قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3661|ئىنكاس: 50

ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش ھەربىر زىيالىينىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك پە...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

333

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   16.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23428
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 124
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 05:32:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش ھەربىر زىيالىينىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك پەرىزىدۇر  

(ئۇيغۇر زىيالىيسى بىلىمخۇمار  ئەپەندى بىلەن ئۆتكەزگەن سۆھبەت خاتىرسى)

  

قۇمتۇر


بىلىمخۇمار ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن يىتىشىپ چىققان تۇنجى تۈركۈمدىكى تەبئي پەن ئالىملىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە دۇچ كىلىۋاتقان ئىجتىمائى مەسىلىلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان روھى ئويغاق، ۋىژدانلىق  زىيالىيلارنىڭ بىرىدۇر.
زىيالىي ئوقۇمى  ئۇيغۇرلاردا تېخى تەتقىق قىلىنمىغان ۋە مۇۋاپىق تەبىر بىرىلمىگەن بىر ئوقۇمدۇر. ھازىرغىچە بىز مەكتەپ يۈزى كۆرگەن، بىلىمدىن ئاز-تولا خەۋىرى بار ئادەمدىن تارىتىپ تاكى ئاسپىرانت، دوكتۇرلارغىچە ھەممىسىنى زىيالىي دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىمىز. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلاردا ئوقۇغانلار بۇرۇنقى دەۋىرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن كۆپ، بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ زىيالىي بولۇشى ناتايىن، مەيلى ئۇ ئاسپىرانتلىقتا، دوكتۇر ھەتتا دوكتۇر ئاشتىلىقتا ئوقۇسۇن، ئەگەر ئۇ بىر زىيالىيدا بولۇشقا تىگىشلىك شەتلەرنى ھازىرلىمايدىكەن  ئۇ  پەقەتلا ئوقۇغان  ئادەم بولاشى مۈمكىن  ، زىيالىي بولالىشى ناتايىن.
ئىدۋارد سەيىد نىڭ سۆزى بۇيىچە ئېيتقاندا:« زىيالىي خەلقنىڭ زۇۋانى، ئادالەت،ھەققانىيەت ۋە ئىزىلگۈچىلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ قانچىلىك خېيىم-خەتەر، ۋە جاپا-مۇشەقەتكە ئۇچۇراشتىن قەتىي نەزەر ئۆزۈنىڭ ئېنىق مەيدانى ۋە كۆز قارىشىنى ئىپادىيەلەيدىغان بولۇش كېرەك.»  ئۇ ئۆزۈنىڭ «زىيالىي ھەققىدە» دېگەن كىتابىدا « زىيالىي ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى قوغدىيالايدىغان بولۇش كېرەك»، دەپ تەكىتلەيدۇ.
ئۇيغۇرلاردا يۇقۇرى بىلىم ئورۇنلىرىدا  ئوقۇغانلارنىڭ سانى  يىلدىن –يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ ،بىراق ئۇلانىڭ زىيالىيلار  سېپىگە قۇشۇلالىشى يەنىلا ئۇلانىڭ سەمىمىيتى ۋە ۋىژدانىغا باغلىق ئىش.
بىلىمخۇمار ئەپەندى ئۇيغۇر جامائىتى تەرپىدىن بىردەك ئىتراپ قىلىنغان زىيالىيدۇر. ئۇ ئۆزۈنىڭ تەبئي پەن ساھاسىدە قولغان كەلتۈرگە نەتىجىلىرى، مىللەتنىڭ تەقدىرى ۋە ساپاسىغا مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشلىرى ئېنىق ئىپادىلەنگەن ئىجتىمائى ماقالىلىرى ۋە بىر قاتار ئىجابى پائالىيەتلىرى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.
گەرچە بىلىمخۇمار ئەپەندى  ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئۆزۈنىڭ ئىجتىمائى ماقالىلىرى ئارقىلىق  نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان شىدەتلىك  خىرس ۋە رىئالنى  مەسىلىلەرنى  تەلپۈنگۈچىلىرىگە  ئېنىق كۆرسۈتۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما زىيارەت خاتىرسى ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەققىدە  ئوقۇرمەنلەرگە يەنە بىر قېتىم ئەسلەتمە بېرىشنى لايىق كۆردۈم.
  قۇمتۇر: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يىتىشىپ چىققان تەبئىي پەن ئالىم بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھازىرئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مائارىپ، ئانا تىل ۋە باشقا  ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگىمۇ جىق كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتىسىز.  سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ھازىر ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائېي مەسىلە نىمە دەپ قارايسىز؟
بىلىمخۇمار: مىللىي كىملىكىنى يوقىتىپ قويۇشىنى ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئىجتىمائى مەسىلە، دەپ قارايمەن.  
  بۇ خىل ئەھۋالنىڭ قەدىمى يېقىندا بەك تىزلەشتى. بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ  ئۆزىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئەمەس،بەلكى تاشقى مۇھىتنىڭ قىستىشى بىلەن بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم، ئەنسىرەيدىغىنىم ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلىسى دەپ قارايدىغىنىم  مىللىي كىملىك ئىلىمىنتلىرىنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە يوقىلىشىدۇر.

  قۇمتۇر: ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى خىل شەكىللەر بىلەن ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساخلاپ قېلىش ئىمكانىيەتلىرى بولىدۇ؟

  بىلىمخۇمار: بۇرۇن  يازغان  يەھۇدىلار توغرىسىدىكى ماقالەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ  ئۇلارنىڭ دىنى ئتقادى بىلەن ناھايىتى زىچ  مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى  بىر ئاز ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىدىم. ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار  ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساخلاپ قېلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئىككى چوڭ ئامىل بار، دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭ بىرسى دىن يەنە بىرسى  مەدەنىيەت ۋە  ئۆرپ ئادەتلىرىدۇر. ئەگەر بۇ ئىككى نەرسە يوقاپ كەتسە، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى   پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويىدۇ.
قۇمتۇر: مىللىي كىملىكنىڭ ئىچىدە ئانا تىلمۇ بار دەپ قارامسىز؟  
بىلىمخۇمار: ئەلۋەتتە، مەن باياتىن دېگەن  مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئچىدە  ئانا تىلمۇ بار. ئانا تىلنى ئۇيغۇرلارنىڭ جېنى دېسەكمۇ بولۇدۇ. بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتتىن  پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ نەرسىنىڭ بىرسى ئۇنىڭ تىلىدۇر . ئەگەر بىر مىللەتنىڭ  ئۆزىنىڭ تىلى بولمايدىكەن باشقا مىللەت بىلەن پەرقى ناھايىتى تېزلا كىچىكلەپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ ئىچىدە تىل ناھايتى مۇھىم ئامىل ھېساپلىنىدۇ.

  قۇمتۇر: ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ يەسلىدىن تارتىپ تاكى  ئالىي مەكتەپكىچە بولغان  مائارىپىدىن  ئانا تىل دەرىسلىرى چىقىرۋىتىلدى  ھەم ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى خەنزۇ تىلىدا دەرىس ئۆتۈدىغان ئەھۋاللارنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. يەنە  بىر تەرپتىن جەمىيەتنىڭ  قىستىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاتا- ئانىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئۇيغۇرچە سۆزلەشتىن چەكلەيدىغان، سىرتلاردا ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ئارزۇ قىلمايدىغان  ھادىسىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا قانداق تەۋسىيەرىڭىز بار؟
  بىلىمخۇمار : ئۇ دېگىنىڭىز ھەقىقەتەن توغرا. ھازىر  ئۇيغۇرلار ئۈچۈن  پەرزىنتلىرىنى ئۆز ئانا تىل مەكتىپىدە ئوقۇتۇش پۇرسىتى ناھايىتى ئازلاپ كېتىپ بارىدۇ.بىر قىسىم ناھىيەلەردىكى يېزا-قىشلاقلاردا ناھايتى ئاز ساندىكى ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان مەكتەپلەر بار دەپ ئاڭلىدىم . ئۇنىڭدىن باشقا  يۇقىرى يىللىق  مەكتەپلەردە پەقەت  قالمىغان ئوخشايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايتى قىيىن بىر ئەھۋال. ئۇزاق بولدى، مەنمۇ بۇ ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشلەرنى قىلىپ،  بىر قىسىم ماقالىلەرنى يازدىم. بىر مىللەتنىڭ مائارىپ سۈپىتىنىڭ  قانداق بولىشى ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئانا تىلى بىلەن ئېلىپ بارغان بارمىغانلىقى بىلەن چوڭ مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى  ئۇيغۇرلادىن تاپقىلى بولۇدۇ. مەسلەن، 50-يىللاردىن  2000- يىللارغىچە بولغان ئۇيغۇر مائارىپى ناھايىتى  يۇقىرى سۈپەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى يىتۈشتۈرۈپ چىققان ئىدى.  بۇلارنىڭ ۋەكىللىرى ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدە  بار. 2000- يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر مائارىپىدا  ئانا تىلنىڭ چەكلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە مەكتەپلەرنى  ۋە مۇئەللىملەرنى ياختۇرمايدىغان بىر ئەھۋال شەكىللەندى. بۇرۇن سىنىپتىن سىنىپقا كۆچەلمەيدىغانلار  2.3 پىرسەن بولغان بولسا، ھازىر لاياقەتلىك بولالايدىغانلارنىڭ  سانى 2.3 پىرسەن  بولۇپ قالغان.  ئەمدى بۇ قوش تىل مائارىپى  ۋە ئانا تىل ئوقۇتۇشى ھەققىدە غەرىپ ئەللىرىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقىلى بەك ئۇزاق يىللار بولدى. غەرىپلىكلەر  1850- يىللاردىن باشلاپلا بۇ ھەققىدە نۇرغۇن  تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئۇلار ئەڭ ئاخىردا :« بالىلار چوقۇم 3-سىنىپنى پۈتتۈرگۈچە  ھەممە دەرىسنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا ئوقۇشى، يات تىل ھېساپلانغان يەنە بىر تىلنى  4 -سنىتىپتىن باشلاپ ئايرىم  بىر دەرىس سۈپىتىدە ئۆگۈنىشى، بالىلارنىڭ يات تىلدا  كەسپى دەرىسلىرىنى ئاڭلاپ چۈشىنىش  ئىختىدارى يىتىلمىگىچە  بالىلارغا كەسپى دەرىسلەر يات تىلدا ئۆتۈلمەسلىكى كېرەك» دېگەن ئىلمى خولاسىنى يەكۈنلەپ چىققان.  بۇ  ئالىملارنىڭ  150 يىل  مابەينىدە ئېلىپ بارغان ئىلمى تەتقىقاتلىرىنىڭ  يەكۈنىدۇر. ھازىر ئەمدى ئۇيغۇرلاردا  يۈز بېرىۋاتغان ئەھۋاللار مۇشۇ ئىلمىي يەكۈنلەرگە پۈتۈنلەي خىلاپتۇر. مۇشۇنداق ئىلمىي پاكىتلار ئېنىق تۇرسىمۇ ئەمما ھازىر بۇلار پۈتۈنلەي بىر ياققا قايرىپ  قويۇلۇپ، ئۇيغۇرلارغا  خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش  ئېلىپ بېرىش يولغا قويىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال.
  قۇمتۇر: خەنزۇ  تىلىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى تېڭىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى يوقۇتۇش قەددىمى تېزلىنىۋاتىدۇ  ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە  ئۇيغۇر ئاتا ئانىلارمۇ  بالىلىرىنىڭ جەمىيەتتە  بىر كىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن  بالىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. سىزنىڭچە ئۇيغۇرلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق جەمىيەتتە تىگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولالايدۇ ھەم خەنزۇلارمۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇندا كۆرىدۇ دەپ قارامسىز؟

بىلىمخۇمار: ياق،  ئۇيغۇرلارنىڭ  يېقىنقى 60 يىللىق ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، 50- يىللاردىن كىيىن خەنزۇچە مەكتەپلەردە  ئوقۇغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت تېپىش  پۇرسىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان. شۇڭا بىر قىسىم ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى خەنزۇچە مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. لېكىن يېقىنقى 20 يىللارنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇر ياشلىرى مەيلى خەنزۇچە مەكتەپلەردە ئوقۇغان بولسۇن ياكى ئۇيغۇرچە مەكتەپلەردە ئوقۇغان بولسۇن ھازىر ئوخشاش تەغدىرگە دۇچار بولىۋاتىدۇ. خىزمەت تېپىش جەھەتلەردە ھازىر ھېچقانداق پەرقى قالمىدى. ئەمدى بالىلىرىنى خەنزۇچە مەكتەپلەردە  ئوقۇتىۋاتقانلار جەمىيەتتە ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغاندەك بىر كىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولالمايلا قالماستىن بەلكىي بالىلىرىنىڭ مىجەز-قۇلقىدىمۇ زىيان تارتىۋاتىدۇ. خەنزۇچە مەكتەپلەردە ئوقۇغان بالىلار بىر مۇكەممەل كىشلىك ساپا بىلەن چوڭ بولمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇرچە ئوقۇغان بالىلار بىلەن خەنزۇچە ئوقۇغان باللارنىڭ مىجەز خۇلقى جەھەتلەردە پەرقلەر شۇنداق چوڭ. مەن يېقىندىن بۇيان بۇنداق ئەھۋاللارنى بەك كۆپ ئۇچراتتىم. ئۇلار ئۇيغۇرلاردىكى  مىللىي خاسلىقنى يوقىتىپ قويقان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزۈمنىڭ  يېقىنقى مەزگىللەردە يازغان  ماقالىلىرىمدە  ئوتتۇرغا قويغاندەك، كىچىكىدىن تارتىپلا بىر يات تىلدا ئوقۇغان بالا باشقا تىلدىمۇ پۇختا بولالمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئانا تىلدىمۇ ساۋادى ياخشى چىقمايدۇ.  مەسلەن : چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇۋاتقان خەنزۇ  تىلىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى شۇنداق كۆپ. ئۇلار كەسپى جەھەتتە ياخشى، ئۆزىنىڭ كەسپىنىڭ ھۆددىسىدىن  ناھايىتى ياخشى چىقىدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆزۈنىڭ ئانا تىلىدا  مەقسىدىنى ئىپادىلەش، بىر نەرسە يېزىش جەھەتلەردە كۆپ ئاجىزلىقلارغا ئىگە. بولۇپمۇ ئۇلار  ئۆزلىرىنىڭ بىلىملىرىنى ئۆز مىللىتىگە يەتكۈزۈش جەھەتتە ئانا تىلىدا  ئوقۇغانلارغا قارىغاندا كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ئۆزىنىڭ تىلىدا بولسۇن ياكى باشقا تىلدا بولسۇن  گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىلارنى چۈشىنىش جەھەتتە يەنىلا كىچىكىدىن باشلاپ ئانا تىلدا ئوقۇغان بالىلارغا يەتمەيدۇ. بۇ  ئۆزۈمنىڭ كۈزىتىشى ۋە شۇنداقلا چەتئەلدىكى مۇتەخخەسىسلەرنىڭ يەكۈنى.
قۇمتۇر: سىز يېقىندىن بۇيان يەھۇدىلارنىڭ تارىختا دۇچ كەلگەن قىسمەتلىرى  ۋە ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىق ھەققىدە بىر قىسىم ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ    باردىڭىز . سىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر  دۇچ كېلىۋاتقان كۈلپەتلىك قىسمەتلىرى بىلەن يەھۇدىلار تارىخىدا دۇچ كەلگەن قىسمەتلىرى ئارىسىدا  قانداق ئوخشاشلىق ۋە پەرقىلەرنىڭ  بارلىقىنى بايقىدىڭىز؟ . سىزنىڭچە ئۇيغۇرلار  ھازىر نىمە ئىش قىلىش كېرەك؟

بىلىمخۇمار: يەھۇدىلار ئۆزىنىڭ دىننىي ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش  ئۈچۈن ناھايىتى  كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن. ئۇلار  تەۋراتتىن پايدىلنىپ، مىللىي ساپاسىنى ۋە ئىنسانلىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئۇتۇق قازانغان. تەۋراتنى چۈشۈنۈپ ئوقۇش  ۋە ئۇنى ئۆگىنىشنى پۈتۈن مىللەت بۇيىچە ھەربىر ئائىلىگىچە ئومۇملاشتۇرۋەتكەن. مىلادى 900-يىلدىن ھېساپلىساق  ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىپ كەلگىلى 1100 يىلدەك بولۇپ قالدى. ئەمما ئۇيغۇرلاردا قۇرئاننى ھەققىي چۈشۈنۈپ ئوقۇيدىغالار ناھايتى ئاز بولدى. گەرچە كېيىنكى مەزگىللەردە قۇرئان ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ھەركىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇرچە قۇرئاننى ئوقۇش پۈرسىتى بولمىدى ياكى قىزغىنلىق ناھايتى سۇس بولدى. بۇ بەلكىم  دىننىڭ   ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا رىئالنى مەنپئەت يەتكۈزۈشى ئانچە يىتەرلىك بولمىغانلىقىتىن  كېلىپ چىققا  بىر ھالەت  بولۇشى مۈمكىن. تەۋراتنى ئۆزۈم ئوقۇپ باقمىدىم ئەمما تەۋرات توغرىسىدا يېزىلغان  ماقالىلەرنى كۆپ ئوقۇدۇم. تەۋراتنىڭ ئۆزىدە 600 دىن ئارتۇق تەلىمات بار ئىكەن. بۇ تەلىماتلار  يەھۇدىلارنىڭ قانداق ياشىشى توغرۇسىدىكى  نۇرغۇن قائىدە تۈزۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپتۇ. بۇلار  ئۆرپ ئادەت، كىيىم-كېچەك، يىمەك-ئىچمەكلىرىدىن  تارتىپ تاكى  دۆلەت قانۇنىلىرىغىمۇ چېتىلىدىكەن. مۇشۇنداق تەلىماتلات جىق ئىكەن. بۇنى ئوقۇغان ئادەملەر  ئىقتىدار  جەھەتتە، بولۇپمۇ باشقا مىللەتتىكىلەر بىلەن  مۇناسىۋەت قىلىش جەھەتتە بەك كۈچلىك بولۇپ كېتىدىكەن. يەھۇدىلار ئومۇميۈزلۈك گەپكە ئۇستا بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇڭا ئۇلار بۇرۇندىن تارتىپ  سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلگەن. مىنىڭ يەنە بىر ھېس قىلغان نەرسەم ئۇلار قانچە دىندار بولسىمۇ ئەمما، ئۇلار  ھەممە ئىشنى ئاللاھقىلا ئارتىپ قويۇپ، ھەممە ئىشنى ئاللاھ قىپ بېرىدۇ، دەپ قارىمايدىكەن. ئۇلار بىر تەرەپتىن  دىنغا قاتتىق ئىشەنسە، يەنە  بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ مىللىتىگە پايدىلىق ئىشلارنىڭ ھەممىنى تېپىپ قىلىدىكەن.  ئۇلار باشقا مىللەتنىڭ قانداق ئويلىشىغا پەرۋا قىلمايدىكەن. ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق  مېجەزى يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساخلاپ قېلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.
  ئەمما مەن  ئۇيغۇردا  ھەممە ئىشلاردا ئاللاھقا  شۈكرى قىلىپ، ئەتراپىدىكى ئىشلار بىلەن كارى بولماسلىق ئەھۋاللىرىنى  كۆپ ئۇچراتتىم. بۇ ھەقىقەتەن ئىسلام دىنىنىڭ روھىمۇ ياكى كىيىن باشقىلاردىن يۇقتۇرۋالدىمۇ  بۇنى بىلمەيمەن. مەن  دىن جەھەتتە كۆپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارمىدىم .لېكىن ئاشۇ بىر نەرسە ئۇيغىۇرلارنىڭ  ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان  كۈرەش قىلىش روھىنى يىتىلدۈرۈش جەھەتتە ناھايىتى چوڭ چەكلىمە پەيدا قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن.
يەھۇدىلارنىڭ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرغىنغا ھازىر 2000 يىل بولۇپتۇ. بۇلار پۈتۈن مىللەتلەر ئىچىدە دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدىكەن. يېقىندا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى تەتقەق قىلىپ ئېرىشكەن بىر خۇلاسەم شۇ بولدىكى، ئەگەر بىر مىللەتنەڭ ساۋاتلىق ياكى ساۋاتسىز ئىكەنلىكىنى ئۆلچەشتە،  ئاددى تىل بىلەن يېزىلغان پەننىي كىتاپلارنى ئوقۇپ چۈشۈنۈپ، ئۇنىڭدىن بىر ئىقتىسادىي  ئۈنۈم يارتارلايدىغان دەرىجىدە پايدىلىنىش ئىقتىدارى بارمۇ-يوق ،دېگەن  نوقتىينەزەر بىلەن قارايدىغان بولساق، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ساۋاتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. گەرچە ئۇيغۇرلاردا خەت ئوقۇيالايدىغانلار كۆپ بولسىمۇ  ئەمما پەننى بىلىملەرنى  ئۆزۈنىڭ ئقتسادىي  مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. بۇ يەھۇدىلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى  ئەڭ چوڭ پەرق.

قۇمتۇر: مەيلى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر  زىيالىيلار  ئارىسىدا بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى  زىيالىيلار ئارىسدا بولسۇن، ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ  مىللىي ساپاسى ھەققىدە كۆپ مۇنازىرلەر بولىۋاتىدۇ ، يەنى  ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ساپاسىنىڭ ، مائارىپ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە  ئەخلاقى جەھەتتە ئۆلچەم قىلغۇدەك  بىر ئەخلاقى ئۆلچەمنىڭ يوقلىقى دېگەندەك چۈشەنچىلەر كۆپ سۆزلىنىۋاتىدۇ . سىز مۇشۇ مىللىي ساپا دىگەن سۆزنى قانداق چۈشەندۈرسىز؟

  بىلىمخۇمار: مىللىي ساپا دېگەنلىك  مىللەتنىڭ سۈپىتى دېگەنلىكتۇر. مەن ئادەتتە مىللىي ساپا دېگەن كاتوگىرىيەنىڭ ئىچىدە مىللەتنى 2  تۈرگە ئايرىيمەن. بىرسى تاينى يوق مىللەت يەنە بىرسى تاينى بار مىللەت. تاينى بار مىللەت دىگەندە مىنىڭ ئېسىمگە دەرھال كىلىدىغىنى ياپۇنلۇقلاردۇر. ئۇلارنىڭ قانداق تاينى بار دېگەندە، پۈتۈن مىللەتتە ئورتاق بىر خاراكتىر بار. ئۇلار بەك راسچىل. بىر ئىشنى قىلىمەن دىسە قىلىدۇ، قىلمايمەن دىسە قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ دېگەن گىپىگە ئاساسەن ئىشەنگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار سىزگە بىرەر ئىشنى ۋەدە قىلغان بولسا  ئۇلارنىڭ گىپىگە ئىشەنگىلى بولىدۇ.
ئۇلاردا ئالدامچىلىق يوق، ئۆزىنى شۇنداق بىر يۇقىرى ئورۇندا ساقلايدۇ.  ياشاش ئىخدىدارى جەھەتتە يەھۇدىلار شۇنداق تاينى بار مىللەت. نىمىشقا دىسىڭىز مەن ئىشلەۋاتقان ئىدارىدىكى 5000 ئادەمنىڭ ئىچىدە 10% - 30% غىچە ئادەملەرنى يەھۇدى دەپ ئويلايمەن. ئۆزۈم ئۇچراتقان يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسى ھوقۇق تۇتىدۇ. گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى، ئۇنىڭ ياكى بۇنىڭ باشلىقى دىگەندەك. ئۇنداق بولمىسىمۇ ھەرقانداق بىر ئادەم نازۇك، ئىنچىكە ئىشلارنى مۇشۇلارغا ئىشىنىپ تاپشۇرۇپ بېرەلەيدۇ.  مېنىڭ كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك  يېزىلغان قانچىلىغان داڭلىق كىتاپلار بار، ھەممىسىنى يەھۇدىلار يازغان. ھازىر ئامېركىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە پروفىسورلۇق قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدىلارنىڭ سانى ئەك كۆپ.
دېمەك بۇلار  ياشاش ئختىدارى جەھەتتە  باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بەك كۈچلۈك ھەم ساپالىقتۇر . ئامېرىكىدا بۇخىل ئەھۋال  ناھايىتى روشەن ئىپادىلىنىدۇ.مەسلەن، ئالدىغا بىر ئەرەپ دوختۇر بىلەن بىر  يەھۇدى دوختۇر كېلىپ قېلىپ، ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاشقا دۇچ كەلسە، خەقلەر ئاساسەن يەھۇدىنى تاللايدۇ. نىمىشقا دىگەندە ،ئۇلار ئىلمى نەرسىلەرگە كەلگەن چاغدا يالغانچىلىڭ قىلمايدۇ.  دېمەك مىللىي ساپا دىگەن نەرسە مۇشۇنداق ئىشلاردا ئىپادىلنىدىكەن.
بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىر ئاز ناچار. مەن ئۇيغۇرلارنى بۇ كاتېگورىيەلەرگە سېلىپ، ئايرىپ يۈرگۈم يوق. نىمىشقا دېگەندە ھازىر ئۇيغۇرلاردا ئۆزىنى ئۆزى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق. ئەگەر ئۇيغۇرلارمۇ ھەممە ئىشىتا ئۆز ئۆزۈگە ئىگە چىقالىغان بولسا، بولۇپمۇ مائارىپ ساھاسىدە ئۆز خەلقىنى ئۆزى تەربىيەلىيەلىگەن بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھازىرقىدىن كۆپ ياخشى بولغان بولاتتى. مەن ئۇيغۇرلاردىن يىتىشىپ چىققان  مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭمۇ   كىتاپلىرىنىمۇ كۆرۈپ باققان، بۇ كىتاپلارنىڭ پەلسەپەۋىي پىكىرلىرى چۇڭقۇر، بىلىم دائىرسى كەڭرى بولسىمۇ ،ئەمما بۇ كىتاپلاردىن  ئاران دېگەندە 3000 دانە بېسىلدۇ. ئەگەر ھازىر بىز نوپۇسىمىزنى 15 مىليون دىسەك بۇ تىراژ ھەقىقەتەن ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ.
ئەگەر ھازىرقى سىياسى ئۆگىنىشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلار  ئاشۇنداق كىتاپلارنى ئوقۇغان بولسا  بۇ ۋاققىچە ئۇيغۇرلارنىڭ   ساپاسىدا  قانچىلىك  ئۆزگۈرۈشلەر بولار بولغۇيتى ھە!؟ ئۇيغۇرلار ئەينى زاماندا  يىپەك يولىدىكى مۇھىم خەلق بولۇش سۈپۈىتى بىلەن  سىرتنىڭ نۇرغۇن  مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان ھەم نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچراشقان بولغاچقا ئۇيغۇرلاردا باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى تېز قوبۇل قىلالايدىغان ئىقتىدار يىتىلگەن، بۇ جەھەتتە قاتمال ئەمەس. لېكىن ھازىر ئۇيغۇرلار  مۇشۇ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ  تۇرۇپ ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتتە پۇرسىتى يوق دىيەرلىك بولىۋاتىدۇ. بۇ ئىشقا مەن بەك ئېچىنىمەن.

  قۇمتۇر: ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن يىتىشىپ چىققان نۇرغۇن تەبئى پەن ساھەسىدىكى ئالىملىرىمىز ۋە تەبئى پەن  ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۋاتقان نەتىجىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرىنىۋاتقان بىر تۇركۈم شەخىسلىرىمىز بار. ئەمما ئۇيغۇرلاردا ئومۇمىيۈزلۈك شەكىللەنگەن  ئادەت بۇيىچە ، ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىكىلەر ئىجتىمائى مەسىللەرگە كۆڭۈل بۆلۈدىغان تەبئى پەن ساھەسىدىكىلەر  ئۆزۈنىڭ كەسپىدىن باشقا  ئىجتىمائى مەسىلىلەرگە يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بىر خىل  ئەھۋال ئومۇملاشقان بىر ھادىسە بولۇپ قالدى. مېنىڭ قارىشىمچە، مەيلە تەبئى پەن ئالىملىرى بولسۇن، مەيلە ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى بولسۇن  مىللەت دۇچ كېلىۋاتقان  ئىجتىمائى مەسىلىلىرىگە كەلگەندە تىگىشلىك  كۆڭۈل بۆلۈشى زۆرۈر، دوپ قارايمەن. ئەمما بۇ مەسىلىلەر ھازىرچە يىتەرلىك ئەمەس. سىز بىر تەبئى پەن ئالىمى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن مۇشۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بولسىڭىزمۇ ،ئەمما سىز قاتارىدىكى نۇرغۇن تەبئى پەن ئالىملىرىدا بۇ خىل ئىجتىمائى مەسىللەرگە كۆڭۈل بۆلۈش ئىستىكى يوق بولىۋاتىدۇ. بۇنى سىز نىمە سەۋەپتىن  دەپ قارايسىز؟تەبئى پەن ئالىملىرىغا دەيدىغان يەنە باشقا تەشەببۇسلىرىڭىز بارمۇ؟

  بىلىمخۇمار : بار، بۇ يەردە ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىدە ئايان بولۇشغا تىگىشلىك بىر مەسىلە بار. ھەممىمىزنىڭ تەغدىرى مىللەتنىڭ  تەغدىرىگە زىچ باغلاقلىق. ئەگەر مىللەتنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمايدىكەن  بىز ئۆزىمىزنىمۇ  بەخىتلىك ھىس قىللالمايمىز. چەتئەلدىكى ماڭا ئوخشاش زىيالىيلارغا قارايدىغان بولساق، ئۆزىمزنىڭ خىزمەتتە ئېرىشكەن ياخشى نەتىجىمىز  ئۈچۈن ناھايىتى خوشال بولىمىز. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋاللارنى ئاڭلىغىنىمىزدا كۆڭلىمىز شۇنچىلىك يېرىم بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا  مەيلى تەبئى پەن زىيالىيلىرى بولسۇن ،مەيلى  ئىجتىمائى پەن  زىيالىيلىرى بولسۇن ھەممىسىنىڭ  يۈرۈكى خەلقنىڭ يۈركى بىلەن زىچ باغلانغان.
ھازىر چەتئەلدە تەبئى پەن ساھەسىدە ئىشلەۋاتغان، ئوقۇۋاتقان زىيالىيلار ئومۇميۈزلۈك ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىۋاتىدۇ.  ئۇيغۇر زىيالىيسى بولۇشنىڭ ئىككى تەرىپى بار، بىرسى ئۆزىنىڭ كەسپىگە پۇختا بولۇش يەنە بىرسى ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئورۇنىدا ئەتىراپىدىكى  كىشىلەرگە ئۆزۈنىڭ  ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلىدۈرۈپ، ئۇلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ياخشى تەسىرات قالدۇرۇش. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بەرمىسە چەتئەلدىكى خىزمەتلىرىدە  قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ۋەتەندىكىلەر ئۈچۈن ئىچقانداق  پايدىسى يوق. ۋەتەندىكىلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئىچىدىن چىققان زىيالىيلارنىڭ بىر ئاز پايدىسىنى كۆرۈش كېرەك. مەن بۇ مەسىلىلەرنى  ئۆزۈمنىڭ بەزى ماقالىلىرىدىمۇ ئوتتۇرغا قويدۇم. بۇ بىلىمنىڭ  زاكاتنى بىېرىش دىگەنلىكتۇر.  ئىسلام دىنىدا  يوقسىۇللارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن زاكات بېرىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.  ئۇيغۇر زىيالىيلاردا ئۇيغۇرلارغا بىلىم جەھەتتىن زاكات بېرىش كۆز قارىشى تىكلىنىش كېرەك.

  ئەگەر بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئەھۋالى ياپۇنلۇقلاردەك، يەھۇدىلاردەك ھەممە جەھەتتىن ياخشى بولۇپ كەتكەن بولسا بىز بەكمۇ ئويلاپ كەتمىسەكمۇ بولاتتى. قانداق ياشىغىمىز بولسا شۇنداق ياشىساق بولاتتى. لېكىن ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى باشقىچە. شۇنداق بولغاندىكىن ئۆزىنى ئۇيغۇر ھىساپلايدىغان ھەربىر زىيالىي ئۆزىنىڭ كەسپىنى ياخشى قىلىشتىن باشقا، ئۆزىنىڭ مىللىتى ئۈچۈن، ۋەتەندىكىلەر ئۈچۈن، يۇرتىدىكىلەر ئۈچۈن «مەن نىمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن» دېگەن سۇئالنى كۆڭلىگە پۈكمىسە زىيالىيلىقىنىڭ ئانچە قىممىتى  بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.

  قۇمتۇر: سىزنىڭ گىپىڭىز بويىچە  ئېيتقاندا زىيالىيلارنىڭ يىتەكچىلىك روھى جەمىئەتتە تەسىر قوزغىيالايدۇ، دەپ قارامسىز؟

بىلىمخۇمار: ئەسلىدە زىيالىيلار ئۆز توپلىقىنىڭ قەيەرگە ماڭىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان كۈچ ھېساپلىنىدۇ. ئادەتتە زىيالىيلار كىيىن بولدىغان ئىشلارنى  ئالدىن پەرەز قىلىىپ، شۇ جەھەتتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۆز توپلىقىغا  يول كۆرسىتىشى كېرەك. بۇ زىيالىيلارنىڭ بۇرچى. شۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەلۋەتتە زىيالىيلار تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە زىيالىيلارنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان مەجبۇرىيىتى بار. بىلىمەن، ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ  كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى يېزىپ چىقىش پۇرسىتى يوق. شۇنداق بولسىمۇ بىزنىڭ  شارائىتىمىز يوق، دەپ قاراپ تۇرساق بولمايدۇ. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ شارائىتى يار بەرگەن دائىردە ئۆزى خالىغان ئىشلارنى قىلىپ مېڭىشى كېرەك.

قۇمتۇر:ھازىر  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زىيالىيلاردىن رەنجىش خاھىشى ناھايتى ئېغىر بولىۋاتىدۇ. سىز بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زىيالىيلىرىدىن رەنجىشىگە قانداق قارايسىز؟

بىلىمخۇمار: ئاساسلىقى زىيالىيلاردىن سادا چىقمىغانلىقى ئۈچۈن رەنجىشلەر كۆپ بولىۋاتىدۇ. ھازىر  ئۇيغۇر جەمىيتىدە  شۇنداق كۆپ  مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇرۇن  ۋىجدان، مىللىي غورۇر  ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىمىز بىلەن بىرلەشكەن ئەخلاقى ئۆلچەلىرىمىز بار ئىدى .ھازىر سىرتقى  كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن ئەخلاقى ئۆلچەملىرىمىز  ئاجىزلاپ كەتتى. زىيالىيلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى يىتەكچىلىك رولى ئاجىزلاپ، ئاۋامنى يىتەكلىيەلمىگەندىكىن   زىيالىيلارنى ئەيىپلەيدىغان ۋە ئۇلاردىن  نارازى بولىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىۋاتىدۇ.
مەن يەھۇدىلار توغۇرلۇق ماقالىلەرنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى تەييارلىدىم، بۇنىڭدا بىر مۇھىم نەرسە بار. بۇنىڭ تېمىسى« بىر كىچىك مىللەتنىڭ كۈچلۈك مىللەت بولۇشىدىكى سىرى.» يەھۇدىلارنىڭ كۈچلۈك مىللەت بولالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىق روھىنىڭ كۈچلىكلىكىدۇر. مەسلەن، ئامېركا پارلامىتىدا ئىشلەيدىغان يەھۇدىلارنىڭ سانى خېلى كۆپ، ئامېركىنىڭ  ئىچىدە ھەرخىل يەرلەردە ئىشلەيدىغان يەھۇدىلارنىڭ سانىمۇ خېلى كۆپ. بۇلار ئۆز ئارا بىر ئىشلارنى ئاشكارا دىيىشمەيدۇ ئەمما دىللىرىدا پۈتۈنلەي بىرلىشىۋالغان. ئىشنى قىلغان چاغدا بىرىنجى بولۇپ ئويلايدىغىنى ئامېركنىڭ مەنپئەتى ئەمەس ، بەلكى يەھۇدىنىڭ مەنپئەتىدۇر.

ھازىر ئۇيغۇرلاردا مۇشۇنداق بىرنەرسە كەم بولىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئىتتىپاقلىق  جەھەتتە. ئەگەر بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوتتۇرغا  چىقىپ ياخشى گەپ قىلغان بولسا باشقا زىيالىيلارمۇ قوللاپ بەرگەن بولسا،  خەلىقنىڭ ئىچىدىكى يىتەكلەش رولى تېخىمۇ كۈچلۈك بولاتتى. يەنە بىرسى ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت جەھەتتە كۆپ پايدىسى بار ئىدى.  ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتسە دەپ ئويلايمەن.

  قۇمتۇر: ناھايىتى ياخشى بىر نەرسىنى ئوتتۇرغا قويدىڭىز، يەنى ئۇيغۇرلاردىكى بىرلىك، ئتتىپاقلىق ئىزچىل تەكىتلىنىۋاتىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ناھايىتى ئاجىز بولىۋاتىدۇ. ئەمەلگە ئاشماسلىقتىكى ئاجىز نۇقتىلار قايسى، قانداق قىلغاندا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى بولىدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا سىزدە بىرەر خىياللار بارمۇ؟

بىلىمخۇمار: بار، ئۇ نىمە دېسىڭىز  مىللەتنىڭ مەنپەئەتى بىلەن  شەخسى مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسىنى جايىدا ھەل قىلىش. يەھۇدىلار 3000 يىلدەك سوقۇلۇپ قېقىلىپ، كۆرمىگەن كۈنلەرنى كۆرۈپ ياشاش جەريانىدا ئەگەر مىللەتنىڭ تەغدىرى ياخشى بولمىسا شۇ مىللەتنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ تەغدىرى ياخشى بولمايدىكەن، دېگەننى ھېس قىلغان. شۇنداق بولغاچقا ئۇلار مىللەت مەنپەئەتى بىلەن ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەتىنىڭ  بىرسىنى تاللاشقا دۇچ كەلگەندە  ئۇلار ئالدى بىلەن  مىللەتنىڭ مەنپەتىنى تاللىيالايدۇ.
بۇ روھ ياپۇنلۇقلاردىمۇ، گېرمانىيەلىكلەردىمۇ بار. ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە ئاجىز. سىز دىگەن مەسىلىلەر نىمىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ دىسىڭىز، ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئىچىدە ئىككى مەنپەت تونۇشقان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەتىنى قوغلىشىدىغان، مىللەت مەنپەتىنى قايرىپ قويىدىغان ئىشلار بەك ئېغىر.

3

تېما

0

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21742
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 13:34:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ خەلقىمىزىنىڭ كوپ قىسمى دىھقان ،چارۋىچى مەدىنىيەت سەۋيىسى تۇۋەن لىكىن  ھىچكىم ئۈز پەرزەنتىنىڭ بىلىمىسز قىلىشىنى خالىمايدۇ ،لىكىن شۇ بىر تۇركۇم مەدىنىيەت سەۋيىسى تۇۋەن ئاتا ئانىلاردىن پەرزەنتىڭنى يۇقۇرى سۇپەتلىك مائارىپ ئۇسۇلى بىلەن تەربىيەلىشىڭ كىرەك دەپ تەلەپ قويساق ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇنداق يۇقۇرى سۇپەتتە پەرزەنىتلىرىنى تەربىيەلەممەيدۇ  ۋە كوڭۇل بۇلمەيدۇ ،ئۇنداقتا مىللەتنىڭ مائارىپ سوپىتىنى يۇقۇرى كوتۇرۇشتە زىيالىلار شەخيسەتچىل بولسا بولمايدۇ ،ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچى ھەتتاكى ھەر قانداق بىر كوچىدا قالغان ئوسمۇرنى مەكتەپ قوينىغا ياندۇرۇپ كىلىشى ئۇنىڭ تەربىيە ئىلىشىغا كوڭۇل بۇلىشى كىرەك .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

13

تېما

11

دوست

5304

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 1552
توردىكى ۋاقتى: 428
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 14:06:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى سۆھبەتكەن، دىمىسىمۇ ھەر قانداق ئاجىز مىللەتتە شەخسى مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇش ھادىسىسى بەك ئېغىر بۇلىدۇ، جوڭگو ئازادلىق ئۇرۇش دەۋرىدىكى باندىتلار ۋە خائىن-يالاقچىلارنىڭ كىنولاردىكى كۆرۈنۈشلېرى ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ. شۇ چاغدا ھازىرقىدەك كۈچلۈك بولسا ئۇنداقلار بەك كۆپ چىقماسلىقى مومكىن ئىدى. ئەلۋەتتە ھازىرمۇ يوق ئەمەس، ئەمەلدىن پايدىلىنىپ خەلقىنى ئېزىش بەدىلىگە پۇل تىپىپ باشقا دۆلەتلەرگە كۈچمەن بۇلىۋاتقان ھەم ھەربى ئىچىدىكى ئاخبارات ساتقۇچى ئەمەلدارلار...
بىزدە بولسا قارا-قۇساق يىقىنلېرىنى جان باقسىلا بولدى دەپ، ئەڭ مۇھىم بولغان مائارىپ ساھەلېرىگە ئورۇنلاشتۇرىدىغان.  باشقىلارنىڭ ئورىسىنى كولاشقا تەييار تۇرۇپ، مەقسەتسىز ئېيتىلغان گەپلەرنى بۇرمىلاپ چىقىشتۇرۇپ مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغانلار...
بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ پاراڭلېرىدىن ھىس قىلغىنىم ئۇلارنىڭ خىيالىدا مىللەتكە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش بۇلىشى مومكىن، ئەمما ‹‹مەن مىليون ئۇيغۇرنىڭ مەنپەتىنى قۇربان قىلىپ بولسىمۇ مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرسام، ئاندىن ياخشى ئىش قىلىش پۇرسىتىم بۇلىدۇ، ئۈزۈڭدە يوق، باشقىلارغا نىمە قىلىپ بېرەلەيسەن››؟... دەيدىغان ئىدىيە بەك كۈچلۈككەن...

0

تېما

0

دوست

128

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23502
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 14:07:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لمەيمەن. مەن  دىن جەھەتتە كۆپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارمىدىم .لېكىن ئاشۇ بىر نەرسە ئۇيغىۇرلارنىڭ  ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان  كۈرەش قىلىش روھىنى يىتىلدۈرۈش جەھەتتە ناھايىتى چوڭ چەكلىمە پەيدا قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن. .....................   دەۋاتقىنىڭىز   زادى    قايسى   نەرسە؟

13

تېما

11

دوست

5304

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 1552
توردىكى ۋاقتى: 428
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 14:41:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Arkani يوللىغان ۋاقتى  2013-12-1 14:07
لمەيمەن. مەن  دىن جەھەتتە كۆپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارم ...

ئۆزى ھىچ سەۋەپ قىلماي، تىرىشماي ‹‹ھەممىنى ئاللاغا تاپشۇردۇم›› دەپلا قۇتۇلىدىغان ئۇسولغا قارىتىلغان، بۇددىسىتلار ھەممىدىن ۋاز كەچسە بۇتخانىغا كىرىپ، تەركى-دۇنيا بۇلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىككىسىنىڭ پەرقى بارمۇ؟ بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز ئۇنداق ئەمستىغۇ؟!...

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   14.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 3169
توردىكى ۋاقتى: 1077
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 15:35:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىنىدىن بۇيان بىلىمخۇمار ئەپەندى ،تور دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ ئاز بولمىغان ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، بىز ئۇيغۇر قەۋىمىنىڭ ئىددىيە يېڭىلىنىشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى ھەم قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ.بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىلىمخۇمار ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمىز. مۇشۇ سۆھبەتنى تەشكىللىگەن قۇمتۇر ئەپەندىگىمۇ ،چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

10

تېما

9

دوست

5043

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 606
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 1456
توردىكى ۋاقتى: 318
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 15:51:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zayumka يوللىغان ۋاقتى  2013-12-1 13:34
بىزنىڭ خەلقىمىزىنىڭ كوپ قىسمى دىھقان ،چارۋىچى مەدىنىي ...

شۇ دىھقان، چارۋىچىلاردىن ئاغرىنىشقا ھەرگىز بولمايدۇ،   
بىلىمخۇمار ئەپەندىم ئىيتقاندەك بىرى دىن بىرى مەدىنيەت.   
سىز ئىيتقان مەكتەپ قوينى دىننى پەقەتلا يوق قىلىدى،  بۇنداق بولغاندا بىلىمخۇمار دىگەن ئىككى نەرسىنىڭ بىرى كەم قالىدۇ  دە  بۇ مىللەت ھەر قانچە بىلىملىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر يەنىلا ئۆزلىكىگە قايتىپ كىلەلمەيدۇ ...
شۇڭا بۇنى دىھقان، چارۋۇچىلارنىڭ خاتالىقى دىيىشكە بولمايدۇ.    سىزگە دىسەم،  ھازىرقى دىن بىلەن مائارىپنى قەتئىي ئايرىۋىتىش سىياسىتى ئۆزگەرسۇنچۇ  .....سىز دىگەن ئاشۇ چارۋۇچى، دىھقانلار پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتە ئۇقۇتۇشتا سىزدىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن بولاتتى.

0

تېما

1

دوست

1908

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   90.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 528
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 16:28:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىمخۇمار ئەپەندى رەھمەت سىزگە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )