قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 13001|ئىنكاس: 126

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىل - يېزىغىنىڭ ......

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

-2

تېما

21

دوست

1260

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 393
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 20:28:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulquddus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-30 02:43  

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرتىل - يېزىغىنىڭ ئالەمشۇمۇل تارىخى رولى توغرىسىدا

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن!
      
          ئىنساننى بارچە مەخلۇقاتتىن تىل شەرىپى بىلەن ئۈستۈن ۋە سۆزلىشىش لەززەتى بىلەن يۈكسەك قىلغان ئاللاھۇ تائالاغا سانسىز تەشەككۈر ۋە تۈگىمەس ھەمدۇ - سانالار بولسۇن!
       «سۆز ئۈنچەدۇر، ئۇنىڭ دېڭىزى كۆڭۈلدۇر. كۆڭۈل پۈتۈن مەنالارنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغۇچىدۇر. جەۋھەر دېڭىزدىن غەۋۋاس  ۋاسىتىسى بىلەن چىقىپ ئۆز جىلۋىسىنى نامايىش قىلىدۇ، گەۋھەرشۇناسلار ئىچىدە ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، كۆڭۈلدىكى سۆز ئۈنچىلىرىمۇ نۇتۇق شەرىپىگە شۇ ئىشنىڭ ماھىرلىرى ۋاسىتىسى بىلەن ئېرىشىپ ئۆز كۆركىنى تاپىدۇ ۋە ئۆز قىممىتى  ھەم مەرتىۋىسىگە قاراپ  يېيىلىدۇ ۋە شۆھرەت قازىنىدۇ. گەۋھەرنىڭ قىممەت دەرىجىسى بەك كۆپتۇر، ھەتتا بىر تەڭگىدىن يۈز تۈمەن  تەڭگىگىچە  دېسىمۇ بولىدۇ.»(ناۋايى)
     بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ قەلپ دېڭىزىدىكى مۇنداق بى باھا گۈھەردەك قەدىر-قىممەتلىك ئۈنچە -  مەرۋايىتتەك سۆزلىرىلا شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ تەسۋىر يەتكۈسىز بەخت خۇشاللىغىنىڭ تەسۋىر يەتكۈسىز مەنالارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ.
     بۇ ھەقىقەتنى چۈشەنمەسلىك ئۇچىغا چىققان نادانلىق.
     بۇ تىرىكلىك ئالىمىدە كىشىنى ئانا تىل ئەركىنلىگىدىن مەھرۇم قىلىش ، ماھىيەتتە ئۇ مىللەت كىشىلىرىنى  يۇقېرىدا  تەرىپلەنگەن بى باھا گۈھەردەك قەلپ سۆزلىرىدىن مەھرۇم قىلىش، ھەتتا ئۇ مىللەتنى يوق قىلىش دېمەكتۇر. بۇ دېمەك، ئىنسان تەبىئىتىگەئەسلا ماس كەلمەيدىغان خاھىش، ھەتتا كىشىنىڭ ئىنسانلىق شەرىپىنى يەرگەئۇرىدىغان رۇشەن بىر ئىپادىسىدۇر.
     شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مىللىي تېرىتۇرىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك مىللەت مائارىپى ھەققىدىكى قانۇنىدا ھەرمىللەتنىڭ ئانا تىل - يېزىغىنى قوللۇنۇش ئەركىنلىگى بارلىغى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
     ئەمما كۆپ ئەپسۇس، نۆۋەتتە بۇ قانۇن -نىزاملارغا بەزى جايلاردا ئەھمىيەت بىرىلمىگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر  تىل -يېزىغىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى تۇنۇپ يىتىلمىدى. شوڭىلاشقىمۇ ئۇيغۇر تىل -يېزىغىنىڭ قوللىنىلىشى چەكلىنىدىغان خاتا خاھىشلارمۇ باش كۆتۈرۈپ قالدى.
     ئۇنداق بولسا چۇڭقۇرراق ئويلىنىپ كۆرەيلى،___ زادى ئۇيغۇر تىل – يېزىغى ھەقىقىتەن ئىلمىي قىممىتى يوق ، تارىخىي رولىغائەھمىيەت بىرىشكە ئەرزىمەيدىغان تىل – يېزىقمىدۇ ؟؟؟
     زادى ئۇيغۇر تىل-يېزىغى ھەقىقىتەن ئەمەلدىن قېلىشى كېرەكمىدۇ؟
     ياق!
     مۇقەررەركى ، بۇ ئازىراقلا ئىمانى ، ۋىجدانى بار ھەر قانداق ئىنساننى قاتتىق ئويلاندۇرىدۇ!
ئەلبەتتەكى، ــــ بىزنى ۋە بىزنىڭ تىل ــ يېزىغىمىزنى « تۇسالغۇ » دەپ قاراش ۋە بىزنىڭ ئىلىم ئەرباپلىرىمىزنىڭ دەرس مۇنبەرلىرىدە خاس ئانا تىلىنى قوللىنىشىنى چەكلەپ، قوللانسا«گۇناھـكار » ھېساپلاپ ئىلىم – مەرىپەت ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىش  ،ھەتتاكى پەرزەنتلىرىمىزنى ئانا تىلىدىن مەھرۇم قىلىۋېتىش ـــ بىز ئۈچۈن قاتتىق ۋىجدان ئازابى چەكتۈرگەن ۋە چەكتۈرىۋاتقان ھاقارەتلىك ھادىسە .......!
     ھەركىم ياخشى بىلىشى كېرەككى، بىزئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتتا مۇتلەق ئۈستۈنلىگىمىزنى ئەبەدىي ساقلىيالايدىغان ۋە شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئەبەدىي زور تۆھپىلەرنى قوشالايدىغان ئېقىل ــ پاراسەتلىك، چىدام ــ جاسارەتلىك مىللەت ئىكەنلىگىمىزدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ھەر قانداق بانايى ــ سەۋەپلەر بىلەن يوق قىلىۋېتىش   ئەسلا  ۋە ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ۋە مەن قۇياشنىڭ نۇرىدەك پارلاق ئىلمىي ھەقىقەتنىڭ ھۆكمى بىلەن شۇنى ئېيتىشقا ئىمانىم كامىلكى ، بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئانا تىل – يېزىغىمىز خەلقئارالىق ۋە باشقا خىل تىللاردىن ( جۈملىدىن شۇ تىللاربىلەن مۇناسىۋەتلىك يېزىقلاردىن ) زادىلا قالغۇچىلىگى يوق تىل – يېزىق بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشۇشتا ھەر قانداق تىل – يېزىقنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرالىغان ۋە مەڭگۈ تۇرالايدىغان ئالەمشۇمۇل ئىلمىي قىممەتكە ۋە ئۇلۇقۋارتارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە شۇڭا قوللىنىلىش قىممىتى ئاجايىپ يۈكسەك ھەقىقىي دۇنياۋىي تىل - يېزىقتۇر !!!
     مۇشۇ تىل – يېزىقنىڭ ئېگىسى بولغان ئۇيغۇرلار بولسا تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ھەقىقىي جاسارەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋەداھىيانە يىتەكچىسىدۇر !!!
     ئەنەتارىخ! _______________________
     دۇنيادامەۋجۇت 7000 خىلدىن ئارتۇق تىلداسۆزلىشىدىغان ئىنسانلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىي ھايات سەۋىيىسى  ئۇزۇن جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىغىنى ۋە تۈۋەندىكى سېخىمىلىق باغلىنىشتىكىدەك ئىكەنلىگىنى رۇشەن كۆرسەتتى :

     دىققەت! ــ سېخىمىدىكى Uygur دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا قاراڭ.
    بۇ سېخىمىداكۆرۈنگەن مانا شۇ « مۇ » غا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتى ئۈچۈن 50 نەچچە يىللىق ھاياتىنى سەرپ قىلىپ پۇلاتتەك دېلىللارنى توپلىغان ئىنگىلىز تارىخشۇناسى،ئارخېئولوگ جەيمز چېچۋورد (JamesChurchward)نىڭ «مۇ قۇرۇغلۇقى» ناملىق كىتاۋىدا ، ئىنسانىيەت تەخمىنەن بۇنىڭدىن 200 مىڭ يىلبۇرۇن« مۇ قۇرۇغلۇقى » دا پەيدا بولغانلىغى سۆزلىنىدۇ.
     ئاپتور بۇ كىتاۋىدا ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلغانلىغىنى ناھايىتى ياخشى دەلىللىگەن.
     ئاپتور  بۇكىتاۋىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولىشىغا مۇستەھكەم ئاساسلارنى سالغان  يادرولۇق مىللەت ئىكەنلىگىنى، دېمەك پارلاق ئىنسانىي مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمقى ئۇستازى دەل ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ، ئۇيغۇرلار «بۇيۇك ئۇيغۇرئىمپېرىيىسى» نى قۇرۇپ ئاسيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەنلىگىنى ۋە ئىلىم – پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە گۈللىنىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىگىنى ئالاھىدە سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئېلىپ  ، بۇ ئىمپېرىيىنىڭ تېرىتۇرىيىسى ، قۇدرىتى ، تەسىرى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى كۆپلىگەن تارىخىي ھەمدە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ ،ئاسترونومىيە ، مېتاللورگىيە ، توقۇمىچىلىق سانائىتى ، بىناكارلىق ، ماتېماتىكا ،زىرائەت يېتىشتۈرۈش ، مائارىپ ، دوختۇرلۇق ــ تىبابەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىلىملىك خەلق ئىدى ، يىپەك ، تاختا ۋە مېتال ئۈستىگە خىلمۇ ـ خىل گۈل – نەقشلەرنى چىقىرىشنىڭ ئۇستىلىرى ئىدى . ئالتۇن ، كۈمۈش، برونزا ( تۇچ ) ۋە سېغىز توپىلاردىن ھەيكەل ياسىيالايتتى. بۇ ، مىسىر تارىخىنىڭ باشلىنىشىدىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللار ئىدى» دەپ كۆرسىتىدۇ .خەرىتىگەقاراڭ:
     ئاپتور « مۇنىڭ قۇتسال سىمۋوللىرى » ناملىق كىتاۋىدا يەنە : « پۈتكۈل مۇ مەدەنىيىتى دەۋرىدىكى ئىنسانلار ئۇيغۇرلارنىڭكىنى ئاساسلىق ھالدا تاللىغان . ....... ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقات ، بىلىم، ئىجتىمائىي ھايات ، ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ، ئىنسان بىلەن كائىنات ئارىسىدىكى قۇرۇلمىلار جەھەتتىن قالدۇرۇپ كەتكەن ئاساسلار ناھايىتى توغرا »، دەپ يازىدۇ .
     ئاپتور ئەمدى «مۇ قۇرۇغلۇقىنىڭ ئەۋلاتلىرى»ناملىق كىتاۋىدا بولسا خەنلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ : « خەن مەدەنىيىتىنى ناھايىتى قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى، دېگەن كۆز قاراش تولا ئۇچرايدۇ. ئەسلىدە خەن مەدەنىيىتى ئارانلا بەش مىڭ يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە خەنلەر ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆزلىرى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنمىش. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار بۇ مەدەنىيەتنى ئۆزلىرىنىڭ ئەجداتلىرىدىن ئالغان. خەنلەر مۇڭغۇللارغا ناھايىتى ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن ئۇلار يېرىم مۇڭغۇللار. ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى ئاق تەنلىك ئۇيغۇرلار ئىدى. ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە ئاق تەنلىك ئۇيغۇرلار بىلەن سېرىق تەنلىك مۇڭغۇللار ئوتتۇرىسىدا ئارىلاش نىكاھ ناھايىتى كەڭ دائىرىدە ئەۋج ئالغان. مۇڭغۇللارنىڭ ئېلى جەنۇپ تەرەپتە ئىدى. ئەنە شۇنداق نىكاھلاردىن تۇغۇلغانلار دەسلەپكى خەن ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. يازما مەنبەلەردە مۇنداق دېيىلگەن: « ئۇيغۇر ئەركەكلىرى ئەڭ گۈزەل سېرىق تەنلىك ياۋايىلارغا ئۆيلەندى » .بۇ  خاتا تەرجىمە. چۈنكى مۇنداق نىكاھلار قىلىنغان دەۋرلەردە يەر يۈزىدە ھېچقانداق ياۋايىلىق بولمىغان . بۇ يەردە سۆز «تۈۋەن سېرىق ئىرق» ھەققىدە بولغان. بۇ رىۋايەتلەر بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ. ئۇ رىۋايەتلەردە مۇنداق دېيىلگەن : «سېرىق تەنلىك مۇڭغۇللار ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا خېلىلا ناچار تەرەققىي قىلغان. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى خېلىلا تۆۋەن ئىدى.» ھازىرقى خەنلەرنىڭ كۆپچىلىگى ، بولۇپمۇ ئېسىل قانلىق خەنلەر ئاق تەنلىكلىگى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇمۇرىدا ئۇيغۇر قېنى ئېقىۋاتىدۇ. قاتاردىكى تۈۋەن سىنىپ ۋەكىللىرى بولغان جەنۇپلۇق خەنلەردە ئۇيغۇر قېنى يوق. ئۇلار قەدىمىي سېرىق تەنلىك مۇڭغۇللارنىڭ ئەۋلاتلىرى.
     مۇنداق ئارىلاش ئائىلىلەردىكى ئۇيغۇر ئاتىلار بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە قېلىپلاشقان ئۆلچەم بۇيىچە بىلىم ئېلىشىنى جىددىي نازارەت قىلاتتى. دېمەك، خەنلەرنىڭ ئېمپىرىيىسىنى ئۇيغۇر قانلىق، ئۇلۇق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلەنگەن ئادەملەر قۇرغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى، خەنلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن كەلگەن. بۇ مەدەنىيەتنى خەنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرئاتىلىرى تاپشۇرغان. خەنلەرنىڭ داۋجاۋ ئىبادەتخانىلىرىدا يۇقېرىدا ئېيتىلغانلارنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلەر ساقلانماقتا.» ( شۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچەنەشرى(قىرغىزىستان - بىشكەك)، 227 - 228-بەتلەر)
     مەلۇمكى ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدابولۇش تارىخى ۋە تۇنجى ماكانى توغرۇلۇق ياۋرۇپا تارىخچىلىرى قەدىمقى مىسىر ،بابىلون ، گرىتسىيە ۋە رىم ئېمپىرىيىسى ، ئاندىن قالسا جۇڭگۇ ۋە ھىندىستاننى تىلغائېلىشىدۇ .
     ئەمما جەيمز چېچۋود 50 يىللىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ سەمەرىلىك مېۋىسى بولغان « ئۇلۇق ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى » ناملىق كىتاۋىدا بۇنى رەت قىلىپ  مۇنداق دەيدۇ : « ئۇيغۇرلار مۇندىن 20000 يىل بۇرۇنلا مەدەنىيەتنىڭ يۇقېرى پەللىسىگە چىققان . ئۇلار ئاسترونومىيە ، كانچىلىق ، توقۇمىچىلىق، ئارخېولوگىيە ، ماتېماتىكا ، يېزا ئېگىلىگى ، يېزىق ، تىبابەتچىلىك ۋە باشقا پەنلەرنى بىلەتتى . ئۇلار يىپەك ، مېتال ۋە ياغاچتىن ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى تەييارلاشقا ماھىر ئىدى .ئالتۇن ، كۈمۈش ، برۇنزا ۋە لايدىن ھەيكەللەرنى ياسىيالايتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىر مەدەنىيىتى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن . قەدىمىي گرېك ، خالدېي ، ۋاۋىلونلار ، پارسلار ، مىسىرلىقلار ۋە ھىندىلارنىڭ مەدەنىيىتى قەدىمىي « مۇ »دەۋرىدە يارىتىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاساسىدا پەيدا بولغان .» (ئۇيغۇرچە نەشرى، 14 – بەت )
     يەنە تۈركىيىنىڭ «ئەرگىنەقۇن» (ErgineQun) گېزىتىدە مۇھەررەم قىلىچ تەرىپىدىن«شىئەندە قۇرۇلغان ئۇيغۇرئەلئېھرامى » ناملىق بىر پارچە ناھايىتى قىممەتلىك ماقالەئېلان قىلىنغان بولۇپ ، ماقالىدە « ئۇيغۇر رايۇنىدا بايقالغان ، ياسىلىش دەۋرى مىسىر ئەلئىھرامىدىن 100 نەچچە يىل بۇرۇن بولغان ، مىسىردىكى ئەلئېھرامدىن تېخىمۇ ئىگىز ھەم ھەيۋەتلىك بولغان ئەلئېھرامنى ياسىغۇچى خەلق ھەقىقىي ئۇيغۇر تۈركلىرىدۇر. بۇ رايۇنغا كىرىش جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي چەكلەنگەن . بۇ رايۇنغا ھەتتائارخېئولوگلارنىڭ كىرىشىگىمۇ قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ . چۈنكى بۇ ئەلئېھراملارنىڭ ئىچىدە پروتو ـ تۈرك ( Proto- Türk  )يازمىلىرى بار بولۇپ، بۇ سىرلىق ئەلئېھراملار دۇنيا تارىخىنىڭ قايتا يېزىلىشىغاسەۋەپچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر جۇڭگۇ چېگرىسى ئىچىدىكى شىئەندىن 100كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چىنلىشەن تېغى ئۈستىدە قەدىمقى ئۇيغۇرلارتەرىپىدىن بىنا قىلىنغان 100 دىن ئارتۇق كىچىك ئەلئېھراملار بار بولۇپ ، ئىگىزلىگى300 مىتىردىن ئاشىدۇ. بۇ ئەلئېھراملارنى تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش ئۈچۈن 1994 –يىلى شەنشى رايۇنىدا تەتقىقات ساياھىتى ئېلىپ بارغان گىرمانىيىلىك ئالىم ھارتۋېگ ھاۋستوف ئۆزىنىڭ رەسىم ئالبومىدىن بىر قانچە رەسىمنىڭ خەلققە كۆرسىتىلىشىگە رۇخسەت قىلىنغان . ھاۋستوفنىڭ قارىشىچە ، ئەلئېھراملارنىڭ بىنا قىلىنىش تارىخى ئەڭ ئاز مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2500 يىللار ئەتراپىدىدۇر . بۇ رايۇننىڭ چەكلەنگەن رايۇن قىلىنىپ ئېلان قىلىنغانلىغى سەۋەپلىك ئەلئېھراملارنىڭ ئىچىدىكى مىسىر ئەلئېھراملىرىدىنمۇ يۇقېرى تېخنىكا بىلەن مۇميالاشتۇرۇلغان جەسەتلەر ۋە قېدىمقى تۈركچە يازمىلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش مۇمكىن  بولمايۋاتىدۇ »دېيىلگەن .
     تۈۋەندىكى رەسىم مانا شۇ ئەلئېھراملارنىڭ  بىرى :
     مانا مۇشۇنىڭ ئۈزىدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، ئىلىم – پەن ،تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت – سەنئەت جەھەتتە قانچىلىك ئىلگىرى ئىكەنلىگى ۋە قانچىلىك ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەنلىگىنى ناھايىتى رۇشەن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .
     ئۇيغۇرلار مانا شۇنداق ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن باشلاپلا يېزىق قوللۇنۇپ سەلتەنەتلىك مەدەنىيەتلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ ئىنسانىي ياشاشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىۋاتقاندا ، باشقىلار خىلمۇ – خىل دەت – تالاش ، جەڭگە –جىدەللەر بىلەن ئاۋارە ئىدى . بۇ ھەقتە تۈركچە ئىشلەنگەن « بوز قىرنىڭ ئويغىنىشى »ناملىق خەرىتىدە تەپسىلى چۈشەنچىلەر بىرىلىپ ، ئۇيغۇرلارغا نىسپىتەن ، « ئۇرۇش –جىدەلنىڭ ئورنىغا ئەدەبىيات » ماۋزۇسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل ئىنسانىي ھاياتنى ئەڭ بۇرۇن باشلىغانلىغى ، قەدىمى تەككەنلا يەردە ئىلىم – مەرىپەت گۈللىرىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغانلىغى قىزغىن مەدھىلىنىپ ، « ....شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار تۈرك ،مۇڭغۇل قەۋملىرى ئىچىدە بۇيۇك ، ئىلغار بىر قەۋم ئىكەنلىگىنى نامايان قىلدى ،چىڭگىزخان زامانىغا كەلگەندىمۇ ئۇلار قەۋملەرنىڭ تەربىيىچىلىرى بولغان ئىدى . ....» دېيىلىدۇ . بۇ باھاغا ناھايىتى يېقىن ھالدا فرانسىيىلىك مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسياشۇناس تارىخچى گراسېر ئەپەندىمۇ 1930– يىللىرى يازغان « يايلاق ئىمپېرىيىلىرى » ناملىق كىتاۋىدا قېدىمقى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە توختۇلۇپ ، « ئۇيغۇرلار تۈرك ، مۇڭغۇل خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ ، چىڭگىزخان دەۋرىگە كەلگەندىمۇ يانىلا تەربىيىلىگۈچىلەردىن ئىدى » دەپ يازغان بولسا ، ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى دېنىس سنور ئەپەندى 1960 –يىللىرى يازغان« ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسيا » ناملىق كىتاۋىدا ئۇيغۇرلارنى «تۈرك تىلىداسۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەر ئىچىدە ھېچ قايسىسى ئۇيغۇرلار يەتكەن مەدەنىيەت دەرىجىسىگە يېتەلمىگەن » دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. دەرۋەقە تارىختا چىڭگىزخاندەك قۇدرەتلىك جاھانكەشتلەرمۇ بىلىم ۋە ئەقىل – پاراسەتتە ئۇيغۇر كاتىپ –باخشىلىرىنى ئۇستاز تۇتقان ۋە ئۇيغۇر يېزىغىنى ئۆگۈنۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر يېزىغى مۇڭغۇللارنىڭ دۆلەت يېزىغى بولۇپ قالغان ئىدى.
     ئىلىم ھەقىقىتىگە ئوتتەك مۇھەببەتلىك يەنە قانچىلىغان ئالىملارمۇ باركى ، ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ناھايىتى قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ناھايىتى يۈكسەك باھالارنى بەرگەن . بۇلاردىن شۋېتسىيىلىك مەشھۇر تىلشۇناس گۇننار يارىڭ « ئۇيغۇر تىلى » ناملىق 4 توملۇق كىتاۋىنى يازغان بولسا ، گېرمانىيىلىك پروفېسسور گابائىن خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، دىنىي ئېتىقادى ، تىل- يېزىغى ۋە مەدەنىيەت – سەنئىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا پۈتۈن ئۆمرىنى بېغىشلىغانكى ، ئۆمۈرۋايەت تۇرمۇشلۇق بولماي ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك ئىلمىي نەتىجىلەرنى ياراتقان بولۇپ ، ئۇنىڭ « قېدىمقى ئۇيغۇر تىلى » ، « قېدىمقى تۈركىي تىللار » ، « ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى»...... قاتارلىق 10 نەچچە پارچە ئىلمىي ئەسىرى ، 200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ۋە تەقرىزلىرى بار .
     ئۇلاردىن باشقا تۈرك ئالىم ، پروفېسسورلاردىن ئوكتاي سىنان ئوغلى مۇنداق دەيدۇ : « بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ ياخشى تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن ئىنگىلىزچىنى بىلىدىغان ئەمەس ، ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغان مىڭلىغان مۇتەخەسىسلەرنى يېتىشتۈرۈپ ئون مىڭلىغان ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلدۇرۇش لازىم . » (تەتقىقاتچى يازغۇچى تۇرغاي تۈپەكچى ئوغلى : « پروفېسسور دوكتۇر ئوكتاي سىنان ئوغلى ۋە تۈركچە » ، 289 - 290 – بەتلەر ) ،« ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇنيانىڭ ھازىرقى ۋەئۆتمۈشىدىكى ئەڭ بۇيۇك ، ئەڭ ئىنسانىي مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئىدى . ئىنساننىڭ باياشاتلىغى ، ھۇزۇرى ۋە بەخت – سائادىتىنى ئاساس قىلغان دۆلەت ھاكىمىيىتى چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يۇرت سورىغانلارمۇ ئۇيغۇرلاردۇر . باشقا تۈرك دۆلەتلىرى ۋە ئاخىرىدا ئوسمانلىقلارمۇ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشنى ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بۇيىچە داۋاملاشتۇرغان . » ( شۇ كىتاپ ، 252 – بەت ) ، « تۈرك دۇنياسى ، ھەتتاپۈتكۈل ئىنسانلار ئۇيغۇرلارغا كۆپ جەھەتتىن قەرزدار . ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇيۇك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن . دۇنيا بۇيىچە ئىنساننىڭ بەخت –سائادەتلىك بولىشىنى ئالدىنقى رەتتە قويغان دۆلەت باشقۇرۇش ئېڭىنى ۋە تۈزۈلمىسىنى، نۇرغۇنلىغان سەنئەت ۋە تېخنىكىنى ، ئەڭ ئىلغار تېرىقچىلىق ۋە سۇغۇرۇش ۋە بوستانلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۇلار ئىجات قىلغان . ئوسمانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېيىنكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بۇيۇك مۇۋاپپىقىيەتلىرى مانا شۇ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن... 20 يىل بۇرۇن ياپۇنىيىدىكى جىددىي ئىزدىنىشلىرىم جەريانىدا ياپۇنلارنىڭ دىققىتى قوزغالدى .ھازىر ئۇلار تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى . بىز ياپۇنلار بىلەن بىرلىشىپ «ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش مەركىزى» نى قۇرىشىمىزلازىم . ئوسمانلىق ئارخىپ  بەلگىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر بىلىم قوشۇنىنىڭ يېنىدا يەنە ئۇيغۇر تىلى ،يېزىغى ۋە تارىخى بۇيىچە كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەرنى تېزلىكتە يېتىشتۈرىشىمىز لازىم.» ( شۇ كىتاپ ، 283 – بەت )
       ئەمدى ،تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونا مەدەنىيەت مېنىستىرى نامىك كەمال زەيبەك ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ : « .... تۈركىيىدە قوللىنىلىۋاتقان ‹ئۇيغارلىق› دېگەن سۆزنىڭ ئەسلىسىمۇ ‹ئۇيغۇرلۇق› تۇر . .... « ھازىرقى زامان تارىخى » ئىنسانىيەت تارىخىنى ئەڭ كۆپ 6 – 7 مىڭ يىل كەينىگە قايتۇرۇپ سۈمەرلەر بىلەن باشلىنىدۇ . ... ئەمما تارىخنى تېخىمۇ كەينىگە سۈرىۋاتقان تەتقىقاتچىلارمۇ بار . مەسىلەن ، « مۇ » ( MU)ئۇيغارلىغى ناملىق ئىلمىي ماقالىنى كۆرىدىغان بولساق ، ئۇنىڭدا ، بۈگۈن ياشىۋاتقان دۇنيامىزغا 12 مىڭ يىل بۇرۇن ھاكىم بولغان ، دۇنيانى باشقۇرغان بىرئىمپېراتۇرلۇق بار بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىسمى «ئۇيغۇر ئىمپېراتۇرلىغى»دىن ئىبارەت..... دېگەن ئۇلۇق ئىلمىي ھەقىقەت ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان » ، « قوللىنا –قوللىنا ئۆگۈنۈپ قالغان ئاشۇ « ئۇيغارلىق » دېگەن سۆزگە بىر قاراپ باقايلىمۇ ؟ بۇنىڭ ئەسلىسى « ئۇيغۇرلۇق » تۇر . «ئۇيغۇرلۇق» دېگەن سۆز بىرئاز ئۆزگەرتىلىش ئارقېلىق مانا شۇنداق «ئۇيغارلىق» دېيىلىدىغان بولۇپ قالغان . ... بۇ ئۇيغۇرلار زادى كىم ؟... نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلۇق ؟ چۈنكى ، مۇندىن 12 مىڭ يىل ئىلگىرى ئاسيا ۋەياۋرۇپانى ئۇيغۇرلار باشقۇرغان ۋە پۈتكۈل خەلقلەرگە «ئۇيغارلىق» نى ئېلىپ كەلگەن ئىدى .بىلىنگەن پۈتكۈل مەدەنىيەتلەرنىڭ تۇنجى مەنبىئىمۇ ئۇيغۇرلار ئىدى . ....ئاتا تۈرك نىمە دېدى ؟ خوش ، تارىخىي قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنلەر ئۇيغۇرلارنى نەگە باغلايدۇ ؟ جەيمز چېچۋود « مۇ ئۇيغارلىغى » دەيدۇ ۋە «مۇ قىتئەسى» قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . ئاتا تۈركمۇ يۇقېرى قابىلىيىتى ، ئالاھىدە سەزگۈ كۈچى ۋە ھەقىقىي ئىلمىي تەھلىللىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسيادا ياشىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . 50 مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسيادا بىر–بىرىگە تۇتاش دېڭىزلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ئىچكى دېڭىز بار ئىدى . بۇ ئىچكى دېڭىزنىڭ ئەتراپىدا كۆركەم بىر مەدەنىيەت ( ئۇيغارلىق ) بار ئىدى. بۇ ئۇيغارلىق ئامېرىكا قىتئەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتكۈل دۇنيانى ئىدارە قىلدى،تەسىرلەندۈردى ۋە ئۇيغارلىقنى تارقاتتى. .... » ( نامىك كەمال زەيبەك :« ئاناتولىيەگە قاچان كەلدۇق ؟ » )
     يەنە ، مەشھۇر تارىخشۇناس مورگان ئەپەندى : «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم دەريا ۋادىسىغا كۆمۈگلۈكتۇر . قاچان شۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرىمۇ شۇ چاغدا ئېچىلىدۇ .»دېگەن بولسا ، رۇس ئالىمى كۇزنىتسوف : « ئوتتۇرا ئاسيانى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بىر ئوچىغى دەيدىكەنمىز، شۇ مەدەنىيەتنى ياراتقۇچىلار ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ئونۇتماسلىغىمىز كېرەك .»دەپ ئالاھىدە ئىزاھلايدۇ .
      ئەمدى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11–ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئالىمى ، تۈركىلوگ مەھمۇت قەشقېرى ئالەمشۇمۇل شاھ ئەسىرى « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى يېزىپ ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ، مەدەنىيىتى ۋە باشقا تۈرلۈك ساھەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاجايىپ قىممەتلىك چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، شەرق مەدەنىيەت ئويغۇنىشىنىڭ تۇنجى باسقۇچىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىرىنچى ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان ئىدى . «تۈركىي تىللار دىۋانى » ياۋرۇپا ئىلىم – پەن ئالىمىدە ، بولۇپمۇ تۈركىلوگىيە ساھەسىدە زور ۋەقە ھېساپلانغان ئىدى . بۇ ھەقتە يېزىلغان نېمىسچە ، ۋېنگىرچە ،رۇسچە، ئىنگىلىزچە كىتاپ ۋە ماقالىلار ھەددى – ھېساپسىز . خۇسۇسەن ، « تۈركىي تىللار دىۋانى» سەۋەپلىك ئالىمنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتى ئۈچۈن ب د ت 2008 - يىلنى مەھمۇت قەشقېرىنىڭ خاتىرلىنىش يىلى قىلىپ بېكىتتى !
     مەشھۇر شائىر ، تىلشۇناس ۋە خەتتات مىرزائەلىشىر ناۋايىمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغۋار تىل ئىكەنلىگى توغرىسىدا «ئىككى تىل توغرىسىدا مۇھاكىمە» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ ، ئۆزىنى تىپ قىلغان ھالدا شەرق مەدەنىيەت ئويغۇنىشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرىنى يارىتىشقا قاتتىق كۈچ سەرپ قىلغان ئىدى .
    يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 – ئەسىردە ياشىغان بۇيۇك مۇتەپەككۈر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ چوڭ ھەجىملىك داستان «قۇتاغۇ بىلىك » (بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم ) نى يازغان بولۇپ ، بۇئەسەر ئىلمىي ۋە بەدىئىي قىممىتى بىلەن جاھان مەدەنىيىتى سەھنىسىدە ئىنسانىيەت تەپەككۈرىنىڭ ئىسىل دۇردانىلىرىدىن بولغان مەشھۇر شاھ ئەسەرلەر قاتارىدا ئۇزۇندىن بۇيان پەخرى ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە . يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئەسىرىدە ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈش ، بىلىم ،ئەقىل – پاراسەت ۋە ئەخلاقنى ئىززەتلەش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئىجتىمائىي غايىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . بۇ ئەسەر تىل ۋە شېئىرىي ئۇسلۇپ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىگى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ 11 – ئەسىردىلا خېلى يۇقېرى سەۋىيىگە يەتكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ .
     يەنە كۆرسەك ، مۇندىن 2 – 3 مىڭ يىللار بۇرۇن ئاسيا –ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلىغى ئوتتۇرىسىدا شەكىللىنىشكە باشلىغان ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا جۇڭگۇدىن رىمغىچە بولغان كەڭ رايۇنلار ۋە نۇرغۇن مەمىلىكەتلەر ئوتتۇرىسىدا سىياسى، ئىقتىسادى ، سودا مۇناسىۋىتى ، دوستانە بېرىش – كېلىش ۋەمەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ۋە يەرلىك ئاھالىلار تەرىپىدىن ‹ كارۋان يولى › دېيىلسە ، تارىختا ئوينىغان مىسلىسىز كاتتارولىغا ئاساسەن ‹ دوستلۇق يولى› ، ‹ ئالتۇن كۆبرۈك › دەپ تەرىپلەنگەن ، ئۇيغۇرخەلقىنىڭ بۇ يولنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن قوشقان ئالەم شۇمۇل تۆھپىسىگە ئاساسەن گىرمانىيىلىك فېردىنانت فون رىچتخوفىن تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم « يىپەك يولى »دېيىلگەن يولمۇ بار .
     بۇ يەردە ئەمدى شۇنىمۇ ئالاھىدە سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەنكى ، 2005 ـ يىلى 2 - ئايدا ئەنگىلىيىدە «ئەنگىلىيە خان جەمەتى سەنئەت ئاكادېمىيىسى» تەرىپىدىن « تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىڭ يىللىق سەپىرى »تېما قىلىنغان كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ ، بۇ كۆرگەزمە 1930 – يىلىدىن بۇيان لوندوندا ئويۇشتۇرۇلغان ئەڭ چوڭ كۆرگەزمە ھېساپلىنىدۇ . كۆرگەزمىگە كۆك تۈرك ،ئۇيغۇر ،سەلچۇق خانلىغى ۋە ئوسمانىيە ئېمپىرىيىسىگە ئائىت تارىخىي يادېگارلىقلار قويۇلغان ۋە تۈركىي خەلقلەرگە ئائىت 370 پارچە ئاسارە – ئەتىقە كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇلار نيۇيوركتىكى مىتروپولىتان مۇزىيى ، پېتېرسبورگدىكى ھېرمىتاگې مۇزىيى ،پارىژدىكى لۇر مۇزىيى ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ قولىدىكى ئەسەرلەردىن توپلانغان . كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەدەنىي يادىگارلىقلار ئەڭ كۆپ بولۇپ ، ئۇيغۇرلارغائائىت مىڭ ئۆي رەسىملىرى ، تۇرپان ۋە قۇمۇل قاتارلىق يەرلەردىن تېپىلغان قەدىمقى ئۇيغۇرلارغا ئائىت تېكىستلەر ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان ئۆلۈكلەر كىتاۋى ، ئىرىقبىتىك ، ئوغۇزخان داستانىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ، ۋىيانا دۆلەتلىك مۇزىيخانىدىن ئېلىپ كېلىنگەن قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ، بېرىتانىيە مۇزىيخانىسىدىن تاللانغان ئۇيغۇرچە تېكىستلەر ۋە ھەرقايسى مۇزىيخانىلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدىكى نۇرغۇن مەدەنىي يادىگارلىقلار بار بولۇپ، كۆرگەزمىدە بىرىنچى سەپكەئۇيغۇرلارنىڭ تىزىلغان !!!
     بۇ جەھەتتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارغاتۈۋەندىكى ئادرېس ئارقىلىق تۇلۇق ئېرىشكىلى بولىدۇ :
      يۇقارقىلاردىن باشقا، 19-ئەسىرلەردە غەرپلىكلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تېخى ئىچىلمىغان ئوتتورا ۋە شىمالى ئاسىيا ئىچكى قۇرۇغلىقىغا بولغان كۇچلۇك قىزىقىشى، شۇنداقلا تۇرلۇك سىياسى - ئىقتىسادى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن كۆپلىگەن چەتئەللىك ئىكىسپىتىدىتسىيىچىلەر ئاسىيا ئىچكى قۇرۇغلىقىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ تۇرلۇك تەكشۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە ، مەزكۇر رايوندىن كۆپلىگەن تارىخى مەدىنى يادىكارلىقلارنى بايقىغان ۋە ئۇلارنى ئۆز مەملىكەتلىرىگە ئېلىپ كەتكەن. مانا مۇشۇ «ئولجىلار»نىڭ تۇرتكىسىدە ئوتتورا ۋە شىمالى ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدىنىيىتى، تىلى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى غەرپ ئەللىرىدە ناھايىتى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. كۆپلىگەن شەرقشۇناسلار،ئالتاي-ئورالشۇناسلار، تۇركشۇناسلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار يىتىشىپ چىقىپ، ئاز بولمىغان ئىجادى ئەمگەكلەرنى قىلىش ئارقىلىق، ئوتتورا ۋە شىمالى ئاسىياخەلقلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدىنىيىتىنى پۇتۇن دۇنياغا نامايەن قىلغان.
     تۆۋەندىكىلەر مانا شۇ جەھەتتە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى:
1.چوقان ۋەلىخانوف(1837-1865 ، قازاق ): «چوقان ۋەلىخانوف ماقالىلەرتوپلىمى»؛
چوقان ۋەلىخانوف ھازىرقى روسىيەگە قاراشلىق سىبىرىيىدىكى ئومىب شەھىرىدە توغۇلغان بولۇپ، قازاق . ئۇ، چار روسىيە ھۆكۇمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە ئەينى ۋاقىتىتكى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ نۇرغۇن تەكشۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىلىپ بارغان.
2.ن.م.پىرژىۋالىسكى(1839-1888،رۇس):«ئوسسورىيە»(سىبىرىيەنى تەكشۇرۇش دوكلا تى) ؛  «زەيساندىن يولغاچىقىپ قۇمۇل ئارقىلىق شىزاڭ، خۇاڭخىنىڭ باش ئېقىنىغا بىرىش»(تەكشۇرۇش دوكلاتى)؛
3.ۋ.بارتولد (1869-1930 ، رۇس ) : «مۇڭغۇل ئىستىلاچىلىرى دەۋرىدىكى تۇركىستان»، « ئوتتورا ئاسىيا تارىخى ھەققىدە ئومۇمىي ئەسەرلەر»، «تۇرك-مۇڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تارىخى ۋە فىلولوگىيىسى – ئوتتورا ئاسىيا، يىراق شەرق»،«شەرقشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلەر»،« يەتتە سۇ تارىخى ئوچېرىكلىرى »،«ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېكىسپىدىتسىيە دوكلاتى »، « تۈركىستان »،« موڭغۇللار ئىستىلاسىدىن ئىلگىرىكى تۈركىستان »،« قىرغىزلار »، « تۈركى ۋە موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تارىخى » ؛
4.ۋ.ۋ.رادلوف (1837-1918 ، رۇس ) : «سىبىرىيە»، «سىبىرىيىدىكى قەدىمقى ئىزلار»، «تۇركى تىللار دىئالىكت لوغىتىنىڭ سىناق نوسخىسى»، «ھەرقايسى تۇركى قەبىلىلەرنىڭ ئېغىز ئەدىبىياتى ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ؛
5.س.ئى.مالوف(1880-1957،رۇس ) : «قەدىمقى تۇركى ۋەسىقىلەر»، «سېرىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولىگىيىسى ۋەسىنتاكسىس»، «ئالتۇنيارۇغ»، «قۇمۇل شىۋىسى»، «لوپنۇر شىۋىسى» ؛
6. پ.ك.كوزىلوف(1863-1935 ، رۇس ) : «مۇڭغۇلىيە ئامدۇ ۋە ئۇلۇك شەھەرقاراخوتو»؛
7. ئا. ن. بىرنىشتام (1910-1956 ،رۇس ) : «ھونلار تارىخىنىڭ ئوچىرىكى»،«6-، 8-ئەسىرلەردىكى ئۇرخۇن-يىنسەي تۇركلىرىنىڭ ئىجتىمائى-ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى»، «يەتتەسۇئارخىلوگىيە توپلىمى»، «ئۇغۇزخان رىۋايىتىدىكى تارىخى ھەقىقەت» ؛
8.ئا.ن.كىروپاتكىن ( رۇس ):«قەشقەرىيە»؛
9.ئى.ي.بىچۇرىن ( رۇس ، 20-ئەسىر) : «قەدىمقى ئوتتورا ئاسىيادا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا ئائىت ماتىرىياللار»؛
10. ئا.م.شىرباك ( رۇس ، 20-ئەسىر) :«تىلشۇناسلىقتا ئالتاي قىياسى»،«شىنجاڭدىن تىپىلغان 10-،13-ئەسىرلەردىكى تۇركچە تىكىستلەرنىڭ گىراماتىكىسىدىن ئوچىرىكلار»، «يىڭىدىن بايقالغان رونىكچە تىكىستلەر» ؛
11.باسكاكوف( رۇس ، 20-ئەسىر) : «ئالتاي تىللىرى»، «تۇركى تىللار»؛
12.د.ئى.تىخونوف ( رۇس ، 20-ئەسىر) ؛1966 - يىلى « 10-14-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى » دىگەن ئەسەرنى يېزىپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دەۋر تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. يەنە شۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى مالياۋكىن 1983-يىلى « 9-12- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى » دېگەن ئەسەرنى يازغان بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى 1988- يىلىدىن باشلاپ تىخۋىنىسكى ۋە لىتۋىنىسكىلارنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە كوللېكتىپ ھالدا كۆپ توملۇق « قەدىمقى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىكى شىنجاڭ تارىخى » دىگەن ئەسەرنى يېزىپ تۆت تومنى نەشردىن چىقاردى.
     ئاپتور بۇ ئەسەردە غەرپتىكى ئالىملارنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى توم ئالتىنچى باپىدا قەدىمقى يۇنان، رىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۇيغۇر دىيارى تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللاردىن زور مىقداردا پايدىلىنىپ، جۇڭگۇدىكى  پەقەت خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللارغىلا تايىنىدىغان تارىخچىلارنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويدى.
13.س.ۋ.كىلياشتورنى (20-ئەسىر) : «قەدىمقى تۈرك يىزىغىدىكى ئابىدىلەر»؛
14. ئا. گ.مالىيۋكىن(20-ئەسىر): «8-ئەسىردىكى تۇرپان خاندانلىغى»،«9-ئەسىرنىڭ كىينكى يېرىمىدىكى گەنسۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە تاڭغۇتلار» ،«840-848-يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە جوڭگو»، «9-،12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى»؛
15. ۋ.م.ناسىلىۋ (20-ئەسىر) : «ئۇرخۇن-يىنسەي يادىكارلىقلىرىنىڭ تىلى»، «ئۇرخۇن يېزىغىدا خاتىرلەنگەن تۇركى تىلدىكى يادىكارلىقلار» ؛
16.ن.ف.كاتانوف(خاكاس تۇركلىرىدىن كىلىپ چىققان) : «كۇن چىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى»؛
17.ياكۇبوۋىسكى: 1947-يىلى « ئەرەپ، پارىس مەنبەلىرىدىكى ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى(9- 10- ئەسىرلەر) » . ئۇ بۇ ماقالىسىدا ئەرەپ ۋە پارىس تىلىدىكى يازما ماتېرىياللار ئارقىلىق تۇرپاندىكى ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇرئېلىنىڭ 9- 10- ئەسىرلەردىكى تارىخىنى بايان قىلغان.
18.گىرۇم گىرژىمايلو:«جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ساياھەت خاتىرىلىرى». بۇ ئەسەرنىڭ 2- تومىدا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىنىڭ ئۆتكەن دەۋرلەردىكى تارىخى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان. بۇئەسەردىمۇ يۇقېرىدا تىلغا ئېلىنغان گىرىگورىيوۋنىڭ ئەسىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدىكى ماتېرىياللار كىرگۈزۈلۈش بىلەن بىرگە بۇ ئەسەرلەرگە بىرمۇ-بىر ئىزاھ يازغان؛
19.پىراۋۇسلاۋىيە ئېپىسكوپى بىچۇرىن : « قەدىمقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى » ۋە «مىللەتلەرتارىخىغا دائىر ماتېرىياللار »؛
20.بىرېتسچنېيدېر: « ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار» ؛
21.دوسسان :«موڭغۇل تارىخى ـــ چىڭگىزخاندىن تۆمۈرلەڭگىچە » ( ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغاچېتىلىدۇ).
ياپۇنىيە:
1. نىشىتوكوجىرو(1847-1912) : «ئوتتورا ئاسىيا خاتىرىلىرى» ؛
2.ئوتانىكوئول(1876-1948):«غەربى يۇرتنىڭ ئارخىلوگىيىلىك رەسىم شەجەرىسى»، «يىڭى غەرپكەساياھەت» ؛
3. خىنوتسۇتومۇ (1866-1920) : «ئىلى خاتىرىلىرى» ؛
4. ماتسۇداتوشىئو (1903-1983): «كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ تارىخى»،«ئوتتورا ئاسىيا تارىخى»، «قەدىمقى تەڭرى تىغىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسى»؛
5.ئومىموراخىروشى(20-ئەسىر): «قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىغىدىكى تىلخەت ۋە ھۆججەتلەر توپلىمى».
6. نىشىخاما جۇنتارۇ(20-ئەسىر) :«قەدىمقى دۇنخۇاڭ پۈتۈكلىرى»، «ئۇيغۇرچە بۇددا كىلاسسىك ئەسەرلىرى»، «غەربى رايون مەدىنىيىتىگە دائىر ماتىرىياللارنىڭ رەتلىنىشى ۋە تەتقىقات» ؛
7 . يامادانوبو (20-ئەسىر) : «قەدىمقى ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار ۋە ئۇلارنىڭ شەرھى»، «قەدىمقى ئۇيغۇرچە توختام ۋەسىقىلەر توپلىمى»،«قەدىمقى ئۇيغۇرچە سودا-سىتىق توختامنامىلىرىنىڭ فورماتى»، «ئىستانبۇل ئۇنۋىرسىتى كۇتۇپخانىسىداساقلىنىۋاتقان غەربى يۇرتقا ئائىت يادىكارلىقلار»، «ئوتانى ئىكىسپىدىتسىيە ئەترىتى ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىڭ مۇندەرىجىسى» ؛
8.مورىماسائو(20-ئەسىر) : «قەدىمقى ئۇيغۇرچە قانۇن ۋەسىقىلەرگەئائىت مەسىلىلەر»، «قەدىمقى ئۇيغۇرچە تەكلىك سېتىش توختامنامىسى»، «بۆگۈخان ۋە قۇجۇ»،«ئۇرخۇن يادىكارلىقلىرنىڭ تۇنىلىشى»، «ئەلشىر ناۋايى»؛
9. ئودايوتىن(20-ئەسىر) : «قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدىكى سەككىز يۇكمەك ھەققىدە ئىزدىنىش» ؛
10.كوداراكوگى(20-ئەسىر): «شىۋىتسىيە مىللى مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمقى ئۇيغۇرچەيادىكارلىقلارنىڭ ۋاقىتلىق تىزىملىگى»؛
11.شۇگايتوماساخىرو(20-ئەسىر):قەدىمقى ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىڭ تەتقىق قىلىنىشى» ، «بۇيۇك بىرىتانىيە مۇزىيىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇرچە قوليازمىلار» ؛
12.خاماداماسامى(20-ئەسىر،چاغاتايۋەسىقىلىرى تەتقىقاتچىسى) : «زەپەرنامە» (كۇچا دىھقانلار ئىنقىلاۋى توغرىسىكى ئەسەر ۋە بۇ توغرۇلۇق تەتقىقات)، «تارىخى ئەمىنىيە»، «غازات دەرمۇلۇك چىن ھەققىدە»، «ئىلى كىرىزىسى ۋە ئۇيغۇرلار»، «خوتەن تارىخى» ؛
13. مانۇئىيجى (20-ئەسىر) : «بابۇرنامىنىڭ سىھرى كۇچى»،«تارىخى رەشىدى» ، «بابۇر ۋە ھىرات» ؛
14.مورىياسوتاكائو(20-ئەسىر) :«دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان يۇەن دەۋرىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇرچە بۇددا راھىپلىرى يازمىلىرى»؛
15.خانىداتورو(20-ئەسىر):«تاڭ سولالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەتقىقات»،«تۇركلەر ۋە بۇددا دىنى»، «ئۇيغۇرچە بۇددىزىم كىلاسسىك ئەسەرلىرى»، «غەربى يۇرت مەدىنىيەت تارىخى»، «تۇرپاندىن تېپىلغان مانى مۇخلىسلىرى تىلاۋەتنامە پارچىسى» ؛
گېرمانىيە:
1.ئالبىرت فون لىكوك (1860-1930) : «شىنجاڭنىڭ مەدىنىيەت خەرىتىسى»،«شەرقى تۇركىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى»، «ئىدىقۇت» ؛
2.ئا.گرونۋىدىل(1856-1935) : «قەدىمقى كۇچا»، «گىرىتسىيە، تۇركىستاندىكى قەدىمقى بۇددا ئىبادەتخانىلىرى»؛
3.ئاننى فون گابائىن (1901- 1993 ، گېرمانىيەلىك) پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى،تارىخى، دىنى ۋە سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشقا  بېغىشلىدى ۋە بۇ ھەقتە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇستازى ۋ. باڭ بىلەن بىرلىشىپ 6 توملۇق« تۈركچە (ئۇيغۇرچە) تۇرپان تېكىستلىرى » ۋە « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى <سامىتسو ئاچارىنىڭ تەرجىمھالى>(شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى) » دىگەن ئەسەرلەرنى تەييارلىدى. 1941- يىلى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسىرى « قەدىمقى تۈرك تىلى(ئۇيغۇر تىلى) گىرامماتىكىسى » دىگەن ئەسەرنى يازدى. 60- يىللاردىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە سەنئىتىگە قاراتتى ھەم بۇ جەھەتتە شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىنىڭ ئاخىرى 50- يىللىرىنىڭ بېشىدا « قەدىمقى تۈركلەرنىڭ ھاياتىدا شەھەرنىڭ رولى»،«ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخى »، «تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۇددىزىم »، « قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ يىلنامىسى »، «ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇددىزىم »، « ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى »، « تۇرپاندىن بايقالغان بۇيۇملاردىكى مەتبەچىلىك تېخنىكىسى »، « ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرمۇش » (ئىككى توم)، «ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىققا كىرىش » قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇيغۇر سەنئەت تارىخى ھەققىدە ئابىدە خاراكتىرلىك ئەسەر « ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزىم سەنئىتى » ۋە «ئۇيغۇرچە يېزىلغان بۇددا سۇترالىرىدىكى ياغاچ ئويما قىستۇرما سۈرەتلەر ھەققىدە تەتقىقات» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقتى.
4.ئومىلىيان پرىتساك (20-ئەسىر) : «تۇركى ئەدىبىياتىنىڭ ئاساسلىرى»،«قاراخانىلار دۆلىتى»،«ئۇغۇز يابغۇ ئىمپىرىيىسىنىڭ ۋەيران بولىشى». «قارلۇقلاردىن قاراخانىلار دۆلىتىگىچە» ؛
5. ج.ماركۋارد (20-ئەسىر) : «قەدىمقى تۇركلەردە يىلنامە»،«كومانلار»؛
6.ئىمىرساك(20-ئەسىر): «ساك تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ئۇستىدە تەتقىقات»، «ئۇدۇن يىزىغىدىكى ئالتۇن يارۇق نومى»؛
7.ھىرمان ۋامبىرى (20-ئەسىر) : «چاغاتاي تىلى ھەققىدە تەتقىقات»،«سەمەرقەنت تارىخى»؛
8. ۋىللى بانگ (20-ئەسىر) : «تۇركچە تۇرپان تىكىستلىرى» ؛
رۇسىيە ۋەگىرمانىيەدىن باشقا ئەللەر
1.سىتانسىلاس ژولىن(1797-1873، فرانسىيە) : «شەرقى تۇرك تارىخىغا ئائىت ماتىرىياللار» ؛
2.ئاۋرىل سىتەيىن(1862-1943 ،ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى ۋىنگىرىيىلىك) : «غەربى رايون»،«غەربى رايون ئارخىلوگىيىسى»؛
3.ۋ.تومسىن(1842-1927،دانىيە): «ئۇرخۇن-يىنسەي يادىكارلىقلىرىنى يىشىپ ئوقۇشتىن دەسلەپكى نەتىجە» ؛
4.سىىۋىن ھىدىن(1865-1952،شىۋىتسارىيە) : «ئوتتورا ئاسىيانى كىسىپ ئۆتۈش»،«جوڭگونىڭ غەربى شىمالىنى تەكشۇرۇشتىن دوكلات»، «1899-1902- يىللاردا ئاسىيانى تەكشۇرۇشتىن ئىلمى نەتىجىلەر»؛
5.گۇنناريارىڭ (1907-؟ شىۋىتسىيە) :«ئوتتورا ئاسىيا ھەققىدە چۆچەك،رىۋايەتلەر»،«ئۇيغۇرشۇناسلىق»، «ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتىغا ئائىت ماتىرىياللار»،  «شىۋىتسىيىدىكى تۇركشۇناسلىق»، «جەنۇبى شىنجاڭدىكى شىۋىتسىيە مىسسىونىرلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئىتنۇگىرافىك مەسىلىلەر»، «ئوتتورا ئاسىيادىكى تۇركى خەلقلەرنىڭ ئەن-بەلگىلىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەر»، «قەشقەرگە قايتا سەپەر»؛
6. ئىدۋار يۇھاننىس(1865-1918 فرانسىيە): «غەربى تۇرك تارىخىغا دائىرماتىرىياللار»،«مانى دىنىنىڭ جوڭگوغا تارقىلىشى» ؛
7. رىبنىگىروت(1906-1968 ، فرانسىيە) : «تۇرك خانلىقىنىڭ مەڭگۇتاشلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە»؛
8. دابرىدې تىرسانت(1826-1893 ، فرانسىيە) : «جوڭگو يايلاقلىرى ۋە غەربى يۇرتتىكى ئىسلام دىنى»؛
9.مونىك مائىلارىد(20-ئەسىر،فرانسيەلىك ئايال تەتقىقاتچى) : «كۇچاردىكى قەدىمقى ئىزلار»،«غەربى يۇرتتىكى مىڭ ئۆي ۋە ئىمارەتلەر»، «قەدىمقى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ماددى مەدىنىيىتى» ؛
10.لېگېتى(20-ئەسىر،ۋىنگىرىيە) : «ئاتىللانىڭ نەسەپنامىسى ۋە ھونلاردىكى تۇنگۇسنامى»، «تۇرك تىلىنىڭ لوغەت فوند تارىخى» ؛
11.ك.بروكىلمان(20-ئەسىر،ۋىنگىرىيە):«قەدىمقى تۇركىستان ئىتنۇگىرافىيىسى»، «مەھمۇد قەشقىرى بايانىدىكى11-ئەسىردىكى تۇركى تىللار ۋە قەۋملەر»؛
12.ۋ.گروسىت(20-ئەسىر،فرانسىيە) : «يايلاق ئىمپىرىيىسى» ؛
13. جەيمز ھامىلتون(20-ئەسىر،ئامىرىكا): «بەش دەۋرگە ئائىت ئۇيغۇر تارىخى ماتىرىياللىرى»، «ئىككى تىكىن ھىكايىسى ھەققىدە»، «9-،10- ئەسىرلەرگە ئائىت قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىغىدىكى دۇنخۇاڭ تېكىستلىرى»، «9-،10-ئەسىرلەرگە ئائىت تۇركچە-سۇغدىچە دۇنخۇاڭ تىكىستلىرى» ؛
14.ژان پولروكسى(20-ئەسىر، فرانسىيە): «ئالتاي تىللىرىدىكى مىللەتلەردە سىرلىق ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر»،«ئالتاي تىللىق مىللەتلەردىكى ئۆلۈم-يېتىم»،«تۈرك ۋە مۇڭغۇل تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ دىنلىرى» ؛
15.ج.كىلاۋسىن(20-ئەسىر،ئەنگىلىيە) : «تۈرك ۋە مۇڭغۇل تىللىرى تەتقىقاتى»،«13-ئەسىردىن بۇرۇنقى تۇركى تىللارنىڭ ئىتمولوگىيە لوغىتى» ؛
16.خ.ۋ.بىل(20-ئەسىر،ئەنگىلىيە) : «ئۇدۇن تېكىستلىرى» ؛
17.ك.سىزىگىلد(20-ئەسىر،ۋىنگىرىيە):«تۈركى تىللىق ئۇرۇق - قەبىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرىدىكى بۆلۈنۈش»، «كاۋكاز ھونلىرى ۋە ئاۋارلار»،«قارلۇقلارنىڭ مىللەت تەۋەلىگى» ؛
18.د.سىنوز(20-ئەسىر،ۋىنگىرىيە،ئورال-ئالتاي ئىلمى جەمىيىتىنڭ سابىق رەئىسى) : «تۈركچە بۇددا ھۆججەتلىرىنىڭ ئومۇمى مۇندەرىجىسى»،«5-ئەسىردە مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشلىرى»،«ئۇغۇزخان داستانى ھەققىدە»، «تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ تارىخى رولى» ؛
19.ن.ئىسىدۇ(20-ئەسىر،ۋىنگىرىيە) :«790-791-يىللىرىدىكى بەشبالىقتىكى ئۇيغۇر ۋە تۇبۇتلەر»؛
20. بازىن(20-ئەسىر، فرانسىيە) : « قەدىمقى تۇركلەردە كالىندارچىلىق»؛
21. چارلىزبولگىر (فرانسىيە): «ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى»؛
22.ھامىلتون(ئەسلى ئامېرىكىلىق بولۇپ، 1974 -يىلى فرانسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگەئۆتكەن ، فرانسىيەلىك تارىخشۇناس) 1954- يىلى دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى «بەش دەۋر مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلار » دىگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلدۇردى. ئارقىدىن 1971-يىلى ئۇ يەنە « دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئىككى تېكىننىڭ ھىكايىسى » دىگەن ئەسىرى ئارقىلىق تۈرك ئەدەبىياتشۇناسلىقى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 1983- يىلى يەنە ئىككى توملۇق بۈيۈك ئەسىرى «دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ھەققىدە تەتقىقات » دىگەن ئەسىرى ئارقىلىق فرانسىيە دۆلەت دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە مەخسۇس ئەسەرلەردىن باشقا يەنە نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ۋەكىل خاراكتىرىگەئىگە بولغىنى « توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات » دىگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ؛
23.سامولىن(ئامېرىكىلىق ئالىم) : 1964-يىلى« 12- ئەسىردىن بۇرۇنقى شەرقى تۈركىستان »؛ئۇ بۇ ئەسىرىنى 1961- يىلى يازغان دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى « تارىم ئويمانلىقىنىڭ تۈركلىشىشى » دىگەن ئەسىرىگە ئاساسەن يازغان بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە؛
24.كوردىر:(فرانسىيەلىك خەنزۇشۇناس ) . ئۇنىڭ « جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخى » دىگەن ئەسىرىنىڭ ئىككىنچى تومىدا پۈتۈنلەي دىگۈدەك تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. ئۇيغۇر تارىخى؛
25.گىرېئوسسېت: (فرانسىيەلىك ئالىم ) : « يىراق شەرق تارىخى » ۋە « بوزقىر ئېمپىرىيىلىرى »؛
26.گۇبېل (فرانسۇز): ئۇ ، 1739- يىلى ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان « موڭغۇل تارىخى »ناملىق ئەسەرنى يازغان؛
27.دېگۇيگىنىس:(فرانسۇز) « ھۇنلار ۋە تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدە تەتقىقات»، تۆت توملۇق كاتتا ئەسەر« ھۇنلار، تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»
28.كىلاپروت:19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پارىژدا نېمىس تىلىدىكى مەشھۇر ئەسىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ تىل –يېزىغى ھەققىدە تەتقىقات »ى ئېلان قىلىندى.

تۇركىيە
(ئۇيغۇرجەمىيتىگەبىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بىرىلدى)
1.كازىمبىك ئەلى(19-ئەسىر،تۇركىيەدە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات ئىلىپ بارغان تەتقىقاتچى): «ئۇيغۇرلارتوغرىسىدا تەتقىقات» ؛
2.ئەھمەت رىفات:«تۇركى تىللار دىۋانى» (تۇنجى بولۇپ مەزكۇر ئەسەرنىڭ تۇركچە نوسخىىسنى چىقىرىپ، دىۋانشۇناسلىققا ئاساس سالغۇچى)؛
3.زەكى ۋەلىدى تۇغان(20-ئەسىر):«بىرونىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى شىمالدىكى مىللەتلەر»؛
4. رىشىد رەھمەتى ئارات(20-ئەسىر) : «تۇرك تىلىدىكى تۇرپان يادىكارلىقلىرى»، «قەدىمقى تۇرك قانۇن ۋەسىقىلىرى»، «قەدىمقى تۇرك شىئېرىيىتى» ؛
5.رىشات گەنجى:«قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى» ؛
6.سىناش تىگىن:«ئۇيغۇر يېزىغىدا يىزىلغان قاراخانىلار دەۋرىگە ئائىت يەر ھۆججەتلىرى»؛
7.ئەھمەت ئاتەش:«فارابى ئەسەرلىرى مۇندەرىجىسى» ؛
8.يۇسۇپ زىيا: «11-،12-ئەسىرلەردىكى قاراخانىلار ۋە ماۋەرائۇننەھىر ئىسلام ھوقۇقچىلىرى» ؛
9.كۇپرۇلزاد مۇھەممەت فۇئاد : «قاراخانىلار ياكى خاقانىيە دۆلىتى»؛
10 .خەلىل ئىنالچىق: «قۇتادغۇ بىلىكتە تۇركى ۋە ئىران يۇرتدارچىلىق نەزىرىيسى ۋەئەنئەنىلىرى» ؛
11.ئىبراھىم كافەس : «قۇتادغۇبىلىك ۋە ئۇنىڭ مەدىنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى» ؛

مۇھىم قوشۇمچە :
خەلقارادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بەزى ئىلمىي ئورگانلار
1.ۋىنگىرىيەپەنلەر ئاكادىمىيەسى كۇتۇپخانىسى
2.گىرمانىيە ھامبۇرگ ئۇنۋىرسىتىتى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى
3. پارىژمىللى كۇتۇپخانىسى
4.ئەنگىلىيە بۇيۇك بىرىتانىيە مۇزىيى
5. روسىيەسان پېتىربورگ مۇزىيى
6. ياپۇنىيەتوكيو دۆلەتلىك مۇزىيى
7.شىۋىتسىيە مىللى مۇزىيى
8. ئامېرىكاخارۋارد ئۇنۋىرسىتىتى ئوتتورا ئاسىيا ئىلمى جەمىيىتى
9. ئامېرىكا ۋاشىنگىتون ئۇنۋىرسىتىتى ئاسىيا تىل-ئەدىبىيات فاكولتىتى تۇركى تىللار تەتقىقات ئورنى
10.ئامېرىكا  ھىندىئانا ئۇنۋىرسىتىتى ئورال-ئالتايشۇناسلىق فاكولتىتى ئوتتورا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى
11.ئىستامبۇل ئۇنۋىرسىتىتى كۇتۇپخانىسى
12.قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى
13.تاشكەنت شەرقشۇناسىلىق تەتقىقات يۇرتى
14.ئۆزبىكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى «ئەبۇرەيھان بىرونى» شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى

بەزى كونكىرت مەسىلىلەرگە ئائىت تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇر ئىگەللىمەكچى بولغان قېرىنداشلار  ھۆرمەتلىك ياۋۇز ئەپەندىمنىڭ تۈۋەندىكى تېمىلىرىنى زىيارەت قىلغايسىلەر:

«غەرپ ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى»
(http://www.orkhun.com/BBS/read.php?tid=401)
«ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى »
تۇرانتىكىن:«گىرمانىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى»
     مانا شۇنداق .
     ئەمدى بىز ئوبدانراق ئويلۇنۇپ كۆرەيلى ، بۇئىنكاس ۋە قىسقا بايانلار زادى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىل - يېزىغىنىڭ ئالەمشۇمۇل تارىخىي رولى ۋە كاتتا شان – شەرىپىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلىمامدۇ ؟
     زادى ، ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ مانا شۇنداق يۈكسەك ئىنسانىي خارەكتىرىنىڭ رۇشەن ئىپادىلىنىشىگە ئىمكان بېرىدىغان ئاجايىپ مۇكەممەل ۋە گۈزەل تىل – يېزىق ئىقتىدارى بولمىغان بولسا دۇنيا ئالىملىرىنىڭ شۇنچىۋالا دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىيالىشى ، بەلكى يۈكسەك مەدھىيە تۈسىنى ئالغان قىممەتلىك باھالىرى مەيدانغا كېلىشى مۇمكىنمىدى ؟
     زادى ، ئەگەر ئۇيغۇرلار مانا ئەنە شۇنداق تەڭداشسىز يۈكسەك قابىلىيىتىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇش ئىمكانلىرىغا داۋاملىق ئىگەبولغان بولسامائارىپ ، مەدەنىيەت ، پەن – تېخنىكا ، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە باشقا ساھەلەردەئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشماسلىغى مۇمكىنمىدى ؟
     زادى ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىل – يېزىغىغا بىرىلگەندەك مانا شۇنداق يۈكسەك مەدھىيىۋىي باھالار يەنە قايسى مىللەت ۋە قايسى تىل– يېزىققا بىرىلگەن ؟؟؟
     بارمۇ ؟؟؟!!!
     تارىخ شاھىتكى ، يوق ، يوق ، يوق !!!!!!
     شۇنىڭ ئۈچۈن قانۇن - نىزاملارغا ئومۇمىيۈزلۈك رۇئايە قىلىنىشى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىل - يېزىغىنىڭ قەدىر - قىممىتى يېتەرلىك ھالدا تۇنۇپ يىتىلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە.

ئابدۇلقۇددۇس

تۈركىيە - ئىستانبۇل
2013 . 11 . 26


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتىللا يىغىش سەۋەبى
bagdax1 + 20

ھەممە باھا نومۇرى : تىللا + 20   باھا خاتىرىسى

6

تېما

3

دوست

3614

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   53.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3157
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 889
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 13:54:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپسىز ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىگۈدەك، سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلغاي .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

1709

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10487
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 282
تۆھپە : 335
توردىكى ۋاقتى: 267
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 14:34:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىدا دىيىلگەن ئەل ئىھراملار ھازىرمۇ  بارمۇ؟

-2

تېما

21

دوست

1260

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 393
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 15:27:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
judun0903 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-27 14:34
بۇ تىمىدا دىيىلگەن ئەل ئىھراملار ھازىرمۇ  بارمۇ؟

بار. شىئەنگە بېرىپ گۈزىتەلىسىڭىز بايقىيالايسىز......

0

تېما

0

دوست

2498

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 718
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 15:30:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مول مەزمۇنلۇق تېما ئىكەن . تېخىمۇ كۆپ بىلىملەردىن خەۋەردار قىلغايسىز .

@人不应该放弃,而更

2

تېما

1

دوست

1884

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8717
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 309
تۆھپە : 383
توردىكى ۋاقتى: 301
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 16:04:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر بولغانلقىمدىن يەنمۇ بەك پەخىرلنۋاتىمەن .ئاللا خالسا يەنە شۇ شانۇ-شەۋكەتلك كۈنلەر كەپمۇ قالار.‹‹.ئەرگە بىر نۆۋەت يەرگە بىر نۆۋەت ››!

مۇھەببەتسىمان

0

تېما

1

دوست

154

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23113
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 17:14:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن،ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم.

1

تېما

2

دوست

1357

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22857
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 18:08:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
judun0903 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-27 14:34
بۇ تىمىدا دىيىلگەن ئەل ئىھراملار ھازىرمۇ  بارمۇ؟

شىئەندە بار .ئەمما ،ھۆكۈمەت ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كىرىپ زىيارەت قىلىشىنى چەكلەيدۇ.ھەتتا ئەتراپىدىن كۈزەتكىنىڭىزنى ،سۈرەتكە تارتقىنىڭىزنى سېزىپ قالسا،چوڭ ئاۈارچىلىققا ئۇچرايسىزھازىر ئۇيەر ھەربىيلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم گازارمىلىرىدىن بىرى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )