- تىزىملاتقان
- 2011-12-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-5
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 21369
- نادىر
- 2
- يازما
- 1199
ئۆسۈش
100%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-7 23:44
ھازىر قەشقەر شەھرى ۋە بىر قىسىم ناھىيلەردىكى تېلگىراف،لىيەنتوڭ ئالاقە شىركىتى ئالدىدىكى يايما ئېچىپ مۇكاپاتلىق چەك تارتىپ تېلفۇن سېتىۋاتقان ئالدامچىلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ،ئالدىن 100يۇەن پۇلىڭىزنى زاكالەت پۇلى دەپ ئېلىۋالىدۇ ،خالىغانچە چەك تارتسىڭىز تېلفۇن مۇكاپات چىقىدۇ ،لېكىن مۇكاپاتنى بەرمەيدۇ،بەلكى تېلفۇننى يەنە 500نەچچە يۇەن قۇشۇپ بەرسىڭىز ئاندىن بىر كارتا بىلەن قوشۇپ بېرىدۇ.،تېلفۇننى ئالمايمەن دېسىڭىز ئالدىن بەرگەن 100يۇەننى قايتۇرمايدۇ ،بىكار يۇز يۇەننى زىيان تارتقىچە تېلفۇننى ئالاي دەپ پۇلنى تۆلىسىڭىز بىر كارتىنى قوشۇپ بېرىدۇ. تېخى ناھايىتى دەبدەبىلىك ھالدا كارتا ئىچىدە تېلفۇن قىممىتىدە سۆزلىشىش ھەققى بار دەپ سىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ،بەزىلەر بىر قېتىمدىلا ئۇرۇپ بېرىدۇ دەپ خاتا چۈشىنىۋالىدۇ ياكى ساتقۇچىلار بىر قېتىمدا ئۇرۇپ بېرىدۇ دەپ ئالدايدۇ،ئەمەلىيەتتە سۆزلىشىش ھەققى يوق ،بەلكى ئايدا بۆلۈپ ئۇرۇپ بېرىدىغان 10يۇەندىن سەل جىق پۇل ،باشقا بىر قىسىم مەجبۇرى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەر ،ئەمەلىيەتتە سىزنى سۆزلىشىش ھەققىگە قىزىقتۇرۇپ يۇشۇرۇن ھالدا شىركەتنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىنى بېجىرۋېتىدۇ، دە سىز بۇكارتا ئارقىلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنى ئاچتۇرغان بولىسىز ،ئايمۇ ئاي شىركەتكە مۇلازىمەتكە پۇل تۆلەيسىز ،بۇ ئارقىلىق شىركەت سىزدىن نۇرغۇن پايدا ئالىدۇ،ھەم كارتا سېتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان بولىدۇ ،ھەممىسى پۇلغا ئالماس نۇمۇرلار،ئۇرۇپ بېرىمىز دېگەن سۆزلىشىش ھەققىنى ئايغا بۆلۈپ ئۇرۇپ 3 يىلدىن 4 يىلغىچە ۋاقىت ئىچىدە ئۇرۇپ بېرىپ تۈگىتىدۇ،لېكىن سىزنى مۇشۇ ئارقىلىق 3 يىل،4يىل شىركىتىگە تېلفۇن پۇلى تۆلەتكۈزۈپ نۇرغۇن كىرىم يارىتىدۇ،سىزگە مۇكاپات چىققان ئاتالمىش يانفۇن بولسا ئۇلار دېگەندەك قىممەت يانفۇن ئەمەس،باھاسى ناھايىتى تۆۋەن يانفۇنلار ،ئىشقىلىپ بۇنداق ئالدامچىلار گورۇھى پەقەتلا زىيان تارتمايدۇ.ئالدانغىنىنى ھېس قىلغان ئېستىمالچىلار 12315غا تېلفۇن قىلىپ ئەرىزمۇ قىلىپ كەلدى،لېكىن بۇنداق شايكىلار يۆتكىلىشچان ،تىجارەت كىنىشكىسى يوق بولغاچ تۇتماقمۇ تەس ،شىركەتنى ئىزدىسە ئۇلار بۇنداق ئالدامچىلار بىلەن ئالاقىمىز يوق دەپ قوپىدۇ،كارتىنى چۈشەندۈر دېسەك بۇ كارتىلارنى ئۇلار تەلەپ قىلىپ بېجىرگەن يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ،بىز بىر قىسىم كارتىلارنى شۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ بېجىرىپ بېرىمىز ،لېكىن ئۇلارنىڭ قىلمىشى بىلەن ئالاقىمىز يۇق دەپ چۈشەندۈرىدۇ.
ئىشقىلىپ بۇنداق مۇكاپاتلىق سېتىش پائالىيتىگە يېقىن كەلمەڭ،قانداق چىرايلىق گەپ قىلمىسۇن سىزنى ئالدىۋېتىدۇ.ھەزەر ئەيلەڭ. |
|