ئالىم ،ئۇستاز مىرسۇلتان مۇئەللىم نەچچە يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە بۈگۈن يەنى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك قىزىل ياقۇت مېھمانسارىيىنىڭ يىغىن زالىدا ئالامشۇمۇل كاتتا ئەسەر <قۇتادغۇبىلىك پەرغانە نۇسخىسىنى > تارقىتىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى . بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ھەرقايسى ساھەلەردىكى پىشقەدەم زاتلار ، ئالىم ،تەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ 150 كە يېقىن ئادەم قاتناشتى .
پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا(ئوڭ تەرەپ)، ئالىم مىرسۇلتان ئوسمان(ئوتتۇرا) ۋە غولام ھاجى سەھەرچى(سول تەرەپ) كىتاب ئۈستىدە پىكىرلەشمەكتە
بۇ نۆۋەت بىزگە سۇنۇلغان بۇ كاتتا سوۋغا تونۇلغان ئالىمىمىز مىرسۇلتان ئەپەندىمنىڭ كۆپ يىللىق تىرىشىشى ، ئالىم ئۇستاز ئارسلان ئابدۇللا ئەپەندىم . تەتقىقاتچى ئابلېز ئورخون لارنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشى شۇنداقلا مەرىپەتپەرۋەر مىللىي كارخانا بولغان شىنجاڭ غەرب ئېلېكترى ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات شىركىتى قارمىقىدىكى ئۈرۈمچى سەھەرچى مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن ماددى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن بۈگۈنكە كۈندە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى .
ئالامشۇمۇل كاتتا ئەسەر قۇتادغۇبىلىكنىڭ پەرغانە نەشرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر ئېلى شۇنداقلا دۇنيا تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە كاتتا بىر سوۋغا ، ھەربىر كىشى مۇشۇنداق كاتتا ئىشنى روياپقا چىقارغان مىرسۇلتان مۇئەللىم ، ئارسىلان ئابدۇللا ، غولام ھاجى سەھەرچى قاتارلىق كىشىلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز ۋە ئۇلارغا سالامەتلىك ۋە بەركەت تىلەيمىز !
پائالىيەت مەيدانىدىن سۈرەتلەر
پىرافىسسور ،ئالىم ئارسلان ئابدۇللا ئەپەندىم قۇتادغۇبىلىك پەرغانە نۇسخىسىنىڭ نەشىردىن چىقىشىنىڭ ئەھمىيتى توغۇرلۇق سۆزلىمەكتە
ئۇستاز ئازاد سۇلتان ئەپەندىم سۆز قىلماقتا
تارىخ تەتقىقاتچىسى ئابلېز ئورخون ئەپەندىم كىتاپنىڭ ئىشلىنىش جەريانىنى تونۇشتۇرماقتا.
مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى غولام ھاجى سەھەرچىنىڭ دادىسى مۇھەممەت ھاجى ئالىم مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىگە تون كەيگۈزدى
ئالىم مىرسۇلتان ئەپەندى ئۆز قولى بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقان ئالىم -تەتقىقاتچىلارغا كىتاپ سوۋغا قىلدى
سەھەرچى مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئابدۇرۇسۇل يۈسۈپ شىركەت ھەققىدە سۆزلىمەكتە .
|