قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 787|ئىنكاس: 0

لىنكولىننىڭ پۇل قەرىز بېرىشنى رەت قىلىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

65

تېما

0

دوست

3462

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  128
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 792
تۆھپە : 519
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 14:50:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          لىنكولىننىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا ئىنىسى جون سىتون، لىنكولىنغا خەت يېزىپ ئۆزىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، ئىللنويىز ئىشتاتى كولىس ناھىيەسىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىنتايىن تەسكە چۈشۈۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق پۇلغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. بىز بۈگۈنكى كۈندە، لىنكولىن يازغان جاۋاپ خەتنىڭ پۈتۈنلەي ئىنىسىغا يۈزكېلەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. لىنكولىن خېتىدە:<<قىيىنچىلىنى پەيدا قىلىدىغان بارلىق سەۋەپ دەل پايدىسىز ئىشلار بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتۇر>>دېگەن. تىرىشىپ خىزمەت قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش مەلۇم ساندىكى قەرىز پۇلغا ئېرىشىشتىن كۆپ ئەۋزەل. تۆۋەندە بىز بۇ جاۋاپ خەتنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈپ باقايلى:

      قەدىرلىك جون سىتون:
     تولىمۇ ئەپسۇس، مەن سىزنىڭ 80دوللار قەرىز ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ تەلىپىڭىزنى قاندۇرۇشنى ئانچە ياخشى چارە دەپ قارىمىدىم. ئىلگىرى مەن ھەر قېتىم سىزگە چوڭ ياردەم قىلغان چاغدا سىز<<ياخشى بولدى ئەمدى ھەممە ئىش ئوڭشىلىپ كېتىدۇ>>دەيىتتىڭىز. بىراق، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلاسىز يەنە شۇنداق قىيىنچىلىققا قالاتتىڭىز. بۇنداق ئەھۋال تەكرار يۈز بېرىۋەرگەن ئىكەن، ئۇنداقتا سەۋەبىنى پەقەت ئۆزىڭىزدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. سىز دىكى كەمچىلىك زادى نەدە؟ مېنىڭچە مەن بۇ تەرىپىنى ئاز-تولا بىلىمەن. سىز ھۇرۇن ئەمەس، ئەمما سىز بىكار تەلەپ،ئۇيۇن تاماشىغا ئامراق ئادەم، گۇمانىمچە، بىز ئالدىنقى قېتىم كۆرۈشكەندىن كېيىن سىز ھېچقانداق ئىش قىلمىدىڭىز، چۈنكى سىز خىزمەتتىن نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز.
      قىيىنچىلىقنى پەيدا قىلىدىغان بارلىق سەۋەب، دەل مۇشۇنداق پايدىسىز ئىشلار بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشتۇر. سىز بۇ ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز لازىم، بۇنىڭ سىزگە ھەتتا بالىلىرىڭىزغا نىسبەتەنمۇ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. نىمە ئۈچۈن بالىلىرىڭىزغا نىسبەتەن ئەھمىيىىتى تېخىمۇ چوڭ دەيمەن؟ سەۋەبى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھايات  مۇساپىسى تېخى ئۇزۇن، ئۇلار كىشىلىك ھايات سەپىرىنى باشلايدىغان چاغدا بىكار تەلەپلىكتەك بۇنداق ھالەتتىن خالى بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھايات سەپىرىنى باشلىغاندىن كېيىن، ئاندىن يەنە قانداق قىلىپ بۇ يامان ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ ئۆزگەرتىش، قانداق قىلىپ بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش توغرىسىدا باش قاتۇرغىنىدىن كۆپ  ئاسان بولىدۇ.
       سىز ھازىر بىر ئاز پۇلغا جىددى ئېھتىياجلىق ئىكەنسىز، پەقەت مەن سىز گە بىر سەمىمى مەسلىھەتلا بېرەلەيمەن: دەرھال بېرىپ خىزمەت قىلىڭ ئەمگىكىڭىزگە يارىشا ھەق بېرەلەيدىغان ئادەم ئۈچۈن كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچەئىشلىسىڭىز بولىدۇ.
        ئاتام ۋە بالىلىرىڭىز ئائىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدىن خەۋەر ئالسۇن،يەر تېرىش زىرائەتلەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. سىز چىقىپ خىزمەت قىلىڭ ئىش ھەققى ئوبدان خىزمەتتىن بىرنى تېپىپ قىلىڭ ياكى قەرىز ئىگىلىرىگە ئىشلەپ بېرىش ئارقىلىق قەرىزنى تۈگىتىڭ. سىزنىڭ مۇۋاپىق ئىش ھەققىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ كېلەريىلى1-مايغىچە سىز خىزمەت قىلىپ ئېرىشكەن ھەربىر دوللار ئىش ھەققىڭىز، تۈگەتكەن ھەربىر دوللار قەرزىڭىز ئۈچۈن مەنمۇ بۇ يەردە تۇرۇپ سىزگە ئۈستىدىن يەنە بىر دوللار قوشۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن.
          بۇنداق بولغاندا،ئەگەر سىز ئايلىق ئىش ھەققى 10دوللارلىق خىزمەت تاپسىڭىز، سىز مەندىن10دوللارغا ئېرىشەلەيسىز، ئايلىق ئىش ھەققىڭىز شۇنىڭ بىلەن20دوللار بولىدۇ. مەن سىزنى ئۆيدىن يىراق سان لوئىسقا ياكى كالفورنىيەدىكى قوغۇشۇن كېنى ياكى ئالتۇن كېنىغا بېرىپ ئىشلەڭ، دېمەيمەن، پەقەت يۇرتىمىز كولىس ناھىيەسى ئەتراپىدىكى ئىش ھەققە مۇۋاپىق خىزمەتتىن بىرنى تاپسىڭىز بولىدۇ.
          ئەگەر سىز مۇشۇنداق قىلالسىڭىز، ناھايىتى تېزلا قەرزىڭىزنى قايتۇرالايسىز، تېخىمۇ ياخشى يېرى سىزنى مەڭگۈ قەرىزدار قىلىپ قويمايدىغان بىر ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرەلەيسىز. ئەگەر ھازىر مەن سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى قاندۇرۇپ پۇل بېرىپ تۇرسام، كېلەر يىلى سىز تېخىمۇ كۆپ قەرىزگە بوغۇلىسىز. سىز ئەگەر70_80دوللارپۇلغا ئېرىشەلەيدىغانلا ئىش بولسا، ئۆزىڭىزنىڭ جەننەتتىكى ئورنىڭىزنىمۇ باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپسىز! ئۆزىڭىزنى بەك كەمسىتىۋېتىپسىز، قېرىندىشىم.كېسىپ ئېيتالايمەنكى تۆت،بەش ئاي ئىشلىسىڭىزلا مەن بېرىدىغان پۇلنى قوشساق70_80دوللارغائېرىشەلەيسىز. ئەگەر مەن بۇ پۇلنى سىزگە بېرىپ تۇرسام سىزماڭا يېرىڭىزنى رەنىگە قويىدىكەنسىز، ئەگەر پۇلنى قايتۇرالمىسىڭىز يەرنىڭ ئىگدارچىلىق ھوقۇقى ماڭا ئۆتىدىكەن. بۇ نېمەدىگەن بىمەنىلىك! سىزنىڭ مۇشۇنداق يەرلىرىڭىز تۇرۇپمۇ جېنىڭىزنى جان ئېتەلمايۋاتسىڭىز، ئەگەر بۇ يەرلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز قانداق تۇرمۇش كەچۈرىسىز؟
         سىز ماڭا ئىزچىل ياخشى مۇئامىلىە قىلىپ كەلدىڭىز، مېنىڭ ھازىر سىزگە قىلغانلىرىممۇ ھېسىياتنى بىر چەتكە قايرىپ قويغانلىقىم ئەمەس. ئەگەر نەسھىتىمنى ئاڭلسسىڭىز، بۇ مەسلىھەتىم سىزگە بەرگەن80دوللارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ قىممەتكە ئىگىدۇر.
سىزگە بەخىت تىلەپ!
                         -قېرىندىشىڭىز ئابراھام لىنكولىن


شەرھى كالام:ياردەم بېرىش توغرا كەلسە، نامراتلارغا ياردەم بەرمەي، ياردەمگە جىددى ئېھتىياجلىقلارغا ياردەم قىلغان تۈزۈك. تەبئى ئاپەتتىن باشقا سەۋەبتىن بولغان نامىراتلىقنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئۆزىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەيلى سىزنىڭ زۇڭتۇڭ قېرىندىشىڭىز بولسۇن ياكى ئاللىقانداق ئاقسۆڭەك ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىز بولسۇن،سىزگە ئەڭ ئەسقاتىدىغىنى يەنىلا تىرىشىپ خىزمەت قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشتۇر.   

   مەنبە :شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلى 2010-يىل6-سان ، تور يۈزىگە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى :باغداش تورى : ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )