- تىزىملاتقان
- 2012-6-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 851
- نادىر
- 0
- يازما
- 27
ئۆسۈش
70.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-30 11:00
يېقىندىن بۇيان، ھاۋانىڭ سۇۋۇشى بىلەن توكسىكىلىت ھەيدەيدىغانلارنىڭ سانى ئازىيىپ، كوچا ئابتۇبۇسىغا چىقىدىغانلار كۆپەيدى . بۇنىڭ بىلەن بەزى يول لىنيەلىرىدىكى ئاپتۇبۇسلارغا ئادەم پاتماسلىق ھەمدە بالدۇر ئابتۇبۇس توختاپ كېتىش سەۋەپلىك خەلق ئاممىسىغا بەلگىلىك قۇلايسىزلىقلارنى كەلتۈرمەكتە . قەشقەردىكى ئىپادىلىرى مۇنداق:
1. قەشقەر شەھرىدە 7-يول ۋە 20-يول ئاپتوبۇسلىرى قاتنايدىغان يول بۆلەكلىرىدىكى ئابتۇبۇسلاردا مۇشۇنداق ئەھۋاللار بەك كۆپ . 2-ئولتۇراق رايۇنى قەشقەر شەھرىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان، شۇنداقلا ئائىلىكلەر ئەڭ كۆپ جايلاشقان ئولتۇراق رايون بولۇپ، بۇ ئولتۇراق رايونغا پەقەت 7 - يول ۋە 20-يول ئاپتوبوسىلا قاتنايدۇ . بولۇپمۇ، چۈشتە ئوقۇغۇچىلار ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن 20-يول ئاپتۇسى ساقلاپ ئاپتۇبۇس كەلسىمۇ، ئاپتۇبۇستىكى ئادەمنىڭ كۆپلىگىدىن ئوقۇغۇچىلار چىقالمايدىغان، كېيىنكى ئاپتوبوسنى ساقلاپ، چۈشتە ئۆيگە ۋاقچە چىقىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت .
2. 7-يول ئاپتۇبۇسىنىڭ بېكەتكە كىرىش ۋاقىت پەرقى ئۇزۇن . بېكەتتە ساقلاپ تۇرىدىغان يولۇچىلار بەك كۆپ . ئالدىنقى كۈنى كەچ سائەت ئالتىدىن ئاشقاندا ھېيىتگاھ بېكەتتە 7-يول ئابتوبوسىنى ساقلاپ تۇردۇم . بۇ يەردە شۇ ۋاقىتتا 7-يول ئاپتوبوسىنى ساقلاۋاتقانلار خېى كۆپ ئىدى . 8-يول، 28- يول، 2-يول، 13-يول ئاپتۇبۇسلىرى نەچچە قېتىم كېلىپ ئۆتۈپ كەتتى . ئەپسۇس، 7-يول ئاپتوبوسىدىن ئەسەر يۇق . ئالتە يېرىم بولغاندا 7-يول ئاپتوبوسى كەلدى . بېكەتكە يىغىلىپ كەتكەن ئادەملەر توپى ئاپتېبېسقا قاراپ ماڭدى . لېكىن شوپۇر ئەمدى ئىشتىن چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يولۇچىلارنى ماشىنىغا چىقارمىدى. يۇلۇچىلار خاپا بولۇپ: «باشقا ئاپتوبوسلار ئىشتىن چۈشمەي ماڭىدىكەن . بۇ قانداق ئاپتۇبۇس ئ شۇنچە ئادەم ساقلاپ تۇرسا . بىر يول مېڭىۋەتسە....» دەپ تەلەپ قىلىشقان بولسىمۇ، ئەمما شوپۇر ئارتۇق ماڭسىمۇ ئۆزىگە ھېچقانداق پايدىسى يۇق ئىكەنلىكىنى دەپلا كېتىپ قالدى . كىشلەرمۇ خاپا بولۇشقىنىچە غۇدۇراپ قېلىشتى-خالاس!
3. 7-يول ۋە 20-يول ئاپتوبوس لىنيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا سودا بازىرى ۋە ئىككىنچى ئولتۇراق رايوننى ئاساس قىلغان يول بۆلىكى بولۇپ، قەشقەردىكى ئەڭ ئاۋات ، نوپۇس زىچ رايون ھېسابلىندۇ . ھەر كۈنى نۇرغۇن ئادەم ئېقىمى بۇ يەردىن ئۆتىدۇ . شۇڭا تۆۋەندىكى تەكلىپنى سۇنىمىز:
تەكلپ
1. بۇ يولدا قاتنايدىغان ئاپتوبوسلارنىڭ كەچلىك ۋاقتى مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا .
2. بۇ ئىككى لىنيە ئاپتوبوسلىرىنىڭ سانى مۇۋاپىق كۆپەيتىلسە، بېكەتكە كىرىش ۋاقتى قىسقارتىلسا .
3. ئىككىنچى ئولتۇراق رايونغا قاتنايدىغان يول ئاپتوبۇسلىرى ھازىر ئاران ئىككىلا . يېڭى يول لىنيەلىرى قوشۇلغان بولسا .
قەشقەر شەھەرلىك ئاپتوبۇس شىركىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى ئاۋامنىڭ بۇ ساداسىغا تېزرەك جاۋاب قايتۇرشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
جاۋابىڭلارنى ساقلاپ ئىككىنچى ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىدىن |
|