- تىزىملاتقان
- 2011-8-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8035
- نادىر
- 0
- يازما
- 257
ئۆسۈش
60.7%
|
1-ئەبۇ ھۈرەيرە،ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: مەن قىيامەت كۈنى، كىشىلەر پەرۋەردىگارى ئۈچۈن تىرىلىپ قۇپۇپ تۇرىدىغان كۈندە، بارلىق كىشىلەرنىڭ سەييىدى، خوجىسى، يول باشچىسى بولىمەن، نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ قىيامەت كۈنى بولغان چاغدا، ئاللاھ بۇرۇنقىلارنى ۋە كىيىنكىلەرنى تۈپتۈز بىر جايغا توپلايدۇ، كىشىلەر بىر-بىرىگە قالايمىقان ئېلىشىپ كىتىدۇ، چاقىرىقچى دەۋەتنى ئۇلارغا ئاڭلىتالايدۇ، كۆز يەنى ئاللاھنىڭ كۆزى ئۇلارنى قورشاپ كۆرىدۇ، ھېچ كىشى مەخپى بولالمايدۇ، قۇياش ئۇلارغا شۇنداق يېقىنلىشىدۇ، كىشىلەرگە ئۇلار تاقەت قىلالمىغۇدەك، كۆتۈرەلمىگىدەك دەرىجىدە غەم – قايغۇ، مۇشەققەت يېتىدۇ، بەزىسى بەزىسىگە مۇنداق دېيىشىدۇ، ھەقىقەتەن سىلەرگە يەتكەن مۇشەققەت، دەرت – ئەلەمگە قارىمامسىلەر؟ سىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قېشىغا بېرىپ بۇ مۇشۇققەتنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلىدىغان بىرەر كىشى بارمۇ؟ قارىمامسىلەر؟ -----بەزىسى بەزىسىگە، ئادەم ئاتىنىڭ قېشىغا بېرىڭلار! دەيدۇ، ئۇلار كېلىپ، مۇنداق دەيدۇ، ئى ئادەم، سەن بىزنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ دادىسى، ئاللاھ سىنى ئۆز قولى بىلەن ياراتتى، ساڭا روھنى پۈۋدىدى، پەرىشىتىلەرنى بۇيرىدى، ئۇلار ساڭا سەجدە قىلدى، (مەخسەت سەن شۇنداق ئۇلۇغ بولغاندىكىن) رەببىڭنىڭ قېشىغا بېرىپ بىز ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلساڭ، بىزنىڭ ھالىمىزنى كۆرمىدىڭمۇ؟ بىزگە يەتكەن مۇشەققەتكە قارىمامسەن؟. ئادەم ئاتا ئۇلارغا ؛ ھەقىقەتەن رەببىم بۈگۈن شۇنداق بىر غەزەپ قىلدىكى، مۇندىن بۇرۇن ۋە كېيىنمۇ ئۇنداق غەزەپ قىلماس، ئاچچىقلانماس، ھەقىقەتەن ئاللاھ مىنى بىر دەرەخنىڭ مىۋىسىنى يىيىشدىن توسقان ئىدى، مەن ئاسىي بولدۇم، بۈگۈن مەنمۇ ئۆز جېنىم، نەپسىم بىلەن قالدىم، شاپائەت قىلالمايمەن، مەندىن باشقىلارنىڭ يېنىغا نۇھنىڭ يېنىغا بېرىڭلا دەيدۇ، ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: سەن بولساڭ زىمىن ئەھلىگە ئەۋەتىلگەن تۇنجى مۇرسەل پەيغەمبەر، ئاللاھ سېنى شۈكىر قىلغۇچى بەندە دەپ ئاتىدى، بىزنىڭ ھالىمىزغا بىزگە يەتكەن مۇشەققەتكە قارىمامسەن، بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن شاپائەت تەلپ قىلساڭ، نۇھ ئەلەيھىسسالام؛ رەببىم بۈگۈن شۇنداق غەزەپ قىلدىكى بۇرۇنمۇ قىلىپ باقمىغان، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇنداق غەزەپ قىلمايدۇ، مەن ئۈچۈن ئىجاۋەت بولىدىغان بىرلا دۇئا بار ئىدى، مەن ئۇ دۇئانى قەۋمىمدىن دىنسىز زالىملارغا قارشى قىلىپ بولدۇم، مەنمۇ بۈگۈن ئۆزۈم بىلەن قالدىم، جېنىم بىلەن قالدىم، ئۆز ھالىم بىلەن قالدىم، مەندىن باشقا كىشىنىڭ قېشىغا بىرىڭلار، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىڭلار دەيدۇ، ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: سىلى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، زىمىن ئەھلىدىن بىردىنبىر ئاللاھنىڭ دوستى، خەلىيلى، بىزنىڭ ھالىمىزغا، بىزگە يەتكەن مۇشەققەتكە قارىماملا؟ ئۆتۈنۈپ قالىلى، بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىزدىن شاپائەت سورىساڭ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا يۇقىرقىدەك قاتتىق غەزەپنى تىلغا ئېلىپ، مەن ئۈچ قېتىم يالغان سۆزلەپ سالغان، مەنمۇ بۈگۈن ئۆز ھالىم بىلەن قالدىم، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىڭلار دەيدۇ، ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامغا كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئى مۇسا ئەلەيھىسسالام، سىلى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئاللاھ سىلىنى ئەلچى قىلش، سۆزلەش بىلەن كىشىلەر ئۈستىگە پەزىلەتلىك قىلدى، شاپائەت تەلەپ قىلغان بولسىلا، ھالىمىزغا قارىماملا؟ دەپ يالۋۇرىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ يۇقىرقىدەك قاتتىق غەزەپنى تىلغا ئېلىپ بۇيرۇلماستىن قاتىللىق قىلىپ سالغانمەن، مەنمۇ بۈگۈن ئۆز ھالىم بىلەن قالدىم، سىلەرگە شاپائەت قىلالىغىدەك دەرىجىدە ئەمەسمەن، سىلەر ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىڭلار دەيدۇ، (چۈنكى ھەربىر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمى ئىچىدە تۇرىدۇ) ئۇلار ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: سىلى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى،اللە سىلىنى مەريەم ئانىغا تاشلىغان،سىلى اللەنىڭ كۇن دىگەن سۆزى ۋە ئاللاھ تەرەپتىن بولغان روھ، سىلى كىشىلەرگە بۆشۈكتە تۇرۇپلا سۆز قىلغان، دىمەك، سىلى شۇنداق ئۇلۇغ، بىز ئۈچۈن ئاللاھدىن شاپائەت تەلەپ قىلغان بولسىلا، بىزنىڭ ھالىمىزغا بىزگە يەتكەن بۇ قاتتىق غەم – قايغۇغا قارىماملا؟ ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا؛ ھەقىقەتەن رەببىم بۈگۈن شۇنداق غەزەپ قىلدى، بۇرۇنمۇ ئۇنداق غەزەپ قىلمىغان، بۇندىن كېيىنمۇ ھەرگىز بۇنداق غەزەپ قىلمايدۇ، مەنمۇ ئۆز ھالىم بىلەن قالدىم، سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىڭلار دەيدۇ، ئۇلار مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ مۇنداق دەيدۇ، ئى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سىلى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى، ئاللاھ سىلىنىڭ بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغان، بىزنىڭ ھالىمىزغا قارىماملا؟ بىزگە يەتكەن مۇشەققەت، دەرت – ئەلەم، غەم – قايغۇ، قورقۇنجلارنى كۆرمەملا، بىزگە بىر قاراپ باقسىلا، ئۇتۇنۇپ قالىلى، بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارلىرىدىن شاپائەت تەلەپ قىلسىلا، ئاندىن مەن يۈرۈپ ئەرشى تەھتىگە كېلىمەن، رەببىمگە سەجدە قىلىپ يىقىلىمەن، ئاندىن ئاللاھ مەندىن بۇرۇن ھېچبىر كىشىگە بىلدۈرمىگەن ھەمدۇ – سانالارنى ماڭا ئىلھام قىلىپ، ئېچىپ بېرىدۇ، بىلدۈرىدۇ، ئاندىن ماڭا ئى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: بېشىڭنى كۆتۈرگىن! سورىغىن، بېرىلىدۇ، شاپائەت قىلساڭ، شاپائىتىڭ قوبۇل قىلىنىدۇ دىيىلىدۇ، ئاندىن مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، ئى رەببىم! ئۈممىتىم، ئۈممىتىم دەيمەن، ئاندىن ماڭا ئۈممىتىڭدىن ھېساب يوق ھالدا، ھېسابسىز جەننەتكە كىرىدىغانلارنى جەننەت ئىشىكلىرىدىن ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىكدىن كىرگۈزگىن، ئۇلارۋە سېنىڭ ئۈممىتىڭدىن ھېساب بىلەن كىرىدىغانلار ۋە باشقا جەننەت ئەھلى بولغان كىشىلەر، ئۇڭ تەرەپتكى ئىشىكدىن باشقا ئىشىكلەردە شېرىك بولۇپ، ئورتاق جەننەتكە كىرىدۇ، جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئىككى يان ياغىچىنىڭ ئارىلىقى ياكى ئىشىكلىرىدىن ئىككى ئىشكىنىڭ ئارىلىقى مەككە بىلەن ھەجەردەك ياكى مەككە بىلەن بۇسرادەك شۇنداق كەڭرىدۇر، (بۇسرا، ئىراقنىڭ بىر ۋىلايىتى بولىدۇ) مەن شۇ ھەمدۇ-سانالارنى ئەيتىپ، سەجدىگە يىقىلىپ، شۇ رۇخسەت سۆزىنى ئاڭلاپ، قەلبىدە زەررىچىلىك، بىرتال قىچچىلىك مىقداردا ئىمانى بار كىشىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ نەچچە ھەسسە تۇۋەن يەنە تۇۋەن ئىمانى بار كىشىلەرنى دەۋزەىتىن ئېلىپ چىقىپ ، جەننەتكە ئەكىرىمەن، مەن بۇشاپائەت ئىشىنى تۆت قېتىم قىلىپ، بەشىنجى قېتىمدا، اللھ تائالا ماڭا؛ «لائىلاھەئىللەللا» اللەتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق، دىگەن كىشىنى دەۋزەختىن ئېلىپ چىقىش سىنىڭ ئىشىڭلا ئەمەس، لېكىن مەن ئىززىتىم بىلەن، ئۇلۇغلۇقۇم، كاتتىلقىم، كىبرىيائى ئەزىمىتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، «لائىلاھەئىللەللا » اللەتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق، دىگەن كىشىنى دەۋزەختىن ئېلىپ چىقىپ، جەننەتكە كىرگۈزىمەن دېدى. بۇخارى مۇسلىمدا خاتىرلەنگەن ھەدىس.
2-ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: مەن قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەر ئىچىدە ئەگەشكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان كىشى بولىمەن، (مىنىڭ ئۈممىتىم شۇنداق كۆپ بولىدۇ) جەننەتنىڭ ئىشكىنى تۇنجى بولۇپ قاقىدىغان كىشى، مەن بولىمەن، يەنى مەن ۋە ئۈممىتىم ئالدى بىلەن جەننەتكە كىرىمىز، مۇسلىم توپلىغان، سەھىھ
3-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: ئەلۋەتتە ھەقلەر، كىشىنىڭ ئېلىشى، نېسىۋلىرى قىيامەت كۈنى ئۆز ئەھلىگە قايتۇرۇلۇپ ئادا قىلىنىدۇ، ھەتتا مۈڭگۈزسىز قوي ئۈچۈن مۈڭگۈزلۈك قويدىن قىساس ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ دۇنيادا مۈڭگۈزسىز بولۇپ بوزەك قىلىنغان قوي، قىيامەت كۈنى مۈڭگۈزلۈك ھالەتتە ئۆزىنى ئۈسسىگەن قوينى ئۈسسىۋالىدۇ. ئەھمەد، مۇسلىم، تىرمىزى، بۇخارى،توپلىغان، سەھىھ
.
4-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كىشىلەر قىيامەت كۈنى يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ، ھەتتا خەتنە قىلىقسىز تېرىلىپ قوپۇرىلىدۇ،مەن؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى!ئەر-ئاياللار ھەممىسى بىراقلا قۇپۇرۇلسا، ئۇلار بىر – بىرىگە قارىشامدۇ؟دىسەم، رەسۇلۇللاھ؛ئى ئائىشە! ئىش ئۇلارنىڭ بەزىسى – بەزىسىگە قاراشلىرىدىن قاتتىق كۈچلۈك ۋە ئېغىردۇر دىگەن.بۇخارى، مۇسلىم، نەسەئى، ئىبنى ماجە ، سەھىھ
.
5-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، مۇنداق دىگەن: ئاللاھتائالا جەننەتنى ياراتقاندا جىبرىئىلغا؛ سەن بېرىپ جەننەتكە قاراپ باققىن دېدى، ئۇ بېرىپ قارىغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، ئى رەببىم، ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، جەننەتنى بىرەر كىشى ئاڭلاپلا قالسا، چوقۇم كىرىپ كېتىدۇ دېدى، ئاندىن ئاللاھتائالا جەننەتنى مۇشەققەتلىك سىناقلار بىلەن قورشاپ، ئى جىبرىئىل، ئەمدى بېرىپ قاراپ باققىن! دېدى، ئۇ بېرىپ قارىغاندىن كېيىن كېلىپ، ئى رەببىم، ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، جەننەتكە بىرەر كىشىنىڭ كىرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ قالدىم دېدى، ئاللاھتائالا دۇۋزاخنى ياراتقاندا جىبرىئىلغا ئى جىبرىئىل، بېرىپ دۇۋزاخنى كۆرۈپ كەل دېدى، ئۇ بېرىپ، كۆرۈپ كېلىپ، ئى رەببىم، ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، دۇۋزاخنى بىرەرسى ئاڭلىسا ھەرگىز كىرمىگۈدەك دېدى، ئاندىن ئاللاھتائالا دوۋزاخنى شەھۋەتلەر بىلەن قورشاپ، پەردىلەپ، ئەمدى بېرىپ كۆرۈپ كەل دېدى، جىبرىئىل بېرىپ قاراپ، ئى رەببىم، ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ھېچ بىر كىشى قالماي دوۋزاخقا كىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم دىگەن. ئەھمەد، ھاكىم، نەسەئى، داۋۇد، تىرمىزى توپلىغاى، سەھىھ
6-ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: قىيامەت كۈنى بۇ دۇنيادا ئەڭ نىئمەلىك باياشات تۇرمۇش كەچۈرگەن دوۋزاخ ئەھلىدىن بولغان بىر كىشى كەلتۈرۈلۈپ، جەھەننەم ئىچىگە چوڭقۇر تاشلىنىپ چۆكتۈرۈلۈپ،ئاندىن ئۇنىڭغا مۇنداق دىيىلىدۇ؛ ئى ئادەم بالىسى! سەن بىرەر ياخشىلىق كۆرۈپ باقتىڭمۇ! ساڭا بىرەر نىئمەت كېلىپ يېنىڭدىن ئۆتۈپ باقتىمۇ؟ ئۇ كىشى: ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىم، ھەرگىز ياخشىلىق نىئمەت كۆرۈپ باقماپتىمەن دەيدۇ. بۇ دۇنيادا قاتتىق ئازابلانغان ئېغىر كۈنگە قالغان، تۇرمۇشى ناچار ئۆتكەن، ئەمما جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشى كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈلۈپ، جەننەت نىئمەتلىرىگە چۇمدۈرۈلۈپ، قاندۇرۇلۇپ،ئاندىن مۇنداق دىيىلىدۇ؛ ئى ئادەم بالىسى! سەن بىرەر قىيىنچىلىقنى، ئازابنى، ناچار تۇرمۇشنى كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟، ساڭا ئېغىر، قاتتىق كۈنلەر كېلىپ باقتىمۇ؟ ئۇ كىشى ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىم ماڭا ئۇنداق ئازابلىق ناچار تۇرمۇش قىيىنچىلىق كېلىپ باقمىدى، قاتتىق ئېغىر كۈنلەرنىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم، ھەرگىز كۆرمىدىم دەيدۇ. (يەنى جەننەتكە نىسبەتەن شۇنداق دەيدۇ). ئەھمەد، مۇسلىم، نەسەئى، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ
.
7-ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: قىيامەت كۈنى نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۈممىتى بىلەن بىرگە كەلتۈرلىدۇ،(نوھ ئەلەيھىسسلام 950 يىل قەۋمىنى دىنغا دەۋەت قىلغان) ئاللاھ ئۇنىڭغا؛ سەن ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى قەۋمىڭگە يەتكۈزدۈڭمۇ؟ دەيدۇ، ئۇ، ھەئە يا رەببىم، يەتكۈزدۈم دېسە، ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈممىتىگە؛ ئۇ سىلەرگە راست يەتكۈزدىمۇ؟ دەيدۇ، ئۇلار: ياق بىزگە ھەرگىز پەيغەمبەر كېلىپ باقمىدى دەپ تېنىۋالىدۇ، ئاللاھ نۇھقا، ساڭا كىم گۇۋاھچى بولالايدۇ؟ دەيدۇ، نۇھ: مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ ئۈممىتى گۇۋاھچى بولالايدۇ دەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ مۇنۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگەن «ئەنە شۇنىڭدەك يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك، كىشىلەرگە يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتكە شاھىد، گۇۋاھچى بولىشىڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە گۇۋاھى بولۇشى ئۈچۈن بىز سىلەرنى ياخشى، ئادىل ئۈممەت قىلدۇق» سۈرە بەقەرە 143 – ئايىتىنى ئوقۇدى، (ۋەستە دىگەن، ئادىل گۇۋاھچى دىگەن بولىدۇ)،ئاندىن سىلەر چاقىرىلىپ، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ راست يەتكۈزگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، ئاندىن، ئاللاھ ئۇلارغا قارشى گۇۋاھلىق تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى جازالايدۇ. مەن سىلەرگە گۇۋاھلىق بىرىمەن.ئەھمەد، بۇخارى، تىرمىزى، نەسەئى، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ
.
8-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، مۇھەممەد رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: مۇپلىسنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇلار؛ بىز ئارىمىزدا دەرھەم-پۇللىرى، مال-ماتالىرى يوق كىشىنى مۇپلىس دەيمىز دىگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ ھەقىقەتەن ئۇممىتىمدىن مۇپلىس ئىپلاس كىشى دىگەن، مۇنداق كىشى بولۇپ، قىيامەت كۈنى نۇرغۇن ناماز، روزا، زاكاتلار بىلەن كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىرنى تىللاپ بىرگە بۆھتان قىلىپ، ئۇنىڭ مېلىنى يېۋېلىپ، بۇنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۇنى ئۇرۇپ، بۇنى قىلىپ كېلىدۇ – دە، ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى ئۇنىڭ- بۇنىڭغا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى تۈگىمەستىن ئۇنىڭ ياخشىلىقى تۈگەپ كەتسە، باشقىلارنىڭ خاتالىق گۇناھلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلنىپ ، ئاناىن ئۇ دوۋزاخقا تاشلىنىدۇ، مانا بۇ مۇپلىس، ئىپلاس ئادەم دېدى.مۇسلىم تىرمىزى، ئەھمەد توپلىغان، سەھىھ.
9-ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، مۇھەممەد رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: زالىم، مۇتەكەببىرلەر قىيامەت كۈنى سۈرىتى ئەرلەر سۈرىتىدە، جىسمى بولسا زەررىچىلەردەك كىچىك قوپۇرۇلىدۇ،ئۇلارنى كىشىلەر دەسسەپ يۈرىيدۇ، (تەكەببۇرلۇقنىڭ جازاسى خارلىقتۇر) ئۇلارنى خارلىق ھەر تەرەپتىن قورشايدۇ، ئۇلار جەھەننەم ئىچىدىكى بولس دەپ ئاتىلىدىغان تۈرمىگە ھەيدەپ ئاپىرىلىدۇ، ئۇلارنى قاتمۇ – قات قىززىق ئوت قورشاپ ئۈستى – ئۈستىگە ئوت قويۇلىدۇ، ئۇلار دوۋزاخ ئەھلىنىڭ تىينەتۇلخەببال دەپ ئاتىلىدىغان قان – يىرىڭ زەرداپلىرى بىلەن سۇغۇرىلىدۇ. ئەھمەد، تىرمىزى توپلىغان،
.
10-ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: بەندە ھېساپ بېرىدىغان نەرسىنىڭ تۇنجىسى نامازدۇر. كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىنىدىغان نەرسىنىڭ تۇنجىسى قان، خۇن داۋاسىدۇر، نەسەئىدا خاتىرلەنگەن
مەنبە ھەدىسلەر تورى
|
|