قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3225|ئىنكاس: 16

جاللات شېڭشىسەي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

146

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5789
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 2672
تۆھپە : 2359
توردىكى ۋاقتى: 2273
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 10:17:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


جاللات شېڭشىسەي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى


     سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقىچە بولغان 20 نەچچە يىلدا، شىنجاڭدا يەرلىك ھاكىمىيەت كۆپ قېتىم ئالماشقاچقا ۋەزىيەت تۇراقسىز بولغان. بۇ ئارىلىقتا، سوۋېت رۇسىيەسى (1917-يىلى 7-نويابىر رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن 1922-يىلى 30-دېكابىر سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلغىچە،رۇسىيەنىڭ نامى سوۋېت رۇسىيە سوتسىيالىستىك فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان) قىزىل ئارمىيەسى ھەم كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسى كۆپ قېتىم شىنجاڭغا كىرىپ جەڭ قىلغان.
ئۇنداقتا سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى نېمىشقا شىنجاڭغا كىرىپ جەڭ قىلىدۇ؟
ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىشى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن قانداق رول ئوينىغان؟

     سوۋېت رۇسىيەسى قىزىل ئارمىيەسى 1921-يىلى شىنجاڭغا كىرىپ «ئاق ئورۇسلار»نى قورشاپ يوقاتقان  

     1917-يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن،رۇسىيە كونا ئارمىيەسىدىكى «پادىشاھنى قوغداش پارتىيەسى»، مىلىتارىستلار، ئەركىن دېموكراتلار ۋە مۆتىدىل سوتسىيالىزمچىلار بىرقاتار ھەربىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى بولشېۋىكلار رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيە قوراللىق كۈچلىرى بىلەن قارشىلاشقان بولۇپ، ئاقلار ئارمىيەسى، ئاق گۇۋاردىيە ئارمىيەسى، ھەتتا ئاق باندىتلار ئارمىيەسى، دەپ ئاتالغان. مەغلۇپ بولۇپ چەت ئەلگە قاچقان ئاقلار ئارمىيەسى ۋە مۇساپىرلىرى «ئاق ئورۇسلار» دەپ ئاتالغان.
    1918-يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئۇرۇش ئوتى ناھايىتى تېزلا جۇڭگونىڭ شىنجاڭ بىلەن چېگرالىنىدىغان رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رايونلىرىغا تۇتاشقان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاق ئورۇس كونا ھاكىمىيىتى قىزىل ئارمىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ناھايىتى تېزلا غولاپ، ئاق ئورۇسلارنىڭ كونا قوماندانلىرى قىسىملىرىنى باشلاپ رۇسىيە-جۇڭگو شىنجاڭ چېگراسىغا قاچقان. ئاق ئورۇسلارنىڭ قوشۇنى ۋە سوۋېت رۇسىيە مۇساپىرلىرى شىنجاڭغا كۆپلەپ كىرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ناھايىتى خەتەرلىك مۇقىمسىزلىق ئامىلىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنى ئېھتىيات بىلەن بىرتەرەپ قىلمىسا، توپىلاڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.
ياڭ زېڭشىن مىنگو دەۋرىدە شىنجاڭنىڭ تۇنجى ئۆلكە باشلىقى، قوشۇمچە ھەربىي ۋالىيسى بولغان. 1912-يىلدىن 1928-يىلغىچە، شىنجاڭ ياڭ زېڭشىننىڭ كونتروللۇقىدا ئاساسەن مۇقىم بولغان. باچىچ بىلەن ئالېنكوف باشچىلىقىدىكى قالدۇق قاچاق قىسىملار چۆچەك بىلەن ئىلىغا كەلگەندە، ياڭ زېڭشىن جانلىق تەدبىر قوللىنىپ: «بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئورۇن بەلگىلەپ ئۇلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان ھەم سوۋېت رۇسىيە قىزىل ئارمىيەسىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ ئۇلارغا قوغلاپ زەربە بېرىشىدىن ئامالنىڭ بارىچە ساقلانغان».
ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى ھەم مۇساپىرلىرىنىڭ تۇرمۇشى كۆك نامرات بولغاچقا، باچىچ، ئالېنكوف قاتارلىق بەزى ئاق ئورۇس ئوفىتسېرلىرى توختىماي قۇتراپ، شىنجاڭنى ئۆزلىرىنىڭ كومپارتىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرىدىغان بازىسى ۋە ئارقا سېپى قىلماقچى بولغان. ئالېنكوف ئۈرۈمچى ( ئىلگىرى دىخۇا دەپ ئاتىلاتتى 1954-يىل 1-فېۋرال نامى ئۈرۈمچىگە ئۆزگەرتىلگەن)كەلگەندىن كېيىن، ئىلى ۋە چۆچەكتە تۇرۇشلۇق ئاق ئورۇس كوماندىر-ئەسكەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بىرلىكتە توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، شىمالىي شىنجاڭنى تارتىۋالماقچى بولغان. 1921-يىلى يانۋاردا، ئالېنكوف قول ئاستىدىكى خەنزۇ چىڭ خەيشەننى گۇچۇڭ ناھىيەسىنى رازۋېدكا قىلىشقا ئەۋەتكەن،چىڭخەيشەن تۇتۇلۇپ قېلىپ، توپىلاڭ كۆتۈرۈش پىلانىنى ئاشكارىلاپ قويغان. ياڭ زېڭشىن ئەسكەر ئەۋەتىپ ئالېنكوف قىسىملىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۇلارغا قورال تاپشۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئالېنكوف قولغا ئېلىنىپ ئۈرۈمچىدە نەزەربەند قىلىنغان، 1923-يىلى ئىچكى ئۆلكىگە ئەۋەتكەندە، فېڭ يۈيشياڭ قىسىملىرى ئۇنى تۇتۇپ قېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.
      سوۋېت رۇسىيەسى قىزىل ئارمىيەسى بىلەن ئاقلار ئارمىيەسى ئارىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا، ياڭ زېڭشىن دەسلەپتە بىتەرەپ تۇرغان بولسىمۇ، كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئويلىمىغان يەردىن چىققاچقا، بولۇپمۇ باچىچ باشچىلىقىدىكى زور تۈركۈمدىكى چاررۇسىيە ئاق باندىتلار قوشۇنى چۆچەككە قېچىپ كەلگەندىن كېيىن توختىماي پاراكەندىچىلىك سالغاچقا، ياڭ زېڭشىن بىتەرەپ مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان. لېكىن شىنجاڭنىڭ ئەسكىرىي كۈچى بىلەن ئاق باندىتلار قوشۇنىنىڭ تەھدىتىنى تۈگىتىش مۇمكىن بولمىغاچقا، ياڭ زېڭشىن سوۋېت رۇسىيەسى قىزىل ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت بولۇۋاتقان باچىچ ئاق باندىتلار قوشۇنىنى بىرلىكتە يوقىتىشنى قارار قىلغان.
شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 1921-يىلى 17-ماي سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئاق باندىتلار قوشۇنىنى يوقىتىش كېلىشىمى تۈزگەن. ئاينىڭ 24-ماي سوۋېت رۇسىيەسى قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 2000دىن كۆپرەك ئەسكىرى «بەختى ئېغىزى» ئارقىلىق شىنجاڭدىكى چۆچەككە كىرگەن. قىزىل ئارمىيەنىڭ بىر قىسمى چۆچەكنى قورشىۋالغان ھەم جۇڭگو تەرەپ ھەربىي ساقچىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە، ئاق ئورۇسلارنىڭ 950تىن كۆپرەك كوماندىر-ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالغان. قىزىل ئارمىيەنىڭ كۆپ قىسىم ئەسكىرى دۆربىلجىنگە يۈرۈش قىلىپ، باچىچ، نوۋىكوف ئاق باندىتلار قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچىگە ھۇجۇم قىلغان. باچىچ بىلەن نوۋىكوف جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، قىسىملىرىنى باشلاپ قاچقان. باچىچ چېڭخۇاغا قاچقان، ئالتاينىڭ ۋالىيسى جۇۋ ۋۇشۆ ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەندە مەغلۇپ بولۇپ ئۆلۈۋالغان؛ بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى لۇ شياۋزۇ جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەندىن كېيىن، ئاق باندىتلار قوشۇنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چېڭخۇا، بۇرچىننى بېسىۋېلىپ، ئالتايغا بېسىپ كىرگەچكە، ئالتاي ۋەزىيىتى بىردىنلا جىددىيلەشكەن.
      بۇ ۋاقىتتا، چۆچەككە كىرىپ ئۇرۇش قىلغان سوۋېت رۇسىيەسى قىزىل ئارمىيەسى دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەن ئىدى. باچىچ ئاق باندىتلار قوشۇنى ئالتايغا كىرگەندىن كېيىن شىنجاڭلىق دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھەدەپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنى تارتىۋېلىپ، قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان. باچىچ يەنە يەرلىك موڭغۇل-قازاق بەگلىرىنى مۇستەقىللىق جاكارلاشقا قۇتراتقان ھەم تاشقى موڭغۇلىيەگە ئادەم ئەۋەتىپ، سېميونوۋ باشچىلىقىدىكى ئاق ئورۇس باندىتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالتاينى ئۇزاق مۇددەت بېسىۋېلىپ، ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كومپارتىيەگە قارشى تۇرىدىغان بازا قىلماقچى بولغان. ئەگەر باچىچ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشسا، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى.
     ۋەزىيەت مۇشۇنداق كەسكىنلەشكەچكە، ياڭ زېڭشىن يەنە سوۋېت رۇسىيەسى قىزىل ئارمىيەسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالتاي رايونىدىكى ئاق باندىتلار قوشۇنىنى بىرلىكتە يوقىتىش ياكى قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغان. سوۋېت ھاكىمىيىتىمۇ شىنجاڭدىكى ئاق باندىتلار قوشۇنىنىڭ قايتىدىن يوپۇرۇلۇپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ ناھايىتى تېزلا كېلىشىم ھاسىل قىلغان:« سوۋېت رۇسىيەسى قىزىل ئارمىيەسى يەنە ئەسكەر چىقىرىپ شىنجاڭدىكى ئاق باندىتلار قوشۇنىنى قورشاپ يوقاتقاندىن كېيىن، دەرھال جۇڭگو شىجاڭدىن چىقىپ كېتىدىغان؛ شىنجاڭ دائىرىلىرى چېگرادىن كىرىپ ئۇرۇش قىلىدىغان سوۋېت رۇسىيە قىزىل ئارمىيەسىنى ئاشلىق بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدىغان؛ سوۋېت رۇسىيەسى شىنجاڭ ئارمىيەسىنى بەزى ئوق-دورا بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدىغان بولغان.» بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىكلەر يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ياڭ زېڭشىن شىنجاڭ ۋەكىللىرىگە كېلىشىمدە سوۋېت رۇسىيە قىزىل ئارمىيەسى ئۇرۇش قىلىدىغان دائىرىنىڭ ئالتاي رايونى بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەش ھەققىدەا ئالاھىدە كۆرسەتمە بەرگەن.
      1921-يىلى 28-ئەۋغۇست سوۋېت رۇسىيەسى قىزىل ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى نوزىكشوروۋ 4800دىن كۆپرەك ئەسكەردىن تەركىب تاپقان ئاتلىق، پىيادە ۋە توپچى قىسىمنى باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى زايساندىن يولغا چىقىپ، ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ ئالتايغا كىرىپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 3-سېنتەبىر باچىچ ئاق باندىتلار قوشۇنىنى بۇرچىندىن قوغلاپ چىقارغان؛ 6- سېنتەبىرچېڭخۇانى ئىشال قىلىپ، 400دىن كۆپرەك دۈشمەننى يوقىتىپ، 2000دىن كۆپرەك دۈشمەننى ئەسىرگە ئالغان. ئىككى ئارمىيەنىڭ بىرلىشىپ زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە، باچىچ بىلەن نوۋىكوف باشچىلىقىدىكى ئاق باندىتلار قوشۇنى كەينى-كەينىدىن تەسلىم بولغان. 18-سېنتەبىر باچىچ بىلەن نوۋىكوفنىڭ قالدۇق قىسىملىرى چىڭگىل دەرياسى، بۇرچىن دەرياسى ئەتراپىدا تاشقى موڭغۇلىيەگە قېچىپ كەتكەن. سېنتەبىرىڭ ئاخىرىدا، سوۋېت رۇسىيە قىزىل ئارمىيەسى شىنجاڭدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتكەن.
سوۋېت رۇسىيەسى ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئاق باندىتلار قوشۇنىنىڭ 30-40 مىڭچە قالدۇقى ۋە مۇساپىرلار شىنجاڭغا قېچىپ كىرىپ، شىنجاڭدىكى پۇقرالارنى ئىككى-ئۈچ يىل پاراكەندە قىلغانلىقتىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. ياڭ زېڭشىن سوۋېت رۇسىيە قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە ئاق باندىتلار قوشۇنىنىڭ قالدۇقلىرىنى يوقىتىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدىغاچقا، شىنجاڭ بىر مەيدان ئاپەتتىن ئامان قالغان.

«شېڭ شىسەي سوۋېت كومپارتىيەسىگە كىرىشنى يالغاندىن ئىلتىماس قىلغان»  

      مىنگو دەۋرىدىكى شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدا، شېڭ شىسەينى «شىنجاڭ خانى» دېيىشكە بولىدۇ. شېڭ شىسەي شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىش جەريانىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.
شېڭ شىسەي 1892-يىلى شەرقىي شىمالدىكى كەييۈەندە تۇغۇلغان. ئىلگىرى ياپونىيە توكيو مېيجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرىنى ئۆگەنگەن،كېيىن شەرقىي شىماللىق گېنېرال گوسۇڭلىڭنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1927-يىلى دۆلەتكە قايتىپ كەلگەن. 1930-يىلىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭغا كەلگەن ھەم ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ باش تاكتىكا مەشقاۋۇلى بولغان. ئىككى يىلدىن كېيىن، شېڭ شىسەي شەرقىي يۆنىلىش باندىتلارنى تازىلاش قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، ئۇرۇشتا ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قىلغاچقا، ئابرۇيى تېزلا ئۆسكەن. ئەينى ۋاقىتتا جىن شۇرېن شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، 1928-يىلى شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، شىنجاڭ خەلقىنى رەھىمسىز ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ، خەلقنىڭ ئۆچمەنلىكى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىغاچقا، بەزى جايلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كەينى-كەينىدىن  تەبرىقىچى كۈچلەر مەيدانغا كەلگەن. 1933-يىلى 12-ئاپرېل، شىنجاڭدا «12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» يۈز بېرىپ، جىن شۇرېن ئۆلكە رەئىسلىكىدىن قالغان. مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ليۇ ۋېنلۇڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋاقىتلىق رەئىسلىكىگە كۆرسىتىلگەن، قولىدا ھەربىي ھوقۇق تۇتۇۋاتقان شېڭ شىسەي شىنجاڭنىڭ ۋاقىتلىق باش ۋالىيلىقىغا كۆرسىتىلگەن. دېكابىردا، شېڭ شىسەي ليۇ ۋېنلۇڭنى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلاپ، ياشىنىپ قالغان كونا بىيۇروكرات جۇ رۇيچىنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى قىلىپ بېكىتكەن. 1934-يىلى مارتتا، جۇ رۇيچى كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي ھەربىي ۋە مەمۇرىي ھوقۇقنى بىراقلا قولغا ئېلىپ، شىنجاڭدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغان.
     شېڭ شىسەي تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە، ھاكىمىيەت ئاساسى ئاجىز بولۇپ، ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى رايونلارنىلا كونترول قىلالايتتى. ئەينى ۋاقىتتا، شىمالىي شىنجاڭنى ئىگىلىۋالغان ماجۇڭيىڭ(ما بۇفاڭنىڭ نەۋرە ئىنىسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن 36-دىۋىزىيەسىنىڭ قوماندانى) بىلەن جاڭ پېييۈەن (ئىلى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنىڭ باقاۋۇلى، قوشۇمچە يېڭىدىن تەشكىللەنگەن 8-دىۋىزىيەنىڭ قوماندانى)دىن ئىبارەت ئىككى كۈچ بولۇپ، شېڭ شىسەي بىلەن شىنجاڭنى ئۈچكە بۆلۈپ ئىدارە قىلىدىغان ھالەتتە تۇرۇۋاتاتتى. ما جۇڭيىڭ بىلەن جاڭ پېييۈەننىڭ ئەسكىرىي شېڭ شىسەينىڭكىدىن كۆپ بولۇپ، ئۇلار بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى يەرلىك كۈچلەرمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قۇتراشقا باشلىغانىدى.
      دەسلەپتە، شېڭ شىسەي نەنجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ھەم ما جۇڭيىڭ بىلەن جاڭ پېييۈەن ئارقىلىق شېڭ شىسەينى ئىسكەنجىگە ئالغان. ئەنگلىيە شىنجاڭدىن يىراق بولسىمۇ، «شەرقىي تۈركىستان» قورچاق ھاكىمىيىتىنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن قارشىلىشىشىنى قوللىغان؛ ياپونىيە ما جۇڭيىڭنى قوللىغان، ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو-ياپونىيە ئارىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلەشكەن؛ شۇڭا شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغان. شېڭ شىسەي شىنجاڭنىڭ يېقىن قوشنىسى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېنىق چۈشىنەتتى: شىنجاڭنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېلىپلا قالماستىن، سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى ھەرقانداق ۋاقىتتا شىنجاڭغا كىرەلەيتتى. شېڭ شىسەي توختىماي ئادەم ئەۋەتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلاردىن ياردەم سورىغان. ئۇ يەنە كوممۇنىزمغا ئېتىقاد قىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياخشىچاق بولغان.
شىنجاڭدا «12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى»يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، شېڭ شىسەي سابىق جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تۈزگەن «شىنجاڭ-سوۋېت ئىتتىپاقى ۋاقىتلىق سودا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى»نى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان ھەم مۇشۇ ئاساستا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شېڭ شىسەي يەنە ئەھۋال تىڭتىڭلاش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك دىپلوماتىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چېن دېلىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىخۇادىكى باش كونسۇلخانىسىغا ئەۋەتىپ، باش كونسۇل زىلاكىنغا «شىنجاڭ-سوۋېت ئىتتىپاقى ۋاقىتلىق سودا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى» ئاساسىدا ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، شېڭ شىسەي يەنە زىلاكىن قاتارلىق كىشىلەرنى ئۆيىدە مېھمان قىلىپ، ئۇلارغا «كاپىتال»،«كوممۇنىزم خىتابنامىسى»، «لېنىنىزم مەسىلىلىرى» قاتارلىق كىتابلارنى كۆرسەتكەن ھەم «بۇ كىتابلارنى ئۆزەم مەخپىي ساقلىغان، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدىلا سوتسىيالىزمغا ئىشىنەتتىم، جۇڭگو كومپارتىيە يولىغا ماڭغاندىلا ئاندىن ئىستىقبالىنى تاپالايدۇ، دەپ قارايمەن. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىپ،شىنجاڭدا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇقىم ھەم سوۋېتپەرەس شىنجاڭ يەرلىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولۇپ، شىنجاڭ بىلەن تۇتىشىدىغان 3000 كىلومېتىردىن كۆپرەك جۇڭگو-سوۋېت چېگراسىدىن غەم قىلمايتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا يان باسىدىغان پوزىتسىيەسىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرغان. 1933-يىلى3-ئاۋغۇست، سوۋېت كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا يوليورۇق بېرىپ: «ما جۇڭيىڭ ۋە باشقا خۇيزۇ قوشۇنلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنى پائال قوللاش كېرەك»، دېگەن.
      1933-يىل ياز ۋە كۈزدە، شېڭ شىسەي ماجۇڭيىڭ بىلەن گۇچۇڭ ۋە ئۈرۈمچىدە  كەسكىن جەڭ قىلىپ، شېڭ شىسەي قوشۇنلىرى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان. نويابىردا، جاڭ پېييۈەن بىلەن ما جۇڭيىڭ ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ شېڭ شىسەينى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا زەربە بەرمەكچى بولغان. ۋەزىيەت شېڭ شىسەيگە پايدىسىز بولغاچقا، ئۇ چېن دېلى قاتارلىق كىشىلەرنى موسكۋاغا ئەۋەتىپ، ھەربىي ياردەم سورىغان. 1933-يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئابلېسوۋنى ئۈرۈمچىگە باش كونسۇل قىلىپ تەيىنلەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ھەربىي ياردەم بېرىش مەخپىي كېلىشىمى ئىمزالىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى مىلىتارىست شېڭ شىسەينى قوللاشنى قارار قىلغاچقا،دۇنيادىكى ئىنقىلابچىلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. خەلقئارا ئىنتېرناتسىئونال سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ئالاقە ئەۋەتىپ، شېڭ شىسەينى قوللاشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرىنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئويلايدىغىنى ئىدىيولوگىيەلىك پىرىنسىپ ئەمەس، بەلكى رېئال دۆلەت مەنپەئەتى بولغاچقا، شېڭ شىسەينى قوللاش قارارىنى بىكار قىلمىغان.
1933-يىلى ددېكابىردا، جاڭ پېييۈەن ئىلىدىن ئۈرۈمچىگە يۈرۈش قىلغان. ئۇنىڭ قىسىملىرى چۆچەكنى ئىشغال قىلىپ، شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال-ياراغ توشۇش يولىنى ئۈزۈۋەتكەن. 1934-يىلى يانۋاردا، ما جۇڭيىڭ 20 مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ تۇرپاندىن يولغا چىقىپ، 12-يانۋار ئۈرۈمچىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، شەھەرنىڭ شەرقىدىكى ئايرۇدۇرۇم، رادىيو ئىستانسىسى ۋە شەھەرنىڭ غەربىدىكى ئۆمۈچۈك تېغىنى ئىشغال قىلغان.ئۈرۈمچى ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاچقا، شېڭ شىسەي موسكۋادىن ياردەم سوراپ ئۇلارغا جىددىي تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۆزىنىڭ كوممۇنىزمغا «سادىق»لىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، شېڭ شىسەي يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسىگە ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان ھەم شىنجاڭنى بىر ئاپتونوم رايون ياكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

    شېڭ شىسەي قانداق قىلىپ «شىنجاڭ پادىشاھى»غا ئايلانغان؟  

    سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىشتىن ئىلگىرى، جاڭ پېييۈەن ئىلى رايونىدا قوراللىق توپىلاڭ قوزغىماقچى بولغان بىرنەچچە ياشنى تۇتۇۋالغان. بۇ ياشلار بۈيۈك ئىنقىلاب دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان. جاڭ پېييۈەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلخانىسىغا ئادەم ئەۋەتىپ، بۇ بىرنەچچە ياشنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقىنى سورىغاندا، كونسۇلخانا ئۇلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغاچقا، جاڭ پېييۈەن بۇ بىرنەچچە ياشنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بۇنىڭغا ئاساسەن،جاڭ پېييۈەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكەر چىقارمايدىغانلىقىنى قىياس قىلىپ، زور قوشۇن باشلاپ، ما جۇڭيىڭدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان. جاڭ پېييۈەننىڭ زور قوشۇنى يولغا چىققاندىن كېيىن، ئىلىدىكى ئارقا سەپ بوش قالغان. 1933-يىلى دېكابىردا، سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئىككى بىرىگادىسى ۋېيتاڭزىدىن چۆچەككە كىرىپ، ئىلى بىلەن ئالدىنقى سەپتىكى جاڭ پېييۈەننىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ كۈچەيتىلگەن پولكى قورغاستىن ئىلىغا كىرىپ، كىيىملىرىنى جۇڭگو ھەربىي فورمىسىغا ئالماشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنى «تارباغاتاي قوشۇنى»(مەنىسى: شېڭ شىسەيگە تەۋە بولغان چۆچەكتىن كەلگەن ئەل بولغان قوشۇن دېگەندىن ئىبارەت. ئەل بولغان قوشۇن مىنگو دەۋرىدە شىنجاڭدىكى ئاق ئورۇسلاردىن تەشكىللەنگەن قوشۇننى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭدىكى مىلىتارىستلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان) دەپ ئاتاپ، جاڭ پېييۈەننىڭ كونا ئۇۋىسىغا باستۇرۇپ كەلگەن. جاڭ پېييۈەننىڭ ئىلىنى ساقلاۋاتقا قالدۇق قىسىمى تەرەپ-تەرەپكە قېچىپ كەتكەن، سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى غۇلجا، سۈيدۈڭ، موڭغۇلكۈرەنى تېزلا ئىشغال قىلغان. جاڭ پېييۈەن ئۆزىنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى باش قوماندانى ياڭ جېڭجۇڭنىڭ سەنداۋخېزىدا مەغلۇپ بولغانلىقى ھەم قىزىل ئارمىيەنىڭ چېگرادىن كىرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قىسىملىرىنى باشلاپ مۇز داۋاندىن ئۆتۈپ، جەنۇبقا ماڭماقچى بولغان. 1934-يىل  6-يانۋار، جاڭ پېييۈەن قىسىملىرى تيېبەنگۇغا كەلگەندە، تۇيۇقسىز جۇدۇنغا ئۇچراپ، ئاچلىق ۋە قەھرىتان سوغۇققا چىدىمىغان ئەسكەرلەر كەينى-كەينىدىن ئىلىغا قاچقان. جاڭ پېييۈەن ئۇلارنى توسۇيالمىغاچقا ھەم ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلغاچقا، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆلىۋالغان.
     ياڭ جېڭجۇڭ جاڭ پېييۈەننىڭ ئۆلۈۋالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئىلىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى ئۇنى مەغلۇپ قىلغان. 20-يانۋار، شېڭ شىسەي قىسىملىرى غۇلجىغا كىرگەن. شېڭ شىسەي جاڭ پېييۈەننىڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن 8-دىۋىزىيەسىنىڭ قالدۇق قىسىملىىرىنى ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە ئارمىيەسى 7-بىرىگادىسىنى تەشكىللىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىلىغا كىرگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەتكەن. ئۇلار قايتىپ كېتىشتىن ئىلگىرى، موڭغۇلكۈرەدە ئۇزاقتىن بۇيان ساقلاپ كېلىۋاتقان ئوق-دورىلارنى شەھەر قوۋۇقىغا دۆۋىلەپ، شەھەر قوۋۇقى بىلەن قوشۇپ پارتلىتىۋەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە، شېڭ شىسەي قىسقىغىنا 20 كۈندە جاڭ پېييۈەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغاچقا، نەنجىڭدىكى گومىنداڭنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى بۇنىڭدىن بەك ھەيران قالغان.
شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا شېڭ شىسەي يەنە ما خۇشەن (ما جۇڭيىڭنىڭ يېزنىسى) قاتارلىق كىشىلەرنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىپ، شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تەدرىجى مۇستەھكەملىگەن.
★★★★★
http://nur.cn/html/news/62227.shtml

0

تېما

1

دوست

1521

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20842
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 486
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 14:25:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاڭ پىييىۋەن ‹‹تىيبەنگو›› ئەمەس  بەلكى غۇلجاناھىيىسنىڭ سۇلتان ئوۋەيسخان يىزىسىدا كىچىدە تاغدىن چۇشكەن ئاتلارنىڭ دۇپۇرلىگەن ئاياق ئاۋازىنى ئاڭلاپ‹‹قورشاۋدا قاپتۇق››دەپ قپرقوپ كىتىپ ئوزىنى ئىتىپ ولىۋالغان
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

10

تېما

12

دوست

6691

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 1966
توردىكى ۋاقتى: 488
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 14:57:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ شىڭسسەي دىگەننى ئاڭلىسام،    ......  قانداق قىلىپ بىر ئادەم شۇنچە چوڭ ئۆلكىنى ئۆزى خالىغانچە سورىيالىغان بولغىيتى.....بۇنىڭ ئۈستىدە كىملەر باردۇر......؟  نىمىشقا بۇ جاللاتنىڭ كەينىدىكى ئادەم تا ھازىرغىچە تىپىلمايدۇ؟    ياكى تارىخلاردىن تىپىلمايدۇ ......؟    بۇلار مىنى بەك ئويلاندۇرۇدۇ....

3

تېما

0

دوست

389

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   44.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12555
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 119
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 20:39:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokboraa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-2 14:57
مۇشۇ شىڭسسەي دىگەننى ئاڭلىسام،    ......  قانداق قىلىپ بىر  ...

ئانا يۇرت رومانىنى ئۇقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمەن.

0

تېما

2

دوست

5667

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11691
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 445
تۆھپە : 1388
توردىكى ۋاقتى: 344
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 20:57:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokboraa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-2 14:57
مۇشۇ شىڭسسەي دىگەننى ئاڭلىسام،    ......  قانداق قىلىپ بىر  ...

بىزدە «ساڭا بىقىپ مەن، ئىشىككە بېقىپ دەم» دېگەن ئاتىلار سۆزى بار.....

0

تېما

2

دوست

5667

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11691
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 445
تۆھپە : 1388
توردىكى ۋاقتى: 344
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 21:07:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokboraa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-2 14:57
مۇشۇ شىڭسسەي دىگەننى ئاڭلىسام،    ......  قانداق قىلىپ بىر  ...

سەن ئۇيغۇر، مەن مۇسۇلمان، سەن ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ؟، سەن ئاقچى، مەن كۆكچى، سەن
دىنچى، مەن مىللەتچى....دەپ يۈرسەك قانداق بولماقچى ئىدى؟ مەسىلەك مەنپەئىتىنى مىللەت ۋە ئانا يۇرت مەنپەئىتىدىن ئۈستۈن كۆرسە قانداق بولماقچى ئىدى؟
جاڭ جىشى نىمىشقا بېيجىڭدا ئۇرۇش قىلمىدى؟ تاۋسىيۆ نىمىشقا تىنىچ ھالدا ھەقىقەتكە قايىتتى؟(بۇ ئىشلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇڭ)

1

تېما

1

دوست

1731

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22145
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 532
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 23:08:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
112 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-2 21:07
سەن ئۇيغۇر، مەن مۇسۇلمان، سەن ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ؟،  ...

ئەگەشتىم

1

تېما

1

دوست

1731

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22145
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 532
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 23:12:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياڭ زېڭشىن سوۋېت رۇسىيە قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە ئاق باندىتلار قوشۇنىنىڭ قالدۇقلىرىنى يوقىتىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدىغاچقا، شىنجاڭ بىر مەيدان ئاپەتتىن ئامان قالغان....
...شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى يەرلىك كۈچلەرمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قۇتراشقا باشلىغانىدى.

قارىغاندا، «ۋەتەنپەرىۋەرلىك ئوردىنى»نى ماۋۇلارغا بەرگۈسى كېپقالغان چېغى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )