قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6764|ئىنكاس: 32

تەكلىماندىكى «جەننەت»نىڭ ۋەيران بولۇشى – ئەسئەت سۇلايمان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

396

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19192
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 17:17:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


                                       تەكلىماندىكى «جەننەت»نىڭ ۋەيران بولۇشى
                                              (ئەسئەت سۇلايمان)

  




قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلىنىڭ بايقىلىشى ۋە بەربات بۇلۇشى توغرىسىدا:
         بۇنىڭدىن تەخمىنەن 400 يىل ئىلگىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرىۋىكىدىكى كېرىيە بوستانلىقىدا ئاھالىلەرن’ىڭ نىسبىتى بىلەن بوستانلىقلار سىغىمچانلىقى ئوتتۇرسىداتەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەنىدى، بۇنىڭ بىلەن بىرقىسىم ئاھالىلەر يېڭى ھاياتلىق ماكانى ئىزدەپ كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قاراپ سۈرۈلۈشكە باشلايدۇ.
        قۇرۇم تاغلىرىنىڭ قارلىق چوققىلىرىدىن باشلىنىپ كېرىيە بوستانلىقى ئارقىلىق تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسگە قاراپ تىنماي ئاقىدىغان كېرىيە دەرياسى بۇ قۇرغاق ماكاننىڭ كېلىماتىنى ھەرۋاقىت تەڭشەپ تۇراتتى.
       كېرىيە بوستانلىقى تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى بوستانلىقلار بىلەن قۇملۇق ئوتتۇرسىدىكى دېئالېكتىك بىرلىكنىڭ تىپىك كۆرۈنۈشى ئىدى.
كېرىيىلىكلەر ئەلمىساقتىن بۇيان يىراقتىكى قارلىق تاغلاردىن ئېقىپ كېلىدىغان دەريا سۈيىنى قەدىرلەپ كەلگەنىدى.ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ماكاننىڭ بىرخىل ئىچكى تەڭپۇڭلۇق ھالىتىدە ئىكەنلىلىكىنى، بوستانلىقلار بىلەن قۇملۇقلارنىڭ بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دەريا سۈيىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنىدى.
        ئىمكانىيەت بولسىلا بوستانلىق بەرپا قىلىش ۋە يېڭى ھاياتلىق مۇھىتى يارىتىش قۇملۇق خەلقىنىڭ دائىملىق ئارزۇسى ئىدى. بوستانلىقلارنىڭ كۆلىمى ئاھالىلەرنىڭ نىسبىتىنى سىغدۇرالمىغان ھامان ئۇلار سىرتقا قاراپ ئاقاتتى ۋە دەريا-تاراملارنىڭ يۆنىلىشىنى بويلاپ يېڭى بوستانلىقلارنى ئىزدەيتتى.تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى يۇلتۇزلاردەك تارالغان چوڭ-كىچىك بوستانلىقلار مانا مۇشۇنداق پەيدا بولغانىدى.
       بۇنىڭدىن 400 يىل بۇرۇن بىر توپ كېرىيىلىكلەر مال-چارۋىلىرىنى ھەيدەپ دەريا يۆنىلىشى بويىچە تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلارنىڭ قەلبىدە يېڭى بوستانلىق تېپىشتەك بۈيۈك ئىستەك لاۋۇلداپ تۇراتتى. ئۇلار تەكلىماكان گىرۋىكىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بوستانلىق-جاي كەنتىدىن ئايرىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا دەريا يۆنىلىشىنى يىتتۈرۈپ قۇيۇشتى.
       بىرخىلدا لۆمشۈپ ئاقىدىغان كېرىيە دەرياسى بۇ يەرگە كەلگەندە ئەتراپقا تارىلىپ، چەكسىز قۇم باغرىغا سىڭىپ كېتەتتى.
       ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەمدى نە دەريا؟ نە توغراق-يۇلغۇن؟ نە ئۇچار قۇشلار كۆرۈنمەيتتى. بىپايان قۇملۇق، بىر-بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن بارخانلار ۋە يالتىراپ تۇرغان قۇياش نۇرىدىن باشقا ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى.
       سۇ مەنبەسىدىن ئايرىلىشتەك بىر خىل ۋەھىمە تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئىچكى خاتىرجەمسىزلىك سالغان بولسمۇ، لېكىن ئۇلار يولدىن توختاپ قالمىدى. چۈنكى ئۇلار بۇ قورقۇنچىلىق سەپەرگە ئاللىقاچان تەۋەككۇل قىلغانىدى. ھامان بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا غايىۋى بوستانلىق كۆز ئالدىغا پەيدا بولدىغاندەك، يىپيېڭى بىر ھاياتلىق ماكانىغا قايتا ئېرىشىدىغاندەك بىر گۈزەل تۇيغۇ ئۇلارنى ئالغا ئۈندەيتتى.
       ئۇلار توختىماي ئالغا قاراپ مېڭىشتى، غايەت زور قۇم دېڭىزىنى كېچىپ، بارخانلارنى ئاتلىدى، قەدىمكى خوتەنلىكلەرگە خاس جاھىللىق ۋە ئۆزىنى پىدا قىلىشتەك روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. تەجرىبىلىك ئاقساقاللىرى بىلەن ماھىر پادىچىلىرىنىڭ «قۇمغا سىڭىپ كەتكەن دەريا سۈيى ھامان بىر جايدىن سىرغىپ چىقىدۇ» دېگەن قىياسلىرىغا شەكسز ئىشەندى.
      شۇنچىلىك ماڭسىمۇ قۇملۇق تۈگىمىدى، ئەكسىچە ئادەملەرنىڭ سەۋر-تاقىتى تۈگەشكە باشلىدى. ئۇلارھاردى، چارچىدى، ئۇسسىدى، ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك يول ماڭغانلىقىنى، نەگە كېلىپ قالغانلىقىنى، ئەمدى قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقالمىدى.
      تۇنۇر ئوتىدەك ئاپتاپ، قۇرغاق ھاۋا، سۈررەك قۇملۇق، پايانىسز چۆل ئۇلارنى جىسمانىي جەھەتتىنلا خورىتىپ قالماستىن، بەلكى يەنە روھىي جەھەتتىمۇ سۇلدۇردى. ئۇلار ئەزەلدىن بۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپ باقمغانىدى.
      ئەجەبا، ئۇلارنىڭ قىياسى خاتا بولۇپ قالغانمىدۇ؟
      قۇمغا سىڭىپ كەتكەن كېرىيە دەرياسىنىڭ سۈيى زادى نەگە كەتتى؟
      ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ «تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدە سۇلۇق كۆلچەكلەر، پايانسىز توغراقلىقلار، كۆز يەتكۈسىز قۇمۇشلۇقلار بارمىش» دېگەن رىۋايەتلىرى قۇرۇق گەپمىدۇ!؟…
     ئۇلار-كېرىيىلىك ماھىر چارۋىچىلار تۇنجى قېتىم ئۆزلىرىنىڭ ھايات-ماماتلىق تاللىشىدىن گۇمانلاندى، بىر ئۆمۈر قۇملۇق تۇرمۇشىدىن جۇغلىغان تەجرىبىلىرىدن شۈبھىلەندى.
      بۇ پايانسىز قۇملۇق ئالەمنىڭ ئۇ چېتىگىچە تۇتۇشۇپ كەتكەنمىدۇ؟
      ھەزرىتى مۇسامۇ ئىسرائىل قوۋمىنى باشلاپ كەنئان چۆللۈكىدىن چىقىپ پەلەستىنگە يېتىپ بارالىغانغۇ!؟
      تەڭرى ئۇلارغىمۇ بىرچىقىش يولى بەرمەسمۇ؟
       سۇئاللار چەكسز، جاۋابلار ئازابلىق ئىدى.
        ئۇلار رەھىمسىز تەبىئەتنىڭ ئەڭ قاتتىق سىناقلىرىنى قوبول قىلماقتا ئىدى.
       شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە-يېلىنجاپ تۇرغان قوياش بارخانلار ئۈستىگە باش قويغان، زېمىن شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن بىر دەقىقىدە-ئۈمىد تۇغۇلدى!بىر قۇش غاقىلدىغىنىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتتى.
ئۇلار خوشاللىقىدىن ۋارقىرىۋەتتى:
   - سۇ! بوستانلىق! ھاياتلىق!
          نىمجان بولۇپ قۇم دۆۋىلىرىگە يېقىلىپ قالغان كىشلەرنىڭ پوت-قوللىرىغا جان كىردى. ئۇلار ئۆلەر-تىرىلىشگە قارىماي ھىلىقى قۇش ئۇچۇپ كەتكەن تەرەپكە قاراپ مېڭىشتى. كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش كەلدى. تومورلىرىدا قانلىرى قايتا ئۇرغىدى، قەلبىدىكى ئۆلۈم ۋەھىمىسى تاراپ كەتتى.
شۇنداق، ئۇچار قۇش سۇدىن، بوستانلىقتىن، ھاياتلىقتىن نىشان بەرمەكتە!
       قۇش ئۇچۇپ كەتكەن يۆنىلىشكە قاراپ ماڭسىلا ئۇلار چۇقۇم ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ…
       ئۇلار قانچىلىك ماڭغانلىقىنى بىلمىدى، گاھ يۈگۈردى، گاھ ئۆمىلىدى، گاھ دومىلىدى…
        ئاخىر دېگەندەك يىراقتىن ياپيېشىل بوستانلىق كۆرۈندى!
        بۇ جاي تەكلىماكاندىكى بىر سىرلىق مۆجىزە ئىدى.
        كېرىيە دەرياسى قۇملۇققا سىڭىپ، يەر تېگىدە نەچچە يۈز چاقىرىم سىرغىپ ئاققاندىن كېيىن، تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىمىدا يەر يۈزىگە چىققانىدى. بۇ يەردىكى كۆللەردە، ساسلىقلاردا ۋە تەبىئىي بۇلاقلاردا تىنماي سىرغىپ تۇرغان سۇلار بۈك-باراقسان يېشىل كارىدور ھاسىل قىلغانىدى. توغراقلىقلار نەچچە ئون كېلومېتىر دائىرىگە سوزۇلاتتى. كۆز يەتكۈسىز يۇلغۇنلار بىر خىلدا قىزىرىپ تۇراتتى. كىچىك كۆلچەكلەردە بىېلىقلار تىنىمسز پىلتىڭلايتتى. توغراقلىقلاردا تۈرلۈك ئۇچار قۇشلار سايرىشاتتى، ئوتلاقلاردا كېيىك، جەرەن، ياۋا ئۆچكە ۋە توشقانلار توپ-توپى بىلەن خاتىرجەم ئوتلاپ يۈرەتتى…
        ئۇلار ھايات-ماماتلىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، ئاخىر تەكلىماكان قوينىدىكى بۇ يېشىل ئارالنى بايقاشتى، مۇشەققەتلىك ئۇزۇن سەپەر ئاخىرلاشتى. بۇ يەردىكى تىنچ، پىنھان ۋە خاتىرجەم ھايات ئۇلارغا قۇچاق ئاچتى.
       ئۇلار بۇ يەرگە «دەريا بويى» دەپ نام بەردى. ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنجا قىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ۋەتىنىنى قۇرۇشقا باشلىدى.
تەكلىماكاندىكى بۇ سىرلىق ۋەتەندە قەدىمكى خوتەن مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەل ئۈلگىلىرى ناھايىتى تىزلا يىلتىز تارتتى. تەۋەككۈلچىلىك روھىغا ماھىر ئاشۇ پادىچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىشچان ئەۋلادلىرى بۇ يەردە ئادەملەر بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدىن ھاسىل بولغان ھاياتلىق چەمبىرىكى قۇرۇپ چىقتى. زوركۈچ بىلەن مال-چارۋىلارنى كۆپەيتتى، توغراقلارنى كېسىپ يېڭى ئۆيلەرنى سالدى. قۇم بارخانلىرى ئوتتۇرسىدىكى بۇ بوستانلىقنى قانداق ئاسراشنى، تەبئىىي مۇھىتقا قانداق ماسلىشىشنى تىزلا ئۆگىنىۋالدى.
        پۈتۈن دۇنيا ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ يېڭى جەننىتىنى ئۇنتۇپ كېتىشتى. ئەمما ئۇلار تەكلىماكاندىكى بۇ تەنھا ۋەتەندە تۇرۇپ دۇنيانى ۋە ئالەمدىكى كىشىلەرنى ئېسىدىن چىقارمىدى.
        ئۇلار ناھايىتى تېزلا ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقتى.
         بۇ ئىجتىمائىي بىرلىكتە ئىنساپ، ئىمان، ئەخلاق ۋە قېرىنداشلىق ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى كىشلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسى قىلىنغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي بىرلىكىدىكى ئاقساقالىغا بويسۇناتتى، جەمەت ئاقساقالىمۇ ئۆز جەمەتىدىكى ئەزالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايتتى. ئۇلار ئۈچۈن ئەمگەك قىلىش، ماددىي بايلىق يارىتىش ۋە ئەۋلاد قالدۇرشتىنمۇ بۈيۈك بۇرچ يوق ئىدى.
          ئۇلار بۇنىڭدىن 400 يىل بۇرۇنقى كېرىيە خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەنىدى. شۇنداقلا بۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ساددا ۋە ساپ قاراشلىرى ئارقىلىق راۋاجلاندۇرغانىدى.
          ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىجتىمائىي بىرلىكىدە بىر خىل ساپ ھالەتتىكى ئەخلاقىي مىزان ۋە شەرىئەت پرىنسىپلىرى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى.
         ئۇلار ئەزەلدىنلا ئوغرىلىق، نەپسانىيەتچىلىك، زالىملىق، يالغانچىلىق، ھەسەتخورلۇق قاتارلىق ناچار قىلمىشلارنى بىلمەيتتى.
          ئادەملەر ئارا ۋاپادارلىق، راستچىللىق، نومۇس، غۇرۇر ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى ئەڭ گۈزەل كىشلىك پەزىلەت دەپ قارايتتى.
         زامانىۋى جەمئىيەتتىكى باش-ئاخىرى يوق زىددىيەتلەر، باش قېتىمچىلىقلار، ئادەملەر ئارا ساختا مۇناسىۋەتلەر بۇيەردە زادىلا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.شۇڭا، ئۇلار ئاددىي كەپىلەردە يېتىپ، ئاي دالىلاردا تۈنەپ، جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگىنى بىلەن ئۆزلىرىنى دائىم ئەركىن، خۇشال ۋە خاتىرجەم سېزەتتى.
          تەبىئىي ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى، دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى، خىمىيىۋى تەركىبى بولمىغان ئىشقارسىز مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلغاچقا، ئۇلار ناھايىتى ساغلام ۋە بەستىلىك ئىدى. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەتتى. 100 ياشتىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر كۆپ سالماقنى ئىگەلەيتتى.
          ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى گويا تۇغما تېۋىپلاردەك ئادەم بەدىنى ۋە روھى دۇنياسىنىڭ تەبىئەت ئېكولوگىيىسى بىلەن بولغان ئىچكى بىرلىكىنى ئاجايىپ ئوبدان چۈشىنەتتى. كېلىماتنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلۇقى، تەبىئەتنىڭ ھالىتى ۋە تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىپالىق رولى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىزاج -خىلىتلىرىنى قانداق تەڭشەشنى، ئىچكى كېسەللىكلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى، شۇنداقلا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ گارمونىك بىرلىكىنى قانداق ساقلاشنى تېخىمۇ ئوبدان بىلەتتى.
          ئۇلارنىڭ جاپالىق پەرۋىش قىلىشى ئارقىسىدا بۇ بوستانلىقتا سان-ساناقسىز مال-چارۋىلار توپى ھاسىل بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆزىنىڭ زادى قانچىلىك مال-چارۋىسى بارلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇلار ئەزەلدىن مال-چارۋىلىرىنى ساناپ كۆرۈشكە ئادەتلەنمىگەنىدى. بۇ يەردە باج-سېلىق، ئالۋاڭ-ھاشار، بۇيرۇق، جەرىمانە دېگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئۇلارنى ھېچكىم ھېچنېمىگە مەجبۇرلىمايتتى، بەلكى ئۇلارھەممە ئىشتا ئاڭلىق، مەسئولىيەتچان ئىدى. چوڭلار ھۆرمەتكە، كىچكلەر ئىززەتكە سازاۋەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە كۈچلۈك جامائەتچىلىك ئېڭى مەۋجۇت ئىدى. ئۆملۈك، ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قوياتتى.
          ئۇلار زېمىننى سۆيەتتى، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلاتتى، سۇ مەنبەلىرىنى قەدىرلەيتتى.
          ھەربىر تامچە سۇنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتكە ئىگە ئىلەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنەتتى،
          ھەر بىر تۈپ توغراقنىڭ قانچىلىك قۇمنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلەتتى.
          ئۇلار بۇ زېمىننىڭ يارىلىشىدىنلا بىرخىل ئىچكى تەڭپۇڭلۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئالەمدىكى جىمى شەيئىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە تۇردىغانلىقىنى، تاغ، دەريا، قۇملۇق، بوستانلىق ۋە گۈل-گىياھلارنىڭ ئۆزئارا ئورگانىك بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلغانىدى.
          شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى، زېمىننىڭ قوغدىغۇچىسى، بوستانلىقلارنىڭ خوجايىنى دەپ قارايتتى.
          شۇنداق قىلىپ، كۈنلەر ئايلارنى، ئايلار يىللارنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى.
          تەكلىماكان چۆلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمغا يوشۇرۇنغان بۇ تەنھا بوستانلىق جاھان ئۆزگىرىشلىرىدىن بىخەۋەر ھالدا ئۆز مۇقامى بويىچە كېتىۋەردى. بۇ يەردىكى ئادەملەرمۇ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كەلدى.
          دۇنيا ئۇلار ئۈچۈن 400 يىل بۇرۇن قانداق ھالەتتە بولسا، ھازىر شۇنداق ئىدى.چەكلىك دائىرىدىكى بوستانلىق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىپايان قۇملۇق، ئۇنىڭ ئۈستىنى يېپىپ تۇرغان ئاسمان گۈمبىزى…مانا بۇلار ئۇلارنىڭ دۇنياسى ئىدى.400 يىلدىن بۇيان، دۇنيادا تالاي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.
             ئىنسانىيەت يېڭى دېڭىز مەدەنىيىتى يارىتىپ، سانائەت دەۋرىگە كىرىپ كەلدى،ئامېرىكا قىتئەسى بايقالدى.مۇستەملىكچىلىك دەۋرى ئاخىرلىشىپ، شەرقتىكى كۆپلىگەن ئەللەردە مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى غەلىبە قىلدى.ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىدى،ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بەردى،ئىنسانىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاي شارىغا چىقتى…
             ۋاھالەنكى، تەكلىماكاندىكى بۇ تەنھا ئارالدا ياشاپ كەلگەن ئاشۇ كىشىلەر يۇقىرىقى ۋەقەلەرنىڭ ھېچقايىسىنى ئۇقمايتتى.
ئۇلار ھەتتا ئۆز ئەتراپىدىكى تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان قانچىلىغان قىسمەتلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، بىرقانچىلىغان ھۆكۈمرانلارنىڭ تەختكە چىقىپ، يەنە بىر قانچىلىرىنىڭ غۇلىغانلىقىنى، ماخۇسەن ئەسكەرلىرىنىڭ خوتەندىكى زورلۇق-زومبۇللۇقلىرىنى، يەر ئىسلاھاتى، كوپراتىسىيىلەشتۈرۈش، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى…دېگەن ناملاردىكى دەبدەبىلىك سىياسىي شوئارلارنى ئۇقمايتتى…
ئۇلار -تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن ئاشۇ ئاقكۆڭۈل كىشىلەر تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى خىلۋەت بوستانلىقتا يېقىنقى زاماننىڭ 400 يىلنى ئەنە شۇنداق ئۆتكۈزگەنىدى.
            ئۇلار ئىچكى ئاسىيانىڭ تارىم ئويمانلىقىغا دۈملەنگەن تىندۇرما مەدەنىيىتىنى ئۆز رېتىمى بىلەن ساقلاپ كەلگەنىدى.بوستانلىق خەلقلىرىنىڭ، تېخىمۇ توغرىسى خوتەن خەلقىنىڭ 400 يىلدىن بۇرۇنقى ئۆرپ-ئادەتلىرى ،ئەقىدە-ئۇدۇملىرى ۋە گۈزەل ئەخلاقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى.
ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا، روھى دۇنياسىدا زامانىۋى جەمئىيەتتىن ئەبەدىي تاپقىلى بولمايدىغان گۈزەل نەرسىلەر بار ئىدى.
ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا يىراق ئۆتمۈشكە تۇتۇشۇپ كەتكەن بىر چۇڭقۇرلۇق، تىنىق ساماغا تاراپ كەتكەن بىر پاكلىق ھەمدە ھايات گۈزەللىكى بىلەن جىپىسلىشىپ كەتكەن ساپلىق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
            ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئىجتىمائىي بىرلىكى، دىنىي قارىشى، تىل ئالاھىدىلىكى پىسخىك دۇنياسى قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ تېخى تامامەن ئۆزگىرىپ كەتمىگەن ئوتتۇرا ئەسىر ھالىتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.بۇ يەردىن ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل روھ ئەۋرىشكىلىرىنى تاپقىلى بولاتتى.قىسقىسى، بۇ جاي تەكلىماكاندىكى تەبىئىي فولكور مۇزېي ئىدى.بۇ يەرگە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يالتىراقلىرىمۇ، بازار ئىگىلىكىنىڭ پايدا ۋە مەنپەئەتنى قوغلىشىدىغان چۇقان-سۈرەنلىرىمۇ، بۈگۈنكى ئادەملەرنىڭ زىددىيەتكە، رىقابەتكە تولغان سوغۇق مۇناسىۋەتلىرىمۇ يېتىپ بارمىغانىدى.
             ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىلۋەت جەننىتىدە تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ 400 يىل پىنھان ياشىغانىدى.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ ئارىلىدا تۇرۇپ پۈتۈن دۇنيانى ۋە ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش دەپ تەسەۋۇر قىلغانىدى.دۇنيانىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ياتلىشىپ كەتكەنلىكىنى خىياللىرىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى.
            ئۇلار دۇنيا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە تولغان يېقىنقى زامان تارىخىدا، تەكلىماكاندىكى «ئەسھابۇل كەھق»تە رىۋايەتلىك 400 يىلنى ئەنە شۇنداق ئۆتكۈزگەنىدى.ئۇلار بۇ يەردە زادى قانچىلىك ياشىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيتتى.پەقەت ئېسىدە ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئاڭلىغان كېرىيە بوستانلىقى ھەققىدىكى غوۋا خاتىرىلىرىلا ساقلىنىپ قالغانىدى.تۇيۇقسىز بىر كۈنى بۇ يەرنىڭ رىۋايەتلىك تارىخى بۇزۇپ تاشلاندى.مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ ئاشۇ ئادەملىرى بۇ ئارالنى ئاخىر بايقاپ قالدى.بۇدەل 20-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چارىكى ئىدى!
          شۇنداق قىلىپ، تەكلىماكاندىكى تەبىئىي ھاياتلىق ئارىلى-دەريا بويى ئاخىر «بايقالدى».
          مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتنىڭ ئادەملىرى شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ، چىشلىرىنى بىلەپ، كۆزلىرىنى قىزارتىپ بۇ يەرگە يوپۇرلۇپ كېلىشتى، دۇنيادا تېخى ئۆزلىرى بىلمەيدىغان بۇنداق ياخشى جاينىڭ بارلىقىدىن ھەيران بولۇشتى.
           دەريا بويىدىكى بۇ ساددا خەلقلەرمۇ 400 يىلدىن كېيىن كۆرگەن بۇ تۇنجى ئادەملەردىن چەكسىز ھاياجانلاندى. ئىچ-ئىچىدىن خوشال بولۇشتى، دۇنيانىڭ، ئىنسانيەتنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىدىن قاتتىق تەسىرلەندى. ئۇلار بۇيېڭى مېھمانلارنى ئەڭ ياخىشى نەرسىلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى. ئۇلارغا ئېگىلىپ تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئادەملەرگە قانچىلىك تەشنا بولغانلىقىنى، ئادەملەرسىز بۇ دۇنيانىڭ جىمى گۈزەللىكىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشتى…
           ئەپسۇسكى، بۇ يىڭى مېھمانلارنىڭ ئويلايدىغىنى پۈتۈنلەي باشقا نەرسىلەر ئىدى.
            ئۇلار ئۆزلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغان بۇ ساھىبخانىلارنىڭ ئاجايىپ ساددىلىقىدىن، ئاق كۆڭۈللۈكىدىن ئىچىدە كۈلۈشمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ تەملىك كاۋاپلىرىنى، قېرىنغا قاچىلاپ قوقاستا پىشۇرغان ئالاھىدە گۆش تائاملىرىنى، ئۆزگىچە كۆمەچلىرىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يەپ تۇرۇپ ئۇلاردىن قانداق پايدىلارنى ئۈندۈرۋېلىشنىڭ چوتىنى سوقۇشماقتا ئىدى…
            ئۇلار بۇ يەردە يەتكۈچە مېھمان بولۇشتى، يېدى، ئىچتى، خۇددى ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا تۇنجى نۆۋەت يېتىپ بارغان «ماي گۈلى» ناملىق يەلكەنلىك كېمىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئاق كۆڭۈل ئىندىئانلارنىڭ نېمەتلىرىنى قانداق ئىشتىھا بىلەن يېگەن بولسا، ئۇلارمۇ دەريا بويىلىقلارنىڭ نەرسىلىرىنى شۇنداق ئىشتىھا بىلەن يېيىشتى، ئەتراپقا تويماي بېقىشتى.
               بۇيەرنىڭ ئوتلاقلىرىنى، كۆللىرىنى، توغراق، يۇلغۇنلىرىنى، قوي پادىلىرىنى، ياۋايى ھايۋانلىرىنى، چىرايلىق قىزلىرىنى قانداق قىلىپ قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كويىدا گاراڭ بولۇشتى.
            شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ يەرنىڭ دەرۋازىسى ئېچىۋېتىلدى، ھېلىقى تۇنجى مېھمانلار تېخىمۇ كۆپ مېھمانلارنى باشلاپ كېلىشتى. تۈركۈم-تۈركۈم يات ئادەملەر قاياقلاردىندۇر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۇلار بۇ يەردىكى ئادەملەردىن بىرمۇنچە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئۇلار زادىلا ئاڭلاپ باقمىغان گەپلەرنى قىلىشتى.
            ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ يەرگە گۈركىرەپ ماشنىلار يېتىپ كېلىشتى. تۆمۈر قالپاق كىيگەن بىرمۇنچىلىغان كىشلەر نامەلۇم بىر سۇيۇقلۇقنى ئىزدەشكە كىرىشتى. بىر ئوچۇم كىشىلەر يېزىلىق ھۆكۈمەت، ئاشلىق پونكىتى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، مال دوختورلۇق پونكىتى، رادىئو ئۇزىلى، سودا دۇكىنى دېگەندەك غەلىتە ناملار بىلەن ئاتالغان قۇرۇلۇشلارنى سېلىشقا باشلىدى.
             ئۇلار ئەزەلدىن پالتا تېگىپ باقمىغان توغراقلارنى كېسىشتى، ئوتلاقلارنى بۇزۇشتى، ئادەملەردىن زادىلا ئۈركۈپ باقمىغان جەرەن ۋە توشقانلارنى قالايمىقان ئوۋلاشتى. «توشقان زەدىكى »دەپ ئاتالغان قىممەتلىك دورا ئۆسۈملۈكلەرنى بىر-بىرلەپ يۇلۇپ كېتىشتى…بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك تۇيۇقسىز يۈز بەرگەنىدى.دەريا بويىدىكى بۇ قەدىمقى خەلق كۆز ئالدىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ھاڭ-تاڭ بولغان ھالدا سۈكۈت ئىچىدە قاراپ تۇرۇشتى.ئۇلار قانچە قىلىپمۇ بۇ رەھىمسىز رېئاللىقىنى ئۆز تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمىدى.ئۆزلىرى بىلەن سىرتقى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ شۇنچىلىك چوڭىيىپ كەتكەنلىكىگە ھەيران بولدى.
            ئۇلار ئەزەلدىن دەريا بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ساناپ باقمىغانىدى ھەم ساناپ بېقىشنىمۇ ئويلىمىغانىدى.
ئەمما بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ 800 دىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشتى ھەمدە ھەربىر كىشىنىڭ رويخېتىنى تۇرغۇزدى.
ئەمدى بۇ يەردە ئۇلار ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان يىغىنلار، يىغىلىشلار، شۇئار-چاقىرىقلار، بۇيرۇق-پەتىۋالار، ئالۋاڭ-ھاشارلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
ئۇلارنىڭ خاتىرجەم، تىنچ ۋە دەخلىسىز تۇرمۇشى بۇزۇلدى.
             ئۇلارنىڭ قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئىجتىمائىي بىرلىكى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ئاستا-ئاستا خىرىسقا ئۇچىرىدى.ئىلگىرى ئۇلارنى پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىپ تۇرغان 230 كىلومېتىرلىق چوڭ قۇملۇق ئەمدىلىكتە ھېچقانچە توسالغۇ بولۇپ قالالمىغانىدى.تەكلىماكان قوينىدىكى بۇ سىرلىق بوستانلىق ئەنە شۇنداق بايقالدى،ھازىرقى زاماننىڭ مەدەنىيەتلىك ئادەملىرى بۇ تەنھا ئارالنىڭ رىۋايەتلىك ئۆتمۈشىنى ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتۇردى.
400 يىل ئۆز ئالدىغا ياشاپ كەلگەن، دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋىېتىلگەن بۇ ئادەملەر ئەنە شۇ پىنھان كەچۈرمىشلەر بىلەن ھازىرقى زامانغا قايتىپ كەلدى.
            ئارىدىن ھەش-پەش دېگۈچە ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى.ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ توختاۋسىز قەدىمى دەريا بويىنىڭ قەدىمىي ئەنئەنىلەرگە باي سېھرىي كۈچىنى خورىتىپ باردى.بۇ يەرگە كېلىدىغان ئادەملەر كۆپەيگەنسىرى بىكىك ھالەتتىكى قەدىمكى مەدەنىيەت چەمبىرىكىمۇ بارغانىسىېرى تارىيىپ باردى.ئادەملەر ئۆزلىرى بىلەن بىللە مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ خىلمۇخىل زامانىۋى باكتىرىيىلىرىنى بۇيەرگە ئېلىپ كېلىشتى…
شۇنداق، قۇيۇق رىۋايەتلەرگە پۈركەنگەن ئۆتمۈش غايىپ بولدى.
          خۇددى ئالەم كېمىسنىڭ ئاي شارىغا قونۇشى ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئاي ھەققىدىكى گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يوقىتىۋەتكەندەك، ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ دەريا بويىغا يوپۇرلۇپ بېرىشى ۋە بۇ يەرنى قايتا قۇرۇشىمۇ بۇ جاينىڭ مەدەنىيەت ساياھىتىدىكى ئالاھىدە تارتىش كۈچىنى بەربات قىلدى.
           قەدىمكى پارلاق تارىم مەدەنىيىتىنىڭ تەكلىماكاندىكى بۇ جانلىق كۆزنىكى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك زەربىسى ئاستىدا ئەنە شۇنداق غايىپ بولدى…
         ئەمدىلىكتە دەريا بويىدىكى بۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدا جىددىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىدى.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەكلىماكاندىكى جەننىتىنىڭ ئەبەدىي غايىپ بولغانلىقىنى، ئۆز جەمئىيىتىنىڭ بەربات بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىلگىرى كۆنۈككەن تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئادەم، دۇنيا، ھايات، ئەقىدە، ئەخلاق دېگەن ئۇقۇملارنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسىدىن گۇمانلاندى. شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئاشۇ رەھىمسىز توقۇنۇشتا قانداق تراگېدىيلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى باشقىدىن چۈشەندى.
           دەريا بويى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي ھالىتىدىن مەھرۇم بولدى. تەكلىماكاندىكى تەبىئىي ئېتنوگرافىيە مۇزېي بۇزۇلۇشقا باشلىدى.
           400 يىلدىن بۇيان قۇلۇپ سېلىنمىغان ئۆيلەرگە قۇلۇپ سېلىندىغان بولدى. ئادەملەر بىر-بىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان، ئىش-ھەرىكەتتە ئېھتىياتچانلىق قىلىدىغان، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە شەخسىي مەنپەئىتىنى ئويلايدىغان بولۇشتى.
          400 يىلدىن بېرى ئادەم دىدارىنى سېغىنىپ كەلگەن بۇ كىشىلەر ئەمدىلىكتە ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئادەملەردىن بىزار بولۇشقا باشلىدى.
سىرتتىن كەلگەن ئادەملەر ئۆزلىرى بىلەن بىللە تاماكا، نەشە، ھاراق ۋە باشقا غىدىقلىغۇچى ئىچىملىكلەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بولدى. بايلىق ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئاياغ ئىزلىرى تەگمىگەن جايلار ئاز قالدى، ئۆسۈملۈكلەر، ئورمانلار، ياۋايى ھايۋانلار، ئۇچارقۇشلار، قوي-پادىلار خوراشقا باشلىدى.
مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ تۇرمۇش رىقابىتى ۋە ئىچكى ۋەھىمىسى ئاستا-ئاستا بۇيەرگىمۇ يېتىپ كەلدى…
           شۇنداق قىلىپ، تەكلىماكاندىكى بۇ مەدەنىيەت كۆزنىكى قانداق تۇيۇقسىز بايقالغان بولسا، شۇنداق تۇيۇقسىزلا بەربات بولۇشقا باشلىدى.
قەدىمكى كېرىيەلىكلەرنىڭ دەريا بويىدىكى 400 يىللىق رىۋايەتلىك ھاياتى مەڭگۈ بىر چۈش بولۇپ قالدى.
          تەكلىماكاندىكى قانچىلىغان بوستانلىقلار ۋە قەدىمكى شەھەر-قەلئەلەر قانداقلارچە قۇم دېڭىزى ئاستىدا قالدى؟
           بوستانلىقلار سۇلىرى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ، كۆللەر قۇرۇپ كەتتى؟
            كېلىمات نېمىشقا قۇرغاقلىشىپ نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق تەبىئىي توغراقلىقلار ۋەيران قىلىندى!؟…

چىنگىز ئايتماتوف توغرا ئېيتىدۇ:
          بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قىيامەت ۋە ئېكولوگىيە تراگېدىيىلىرى دىنىي كىتابلاردا ئېيتىلغاندەك خۇدانىڭ غەزىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ!
        زېمىن ئەسلىدىنلا بىرخىل ئىچكى تەڭپۇڭلۇقتا يارىتىلغان.تەبىئەت ئەزەلدىنلا جىمى مەۋجۇداتلار بىلەن گارمۇنىك بىرلىك ھاسىل قىلغان.
مانا مۇشۇ تەڭپۇڭلۇقنى مەدەنىيەت ئۇقۇمىنىڭ ئىگىسى بولغان ئىنسانلار ئۆزقۇلى بىلەن بۇزدى.
           قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ بىر كۆزنىكى بولغان دەريا بويىنىڭ بايقىلىشى ۋە ناھايىتى تېز ۋاقىت ئىچىدە مەدەنىيەت ئېكولوگىيىسنىڭ بۇزۇلۇشى بىزگە يېڭىدىن يېڭى ۋەھىمىلەرنى ھېىس قىلدۇرماقتا.
         شۇنداق، تارىم-بىزنىڭ ئانىمىز. بىز بۇ مېھرىبان ئانىدىن توغۇلغان، ئۇنىڭ كۆكسىدىن ئاق سۈت ئېمىپ چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلاپ ھايات گۈزەللىكىنى ھېس قىلغان، ئۇنىڭ باغرىغا تىنىپ كەتكەن مەدەنىيەت تىندۇرمىسىدىن ئوزۇق ئالغان.
        بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ مېھرىبان ئانا زامان رىيازەتلىرىدىن چارچىدى، جىسمى خورىدى، چاچلىرىغا ئاق كىردى، ئىچكى ئېنېرگىيىسى خورىدى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كۆپ مۇشەققەتلەر چەكتى.
        ئۇ يېڭى ھاياتىي كۈچكە موھتاج!
      بىز ئۇنى پەرزەنتىلىك مۇھەببىتىمىز بىلەن ئاسرايلى ۋە مەڭگۈ سۆيەيلى!…


(مەنبە: ئەسەت سۇلايماننىڭ «تارىم قۇۋۇقى چېكىلگەندە» دىگەن كىتابى)

0

تېما

0

دوست

511

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23452
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 22:06:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەگە ئەكەلگەن «تۆھپىسى» ئەينەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

6

دوست

7336

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   46.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2128
توردىكى ۋاقتى: 304
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 22:10:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئېسىل ماقالىكەن، تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر!

0

تېما

1

دوست

1510

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10155
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 76
تۆھپە : 425
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 01:11:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ جۇلاسى بولغان كېرىيەگە چوڭقۇر مىھرىم بار ،خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كېرىيەدە ئۆتكەن 12يىللىق ھاياتىمنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن.

33

تېما

2

دوست

4474

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 697
تۆھپە : 957
توردىكى ۋاقتى: 309
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 02:22:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بەكمۇ ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن. ئاجايىپ بىر خىل تۇيغۇ ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم.

0

تېما

9

دوست

7366

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 1586
توردىكى ۋاقتى: 906
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 10:03:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر.. !!
شۇ مۇناسىۋەتتە  ئەسئەت ئاكىنىڭ تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك، ئېزىز تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

0

تېما

1

دوست

1908

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   90.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 528
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 13:28:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىچنىمىزنى قويمايۋاتىدىغۇ بۇلار.

13

تېما

11

دوست

5304

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 1552
توردىكى ۋاقتى: 428
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 13:56:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرتتىن كەلگەن ئادەملەر ئۆزلىرى بىلەن بىللە تاماكا، نەشە، ھاراق ۋە باشقا غىدىقلىغۇچى ئىچىملىكلەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بولدى.

ئىندىئانلارمۇ شۇنداق خاراپلاشقانكەن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )