- تىزىملاتقان
- 2013-9-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4712
- نادىر
- 0
- يازما
- 313
ئۆسۈش
90.4%
|
«مويۇنچۇر » سەھنىلەشتۈرۈلدى
ئۆتكەن ھەپتىدە قۇددۇس غوجامىياروۋ نامىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيەتىياتىردا رېژىسسورئەزىزجان ئىسكەندەروۋنىڭ سەھنىلەشتۈرۈشىدە تاماشىبىن دىققىتىگە «مويۇنچۇر» تارىخىي درامىسىنىڭ سىناق قويۇلۇشى تەقدىم قىلىندى.تاغ-كان ئىنژېنېرى، پروفېسسور ئابدۇللام سامساقوۋنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان مەزكۇر درامىدا VІІІ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر قاغانىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان ئۇيغۇر شاھزادىسى مويۇنچۇر ھەم ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. دراما ۋەقەلىكىگە مويۇنچۇرنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشتىكى ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى، ئەڭ ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى دۈشمەنلەرنى يوق قىلىپ، «توققۇز ئوغۇز» قەبىلىلىرىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق قاغانلىقنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدىكى ھەرىكەتلىرى، دۆلەت ئىچىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقلار، مويۇنچۇر ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تەخت ئۈچۈن بولغان تالاشلىرى، توقۇنۇشلار، شۇنىڭ ئاقىۋىتىدە خەلقنىڭ تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرى ئاساس بولىدۇ. بۇ دراما ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشىنى سالاھىيەتلىك مۇتەخەسسىسلەرگە قالدۇرۇپ، بىز پەقەت تاماشىبىن سۈپىتىدە مەزكۇر قويۇلۇمدىن كېيىن تۇغۇلغان ئويلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.
درامىنى تاماشا قىلغاچ، ئۆتمۈشكە نەزەر تاشلىسىڭىز، بەرپاكارلىق ساداسى ئۆچۈپ، جۇدالىق-يوقىتىش نىداسى كېلىدۇ. قېنى جاھان تىترەتكەن ئىمپېرىيە، مەشھۇر خانلىقلار؟! ئالەمگە ئۇستازلىق قىلغان دىت-پاراسەت، ئىلىم-پەن؟! يوق… بۇ قەدەر تارىخىي قاششاقلىق بىلەن روھىي گادايلىقنىڭ دەھشەتلىك سەۋەبى نېمە؟ ئۇنىڭ سەۋەبى ئانچە كۆپ ئەمەس: بىرىنچىسى، ئۆزئارا ھەسەتخورلۇق بىلەن سىرتقى دۈشمەن ھىيلىسى، ئۆز ئىچىدىن چىققان نادانلارنىڭ كاساپىتى. مىللىي مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇپ، ئەقىل-پاراسىتىنى مىللەت تەرەققىياتى ئۈچۈن سەرپ قىلغان مويۇنچۇردەك (ت.ئىلىېۋ)، چوغلۇق خانىشتەك (گ.ئامۇتوۋا)، تولۇن ئانىدەك (ز.نەسىردىنوۋا) قەھرىمان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆمرى ئارسلانبەگ (ئا.ئۇشاموۋ)، باغا تارقان (غ.توختىباقىېۋ)، تاي بىلگې (خ.مۇناروۋ) ئوخشاش مۇناپىق، شۇمبۇيالار بۇلغاپ كەتكەن «ئۇيغۇر ئات قوراللىرىنى» تازىلاش بىلەن ئۆتتى. ئەپسۇسكى، ئۇ قوراللار تا بۈگۈنگىچە چىلە پۇراپ، چىرىپ ياتىدۇ.
ئابدۇللام سامساقوۋ «مويۇنچۇر» تارىخىي درامىسى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئۆتمۈشنى يادىمىزغا سېلىپ، بىزنى ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشىمىزنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۆتكەننى ئۇنتۇش ئۆز ئەھدىمىزدىن يالتىيىش، كىملىكىمىزنى ئەستىن چىقىرىش، ئۈمىدلەردىن ۋاز كېچىش ئەمەسمۇ؟!
مۇئەللىپ «مويۇنچۇر» تارىخىي درامىسى ئارقىلىق يېڭى بىر تارىخىي نىشاننى بەلگىلەپ، بۈگۈنكى ئۆزلۈك ۋە كىملىكىنى ئۇنتۇش كەبى غەپلەت، بىپەرۋالىق ئۇيقۇسىغا غەرق سەۋىيىمىزنى ئويغىتىدىغان جەمئىيەتلىك يولىمىزنى، تارىخىي جاۋاپكەرلىگىمىزنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەڭ مۇھىمى، بۇ درامىدا خەلقىمىزنى يېڭىچە ئويغىنىش جەريانىغا يېتەكلەش مەۋقەسى مۇجەسسەم.
مىللىي روھىمىزنى قاپلىغان پىتنە-پاسات، ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك ۋە باشقىمۇ يىرگىنچلىك ئىللەتلەرنى تازىلاش بويىچە مۇئەللىپ توبۇتخان (ئا.ئەيساېۋ)، چىستان خانۇم (ئا.ئىبدىمىنوۋا)، ئايچېچەك (ر.ھەمراېۋا) ئوبرازلىرى ئارقىلىق ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پىكىرلەرنى ئالغا سۈرگەن.
ھەقىقىي يېتەكچى باغا تارقان ئوخشاش ئاداۋەت ۋە ھەسەت ئۇرۇقىنى چېچىپ ئەمەس، بەلكى مويۇنچۇردەك ھەريان چېچىلغان خەلقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئېلىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئالغا ئىنتىلىدۇ، ئىچكى ئۆملۈك ۋە مىللىي تەرەققىيات ئۈچۈن كۈرىشىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ، مويۇنچۇردەك بىز ئەجدادلار ئامانىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مىللىي تەرەققىياتقا ئېنىق تۆھپىلەرنى قوشالىساق، ئۇ چاغدا بىز ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەيمىز. ئەگەر بىزنىڭ پېشۋالىرىمىز درامىدا ئىپادىلەنگەندەك، مويۇنچۇرغا ئوخشاش خەلقنىڭ مەنىۋى يېتەكچىسىگە ئايلىنىپ، مىللەت ئۇيۇتقۇسى بولالىسا، ئۇ چاغدا ئۈمىدسىزلىككە بېرىلىشكە ئاساس يوق. ئومۇمەن، مىللىي دائىرىمىز قانچە كەڭ بولسا، سېپىمىزمۇ شۇنچە چىڭ، مۇستەھكەم بولىدۇ. ئارىمىزدىن چىققان باغا تارقان، تاي بىلگە ئوخشاش شەخسىي مەنپەئىتىنىڭ قۇلى بولۇپ، مىللىتىنى، خەلقىنى ھالاكەت گىردابىغا ئېلىپ كېلىدىغان مۇناپىق، پاسىقلاردىن تازىلىنىمىز. قىسقىسى، مۇئەللىپنىڭ ئۆتمۈشنى بۈگۈنكى دەۋر ھەققانىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا ئوي سېلىشقا تىرىشقانلىقى ئوچۇق سېزىلىپ تۇرىدۇ.
مۇشۇ يەردە ئاكتېيۇرلارنىڭ ئەسەر ئىدىيىسىنى تاماشىبىن قەلبىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى ئاتاپ ئۆتمەي مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز رولىغا يۇقىرى جاۋاپكارلىك بىلەن قارىغانلىقىنى كۆرۈش داۋامىدا ھېس قىلدۇق. ئەسەردىكى ھەربىر دېتال، سەھنە دېكوراتسىيىسى، ئەسەرنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىنى ئېچىشقا قارىتىلغان. بۇ جەھەتتىن رەسسام، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى ئورۇنباسار ژانبرشىېۋنىڭ ئەمگىكى زور. ئاخىرىدا تاماشىبىنلارنىڭ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، گۈلدۈراس ئالقىشلار بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈشىمۇ سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئاكتىيۇرلۇق ماھارىتىگە بېرىلگەن يۇقىرى باھانىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك.
شەمشىدىن ئايۇپوۋ.
تاماشىبىن پىكرى:
بەھرىم غلاۋدىنوۋ، مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور:
— «مويۇنچۇر» درامىسى بۈگۈنكى ھاياتىمىزدا پەيدا بولۇۋاتقان سوئاللارغا جاۋاب بېرىدىغان مەزمۇنى چوڭقۇر ئەسەر دېيىشكە تولۇق ئاساس بار. مەزكۇر درامىنىڭ ماھىيىتى نېمىدە؟ مەشھۇر ئالىم نيۇتون: «ئەگەر مەن دۇنيانى باشقىلارغا قارىغاندا كەڭرەك كۆرەلىگەن بولسام، ئۇنىڭ ماھىيىتىگە چوڭقۇرراق چۆككەن بولسام، ئۇنىڭ بىرلا سەۋەبى بار: مېنىڭ گىگانتلارنىڭ مۈرىسىدە تۇرغانلىقىم» دېگەن ئىكەن. گىگانتلار دېگەن كىملەر؟ ئۇ بىز، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مويۇنچۇردەك دۆلەت ھاسىل قىلغان، ئەقىل-ئىدراكقا ئېگە بولغان ئەجدادلىرىمىز. ئەنە شۇ ئەجدادلار ئامانىتىنى بۈگۈنكى ئەۋلادقا تاپشۇرۇشنى نىيەت قىلغان دراما مۇئەللىپىگە ھەم ئەسەر ئىدىيىسىنى تاماشىبىن قەلبىگە يەتكۈزۈشكە كۆپ كۈچ چىقارغان ئاكتىيۇرلىرىمىزغا ئاپىرىن دېيىشكە ئەرزىيدۇ. بولۇپمۇ، ئەسەرنىڭ ئانىنىڭ ئانا تىلىنى پەرزەنتىنىڭ قەلبىگە ئاق سۈتى، ئەللەي ناخشىسى ئارقىلىق سىڭدۈرۈش كۆرۈنۈشى بىلەن باشلىنىپ، شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشقانلىغى تاماشىبىندا ياخشى تەسىرات قالدۇردى دەپ ئويلايمەن.
شاھىمەردان نۇرۇموۋ، جۇمھۇرىيەتچىلىك ئۇيغۇر ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى:
— درامىدا VІІІ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر قاغانىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان ئۇيغۇر قاغانى مويۇنچۇرنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشتىكى ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى، ئۇنىڭ قاغانىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدىكى ھەرىكەتلىرى، قاغاننىڭ ئەتراپىدىكى يېقىنلىرىنىڭ تەخت ئۈچۈن بولغان تالاشلىرى، توقۇنۇشلار، قوشنا مەملىكەتلەرنىڭ ھىيلىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەزكۇر دراما ئۆتمۈشنى يادىمىزغا سېلىپ، بىزنىڭ ھەربىرىمىزنى ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشقا دەۋەت قىلدى. ئەسەردىكى ھەربىر نەرسە، سەھنە دېكوراتسىيىسى، مۇزىكىسى، قەھرىمانلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ھەم سىلىق ھەرىكەتلەر ئەسەر ئىدىيىسىگە لايىق دىت بىلەن تاللىۋېلىنغان. تىياتىر ئاكتىيۇرلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى نامايەن قىلالىدى. بۇ درامىنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭ. مۇھىمى، ئۇ ۋەتەنپەرۋەرلىككە، بىرلىككە، ئىتتىپاقلىققا، تۆزۈملۈككە دەۋەت قىلىدۇ. ئومۇمەن، ئابدۇللام سامساقوۋنىڭ دراماتورگىيە ساھەسىدىكى دەسلەپكى قەدىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى ئاتاپ ئۆتمەي مۇمكىن ئەمەس. بىراق تىياتىرىمىز سەھنىسىدە بىز، ئۇيغۇرلار، ئۈچۈن ئىنتايىن ئاكىپ، ھەم پسىخولوگىيىلىك، ھەم پەلسەپىۋىلىك قويۇلۇم كۆرسىتىلىۋاتقاندا، ئۇنى كۆرۈشكە تېگىشلىك تاماشىبىننىڭ ئازلىقى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ.
ۋېنېرا نىغماتۇلىنا، پروديۇسسېر ھەم كۆرۈنەرلىك كىنو چولپىنى:
— بۇ ئابدۇللام سامساقوۋنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى. بۇ ئۇيغۇر تىياتىرىدىكى ئىجادىي ئۆرلەشنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. ئاكتىيۇرلار رېژىسسورنىڭ ئويىنى، كۆرسەتمىسىنى جانلاندۇرۇشنى بىلىشى كېرەك. بۇ جەھەتتىن تىياتىر ئاكتىيۇرلىرى ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى. ئۇلار ئەسەردە ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننىڭ باغلىنىشىنى كۆرسىتەلىدى. تاماشىبىننىڭ بۇنىڭدىن تېگىشلىك خۇلاسە چىقارغانلىقىدا شەك-شۈبھە يوق. شەخسەن ئۆزۈم بۇ ئەسەردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئالدىم. بۈگۈن مەن سەنئەت دۇنياسىدىكى ئاجايىپ بىر يېڭىلىقنىڭ گۇۋاھچىسى بولدۇم. قويۇلۇم ئۇتۇقلۇق باشلىنىپ، ئۇتۇقلۇق ئاياغلاشتى دەپ ئېيتىشقا تولۇق ئاساس بار.
رەخمەتجان غوجامبەردىېۋ، «مەكتەپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر رېئاكسىيىسىنىڭ باشلىقى:
— بۇ قويۇلۇم شەخسەن ماڭا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر قىلدى. ئۆتمۈشىمىز بىلەن بۈگۈنكى كۈنىمىزنى، ئۇنىڭ ئۇتۇق ۋە كەمچىلىكلىرىنى خىيالەن بولسىمۇ قىياسلاشقا مەجبۇرلىغان پەخىرلىنىش، ھاياجانلىنىش ۋە ئۆكۈنۈش سېزىملىرىنى پەيدا قىلدى. مويۇنچۇر خاقاننىڭ ۋاقتىغا، ئەجدادلىرىمىز سەلتەنەت قۇرغان تارىخىي دەۋرگە مۇراجىئەت قىلىش — ھەم دراما مۇئەللىپىنىڭ، ھەم ئۇنى سەھنىلەشتۈرۈشكە جۈرئەت قىلغان رېژىسسورنىڭ جاسارىتى دېسەك، مۇبالىغە بولماس. شەخسەن مېنى تىياتىرىمىز پېشقەدەملىرىنىڭ ئىشىنى ئىشەنچلىك داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ياش ئاكتىيۇرلىرىمىزنىڭ ئىنتىلىشى بەك قايىل قىلدى.
قەدىمىي تارىخىمىز ماۋزۇسىغا مۇراجىئەت قىلىش، يەنە كېلىپ ئۇنى سەھنىلەشتۈرۈش تەجرىبىسى بىزدە تېخى تولۇق شەكىللەنمىگەن چوڭ مەسىلە. شۇڭلاشقا ئەسەردىكى چوڭ-كىچىك كەمچىلىكلەرنى كەسپىي تىياتىر تەنقىدچىلەرگە قالدۇرۇپ، «مويۇنچۇرنىڭ» سىناق قويۇلۇشى ئۇتۇقلۇق ئۆتتى، باي ئۆتمۈش-تارىخىمىزنىڭ شانلىق بىر دەۋرى ئەۋلادلار كۆز ئالدىدا نامايان بولدى، دەپ ئىشەنچلىك ئېيتالايمىز.
قازاقىستان« ئۇيغۇر ئاۋازى » گېزىتىدىن ئېلىندى |
|