باتۇرنىڭ تەڭرىقۇت بولىشى
ھونلار مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇن مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالداكۈچەيدى . شۇ چاغلاردا ھونلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 209-يىلدىن مىلادى 216-يىلغىچە500يىل ھۆكۈم سۈرگەن قۇدرەتلىك ھون ئىمپىريىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى . قۇدرەتلىك ھون تەڭرىقۇتلىقىنىڭ تېتۇريىسى شەرىقتە ئۇلۇغ ئوكيان قىرغاقلىرىغىچە ، شىمالدا لىنا دەرياسى ،بايقال كۆلى ، يەنسەي دەرياسىنىڭئوتتۇرا ئېقىنلىرىغىچە ، جەنۇپتا سەدىچىن سېپىلىگىچە ، غەربى جەنۇپتاھىندىستان(سىندۇ)نىڭ شىمالىغىچە ،غەرىپتە كاسپى دېڭىزىنىڭ بويلىرىغىچە سوزۇلغان . مانا شۇ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ ھون تەڭرىقۇتلىقىنى ھونلار تارىخىدائۆتكەن ھەر بىي ئىستىراتىگىيە تاكتىكا سەنئىتى جەھەتتە ئۆز زامانىسىدا تەڭدىشى يوق. سىياسى دېپلۇماتىيەدە ئاجايىپ تۇيغۇن، دۆلەت شەكلىنى مۇكەممەللەشتۇرۇشتە مىسلىسىز تالات ئىگىسى ، جەڭگىۋارلىقتا كارامەت قەھىرمان ، ئىززەت-ھۆرمەتتە ئۆزىنىتەڭرىنىڭ مەغرۇر ئوغلى دەپ ئاتىغان باتۇر تەڭرىقۇت ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. باتۇر تەڭرىقۇت تۆمەن تەڭرىقۇتنىڭ چوڭ ئوغلى بۇلۇپ ،ئۇ باشتاتۆمەن تەڭرىقۇتنىڭ ۋارىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن . كىيىن تۆمەن تەڭرىقۇت ئۆز قارايىدىنيېنۋېلىپ ،كىچىك ئالچىسى(كىچىك بىكەسى)دىن توغۇلغان كىچىك ئوغلىنى ئۆزىنىڭ تەخىتۋارىسى قىلىپ تەيىنلەپ ،باتۇرنى ۋارىسلىقتىن قالدۇرغان . قەدىمقى چاغلاردا دېپلۇماتىيە قائىدىسىگە بىنائەن ، ئىككىدۆلەت ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىنامىسىنىڭ بۇزۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈنبىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە ئوغۇللىرىدىن بىرنى ئەۋەتىدىغان ئادەت بار ئىدى. تۆمەنتەڭرىقۇت ئۆز نىيتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 216-يىلىباتۇرنى ئۇلۇغ ياۋچىلار خانلىقىغا گۆرەگە ئەۋەتىدۇ .بۇ ئىشقا باتۇر قاتتىق نارازى بولىدۇ . ئەڭ قەدىمقى چاغدىن تارتىپ يېقىنقى چاغقىچە نۇرغۇن تارىخىپاكىتلار بۇيىچە ھۆكۈم قىلغاندا ، گۆرەگە ئەۋەتىلگەن خانزادىلەر ھاياتى پاجىئەلىك تەقدىرگە ئۈچرايتى . تولا چاغلاردا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىنامىلەر بۇزۇلاتتى.شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە گۆرەگە ئەۋەتىلگەن خانزادىلەر ئۆلتۈرلەتتى . باتۇرمۇنداق پاجىئەلىك ئەھۋالنىڭ تۇغۇلۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ھونلاربىلەن ياۋچىلار مۇناسىۋىتىدىكى ئەھۋالنىڭ يۈلىنىشىنى تىڭ-تىڭلاپ ، ئەھدىنامىنىڭ بۇزۇلۇپ ھونلار بىلەن ياۋچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يامانلىشىپ ،ئۇرۇش بولىدىغان پەيىتنى بايقاپ ، شۇنداق ۋەزىيەت تۇغۇلغان ھامان ئۇلۇغ ياۋچىلارخانلىقىدىن قېچىپ كىتىشكە تەييارلىنىپ تۇرغان . ئۇلۇغ تارىخچى سىماچىيەننىڭ مەلۇمات بىرىشىچە ، خۇددى باتۇرمولچەرلىگەندەك ھونلار بىلەن ياۋچىلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىنامىلەر بۇزۇلىدۇ. تۆمەن تەڭرىقۇت ئۇلۇغ ياۋچىلارنى تارمار كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇشۇن ماڭدۇردۇ . باتۇرھون قۇشۇنلىرى بېسىپ كىرىشتىن بۇرۇن ، ياۋچىلارنىڭ خانى مىنىدىغان تۇلپار ئاتنى مىنىپ ، ياۋچىلاردىن قاچىدۇ . ئۇلۇغ ياۋچىلار يۈز بەرگەن ۋەقەنى ۋاقتىدا سىزىپ،ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلىغان بولسىمۇ باتۇرنى قوغلاپ يەتمەك بۇياقتا تۇرسۇن ، ئۇنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرەلمەيدۇ . باتۇر ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ پايتەختى ساندىبىل(ھازىرقى گەنسۇدىكى جاڭيى ئەتراپىدا)دىن قېچىپ ، بوران چىققاندا دەشھەتلىك دېڭىز دولقۇنىدەك قوزغىلىپ تۇردىغان خەتەرلىك تەڭرى قۇملىقىدىن (ھازىرقى نىڭشىيا)،سۇسىز چۆل باياۋاندىن ،چېتى ئۇپۇققا تۇتۇشۇپ تۇردىغان ياپ يېشىل ئوت-چۆپلۈك يايلاقلاردىن ئۆتۈپ ،ھونلارپايتەختى تۆمەن بالىققا(ھازىرقى كۆكخوت شەھەر ئەتراپى)قايتىپ كىلىدۇ .ئوغلىنىڭ ئاجايىپ ھۇشيار ، قەيسەرلىگىنى كۆرگەن تۆمەن تەڭرىقۇت باتۇرغا قايىل بولىدۇ . ئۇنى ھون ئاتلىق قۇشۇنلىرىنى تەشكىللەپ ، مەشىق قىلدۇرۇپ جەڭگە تەييارلاشقا قۇيىدۇ.بۇنداق ياخشى ئىمكانىيەتكە ئىگە بولغان باتۇر دەرھال ئاۋازلىق ئوقيانى كەشىپ قىلىدۇ .ئۇ ئۆزى مەشىق قىلدۇرۇپ ئۇرۇش ماھارەتلىرىنى ئۆگىتىۋاتقان ھون ئاتلىق جەڭچىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مەن مۇشۇ ئاۋازلىق ئوقيارىمنى نىمىگە قارىتىپ ئاتسام ، سىلەرمۇ قىلچە ئىكىلەنمەستىن ،شۇ نەرسىنى نىشانلاپ ئوقيادىن ئوق ئۈزۈڭلار،بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلدىغان بولساڭلار ،ھەممىڭلارنىڭ كاللىسىنى ئالىمەن ». بىر كۈنى باتۇر ئاۋازلىق ئوقياسىنى ئۆزى مىنىدىغان تۇلپارئاتقا قارىتىپ ئاتىدۇ . ئۇنىڭ جەڭچىلىرى باتۇرنىڭ ياخشى كۆرىدىغان تۇلپار ئېتىنى نىشانلاپ ئېتىشقا كۆزى قىيمايدۇ.باتۇر قىلچە رەھىم قىلماستىن بۇيرۇقنى ئورۇنلىمىغان جەڭچىلەرنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ . ئۇ يەنە يوقارقى بۇيرۇقنى تەكرارلاپ، بۇندىن كىيىن خىلاپلىق قىلدىغانلارنىڭ تەقدىرى ئۆلۈم بىلەن ئاياغلىشىدىغانلىقىنىئەسلىتىپ جەڭچىلەردىن ۋەدە ئالىدۇ . ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا باتۇر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان گۈزەلئالچىسى(بېكەسى)نى نىشانلاپ ، ئاۋازلىق ئوقياسىنى ئاتىدۇ . بۇ قېتىممۇ ئۇنىڭ جەڭچىلىرى بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ . ئۇلار كاللىسىدىن ئايرىلدۇ . ئىككى قېتىملىق پاجىئەدىن ساۋاق ئالغان باشقا جەڭچىلەر باتۇرنىڭ قەتئى ۋە غەزەپ بىلەن قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ دىگىنى بۇيىچەھەركەت قىلدىغانلىقىنى بىلدۇرۇشۇپ ، قەسەميات قىلىشىدۇ . تۆمەن تەڭرىقۇت كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھون خانلىرىنى ۋە كىچىكئالچىسى(بىكەسى)ئوغۇللىرىنى ئېلىپ ئوۋغا چىقىدۇ .باتۇر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاتىسى تۆمەن تەڭرىقۇتنى ، ئۆگەي ئانىسىنى ،ئۆگەي ئۇكىلىرىنى ، ئۆزى يامان كۈرىدىغان ھون خانلىرىنى قويماي ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ . بۇ قېتىم باتۇرنىڭ ئاۋازلىق ئوقياسى نىمىنى نىشانلاپ ئېتىلغان بولسا ، ئۇنىڭغا سادىق بولغان بىر توپ ھون ئاتلىق جەڭچىلىرى ئوقيالىرىنى شۇنىڭغا قارىتىپ ئاتىدۇ . باتۇر مەقسەتكە يىتىدۇ .ئېھتىمال باتۇرغا قارشى بولغانلار بىلەن باتۇر تەرەپدارلىرى ئارىسىدا قانلىق ئۇرۇشلار بولغان بۇلىشى مۇمكىن . باتۇر مانا شۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق ھون تەڭرىقۇتى بولىدۇ . بۇ ۋەقە مىلادىدىن بۇرۇنقى 210-يىلى يۈز بەرگەن . يوقۇردا باتۇرنىڭ ھاكىميەت ئۈستىگە چىقىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئەپچىل ئۇسۇل قوللانغانلىقى ، ئىنتايىن رەھىمسىزلىكى(ئۆز ئاتىسى تۆمەن تەڭرىقۇتنى ئۆلتۈرۈشتىنمۇ يانمىغانلىقى)بايان قىلىنغان بولسىمۇ ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ھوشيار ،ئەقىللىقلىقى(ياۋچىلاردىن قېچىش پەيتىنى پايلاپ تۇرغانلىقى ، ئاۋازلىق ئوقيانى ئىجاد قىلغانلىقى ، ھاكىميەتنى ئېلىشتا قوللانغان ئۇسۇلى)ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخىدىن ئېلىندى .
|