قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 353|ئىنكاس: 1

ئائىلە مەدەنىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

576

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12453
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 23:33:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

ئائىلە مەدەنىيىتى



    ئائىلە مەدەنىيىتى بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىزنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتىمىز ھەم شۇنداق. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن، ھازىرغا قەدەر تۇرمۇشىمىزدا ئۆز قىممىتىنى جارى قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ مەدەنىيەت خەلقىمىزنىڭ خاسلىقىنى، بىر پۈتۈن مەدەنىيەت سېستىمىسىنى، ئىستېتىك ئېڭىنى، مىجەز- خاراكتېرىنى، ئاڭ قاتلىمىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۆۋەندە بۇ مەدەنىيەتنىڭ قىسمەن تەرەپلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
    مېھمانلارنى ھۆرمەتلەش.
    خەلىقمىز ئەزەلدىن مېھماندوست خەلق. بىزدە ئۆيگە كەلگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرى-تۆۋەن، تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار-يوق، يېقىن ياكى يىراقتىن كەلگەن بولسۇن، قىزغىن كۈتۈۋېلىنىدۇ. ئەرلەر قول ئېلىشىپ، ئاياللار يۈزىنى -يۈزىگە يېقىپ تىنچ -ئامانلىق سورىشىدۇ. مېھمان باشلايدىغان ئۆي دائىم پاكىز، رەتلىك جابدۇپ قويۇلىدۇ. مېھمانلار كۆرپە ئۈستىگە باشلىنىدۇ. ئۇلار كۆرپىدە ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن دۇئا قىلىشىپ يېڭىباشتىن ئورنىدىن تۇرۇپ تىنچ- ئامانلىق سورىشىدۇ ۋە قايتىدىن ئۆز ئورنىدا ئەدەپ بىلەن ئولتۇرىدۇ. بۇ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن، ھەممە كىشىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلانغان ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېساپلىنىدۇ.
    مېھماننى تۆرگە باشلاش.
    خەلقىمىز ئادەتتە مېھمان كۈتۈشتە ئۆزلىرىگە خاس بىر يۈرۈش ئەدەپ- قائىدىلەرنى شەكىللەندۈرگەن. مېھماننى ئۆينىڭ تۆرىگە باشلاش مۇھىم قائىدىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۆينىڭ تۆرى خەلقىمىزنىڭ نەزەرىدە ئەدەپ-ئەخلاق، ئىززەت-ھۆرمەت چۈشەنچىلىرى بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئۇ مېھماننى ئەزىز بىلگەنلىكنىڭ بەلگىسى. مېھماننى تۆرگە باشلاشتا مېھمانلار ئارىسىدىن ھۆرمەتكە سازاۋەر ياكى ياشقا چوڭراق كىشى تۆرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدۇ. ناۋادا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يېشى كىچىك بولسىمۇ بىلىملىك بولسا، مېھمانلار تەبىئىي ھالدا ئۇ كىشىنى تۆرگە تەكلىپ قىلىدۇ. باشقا مېھمانلار ياش ئالاھىدىلىكى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسى بويىچە ئورۇن ئالىدۇ. ساھىبخانا پەگا تەرەپتە ئولتۇرۇپ، مېھمانلارنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. ئەر مېھماننى ئەرلەر، ئايال مېھماننى ئاياللار كۈتىدۇ. بۇ قائىدە ھۆرمەتكە سازاۋەت مويسىپىتلارنى، چوڭلارنى، بىلىملىكلەرنى ھۆرمەتلەشتىن شەكىللەنگەن ئائىلە مەدەنىيىتى ھېساپلىنىدۇ .
    مېھماننىڭ قولىغا سۇ بېرىش.
    قول يۇيۇش باشقا مىللەتلەرگە ئورتاق بولسىمۇ، لېكىن خەلقىمىزنىڭ مېھماننىڭ قولىغا سۇ بېرىش ئادىتى ئۆزگىچە. كەلگەن مېھمانغا داستىخان سېلىشتىن بۇرۇن قولىغا سۇ بېرىلىدۇ. مېھمان كۆپ بولسا، سۇ بېرىش ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان كىشىدىن باشلىنىدۇ. مېھمان قولىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ھەشقاللا ئېيتىپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ۋە مۇكەممەل قائىدە بولۇپ شەكىللەنگەن ئادەت.
    مېھمانغا تاماق تارتىش. مېھمانغا تاماق تارتىشتىمۇ مۇقىم شەكىللەنگەن قائىدە بار، ئۆينىڭ تۆرىدە كىم ئولتۇرغان بولسا، تاماق شۇ كىشىدىن باشلاپ قويۇلىدۇ. تاماق سۇنۇپ بەرگۈچى مېھماننىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تاماقنى مېھمانغا ئەدەپ بىلەن سۇنىدۇ. مېھمانمۇ تاماقنى ئىككى قوللاپ ئىززەت بىلەن ئالىدۇ. ئۆي ئىگىسى مېھمانلارنى تاماقنى يېيىشكە دەۋەت قىلىپ، تۆردىكى مېھمان تاماققا قول ئۇزاتقاندىن كېيىن باشقىلار تاماققا قول ئۇزىتىدۇ. ئۆي ئىگىسى مېھمانلار ئۇزاپ بولغۇچە باشتىن -ئاخىر مېھمانلارنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ.
    ياتلىق بولىدىغان قىزغا ئۆي ئىشلىرىنى ئۈگىتىش.
    ھەممە ئائىلىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئائىلە ئەخلاق مىزانى، ئائىلە مەدەنىيىتى، تۇرمۇش شەكلى بولىدۇ. شۇڭا ئانا بولغۇچى ياتلىق قىلىنماقچى بولغان قىزىغا ئوغۇل تەرەپنىڭ ئائىلىسىگە بارغاندىن كېيىن قېينىئاتا، قېينىئانا بىلەن ياخشى ئۆتۈش، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىش، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەسلىك، سەھەر تۇرۇپ ھويلا-ئارام، ئۆيلەرنى تازىلاش، ناشتىلىق تەييارلاش، قېينىئاتا، قېينىئانا ئالدىدا سۆز-ھەرىكەتتە ئەدەپلىك بولۇش، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيدىن نەردە كېرەك يۆتكىمەسلىك قاتارلىقلار توغرىسىدا تەربىيە قىلىپ پىشىرىدۇ، شۇ سەۋەپتىن قىزلار يېڭى ئائىلە تۇرمۇشىغا ئاسانلا كۈنۈپ كېتىدۇ.
    ئۆينىڭ تام-تورۇسلىرىغا نەقىش-گۈل ئويۇش.
    خەلقىمىزدە ئۆيلىرىنى ئالاھىدە زىننەتلەش ئادەت، تاملارغا مېھراب شەكىللىك تەكچە ئويغاندىن سىرت، ئۆينىڭ لىم-تۈۋرۈكلىرىگە ھەر خىل گۈل نۇسخىسى چىقىرىلىدۇ. گۈل نۇسخىلىرى تەبىئەت گۈزەللىكىدىن كەلگەن، لىم-تۈۋرۈكلەرگە ئويىلىدىغان گۈل نۇسخىلىرى ئىچىدە ئادەم سۈرەتلىرى چىقىرىشتىن ئېھتىيات قىلىنىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىدىيىۋى ئىشەنچىسدىن كەلگەن.
   ئائىلە ئەزالىرى جەم بولۇپ تاماقلىنىش.
    ئائىلە ئەزالىرى ھېيت-ئايەم كۈنلىرى جەم بولۇپ تاماقلىنىشتىن سىرت، دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ چوڭ ئۆيگە جەم بولۇپ، تاماق يىگەچ بىر-بىرىنىڭ ئەھۋالى، تۇرمۇشى ھەققىدە پىكىرلىشىدۇ. قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ياردەم قىلىدۇ، كۆڭلىگە تەسەللى بېرىشىدۇ. چوڭ ئۆي ئۇلارنىڭ ئويۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ئورۇن ھېساپلىنىدۇ.يۇقرىقىلار ئائىلە مەدەنىيەتىنىڭ يۈزەكى بىر قىسمى، ئائىلە مەدەنىيىتى كەڭ مەزموننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئائىلە مەدەنىيىتىنى سېستىمىلىق تونۇشتۇرۇش، ئىچكىرىلەپ قېزىش، تەتقىق قىلىش باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز. ھەر قانداق ئادەم مۇئەييەن ئائىلە مەدەنىيىتى مۇھىتىدا ياشايدۇ ۋە شۇ ئائىلىنىڭ قائىدە-ئەخلاق مىزانىغا رىئايە قىلىدۇ. ئائىلە مەدەنىيىتى ئائىلە ئەخلاقى، جەمئىيەت مەدەنىيىتى، جەمئىيەت ئەخلاقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلار بىر-بىرنى تولۇقلايدۇ. بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەنبە شىنخۇا تورى

256

تېما

24

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2926
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14432
تۆھپە : 10406
توردىكى ۋاقتى: 3634
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 13:26:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      دۆلەتتەمەدەنىيەت بار ،مىللەتتەمەدەنىيەت بار ،شەھەرلەردە مەدەنىيەت بار، كارخانىدامەدەنىيەت بار، ئائىلىدىمۇ مەدەنىيەت بار، مەن شۇ ئائىلدىكى مەدەنىيەت ئېلمىنىتلىرىنى ساناپ قوياي دىدىم.

       1. قۇرئان كەرىم ، ھەر بىر مۇسۇلمان ئائىلسىدە بىردىن بولۇشى كېرەك ، ئەلۋەتتە يىلىدا بىر ئوقۇش قۇرئاننىڭ ھەققدۇر . ھازىرقى ئىلىكتىرقەلەملىك قۇرئان بولسا تېخى ياخشى ،
      2 .ئىسلامى كىتاپلار  ۋە ئىجتىمائى كىتاپلار ، قورال كىتاپلار ، ئائىلىدە كۈچەپ كىتاپ مەدەنىيەتى بەرپا قىلايلى ،
     3. قويۇق ئىسلامى مۇھىت :  ناننى بىسمىللاھ دەپ يېىيىشى ، يەپ بولغاندىن كىيىن ئەلھەمدۇلىللاھ دىيىش ، ..................................
       4.تەسۋە.جايناماز، سەللە، دوپپا شاپاق، قۇرئان، ئۈنئالغۇ لېنتىسى  دىگەندەك ئىسلامى تۇرمۇش بويۇملىرى ،
       5. گىلەم     
       6. شىرە
      7.ھوسىنخەت
      8.پولۇ لەگمەن ، مانتا تۇرمەل قاتارلىق تائاملار
       9. ئۆزىمىزگە ماس كىلىدىغان كىيم كىچەكلەر
       10.ئائلىدىكى ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز،سەھەر تۇرۇش ، ئائىلە تازلىقى دىگەندەك ،

بىللە سانايلى
قۇتلان تېلفۇنلىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )