- تىزىملاتقان
- 2013-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-6
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 10756
- نادىر
- 10
- يازما
- 141
ئۆسۈش
100%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا batur72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-6 10:38
خاتىرەمدىكى ئالتۇنغا بەرگۈسىز جۈملىلەر
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
1.ئىگىز تاغ چوققىسى ھەمىشە ئاشۇنداق ھەيۋەتلىك ،شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قارايدۇ،ئۇ ھەمىشە ئاشۇنداق خەتەرلىك،شۇڭا ئاز بىرقىسىم كىشىلەرلا ئۇنىڭغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.شۇنداقلا ئۇنىڭغا يامىشىش ئاشۇنداق كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدۇ ،شۇڭا پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا ئۇنى بويسۇندۇرالايدۇ.
2.ئەمەلسىز ئالىم كۆپ ئەلدە شىكەر گەپ بىلەن كۈچى يوق نەسھەت،ساۋاتسىز ئادەم كۆپ ئەلدە بىكار گەپ بىلەن نېنى يوق ئەمگەك كۆپ.
3.ناداننىڭ قولىغا ئۆتكەن ئەمگەكنىڭ نېنى ،ئايالنىڭ قولىغا قالغان ئەركەكنىڭ دېڭى چىقماس.
4.نادانلار توپى ئىچىدە تىرىكچىلىك قىلغان تەنھا ئاقىل __بىر توپ چاتقاللار ئىچىدىكى پەي-تۈكلىرى تىتىلغان بىچارە غېرىپ بىر قۇشتۇر.
5.پۇشايمان قاچىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەندىن تاشقا ئۇرۇپ پارە-پارە قىلىۋەتكەن ياخشى.
6.ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغانلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ قالتىس بولۇشى ناتايىن.
7.بىر تال مىخ كەم بولسا ،پادىشاھلىق گۇمران بولىدۇ:
--چۈنكى، بىرتال مىخ كەم بولسا بىرتال تاقا ئاتقا سېلىنالمايدۇ ،بىرتال تاقا كەم بولسا بىرتۇياق ئات جەڭگە چىقالمايدۇ ،بىر تۇياق ئات جەڭگەچىقالمىسا بىر چەۋەنداز جەڭ قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ .
8.ھېچقانداق تېرىشچانلىقسىز ئىرىشىدىغىنىڭ پەقەتلا ياشنىڭ چوڭىيشىدىن ئىبارەت.
9.نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئازاپلىنىشىنىڭ مەنبەسى كۆپنىچە ئۇنتىيالماسلىق،ئالغاننى قويالماسلىق ۋە كاللىدىن ئۆتكۈزەلمەسلىكتىن كىلىدۇ .
10.ئادەم خۇددى ماشىنىغا ئوخشايدۇ ،ماشىنىنىڭ ماتورىدىن چاتاق چىقسا ئۇنىڭغا ماينى ھەسسىلەپ قۇيساڭمۇ ھەرگىز نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ،كۆزلىگەن مەنزىلگىمۇ يىتەلمەيدۇ ،بۇ خۇددى ئادەمنىڭ پىسخىكسىدىن چاتاق چىققانغا ئوخشايدۇ ، پىسخىكاڭنى ،روھي دۇنيارىڭنى گۈزەللەشتۈرمىسەڭ ،نورماللاشتۇرمىساڭ ھەقانچە كۈچىسەڭمۇ ئۇزۇنغا ماڭالمايسەن ،ئېرىشىدىغىنىڭ ئەھمىيەتسىز ھېرىپ چارچاش.
11. گۈزەل ، ئەقىللىق ئايالغا ئېرىشمەكچى بولساڭ ، ئۆزۈڭنى غورۇرلۇق ،قەيسەر ۋە جۈرئەتلىك قىل ، شۇندىلا ئۇ ئايال ساڭا يولۇققىنىدىن پۇشايمان قىلمايدۇ .
12. تەييارلىق قىلمىغان ئادەم مەغلۇپ بولۇشقا تەييارلىق قىلغان ئادەمدۇر .
ئىلاۋە : بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزەم تەرجىمە قىلىۋالغان ياكى كۆچۈرىۋالغان ھەمدە تولۇقلاپ ، تاللاپ خاتىرەمدىن يوللىغان ياۋرۇپا ۋە خەلق ئارىسىدىكى ماقال تەمسىللەر بولغاچقا ئاپتورىنى يېزىش تەسكە چۈشتى . تورداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن . ئەگەر ئاپتورىنى بىلسىڭىز ئەسكەرتىپ قويسىڭىزمۇ قارشى ئالىمەن ، موھىمى مۇشۇ سۆزلەردىن ئاز - تولا پايدىلنالىسىڭىز مانا بۇ مىنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم .
___ خاتىرەمدىن ئۈزۈندىلەر
2013-12-06
تىيەنجىن
|
|