قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3921|ئىنكاس: 9

[بوزقىر]دېھقانچىلىك ئەقلى يوق ھاكىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرۋايىم پەلەك

50

تېما

19

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   50.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7496
تۆھپە : 4063
توردىكى ۋاقتى: 3144
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:33:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئىلاۋە:
تورداش ساتار ئالدىنقى تېمىلىرىمغا يازغان ئىنكاسىدا مۇشۇ تېمىنى يوللاپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلغاچقا ئۇنىڭ تەلىپى بېلەن بۇ تېمىنى يوللۇدۇم.باشقا تورداشلارنىڭ كونا تېمىنى يوللاپتۇ،دەپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئىلاۋىنى قوشۇمچە قىلدىم.

دېھقانچىلىك ئەقلى يوق ھاكىم

 

                  ۋاڭ يۈلىن

                         بوزقىر تەرجىمىسى
                        
 

      تاسادىبى پۇرسەتتە << جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى گېزىتى>>نىڭ 2001-يىل4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىنىڭ 5-بېتىگە ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا بېسىلغان <<گويۈگە سەپەر>>،<< دۆلەت يولىنى ياسايمىز دەپ قەدىمىي شەھەرنى ۋەيران قىلىش>> ماۋزۇلۇق ئىككى خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم.ئالدىنقىسىدا، جىندوڭنەن ۋىلايىتىدىكى گويۈ كەنتىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى داڭلىق كەنتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پويىزغا چىقىپ بېيجىڭغا قايتىش ئالدىدا تۇرغان مۇتەخەسىسلەرنى مېھمانخانىغا قايتۇرۇپ كېلىپ ،ئۆزلىرىگە قوغداش-ئاسراش لاھىيىسى تۈزۈپ بېرىشنى ئۆتۈنگەنلىكى ھەم قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنى رېمنوت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ 10يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ چىققانلىقى يېزىلغان. بۇ كىچىككىنە كەنىت مۇشۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن 2مىليون يۇەن ئاجرىتىپ ئالدىنقى قارارلىق قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك قۇرۇلۇش  ئېلىپ بارغان.كەنىت باشلىقى مىياۋ كۇنجىېڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: ” ھازىر ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئانچە تەكىتلەنمەيۋاتىدۇ،شۇنداقتىمۇ بىز ئاۋال كەنتىمىزدىكى قەدىمىي ئىزلارنى ھەقىقى تۈردە رېمنوت قىلىپ چىقىشىمىز كېرەك. شۇندىلا ئەجدادلىرىمىز ھەم كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئالدىدا يۈزىمىز يورۇق بولىدۇ.“

     كېيىنكىسىدە ، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يەنشەن ناھىيىسى 315-دۆلەت يولىدا قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا كۆرىنىشتە ئىتائەت قىلغان بولىۋېپ ئاستىرىتتىن خىلاپلىق قىلىپ، خەۋەرلەرنى قامال قىلىپ، مەخپىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ ، پارتىزانلارچە قۇرۇلۇش تاماملىغانلىقى؛ بۇنى بەرىبىر بولۇپ بولغان ئىش قىلىپ كۆرسىتىش شەكلى بېلەن شىخەيجۈن قەدىمىي شەھرىنىڭ ئەسلىدىكى يولىنى مەجبۇرىي كېڭەيتپ، مەمەلىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ---شىخەيجۈن قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىقى يېزىلغان. مەزكۇر ناھىيىنىڭ بىر مۇئاۋىن ھاكىمى بۇ ئىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:” مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا ناھىيمىز مالىيىسى ئىنتايىن قىيىنچىلىق ئىچىدە قالدى، كارخانىلار ۋەيران بولۇپ، پۈتكۈل ناھىيىدىكى ئىشتىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشى قىيىنلىشىپ كەتتى.مۇبادا 315-دۆلەت يولى ناھىيىمىزدىن ئۆتسە  بىر قىسىم ئىشتىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ،بەزى 3-كەسىپ تۈرلىرىنى يولغا قويغىلى بولىدۇ. “

       مەن  تازا سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ  ھاكىمنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن دېھقانغا يەتمەيدىغانلىقىنى پەملەپ قالدىم:

    بىرىنچى، ھاكىمنىڭ قانۇن-تۈزۈم قارىشى دېھقانغا يەتمەيدىكەن.دېھقان قانداقلىكى بولمىسۇن قانۇن بويىچە ئىش قىلىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ، قانۇننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى ، بۇنىڭدا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلگەن. ۋەھالەنكى ھاكىم << مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قانۇنى>>غا قىلچە پىسەنىت قىلماي ، قانۇننىڭ تەتۈرىسىچە ئىش تۇتۇپ، قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان. گەرچە بۇ بىر دىلو(ئەمما ئۇ بۇنى پەقەت ۋە پەقەت  دېلو دەپ قارىساىلا) تۇرغۇزۇشقا تېگىشلىك ئىش بولسىمۇ ئەمما ئۇ بىزنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ مەنسىپى قانچە ئۆسكەنسېرى ئۇلارنىڭ قانۇن-تۈزۈم قارىشى شۇنچە كۈچىيىپ بارىدۇ، دېگەن خۇراپىلارچە كۆز-قارىشىمىزنىڭ پاچاقلاپ تاشلىنىشغا ياردىمى باردەك قىلىدۇ.

      ئىككىنچى،ھاكىمنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش جەھەتتىكى ئېڭى دېھقانغا يەتمەيدىكەن.دېھقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تارىخي مەدەنىيەت مىراسى بولۇشتىكى موھىملىقى ۋە قىممىتىنى بىلگەن بولغاچقا ئۇنى ئەمەلىي ھەركىتى بېلەن قوغداپ ئەجدادلىرى ھەم ئەۋلادلىرىنىڭ ئالدىدا يۈزىنى يورۇق قىلغان.ۋەھالەنكى، ھاكىم تارىخي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ” دۆلەت يولىنى مۇشۇ يەردىن ئۆتكۈزگەن“ ،ئۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قايتا يارالمايدىغانلىقىنى ، بىرسى زىيانغا ئۇچرىسا بىرسىنىڭ ئازلايدىغانلىقىنى بىلمىگەن ياكى بىلسىمۇ پەرۋايىغا ئالمىغان.

    ئۈچىنچى، ھاكىمنىڭ نەزەر دائىرسى دېھقاننىڭكىگە يەتمەيدىكەن. كەنىت باشلىقى ئىگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغان ، ئۇ ئەجدادلىرىنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرمىسە ئۇلارنىڭ روھىنىڭ ئەۋلادلارنى يۆلەيدىغانلىقىنى بىلگەن. تېخىمۇ موھىمى ئۇ جوڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جوڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلغان، ئۇ” قانچە يىراققا نەزەر تاشلىساڭ شۇنچە پارلاق مەنزىلنى كۆرىسەن “ دېگەندەك كەڭ نەزەر دائىرىگە ئىگە. ۋەھالەنكى، ھاكىم پەقەت كۆز ئالدىدىكى ئىشتىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، 3-كەسىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش  بېلەنلا بولۇپ كېتىپ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمىغان،” ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا “ دېگەن مەنتىقە بويىچە ئىش كۆرگەن. ئۇنىڭ نەزەر دائىرسىنىڭ تارلىقىغا ھېچقانداق گەپ توغرا كەلمىسە كېرەك.

يۇقۇردىكى ھاكىمنىڭ دېھقانغا ئۈچ جەھەتتىن يەتمەيدىغانلىقى نۆۋەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ھەقىقەتەن كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ.

 

(خەنزۇچە <<مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى گېزىتى>>نىڭ 2001-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)

7

تېما

1

دوست

2790

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  90
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 421
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 14:27:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپا مەسلىسى دە ، لېكىن دېھقانلېرىمىزنىڭ ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن
نەغەمى
قۇتلان تېلفۇنلىرى

239

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   19.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 4088
تۆھپە : 2692
توردىكى ۋاقتى: 4724
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 02:24:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئاۋام ياخشى باشلامچىغا مۇھتاج . رەھبەر -باشلامچى بولغان كېشى يوقىرىنىڭ سىياسەت ، ئەمىر - پەرمانلىرىنى تېز سۈرئەتتە شۇ پېتى تەشۋىق ۋە ئىجرا قىلدىغان قابىليەت ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ، ئەملىلەشتۈرۈشتە  توغرا تەدبىر بەلگىلىيەلەيدىغان ، ياخشى ئامال - چارە تاپالايدىغان ئەقىل ۋە پەم- پاراسەتكە ئىگە بولغان بولسا خەلق يوقىرىنىڭ يۆنۈلۈش - سىياسەتلىرىدىن كۆپ نەپكە ئېرىشكەن بولاتتى ئەمەسمۇ ،  كاشكى !

0

تېما

0

دوست

458

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  850
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 459
تۆھپە : 275
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 19:09:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كېيىن ھەر قانداق شەھەر، ھەر قانداق ئورۇنىڭ ساياھەتتىن  ئالىدىغان پايدىسى كۆپ بولىدۇ

2

تېما

0

دوست

2635

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1328
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 375
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2011-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-3 21:25:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە بوزقىر ، تېمىڭىزنى كېچىكىپرەك كۆرۈپتىمەن ،.
تەلىپىمنى ئېسىڭىزدىن چىقارمىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت !!!!!

10

تېما

0

دوست

7013

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2666
يازما سانى: 287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1694
تۆھپە : 1002
توردىكى ۋاقتى: 280
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 00:44:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىدا مەسىلە بار... ھاكىمنىڭ دېھقانچىلىك ئەقلى بولىدۇ دەپ كىم ئېيتىدۇ؟ ! ئەگەر دېھقاندەك ئەقىل بولسىدى ئۇ پوق قۇرساقلارنىڭ، خەقنىڭ ھەققىدە نىمە ئىشى بار؟ ھاكىم ھاكىم بولۇپ قايسى بىر دېھقاننىڭ ئاغزىغا ئىسسىق ئاش بېرىپتۇ؟  
  خوش ئەقىلسىز دەپ قارالغان دېھقانلىرىمىزغا قاراڭ، ئۇ شۇ ئەقىلسىزلىقى بىلەن پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ ھەر ۋاق ئېشىغا ئۆز ئەجىرىنى قوشتىمۇ؟  دېھقان ئەقىلسىز بولغاچ ئاققان تەرىدە خېمىر تۇرۇچ تەييارلاپ، ھالاللاپ يەمدۇ؟ يازغۇچى بولغان ئادەم ھاكىم باشلىق دېگەنلەرنى ئەقىللىق بولغاچ ھاكىم باشلىق بولغان دەپ قارامدۇ؟ مەن جاۋاب بېرەي، ھازىرقى ئاتالمىش باشلىقلار كۆتەمىكەشلىكنى بىلمىسە باشلىق بولالمايدۇ، ئۇلارنى پۇرسەتپەرەس ياكى تەخسىكەش دېگەن بىر قەدەر مۇۋاپىق. شۇنداقلا ھىيلىگەر!!!
دېھقان بولغان ئادەم ئاددى ساددا كەلگەن ئۇ ئەقىلسىزمۇ؟ ياق ئۇنىڭ جاۋابى ناھايتى ئاددى، بىز ھەر ئىنسان بۇ دۇنياغا مېھمانمىز، بۇ دۇنيالىقتا قالدۇرغان ئىزىمىز ئىمتىھان سۇئالىغا يازغان جاۋابىمىز... دېمەك يەنىلا شۇ دېھقان يىراقنى كۆرگەن ئەقىللىق ئىنسان!!!!

63

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 2165
تۆھپە : 2230
توردىكى ۋاقتى: 678
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 00:42:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز نۇرغۇن ۋاقىتلاردا "دېھقانچىلىك ئەقلى يوق"، "دېھقانچىلىك بولالمامسەن" دېگەندەك ئىبارىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. ئەمىلىيەتتە بۇ دېھقاننى كەمسىتىشتىن باشقا گەپ ئەمەس. كىم دەيدۇ دېھقاننى ئەقلى يوق، دەپ؟!
دەرھەقىقەت، دېھقانلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ كۆپ تەربىيە ئالامىغانلىقى، ئەقلىنىڭ ئاق ياقىلىق زىيالىلارغا، ھۆكۈمەتتىن تەييار لەڭ يەيدىغانلارغا يەتمەيدىغانلىقى. ئەمما ئەتىراپىمىزغا ئىنچىكىلىك بىلەن ئەستايىدىل قارايدىغان بولساق يەنە بىر تۈركۈم دېھقان زىيالىلارنى، دېھقان يازغۇچىلارنى، دېھقان دانىشمەنلەرنى، دېھقان تېخنىكلارنى... كۆرۈپ يېتىمىز. ئۇلار ئەقىللىق ئەمەسمىكەن؟!  يەنە ئالساق، ئىشەك جېنىدا بىر قېتىم پۇتى كىرگەن تۆشۈككە قايتا دەسسىمەيدۇ، ئەمما، ئاشۇ ھۆكۈمەتتىن لەڭ يەيدىغان ئاق ياقىلىق "زىيالىلىرىمىز" ئىچىدىن ئۆسۈپ چىققان ھوقۇقدارلىرىمىزچۇ؟ تەكرار-تەكرار مىققا ئۈسسىمۇ يەنىلا پارا ئېلىۋېرىدۇ. ئاشۇلارنى ھالاللىقى بىلەن ياشاۋاتقان دېھقانلىرىمىزدىن ئەقىللىق دەيمىزما؟!
دېھقانلارنى كەمسىتىدىغان يۇقارقى ئىبارىلەر ئەمىلىيەتتە خەنزۇ مىللىتىنىڭ 2 مىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئەنئەنىسىدىن قالغان، جىسمانىي ئەمگەكنى ئەقلىي ئەمگەكتىن، دېھقاننى قەلەمدارلاردىن پەس كۆرىدىغان، ئىنسانغا ئىنسانچە مۇئامىلە قىلمايدىغان فېئۇداللىق پەس ئىنسانىي قارىشىدىن كەلگەن.
يەنە تېخى بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق قىلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندا ئۇيالماستىن دېھقانلارنى تېخىمۇ ھاقارەتلەپ، "بىر ئۆمۈر دېھقان بولۇپ گۇناھىمنى يۇياي" دېيىشلىرىچۇ تېخى. ئۇلارچە بولغاندا دېھقانلار جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، گۇناھىنى يۇيىۋاتقانلاركەن-دە!؟

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1952
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3341
تۆھپە : 1982
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 01:56:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما يوللىنىىپ ئاي توشقىلىۋاتقاندا ھەجەپ پەيزى ئىنكاستىن بىرسى چۈشتى ،
ئاتىللا ئارلىشىپ ئۆتەيلى ، سىزنىڭ تېما ئىنكاسلىرىڭىزغ ا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )