قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 960|ئىنكاس: 13

NASA: قۇياشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن بىر كومېتا ساق قالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

0

دوست

5409

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 921
تۆھپە : 1085
توردىكى ۋاقتى: 798
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
قۇياشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن بىر كومېتا ساق قالدى


بىلىمخۇمار

2013-يىلى 2-دىكابىر


  بۇ يىلنىڭ 28-دىكابىر كۈنى ئىنگلىزچە «ISON» دەپ نام بېرىلگەن بىر كومېتا (قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز) قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 1.1 مىليون كىلومېتىر كېلىدىغان بىر جايدىن ئۆتكەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئەسلىدە «بۇ كومېتا كۆيۈپ پارچىلىنىپ كېتىدۇ» دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدى.  ھەمدە بۇ كومېتا 28-نويابىر كۈنى ناسا نىڭ «Solar Dynamics Observatory, SDO» دەپ ئاتىىلدىغان تېلېسكوپىدىن غايىپ بولغان ئىدى.  ئەمما شۇ كۈنى ئاخشىمى بۇ كومېتا ناسا بىلەن «ياۋروپا ئالەم تېخنىكىسى ئىدارىسى» بىرلىكتە باشقۇرىدىغان، ئىنگلىزچە «Solar Heliospheric Observatory, SOHO» دەپ ئاتىلىدىغان ئالەم تېلېسكوپىدا قايتا كۆرۈنگەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ كومېتانىڭ پارچىلىنىپ يوقاپ كەتمىگەنلىكىنى قىياس قىلىشتى.  29-نويابىر كۈنى ناسا بىر مۇخبىرلار يىغىنىدا كومېتا «ISON» نىڭ تېلېسكوپلاردا قايتا كۆرۈنگەنلىكىنى رەسمىي جەزىملەشتۈردى.

كومېتا «ISON» بۇنىڭدىن 14 ئاي بۇرۇن بايقالغان بولۇپ، ناسا ۋە باشقا نۇرغۇن ئاسترونومىيىگە قىززىققۇچىلار شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ كومېتانى كۈزىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى.  بۇ كومېتانى كىشىلەر كۆز بىلەن بىۋاستە كۆرۈشكە باشلىغىلى بىر قانچە ھەپتە بولغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە تېلېسكوپلاردا ھازىر بىر نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان كائىنات جىسىمى بولۇپ كۆرۈنىۋاتقان نەرسە كومېتا «ISON» نىڭ تولۇق قىسمى بولماستىن، ئۇنىڭ پەقەت ساق قالغان بىر پارچىسى ياكى يادروسى بولىشى مۇمكىن ئىكەن.  ئۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكى ھازىرغىچە توپلانغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن يىغىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئېنىق بولىدىكەن.


پايدىلىنىش ماتېرىيالى:



Germanamateur astronomer Waldemar Skorupa captured this spectacular photo of CométISON from Kahler Asten, in Germany, on Nov. 16. (Photo: Kahler Asten)


CométISON appears as a white smear heading up and away from the sun in this SOHOspacecraft view taken on Nov. 28. The comét appears to have survived the fieryflyby, NASA scientists say. (Photo: ESA/NASA/SOHO/GSFC)

1

تېما

34

دوست

4235

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 362
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1014
تۆھپە : 958
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا.
سىز ۋە تاشپۇلات ئاكىمىزنىڭ  يوللىغان بەزى تىمىلىرى دەماللىققا بىزگە مۇناسىۋەتسىزدەك قىلغىنى بىلەن سىلەرنىڭ ئىزچىل بىزلەر ئۈچۈن تەر تۆكىۋاتقان،ئىزچىل،سىجىل تىما يوللاۋاتقان روھىڭلارمۇ بىزگە ئىنتايىن زور ئىلھام ۋە تەربىيە بولىۋاتىدۇ.
مانا مەن تورنىڭ نىمىلىكىنى بىلگەندىن باشلاپ سىزنىڭ ماقالىلىرڭىزنى ئوقوپ كىلىۋاتىمەن.ئۇ ۋاقىتتا مەن ئالىي مەكتەپكە ئەمدى بارغان،جىق نەرسىلەرنى بىلمەيدىغان ،كىچىك بىر بالا بولغان بولسام ھازىر ئىككى بالىنىڭ دادىسى،مەلۇم دوختورخانىدا بىر دوختور يەنى كەسپى خادىم بولوپ خىزمەت قىلىۋاتقىلىمۇ بىر نەچچە يىل بولدى .دىمەك سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنى ئوقوپ كىلىۋاتقان بۇ بەش ئالتە يىلدا ۋاقىت كەينى -كەينىدىن ئىنتايىن تىز ئۆتىۋاتىدۇ.بۇ جەريانىدا سىز ۋە سىزلەرنىڭ يازغانلىرىڭلار باشقىلارنىڭ قەلبىگە ئۇرۇق بولوپ تىرىلىپ ،ئۇلار تەربىيلىنىپ مىڭىۋاتىدۇ.توغرا بۇ ئۇرۇقنىڭ ھوسول بىرىشىگە ۋاقىت كەتسىمۇ ئەمما بۇلار ھازىر ھەسسىلەپ ئىشىۋاتىدۇ.
سىلەرگە تەشەككۈرىمىزنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرىش مومكىن ئەمەس،ئامان بولوڭ ئاكا .ئاللا ئىگىمىز ئىشلىرىڭىزنى ئاسان ،تۇرمىشىڭىزنى خۇشال ،بەركەتىك قىلسۇن.
ئاللاھ ئىگىمىز ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

34

دوست

4235

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 362
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1014
تۆھپە : 958
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرنىڭ يىزىۋاتقىنىڭلار بىر تەرەپتىن بىزگە تەربىيە ،ئۇچۇر بىلىم بولغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن سىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق،ئىزچىللىق،سىجىللىققا ئىگە بولغان بۇ ھەركەتلىرىڭلار بىزلەرگە ئەمەلىي دەرىس بولىۋاتىدۇ.
ئىنشائاللا بىزنىڭ قولىمىزدىنمۇ ئۈنۈملۈك بىر ئىشلار چىققۇسى...خەلقىڭلاردىن ئۈنچە ئۈمۈتسىزلىنىپ كەتمەڭلار ،ئىنشائاللا ئاللاھ ئىگىمىز چىرايىڭلاردىكى تەبەسسۇمىڭلارنى  يوقاتمايدىغان كۈنلەرمۇ ئىنشائاللا چوقوم كىلىدۇ

59

تېما

0

دوست

5409

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 921
تۆھپە : 1085
توردىكى ۋاقتى: 798
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kitabhumar يوللىغان ۋاقتى  2013-12-3 13:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا.
سىز ۋە تاشپۇلات ئا ...

ئىنكاسىڭىزدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم ھەم ئىلھاملاندىم. رەھمەت!

4

تېما

6

دوست

3140

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 910
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىلېرىغا رەخمەت ئەركىن ئاكا، كومىتانىڭ تىلىسكوپتىن يۇقاپ كىتىشى كۆرۈش بۇلۇڭىنىڭ قۇياشقا تۇغرا كىلىپ قىلىشىدىنمۇ؟ يەنى غايەت زور ئىنىرگىيەگە ئىگە رايونغا كىرىپ قالغاچقا تىلىسكوپتا سىگنالى يۇقاپ كەتكەنمۇ؟
يەنە بىرى ئۈتكەندە ئەنگىلىيەنىڭ توررى دەيدىغان بىر ئىنىرگىيە مەنبەسى تۇغرىلىق خەۋەر بار ئىدى، ئاتوم ئىنىرگىيسىدە يىقىلغۇ شەكلىدە ئىنىرگىيە قۇيۇپ بېرىدىكەن، توررى دىگەن بۇ نەرسىدە رەسىمدىن سەل باشقىچىرەكمۇ قانداق؟ دەپ ئويلاپ قالدىم(بىۋاستە ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسى ھاسىل قىلامدۇ). ۋاقىتلېرى چىققاندا بۇ نەرسە تۇغرىلىق ئىزدىنىپ يىڭى ئۇچۇر بېرىشلېرىنى ئارزو قىلىمەن.

7

تېما

2

دوست

2026

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 277
تۆھپە : 421
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە تەشەككۇر!

سوراپ باقسام: ھازىر ناسا لاھىيەلىگەن ئالەم تېلىسكوپلىرىنىڭ ئەڭ يىراق
كۆرۇش ئارلىقى قانچە؟

0

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23599
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-4
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا
سىز ۋە تاشپۇلات ئاكىمىز يوللىغان تىمىنى تەپسىلى بىردىن كۇرۇپ چىقىمەن ، گەرچە كۆپ ئۇقىيالمىساممۇ مۇشۇ تاشقى دۇنياغا كىچىك ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپلا قىزىقاتتىم . مەن سىلەردىن سوراپ باقسام ئۇچار تەخسە توغۇرلۇق كۆپ نەرسىلەرنى ئاڭلىدىم بىرسى كۆردۇم دىسە بىرى ئىنكار قىلغانلىق خەۋىرى ئاڭلىندۇ. مۇشۇ توغىرلىق سىلەردەك ئالىملىرمىزدىن ئىنكاس ئاڭلاپ باقسام دىگەن  ، بۇ ئۇچار تەخسىنىڭ ئاساسى بارمۇ ياكى يالغان خەۋەرلىمىدۇ

59

تېما

0

دوست

5409

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 921
تۆھپە : 1085
توردىكى ۋاقتى: 798
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
matimatika يوللىغان ۋاقتى  2013-12-3 16:44
ئەڭ يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە تەشەككۇر!

سور ...

NASA: كائىناتتىكى ھازىرغىچە رەسىمگە تارتىلغان ئەڭ يىراقتىكى جىسىم
http://bbs.misranim.com/thread-111974-1-1.html

59

تېما

0

دوست

5409

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 921
تۆھپە : 1085
توردىكى ۋاقتى: 798
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
najmudin يوللىغان ۋاقتى  2013-12-4 00:05
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا
سىز ۋە تاشپۇلات ئا ...

NASA: ئۇچار تەخسە ۋە ناسا
http://bbs.misranim.com/thread-108442-1-1.html

yahxilik kilalmisangmu yamanl

1

تېما

6

دوست

9742

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   94.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2771
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2108
تۆھپە : 1555
توردىكى ۋاقتى: 727
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يېڭى ئۇچۇرلارنى نەدىن تاپىدىغانلىغىڭىزغا ھەيرانمەن . ياكى سىز ھازىر ئامىرىكىدىمۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )