- تىزىملاتقان
- 2013-10-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 925
- نادىر
- 0
- يازما
- 96
ئۆسۈش
85%
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، ياخشىمۇسىلەر، بۇ تۇنجى تېما يوللىشىم. ھازىرچە مەنمۇ خاتـىرەمگە كۆچۈرىۋالغانلىرىمنى يوللاپ قوياي دىدىم. بۇ دۇردانىلەر ئىچىدىن ھايات يولىڭىزغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك بىرەر چىكىتچىلىك خەت بولسىمۇ ئۇچراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس جۇمۇڭلار.
روھىيەت دۇنيارىمىزدىكى تەپەككۇر دۇردانىلىرى:
1. مەن ماڭغانلار بىلەن بىللە مېڭىشنى خالايمەن ، ئۆتىۋاتقانلارغا قاراپ تۇرۇشنى خالىمايمەن.
2. ئۆزۈڭگە جىنايەت ئارتىۋالماي دىسەڭ ، باشقىلارغا جىنايەت ئارتما.
3. ئەڭ ئۇلۇغ ئادەم __ باشقىلارنى باسمايدىغان ھەم باشقىلارغا بېسىلمايدىغان ئادەمدۇر.
4. ئەگەر سەن مىننەت قىلىپ تۇرۇپ ، ھەسەل چىقارساڭ ، ئۇنداق ھەسەل زەھەر بولۇپ قالىدۇ.
5. بىرى سېنى مەسخىرە قىلسا ، سەن ئۇنى كەچۈر ؛ ئەمما سەن باشقىلارنى مەسخىرە قىلساڭ ، ئۆزۈڭنى كەچۈرمە.
بىرى سېنى ئازابقا قويسا ، سەن ئۇنى ئۇنتىغىن ؛ ئەمما سەن باشقىلارنى ئازابقا قويساڭ ، ئۇنى مەڭگۈ ئەستە تۇت.
6. دانىشمەنلىكنىڭ ئاساسى__ئۆز-ئۆزىنى بىلىشتۇر.
7. روھى جەھەتتىكى ئېچىرقاش__ ماددى جەھەتتىكى توقلۇقتىن ئەۋزەل.
8. ئەقىل پاراسەتتە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئادەملەر بەختسىز كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ روھى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، ئەمما كۆزلىرى دائىم ياش بىلەن تولغان بولىدۇ.
9. جاھاندا ئىككى ئۆزگەرمەس نەرسە باردۇر: __ گۈزەللىك ۋە چىنلىق.
گۈزەللىك__ئاشىق - مەشۇقنىڭ قەلبىدە؛ چىنلىق__باشتىن ئۆتكەن ئەمىلىيەت.
10. مۇھەببەت بىلەن ھەسەت ئەبەدى سۆزلەشمەيدۇ.
11. مۇھەببەت __يۈكسەك، سەزگۈر يۈرەكلەرنىڭ قىممەتلىك بايلىغى.
12. ياش بىلەن يۇيۇلغان مۇھەببەت __ساپ ۋە مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
13. مۇھەببەتنىڭ ئۆزىدىن باشقا بېرىدىغان ھىچنىمىسى يوق. مۇھەببەت پەقەت مۇھەببەتنىلا قوبۇل قىلىدۇ.
14. مۇھەببەتنى « ئۇزاق ۋاقىت بىرگە يۈرۈشتىن ۋە ئېغىزنى - ئېغىزغا يېقىشتىن پەيدا بولىدۇ » دەپ ئويلايدىغان ئادەملەر __دۇنيادىكى ئەڭ نادان ئادەملەردۇر.
15. كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى يوشۇرۇن سىرلارنى پەرەز ۋە قىياسلار بىلەن ئېچىپ تاشلىغىلى بولمايدۇ.
16. سىلەر كېچىنى دەم ئالىدىغان ۋاقىت دەيسىلەر، ئەمىلىيەتتە كېچە __ ئىزدىنىش ۋە روھلىنىش ۋاختى.
17. تىنىمسىز ئىشلىگەن چېغىڭدا ، سەن ھاياتنى ھەقىقى سۆيگەن بولىسەن.
18. ئەجىر __ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان مۇھەببەتتۇر.
19. ئەگەر ئادەمدە سۆيگۈ بولمىسا، ھەرقانداق خىزمەت مەنىسىزدۇر.
20. مۇبادا سەن تۇرمۇشنىڭ مۇشەققىتىگە چىدىماي، ھاياتنى كۈلپەت ھىساپلىساڭ ۋە تىرىكچىلىك قىلىشنى، قارغىش سۈپىتىدە پىشانەڭگە يېزىۋالغان بولساڭ، بۇ قارغىش سۆزلىرىنى____ پەقەت پىشانەڭدىكى تەرلا يۇيىۋېتەلەيدۇ.
21. «پەس ئادەملەر ھۈنەر-پەزىلەتتە باشقىلار بىلەن تەڭ كېلەلمىسە، رەزىللىكى بويىچە ئارقىدىن غاجاشقا باشلايدۇ».
22. «باشقىلارنىڭ يوشۇرۇن ئەيىبىنى تاتىلاپ ئاچسا، باشقىلارنى رەسۋا قىلىۋالغىنى بىلەن تەڭلا ئۆزىمۇ بىر ئىشەنچسىز ئادەمگە ئايلىنىپ كىشىلەر
نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ».
23. «شۇڭا پىتنە تۇغدۇرىدىغان راست سۆزدىن ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان يالغان سۆز ئەۋزەل».
24. «شۇ قوپال ئاۋاز بىلەن سەن يۈرەكنى قىرغاندەك، ھىچ كىشى گۈرجەك بىلەن تاش يۈزىدىن لاي قىرمايدۇ».
25. «نادان بىلەن سۆزلىشىپ قالغان دانا كىشى، ناداندىن ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىشنى كۈتمەسلىگى كېرەك. ئەگەر نادان كىشى دانانى سۆزدە
يېڭىۋالسا ، ئەجەپلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى تاش گۆھەرنى پارچىلاپ تاشلايدىغۇ! ».
26. «سەن سۆزۈڭنىڭ راستلىغىنى بىلمىسەڭ ئۇنى ئېيتما».
27. «بىلگىنىڭ ئاز بولسا كۆپ سۆزلىمە».
28. «گېپى تولا ئادەمگە يېقىنلاشما، گېپىڭ ئاز بولسۇن ساز بولسۇن».
29. «بۇزۇق دىلدىن ئەسلا ياخشى سۆز چىقماس».
30. «ساڭا سىر ئېيتقانغا ئىشىنىۋەرمە».
31.«ئادەمنىڭ ھايۋاندىن پەرقى سۆز بىلەندۇر».
مەنبە: تور دۇنياسىدىن تېرىۋالغانلىرىم، خالىساڭلار بىر ئوقۇپ قويۇڭلار. |
|