- تىزىملاتقان
- 2012-12-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2092
- نادىر
- 0
- يازما
- 90
ئۆسۈش
3.07%
|
ئوردوس ئۇرۇشى
ئوردوس يايلىقى ئەڭ قەدىمقى چاغلاردىن تارتىپ ھونلار چارۋىچىلىق قىلدىغان ، مەنزىرىسى ناھايىتى چىرايلىق ، ئوت-چۆپ ۋە سۈيى ناھايىتى مول يايلاق ئىدى .ئوردوس يايلىقى جۇڭگونىڭ قەدىمقى پايتەختى چاڭئەننىڭ دەل شىمالىغا جايلاشقان .چىن شىخۇاڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كىيىنمۇ ، يېڭىدىن قۇرۇلغان چىن سۇلالىسىنىڭ شىمالىدىكى كۈچلۈك خوشنىسى ھونلار چاڭئەنگە خەۋىپ سېلىپ تۇراتتى . چىن شىخۇاڭ ئەپسانە گەپلەر بىلەن جان باقىدىغان ھوكۈمالارنىڭ «ھونلار چىن سۇلالىسىنى يوقىتىدۇ» دىگەن سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ، ئوردوس يايلىقىنى بېسۋېلىشقا بەل باغلىدى . ئۇ شۇمەقسەتنى كۆزدە تۈتۈپ ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 215-يىلى مىن تىيەن ئاتلىق سانغۇننىڭ يىتەكچىلىگىدە 300مىڭ كىشلىك قۇشۇننى ھونلارغا قارشى ماڭدۇرۇپ ، ئوردوس يايلىقىنى ئالغان ئىدى .
باتۇر تەڭرىقۇت(ئوغۇزخان)تەخىتكە ئولتۇرۇپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوردوس يايلىقىنى يېڭى قۇرۇلغان خەن سۇلالىسىدىن تارتىۋالغان .
خەن ۋۇدى مايى ۋەقەسىدىن كىيىن ھونلارغا قارشى ھەربىي يۈرۈشلىرىنى باشلىدى .خەن ۋۇدى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 127-يىلى ۋېي چىڭ ئاتلىق سانغۇننىڭ يىتەكچىلىگىدە ئاتلىق ھەم پىيادە قىسىملاردىن تەركىپ تاپقان نۇرغۇن قۇشۇننى ھونلارغا قارشى ماڭدۇرغان ، ۋېي چىڭ باشچىلىقىدىكى قۇشۇن ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلىيىنىڭ توقتۇ ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ غەرىپ تەرەپتىن ئايلىنىپ كىلىپ ئوردوس يايلىقىدا ھون قۇشۇنلىرى بىلەن ئۇچراشقان . ئۇرۇشتا ھونلار مەغلۇپ بۇلۇپ ئوردوس يايلىقىدىن چىكىنگەن . خەن ۋۇدى ئوردوس يايلىقىنى ئالغاندىن كىيىن ، چىن شىخۇاڭ ۋاقتىدىكى كونا قائىدىگە ئەمەل قىلىپ ، ئوردوس يايلىقىدا شاۋ ياڭ ۋىلايىتىنى تەسىس قىلىپ ، ئۇ جايغا يېڭىدىن يۈزمىڭ ئادەمنى كۆچۈرۈپ كەلگەن . شاۋياڭ ۋىلايىتىنى چىگرانى مۇداپىيە قىلدىغان مۇھىم جايغا ئايلاندۇرغان .چاڭئەننىڭ ھونلار خەۋىپىگە ئاسانلا يولۇقۇشى تۈگىتىلگەن .
ھونلار ئوردوسنى قولدىن بىرىپ قويغاندىن كىيىن ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 123-يىلى ھازىرقى كۆخخوت شەھىرىنىڭ شەرىقىدىكى پايتەخىتنى ھازىرقى تاشقى موڭغۇليىدىكى ئوتۈگۈنگە يۆتكەپ كەتكەن .
ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخدىن ئېلىندى .
|
|