىسى  سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن،ئەكىلىپ قۇيايلى دەپ ،ئىجارىگە ئالغان ئۆيىگە ياندۇرۇپ ئېلىپ كەپتۇ.ھازىر بولسا ،ئۆيدىكىللىرىنىڭ قۇدىللىرىدىن كەچۈرۈم سۇراش ئۈچۈن كەتكەن  ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ،تېلفۇن قىپتۇ.مەن شۇ ۋاقىتتا ئەلىنىڭ جاھىللىقى توغرۇلۇق سۆزلەپ ئۇنى ئازابلاشنى خالىمايتتىم،لىكىن ئېيتمىسام بولمايتتى.ئاخىرى شۇنچە قىينىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردىم.ئۇ خېلى ئۇزۇن ئېسەدەپ يىغلاپ  كەتتى ۋە ئەلى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.بىز تېلفۇن ئارقىلىق ئەلى بىلەن رەيھاننى كۆرۈشتۈردۇق.ئۇلار سۆزلىشىۋاتقان ئارلىقتا ،بىز پەقەت ئەلىنىڭلا سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايتتۇق.<<مەيلى قىز بول ياكى چوكان بۇلۇپ كەت،ئالۋاستى بۇلۇپ كەتسەڭمۇ مەيلى،سىنى يەنىلا ياخشى كۆرىمەن.....ئۇ دۇنيا- بۇدۇنيا ياخشى كۆرىمەن.........سىنى چۇقۇم ئېلىپ قاچىمەن>>............<<گىپىڭ راستمۇ؟>><<ئەمىسە سىنى كۈتىمەن>>.............رەيھاننىڭ نىمىلەرنى دىگەنلىكىنى كىيىن ئۇقتۇم،ئۇ ئۆزىنىڭ توي كىچىسىنى ئۆتكۈزۈپ بولغانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ ھازىر قىز ئەمەسلىكىنى،شۇڭا ئەمدى ۋاز كىچىشىنى ئېيتقان بولسىمۇ،ئەلى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن،ئەلىنىڭ نىيىتىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلگەن رەيھان ئۇنىڭدىن بىر مەزگىل تىنىچ تۇرمۇش ئۆتكىلى قۇيىشىنى،كىيىن تۇرمۇشى ئىزىغاچۈشكەندە،ھازىرقى ئىرىدىن ئاجرىشىپ ئەلىنىڭ يېنىغا كىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ،ئەلىنى غۇلجىدىن كىتىشكە ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ.ئالاھەزەل ئىككى سائەت پاراڭلاشقاندىن كىيىن،ئەلى ماشىنىغا چىقىشقا ماقۇل بولدى.سولاقخانىدىن چىقىۋاتقاندا،پور قورساق باشلىق ئۇنىڭ قېشىغا باردى-دە،ئۇنىڭغا بەزى ئىشلارنى تەكىتلىگەندىن كىيىن:-ئۇكام،بىر قىز ئۈچۈن ئۆزۈڭنى بۇنداق ئازابلاپ نىمە قىلىسەن.قىز دىگەن جېققۇ.قارىسام پۇللۇق يىگىـتكەنسەن،پۇلۇڭ بولغاندىن كىيىن ياشىمامسەن ،- دىدى.ئەلى ئۇنى سۆزلىرىگە ھېچ قانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.پور قورساق ساقچى باشلىقى يەنە سۆزلەشكە باشلىدى:-ماڭا قارا،ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام،ئۆيدە مەندىن ئۈچ تۆت كەلگۈدەك خۇتۇنۇم بار،يوتقىنىغا كىرمىگىلى  قانچە يىل  بولدى  ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.مانا مەنمۇ سىرتلاردىكى يۈزى ئېچىلمىغا قىزلار بىلەن...........ساقچى باشلىقىنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپ،ئەلى ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن شۇنداق ئالايدىكى ،ئۇ گەپ قىلالماي قالدى.گەرچە پور قورساق باشلىق بىلەن بولغان   ئارلىقىم 10 نەچچە مىتىردەك يىراقلىقتا بولسىمۇ،ئۇنىڭ تېتىقسىز گىپىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭدىن قاتتىق يىرگەندىم.ئەلىگە بولسا قايتىدىن ھىسداشلىق قىلدىم ۋە ئىچ ئاغرىتتىم.ئاھ،خۇدا،بۇ دۇنيا زادى قانداق دۇنيا.ئەلىگەئوخشاش چىن مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان ۋاپادار يىگىتلەر مۇرادىغا يىتەلمەي ھەسرەت چىكىپ ئۆتىۋاتىدۇ.لىكىن ۋىجدانىنى،غۇرۇرىنى،ئەخلاقىنى ئىت يەپ كەتكەن مۇنۇ پور قورساق باشلىق بولسا يۈزى ئېچىلمىغا قىزلاربىلەن كۆڭۈل ئېچىپ يۈرىدۇ.ئەجىبا راستىنلا ياخشىغا كۈن يوق،يامانغا ئۆلۈممۇ؟!
خاتىمە
        ئەلىنى ئېلىپ ئىككى ساقچىنىڭ ھەمراھلىقىدا خوتەنگە مېڭىۋاتىمىز.يولدا كەلگۈچە ئەلىنىڭ چىرايى زادىلا ئېچىلمىدى.ئەلىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن،سۇلتان قىلمىغان شوخلۇقلارنى قىلدى.-ئەلى،نىمە ئىشلارنى قىلىۋەتتىڭ.قىلغان ئىشلىرىڭنى بىرەر يازغۇچى رومان قىلىپ يازسا ،ئۇقۇغان ئادەم بۇ رىئاللىق ئەمەسكەن دەپ ئۇقۇماي قۇيىدۇ جۇمۇ!-ئەلى ئىسىڭدىمۇ؟تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئۇقۇۋاتقان چېغىمىزدا ،بىر كۈنى سەن بەڭۋاشلىق قىلىپ قوپمىغان ئىدىڭ،كىين تۇرمۇش ئۇقۇتقىچىمىز كۆرۈپ قېلىپ ،يوتقىنىڭنى چۆرىۋېتىپ كاساڭغا ئۇرسا،سەن كۆزۈڭنىمۇ ئاچماي ئورنۇڭدىن تۇرۇپ<<كاسامغا ئۇرغان چۇقۇم سۇلتان>>دەپ مۇئەللىمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغان ئىدىڭ.-ئەلى.ئىسىڭدىمۇ؟....-ئەلى،ئىسىڭدىمۇ؟...سۇلتان تالاي قىززىقارلىق ئەسلىمىلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى،لىكىن ئەلىنى ھېچ قانداق قىلىپ كۈلدۈرەلمىدۇق.سۇلتان ھەر قېتىم قىززىقارلىق ئىشلارنى سۆزلىگەندە،ئەلىدىن باشقا ھەممىمىز كۈلۈپ كەتتۇق،لىكن ئۇ زادىلا ئېچىلالمىدى.بىز ئەنە شۇنداق كەيپىياتتا خوتەنگە يىـتىپ كەلدۇق.قەدىرلىك ئۇقۇرمەن،<<ئاخىرقى ھىجران>>ھىكايىسىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى تۈگەي دەپ قالدى.بىلىمەن،ئۇشبۇ مىنۇتلاردا سىلەر مۇنداق بىر قاتار سۇئاللارغا دۇچ كىلىشىڭلار مۇمكىن.ئاپتۇر ئەلىنى پۇللۇق يىگىت قىلىپ يېزىپتۇ،ئۇنىڭ پۇللىرى نەدىن  كەلگەن؟ئۇ زادى نىمە ئىش قىلىپ جان باقىدۇ؟رەيھان<<مىنى بىر مەزگىل تىنىچ قۇيۇڭ،كىيىن ھازىرقى ئېرىمدىن ئاجرىشىپ سىز بىلەن بىللە بۇلىمەن>>دەپ راست سۆزلىدىمۇ ياكى ئەلىنى غۇلجىدىن كەتكۈزىۋېتىش ئۈچۈن يالغان سۆزلىدىمۇ؟ئەلى غۇلجىغا بىر يىلدىن كىيىن  كىلەرمۇ ياكى بىر ئايدىن كىينلا كىلىپ قالارمۇ؟ئەگەر غۇلجىغا كىلىپ قالسا قانداق بۇلار؟ يەنە نىمە ئىشلار يۈز بىرەر؟قەدىرلىك ئۇقۇرمەن ،ئۈستىدىكى بۇسۇئاللار مىنىڭچە سىلەر سۇرىماقچى بولغان سۇئاللار.بەلكىم سۇئالىڭلار يەنە باردۇر،لىكىن مەن ئىشىنىمەنكى،بارلىق سۇئاللىرىڭلارغا<<ئاخىرقى ھىجران>>ھىكايىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە جاۋابىنى تېپىۋالىسىلەر.قىززىقساڭلار ،ئىككىنچى بۆلۈمدە كۆرۈشەيلى،خەير-خوش.2013
-يىل19-نويابىردىن20-نويابىرغىچە چېڭدۇدا يېزىلدى
http://atex1204.taobao.com/
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتىللا يىغىش سەۋەبى
bagdax1 + 18 قوللاش!

ھەممە باھا نومۇرى : تىللا + 18   باھا خاتىرىسى

2

تېما

1

دوست

9470

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   89.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 1797
توردىكى ۋاقتى: 618
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 22:23:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقچى باشلىقى ئەسلى يىللاپ تۈرمىدە ياتىدىغان جىنايەتچى ئىكەن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ئەلقانات

2

تېما

16

دوست

6497

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 1854
توردىكى ۋاقتى: 878
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 22:26:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بار دەڭ! ئۇنداق ئۇزۇن بولسا ھېكايە دېمەي پوۋېست دېسەك بولار بۇ ئەسەرنى؟

5

تېما

1

دوست

1181

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  769
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 195
تۆھپە : 216
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 11:02:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راست بولغان كەچۈرمۈشمۇ ياكى ھېكايىمۇ..
ئوقۇۋاتقاچ ئالىي مەكتەپ چاغلىرىم ئىسىمگە كېلىپ قالدى

1

تېما

3

دوست

690

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13886
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 193
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 20:05:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىچۇ؟؟ مەن بەكلا قىززىقىپ قالدىم

0

تېما

3

دوست

1273

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25391
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 13:19:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )