- تىزىملاتقان
- 2011-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13531
- نادىر
- 1
- يازما
- 554
ئۆسۈش
8.83%
|
يېقىندىن بۇيان نىمە يىسە ئەڭ بىخەتەر، دىگەن مەسىلە كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. نۆۋەتتە يوغىناتقۇچى رىئاكتىۋ (ئۆسۈملۈك ھومونى)نىڭ تاۋۇزلارنى يېرىۋېتىش ھادىسىسى يەنە بىر قېتىم ئىستىمالچىلارنىڭ ئىنتايىن سەزگۈلىشىپ كەتكەن نېرۋىلىرىغا تەگدى. نىمە بازاردىكى ھەممە مىۋە-چىۋىلەرنىڭ دانىسى يوغان،رەڭگىلىرى چىرايلىق،ئەمما تەمىنىڭ تاينى يوق بولۇپ كەتتىكىن دىسە، ئەسلىدە ھورمۇن ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈلگەنكەندە!
نۆۋەتتە كۆپۈنچە يىمەكلىك ۋەقەلىرىگە پەن-تېخنىكىلىق ئۇسوللار قوللىنىلغاچقا، ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ناھايىتى يوشۇرۇن بولغاچقا، ئادەتتىكى ئىستىمالچىلارنىڭ كەسپىي بىلىملىرى چەكلىك، ئۇچۇرلىرى تېز بولمىغاچقا زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ بولماق ناھايىتى تەس. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى تېز پۇشۇرۇلغان مىۋە-چىۋىلەرنىڭ زادى ياخشى نەرسە ئەمەسلىكىنى ئويلاپ يىتەلەيدۇ. ئادەم ھۆجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈش بەك تېز بولۇپ، بىنورمال چوڭىيىش كۆرۈلگەنلىك دەل راكتۇر. يوغىناتقۇچ(فورخىلورفىنورن،گىببېرېللىك كىسلاتا قاتارلىق氯吡脲、赤霉酸)نىڭ «ھۆجەيرە بۆلۈنىشىنى تېزلىتىش،ھۆجەيرىنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىش ۋە چوڭىيشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار.» بۇ دەل مىۋە-چىۋىلەرنى راكقا گىرىپتار قىلىش ئەمەسمۇ؟ ئادەم راك بولغان مېۋىنى يىسە قانداق بولىدۇ؟مىۋە-چىۋىلەرنىڭ ئىچىدىكى قالدۇق ھورمۇنلار ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن قانداق رول ئوينايدۇ؟ قارىغاندا ئىستىمالچىلارنىڭ ۋەھىمىسى ئورۇنسسىز ئەمەستەك قىلىدۇ.
ھەر قېتىملىق يىمەكلىك بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىدە ھامان بىر نوپۇزلۇق ئورگاننىڭ مۇتەخخەسىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئاقلىغىنىدەك، بۇ قېتىممۇ مۇتەخخەسىسلەر ئوتتۇرغا چىقتى، يەنە كېلىپ دۆلەت دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخخەسىسى. ئۇنىڭ ئاساسى مۇنداق تۆت تۈرلۈك:1. ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ياخشى؛2.چەتئەللەردە ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىلگەن؛3.دۆلىتىمىزدىمۇ تەستىقتىن ئۆتكەن؛4.ئادەم بەدىنىگە زىيان قىلىدىغانلىقى بايقالمىدى.(«يېزا ئىگىلىك كافىدراسى مۇتەخخەسىسى: تاۋۇز چوڭايتقۇچى رىئاكتىۋنىڭ ئادەم سالامەتلىكىگە زىيىنى يوق»، شىنخۇا تورى 2011-يىل5-ئاينىڭ20-كۈنى)
بىرىنچى تۈرلۈكنى ئۇنىڭ دەپ ئولتۇرىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا ئاللىبۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن بولاتتى. ئەمما زادى كىمگە «ياخشى»، بىز چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئىشلەتكۈچىگە ياخشى بولغىنى ئىستىمالچىغا ياخشى بولىشى ناتايىن، بۇ ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئىش. مۇخپىرنىڭ تەكشۈرۈشتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە تاۋۇز تېرىغۇچىلار ياۋۇز يىمەيدىكەن(يوغىناتقۇچى رىئاكتىۋدا تېز پۇشۇرۇلغان تاۋۇزنى يىمەيدىكەن)ــــــ «تېخنىكلار ئېنىق قىلىپ: تېرىپ ئۆزى يەيدىغاننى بىز ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز،دىگەن»ئېنىقكى، بۇ كەسىپ ئىچىدە ئاشكارلانغان مەخپىيەتلىك. مېلامىن (三聚氰胺)تەركىپلىك سۈت، كېلىنبۇتېرول (瘦肉精) تەركىبلىك چوشقا گۆشىلىرىمۇ دەل موشۇنداق ئەمەسمۇ؟ چوشقا باققۇچى چوشقا يىمەيدۇ، سۈت كالىسى باققۇچى سۈت ئىچمەيدۇ. يەنە «كۆكتات تېرىغۇچى كۆكتات يىمەيدىغان»،«بېلىق باققۇچى بېلىق يىمەيدىغان»،«ئاشخانا ئاچقۇچى تاماق يىمەيدىغان»قاتارلىقلارمۇ بار، ھەممىسى قوش يۆلىنىشلىك ئۆلچەمگە ئىگە. ئىشلەپچىقارغۇچى ئۆزىگە ساغلام يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدۇ، زەھەرلىك، زىيانلىقلىرىنى ئىستىمالچىلارغا سېتىپ بېرىدۇ. گۇمان تۇغۇلغان ھامان مەنپىئەت مۇناسىۋىتى بار مۇتەخخەسىس ئوتتۇرغا چىقىپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ، سىلەر يەۋېرىڭلار، مەن «چاتاق چىقمايدىغانلىقىغا» كېپىللىك قىلىمەن دەپ چالۋاقايدۇ. ئىستىمالچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچراپلا قالماي، ئادالەتنىمۇ تارتقۇزۇپ قويدى، بۇ نىمە دىگەن ئۇۋالچىلىق!
ئىككىنچى، ئۈچۈنچى تۈرلىرى ئېنىقلا قۇرۇق گەپ ساتقانلىق. گەپنىڭ سەترەكىنى قىلغاندا ئىستىمالچىلارنىڭ ئەقىل-ئىدراكىغا قىلىنغان ھاقارەت. چەتئەلدە ئىشلىتىلگىنىنىڭ ھەممىسى بىخەتەر؟ چەتئەل ئىشلەتكەچكىلا بىزمۇ ئىشلىتىشىمىز كېرەكمۇ؟ چەتئەلدە ئىشلىتىلمەيدىغىنىنىمۇ سىلەر ئىشلىتىۋاتمامسىلەر؟ مەسىلەن كېلىنبۇتېرول (瘦肉精)، بەزى دۆلەتلەر چەكلىگەننى بىز كىرگۈزدۇق. يەنە مەسىلەن يەم-خەشەككە ئانتىبىئوتىكلارنى قوشۇش ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدا چەكلەنگەن، دۆلىتىمىزدە ئىجازەت بېرىلگەن. ياخشىسىنى قوبۇل قىلماي تېخى كاززاپلىق قىلىپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، ئوخشاش ئۆلچەمنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، دىيىشلىرى قاۋۇل. شۇڭا بۇندىن كېيىن مۇتەخخەسىسلەرنىڭ بىز بىلەن بۇلارنى تالاشماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ئاچقۇچلۇق مەسىلە شۇكى، تەستىقلانغان، ئىجازەت بېرىلگىنى ئۇنىڭ ھەقىقىي بىخەتەرلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئۇنغا قوشۇلىدىغان ئاقارتقۇچمۇ تەستىقلانغان ئەمەسمۇ؟ نىمىشقا چەكلەندى. يود قوشۇلغان تۇزمۇ تەستىقلانغان ئەمەسمۇ؟ نىمىشقا ئىستىمالدىن چاتاق چىقتى. كېلىنبۇتېرول (瘦肉精) تېخى «يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا ئالاھىدە تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن، ھازىر تەشەببۇس قىلغۇچىلار يەنە ئامېرىكىنى تارتىپ چىقتى، ئامېرىكا ئىشلىتىشكە ئىجازەت بەرگەن، بىز نىمىشقا ئىشلەتمەيمىز؟دەپ.
بۇلارغا نىسبەتەن ئادەتتىكى ئىستىمالچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيسى يىتەرسىز، زادى قانداق تەستىقلىنىپ، كىم ئىجازەت بەرگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرالمايدۇ، ھەم ھېچكىم چۈشەنچە بەرمىگەن. بىزنىڭ دەيدىغىنىمىز، ھەتتا ئىشلەپچىقارغۇچىلارمۇ يىمەيدىغان، خىمىيلىك ماددىلارنى ئىشلىتىشنىڭ شۇنچىۋالا ئەكس تەسىرى بولغانكەن،«ئىجازەت»مۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئاساسىدىن ئايرىلىدۇ. ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇش قانۇنلۇق بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئەگەر ئەقىلگە مۇۋاپىق ئاساسى بولمايدىكەن تەستىقلانغان تەقدىردىمۇ «قانۇنسىز»ـــــ ئىنسانلارنىڭ ساغلام ھايات كەچۈرۈشتەك بۈيۈك قانۇنىغا خىلاپ.
تۆتىنچى تۈرـــــ «زىيىنى بايقالمىدى»، بۇ باھانە تېخىمۇ بىمەنىلىك. «زىيانسىز» دىگەن سۆز ھازىر ئىستىمالچىلارنىڭ تاماق قاچىسىغا زەھەر سېلىشتىكى قالقان بولۇپ قالدى، ئۇنغا ئاقارتقۇچ قوشۇشنىڭ باھانىسى «زىيانسىز» ئەمەسمىدى؟ پەن-تېخنىكا تارىخى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى «زىيىنى بايقالمىغان»لىقى ھەرگىزمۇ «زىيانسىز» دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى نۆۋەتتە تېخى بايقالمىدى ياكى بايقالسىمۇ بەزى «نوپۇزلۇق مۇتەخخەسىسلەر»نىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتمىگەن. پايدا مەنپىئەت، نام-ئابروي قاتارلىق مۇناسىۋەتلەر سەۋەبىدىن«نوپۇزلۇق مۇتەخخەسىسلەر» خېيىم-خەتەرنى بايقاپ تۇرسىمۇ ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ. يوغىناتقۇچى رىئاكتىۋ دەل مۇشۇنداق، مەسىلە بايقالسىمۇ «نوپۇزلۇق مۇتەخخەسىس» ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە خىمىيلىك بۇلغىنىش پەيدا قىلغان مۇھىت ھورمۇن مەسىلىسى ئاللىبۇرۇن ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرى، سەھىيە، مۇھىت تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان. يوغىناتقۇچى رىئاكتىپقا قارىتا دۆلىتىمىزنىڭ تىببىي مۇتەخخەسىسىلىرى ئون نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن،«ھورمۇنلۇق مىۋە-چىۋىلەر» بالىلارنىڭ جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛«تېز پۇشۇرۇلغان ياكى يېڭى پېتى ساقلانغان مېۋە-چىۋىلەرنى يىگەندە ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى ياخشى ئەمەس، بولۇپمۇ تېز پۇشۇرۇش دورىلىرىنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ تەركىبى ئانىلىق ھورمۇندىن ئىبارەت، يىگەندىن كېيىن قىز بالىلارنىڭ جىنسىي يېتىلىشىنى تېزلىتىۋېتىش، ئوغۇل بالىلارنىڭ جىنسىي بەلگىلىرىنىڭ روشەن بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»(«تېز پۇشۇرغۇچى، يوغىناتقۇچى، چىرىشتىن ساقلىغۇچى ھورمۇن ئۇرۇلغان مېۋىلەرنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى چوڭ».«بازار گېزىتى»2002-يىلى2-ئاينىڭ5-كۈنى) ئەمما بۇ ئەھۋاللار بىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىمىز ۋە مۇتەخخەسىسلىرىمىزنىڭ ئېتىبارىغا ئېلىنمىدى، بەلكىم ئۇلار قەستەن ھاماقەت بولىۋالغاندۇ، بىلگىلى بولمايدۇ. بەزى ماتىرىياللاردىن بايقىشىمىزچە يوغىناتقۇچى رىئاكتىۋنى يېزائىگىلىك كافدراسى كىرگۈزگەنكەن، ئالدىنقى كۈنى ئوتتۇرغا چىقىپ ئاقلىغان مۇتەخخەسىسمۇ يېزا ئىگىلىك كافىدراسىدىن. بۇ ئەھۋال بەك ئوخشىشىپ كېتەمدۇ قانداق؟ ھازىر يىمەكلىكتىن مەسىلە چىقسىلا كېڭەيتىشكە مەسئۇل مۇتەخخەسىس ئوتتۇرىغا چىقىپ مەيدىسىگە مۇشتلايدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى كېسەللىك مۇتەخخەسىسى ئەمەس، تارقىلىشچان كېسەللىك تەكشۈرۈشىمۇ قىلىپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاۋۇز ساتقۇچىنىڭ تاۋۇزنى تاتلىق ئەمەس دىيىشى مۇمكىنمۇ؟
شۇڭا يوغىناتقۇچىنىڭ زىيىنى بارمۇ-يوق، يېزا ئىگىلىك مۇتەخخەسىسى ياكى مەسئۇل ئورگانلارنىڭ دىگىنى ھېساپ ئەمەس، چوقۇم مۇھىت ئاسراش مۇتەخخەسىسى ۋە سەھىيە مۇتەخخەسىسلىرى چۈشەنچە بېرىشى كېرەك.
مەنبە:http://www.wyzxsx.com/Article/view/201105/235413.html
باغداش تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلدى، ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەتلەڭ
|
|