قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 12447|ئىنكاس: 80

خەلقئارالىق تۈرۈك تىلى يىغىندا ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

33

تېما

2

دوست

4474

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 697
تۆھپە : 957
توردىكى ۋاقتى: 309
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 01:58:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

خەلقئارالىق تۈرۈك تىلى يىغىندا ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى












    2008- يىلىدىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «دۇنيا تىلى تۈركچە» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بۈگۈن بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي باشلاندى.
    يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى بۈلەنت ئارىنچ، بۇرسا ۋالىسى مۇنىر قارالوغلۇ، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى مۇدىرى دوكتور مۇستافا قاچالىن قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
    ئۇلار نۇتقىدا ئانا تىلنى بېيىتىش ۋە ئانا تىلدا مائارىپ ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
    بۇ يىغىننىڭ ئىسمىدىكى «تۈرك تىلى» دۇنيادا 250 مىليون ئەتراپىدا تۈركىي خەلق تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان پۈتۈن تۈركىي تىللارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىمۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە.
    6- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «دۇنيا تىلى تۈركچە» ماۋزۇلۇق يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور غەيرەتجان ئوسمان قاتناشماقتا.
    مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈرك تىلىنىڭ تارىخى، تۈرك تىلىنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىلىرى، قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى، تۈركىي تىللىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى، دىئالېكت تەتقىقاتلىرى، تۈركىي تىللىرىنىڭ فونېتىكا، مورفولوگىيە تەتقىقاتلىرى، تۈركىي تىللارنى تەرجىمە قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، تۈركىي تىللارنى چەتئەللىكلەرگە ئۆگىتىش ئۇسۇللىرى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلىدۇ.
    يىغىندا دوكتور غەيرەتجان ئوسمان ئەپەندى «جۇڭگۇدا قاراخانىيلار تىلى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا نەزەر» تېمىسىدا دوكلات بېرىدىكەن.
    بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى مۇدىرى دوكتور خاتىچە شاھىن خانىم بۇ يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: يىغىنغا 14 دۆلەتتىن 45 تۈركولوگ قاتناشماقتا. بۇلار جۇڭگۇدىن، ئافغانىستاندىن، مىسىردىن، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاندىن قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلدى. بىز بۇ خەلقئارالىق يىغىندا تۈرك تىلىنىڭ ئانا تىل مائارىپى، تۈركىي تىللاردا تەرجىمە خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، ئاتالغۇلار، تۈركىي تىللاردا يېڭى سۆز ياساش مەسىلىسىگە ئوخشاش مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز. كەڭ جۇغراپىيىدە ئىشلىتىلىۋاتقان تۈركىي تىللىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى توغرىسىدا تەييارلانغان ماقالىلەر ئوقۇلىدۇ.
    دوكتور خاتىچە شاھىن خانىم «دۇنيا تىلى تۈركچە» نىڭ پۈتۈن تۈركىي تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا تىلى تۈركچە» دېگەنلىك پەقەتلا تۈركىيە تۈركچىسى دېگەنلىك ئەمەس. بۇ دۇنيادىكى پۈتۈن تۈركىي تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بۇ يىغىن پۈتۈن تۈركىي تىللار توغرىسىدىكى يىغىن ھېسابلىنىدۇ.
    خاتىچە شاھىن خانىم بۇ يىغىندا بۈگۈن بەزى دۆلەتلەردە مەنىي قىلىنغان ياكى يوق بولۇشقا يۈزلەنگەن تۈركىي تىللار توغرىسىدىمۇ ئىلمىي دوكلاتلار بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: يىغىندا ئەدەبىي تىلى بولمىغان پەقەتلا ئېغىز تىلى سەۋىيىسىدە قالغان تۈركىي تىللار توغرىسىدىمۇ ماقالىلەر ئوقۇلىدۇ. بۇ تىللارنىڭ فونېتىكا، مورفولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىلەردىن باشقا، قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا مائارىپتىن بىكار قىلىنغان تۈركىي تىللار توغرىسىدىمۇ ئىلمىي ماقالىلەر بار.
    تۈركىيە 1992-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى.
    سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ مەركىزى موسكۋا ۋە ۋېنگىرىيەدە بولغان بولسا، ھازىر تۈركىيە تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىشقا باشلاندى. ئونغا يېقىن ئۇنىۋېرسىتېتتا ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى قۇرۇلغاندىن سىرت، نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركەزلىرى قۇرۇلدى

http://dunyadiliturkce.org/

http://yurthaber.mynet.com/bursa ... -sempozyumu-1182484

http://haber.yandex.com.tr/yands ... -dili-olabilir.html


7

تېما

51

دوست

7858

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   57.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 805
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1026
تۆھپە : 2014
توردىكى ۋاقتى: 309
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 12:14:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىغىنغا غەيرەتچان ئوسمان ئاكىمىزنىڭ قاتناشقىنى بەك ياخشى بوپتۇ.
ئىلگىركىدەك تۈركىي مىللەتلەر يىغىنى ۋە پائالىيەتلەردىن ئايرىلىپ قالماي ئىمكان بار بىرەر ئادەم بولسىمۇ قاتنىشىپ ئۇلار بىلەن ئالاقىنى ئۈزىۋەتمىگەن ياخىشى .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

147

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   49.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1323
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى: 6520
تۆھپە : 4785
توردىكى ۋاقتى: 1265
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 12:15:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىم، جان تىلىم...
ئانا تىل ئۈچۈن سوقۇۋاتقان يۈرەكلەرگە ئالىي ئېھتىرام!

0

تېما

1

دوست

1908

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   90.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 528
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 12:34:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇھ!ھەر ھالدا بىزنىڭ تىلىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنى بىلىۋالدىم.

0

تېما

2

دوست

2594

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11940
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 274
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 12:37:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ

0

تېما

0

دوست

126

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21908
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 13:20:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىدا ئۇيغۇر تىلى مەسىلسى ئوتتۇرغا قويۇلدى دەپ يىزلىپتىكەن ،لىكىن مەزمۇنىدا بۇ توغرىسىدا ئۇچۇر بىرىلمەپتىغۇ؟

0

تېما

0

دوست

271

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   90.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22425
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 16:55:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   manmubar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-6 17:52  

تىل- يېزىقنى سۆيۈش ۋە ئۇنى قوغداش -- قۇرۇق شۇئار بىلەنلا ئېغىزىمىزدا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس!ئۆز تىلىمىزنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ۋە يېزىقىمىزنى توغرا يېزىشنىڭ ئۆزىمۇ چەكسىز ئالىيجاناپلىق، تېنچلىق دەۋردىكى ‹‹قەھرىمانلىق››ھېسابلىنىدۇ.
سۆزلەشكەندە ئانا تىلىمىزنى توغرا ئىشلىتەيلى! ماتېرىيال يازغاندا ئىملانىڭ توغرا- خاتالىقىغا دىققەت قىلايلى!

0

تېما

1

دوست

241

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21391
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 18:58:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىم، جان تىلىم...
ئانا تىل ئۈچۈن سوقۇۋاتقان يۈرەكلەرگە ئالىي ئېھتىرام!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )