- تىزىملاتقان
- 2011-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4451
- نادىر
- 0
- يازما
- 154
ئۆسۈش
81.7%
|
ئادىلجان لەتىپىلىرى
پوچىلىق
باشقا ۋىلايەتتىن كەلگەن بىر باشلىق قومۇل بازىرىنى ئايلىنىۋېتىپ بىر قوغۇن ساتقۇچىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە :
-ئۇكاموي،ماۋۇ نېمەڭنىڭ كىلوسى قەنچە؟ دەپ سوراپتۇ بىر دۆۋە قوغۇننى كۆرسىتىپ.
-ماۋۇ نېمە دەيسىزغۇ ئاكا،بۇ دېگەن دۇنياغا داڭقى كەتكەن قومۇل قوغۇنى-دەپتۇ قوغۇن ساتتى .
-مۇشۇنىمۇ قوغۇن دېگىلى بولامدۇ ؟ بىزنىڭ يۇرتنىڭ ئۆرۈكلىرى قوغۇندەك، قوغۇنلىرى ماشىنىنىڭ چاقىدەك كېلىدۇ .
كەچقۇرۇنلىقى ھېلىقى باشلىق باشقىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا بىر تاۋۇزلۇققا بېرىپتۇ . ئەسلىدە بۇ تاۋۇزلۇق ھېلىقى قوغۇن
ساتتىنىڭ ئىكەن . باشلىق تاۋۇز پەلەزلىرىنى دەسسەپ- چەيلەپ مېڭىۋېرىپتۇ .
- ئاكاموي ،بىزنىڭ نەشپۈتلەرگە پۇتلىشىپ كەتمەڭ يەنە ،-دەپتۇ قوغۇن ساتتى .
تۈك
ئوقۇتقۇچى < قاش > دېگەن خەتنى دوسكىغا يېزىپ :
-بۇ خەتنى كىم ئوقۇيالايدۇ ؟ - دەپ سوراپتۇ .
بۇ سىنىپتا بىر دۆت ئوقۇغۇچى بار ئىكەن . باشقىلار ھەممىسى قول كۆتۈرسە ئۇ جىم ئولتۇرىۋېرىپتۇ .
ئوقۇتقۇچى ئۇنى تۇرغۇزۇپ :
- بۇ خەتنى ئوقۇپ باقچۇ - دەپتۇ . دۆت ئوقۇغۇچى ئوقۇيالماپتۇ . ئوقۇتقۇچى جىيلە بولۇپ ئۆزىنىڭ
قېشىنى كۆرسىتىپ :
-بۇ نېمە ؟ دەپ سورىسا دۆت ئوقۇغۇچى :
-تۈك ! دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .
ئالدىراش
بىر كۈنى بېشىدا بىر نەچچە تاللا چېچى قالغان بىر < پاينەك > بۇرادىرىم بىلەن
ئۇچرىشىپ قالدىم ۋە :
-ھازىر ئالدىراشمۇ ؟ -دەپ سورىدىم .
- ئالدىراش ئاغىنە ، ئىشىم چېچىمدىنمۇ تولا دېگىنە .
- ئۇنداق بولسا ئالدىراش ئەمەسكەنسەنغۇ !
ئۆلۈم ئالدىدا
ئېرى: خوتۇن ،سەكراتقا چۈشۈپ قالدىم ، ساڭا بىر ۋەسىيەت قالدۇراي ، قوشنىمىز سەمەت
ئاخۇندىن 100 يۇەن ئېلىشىم بار ئىدى، ئېلىۋالغىن .
ئايالى: ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىڭىز بەلەن جۇمۇ - دەپ خۇشال بولۇپتۇ .
ئېرى: يوقىرقى مەھەللىدىكى ئەمەت ئاخۇنغا 200 يۇەن بېرىشىم بار ئىدى ، بېرىۋەتكىن .
ئايالى: ھەي ئىسىت ، ئۆلمەيدىغان قېرى ، مۇشۇ قەرزنى دېمەستىن ئۆلسەڭچۇ !
مەنبە : تەقدىرداش ژورنىلى .
|
|