نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتى ئۇچۇن چىن دۆلەت رەئىسى قانداق ھۇل سىلىۋاتىدۇ؟
ئاپتورى: رالف بەنكو (ئامىرىكا پرەزىدىنتى رونالد رېگانغا مۇۋەققەت باش سىياسى مەسلىھەتچى بولغان بولۇپ پايتەخت ۋاشىنگىتوندا تۇرىدۇ ۋە خىزمەت قىلىدۇ)
ئېنگلىزچىدىن قەيسەر مىجىت تەرجىمىسى
*********************************************************
تەرجىمان ئېلاۋىسى: بۇ ماقالە بۇ يىل 18-فېۋرال ئامىرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق "فوربېس" جورنىلىدا ئىلان قىلىنغان بولۇپ"ئۇيغۇر" دىگەن سۆز بولغىنى ئۈچۈنلا ساقلاپ قويغان ئىدىم. ماقالە ئىلان قىلىنىپ 9 ئاي ۋاقىت ئۆتتى. چىن ھۆكۈمىتى - ئاپتور ئىيتقاندەك ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا باشلىدى. شۇڭا مەن بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ باغداش ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ماقالە ئالدىراشچىلىقتا تەرجىمە قىلىندى، كەمچىلىكنىڭ بولۇشى تەبىئى، توغرا
كۆزۈڭلار بىلەن ئوقۇپ، كەڭ كۆڭلۈڭلار بىلەن چۈشۈنۇپ قويۇڭلار، ئادەملەر.
ئەلۋەتتە، بۇ گۈزەل تىلەك -ئاپتۇرغا مەنسۈپ. ئەمما مىنىڭ كونكىرتنى قىلىپ قوشۇدىغىنىم - ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەي، ئابدۇۋەلى ئايۇپ-گۈلەنگە ئوخشاش ئىلىم ئىگىلىرى ئەركىن نەپەس ئالماي، ئىشىسىز قىلىۋاتقان ياشلىرىمىز - جەمىيەتتە، خىزمەت پۇرسەتلىرىدە باراۋەر مۇئامىلىگە ئىرىشمەي، قىسقىسى -ئاپتۇر قەيت قىلىپ ئۆتكىنىدەك، پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ، سىياسى، ئىقتىسادى ۋە .ئىجتىماى ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە بولماي تۇرۇپ، - ئاپتورنىڭ ئۇ تىلەكلىرىنىڭ تىلەك پىتى قىلىشى ئىنىق ھەم شۇنداق بولغۇسى!
******************************************************************************************************
قارىغاندا چىن مەملىكىتى 350 دىن ئارتۇق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىنى تاقاش ياكى بۇ تۈزۈمگە قارىتا ھەقىقى مەنىدە چوڭقۇر ئىسلاھات ئىلىپ بىرىشنى ئويلىشىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇ غەرپنىڭ مۇھىم ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تىگىشلىك دىققەتكە ئىرىشەلمىگەن ئەمما تارىخى ئەھمىيىتى چوڭقۇر بىر تەرەققىياتتۇر. بۇ ھەقتە پەقەتلا نېۋ يورك ۋاقتى گىزىتى ۋە رېيتېر ئاگېتىلىغى خەۋەر بەردى. بۇ-مۇشۇ يىلدىكى ھەتتا مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھىغا تولغان ئەڭ چوڭ خەۋەر بولۇپ قىلىشى مۈمكىن. نېۋ يورك ۋاقتى گىزىتىنىڭ مۇخبىرى ئانجىرېۋ جەيكوبنىڭ ئۆتكەن يىلى 15-دىكابىردىكى يازمىسىدىن قارىغاندا ئۇنى چىن پۇقرالىرىدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا قارشى ئامىرىكىدىكى چايچىلار پارتىيىسگە ئوخشاش تەلۋىلەرچە قارشىلىغنىڭ مەۋجۇتلىغىنى سىزەلىگەن تۇنجى ئاخباراتچى دىيىشكە بولىدۇ:
"1950-يىللىرى ماۋزىدوڭ تەرىپىدىن سىنىپى دۈشمەن ۋە ئەكسىلىنقىلاپچىلار گۇماندارلىرىنى جازالاش مەقسىتىدە بەرپە قىلىنغان بۇ تۈزۈمگە قارشى توختىماي ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەپ كىلىۋاتقان بىيجىڭ تېخنىكا ئىنىستىتوتىنىڭ پروففىسورى خۇ شىڭدوۇ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ،- ئەڭ ئەقەللى بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان، مۇقىمسزلىقنىڭ ئوتلىرىنى كۈچەيتىۋىتىدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان، ئاساسى قانۇنغا خىلاپ بولغان ئىنسانلارنى خارلاش رولىىنى ئوينايدىغان بۇ تۈزۈمنى يوق قىلىشنىڭ پەيتى دەل ھازىردۇر!"
------كومپارتىيەنىڭ كانايچىسى بولغان خەلق گىزىتىمۇ بۇ تۈزۈمنىڭ "يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ پۇخرالاردىن ئۆچ ئىلىش قورالى"غا ئايلىنىپ قالغانلىغىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى. ئۆكتەبىردە بولسا ھۆكۈمەت قانۇننى ئىسلاھ قىلىش كومىتىتى بىردەك ھالدا بۇ تۈزۈمنىڭ ئىنسان تەبىتىگە يات تەرەپلىرىنى قاراپ چىقماچقى بولغانلىغىنى بىلدۈردى. يۇقۇرى سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى جىئاڭبىشىن ئۆزىنىڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن ماقالىسىدە "ھاكىمىيەت قانۇن بويىچە ئىش كۆرگەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىغى" ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ياقىلىدى. "پەقەت ھوقۇققا بولغان تىزگىنلەش بولغاندىلا، پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىگى ۋە ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ" دەپ يازىدۇ ئۇ ماقالىسىدە.
چىننىڭ باش ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان رەھبىرى - شى جىن پىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە پىچاقنى كەسمىگەن بولسمۇ، ئەمما ئىسلاھات تەرەپدارلىرى ئۇنىڭ مۇشۇ ئايدا قىلغان بىر قىتىملىق سۆزىدە پۇقرالارنىڭ چىننىڭ ئاساسى قانۇنىدا شەرھىلەنگەن قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشتىن خالى بولۇش ھەمدە ئوچۇق سوت پۇرسىتىگە ئىرىشىش ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولمايۋاتقانلىغىنى ئىغىزغا ئالغانلىغىدىن روھلانماقتا. "بىز چوقۇم ھوقۇقنى تىزگىنلەيدىغان ۋە نازارەت قىلىدىغان بىر مىخانىزىمىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كىرەك" دىدى شى جىن پىڭ.
رېيتېر ئاگېنتىلىغىدىن مايكىل مارتىنا ۋە تەررىل يۆ جونىسنىڭ يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئىيتلىشىچە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ قەدەملىرى پرەزىدىنت شى جىن پىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى بىلەنلا ئىلىنىشقا باشلىنىدۇ دەيدىغان ئۈمۈتلۇك كۆز قاراشلار ئاللىقاچان تۇغۇلۇپ بولدى.
"چىن ھۆكۈمىتى -بۇ يىل ئەمگەك بىلەن ئۆگەرتىشتىن ئىبارەت گەپ-سۆز كۆپ بولغان تۈزۈمنى بۇ يىل ئىسلاھ قىلماقچى، دەپ خەۋەر بەردى ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى،- بۇ يىڭى باش سىكىرتار شى جىن پىڭ بەرگەن قانۇننى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قاراپ تاشلانغان تۇنجى قەدەم.
...چىننىڭ "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمى 1957 -يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان بولۇپ جاما'ئەت خەۋپسىزلىك دائىرلىرىىنىڭ يىنىك جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى سوت ئورگانلىرىدىن مۇستەسنا ھالدا تۆت يىلغىچە تۇتۇپ تۇرىدىغان ھوقۇقنى بەرگەن بولۇپ بەزىلەر بۇ تۈزۈمنى قانۇننى دەپسەندە قىلىش ۋە سىياسى پائالىيەتچىلەرنى باپلاشقا ئىشلىتىشىدۇ دەپ ئەيىپلىشىدۇ. ...
شىنخۇا ئاگىنتىلىغىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىگى قارمىغىدىكى "ئەمگەك بىلەن قايتا تەربىيىلەش" مەھكىمىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە پۈتۈن مەملىكەت داىرىسىدە 350 تىن ئارتۇق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرى بولۇپ 160000 دىن ئارتۇق جىنايەتچى بار ئىكەن.
باش ئىشتاپى نېۋ يوركتا بولغان "كىشىلىك ھوقۇق كۈزەتكۈچىسى" تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېكۇلىن، مەسىلە بار تۈزۈملەرنى ئىسلاھ قىلىشقا قارىتا يىڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئالغان بۇ قەدىمىنى سىمۋللۇق خاراكتىرگە ئىگە، ھىس قىلىشىمچە شى جىن پىڭ قول تۇتۇپ ئىش قىلىدىغانلار تىپىدىن بولۇپ خۇ ۋە ۋېنلاردىن پەرقلىنىدۇ.
بۇلا ئەمەس "ئاسىيا خەۋەرلىرى" - 15 فېۋرال مۇنداق يازدى:
چىن ھۆكۈمىتى دىموكراتىيەگە مايىل ئۆكتىچىلەرنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدىن قويۇپ بىرىشكە باشلىدى.
بۇ ئوبزورچى ئۆتكەن يىلى نويابىردا مۇنداق يازغان ئىدى:
تارىخىلىق نۇقتىسىدىن ئىيتقاندا، چىن مەملىكىكىتىگە شى جىن پىڭنىڭ رەھبەر بولۇشى ئامىرىكىنىڭ پرەزىدىنت سايلىمىدىنمۇ مۇھىم. بۇ نۆۋەتلىك رەھبەرلىك قاتلىمى - قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنىڭ كۆپلىگىنى ۋە ئالدىدا قىيىنچىلىقلارنىڭ مەۋجۇتلىغىنى چۈشۈنىدۇ.
دىنى مەزھەپلەرگە بولغان زىيانكەشلىكنى توختىتىش، ئۆزىنى كۆيدۈرۈرش ئارقىلىق زۇلۇم ۋە مەدىنىيىتىنىڭ ئۆچۈرۈلىۋاتنىغا نارازى بولۇۋاتقان تىبەتلەر ھەمدە شىنجىئاڭدا ياشايدىغان پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە، ئۆزى گۈزەل، كىلىشكەن ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىنسانى مۇئامىلە قىلمىغى لازىمدۇر. كومپارتىيە ئۆزىنىڭ قانۇنى ئورنىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، مۇشۇنداق قىلىشى جىددى زۆرۈردۇر. يىڭى رەھبەرلىكنىڭ "پارتىيىنىڭ ۋەزىپىسى ھەر مىللەت خەلقىغە يىتەكچىلىك قىلىش" ئىكەنلىگىنى تەكىتلىشى كىشىگە ئۈمىت بىغىشلايدۇ. ئەمدىكى مەسىلە - چىرايلىق گەپنىڭ ھايال قىلماي ئەمىليەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تىپىشىدۇر.
دەرھەقىقەت، گەپلەر ئەمىليەتكە ئايلىنىشقا باشلاۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ بۇ ئوبزورچى ماقالىسىدىن ياڭرىغان سادا بىلەن ھىچ مۇناسىۋىتى يوق، بەلكى بۇنىڭ ھەممىسى چىن خەلقىنىڭ خاراكتىرى بىلەن باغلىنىشلۇقتۇر... شۇنداقلا يەنە كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇھىملىغىنى، چىرىكلىكنى يوقۇتۇشنىڭ زۆرۈرلىگىنى ۋە ئىسلاھات ئىلىپ بىرىشنىڭ چىن مەملىكىتىىنى ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلىگىنى تونۇپ يەتكەنلىگىدىندۇر.
كىشىلىك ھوقۇق پاالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بىرىشنى باشلاش بولسۇن ۋە ياكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ياكى تاقاش بولسۇن- 21-ئەسىردىكى كىشىلىك ھوقۇق تارىخىدىكى بىر مۇھىم پارلاق ئىشتۇر. چىن دۇنيا سودىسىنىڭ ھەجمى جەھەتتە ئامىرىكىدىن ئۆتۈپ كىتىش ھالىتىدە تۇرماقتا.
پرەزىدىنت شى جىن پىڭنىڭ " بىز چوقۇم ھوقۇقنى تىزگىنلەيدىغان ۋە نازارەت قىلىدىغان بىر مىخانىزىمىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كىرەك" دىگەن سۆزلىرى ۋە يۇقۇرى سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى جىئاڭبىشىننىڭ "پەقەت ھوقۇققا بولغان تىزگىنلەش بولغاندىلا، پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىگى ۋە ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ" دەپ خىتاپ قىلىشلىرى كىشىگە بۇ سۆزلەرنىڭ بىۋاستە لوككى ۋە جېففىرسوننىڭ نۇتۇقلىرىدىن ئىلىنغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ.
ئەلۋەتتە، نۇرغۇن ئىشلار ئەمەليەتكە ئايلىنىشى كىرەك بولۇپمۇ دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئۆزى ۋەدە قىلغان مىھىر-شەپقەتنى ئەمەلدە كۆرسۈتۈش كىرەك. ئۇيغۇرلارنى ۋە تىبەتلارنى بىسىش ئەمەس بەلكى ئۇلارغا كۆيۈنۈش ۋە قوللاش، چىن مەملىكىتىنىڭ، چىن كومپارتىيىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن . خۇددى چىننىڭ دۇنياغا تونۇلغان قەدىمقى دانىشمىنى لاو زې ئىيتقاندەك:
"بۈيۈك دۆلەت - پۇخرالارنى توپلايدۇ ھەم قوغدايدۇ،
كىچىك دۆلەت بۈيۈك دۆلەتكە قوشۇلۇشنى ۋە خىزمەتتە بولۇشنى ئىستەيدۇ.
شۇندىلا ، ھەر ئىككىىسى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئەمما بىر شەرت، بۈيۈك دۆلەت، كىچىك پىئىل بولمىسا بولمايدۇ!
مۇشۇ ۋەجىدىن نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتى كومىتىتىتى بۇ يۈزلىنىشكە دىققەت قىلىشقا چاقىرىلىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئىنسانى سىياسەتلەر داۋاملىق روياپقا چىقىدىكەن، پرەزىدىنت شى گە نوبىل مۇكاپات تارتۇق ئىتىلسە، بۇ
چىن مەملىكىتى ۋە دۇنيا ئۈچۈن دەۋر بۆلگۈچ زور بىر ئىش بولىدۇ. چىن مەملىكىتى ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىغا دىققەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشىشى -ئىسلاھات تەرەپدارلىرىغا قىلىنغان ئەڭ زور تارتۇق بولغۇسى.
تارختا -ئامىرىكىمۇ كىشىلەرنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيپلەپ تۈرمىگە تاشلىغان. توماس جېففىرسون پرەزىدىنت بولۇشى بىلەنلا ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلغان. ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش- شى نىڭ ئەمىلى ئىش قىلىدىغانلىغىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم نۇقتىدۇر.
بۇ يىل نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسۈتۈش ---بىرىنچى فېۋرال ئاخىرلاشتى. 2013-يىلى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا چىن مەملىكىتىنڭ ئىرىشىشى بەلكى بالدۇر بولۇپ قىلىشىى مۈمكىن. مۇبادا، سىياسى ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بىرىش داۋاملاشسا، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرى تاقالسا، ھەمدە ھۆكۈمەت دائىرلىرى ۋەدە ئىلغان "ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يىڭى تارىخى سەپەرگە ئاتلىنىشقا " قارىتا ئەھمىيەتلىك قەدەملەر بىسىلسا، شى ۋە كومپارتىيىدىكى بۇ ئىنسانى يۈزلىنىشنى قوللاش نۇقتىسىدىن نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنى پرەزىدنت شى گە بەرسە ئارتۇق كەتمەيدۇ!
|