دەرىجىدىن تاشقىرى تەپەككۇر
دەم ئېلىشقا چىققان بىر پىشقەدەم كىشى يۇرتىغا قايتىپ بىر كىچىك بازاردىن ئۆي سېتىۋېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ،ئەسلىمە يازغاچ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزمەكچى بولۇپتۇ. دەسلەپكى بىر نەچچە ھەپتە ناھايتى ياخشى ئۆتۈپتۇ.جىمجىت مۇھىت بوۋاينىڭ كەيپىياتىغا ۋە يېزىقچىلىق قىلىىشىغا بەكمۇ ماس كەپتۇ. بىراق،بىر كۈنى بىر نەچچە بالا بۇ مەھەللىگە يىغىلىپ ،بىر كونا ئەخلەت چىلىكىنى تىپىپ ئويناشقا باشلاپتۇ. بۇ ۋاراڭ چۇرۇڭلاردىن بوۋاينىڭ كەيپى ئۇچقان بولسىمۇ يەنىلا بالىلار بىلەن چىرايلىق سۆزلىشىپتۇ:
–سىلەر ناھايتى ياخشى ئوينايدىكەنسىلەر– دەپتۇ بوۋاي، مەن سىلەرنىڭ بۇ چىلەك تىپىش ئويۇنۇڭلارنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم،مۇنداق بولسۇن ،سىلەر كۈندە كىلىپ ماڭا بۇ ئويۇننى ئويناپ بىرىڭلار، مەن سىلەرگە كۈندە ئىككى يۈەن بىرەي بولامدۇ؟ بالىلار ناھايتىى خۇشال بولۇپ تېخىمۇ روھلىنىپ ئويناشقا كىرىشىپ كىتىپتۇ. ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ، بوۋاي ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە : –يېقىندىن بېرى چىقىملىرىم سەل ئاۋۇپ كەتتى ، شۇڭا سىلەرگە كۈندە بىر يۇەن بىرەي دەپتۇ. بالىلار گەرچە ئانچە رازى بولمىسىمۇ لىكىن بۇ شەرتكە يەنىلا كۆنۈپتۇ ۋە ھەر كۈنى مەكتەپتىن يېنىپ كىلىپ بوۋاينىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ ئويۇنىنى ئويناۋېرىپتۇ. بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن بوۋاي بالىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ناھايىتى ئوڭايسىزلانغان ۋە خىجىل بولغان قىياپەتتە: –يېقىندىن بېرى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلۇمنى تاپشۇرۇپ ئالالمىدىم،شۇڭا ،ئەمدى سىلەرگە كۈنىگە پەقەت بەش مودىنلا پۇل بىرەلەيدىغان بولدۇم. كەچۈرىڭلار!–دەپتۇ. –نىمە؟ بەش مو؟ – دەپتۇ بىر بالا چىرايى ئۆڭگەن ھالدا – ياق! بولمايدۇ. بىز بەش مو ئۈچۈن جاپا چىكىپ، ئەمدى سىزگە ئويۇن كۆرسىتىپ بىرەلمەيمىز– كەچۈرۈڭ! –يۈرۈڭلار بالىلار كىتەيلى ! - شۇنىڭدىن باشلاپ بوۋاي خاتېرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.
******************************************************
ئاچچىقلىنىپ ھەل قىلغىلى بولمىغان مەسىلىنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىشى مۇمكىن.دۇنيادا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، پەقەتلا ئىشلىمەيدىغان كاللا بار.
"ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان 128 ھىكايە" دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى
|