قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1103|ئىنكاس: 10

ئۇيغۇر تېرىم مەدەنىيىتىدىكى مۇھىم بەلگە − «تارانچى ئاتالغۇسى»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

2971

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 718
توردىكى ۋاقتى: 227
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 23:54:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

        ئۇيغۇر تېرىم مەدەنىيىتىدىكى مۇھىم بەلگە − «تارانچى ئاتالغۇسى»
                                            پەرھات ئىلياس





           ئىلىنىڭ يېزىلىرىدا ئىلگىرى بۇغداي باشىقىنى چىرايلىق توقۇپ قىبلە تامغا ئېسىپ قويىدىغان ياكى قالپاق-بۆكلىرىنىڭ يېنىغاقىستۇرۇۋالىدىغان ئادەت بار ئىدى. كىچىك چاغلىرىمدا بىر مويسىپىتتىن سورىسام، «بۇدېگەن تارانچىلىقنىڭ بەلگىسى» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. «ئۇنداق بولسا تارانچى دېگەن نېمە گەپ؟» دەپ سورىسام، «تارانچى دېگىنىمىز دېھقان دېگەن سۆز، ئاق كۆڭۈل، ھالال تەرى بىلەن ياشايدىغان كىشىلەرنى شۇنداق ئاتايمىز» دېگەنىدى. يېزىمىزدىكى نۇرغۇن قەبرىلەرگە تۇلۇق تېشى تىكلەپ قويۇلغانلىقىنى بايقاپ بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمدا،بۇمۇ يەنىلا شۇ تارانچى-تېرىمچى بولغاننىڭ بەلگىسى دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەنىدىم.يەنە بۇ نامنى ئەزەلدىن ئىلىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ دەپ چۈشەندۈرگۈچىلەرمۇ بولدى. بۇنىڭ ئەكسىچە مۇشۇ ئاتالغۇ تىلغا ئېلىنسىلا، بۇئاتالغۇنى موڭغۇلچە ياكى مانجۇچە «قۇل، يانچى» دېگەندەك مەنىنى بىلدۈرىدىغان ھاقارەتلىك نام دەپ چۈشەندۈرۈشكە بەكرەك كۈچەيدىغانلارنىمۇ ئۇچرىتىپ تۇردۇم. لېكىن بۇ نامنى مەيلى ئىجابىي نۇقتىدىن ياكى سەلبىي نۇقتىدىن چۈشەندۈرگۈچىلەر بولسۇن،ھېچقايسىدىن بۇ نامنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋابقائېرىشەلمىدىم. نەتىجىدە مۇشۇ نامنىڭ زادى قانداق كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە ئۆزۈم بىر جاۋاب تېپىپ بېقىش ئويىغا كېلىپ، بۇ ئاتالغۇ ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى يىغىپ چامىمنىڭ يېتىشىچە تەھلىل، تەتقىق قىلىپ باقتىم. تۆۋەندىكىسى مۇشۇ ئىزدىنىشىمنىڭ دەسلەپكى مەھسۇلى.
«تارانچى»ئاتالغۇسىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدىكى يازمىلارغا قاراپ باقىدىغان بولساق،ھازىرغا قەدەر ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

1.مانجۇ تىلىدىن كەلگەن دېگەن قاراش
       بۇ قاراش رۇس شەرىقشۇناسلىرى بارتولد بىلەن رومانسوف تەتقىقاتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بارتولد: «شىنجاڭدا خەلقلەر ئۆزلىرى قۇرغان شەھەرلەرنىڭ نامىغا قاراپ ئۆزلىرىنى ‹قەشقەرلىك›، ‹تۇرپانلىق›، ‹خوتەنلىك› دېگەنگەئوخشاش ناملار بىلەن ئاتايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ‹تارانچى› دەپ ئاتىلىدىغانلىرىمۇبار. بۇلار مانجۇلار تەرىپىدىن 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىن ئىلى رايونىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەر ئىدى. ‹تارانچىلار› دېگەن مانجۇچە‹زىرائەتچىلەر› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ»[1] دېگەن بولسا، رومانسوف: «... بۇ ھوقۇقسىزكۆچمەنلەر بىرىنچى نۆۋەتتە مانجۇلارنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇر بولدى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ‹تارانچى› يەنى ‹دېھقان› دېگەن نامغا ئىگە بولۇپ قالدى»[2]دېگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى تەتقىقاتچىلىرىدىن ئىسخاكوف،سىدروۋىسكايا قاتارلىقلارمۇ بۇ ئاتالغۇنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جەنۇبىي شىنجاڭ ۋەشەرقىي شىنجاڭدىن ئىلى رايونىغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارغا قويۇلغان نام ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.قۇمۇل  تەۋەسىدىكى «تارانچى» دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق چۈشەندۈرۈشتىمۇ[3]، بۇ جاينىڭ چيەنلۇڭنىڭ 30-يىلى (مىلادىيە1756-يىلى) تېرىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ نامى بويىچە تارانچى دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، مانجۇ تىلىغا باغلاپ قويۇلغان.
     «تارانچى»ئاتالغۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى بىلەن باغلاپ قارىغاندا، بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ تەتقىقاتى بەكمۇ يۈزە بولۇپ، مانجۇچە دەپ قارالغان بۇ نامنىڭ مانجۇ تىلىدا قانداق پەيدا بولغانلىقى، چىڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى بۇ ئاتالغۇنىڭ قوللىنىلغان ياكى قوللىنىلمىغانلىقى توغرۇلۇق ھېچبىر ئاساس كۆرسىتىلمىگەن.

2.موڭغۇل تىلىدىن كەلگەن دېگەن قاراش
         شاڭخەي لۇغەت نەشرىياتى 2000-يىلى نەشر قىلغان«ئوكيانۇس» نىڭ 1566-بېتىدە بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە: «تارانچى: موڭغۇلچە سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، ‹يەر تېرىغۇچى› دېگەن مەنىدە. شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونىدىكى ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتىلىشى» دەپ تەبىربېرىلگەن بولسا، تەتقىقاتچى گو مېيلەن مانجۇچە يازمىلارغا ئاساسەن يېزىپ چىققان«چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ‹تارانچى مۇسۇلمانلىرى› نىڭ شەرىققە كۆچۈپ بېرىپ خۇلىن بېردەبوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدە» ناملىق ماقالىسىدا[4]:«‹تارىياچىن› موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، ‹تارانچى› دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەنىسى تېرىقچى.جۇڭغارلار شىنجاڭدىكى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا،تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەمدە ئىلى رايونىغا كۆچۈپ بارغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ‹تارانچى مۇسۇلمانلار› دەپ ئاتىغان. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھارپىسىدا، شىنجاڭدىكى يەر تېرىغۇچى ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ‹تارانچى مۇسۇلمانلار›دەپ ئاتىغان» دەپ بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىيراق چۈشەندۈرۈش بەرگەن.«شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلىنىڭ 1952-يىللىق 3-سانى 21-بېتىدىكى «ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق ماقالىدا «ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن دېھقانلارنىڭ ئەسلى كەسپى دېھقانچىلىق بولىدۇ. مانا شۇ دېھقانچى ئۇيغۇرلارغا ئىلىدا ياشىغان موڭغۇللار ‹تاران›(دېھقانچى) دېگەن نامنى بېرىدۇ» دېيىلگەن بولسا، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشرىياتى نەشرقىلغان «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ 383-بېتىدە: «... چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقائۇيۇشتۇرغان. بۇرۇنقى جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدىلا، جۇڭغار ئاق سۆڭەكلىرى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنلىرىغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ بوز يەر ئاچقۇزغان. ئېكىنچىلەر ‹تارانچى› دەپ ئاتالغان. كېيىن تارانچى دېگەن بۇسۆز ئىستىمالدا داۋاملىشىپ، ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ يەنە بىر نامى بولۇپ قالغان» دېيىلگەن.
شنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى نەشر قىلغان«غەربىي دىيار يەر ناملىرى» (خەنزۇچە) ناملىق لۇغەتنىڭ 434-بېتىدىكى تارانچى بالىق(塔兰奇城) ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشتىمۇ 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭغارلار جەنۇبىي شىنجاڭدىن نۇرغۇن تېرىقچىلارنى ئىلىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن ھەم ئۇلار تۇرۇشلۇق جاينى «تارانچى بالىق» دەپ ئاتىغان دېيىلگەن.
        ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ توغرۇلۇق يېقىنقى يىللاردىن بېرى تەتقىقات ئېلىپ بارغان قەمبەرنىسا مۇھەممەتمۇ «‹تارانچى› ئاتالغۇسى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدا[5] «تارانچى» ئاتالغۇسىنىڭ موڭغۇل تىلىدىكى «تاران»سۆزىدىن ئۇيغۇرچىلىشىپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بۇ توغرۇلۇق بىرقەدەرچوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان تارىخ تەتقىقاتچىسى يۇنۇسجان ئىلىمۇ «‹تارانچى› نامى ھەققىدە يېڭى قاراش»[6]، «جۇڭغار خانلىقىنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارغاقاراتقان ھۆكۈمرانلىقى − قوشۇمچە تارانچى نامى ھەققىدە» ناملىق ماقالىلىرى[7]ھەمدە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان«17-، 18-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جوڭغارلارنىڭ مۇناسىۋىتى» ناملىق كىتابىنىڭ 174-، 184-بەتلىرىدە بۇ ئاتالغۇھەققىدە خېلى ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ، ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخىرىدا «‹تارانچى ›نامى جۇڭغار خانلىقىغا باتۇر قۇنتەيجى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (1634-1653يىللار) قۇبۇقساردا ئوتتۇرىغا چىققان موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن دېھقانچىلىق قىلغان بىر بۆلۈم ئۇيغۇرلارغا قويغان نامى» دېگەن يەكۈننى چىقىرىپ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماتېرىيال مەنبەلىرى بىلەن پىكىربىردەكلىكىنى ساقلىغان.
         بۇلاردىن باشقا يەنە «تارانچى» ئاتالغۇسىنى موڭغۇلچە «يانچى»، «قۇل» دېگەن مەنىدە دەپ ئىزاھلىغۇچىلارمۇ بار. مەسىلەن، بەيدۇتورىدا تونۇشتۇرۇلغان «يەكەن خانلىقى» ناملىق ماقالىدا[8] بۇ ئاتالغۇ «塔里雅齐/塔兰奇 taranchi» دەپ ئېلىنىپ مەنىسى «农奴» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.
        تارانچى ئاتالغۇسى موڭغۇلچىدىن كەلگەن دېگۈچىلەرنىڭ ئورتاق ئاجىزلىقى شۇكى، بۇنىڭدا ئۇلار ھازىرقى موڭغۇل لېكسىكىسىدا «تارىياچىن،تارىيانچىن» دېگەن سۆزلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنىلا كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ قەدىمكى موڭغۇل تىلىدا مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى، ئۇ موڭغۇل تىلىدا زادى قانداق پەيدابولغان دېگەن نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ئاتالغۇ باتۇرقۇنتەيجى ھۆكۈمرانلىق قىلغان زاماندىن خېلى ئىلگىرىلا مەۋجۇت ئىدى. يەنە بىرتەرەپتىن، جۇڭغارلار ئۇيغۇر تېرىقچىلىرىنى ھەقىقەتەن قۇل ئورنىدا كۆرگەن بولسىمۇ،لېكىن تارانچى ئاتالغۇسى «قۇل، يانچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دەپ ئىزاھلاش مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، موڭغۇل تىلىدا «يانچى» دېگەننى «ھەمجىلغا» (农奴Xamjilga)، «قۇل» دېگەننى «بوغول» (Bogol奴隶;奴) دېگەن ناملاربىلەن ئاتايدۇ. يەنە «تارىيان»، «تارىياچىن» دېگەن سۆزلەر ھازىرقى موڭغۇل تىلىداتېرىقچىلىققا ئائىت كەسپىي ئاتالغۇلار سۈپىتىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ، ھېچقانداق كەمسىتىش تۈسى يوق. موڭغۇللاردا «ئالباتۇر» دېگەن يەنە بىر سۆزمۇ بار بولۇپ، بۇمەخسۇس ئالۋاڭ كەشلەرنى بىلدۈرىدۇ.[9]

3.تۈركىي تىلدىن كەلگەن دېگەن قاراش
         بۇ قاراشنى ئەڭ دەسلەپ تۈرك تارىخچىسى رىزانۇرئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ «تۈرك تارىخى» ناملىق كىتابىنىڭ 3-قىسىم 21-،26-بەتلىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: «كونا زامانلاردىن بېرى تۈرك تارانچىلىرى سارىسۇ،ئىلى، تارىم، سىر، ئامۇ دەريالىرى كانارالىرى ۋە ئارىلىرىدا چۆپلۈكلەرنى سۇغۇرماق ئۈچۈن مۇھىم قاناللار ياپمىشلەر، ھوبۇبات ئەكمىشلەر، مېۋە ياغاچلارى يېتىشتۈرمىشلەردۇر...دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە بۇ تارانچىلاردەك تۇپرىقىغا يەرلىشىدىغان، ئۇنى سۆيىدىغان ۋە مۇداپىئە ئېتىدىغان خەلق يوق»، «( تارىم) تۈركچىدە تارىماق مەنىسىدىن كەلگەن،زىرائەت ئەتمەك دېمەكتۇر. ئەسلىي تۈركچىدە چۆپچىنى تارانچى دەر ئىدى». بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى زامان داڭلىق شائىرلىرىدىن بىرى بولغان ساھىت سىتكىتارانچى (1910-1956) مۇ بۇ ئاتالغۇنى ئۆزىگە فامىلە ئورنىدا قوللانغان. ئۇدىيارباكىردىكى تېرىقچىلىق ۋە سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچى داڭلىق ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى شال تېرىغانلىقتىن دادىسى بەكىر سىتكى «تارانچى»نامىنى فامىلە قىلىپ قوللانغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئاپىسى ئارىفە خانىمنىڭ ئائىلىسىمۇ شال تېرىش بىلەن شۇغۇللانغان، شۇ سەۋەبتىن ساھىت سىتكىمۇ «تارانچى»دېگەن نامنى فامىلە قىلىپ قوللانغان. تۈركىيەدە يەنە «تاران»، «تارانچى باتۇر» دېگەن سۆزلەرمۇ ئىسىم ياكى فامىلە ئورنىدا قوللىنىپ كېلىنمەكتە[10]. بۇنى يۇقىرىدارىزانۇرنىڭ يازغىنىغا باغلاپ قارىغاندا، بۇ ئاتالغۇنىڭ تۈركىيە تۈركلىرى ئارىسىدىمۇ مۇئەييەن ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
         ۋېي لياڭتاۋنىڭ خەنزۇچە «يەكەن خانلىقى تارىخى تىزىسلىرى» ناملىق كىتابىدا يەكەن خانلىقى مەزگىلىدە خانلىق يەرلەرنىڭ ياللانغان تېرىقچىلار تەرىپىدىن تېرىلىدىغانلىقى، شۇڭا بۇ يەرلەرنىڭ «تارانچى يەر» دەپ ئاتالغانلىقى، مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ موڭغۇلچە «تېرىقچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلۈش بىلەن بىللە، بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى«تېرىمچى»، «تېرىقچى» ئاتالغۇلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغاقويۇلغان[11].
        خەلق نەشرىياتى 1985-يىلى نەشر قىلغان«جۇڭغارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى «(准噶尔史略)  ناملىق كىتابنىڭ144-بېتىدە بۇ ئاتالغۇغا: «تارىياچىن (塔里雅沁)، تاراچىن (塔喇沁) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تۈركىي تىلدىكى Tarynqy (塔兰奇 دېگەن سۆزدىن كەلگەن، مەنىسى‹يەر تېرىغۇچى› دېگەنلىك بولىدۇ» دەپ ئىزاھ بېرىلگەن بولسا، «سەددىچىننىڭ شىمالىدىكى مەدەنىيەت» (塞外文化) ناملىق قامۇسنىڭ [12] «موڭغۇللارنىڭ تىل-يېزىقى» بۆلىكىدە:«تۈركىي تىلدىكى ‹تارىغچى› دېگەن سۆز قىتان، جۇرجىت تىللىرىدىكى ‹تېرىقچى›مەنىسىنى بېرىدىغان دابوي (挞不也) دېگەن سۆزنىڭ ئورنىنى ئالغان، موڭغۇلچىدا بولسا ‹تارىياچىن› دەپ ئومۇملاشقان. موڭغۇل ئاساسىي لۇغەت تەركىۋىدە تۈركىيچىدىن كۆپلەپ سۆز قوبۇل قىلىنغانلىقى موڭغۇللارنىڭ موڭغۇل ئىگىزلىكىگە كۆچۈپ كىرگەندە ھەقىقەتەن تۈركلىشىش باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، يەنە بىر تەرەپتىن موڭغۇللارنىڭ شۇ چاغدىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ خېلىلا قالاق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ»، «تۈركىي تىلدىن موڭغۇل تىلىدىكى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرگەن سۆزلەردىن: تەڭرى، تامغا، ئاياغا(ئاياغ)، ئۈجۈگ (قەلەم)، قۇرۇد (قۇرۇت)، ئەم (دورا)، جىمىش (يىمىش)، ئالىما(ئالما)، چەچەك (چېچەك)، ئۈجۈم (ئۈزۈم)، بالغاسۇن (شەھەر)، تارىيان (ئېتىز)،جىرۈكە (يۈرەك)، بۆلۆگ (بۆلەك)، تاياغ (ھاسا) قاتارلىقلار بار» دەپ كۆرسىتىلگەن.دېمەك موڭغۇل ئىلىم ساھەسىدە بىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمىز «تارانچى» ئاتالغۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى دەپ قاراۋاتقان «تارىيان»، «تارىياچىن» ئاتالغۇلىرىنى تۈركىيچىدىن كەلگەن دەپ قاراش ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملىشىپ بولغان.
        جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمەيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما داجېڭ، سەي جيايىلارمۇ «جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىقى»ناملىق ماقالىسىدا[13] تارانچى ئاتالغۇسىنىڭ تۈركىي تىلدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ شىۋىسى ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاپ نەشر قىلدۇرغان روسىيەلىك شەرىقشۇناس پانتوسوف بولسايۇقارقىلاردىن يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ، تارانچى ئۇيغۇرچە سۆز دەپ قارىغان[14]. بۇ ھەقتەئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ مۇشۇ خىل قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى پېشقەدەم تارىخ تەتقىقاتچىسى غوجائەخمەت يۇنۇس بولۇپ، «ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدەئىزدىنىشلەر» ناملىق ماقالىسىدا خېلى ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە«تارانچى» نامىنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدىكى«تارىغچى» دېگەن سۆز بىلەن باغلاپ، «ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ‹تارانچى› دەپ ئاتىلىشى موڭغۇللار ياكى جۇڭغارلار تەرىپىدىن قويۇلغان نام بولماستىن، بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىن ئېلىنغان» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان[15]
      يەنە پروفېسسور ۋاڭ دۇڭپىڭمۇ«‹تارانچى› ھەققىدەئىزدىنىش» ناملىق ماقالىسىدا بۇ ئاتالغۇنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدىكى «تارىغ» دېگەن سۆز بىلەن باغلاپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ موڭغۇللاردا بولۇشتىن سىرت، تۈركىي تىللىق خەلقلەردىمۇ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان[16].
      يۈ تەيشەن، چېن گاۋخۇ، شيې فاڭلار باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن «شىنجاڭ مىللەتلىرىنىڭ تارىخ - مەدەنىيىتى لۇغىتى» دە:«تارىياچىن (塔里雅沁): تارانچى (塔兰奇)، تارياچىن (塔喇沁) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزىلەر بۇ، موڭغۇلچە‹تارىيا› دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ‹زىرائەت، ئېكىن› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، كەينىگە ‹چىن› قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا، ‹دېھقان›، ‹تېرىقچى›، ‹ئېكىنچى›دېگەنلىك بولىدۇ دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر ئۇيغۇرچىدىكى ‹تارىمچى› (تېرىمچى) دېگەن سۆز موڭغۇلچىغا ‹تارانچۇ› بولۇپ ئۆزگىرىپ قالغان دەپ قارىشىدۇ» دەپ يېزىپ، بۇئاتالغۇنى موڭغۇل تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئارىسىغا تاشلاپ، كېيىنكىلەرنىڭ ھەل قىلىشىغا قالدۇرغان[17].
       بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى نۆۋەتتەبارغانچە دىققەت-ئېتىبارغا سازاۋەر بولۇشقا ۋە ئۆستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە باشلىدى. تىلۋە تارىخ تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن بۇ ھەقتىكى دەلىل-ئىسپاتلارمۇ ئاۋۇپ،روشەنلىشىپ بارماقتا. تۆۋەندە مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بەزى بىر ئىزدىنىشلىرىمگە ئاساسەن تارانچى ئاتالغۇسىنىڭ مانجۇ تىلىغىمۇ، موڭغۇل تىلىغىمۇ تەۋە سۆز بولماستىن بەلكى  قەدىمكى تۈركىي تىللاردىن كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن كېلىش ئېھتىمالىنىڭ ھەممىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە بەزىبىر قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغاقويماقچىمەن.ئاۋۋال «تارانچى» ئاتالغۇسىنىڭ مانجۇ تىلىدىن كەلمىگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي. ھازىر مەملىكىتىمىزدە نەشر قىلىنىۋاتقان تەتقىقات مەنبەلىرىدە بۇ ئاتالغۇ مانجۇ تىلىغا ئومۇمەن موڭغۇل تىلىدىن كىرگەن دەپ قارالماقتا. مەسىلەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇشياۋمېڭنىڭ «مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە جۇرجىتلار[18] ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ پارچىلىنىشى» ناملىق ماقالىسىدا: «جۇرجىت تىلىدا ‹يەر تېرىش› نى ئۇسىن تارىمبى (usin tarimbi، ئۇسىن − يەر،تارىمبى − تېرىش دېگەن مەنىدە) دەيدۇ. بۇنىڭدىكى تارىمبى سۆزىنىڭ تۈپى موڭغۇلچىدىكى ‹tari› (تېرىش) دىن كەلگەن» دېيىلگەن بولسا[19]، جوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى چىقارغان«ئىجتىمائىي پەنلەر فىرونتى» ناملىق ژۇرنالنىڭ 1994-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان«مانجۇلار جاۋشىڭ دەۋرىدە موڭغۇل مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان» ناملىق ماقالىدا: «مانجۇ تىلىدا دېھقانچىلىقنى ‹‹turin، يەر تېرىشتىكى ‹تېرىش› نى ‹tarimbi› دەيدۇ، موڭغۇل تىلىدىكى ‹تېرىش› نى بىلدۈرىدىغان سۆز بىلەن مانجۇ تىلىدىكى ‹تېرىش›نى بىلدۈرىدىغان سۆزنىڭ تومۇرى ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى ‹tariyaho› دىن كەلگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقابولىدۇكى، ئىلگىرىكى مانجۇلارنىڭ تىلى موڭغۇل مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان»دېيىلگەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋاڭ دۇڭپىڭنىڭ «‹تارانچى› ھەققىدە ئىزدىنىش»ناملىق ماقالىسىدا «تارانچى» ئاتالغۇسىنىڭ چىڭ سۇلالىسىىغا ئائىت يازمىلاردا كۆپرەك塔里雅沁»،«塔喇沁دەپ ئېلىنغانلىقىنى، بۇ سۆزلەرنىڭ يۈەن سۇلالىسىغا ئائىت يازمىلاردا «塔里牙، «塔里牙赤 لاردىن كەلگەنلىكىنى،ئاخىرىدىكى «沁» قوشۇمچىسىنىڭ يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە كۆپرەك «赤» (چى) دەپ ئېلىنغان بولسا، چىڭ سۇلالىسىغا كەلگەندە كۆپرەك «沁» (چىن) دەپ ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
مىڭ سۇلالىسىنىڭ خۇڭۋۇ 15-يىلى (مىلادىيە1382-يىلى) تۈزۈلۈشكە باشلىغان «موڭغۇل تەرجىمە سۆزلۈكلىرى «蒙古译语» بىلەن «جۇرجىت تەرجىمە سۆزلۈكلىرى» «(真女译语)  گەئاساسەن تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنغان «موڭغۇل تەرجىمە سۆزلۈكلىرى، جۇرجىت تەرجىمەسۆزلۈكلىرى توپلىمى (蒙古译语、真女译语汇编) ناملىق كىتابتىمۇ بۇ ئاتالغۇ موڭغۇل تىلىدا «农人(塔里牙赤) tariyaci » شەكلىدە ئېلىنغان[20]. بۇنىڭدىن بۇ ئاتالغۇنىڭ يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدىلا موڭغۇل تىلىغا كىرىپ بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
        بۇلاردىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، تارانچى ئاتالغۇسىنى مانجۇ تىلىدىن كەلگەن دېگەن قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ مانجۇتىلىغا موڭغۇل تىلىدىن بەزىبىر فونىتىكىلىك ئۆزگىرىش ياسىغان ئاساستا قوبۇل قىلىنغانلىقى ئېنىق.
       ئەمدى بۇ ئاتالغۇنىڭ موڭغۇل تىلىغا تۈركىيچىدىن كەلگەنلىكىگە كەلسەك، بۇ توغرۇلۇق يۇقىرىدا خېلى كۆپ دەلىللەر كەلتۈرۈلدى. تۆۋەندەبۇ ئاتالغۇنىڭ موڭغۇللارغا تۈركىيچىدىن كىرگەنلىكىنى قۇۋۋەتلەش بىلەن بىرگە،ئۇيغۇر تېرىمچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇللارغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلەن باغلاپ تۇرۇپ، خۇسۇسەن ئۇيغۇرچىدىن كىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ ھەممىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە دەلىل-ئىسپاتلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي.
      خەنزۇچە «قاراچىن موڭغۇل تىلى تەتقىقاتى» ناملىق كىتابتا: «ئوتتۇرا ئەسىر موڭغۇل لېكسىكولوگىيەسىدە دېھقانچىلىققا ئائىت سۆزلەرھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ. موڭغۇل تىلىدا دېھقانچىلىققا ئائىت سۆزلەرنىڭ كۆپلەپ پەيدا بولۇشقا باشلىغىنىغا ئەمدى 200 يىلدىن ئاشتى» دېيىلگەن بولسا[21]، «موڭغۇل تىلىدىن قەدىمكى موڭغۇل تېرىمچىلىق ئىگىلىكىگە نەزەر» ناملىق ماقالىدا: «قەدىمكى موڭغۇللاردا دېھقانچىلىق بولغانمۇ يوق دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئۇزاقتىن بېرى ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى. ‹قىتان دۆلىتىنىڭ تەزكىرىسى›، ‹قارا تاتارلارھەققىدە ئومۇمىي بايان›، ‹دەشت-چۆل دىيارىدا ئاڭلىغانلىرىم› قاتارلىق نۇرغۇن تارىخىي يازمىلاردا بۇ ئاساسەن ئىنكار قىلىنىپ كەلدى» دەپ يېزىلغان[22].دېھقانچىلىقتا ئۇزاق تەرەققىيات تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەن بىر قوۋمنىڭ دېھقانچىلىق ئىگىلىكى كېيىن باشلانغان باشقا بىر قوۋمدىن دېھقانچلىققا ئائىت ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشى تارىخىي تىلشۇناسلىق ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ، «تارانچى» ئاتالغۇسىنى ھېچبىر تەتقىقات ئېلىپ بارماي تۇرۇپلا بەزىبىرئاتالمىش شەرقشۇناسلارنىڭ يۈزەكى تەتقىقات نەتىجىسى بويىچىلا «موڭغۇلچە سۆز» دەپ باشقىلارغا قوش قوللاپ بېرىۋېتىش ئاقىلانىلىك بولمىسا كېرەك. چۈنكى گېزى كەلگەندەبىر ئاتالغۇنىڭ قايسى مىللەت تىلىدا ئاۋۋال پەيدا بولغانلىقىغا قاراپمۇ، شۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ دەسلەپكى ئىگىسىنى بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ. «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىلى تارانچىلىرىنىڭ ئاتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشى» ناملىق ماقالىداتارانچى ئاتالغۇسىنىڭ موڭغۇل تىلىنىڭ ئۇيرات دېئالىكتىدا ئۇچرايدىغانلىقى ئېيتىلغان بولسا[23]، «جۇڭغارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ 127-بېتىدەئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ جۇڭغارلارنى[24] قىزىقتۇرۇپ،بارغانچە كۆپ جۇڭغار خەلقىنىڭ دېھقانچىلىققا كىرىشكىلى تۇرغانلىقى، ئۇلارنىڭ بىرتەرەپتىن تېرىمچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئاساسەن تېرىمچىلىق بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغان بولغانلىقى ئېيتىلغان. «موڭغۇللارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتا بۇ خىل قاراشنىڭ توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدىغان: «ئۇيراتلارغا كەلسەك، ئۇلاردائۇزاقتىن بېرى تېرىمچىلىق بار ئىدى، چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە قۇبدۇ دېگەن يەردەئۇلار ئۇيغۇرلاردىن يەر تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن ھەمدە بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن جۈملىنى ئۇچرىتىمىز[25]. بۇلاردىن باشقا، «ئۇيغۇرلار ۋەغەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتا:«ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تىبەت مەدەنىيىتى بىلەن بىر قاتاردا، بۇريات خەلقى (ھەممىدىن ئاۋۋال شەرقىي بۇريات) ۋە قالماقلارنىڭ[26] مەنىۋى مەدەنىيىتىگەئاز دېگەندىمۇ 300-400 يىل مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى»، «ئوتتۇرا ئەسىردىن قېپقالغان ئاشۇ ئىبارىلەر تا بۈگۈنگە قەدەر ھازىرقى موڭغۇل تىلىدا قوللىنىلماقتا»[27] دېگەن سۆزلەر بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تىلشۇناسى ئا. ك. بوروكوف (1904-1962) نىڭ «ئوتتۇرائاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشى تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقان ئورنى» دېگەن ماقالىسىدىكى: «موڭغۇللار قەدىمىي ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى بەزىبىر ئۆزگەرتىشلەركىرگۈزۈپ ئۆزلەشتۈرۈۋالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى بولسا، دۆلەت ئىشلىرىدا چوڭ مەنسەپلەردە كەڭ يوسۇندا ئىشلىتىلگەنىدى»، «شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇيغۇر تىلىدائىشلىنىپ كېلىنگەن نۇرغۇن سۆزلەر موڭغۇل تىلىدىمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى» ھەمدەتۈركچە «تۈرك مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابتىكى سالجۇق تۈركلىرىدە زىرائەتچى دېگەننىڭ ئورنىغا «تارىياچىن» سۆزى قوللىنىلاتتى، بۇنداق ئاتاش موڭغۇللارغا ئۇيغۇرلارئارقىلىق كىرگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىندۇر دېگەن سۆزلەرمۇ يۇقارقى قاراشلارنى قۇۋۋەتلەپ تۇرۇپتۇ.بۇ دەلىللىرىمىزدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقابولىدۇكى، ئۇيراتلار ئۇيغۇرلاردىن تېرىمچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگەتېرىمچىلىققا ئائىت ئاتالغۇلارنىمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەييار سۆزلەر ئاساسىدائۆزلەشتۈرگەن ھەم بۇلار ئۇيراتلار ئارقىلىق پۈتكۈل موڭغۇللارغا تارقالغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. «تارىياچىن» ئاتالغۇسىنىڭ موڭغۇللاردا پەيدا بولۇشىنىمۇ مۇشۇمەنتىقىدە تۇرۇپ يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
ئەمدى بۇ سۆزنىڭ موڭغۇل تىلىغا ئائىت يازمىلارداپەيدا بولۇشى ھەققىدە توختىلايلى. ھازىرغا قەدەر ئاشكارا بولغان يازما مەنبەلەرنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، «تارانچى» ئاتالغۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى دەپ قارىلىۋاتقان«تارىياچىن» سۆزىنىڭ تۈپى بولغان «تارىيا» ئاتالغۇسى موڭغۇل يازما مەنبەلىرىدە ئەڭ دەسلەپ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا 1240-يىلى يېزىپ تاماملانغان «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى»غا ئاساسەن خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىنىڭ 6-جىلد 177-بۆلىكىدەئۇچرايدۇ. بۇ سۆز خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «塔里牙» (تارىيا) دەپ ئېلىنىپ ئۈستىگە «禾田» (ئېكىن) دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» ھەققىدىكى تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، بۇ ئەسەر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا يەنە ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارمۇ كۆپلەپ كىرگۈزۈلگەن. ئەپسۇسكى بۇ ئەسەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان نۇسخىسى يىتۈپ كەتكەنلىكتىن، بىزگىچە يېتىپ كەلگىنى مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ پەقەت خەنزۇچە ئاھاڭ قوشۇلغان تەرجىمىسىلا بولدى خالاس.
     1368-يىلى تاماملانغان «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» نىڭ 1-جىلد 100-بۆلىكىدىمۇ بۇ ئاتالغۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان «塔里牙赤» دېگەن سۆزنى ئۇچرىتىمىز. بۇ سۆز يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە تېرىقچى دېگەندىن باشقا يەنەتېرىقچىلىققا مەسئۇل ئەمەل نامى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلگەن[28]. يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە يېزىلغان «يەنشى يىللىرىدىكى سىمىڭ تەزكىرىسى» (延祏四明志)، «جىجېڭ يىللىرىدىكى سىمىڭ تەزكىرىسىنىڭ داۋامى» (之正四明续志) قاتارلىق كىتابلاردا«塔里牙赤» ھەققىدە مۇنداق خاتىرە بېرىلگەن:
《同知都元帅共七人,有六位回回人:暗都剌哈蛮、塔里牙赤、黑的儿、忽先、棘哈,忽剌忽儿。》
بۇنىڭدىكى «回回» ئاتالغۇسى يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە ئاساسەن غەربىي يۇرتتىن بارغان مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدۇ، «塔里牙赤» دېگەن ئىسمىغا ئاساسلانغاندا ئۇنى مۇسۇلمان ئۇيغۇر دەپ جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن «خان بېكىتكەن يۈەن سۇلالىسى تارىخى ئاتالغۇلىرىنىڭ شەرھى» (钦定元史语解) ناملىق لۇغەتتە بۇ ئاتالغۇ «塔哩雅齐» دەپ ئېلىنىپ، «‹雅哩塔›田也,‹齐›司事人也» (‹تارىيا›ئېتىزنى، ‹چى› بۇنىڭغا مەسئۇل ئادەمنى بىلدۈرىدۇ) دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن بۇئاتالغۇنىڭ يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە تېرىقچىلىققا مەسئۇل ئەمەلدارنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. قەدىمكى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىمۇ «تارىغ»،«تارىغچى بەگ» دېگەن ئىسىملار ئۇچرايدۇ[29]، شۇڭا بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن مەنە ئىزچىللىقى بار دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
        «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. مەنسەپدارلار تەزكىرىسى» (元史.百宫志) دىمۇ «塔刺赤، 塔里牙赤» دېگەن ئىسىملار ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىكى «塔里牙赤» يۇقىرىدىكى «يەنشى يىللىرىدىكى سىمىڭ تەزكىرىسى« (延祏四明志)، «جىجېڭ يىللىرىدىكى سىمىڭ تەزكىرىسىنىڭ داۋامى» (至正四明续志) قاتارلىق كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغان «塔里牙赤» نى كۆرسەتسە، «塔刺赤» يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدىكى مەشھۇر سانغۇن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاتالغان مەخسۇس تەرجىمىھال قىسمى «يۈەن سۇلالىسى تارىخى.تارانچىنىڭ تەرجىمھالى» (塔里牙赤传.元史) دا بۇ ئىسىم «塔里赤» دەپ ئېلىنغان ھەم ئۇنىڭ قاڭقىل (康里) نەسلىدىن ئىكەنلىكى ئېيتىپ ئۆتۈلگەن. «يۈەنسۇلالىسى تارىخى» نىڭ 30-جىلدىدا بۇ ئىسىم يەنە «塔喇齐» دېگەن شەكىلدىمۇ ئۇچرايدۇ ھەم «(旧名塔里牙赤)塔喇齐» دەپ ئەسكەرتىش بېرىلگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان قاڭقىللارغاكەلسەك، «نىڭشيا ئىجتىمائىي پەنلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان«يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە شەرققە كۆچۈپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بارغان قاڭقىللار»ناملىق ماقالىدە بۇ قاڭقىللارنىڭ ئەسلىي ماكانىنىڭ خارەزىم ئىكەنلىكى،چىڭگىزخاننىڭ خارەزىم ئۇرۇشىدا ئەسىر ئالغان قاڭقىللارنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككەكۆچۈرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئاساسلىقى ھەربىي ۋە تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان «塔里赤» نىڭ دەل شۇلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى پاكىتلىق ئاساستا كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولسا، «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتا: «قاڭقىللار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن بىرى» دېيىلگەن[30]. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن «塔里赤» نى ئۇيغۇر دەپ جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.مىللەتلەر نەشرىياتى 1984-يىلى 5-ئايدا نەشر قىلغان «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى»ناملىق كىتابنىڭ 34-بېتىدە «塔里古只» (تارىغۇچى) دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ.«塔里古只» بىلەن «塔喇齐» نىڭ يازما مەنبەلەرگە پۈتۈلگەن دەۋرى ئاساسەن يېقىن بولغانلىقتىن، قاڭقىل نەسلىدىن بولغان «塔里赤» نىڭ نامى ئەسلىي «تارىغۇچى» سۆزىدىن كەلگەن بولۇشى، موڭغۇللار ئۆز تەلەپپۇزىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن دەپ «塔里赤» ئاتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭغا ئاتاپ تىكلەنگەن تۆھپە مەڭگۈ تېشى ھازىرمۇ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ باۋفېڭ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى گۇەنياسۇن كەنتىدە ساقلانماقتا. ئەمدى «塔里赤» دېگەن بۇ نامنىڭ يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە زادى قانداق مەنەبېرىدىغانلىقىغا كەلسەك، چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن، تەيبېي سودا نەشرىياتى1986-يىلى نەشر قىلغان «خان بېكىتكەن يۈەن سۇلالىسى تارىخى ئاتالغۇلىرىنىڭ شەرھى»(钦定元史语解) ناملىق لۇغەتنىڭ 14-جىلد 434-بېتىدە «塔里赤» ئاتالغۇسى «塔刺赤» غا ئۆزگەرتىلىپ، مەنىسى «农夫» (تېرىقچى) دەپ ئىزاھلانغان. يۇقىرىقىلاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، يۈەن سۇلالىسىغا ئائىت خەنزۇچە مەنبەلەردە «塔里赤» ئاتالغۇسى ھەم تېرىقچىلىق قىلىدىغان كىشىلەرنى، ھەم شۇلارغا مەسئۇل ئەمەلدارنى بىلدۈرۈپ كەلگەن بولسا، يەنە بىرتەرەپتىن بۇ نام بىلەن ئاتالغانلار ئومۇمەن ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپتۇر. 2003-يىلى ئىستانبۇلدا بېسىلغان «تۈرك كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق كىتابتىمۇ «تارانچىباتۇر» دېگەن ئىسىم بېرىلىپ: «تارانچىباتۇر: تارانچى + باتۇر.چىڭگىزخان دەۋرىدىكى بەگ ۋە قوماندانلاردىن بىرى» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. مەنسەپدارلار تەزكىرىسى» گە كىرگۈزۈلگەن «塔刺赤» بىلەن مۇشۇ «تارانچىباتۇر» نىڭ بىر ئادەم بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.
بۇ ئاتالغۇ يەنە مىڭ سۇلالىسىنىڭ خۇڭۋۇ 15-يىلى(مىلادىيە 1382-يىلى) دىن باشلاپ تۈزۈلۈشكە باشلىغان «جىيۈەن تەرجىمە سۆزلۈكلىرى»(至元译语) دە «tariyaci 塔里牙赤» دەپ ئېلىنىپ مەنىسىنىڭ «农人» (يەر تېرىغۇچى)ئىكەنلىكى، «خەنزۇ ۋە باشقا تىللار تەرجىمە سۆزلۈكى» (华夷译语) دە «tariyaci塔里牙赤» دەپ ئېلىنىپ مەنىسىنىڭ «农人» (تېرىمچى) ئىكەنلىكى ئىزاھلانغان[31].كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇلاردىكى 达里耶赤»، «塔里牙赤لارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا ئوخشاش «تېرىقچى، تېرىمچى» دېگەنمەنىلەرنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. بۇنىڭدىكى «达里耶赤» ئاتالغۇسى ئاھاڭ جەھەتتىن «ئىدىقۇت مەھكىمىسىسۆزلۈكى» دىكى «塔里古只» (تارىغۇچى) غاتېخىمۇ يېقىن كېلىدۇ.
بۇلاردىن باشقا، دۇنخۇاڭدىكى بېزەكلىك مىڭ ئۆيدىن تېپىلغان «ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى» نىڭ بېشىدىكى «تارىغ تارىيۇ» دېگەن پىئېل شەكلىنى، تۇرپاندىن تېپىلغان «ئىجارىگە ئېلىش ۋەسىقىلىرى» دىكى «تارىغ تارىغۇيىر»، «تارىغ تارىيۇ يىر»[32] ۋە «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» ناملىق كىتابنىڭ34-، 42-بەتلىرىدىكى «تارىغۇچى» (农人 塔里古只)، «تارېق يىر» (天地 塔力叶儿) دېگەن ئاتالغۇلارنى «موڭغۇلچە تەرجىمە سۆزلۈكلەر توپلىمى» دىكى «تارىيان، تارېيىچى، تاراچى» دېگەن ئاتالغۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئاھاڭ ۋە مەنە جەھەتتىن ئۇدۇل كېلىدىغانلىقىنى بايقايمىز.
يەنى:
ئۇيغۇرچە                                  مۇڭغۇلچە
تارىغۇچى (تارىيۇچى)                  تارېيىچى (تارىياچى)
تارىيۇ يىر (تارىغۇ يىر، تارېق يىر، تارىلغا)   تارىيا (تارىيان)
       مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن «موڭغۇل تىلى سۆزلۈكلىرى» بىلەن «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكلىرى» دىكى بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مەنەجەھەتتىكى بىردەكلىكىدىن باشقا، ئاھاڭ جەھەتتىمۇ يېقىنلىقىغا قاراپ، موڭغۇلچىدىكى«تارىياچى» سۆزى ئۇيغۇرچىدىكى «تارىغۇچى» (ياكى تارىيۇچى) دىن، «تارىيا» نى«تارىيۇ» (تارىغۇ) دىن كەلگەن دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ. «موڭغۇل تەرجىمە سۆزلۈكى»دىكى «塔里牙» بىلەن «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» دىكى «塔力叶儿» لەرمۇ ئاھاڭ ھەم مەنە جەھەتتىن ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ موڭغۇللارنىڭ تەلەپپۇزىغا ماسلاشتۇرۇلغانلىقى ئېھتىمالغاناھايىتى يېقىن. يەنى، ئۇيغۇر تىلىغا مەنسۇپ «塔力叶儿» دىكى «塔力» نىڭ «塔里» دەپ، «叶儿» نىڭ «牙» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىپ موڭغۇل تىلىغا ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپئالالايمىز. «تارىق يىر» ئاتالغۇسىنىڭ خەنزۇچىدا نېمە ئۈچۈن «塔力古叶儿» دەپ ئېلىنماي بەلكى «塔力叶儿» دەپ ئېلىنىشىغا كەلسەك، قەدىمكى ئۇيغۇر ئېغىزتىلىدا «تارىق يىر» دىكى «ق» چۈشۈپ قېلىپ «تارى يىر» دەپ ئوقۇلۇش ئېھتىمالىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك. چۈنكى، «ئوغۇزنامە» دىمۇ مۇشۇ خىل ئەھۋال بار بولۇپ، «كاۋاك،يوچۇق» مەنىلىرىنى بېرىدىغان «قاپۇقچاق» ئاتالغۇسى «قاپۇچاق» دەپ ئېلىنغان[33]. بۇسۆز «قاپۇق» (ئىشىك دېگەن مەنىدە) دېگەن ئىسىمنىڭ كىچىكلىتىلىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، كەينىگە «چاق» قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ ئوقۇلغاندا، «قاپۇق» نىڭ ئاخىرىدىكى «ق»چۈشۈپ قالغان. بۇنىڭغا ھازىرقى تىلىمىزدىنمۇ مىسال كۆرسۈتۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن،سارىق (سېرىق) باش ← سارىۋاش؛ سارىق دالا ← ساردالا (سېرىق ئۇيغۇرلاردا). شۇڭا، «تارىق يىر» نىمۇ ئېغىزدائېيتىلىشى بويىچىلا «تارى يىر» (塔力叶儿) دەپ ئېلىنغان ھەم مۇشۇ ئاساستا موڭغۇل تىلىدىكى «تارىيا» (塔里牙) كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئاتالغۇلار رەتلىنىپ قەلەمگە ئېلىنغان مەزگىلدە قۇبلايخان ئوردىسىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرپۈتۈكچىلەر بولغانلىقتىن، بۇ ئاتالغۇلارنى موڭغۇل تىلىغا ماسلاشتۇرۇپ يېزىشتا ئاشۇئۇيغۇر پۈتۈكچىلەرنىڭ ئارىلاشقانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
ئەمدى «تارانچى» ئاتالغۇسىنىڭ خەنزۇچە مەنبەلەردەھەرقايسى دەۋرلەردىكى يېزىلىشىغا قاراپ باقايلى:
يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە:
达里耶赤،塔里牙赤؛
مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە:
塔利赤 ،塔里雅赤،塔刺赤،塔喇齐 ؛
چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە:
塔里雅沁 ،塔哩雅沁 ،塔喇沁 ،塔兰其
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ ئاتالغۇ يۈەن، مىڭ سۇلالىرى مەزگىلىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى «تارىغچى»، «تارىغۇچى» سۆزلىرىگە يېقىن تەلەپپۇزقىلىنغان بولسا، چىڭ سۇلالىسىغا بارغاندا موڭغۇل، مانجۇ تىلىنىڭ تەلەپپۇزىغاماسلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ كەينىدىكى «-چى» قوشۇمچىسى «-چىن» غا ئۆزگەرتىلگەن .فىرانسىيەلىك ئارخېئولوگ ۋە تىلشۇناس پائۇل پېللىيوتنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمەقىلىنغان «تۈركىيچە ئىسىملارنىڭ كېلىش مەنبەسى» ناملىق ئەسىرىدە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە «-چى» بىلەن «-چىن» تۈركىي تىللارغا تەۋە سۆزلۈكلەر بىلەن موڭغۇل تىلىغاتەۋە سۆزلۈكلەرنى پەرىقلەندۈرۈشنىڭ بەلگىسى دېيىلگەن بولۇپ، تۈركىي تىلغا تەۋەسۆزلۈكلەردە «-چى» قوللىنىلسا، موڭغۇل تىلىغا تەۋە سۆزلۈكلەردە «-چىن»قوللىنىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن[34]. دېمەك، مۇشۇنىڭغا قاراپمۇ بۇ ئاتالغۇنىڭ موڭغۇل تىلىغا تۈركىي تىللاردىن، خۇسۇسەن ئۇيغۇر تىلىدىن كىرگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «تارلاغۇ، تارىغۇ، تارلا»ئاتالغۇلىرى موڭغۇل تىلىدىكى «تارىيا» سۆزىگە ئاھاڭ ۋە مەنە جەھەتتىن ئۇدۇل كەلگەندىن باشقا، يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىمىزدا ھازىرقى موڭغۇل تىلى بىلەن ئاھاڭ ۋە مەنە جەھەتتىن ئوخشايدىغان سۆزلىرىمىزدىن تۆۋەندىكىلىرى بار:
قەدىمكى ئۇيغۇرچە  (مەنىسى)          موڭغۇلچە
تارىلغا              (تېرىلغۇ)            تارىلغا
تارىغ     (ئاشلىق،بۇغداي، تېرىق)       تارىخ
تارىغلاغ، تارلا        (ئېتىزلىق)          تارلاخ[35]
ئەمدى موڭغۇلچىدىكى «تارىيان» ئاتالغۇسىغا كەلسەك،قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پېئىلغا «ان، ۇن، ىن، ن»قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلىشى ئارقىلىق ئىسىم ياساش مىساللىرىنى تاپالايمىز.
يارات + ان = ياراتان (ياراتقۇچى)
يايلا + ن = يايلان (ئوچۇقچۇلۇق)
ياي + ان = يايان (پىيادە ماڭغۇچى، ياياق؛ بىلىمسىز)
تۈز + ۈن = تۈزۈن (تۈز ئادەم، كەمتەر ئادەم)
توز + ان = توزان
بۇز + ان = بۇزان (بۇزۇق ئادەم)
بۇل (تاپماق، ئىگە بولماق، بۇلىماق) + ۇن = بۇلۇن(ئەسىر، تۇتقۇن)
ئەك + ىن = ئەكىن (ئەك − تېرىش، ئەكىن − زىرائەت،ئاشلىق)[36]
        مىللەتلەر نەشرىياتى 1998-يىلى 10-ئايدا نەشرقىلغان «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى» ناملىق كىتابنىڭ 176-بېتىدە پېئىلدىن تۇرغۇن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە «-ىم» بىلەن بىرگە يەنە «−ىن» نىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. بۇنىڭغا ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىدىنمۇ مىسال كۆرسۈتۈشكەبولىدۇ. مەسىلەن، «ئېقىن» بىلەن «ئېقىم» نىڭ ھەر ئىككىلىسىلا «ئاق» پېئىلىغا «ىن،ىم» قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغان بولۇپ، ئېقىۋاتقان سۇنى كۆرسىتىدۇ[37].
       دېمەك «تاران» ئاتالغۇسىنىڭ خۇددى «تار» (تەر،تېرىش، تەرمەك) پېئىلىغا «ىم» قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ «تارىم» (تېرىم) سۆزى ياسالغىنىغائوخشاش، «تار» پېئىلىىغا «ىن» قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق «تارىن» نىڭ،ئۇنىڭدىن يەنە «تاران» نىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقابولمايدۇ.
      بۇلاردىن باشقا، ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا مەنسۇپ مەڭگۈ تاشلار، تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ۋەسىقىلەر ھەمدە «تۈركىي تىللاردىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىگ» كەبى كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا مەزكۇر ئاتالغۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يەنە«تارى» (تېرىش)، «تارىغۇ» (تېرىلغۇ)، «تارادى» (تارىدى)، «تاردى» (تاراتتى)،«تارىدى» (تېرىدى)، «تارىغلىغ» (ئېتىز، تېرىلغۇلۇق)، «تارىغلىق» (ئاشلىق ئامبىرى)،«تارىلدى» (تېرىلدى)، «تارىم»، «تارىمسىندى» (تېرىيدىغاندەك كۆرۈندى)، «تارىندى»(تېرىۋالدى)، «تارىتغان» (تېرىتىدىغان)، «تارىداچى» (تېرىيىدىغان) قاتارلىق سۆزلەرنىمۇ ئۇچرىتىمىز. بۇنىڭدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا مەزكۇر ئاتالغۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنىڭ موڭغۇل تىلىغا قارىغاندا ناھايىتى موللىقىنى بىلىۋالالايمىز.
       بۇ ئاتالغۇ موڭغۇللارغا ئائىت يازما مەنبەلەرگەپۈتۈلگەن مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىگە نەزەرسالغىنىمىزدا، بۇ دەل موڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىشقا باشلىغان، ئۇيغۇرلارموڭغۇللارنىڭ تىل-يېزىق، دىن، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي ئىگىلىكىگە زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ھەم ئۇيغۇرلاردىن تۈركۈم-تۈركۈم ۋەزىر-سانغۇن، ئالىم-ئۆلىمالار،تەرجىمان-تىلماچلار يېتىشىپ چىقىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ.
دەل مۇشۇ مەزگىلدە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ئاگرانوم تۆمۈر تۆۋرۈك (لۇ مىڭشەن 鲁明善) نىڭ مەۋسۇم شەكلىنى قوللىنىپ يېزىپ چىققان مەشھۇر ئەسىرى«تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى» 1314-يىلى نەشر قىلىنىپ كەڭ تۈردە تارقىتىلغان ھەم يۈەن سۇلالىسىنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم قوللانمابولۇپ قالغانىدى[38]. بۇنىڭدىن باشقا، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق ئوزۇقلۇقشۇناس قوسقۇي (忽思慧) مۇ شۇمەزگىللەردە «تائام تەييارلاش دەستۇرى» دېگەن داڭلىق ئەسىرىنى يېزىپ چىققان. بۇئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى يېمەك-ئىچمەك تازىلىقى ۋە ئوزۇقلۇقشۇناسلىققا دائىرتۇنجى ۋە مەخسۇس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ[39]. بۇلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ مەزگىلدە يۈەن سۇلالىسىنىڭ تېرىقچىلىق ئىگىلىكىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس.
       بۇ مەزگىلدە قۇبلاي خان ئوردىسىدا يەنە ئەنسارىغائوخشاش داڭلىق ئۇيغۇر تىلماچلىرىمۇ كۆپ ئىدى، شۇڭا يۇقارقى ئاتالغۇنى موڭغۇل تىلىغا ئېلىپ كىرىشتە تۆمۈر تۆۋرۈكتەك، قۇسقۇيدەك ۋە ئەنسارى كەبى «ئۇيغۇرپۈتۈكچى» لەرنىڭ تەسىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. موڭغۇل تىلىدىكى «تارىيا» ئاتالغۇسىغا ئائىت ئەڭ دەسلەپكى يازما مەنبە ھېسابلانغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» نى زادى كىملەرنىڭ يېزىپ چىققانلىقى ھازىرغىچە ئېنىقلانغىنى يوق. مېنىڭچە، بۇنىڭغا شۇ مەزگىلدە قۇبلاي خان ئوردىسىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان «ئۇيغۇر پۈتۈكچى» لەرنىڭ قاتناشقانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
       موڭغۇلچىدىكى «تارىياچى» ئاتالغۇسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكى ھەققىدىكى يەنە بىر مۇھىم پاكىت تېرخىن مەڭگۈ تېشى («تارىيات مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تېپىلغان «تارىيات» دېگەن يەر نامى. رۇستۈركولوگى س. گ. كىلياش تۇرنىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، مەڭگۈ تاش يېزىقىنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (خەنزۇچەمەنبەلەردە مويۇنچۇر ياكى بايانچۇر دېيىلىدۇ. مىلادىيە 747-759 يىلللاردا تەختتەئولتۇرغان) نامىدىن يېزىلغان. ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاستانىسى بولغان قارابالغاسۇن شەھىرى دەل مۇشۇ جايدا بولۇپ، تارىيات ھازىرقى موڭغۇل تىلىدا«ئېتىزلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى تارىيا («ئېتىز» دېگەن مەنىدە) + ت(كۆپلۈك قوشۇمچىسى). دېمەك تارىيات «زور كۆلەملىك ئېتىزلىق» دېگەنلىك بولىدۇ.تېرخىن مەڭگۈ تېشىنىڭ غەربىي يۈزىدە: «سەكىز ئارا ئىلغىم تارىغلاغىم. سەكىز سەلەنگەئورقۇن توغلا سەبەنتۈردۈ» (يەشمىسى: سەككىز (دەريا) ئارلىغىدا چارۋام ۋە تېرىلغۇيەرلىرىم. سەلەنگە، ئورقۇن، تۇغلا سەككىز (دەريا) مېنى سۈيۈندۈردى» دېگەن سۆزلەرئۇچرايدۇ[40].
         دېمەك، ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى مەزگىلىدىلا سېلىنگا،ئورقۇن، توغلا دەريالىرى ئارىسىدا ئېتىزلىقلارنىڭ بارلىقى مەلۇم. «تېرخىن مەڭگۈتېشى» نىڭ ئەسلى نامى «تارىيات مەڭگۈ تېشى» بولۇپ، موڭغۇلىيەدىكى ئورقون، سېلىنگا دەريا بويلىرىدا «تارىيات» دەپ ئاتىلىدىغان جايدىن بىرقانچىسى بولغاچقا، بۇ مەڭگۈتاشنىڭ نامى كېيىنچە «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» غا ئۆزگەرتىلگەن[41]. بۇنىڭدىن ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى مەزگىلىدە ئورقۇن، سېلىنگا بويلىرىدا ئېتىزلىقلارنىڭ خېلى كۆپ بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ تېرخىن مەڭگۈ تېشىغا پۈتۈلگەن ئەمەلىيەت بىلەن ماس كېلىدۇ.
         ئىككىنچىدىن، ھازىر تارىيات دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇيەر نامى تېرخىن مەڭگۈ تېشىغا پۈتۈلگەن «تارىغلاغ» دېگەن سۆزدىن فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ كەلگەن. «تارىغلاغ» نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «تارلا» دېگەن شەكلىمۇ بار. مەسىلەن، ھازىر تۈركىيەلىكلەر ئىشلىتىۋاتقان «تارلا» دېگەن سۆز«تارىغلاغ» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى بولۇپ، بۇ سۆز 11-ئەسىردە تۈركىي قەۋىملەردە ئومۇمەن «زىرائەت تېرىلىدىغان يەر» دېگەننى ئىپادىلەيتتى[42].
       «تارىيا»نى «تارىغلاغ» ياكى «تارلا» نىڭ موڭغۇل تىلىغا ماسلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. «تارىيات» نىڭ كەينىدىكى كۆپلۈك قوشۇمچىسى«ت» غا كەلسەك، بۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە تېرخىن مەڭگۈ تېشىنىڭ ئۆزىدىنلا ئىسپات تاپالايمىز. بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ شىمالىي يۈزىدە «سەنگۈت» دەپ بىر سۆز ئۇچرايدۇ. بۇ،«سەنگۈن» (سانغۇن، گېنىرال دېگەن مەنىدە) نىڭ كۆپلۈك شەكلىنى بىلدۈرىدۇ[43]. كۈلتېگىن مەڭگۈ تېشىدىمۇ «تارقات» دېگەن ئاتالغۇ بار بولۇپ، بۇ «تارقان ئونۋانىنىڭ كۆپلۈك شەكلى» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن[44].
بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك مىساللارنىمۇكەلتۈرۈشكە بولىدۇ:
تېگىن + ت = تېگىت (تېگىنلەر)
تاغشۇ]ر[(قوشاق، شېئىر) + ت = تاغشۇت (قوشاقلار، شېئىرلار)
ئۇرۇنغۇ/ئۇرۇڭۇ (جەڭچى) + ت = ئۇرۇنغۇت/ئۇرۇڭۇت(جەڭچىلەر)
ئالپاغۇ (مەشھۇر) + ت = ئالپاغۇت (مەشھۇرلار)[45]
        قارا بالغاسۇن ھەققىدە «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىييۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ 368-،369-بەتلىرىدە: «(ئوردۇبالىقنى ھازىرقى ۋاقىتتا تەتقىقاتچىلار ‹قارا بالغاسۇن› دەپ قارايدۇ، بۇ شەھەر ئورقۇن دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان)... ئۇيغۇرقاغانلىقىدا تېرىقچىلىق ئوبدان تەرەققىي قىلغانلىقىنى قاغانلىق دائىرىسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئېرىق-ئۆستەڭلەر ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇ ئېرىق-ئۆستەڭ بىلەن ئېتىز ۋەباغلار سۇغۇرىلاتتى. خارابىلەردىن يارغۇنچاقنىڭ كۆپ چىققانلىقىمۇ تېرىقچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تېرىلىدىغان زىرائەتلەر بۇغداي ۋەتېرىقلار ئىدى» دېيىلگەن بولسا، ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇقنىڭ «ئورقۇن ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابىدا: «مىلادىيە 821-يىلى ئەتراپىدا ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى ئوردۇبالىق شەھىرىگە كەلگەن ئەرەب سەيياھى ئەمىم ئىبنىبەھرىنىڭ ساياھەت نامىسىدە ئوردۇبالىق ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق يازغان: ‹يېزائېگىلىك مەھسۇلاتلىرى مول شەھەر بولۇپ، ئەتراپى ئېتىز-ئېرىقلار ۋە زىچ يېزا-كەنتلەر بىلەن قورشالغانىكەن›» دەپ يېزىلغان[46]. بۇنىڭدىن قارابالغاسۇن شەھىرى يېنىدىكى ھازىر «تارىيات» دەپ ئاتىلىۋاتقان جاينىڭ ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى زامانىسىدىن قالغان ئېتىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ھازىر موڭغۇلىيەدىكى يەر ناملىرىنىڭ كۆپچىلىكى مەڭگۈتاشلاردا پۈتۈلگەن يەر ناملىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ، پەرىق بولغاندىمۇ ئاز-تولافونىتىكىلىق ئۆزگىرىش مەۋجۇت. مەسىلەن، سېلىنگا، ئورقۇن، توغلا، قارابالغاسۇن،ئۆتۈكەن... دېگەندەكلەر ھازىرمۇ مۇشۇ ناملار بويىچە ئاتىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا«تارىيات» دېگەن نامنىمۇ ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى زامانىسىدىن قېپقالغان يەر نامىدەپ قاراشقا بولىدۇ.
      ئەمدى «شىنجاڭ مىللەتلىرى تارىخ-مەدەنىيىتى لۇغىتى»[47] دىكى: «ئۇيغۇرچىدىكى terimqi دېگەن سۆز موڭغۇلچىغا ‹تارانچى taranqy› بولۇپ ئۆزگىرىپ قالغان» دېگەن قاراشقا كەلسەك،بۇنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بار. «تېرىمچى» ئاتالغۇسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «تارىمچى»بولۇپ، «تارى» پېئىلىنىڭ تۈرلىنىشىدىن كەلگەن. ھازىر «تارىم» دەرياسىنىڭ نامىنىڭ قانداق كەلگەنلىكى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتىدۇ. بەزىلەر«تەڭرىم» دېگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېسە، بەزىلەر«تېرىم» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشماقتا. مەن بۇ يەردىكى «تارىم» ئاتالغۇسى يەنىلائۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق مەدەنىىيتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەپ قارايمەن، چۈنكى تارىم دەريا بويىدا ھازىرمۇ «تېرىم» ئاتالغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، يوپۇرغىدىكى تېرىم ئۆستىڭى، تېرىم مەھەللىسى، تېرىم سۇئامبىرى، مەكىت ناھىيەسىدىكى تېرىم مەھەللىسى، پەيزىۋاتتىكى تېرىم يېزىسى، باشتېرىم كەنتى، ئاياغ تېرىم كەنتى، ئۇچتۇرپاندىكى تېرىم مەھەللىسى، مارالبېشىدىكى تېرىم چوڭقۇرچاق كەنتى، قەشقەر كوناشەھەردىكى تېرىم يېزىسى، تېرىم ئۆستىڭى،قاراقاشتىكى تېرىم كەنتى، چەرچەندىكى تارىم كەنتى، تېرىم ساي، تېرىم چىغلىق دېگەن جايلار، شاياردىكى تارىم يېزىسى، لوپنۇردىكى تارىم يېزىسى، تارىم ئۆستىڭى دېگەنگەئوخشاش[48].
بۇ يەر ناملىرىنىڭ ھەممىسى تېرىمچىلىق كەسپى بىلەنمۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كۆپىنچىسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «تارىم» ئاتالغۇسىدىكى«ئا» تاۋۇشىنىڭ «ئېى» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىشىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولسا، بەزىلىرى ئەينى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان. «تارىم» سۆزىنىڭ مانجۇ تىلىغا «تارىمبى» شەكلىدەئۆزلەشكەنلىكىنى ھەمدە بۇ ئاتالغۇنىڭ موڭغۇل تىلىغا تۈركىي تىللاردىن كىرىپ،«تارىيان» شەكلىدە ئۆزلەشكەنلىكىنى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەنىدۇق. بۇلاردىن باشقا يەنەتۈركىيە تۈركلىرى، ئەزەربەيجانلارمۇ تا ھازىرغا قەدەر بىزدىكى «دېھقانچىلىق» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «تارىم»، «تارىمچىلىق» دېگەننى، «دېھقان» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا«تارىمچى» دېگەننى قوللىنىدۇ. «دېھقان» ئاتالغۇسى ئەسلىي پارىسچە بولۇپ، بىزنىڭ سۆزىمىز ئەمەس، بىز ئەسلىدە «دېھقانچىلىق» نىڭ ئورنىغا «تېرىقچىلىق» تىن باشقا يەنە«تارىم» (تېرىم)، «تارىمچىلىق» (تېرىمچىلىق)، دېھقاننىڭ ئورنىغا «تارىمچى»(تېرىمچى) ئاتالغۇلىرىنىمۇ ئىشلىتىپ كەلگەن. كېيىن پارسىي ئاتالغۇنى قوبۇل قىلىپ،يېزىق تىلىمىزدا بۇ ئاتالغۇلار يەكلىنىپ قالغان، شۇنداقتىمۇ بىزدە بۇنىڭ «تېرىم»،«تېرىمچى»، «تېرىقچى»، «تېرىمچىلىق»، «تېرىقچىلىق» دېگەندەك شەكىللىرى تاھازىرغىچە ئەل ئېغىزىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن «تارىم» سۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارئارىسىدا ئۇزاق تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
«يۈەن سۇلالىسى تارىخى. شىزۇنىڭ تەرجىمىھالى» (元史.世祖本纪) نىڭ 17-جىلد 14-بۆلىكىدە «كۈسەن تارىن» (曲先塔林) ئىسىملىك بىر كىشى ئۇچرايدۇ، بۇ توغرۇلۇق شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت فوتو نەشرىياتى 1995-يىلى 11-ئايدا نەشر قىلغان «موڭغۇل دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى» ناملىق كىتابنىڭ25-، 26-بەتلىرىدەكۈسەن تارىننىڭ كۈسەنلىك ئىكەنلىكى ئېيتىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئىسمى «تارىن» (塔林) نىڭ تارىم دەرياسىنىڭ نامى بولغان «تارىم» (塔里木) سۆزىنىڭ يەنە بىر خىل يېزىلىشى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. شۇڭا، «موڭغۇلچە، جۇرجېتچە تەرجىمە سۆزلۈكلىرى توپلىمى» نىڭ 195-بېتىگەكىرگۈزۈلگەن «تارىيان» ئاتالغۇسىنىڭ «تارىم» نىڭ «تارىن» غا، ئاندىن «تارىيان» غائۆزگىرىشىدىن كېلىش ئېھتىماللىقىىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. بۇ يەنە «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى» ناملىق كىتابنىڭ 176-بېتىدە تىلغا ئېلىنغان پېئىلدىن تۇرغۇن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «-ىم، -ىن» ئارقىلىق سۆز ياساش قائىدىسىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. يەنى «تارى» پېئىلىغا «-ىم» قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ تېرىم مەنىسىنى بېرىدىغان«تارىم» ئاتالغۇسى ياسالغانغا ئوخشاش، «تارى» پېئىلىغا «-ىن» نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن«تارىن» سۆزىنىڭ ياسىلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ.
          ياپونىيەلىك تۈركلوگ ساگۇچى تورۇنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات» ناملىق ئەسىرىدىمۇ «1770-يىلى ئەتراپىداچىڭ ھۆكۈمىتى ئاقسۇ، كۇچا، قاراشەھەر، شايار، سايرام، باي قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تارانچىلارنى تاللاپ ئىلىغا بەگ قىلىپ ئەۋەتتى»[49] دەپ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىمۇ بۇ ئاتالغۇنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. بۇنىڭدىنمۇ بۇئاتالغۇنىڭ «تارىمچى» (تېرىمچى) نىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانتى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشتەس بولمىسا كېرەك.
         يۇقارقىلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ شۇنداق خۇلاسەچىقىرىشقا بولىدۇكى، تارانچى ئاتالغۇسى كېيىنكى مەزگىللەردە مەلۇم سەۋەبلەرتۈپەيلىدىن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ خاس نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان بولسىمۇ، تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۇ ئۇيغۇر تېرىمچىلىق مەدەنىيىتىگە تەۋە ئاتالغۇ.ئېتمولوگىيەسى ھەمدە ئومۇمىي ئىستىمال تەرەققىياتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنى پۈتكۈل ئۇيغۇر تېرىقچىلىرىنىڭ تارىختىكى يەنە بىر خىل ئاتىلىشى دەپ تونۇغىنىمىز ئەقىلگەمۇۋاپىق. چاررۇسىيە دەۋرىدىكى بىر قىسىم رۇس شەرقشۇناسلىرى ۋە شېڭ شىسەي قاتارلىقلار مەلۇم سىياسىي مۇددىئا بىلەن ئويدۇرۇپ چىققان ئاتالمىش «تارانچى مىللىتى» ھېيلىسى بولسا سۇيىقەستتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق ئايرىشقا ئەينى مەزگىلدە ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت (ئۇيغۇربالىسى)، ئابدۇللا روزىباقى قاتارلىق ئالىم ۋە زىيالىيلىرىمىز قەتئىي قارشى چىقىپ،ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنى مىللەت نامى قىلىشتا چىڭ تۇرغان.
         ئىككىنچىدىن، «تارانچى» ئاتالغۇسى قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى «تارىغۇچى، تارىقچى، تارىمچى» ئاتالغۇلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ،«تار، تارى» پىئېللىرىنىڭ تۈرلىنىشىدىن كېلىپ چىققان. شۇڭا، بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇر تىلىغا مەنسۇپ قەدىمكى ۋە ھازىرقى ھەرقايسى دېئالىكىت،شىۋىلەردىكى تۈرلۈك ۋارىيانتلىرى ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇر، ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۇيغۇر تېرىمچىلىق مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇيالغۇز بىر ئاتالغۇنىڭ ئېتمولوگىيەسىنىڭ قايسى خىل تىلغا تەۋەلىك مەسىلىسىلا بولۇپلاقالماي، نۆۋىتى كەلگەندە يەنە مەدەنىيەت تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان تېرىمچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئاۋۋال كىمدە شەكىللەنگەنلىك مەسىلىسىنىڭمۇ دەلىلى بولالايدۇ.
         ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر تېرىمچىلىرى تارىخىي سەۋەبلەرتۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ تۈرلۈك تالان-تاراجلىرى ھەم قۇل قىلىشلىرىغا ئۇچرىغان،ئېيتقۇسىز ئازاب-ئوقۇبەت، خورلۇقلارنى تارتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاتالغۇنى ھاقارەتلىك نام دېيىشكە بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر مەسىلىگە سەلبىي ھەم ئىجابىي نۇقتىدىن قاراپ بېقىش كېرەك. سەلبىي نۇقتىدىن قارىساق، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن سۈرگۈنلۈككەچۈرمىشلىرى ئومۇمەن تېرىقچىلىققا ماھىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىجابىي نۇقتىدىن قارىساق، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىمچىلىق مەدەنىيىتىنى تارقىتىشىغا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنىمۇ يارىتىپ بەرگەن. تۆمۈر تۈۋرۈك، قۇسقۇي كەبى ئاگرانوملىرىمىزنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ھەمدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تېرىمچىلىق مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلىشى بۇنىڭ ئەڭ ئوبدان مىسالى. يەنە بىر تەرەپتىن،ئۇيغۇرلار تېرىقچىلىقنى ناھايىتى مۇقەددەس ھەم مەدەنىيلىكنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىنبىرى دەپ تونۇيدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇر شەھەرلىشىشى ھەمدە پارلاقمەدەنىيەت سەمەرەلىرىنى يارىتالىشى تېرىقچىلىققا بالدۇر كىرىشكەنلىكى بىلەنمۇناسىۋەتلىك. قىسقىسى، تارانچى «تارىقچى، تارىمچى، تارىغۇچى» ئاتالغۇلىرىنىڭ يەنەبىر خىل ۋارىيانتى بولۇپ، باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ بۇ ئاتالغۇنى قوبۇل قىلىشى يەنەبىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىققا نەقەدەر ماھىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۇيغۇر تېرىمچىلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدەشەرىقتە تاكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ خۇلىنبېر كۆلى بويلىرىغىچە تېرىقچىلىق ئۆگىتىشكەئېلىپ بېرىلىشىدىن سىرت، غەربتە چاررۇسىيە تەرىپىدىن تاكى تۈركمەنىستاننىڭ مورغاب دەرياسى ۋادىسىغىچە تېرىقچىلىق قىلىشقا ئېلىپ بېرىلىشىمۇ[50] بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى بولالايدۇ.



ئىزاھاتلار:
[1] ﺑﺎرﺗﻮﻟﯩﺪﻧﯩﯔ«ﻣﻮﯕﻐﯘل - ﺗﯜرك ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮى ﺗﺎرﯨﺨﻰ» (رۇﺳﭽﻪ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎۋﯨﻨﯩﯔ 34-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[2] روﻣﺎﻧﺴﻮﻓﻨﯩﯔ «ﺗﺎراﻧﭽﯩلار» (رۇﺳﭽﻪ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖﻛﯩﺘﺎۋﯨﻨﯩﯔ 6-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[3] ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ «ﺗﺎراﻧﭽﻰ (三道岭) ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[4] ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ«ﺟﻮﯕﮕﻮ ﭼﯧﮕﺮا ﺗﺎرﯨﺦ-ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2001-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ4-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[5] «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ژۇرﻧﯩﻠﻰ» ﻧﯩﯔ1993-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 3-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[6] «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪر ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ»ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ1989-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ1-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[7] «ﺋﯩﻠﻰ دەرﻳﺎﺳﻰ» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2002-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ1-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[8] http://baike.baidu.com/view951892.htm ﻏﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[9] ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘلﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1999-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﻪ-ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻟﯘﻏﻪت» ﻧﯩﯔ469-، 561-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[10] 2003-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن«ﺗﯜرﻛﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮى ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ»
(turkce insane adlari ve anlam kokenleri) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 245-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[11] ﺧﯧﻴﻠﯘﯕﺠﻴﺎڭ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1994-ﻳﯩﻠﻰ5-ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى (ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ)، 178-ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[12] ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘل ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2006-ﻳﯩﻠﻰ12-ﺋﺎيﻧﻪﺷﺮى (ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ).
[13]ﭼﯩﯖﺨﻪي ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1984-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮﻗﯩﻠﻐﺎن ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ «ﺋﯘﻳﺮات ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻠﯩﺮى ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪر ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 81-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[14] ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺳﺎﮔﻮﭼﻰ ﺗﻮرۇﻧﯩﯔﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ»(ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎبىنىڭ 227- ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[15] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1996-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﺪاﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﮔﯜﻟﺸﻪن ۋادﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰلار» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 166-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[16] «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ژۇرﻧﯩﻠﻰ» ﻧﯩﯔ2007-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 4-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[17] ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺟﯘﯕﺨﯘا ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ (中华书局) 1996-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮى، 407-ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[18] ﻣﺎﻧﺠﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﻧﺎﻣﻰ.
[19] «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪر ﺋﺎﻛﺎدﯨﻤﯩﻴﻪﺳﻰﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘلار ﻣﻪﻛﺘﯩﯟى ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ژۇرﻧﯩﻠﻰ» ﻧﯩﯔ 1996-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 5-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[20] ﺗﻴﻪﻧﺠﯩﻦ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ1990-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻣﻮﯕﻐﯘل ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﺳﯚزﻟﯜﻛﻠﯩﺮى، ﺟﯘرﺟﯩﺖ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﺳﯚزﻟﯜﻛﻠﯩﺮىﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ» (蒙古译语、女真译语汇编) نىڭ 42-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[21] ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2007-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪﻧﻪﺷﺮى، 505- ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[22] ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ «ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘل ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ژۇرﻧﯩﻠﻰ» ﻧﯩﯔ 2007-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 3-ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ 23-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[23] ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪرﺋﯘﭼﯘرﻟﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2005-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 5-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[24] ﺟﯘﯕﻐﺎرلار-ﺋﯘﻳﺮاتلارنىڭ ﺑﯩﺮ ﺗﺎرﻣﯩﻘﻰ.ﺋﯘﺳﺘﺎزﯨﻢ ﺗﯘرﺳﯘن ﺋﺎﻳﯘﭘﻨﯩﯔ «ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖﻛﯩﺘﺎۋﯨﻨﯩﯔ120-ﺑﯧﺘﯩﺪە «ﺟﯘﯕﻐﺎر» ﺳﻮل ﻗﻮل دﯦﮕﻪن ﻣﻪﻧﯩﺪە (ﻳﻪﻧﻰ، ﺟﻮڭ ]ﺳﻮل[ + ﻏﺎر ]ﻗﻮل[) دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﻟﮕﻪن.«ﺋﻮﻏﯘزﻧﺎﻣﻪ» ﻧﯩﯔ124-ﻗﯘرﯨﺪﯨﻤﯘ «ﭼﻮڭ» (ﺟﻮڭ) دﯦﮕﻪن ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ «ﺳﻮل» دﯦﮕﻪن ﺳﯚزﻧﯩﯔﺋﻮرﻧﯩﺪا ﺋﯩﺸﻠﺘﯩﻠﮕﻪن. ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، «ﺟﯘﯕﻐﺎر» ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻤﯘ ﺗﯜرﻛﯩﻴﭽﯩﺪﯨﻦﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
[25] ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2009-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎيﻧﻪﺷﺮى، 198-ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[26] ﺋﯘﻳﺮاتلارنىڭ ﺋﯩﺴلام ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪە ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ.
[27] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2000-ﻳﯩﻠﻰ3-ﺋﺎيﻧﻪﺷﺮى، 403-ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[28] «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ژۇرﻧﯩﻠﻰ» ﻧﯩﯔ2007-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 4-ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ 70-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[29] ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ1989-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن«ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﻰ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ 135-بېتىگە ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[30] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2000-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮى،122-، 128-ﺑﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[31] ﺗﻴﻪﻧﺠﯩﻦ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ1990-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻣﻮﯕﻐﯘل ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﺳﯚزﻟﯜﻛﻠﯩﺮى، ﺟﯘرﺟﯩﺖ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﺳﯚزﻟﯜﻛﻠﯩﺮىﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ» ﻧﯩﯔ 3-، 42-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[32] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ2000-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪاﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ۋەﺳﯩﻘﯩﻠﻪر» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 223-،228-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[33] ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ كىتابنىڭ 121-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[34] ﺳﻮدا ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1995-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن«ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﻳﯘرت، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ دﯦﯖﯩﺰ ﺗﺎرﯨﺨﻰ ۋە ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ دەﻟﯩﻠﻠﻪر ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﻰ» ﻧﯩﯔ 1-ﺗﻮم 35-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[35] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2008-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮﻗﯩﻠﻐﺎن «ﺗﯜرﻛﯩﻲ تىللار دﯨﯟاﻧﻰ» ﻧﯩﯔ 283-، 377-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮى؛ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘلﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﯨﺴﯩﺘﯩﺘﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1999-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﻪ-ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻟﯘﻏﻪت» ﻧﯩﯔ470-، 469-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[36] «ﺗﯜرﻛﯩﻲ تىللار دﯨﯟاﻧﻰ» ﺑﯩﻠﻪن «ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﻰ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ» ﮔﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[37] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1999-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪاﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰاﮬﻠﯩﻖ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ 1292-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[38]، [39] ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪت ﺳﺎﻳﺮاﻣﻰ، ﺋﺎﺑﺪۇرازاقﺗﻮﺧﺘﻰ: «ﻳﯜەن ﺳﯘلاﻟﯩﺴﯩﺪا ﺋﯚﺗﻜﻪن ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪر»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ1991-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى،178-، 180-، 185-، 186-ﺑﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[40] ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1998-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﺪاﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ 337-، 346-،348-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[41] «ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ۋە ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﻳﯘرﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎرﯨﺨﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 509-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[42] رﯦﺸﺎت ﮔﻪﻧﺞ: «‹ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠلار دﯦﯟاﻧﻰ› دﯨﻦ11-ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻜﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻧﻪزەر»، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2010-ﻳﯩﻠﻰ 12-ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى، 599-، 602-ﺑﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[43] «ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 348-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[44] ﺗﺎلات ﺗﻪﻛﯩﻦ: «ﺋﻮرﺧﻮن ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﯩﺮى»،ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2009-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى، 38-، 157-ﺑﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[45] «ﺗﯩﻞ ۋە ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 1996-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ2-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎن «ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚز ﻳﺎﺳﺎش ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن، 10-ﺑﻪت.
[46] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ2005-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮى،186-، 196-، 197-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[47] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2003-ﻳﯩﻠﻰ 5-ﺋﺎﻳﺪاﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن.
[48] ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1993-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﺪاﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ-ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﻪر ﻧﺎﻣﻠﯩﺮى» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻟﯘﻏﻪﺗﻨﯩﯔ 418-،437-ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[49] «ﺋﯩﻠﻰ دەرﻳﺎﺳﻰ» ژۇرﻧﯩﻠﻰ 2013-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ3-ﺳﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎن ﭘﻮلات ﺑﯘرﮬﺎﻧﻨﯩﯔ «‹ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪت ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ› ۋە ﺋﯩﻠﻰﺋﯘﻳﻐﯘرﻟﯩﺮﯨﻐﺎ داﺋﯩﺮ ﺑﻪزى ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.
[50] «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2004-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ2-ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎن «ﺑﺎﻳﺮام ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﮕﻪ ﻗﺎراﻟﺴﯘن.


6

تېما

0

دوست

549

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   9.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13730
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 79
تۆھپە : 120
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 08:05:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، ئىزدىنىشىڭىزگە بارىكاللا! ئاللا قەلىمىڭىزگە كۈچ- مادارنى ئايىمىغاي؟!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

63

تېما

18

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   66.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2591
تۆھپە : 9092
توردىكى ۋاقتى: 5020
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 08:44:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمى ئاساسلار يىتەرلىك كۇرسىتىلگەن ئەسەركەن.قايىل قىلىش كۈچى يۇقۇرى.

yahxilik kilalmisangmu yamanl

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2771
يازما سانى: 592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2108
تۆھپە : 2043
توردىكى ۋاقتى: 820
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 12:43:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ گەپنىڭ مەنسىنى ئويلاپ يۇرەتتىم . رەھمەت سىزگە .

0

تېما

0

دوست

2018

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22639
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 604
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 13:01:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تىمۇ بۇپتۇ ..تارانچى دىگەن دىھقان دىگەن گەپ ،بۇنى بەزى ئىچى تار قۇتۇرلار ھاقارەت قىلىدۇ ... بىزنىڭ قۇمۇلدا تارانچىلار كۆپ ..قۇمۇل .ئىلىدا ،بۇرتالا ،چۇچەك لەردە تارانچىلار ساماندەك ..ئالتايدىكى ئۇيغۇرلارمۇ شۇ ..
بۇپەقەت شۇغۇنلانغان كەسىپ بىلەن ئاتالغان خالاس...تارنچى ناخشىلىرى ھەريەردە ياڭرايدۇ ....بۇنىڭغا ئىلمى ،ئىچىۋىتىلگەن،مەدىنى كاللا بىلەن قاراش كىرەك ..ئۇلارئاز مۇشەقەت تاتمىدى ..مەن ئۇلاردىن سۇينىمەن ..بەك ئاق كۆڭۈل تۇز كىشلەر ئۇلار

50

تېما

0

دوست

4138

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14570
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 163
تۆھپە : 1200
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 13:32:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇنبەت ئىلى زىمىنىنى ئىگەللىۋالغان جۇڭغارلار تېرىقچىلىق قىلىشنى بىلمەيتتى شۇنىڭ ئۈچۇن ئۇلارنەچچە مىڭلىغان چىرىكلىرنىڭ قۇرسىقىنى بېقىش ئۇچۇن يەر تېرىغۇچى دىھقانلارغا ھاجىتى چۇشتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار يەرلىك دىھقانلارنى قىرىپ تاشلىغانىدى .نەتىجىدە ئالتە شەھەردىن مىڭلىغان ئونمىڭلىغان دىھقان مەھبۇسلىرىنى مۇزداۋان ئارقىلىق ئىلىغا ھەيدەپ كىلىپ بۇيەردە يېڭى يەر ئاچقۇزۇپ .دېھقانچىلىق قىلدۇردى ئەنە شۇيەر تېرىغۇچىلارنى كەمسىتىپ ‹‹تارانچى››دەپ ئاتاشتى شۇندىن باشلاپ بۇدېھقانلارنىڭ نامى ‹‹تارانچى››بۇلۇپ قالدى بۇسۆز مۇڭغۇل تىلىدا يەر تېرىغۇچى دېگەن مەنىنى بېرەتتى دەپ قەيىت قىلىنغانكەن  
(ئۇيغۇرخەلىق رىۋايەتلىرى دىگەن كىتاپتىكى ) (يىپەك يۇرتىدىكى  ئەپسانە رىۋايەتلەردىگەن قىسىمىدىن ئېلىندى )

0

تېما

0

دوست

876

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15208
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 17:15:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات ئىلياس ئەپەندىم ئىلمىلىگى ناھايىتى  ئاساسلار بىلەن تارانچى سۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاتالغۇ ئىكەنلكنى شەرھىلەپتۇ .ئاپتۇرنىڭ ئەمگىگە كوپ رەخمەت. ئەڭ ئەقەللى ساۋات شۇكى ، .ئەڭ ئەقەللى ساۋات شۇكى مانجۇ ياكى موڭغۇللاردا تارىختا ئەزەلدىن تىرىم مەدىنيىتى ياكى دىھقانچىلىق ئىگلىكى بولمسىا تارانچى دىگەن ئاتالغۇ قانداقمۇ ئۇلاردىن ئۆزلەشكەن دىگلى بولسۇن... مەدىنيەت ، ئاتالغۇ -سۆزلۇك دىگەننى  مەدىنيەتلىك مىللەتتىن بىر قەدەر قالاق مىللەت قۇبۇل قىلدۇ . ئۇيغۇرلار مۇڭغۇل ئىمپىريەسى مەزگىلدە مۇڭغۇللارغا يىزىق يارتىپ بەرگەن ، دولەت ئۇستازى ، دولەت ھىساپچىسى بولۇپ مۇڭغۇل ئىمپىريەسىنىڭ قۇدرەت تىپشىغا ئالەمشۇمۇل ھەسسە قوشقان . شۇڭا ھازىرقى مۇڭغۇل تىلدىكى توركى سۆزلۇكلەر ئۇيغۇرلاردىن مۇڭغۇل مانجۇ قاتارلىق يات قەۋىملەر  تىلغا كىرگەن دەپ كسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ .

0

تېما

0

دوست

2018

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22639
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 604
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 17:17:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كەمسىتىش دىگەن سۆزگە قۇشۇلمايمەن ... كەمسىتسىمۇ دىھقان دەپ كەمسىتەمدۇ ...كەمسىتتى دىگەننى ‹چەنتۇ›دىگەن بۇلىدۇ ...ھەمدە ئىلگىرى مۇشۇ كەمسىتىپ دىگەن گەپ يۇقتى ...ئۇزۇن بۇممىدى مۇشۇ بەزى ئادەملار يۇرىتۋازلىق ھەم قالاق كاللىسى بىلەن پىكىر قىلىپ كەمسىتىكەن دەپ تۇرۋالدىغان ...ھەقاسىڭنى ھازىر كىم كەمسىتىۋاتىدۇ ...نىم قىلالىدىڭ ...بىشىڭغا كىم ئىگە بۇسا بۇي سۇنماي ئامالىڭ يۇق ..ھازىرغۇ ئادەملار قىل بىسى مىھرىبان ...شۇ مۇڭغۇللار ياكى مانجۇلار بىشىڭغا ئىگە چاغدا كىم نىم دىسە شۇ دىمەي تۇرالايدۇ ...ھەممىڭنىڭ بىشىدا باغۇ تۇڭگانلار ئالتەشەدە قان ئاققۇزغىنى ...شۇڭا  گەپكە دىققەت قىلىلى ...ماخما
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )