قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1990|ئىنكاس: 34

بىسىملىق قۇيۇش ماشنىسى(سۇلياۋ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4344
توردىكى ۋاقتى: 1725
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 15:44:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  بىسىملىق قۇيۇش ماشنىسى(سۇلياۋ)

        كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا چىقىرىدىغان ئەخلەتنىڭ كۆپرەكى سۇلياۋ بۇيۇملار بۇلىۋاتقىنى بەلكىم ھەممىمىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىۋاتقان بۇلىشى مومكىن، يەنە باشقا يۇرىتتىن كىلىپ مۇشۇ ئەخلەتلەرنى يىغىشقا تاينىپ جان باقىدىغان كەسىپ توپىنىڭ شەكىللىنىپ بولغىنىنىمۇ بىلىمىز. بۇ ئەخلەتلەر يىغىۋىلىنغاندىن كىيىن شۇنچە يىراققا تۇشۇلۇپ ئاپىرىلىپ قايتا مەھسۇلات بۇلۇپ پىششىقلانغاندىن كىيىن يەنە شۇنچە يىراقتىن تۇشۇپ كىلىنىپ بىزگە يۇقىرى باھادا سىتىلىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئەلۋەتتە كىرا چاپلانغان بۇلىدۇ.
      سۈزۈك ھەم پۇراقسىز بولغانلېرى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قىتىم پىششىقلىنىپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، كىيىنكىلېرى بولسا سۈزۈكلىكى ناچارلاشقانچە قايتىلىنىش قىتىم سانى ئاشقان مەھسۇلاتلار بۇلىدۇ. يەنە بەزىلېرى باشقا تەركىپلىك ئارلاشمىلار بۇلىدۇ.

搜狗截图 7年01月01日0630_6.png
搜狗截图 7年01月01日0630_7.png
搜狗截图 7年01月01日0630_8.png
搜狗截图 7年01月01日0631_9.png
搜狗截图 7年01月01日0631_10.png
搜狗截图 7年01月01日0632_11.png
搜狗截图 7年01月01日0632_12.png
搜狗截图 7年01月01日0633_13.png

      

      ئەگەر بىز شۇ نەرسىلەرنى مۇشۇ يەردىلا يىغىۋىلىپ قايتا پىششىقلاپ مەھسۇلات ئىشلەپ بازارغا سالساق تۇشۇش تەننەرخى بىۋاستىلا بىزنىڭ پايدىمىزغا قۇشۇلىدۇ.
       ئەمدى بىز ئىش تەرتىپىگە قاراپ باقايلى؛ ئۇ نەرسىلەر پاكىزلانغاندىن كىيىن كۆممە قۇناقنى يانجىغاندەك ئۇششاق يانچىلىپ(粉碎器)، ئاندىن بىسىملىق قۇيۇش ماشنىسىغا(注塑机  ؛) سىلىنىپ، ئۇنىڭدا قىزىتىلىپ ئېرىتمە ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ، بىسىم بىلەن بىز تەييارلىغان قىلىپقا كىرگۈزۈلۈپ مەھسۇلات بۇلۇپ چىقىدۇ، بەك قىزىتىۋىتىلسە خۇسوسىيتى ناچارلىشىپ ناچار سۈپەتلىك سۇلياۋغا ئۆزگىرىپ قالىدۇ، قىزىتىلمىسا مەھسۇلات كەمتۈك چىقىپ قالىدۇ، قىلىپنىڭ ئادەتتە نۇرغۇن يېرىدە ھاۋا چىقىش تۈشۈكچىلېرى بۇلىدۇ،(ماشنا-موتولارنىڭ كامارلېرىدىكى سەرەڭگە تىلى چوڭلىقىدىكى ئىككى سانتىغا يىقىن ئۈسۈكچىلەر) ئەمما بىز بەك ئەنسىرىمىسەكمۇ بۇلىدۇ، بىسىملىق قۇيۇش ماشنىسىنىڭ بۇ ئىقتىدارلېرى ئاپتۇماتىك تەڭشەلگەن.
كىچىكلېرى ئاچقۇچ ياساشتا، چوڭلېرى ۋە بەزى پۈركۈگۈچلۈك ماشنىلار چوڭ بولغان نەچچە توننىلىق سولياۋ باكلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.


搜狗截图 7年01月01日0638_14.png
搜狗截图 7年01月01日0639_16.png
搜狗截图 7年01月01日0641_17.png
搜狗截图 7年01月01日0642_18.png


        بۇ نەرسىلەر ھەممىسى دىگۈدەك توك بىلەن ئېرىتىلىدۇ، سۇ باكلېرىنىڭ بۇ يەردە بەك قىممەت بۇلىشى ئاساسەن يول كىراسىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر ھىچ بولمىغاندا شۇ زاۋۇتلار بىلەن شىرىكلىشىپ ، مۇشۇ يەردە ئىشلەپچىقارسىمۇ تەننەرخى خېلى تۈۋەن بۇلىدۇ. ئازراق پۇلنى تىپىىۋالغاندىن كىيىن داۋاملىق پۇل تاپقىلى يول يوق بىكارچىلىقتا خۇتۇننى تۆت قىلىشنىڭ كويىغا چۈشكەندىن كۆرە بۇ تەبئى بايلىقلېرىمىزدىن مەھسۇلات ئىلەپچىقىرىشنى ئويلىنىپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، ‹‹سودىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ ئۆزى سىتىش›› سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپ بولغاندا ئاندىن مىليادىرلارمۇ بارلىققا كىلىدۇ.

搜狗截图 7年01月01日0653_21.png
搜狗截图 7年01月01日0653_22.png
搜狗截图 7年01月01日0652_19.png
搜狗截图 7年01月01日0653_20.png
搜狗截图 7年01月01日0658_24.png
搜狗截图 7年01月01日0657_23.png


بۇ نەرسىلەرنى مەن ئىزدىشىپ بەرسەممۇ بۇلىدۇ.

18999695431

搜狗截图 7年01月01日0638_15.png

1

تېما

3

دوست

653

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22461
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 18:17:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى سودىكەن.
پۇلى بارلار بۇ تۈرلەرگە مەبلەغ سىنىشنى ئويلىشىپ باقسا بولغۇدەك. ئۆزى قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئىش تاپالماي يۈرگەنلەردىن ئىشلەتسىمۇ بۇلىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

249

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22811
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 18:21:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىمىت  ئەپەندىم، ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر! ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە تېخنىكا جەھەتتىكى تىمىلار ئاساسەن يوق ئىدى. سىزنىڭ تۈرتكىڭىز بىلەن پەيدا بولىۋاتىدۇ. ھارمىغايسىز.
مۈمكىن بولسا مىۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى يىڭى پىتى ساقلاش ئامبىرى ياساش توغرىلىق تىخنىكىلار بولسا تونۇشتۇرۋەتسىڭىز. بۇمۇ دىھقانلار تەلپۈنىۋاتقان يىڭى بىر تۈر دەپ قارايمەن.  

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4344
توردىكى ۋاقتى: 1725
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 18:34:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
danggal0999 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-6 18:21
ئابلىمىت  ئەپەندىم، ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر! ئۇيغۇر مۇ ...

دوسلارنىڭ قوللىغىنىغا رەخمەت، مىنىڭ مىتاللورگىيەدىن ئەمىلى تەجىربەم يوق دىيەرلىك، باشقىلارنى يىزىشقا چاقىرىق قىلىپ تۇرسام بىر يىلچە ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى، شۇڭا بىلگىنىمنى يىزىپ قويدۇم.
توڭلىتىش ئىسكىلاتىنىڭ تېخنىكىسى يۇقىرى بولمىغاندىكىن دەپ ئانچە ئويلاپ كەتمەپتىمەن، بۇ جەھەتتە سەي-تاقلارغا يەنە قانداق دورىلارنى ئىشلىتىدىغانلىقى تۇغرىسىدا ئازراق ئىزدىنىپ ئاندىن يىزىپ باقاي.

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4344
توردىكى ۋاقتى: 1725
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 18:59:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-8 14:32  

http://v.baidu.com/v?word=%D7%A2 ... =0&db=0&s=0&fbl=800
بۇ يەردىن سۇلياو بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش فىلىملېرىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ.

تورداشلارنىڭ قوللىغىنىغا رەخمەت،رەخمەت، مىنىڭ ئارزويۇم بۇ زاۋۇتلار چوڭ كۈلەملىك بولمىسىمۇ رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلېرىگە قۇرۇلسا كەلگۈسى ئەۋلاتلېرىمىزنىڭ شۇ مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش ئىمكانىيتى تۇغۇلسا دىگەندىنلا ئىبارەت، كۆرگەندىن كىيىن سانائەت تۇغرىلىق ئويلاش، تەپەككۈر قىلىشقا ئاساس بولسىلا بولدى، قالغىنىنى شۇ بالىلارنىڭ ‹‹قىزىقىش››ئىسىملىك ئۇستازى بىلدۈرىدۇ.

1

تېما

2

دوست

1455

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21391
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 19:07:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش دىگەن  مۇشۇنداق بولسا  يارايسىز قىرىندىشىم

0

تېما

0

دوست

104

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   34.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11812
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 21:07:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىمىت مۇئەللىمنىڭ بۇ تىمىسىغا كۆپ تەشەككۈر . مەنمۇ بىلگەنلىرىمنى سۆزلەي ،
注塑机 ئاساسلىقى تىك شەكىللىك ۋە يانتۇ شەكىللىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ . تىك شەكىللىكىنىڭ تەننەرقى ئەرزان ئىشلىتىش دائىرسى تار . ئاساسلىقى كىچىك سايمانلارنى (سىملارنىڭ ھەرخىل ئۇلاش ئېغىزلىرى ......دىگەندەك )ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ .
يانتۇ شەكىللىكىنىڭ باھاسى قىممەترەك ئىشلىتىش دائىرسى كەڭرى . كىچىكى مىنرال سۇنىڭ ئېغىزىدىن چوڭى ماشىنلارنىڭ سوقۇلۇشتىن ساقلاش راملىرىگىچە ھەممىنى ياساشقا بۇلىدۇ .
注塑机 نىڭ چوڭ -كىچىكلىكى  قۇيۇش ئېغىرلىقى بىلەن ئايرىلىدۇ . ئادەتتە 800g لىقى بىر قېتىمدا مۇشۇ ئېغىرلىقتىن كىچىك نەرسىلەرنى قۇيالايدۇ . باھاسىمۇ قۇيۇش ئېغىرلىقىنىڭ چوڭىيشى بىلەن ئۆرلەيدۇ.
دىمەك بىز سۇلياۋ چىلەك ئىشلىمەكچى بولساق، شۇ چېلەك 1200g كەلسە بىزنىڭ زاۋۇتىمىز چۇقۇم 1200g دىن يۇقىرى بۇلىشى كېرەك .
دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەنلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى 海天 باھاسى سەل قىممەت .
قالغان قىسمىنى ئىنكاسقا قاراپ يازاي .( يېزىقچىلىقا پەقەت قابىلىيتىم يوق زاڭلىق قىلماڭلار)

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4344
توردىكى ۋاقتى: 1725
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 22:09:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
otkur341 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-6 21:07
ئابلىمىت مۇئەللىمنىڭ بۇ تىمىسىغا كۆپ تەشەككۈر . مەنمۇ  ...

ناھايتى كەسپى يىزىلىپتۇ، مەن بۇ نەرسىنى زاۋۇتلارغا بارغاندا كۆرگەنچە، شۇ ئۆرە شەكىللىكىنى كۆرگەن ئىدىم.
ھە راسىت مەن دېھقان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )