بىرىنچى ھىكايە:
سەككىز بالىسى بار بىر ئايال ھامىلدار بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈچ بالىسىنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمايدۇ، ئىككى بالىسىنىڭ كۆزى ئاجىز،بىرسىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايال ئۆزىمۇ سىبلىس كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغان.سىز بۇ ئايالغا ھامىلىنى ئالدۇرۋېتىش مەسلىھەتىنى بىرەمسىز؟
توختاڭ ،جاۋابىنى ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاپ تۇرۇڭ . ئىككىنچى ھىكايە باشلىنىپ كەتتى.
ئىككىنچى ھىكايە: ھازىر بىر نەپەر رەھبەر سايلايمىز. سىزنىڭ بىر تال بىلىتىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. تۆۋەندىكىلەر 3 نەپەر سايلام نامزاتى: نامزات A: بىر تۈركۈم سەمىمىيەتسىز سىياسەتۋازلار بىلەن باردى كەلدى قىلىدۇ،پالغا ئىشىنىدۇ. سىرتتا ئاشنىسى بار. ئاغزىدىن تاماكا غاڭزىسى چۈشمەيدىغان،كۈنىگە 8–10 رۇمكا مارتىن ھارىقى ئىچمىسە تۇرالمايدۇ. نامزات B:ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئىشتىن بوشۇتۇلغان، بىر ئۇخلىۋالسا چۈشكىچە ئورنىدىن تۇرمايدىغان ئادىتى بار.ئۇنۋېرستتېتتىكى ۋاقتىدا ئەپيۇن چەككەن،ھەر كۈنى دىگۈدەك ۋىسىكى ئىچمىسە ئۇنىمايدۇ. نامزات C: جەڭدە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ قەھرىمانلىق ئوردىنى ئالغان.تاماكا چەكمەيدۇ. بەزىدە ئازراق پىۋە ئىچىپ قويىدۇ. ئەزەلدىن نىكاھتىن سىرت تۇرمۇشى بولمىغان. ئۇلار كىم؟ نامزات A:فىرانكىلىن روزۋىلىت بۇ جاۋاپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ،ئاغزىڭىز ئېچىلىپلا قالدىغۇ دەيمەن. سىز بىزگە گىتلېرنى داھى قىلىپ سايلاپ بەرمىگەنسىز ھە؟ بىرىنچى ھىكايىدىكى ئايالغا بالىسىنى ئالدۇرۋىتىش تەكلىۋىنى بەردىڭىزما؟ مىنىڭچىمۇ بۇنىڭغا كۆپ ئويلىنىش كەتمەيدۇ. بىز سۈپەتلىك تۇغۇش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان جەمىيەتتەياشاۋاتىمىز ، مىنىڭچىمۇ ئۇنىڭ مېيىپ باللىرىنىڭ دەردى ئۆزىگە يىتىپ ئاشىدۇ ، شۇڭا ئالدۇرۋەتكەن تۈزۈك. سىزگە دىسەم سىز بۇ مەسلەتىڭىز ئارقىلىق بىتخوۋىننى ئۆلتۈرىۋەتتىڭىز. ھېلىقى ئايال داڭلىق مۇزىكانت بىتخوۋىننىڭ ئانىسى ئىدى.
ئۈچىنچى ھىكايە: بىر ساياھەت پاراخوتى دېڭىزدا ھادىسىگە ئۇچراپتۇ. پاراخوتتىكى بىرجۈپ ئەر ئايال ناھايىتى تەسلىكتە قۇتقۇزۇش كاتىرىغا يېقىنلىشىپتۇ. لىكىن كاتىردا بىركىشىلىكلا ئورۇن بار ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا ئەر كاتېرغا چىقىپتۇ. ئايال چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكۈپ كىتىش ئالدىدا ،ئىرىگە بىر ئېغىز گەپ قىپتۇ. ھىكايە مۇشۇ يەرگە كەلگندە سىزدىن سوراپ باقاي:
سىزنىڭچە ئۇئايال ئىرىگە نىمە دىگەندۇ؟
– مىنى قۇتقۇزىۋېلىڭ دىگەنمىدۇ؟ ياكى "ۋاپاسىز! ئىسىت سەن بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈمگە!" دىگەنمىدۇ؟
لىكىن ئۇ ئايال چۆكۈپ كىتىش ئالدىدا ئىرىگە: قىزىمىزغا ئوبدان قاراڭ! " دەپ ۋاقىراپتۇ. پاراخوت چۆكۈپ كەتتى، ئەر ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ، قىزىنى بېقىپ قاتارغا قوشۇپتۇ. بىر نەچچە يىلدىن كىيىن ئەر كىسەل بىلەن ۋاپات بوپتۇ. قىزى ئاتىسىنىڭ نەرسە كىرەكلىرىنى رەتلەۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۈندۈلۈك خاتېرىسىنى ئۇچرىتۇپ قاپتۇ. ئەسلىدە، دادىسى بىلەن ئاپىسى دېڭىز ساياھىتىگە چىقىشتىن ئىلگىرىلا ئاپىسى ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ،كىسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان ئىكەن.شۇڭا، ھالقىلىق پەيتتە ھاياتلىق پۇرسىتىنى ئىرىگە ئۆتۈنگەن ئىكەن. دادىسى كۈندىلىك خاتېرسىگە " سىز بىلەن بىرلىكتە چوڭقۇر دېڭىز تېگىگە چۆكۈپ كىتىشنى شۇنچىلىك خالايتتىم . لىكىن قىزىمنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۇنداق قىلالمىدىم . سىزنى دېڭىز تېگىدە يالغۇز تاشلاپ قويدۇم مىنى كەچۈرۈڭ!" دەپ يېزىلغان ئىدى. كىشىلىك ھاياتتا ،ياخشىلىق بىلەن يامانلىق،توغرا بىلەن خاتا كۆپىنچە ھالدا ئارلىشىپ ،ئىنتايىن مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇنى ئايرىۋالماق ھەقىقەتەن تەس. شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز بويىچىلا ھادىلىسىلەرگە باھا بەرسەك، ئاسانلا خاتالىشىپ قالىمىز. شەيئىلەرنىڭ بۈگۈنكى كۆرىنىشى بويىچە كەلگۈسىگە باھا بەرمەسلىگىمىز كىرەك!.
|