قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2738|ئىنكاس: 38

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

7

دوست

3412

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 80
تۆھپە : 1066
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر،

مەن ئۇيغۇر ئالىمى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىگە تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە يازغان «دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم» دىگەن ماقالەمنى بۇ يىل 7-ئايدا ئېلان قىلغاندىن باشلاپ، ئالىمىمىزنىڭ يىڭى تەتقىقاتلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا سىلەرگە تونۇشتۇرىمەن دەپ ۋەدە قىلغان ئىدىم. تەلىيىمگە يارىشا، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بۇ يىل 10-ئايدا «ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى» نىڭ يىللىق يىغىنىدا سۆزلىگەن ئىلمىي دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىش ماڭا نېسىپ بولدى. بۇ دوكلاتتا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ تېخى ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنمىغان  كىشىنى ئاجايىپ ھاياجانغا سالىدىغان ئەڭ يىڭى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاشكارىلىغان. بۇ بىز ئۈچۈن ئالىمنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇردىن بۆلەك كىشىلەر تېخى بىلمەيدىغان يېڭى نەتىجىلرىدىن ئالدىنئالا ۋاقىپ بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ. مېنىڭ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقاتلىرىغا بۇرۇندىن زور ئىشتىياقىم بولغاچقا، يىغىن نەق مەيدانىدا بولالماي ئەپسۇسلىنىپ يۈرگەن مەن ئۈچۈن بۇ بىر تىپىلغۇسىز پۇرسەت بولدى. بۇ دوكلاتنى مەن ئۇيغۇر ئاكادىمىيسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئاغزاكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى شۇ پىتى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدىم. مەن ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ماڭا ئىشىنىپ تاپشۇرغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىلەرگە بىر خۇشخەۋەرنى ئالدىنئالا يەتكۈزىمەن: بۇ دوكلاتنىڭ نەق مەيدان ۋىدىئو نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە مەزمۇن كىرىشتۈرۈلگەندىن كىيىن پات ئارىدا ئۇيغۇر ئاكادىمىيسى توردا ئېلان قىلىپ تارقىتىدۇ. ھەممىڭلارنىڭ بۇ ۋىدىئونى تەققاززالىق بىلەن ساقلايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.

سىلەرنىڭ كۆرۈپ چۈشىنىشىلارغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئىشلەتكەن PPT ھۆججىتىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم، قىستۇرمىدىن چۈشۈرۋالغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى مەزمۇنغا بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ ئوقۇساڭلار تېخىمۇ ئاسان چۈشىنەلەيسىلەر. ئەمىسە دوكلات مەزمۇنى ھوزۇرۇڭلاردا:


1395443_442609715849365_1833211965_n.jpg


1-بەت
Slide1.JPG

ھەممىڭلارنىڭ قەدىم تەشىرىپ قىلغىنىڭلارغا رەھمەت! بۇ قېتىملىق ئىلمىي پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ مېنى تەكلىپ قىلغىنىغا رەھمەت! مەن  «ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى ئىلمىي يىغىنى» توغرىسىدا ئۆتكەن يىل ئاڭلىغان ئىدىم. ئەپسۇس، مەن بۈگۈنكى دوكلاتىمنى پەقەت ئېنگىلىزتىلىدا سۆزلەشكە مەجبۇرمەن، چۈنكى ئىلمىي ئاتالغۇلارغا كەلگەندە، نۇرغۇن ئۇقۇملارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى بىلمەيمەن. بىراق مەن ناھايتى ئاستا سۆزلەشكە تېرىشىمەن. بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېنگىلىزچىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا سىلەرنى چۈشىنەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن. دوكلاتىمنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرىنىڭ تېخنىكىلىقى يۇقىرىراق بولۇپ قىلىشى مۇمكىن چۈنكى مەن بۇ دوكلاتىمدىكى بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارنى بىر ئىلمىي يېغىندا سۆزلەپ شۇ يەردىن ئۇدۇللا بۇ يىغىنغا كىلىشىم، ئەمما مەن ئەڭ ئاددي ئۇقۇملار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تېرىشىمەن.
مەن ئۇزۇندىن بىرى ئاساسلىقى ئىككى چوڭ تەتقىقات ساھەسىدە ئىشلەپ كەلدىم: بىرى، غول ھۆجەيرە ساھەسى، ئىنچىكە قىلىپ ئېيتسام، بىز بەدىنىمىزدە بولمىغان ھۆجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدۇق؛ يەنە بىرى، گېندىكى كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كەمتۈكلەرنى تەتقىق قىلىش بولۇپ، تېخىمۇ ئېنىقى خوندىرىئوسوملۇق گېنلار ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بىرىۋاتىمەن.

2-بەت
Slide2.JPG

خوندىرىئوسوم بولسا ھەر بىر ھۆجەيرىدە بولىدىغان ھۆجەيرە ئاپپاراتى. ئۇلارنىڭ خوندىرىئوسوملۇق DNA يەنى mtDNA دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزىنىڭ گېنلىرى بار. بىز ئىنسانلار ۋە كۆپ قىسىم ھايۋانلارنىڭ ئەمەليەتتە ئىككى يۈرۈش گېنومى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى: يادرو گېنومى بولۇپ بىز بىلىدىغان مۇتلەق كۆپ قىسىم گېنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەنە بىرى: خوندىرىئوسوم گېنومى بولۇپ ئۇلار يادرو گېنلىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ چۈنكى ئۇلار ھۆجەيرە يادورسى ئەمەس ھۆجەيرە سىتوپلازمىسىغا جايلاشقان چەمبەر شەكىلىدىكى كىچىك DNA لاردىن ئىبارەت. ئەمما خوندىرىئوسوم بىز قىلىدىغان ھەر بىر ئىش ئۈچۈن ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغاچقا خوندىرىئوسوم گېنلىرىنىڭ ناھايتى مۇھىم رولى بار. ئاددىيسى، مەن ھازىر سىلەرگە سۆز قىلىۋاتقىنىمدا توختىماي ھاۋادىن نەپەس ئالىمەن ۋە توختىماي شۇنداق قىلىشىمغا توغرا كىلىدۇ چۈنكى مېنىڭ ھۆجەيرىلىرىمدىكى خوندىرىئوسوملار ئوكسىگېنغا ئېھتىياجلىق. خوندىرىئوسومنىڭ رولى بولسا ئوكسىگېن ۋە بىز يىگەن يىمەكلىكلەردىن كەلگەن گىلۇكوزىنى ATP دەپ ئاتىلىدىغان ئۇنىۋىرسال ھالدا بەدىنىمىز، جۈملىدىن بارلىق ھۆجەيرىلىرىمىز ھەر بىر فۇنكىسىيىسىنى ئىلىپ بىرىشتا بولمىسا بولمايدىغان بىر مولىكۇلاغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇڭىلاشقا، خوندىرىئوسوم ھاياتلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئەڭ تۈپكى بىر فۇنكىسىيەنى ئۆتەيدۇ. ئېيتقىنىمدەك، mtDNA ناھايتى پەرقلىق بولۇپ، بىز تېخى ئەمدىلەتىن mtDNA نىڭ قانداق قىلىپ فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇردىغانلىقىنى تىپىپ چىقىۋاتىمىز. دىمىسىمۇ، بۇ گېنلار يادرو گېنلىرىغا قارىغاندا تولىمۇ كېچىكىپ بايقالغان.

3-بەت
Slide3.JPG

بىز پەقەت ئانىمىزنىڭ خوندىرىئوسوملۇق گېنلىرىغا ۋارىسلىق قىلىمىز چۈنكى پەقەت تۇخۇم ھۆجەيرىسىلا خوندىرىئوسوملۇق گېننى تەمىنلەيدىغان بولۇپ مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىسپىرما ھۆجەيرىسى خوندىرىئوسوم گېنلىرى ئۈچۈن ھىچقانداق تۆھپە قوشمايدۇ. يەنە بىر قىزىقارلىق ھادېسە شۇكى، بىزنىڭ ئاتىلىق خوندىرىئوسوم گېنلىرىمىز بولمىغاچقا، خوندىرىئوسوم گېنومىدا قايتا گۇرۇپىلىشىش ۋە ئارىلاشما تەنچە بولۇش ھادېسىسى يۈز بەرمەيدۇ. ئادەتتە خوندىرىئوسوم گېنومى ئەجدادتىن ئەۋلادقا شۇ پىتى ئېرسىيەت قالىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئەمەليەتتە بۇنداق دىيىش توغرا ئەمەس، ھىچبولمىغاندا مېنىڭ تەجرىبىخانامدا بىز تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ خوندىرىئوسوم گېنومىدا يۈز بىرىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە خوندىرىئوسوملۇق گېنومنىڭ ھەر قايسى جانلىق تۈرلىرىدە تەدرىجىي تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىمىز. قىزىقارلىق يېرى، ھەر بىر ھۆجەيرىدە مىڭلىغان خوندىرىئوسوملار بولىدۇ، دەل مۇشۇ سەۋەپ بىزنىڭ ھەر بىر ھۆجەيرىمىزدە ئون مىڭ نۇسخا خوندىرىئوسوم گېنومى بار بولۇشىنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلغان. mtDNA نىڭ توساتتىن ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى ئەسلىدىن چوڭراق بولىدۇ، شۇڭا ئۇلاردا يادرو گېنلىرىغا قارىغاندا توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنلارنىڭ سانىمۇ كۆپرەك. نەتىجىدە خىلمۇ-خىل گېن ئۆزگىرىشلىرى خوندىرىئوسومدا يىغىلىپ قالىدۇ.   


4-بەت
Slide4.JPG

خوندىرىئوسوم گېنلىرىنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى ھۆجەيرىنىڭ ئېنىرگىيە ئىشلىتىش ئەھۋالىغا باغلىق دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا يۈرەك، مېڭىگە ئوخشاش ناھايتى كۆپ ئېنرگىيە ئىشلىتىدىغان توقۇلمىلاردىكى ھۆجەيرىلەر خوندىرىئوسوم ئارقىلىق ناھايتى ئاسان زەخمىگە ئۇچرايدۇ. ئۇلار تىز قېرىيدۇ، شۇڭا قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياكى قېرىلىققا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر شۇ توقۇلمىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ؛ مەسىلەن، يۈرەك تىقىلمىسى ياكى مېڭە قان-تومۇر يېرىلىش دىگەندەكلەر.

5-بەت
Slide5.JPG

بۇ خىل قېرىشقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر ئادەتتە خوندىرىئوسومدىن كىلىپ چىقىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بىز يەنە تۇخۇمدىكى توساتتىن ئۆزگەرگەن خوندىرىئوسوملۇق گېنلار ۋە ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ ئانىدىن بالىغا ئۆتۈدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىمىز. خوندىرىئوسوملۇق گېن ئۆزگىرىشلىرى بەدەننىڭ ھەر بىر قىسمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ چۈنكى بەدەندىكى بارلىق ھۆجەيرىلەر ھەر ۋاقىت ئېنىرگىيەگە ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن بۇ گېنلار دائىم ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. لىكىن بۇ گېن ئۆزگىرىشلىرى يەنىلا ئاساسلىقى ئەڭ كۆپ ئېنرگىيە ئىشلىتىدىغان ئەزالارغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەپسۇس بۇ ئەزلار بەدەندىكى ئەڭ مۇھىم ئورگانلاردىن مېڭە، يۈرەك ۋە باشقا بىر قىسىم ئەڭ زۆرۈر ئورگانلار بولۇپ قالغان.

6-بەت
Slide6.JPG

خوندىرىئوسوملۇق گېن ئۆزگىرىشلىرىنىڭ قانداق قىلىپ ئەۋلادقا ئۆتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تولىمۇ قېيىن مەسىلە چۈنكى بۇ گېنلاردىكى توساتتىن ئۆزگىرىش بىر ھۆجەيرە ئىچىدىكى ئوخشاش گېننىڭ بارلىق خوندىرىئوسوملۇق DNA نۇسخىلىرىدا تىپىلمايدۇ؛ تەپسىلي چۈشەندۈرسەم، بىر ھۆجەيرىنىڭ گېنى ئۆزگەرگەن ۋە ساغلام ئىككى خىل خوندىرىئوسوم تىپىدىن تەركىب تاپقان قىسمىدا تىپىلىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر-بىرىگە نېسبىتى كېسەلنىڭ ئىپادىلىنىشى ياكى ئىپادىلەنمەسلىكىنى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن، بۇ رەسىمدىكى قىزىل رەڭدە ئىپادىلەنگەن «ئانا»دا خوندىرىئوسوملۇق كېسەل بار، ئەمما ئۇ ئىككى قىزىغا پەقەت تۆۋەن نېسبەتتىكى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 25% ۋە 40%، گېنى ئۆزگەرگەن خوندىرىئوسوملارنىلا ئېرسىيەت قالدۇرغان. شۇڭا بۇ ئىككى قىزىدا فىنوتىپ جەھەتتىن كېسەل ئىپادىلىنىپ چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار كېسەلنى ئىككىنچى ئەۋلاقا قالدۇرغان. مەسىلەن، بۇ رەسىمدىكى ئوغۇل بالىنىڭ 85% خوندىرىئوسوم گېنى توساتتىن ئۆزگەرگەن. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، تۆۋەن چەك 50% ياكى 60% ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەگەر بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەندە يۇقىرىدىكى ئوغۇل بالىدىكىگە ئوخشاش كېسەل ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بۇ خىل خوندىرىئوسوملۇق كېسەللەرنىڭ ئېرسىيەت قىلىشى ناھايتى مۇرەككەپ بولۇپ، بالىلىرىغا ئېرسىيەت قىلىش-قالماسلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

7-بەت
Slide7.JPG

بىز بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچەپ كىلىۋاتىمىز. مەسىلەن، ئەگەر بىر ئائىلىدە بۇ خىل توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنلار بولسا ھەم بىر بالىسىغا ئېرسىيەت قالغان بولسا، كىيىنكى بالا ساغلام تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ مەسلىگە قارىتا، بىزنىڭ ئويلىغىنىمىز بولسا بىز ئالدىنئالا كېسەل ئېرسىيەت قالىدۇ دەپ پەرەز قىلساق ۋە بۇ گېندىكى ئۆزگىرىشلەرنى تۆرەلمىگە ئۆتۈشتىن بۇرۇنلا داۋالىساق بولىدۇ. بۇ خىل خوندىرىئوسوملۇق گېنلار پەقەت تۇخۇم ئارقىلىق ئېرسىيەت قالىدۇ، ئايال تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى تەمىنلەيدۇ. دەپ ئۆتكىنىمدەك، ئىسپىرمىدىن ئازراقمۇ خوندىرىئوسوم تۆرەلمىگە كىرمەيدۇ. ئانا تۇخۇمىدىكى بارلىق خوندىرىئوسوملار بالىغا قالىدۇ.  بىز مۇنداق بىر ئامالنى ئويلاپ چىقتۇق: بىز خوندىرىئوسوم گېنلىرىنى ئالماشتۇراساق بولىدىغۇ؟ مەسىلەن، بۇ بىر خوندىرىئوسوم گېنلىرىدا توساتتىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن تۇخۇم بولسا، بىز بۇ تۇخۇمنىڭ يادروسىنى ئايرىۋىلىپ ئۆزگەرگەن گېنلار جايلاشقان سىتوپلازمىسىنى تاشلىۋەتسەك، ئاندىن باشقا بىر ساغلام سىتوپلازما تەقدىم قىلغۇچى تۇخۇمدىن بىرنى تىپىپ شۇ تۇخۇمنىڭ سىتوپلازمىسى بىلەن ئانا بولغۇچىنىڭ ھۆجەيرە يادروسىنى بىرلەشتۈرسەك بولىدۇ. شۇنداق قىلساق بىز يىڭى بىر سۈنئىي ھۆجەيرە ھاسىل قىلغاننىڭ ئورنىغا، پەقەت باشقا بىر تەقدىم قىلغۇچى تۇخۇمنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ مەسلىنى ھەل قىلالايدىكەنمىز. بۇ خۇددى ئەزا تەقدىم قىلىش ياكى توقۇلما تەقدىم قىلغاندەكلا ئىش، پەقەت بۇ خىل داۋالاشتا ئۇنىڭ ئورنىغا تۇخۇم ھۆجەيرىسى تەقدىم قىلىنسىلا بولىدۇ. بۇ دەل نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان بىز تەتقىق قىلىۋاتقان نەزەرىيەدۇر. ئەلۋەتتە، بىز ئالدى بىلەن ھايۋانات مودىلىنى ئىشلىتىپ بۇ پەرىزىمىزنى سىناق قىلدۇق ۋە بۇ مەشغۇلاتنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى غەلبىلىك ھالدا مۇئەييەنلەشتۇردۇق. شۇنداق قىلىپ بىز بۇ «بىرلەشمە» تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى ئىسپىرما بىلەن ئۇرۇقلاندۇرۇپ ھاسىل بولغان تۆرەلمىنى تۇخۇم ھۆجەيرە يادروسىنى تەقدىم قىلغۇچى ئانا مايمۇننىڭ بەدىنىگە كۆچۈردۇق. بۇ رەسمىدىكىلىرى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تۇنجى قېىتم تۇغۇلغان مايمۇن بالىلىرى: مايىك ۋە چۈرەكىر. بۇ ئىككىلىىسى ئۇلارنىڭ ئانىسىنىڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسىدىكى گېنى ئۆزگەرگەن خوندىرىئوسوملار پۈتۈنلەي ئالماشتۇرۇلغاندىن كىيىن تۇغۇلغان.

8-بەت
Slide8.JPG

شۇنىڭدىن كىيىن، بىز مۇشۇ ئۇسۇلدا يەنە بىر نەچچە مايمۇنلارنى مۇۋاپىققىيەتلىك كۆپەيتتۇق. بۇ رەسىم ئۇلارنىڭ ئەمدى تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى سۈرىتى، ماۋۇ ئۇلار 3-ئايلىق بولغاندىكى سۈرەت. بىز ئۇلارنىڭ ھىچقانداق كېسىلى يوقلۇقىنى ۋە ساغلام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ خوندىرىئوسوم گېنلىرى پۈتۈنلەي ساغلام گېنلارغا ئىگە خوندىرىئوسوملار بىلەن ئالماشتۇرۇلغان، ھەم كىيىنكى مەزگىلدىمۇ بۇ خىل گېن ئۆزگىرىشلەر ئۇلاردا قايتا كۆرۈلمەيدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتپ بەردۇق. بۇ تەتقىقاتلار گانگى دەريا مايمۇنىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، نەتىجىسى 2009-يىلى ئېلان قىلىنغان. ھازىر بىز بۇ داۋالاشنى ئىنسانلار ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىز مايمۇنلاردا تەتقىقات ئىلىپ بارىمىز، مايمۇنلار ئىنسان ئەمەس-پىرىماتلار تىپىدىن بولۇپ ئۇلار بىزگە ناھايتى يىقىن بىر تۈردۇر. ئادەتتە مايمۇنلاردا مۇۋاپىققىيەت قازانغان سىناق نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىنى ئاسانلا ئىنسانلارغا كۆچۈرۈپ مۇۋاپىققىيەت قازانغىلى بولىدۇ. گەرچە تەتقىقاتقا مايمۇن مودىلىنى ئىشلىتىش ناھايتى قىممەت توختىسىمۇ، تەلىيمگە يارىشا مەن ئورىگون شىتاتىغا جايلاشقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پىرىماتلار تەتقىقات مەركىزىىنىڭ بىرىدە ئىشلەيمەن. ئۇ يەردە بىز ئىشلەتسەك بولىدىغان 2000 دىن ئارتۇق مايمۇنلار بار.

9-بەت
Slide9.JPG

بىز مايمۇنلاردا بۇ تەتقىقاتنى ئىشلەپ بولغاندىن كىيىن، ھىچبولمىغاندا بۇ تەتقىقاتنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىنسان ھۆجەيرىلىرىنى ئىشلىتىپ سىناپ بىقىش قارارىغا كەلدۇق. بۇ ئەھۋالدا، بىزگە ئىنسان تۆرەلمىسىنى بىمارغا كۆچۈرۈشكە تولۇق رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈن بىز تەن سىرتىدا بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تۆرەلمىلەرنى يىتىشتۈردۇق. بۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكا مايمۇندىكىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، خوندىرىئوسوم گېنلىرىدا توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنلارنى ئىلىپ يۈرگۈچى بىمارلارنى ۋە ساغلام سىتوپلازما ياكى ساغلام خوندىرىئوسومى بار تۇخۇم ھۆجەيرىسى تەقدىم قىلغۇچىلارنى تاپتۇق. بىز خوندىرىئوسومنى ئالماشتۇرۇغاندىن كىيىن يىتىلگەن ئىنسان تۆرەلمىسىنىڭ پۈتۈنلەي يىڭى خوندىرىئوسوم گېنلىرىغا ئىگە ساغلام تۆرەلمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردۇق ۋە بۇ تۆرەلمىلەردىن بوۋاقلارنى يىتىشتۈرۈش ئورنىغا بۇ تۆرەلمىلەردىن غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئىلىپ شۇ غول ھۆجەيرىلەردە بىر قاتار سىناقلارنى ئىشلىدۇق. بۇ يىڭى تەتقىقات نەتىجىسى «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ ماقالىنىڭ ماۋزۇسى: « خوندىرىئوسوملۇملۇق ئېرسىىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى بىخ-ھۆجەيرىلىرىنى گېنتىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش». چۈنكى بىز بىخ-ھۆجەيرىلىرى (تۇخۇم ياكى ئىسپىرما ھاسىل قىلىدىغان كۆپىيىش ئانا ھۆجەيرىلەرنى كۆرسىتىدۇ) بىلەن ھەپىلىشىۋاتىمىز، بۇ ھۆجەيرىلەر ئېنىقلا كىينكى ئەۋلادقا ئۆتىدۇ. بۇ يەردە ئەخلاق مەسلىسى بار بولۇپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەشغۇلاتلار ئەمەليەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەردە چەكلەنگەن چۈنكى ئالىملار دەسلەپتە گېنى ئۆزگەرتىلگەن ھايۋانلاردىن يېڭى قايتا گۇرۇپپىلانغان DNA نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەندە، كىشىلەر ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت كەلگۈسىدە بۇ ئىش ئىنسانلارنىڭ بېشىغىمۇ كىلىدۇ ۋە كەلگۈسىدە گېنتىكىلىق ئۇسۇلدا ئىلغارلاشتۇرۇلۇپ يىتىشتۈرۈلگەن ئىنسانلار بارلىققا كىلىدۇ دەپ ئەنسىرەشكە باشلىغان. گەرچە، بىزنىڭ بۇ ئۇسۇلدا پەقەت خەتەرلىك كېسەللەرنىڭ گېنىدىكى ئۆزگىرىشىلەرنى داۋالاشىنىلا مەقسەت قىلساقمۇ، دەپ ئۆتكىنىمدەك نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرى بىخ-ھۆجەيرىلىرى ئۈستىدىكى ھەر قانداق مەشغۇلاتنى قەتئىي چەكلەيدۇ، مەسىلەن، ئەنگىلىيە.

10-بەت
Slide10.JPG

بۇ مەشغۇلات ۋۇجۇدقا كىلىپ بىز ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ بەرگەندى كىيىن، بەزى ھۆكۈمەتلەر مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ئۆزگەرتىشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ بۇ توغرىدىكى قانۇنىنى ئۆزگەرتىشتىكى تېرىشچانلىقى مانا ھازىر ئىككىنچى يىلىغا قەدەم قويدى. بۇ قانۇن ئۆزگەرتىش پەقەت خاس ھالدا خوندىرىئوسوملۇق گېن توساتتىن ئۆزگىرىشلىرى ئۈستىدە بولىدۇ چۈنكى بىزنىڭ بۇ تېخنىكىمىز كارغا كىلىدىغاندەك قىلىدۇ. نۆۋەتتە ئەنگىلىيە كىلەر يىل ئىچىدە بۇ مەشغۇلاتنى قانۇنلۇق قىلىدىغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتىدۇ. مەن بىر نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاندىن ھايۋانات سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرىدا ئىنسسانلاردا سىناق قىلىپ مۇۋاپىققىيەت قازانغانلىقىمىزدىن ناھايتى پەخىرلىنىمەن. بىز بۇ تېخنىكا بىخەتەرلىك ۋە ئۈنۈم جەھەتلەردىن قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى بىر تېخنىكا دەپ قارايمىز.

11-بەت
Slide11.JPG

ئامېرىكىدا، مەن FDA (ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك ئېدارىسى) بىلەنمۇ ئالاقىلاشتىم ۋە پات ئارىدا كىلىنىكىلىق سىناقنى باشلاش تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ كىلىنىكىلىق سىناقنىڭ قانداق باشقۇرىلىدىغانلىقى ۋە قانداق شەرتلەر ئاساسىدا ئىلىپ بىرىلىدىغانلىقىغا قارار چىقىرىلىدىغان بىر قېتىملىق سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلماقچى. مېنىڭ كىلەر يىلنىڭ مەلۇم ۋاقتىدا بۇ كىلىنىكىلىق سىناقنى باشلاشقا ئۈمىدىم زور. مەقسىتىمىز بىز ھاسىل قىلغان تۆرەلمىلەر بىمارنىڭ تېنىگە كۆچۈرۈلىدۇ ۋە تۇغۇلغان بالىنىڭ سالامەتلىكى 3-5 ياشقىچە كۆزىتىلىدۇ. بۇ تارىختىكى تۇنجى ئېرسىي كېسەل ئىپادىلىنىپ چىقىشتىن بۇرۇن ساقايتىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى بوپ قالغۇسى.

12-بەت
Slide12.JPG

مېنىڭ تەجىرىبخانامدىكى يەنە بىر بۆلۈك تەتقىقات غول ھۆجەيرىلەر ئۈستىدە كىتپ بارىدۇ. ئېنىق قىلىپ ئيېتقاندا، بىز دەسلەپكى تۆرەلمە ھۆجەيرىلىرىنى يەنى بەدەندىكى بارلىق ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنالىش پوتىنىسئالىغا ئىگە تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى تەتقىق قىلىمىز. دەسلەپتە، مەن ھازىر ئىشلەۋاتقان پىرىمات تەتقىقات مەركىزىدىكى بىر پىرىماتشۇناس1998-يىلى يېڭى تۆرەلمىدىن ھۆجەيرە لېنىيىسى سۈپىتىدە غول ھۆجەيرىلەرنى تۇنجى بولۇپ ئايرىپ ئالغان. ئۇمۇ بۇنى ئالدى بىلەن گانگې دەريا مايمۇنىدا ئىشلەپ ئاندىن ئىنسانلاردا مۇۋاپىققىيەتلىك ئىشلەپ چىققان. بۇ ھۆجەيرىلەرنى دەسلەپكى غول ھۆجەيرىلەرگە يىتەكلىگىلى بولىدۇ. ئۇلار پەقەت سىز يول قويغاندىلا ئاندىن دىففىرىنسىئاللىنىدۇ (بولمىسا شۇ غول ھۆجەيرە پېتى ئۇزۇن مۇددەپ تۇرىۋىرىدۇ دىگەنلىك). بۇ خىل ھۆجەيرىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىغا بىمارلارنىڭ ھاجىتى چۈشىدۇ، ئۇلار بولۇپمۇ قېرىلىققا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، پاركىنسون كېسىلى (مېڭە يىگىلەش كېسىلى)، دىئابىت كېسىلى قاتارلىقلار. بىز ھازىر كېسەللەرگە يۆتكەلسە بولىدىغان ھەر خىل تىپتىكى ھۆجەيرىلەرگە ئىگە، ئەمما بىر مەسىلە بار، يەنى بىمار ئىممۇنىت سىستىمىسىنىڭ يەكلىشى. بۇ ھۆجەيرىلەر بىمار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق تۆرەلمىلەردىن كەلگەچكە ئېھتىياجلىق بىمارغا ماس كەلمەيدۇ. بەدىنىمىزدە بۇ خىل غول ھۆجەيرىلەر مەۋجۇت ئەمەس، بىز بۇ ھۆجەيرىلەرگە پەقەت ئۇرۇقلىنىشتىن كىينكى قىسقا ۋاقىتتىلا ئىگە بولىمىز، ئەمما نورمال يىتىلىش جەريانىدا بۇ ھۆجەيرىلەر دىففىرىنسىئاللىنىپ بەدىنىمىزدىكى باشقا ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنپ بولغان بولىدۇ. بۇ دەل بۇ خىل غول ھۆجەيرىلەرنى كىلىنىكىدا ئىشلىتىشتىكى ئاساسلىق توسالغۇدۇر. 2006-يىلى كىيۇتۇ ئۇنىۋىرستىتىدىكى ياپونىيە ئالىمى شىنيا ياماناكا سۈنئىي ئۇسۇلدا غول ھۆجەيرىلەرنى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ بايقىدى. بۇ ئۇسۇلدا، بەدەندىن خالىغان بىر ھۆجەيرە، كۆپىنچە ھاللاردا تېرە ھۆجەيرىسى، ئېلىنىپ بۇ ھۆجەيرىلەرگە بىر يۈرۈش مەخسۇس گېنلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق چوڭلار تېنىدىكى تېرە ھۆجەيرىسىنى تۆرەلمىدىن ئېلىنغان غول ھۆجەيرىگە ئوخشايدىغان غول ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇسۇلدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھۆجەيرىلەر تولۇق پوتىنسىئاللىق ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرىلەر (iPS) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ناھايتى كەلگۈسى پارلاق بىر ساھە بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان مىڭلىغان تەجىرىبخانىلار مۇشۇ خىل ھۆجەيرىلەرنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. ياماناكا بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن ئۆتكەن يىللىق «نوبېل مۇكاپاتى» غا نائىل بولدى. ئۇ ھەقىقەتەن بىر كۆزگە كۆرۈنگەن ياپون ئالىمى.

13-بەت
Slide13.JPG

شۇنداق قىلىپ ھازىر بىز بىمارغا ماس كىلىدىغان غول ھۆجەيرىلەرگە ئىگە بولدۇق، ئەمما ئەپسۇسكى، ئۆتكەن بىر نەچچە يىللىق تەتقىق قىلىش جەريانىدا بىز بۇ ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرىلەردە نورمال تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ناھايتى كۆپ گېنتىكىلىق بىنورماللىقلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئۇلاردا گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، پەرىزىمىزگە ئاساسەن، ئۇلار غول ھۆجەيرىگە ئايلىنىش جەريانىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ ئېپىگېنتىكىلىق ئارخىپلىرىدىمۇ مەسىلە باردەك قىلىدۇ، يەنى ئۇلاردا تېرە ھۆجەيرىسىدىن كەلگەن «خاتىرە» بولغاچقا تۆرەلمىدىن ئايرىپ ئېلىنغان غول ھۆجەيرىلەردىن پەرقلىنىدۇ. بۇ مەسلىلەر ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرىلەرنىڭ بەدەندىكى مەلۇم قىسىمغا كۆچۈرۈلۈپ كىلىنىكىلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا. شۇڭا، iPS ھۆجەيرىلىرى پەقەت تەجىرىبخانا شارائىتىدا پىترچاشكىدا كېسەللىك مودىللىرىغا ئىشلىتىلىش بىلەن چەكلەنمەكتە. دىمەك، بىز ھېلىھەم كىلىنىكا-دەرىجىسدىكى (دوختۇرخانىلاردا رەسمىي قوللىنىشقا بولىدىغان)، بىمارغا خاس غول ھۆجەيرىلەرگە ئېھتىياجلىق.

14-بەت
Slide14.JPG

مېنىڭ تەجرىبىخانامدا، بىز يىڭى بىر تۈركۈمدىكى غول ھۆجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدۇق. بۇ قېتىم بىز «تەن ھۆجەيرىدىن يادرو كۆچۈرۈش، SCNT» دەپ ئاتىلىدىغان باشقىچە بىر ئۇسۇلنى قوللاندۇق. بۇ ئۇسۇلدا بىز خۇددى ياماناكا قىلغاندەكلا بىمارنىڭ خالىغان تەن ھۆجەيرىسىنى (تېرە ھۆجەيرىسى بولسىمۇ بولىدۇ)  ئالىمىز، ئەمما گېنتىكىلىق ئۇسۇلدا تولۇق پوتىنسىئاللىقنى ئىندۇكسىيەلىمەيمىز؛ ئۇنىڭ ئورنىغا بىر بىمار ھۆجەيرىسىنىڭ ھۆجەيرە يادروسىنى ئايرىۋالىمىز ۋە بۇنى ئۇرۇقلانمىغان، يادروسى ئېلىۋىتىلگەن تۇخۇم سىتوپلازمىسى ئىچىگە كۆچۈرىمىز. مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلى، ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىسى سىتوپلازمىسىدا بىر قىسىم ماددىلار بولۇپ (بىز قايسى ماددا ئىكەنلىكىنى تېخىچە بىلمەيمىز)، بۇ ماددىلار تېرە ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى كۆچۈرۈلگەندە تېرە ھۆجەيرىسىنى ئىندۇكسىيەلەپ خۇددى يېڭى تۆرەلمىگە ئوخشايدىغان قىلالايدۇ؛ ئاندىن بىز بۇ تۆرەلمىدىن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئالالايمىز. بۇ ماددىلار ھەر قايسى جانلىق تۈرلىرىدە ئۇنىۋىرىسال تېپىلىدىغان بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا دۇنيانى زىلزىلگە سالغان كلون قوي «دولىي» مۇشۇ ئۇسۇلدا دۇنياغا كەلگەن. ئەلۋەتتە، بۇ قېتىم بىز ئىنسانلارنى كلونلاش نىيىتىمىز يوق، گەرچە كىشىلەر كلونلانغان غول ھۆجەيرە دەپ ئاتىسىمۇ، بىز پەقەت بۇ خىل غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئالماقچى، خالاس. بۇ خىل ئۇسۇل ئەمەليەتتە 15 يىل ئىلگىرى جەيمىي (جەيمىس) تومسېن تۇنجى قېتىم ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئالغاندىلا پەرەز قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما شۇنچە نۇرغۇن يىللاردىن بىرى مەغلۇپ بولدى. مېنىڭ تەجىرىبخانامدا، بىز ئۆتكەن 10-15 يىلدىن بىرى بىمارغا خاس ئىنسان غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىىپ ئىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. مەن ئەمەليەتتە بۇ تۇخۇم سىتوپلازمىسىنىڭ قانداق قىلىپ «قايتا پىروگراممىلاش» نى قوزغىتىدىغانلىغى ۋە قوللايدىغانلىغىدىن چۈشىنىشتىن ئىبارەت بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىس. ئەلۋەتتە، بىز ئىشنى يەنىلا مايمۇندا سىناق قىلىشتىن باشلىدۇق ۋە 2007-يىلى يەنى، ياماناكا ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرىلەرنى ھاسىل قىلغان ۋاقىتلاردا، بىز مۇشۇ خىل مايمۇن غول ھۆجەيرىلىرىنى تۇنجى بولۇپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ۋۇجۇدقا كەلتۈردۇق. ئەمما ئۇ قېتىم بۇ مايمۇندا ئىشلەنگەن بولۇپ، بىزنىڭ بۇ تېخنىكىنى مۇۋاپىققىيەتلىك ھالدا ئىنسانغا كۆچۈرۈشىمىزگە 5 يىل ۋاقىت كەتتى، يەنى بىز بۇ تېخنىكىغا نۇرغۇن ماسلاشتۇرۇشلارنى ئىلىپ بىرىشىمىزغا توغرا كەلدى. نەچچە ئاي ئىلگىرى، بىز بۇ نەتىجىنى «ھۆجەيرە» ژورنىلىدا ئېلان قىلدۇق. بۇ دۇنيادا تۇنجى قېتىم يادرو كۆچۈرۈش ئارقىلىق تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ قالدى.

15-بەت
Slide15.JPG

بىز بۇ خىل غول ھۆجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىشىمىز ئۈچۈن تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە ئېھتىياجلىق بولىمىز، بىزنىڭ ھەر ۋاقىت تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە تايىنىشىمىز بۇ تېخنىكىنىڭ ئاجىزلىق تەرىپى بولسىمۇ، ئەمما بىز بىر ھۆجەيرە لېنىيىسى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن پەقەت ئىككى تۇخۇم ئىشلىتىشتەك ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. قارىغاندا، بۇ ئۇسۇلدا بىمارنىڭ يېشىنىڭ كارايىتى چاغلىق بولۇپ، مەيلى ياش ساغلام كىشى ۋە مەيلى 72-ياشلىق نېرۋا كېسەللىرىگە گىرىپتار بولغۇچى بولسۇن ھەممىسىگە ماس كىلىۋىرىدۇ.

16-بەت
Slide16.JPG

ئەڭ مۇھىمى ھازىر ھەممە ئادەم بىزدىن سوراۋاتىدۇ: بۇ ھۆجەيرىلەر راستىنلا بىز يىللاردىن بىرى ئىزدەپ يۈرگەن ھۆجەيرىلەر شۇمۇ؟ ئۇلار كىلىنكا-دەرىجىسىدىمۇ؟ ئۆتكەن نەچچە ئايدىن بۇيان، بىز بۇ ھۆجەيرىلەرنى ياماناكانىڭ ھۆجەيرىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۋاتىمىز. بۇ ھۆجەيرىلەر ئوخشاس مەنبە، ئوخشاش تېرە ھۆجەيرىسى ۋە ئوخشاش بىماردىن كەلگەن. ئوخشىمايدىغان يېرى، بىز يا ياماناكانىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئالىمىز؛ يا ئۆزىمىزنىڭ تېخنىكىسنى ئىشلىتىمىز. سېلىشتۇرۇش جەريانىدا بىز ياماناكانىڭ ئىندۇكسىيەلەنگە غول ھۆجەيرىلىردە بىنورماللىق كۆرۈلگەن گېن رايونلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ سېلىشتۇرۇش ئىلىپ باردۇق. بىز ئىنسان گېنلىرىدىكى 5 مىليۇن ئىشقار رادىكالى ئۇزۇنلۇقتىكى گېنوملارنى سۈزىدىغان سىنپ (SNP) گېنوتىپلارنى ئايرىش دەپ ئاتىلىدىغان ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ بۇ ئىككى خىل غول ھۆجەيرىلەر (ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرە ۋە يادرو كۆچۈرۈلگەن غول ھۆجەيرە) نى سېلىشتۇردۇق. بۇنىڭدىن بىز ياماناكا ھۆجەيرىلىرىدە يۇقىرى نېسبەتتە بىنورماللىق بارلىقىنى، يەنە ھەر بىر ھۆجەيرە-لېنىيىسىدە 2 دىن بىنورماللىق كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. بىزنىڭ غول كلونلانغان غول ھۆجەيرىلىرىمىزدە بىنورماللىق ناھايتى ئاز كۆرۈلدى، يەنى 3 ھەسسە ئاز كۆرۈلدى. بىزنىڭ ھۆجەيرە لېنىيىمىزدە پەقەت تۆتنىڭ ئىچىدە ئىككىسىدە ئاز بىر قىسىم بىنورماللىق كۆرۈلدى، قالغان ئىككىسىدە ھىچقانداق بىنورماللىق كۆرۈلمىدى. بۇ تۇنجى قېتىم گېنتىكىلىق ئۇسۇلدا مۇشۇنداق پاكىزە (بىنورماللىق كۆرۈلمىگەن) غول ھۆجەيرىلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېپىگېنتىكىلىق جەھەتتىن قايتا پىروگراممىلىنىش بويىچە ئېيتقاندا، ئىندۇكسىيەلەنگەن تولۇق پوتىنسىئاللىق غول ھۆجەيرىلەر (iPS) دە دائىم يەنىلا «خاتىرە» ساقلانغان بولىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر ئۇلار تېرە ھۆجەيرىسىدىن كەلگەن بولسا، ئۇلار تېرە ھۆجەيرىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. بىز بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن «ئومۇميۈزلۈك مىتىللىشىش» ئارخىپىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق. بۇ ئېپىگېنتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى بىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى بولۇپ، بىز iPS ھۆجەيرىلىرى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ يادروسى كۆچۈرۈلگەن (SCNT ياكى ST) ھۆجەيرىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆردۇق ۋە خىروموسوملارنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا قاراپ چىقتۇق. بۇ يەردە كۆرسىتىلگىنى X-خىروموسوم بولۇپ، بىزنىڭ ھۆجەيرىلىرىمىزدە قايتا پىروگراممىلىنىش ناھايتى تولۇق تاماملانغان ۋە بۇ يادرو كۆچۈرۈلگەن ھۆجەيرىلەر ھەقىقىي تۆرەلمىدىن ئايرىۋىلىنغان غول ھۆجەيرىلەرگە ئوخشىشىدۇ؛ ھالبۇكى، iPS ھۆجەيرىلىرىدە ناھايتى كۆپ بىنورمال پىروگراممىلانغان رايونلار مەۋجۇت. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە گېن ئىپادىلىنىشى تەكشۈرىدىغان ئەڭ يېڭى تېخنىكا RNA-Seq نى ئىشلىتىپ، يادرو كۆچۈرۈلگەن ھۆجەيرىلەرنىڭ تۆرەلمىدىن ئايرىۋىلىنغان ھۆجەيرىلەرگە ناھايتى ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالدۇق. بۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى تۆت ھۆجەيرە لېنىيىسى، ئىككىسى كونتىرول سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما iPS ھۆجەيرىلىرىنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمغان گېن رايونلىرىدا نورمال تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىدىن كۆپ پەرقلەر بايقالدى. بىز تېخى بۇ ماقالىمىزنى ئېلان قىلمىدۇق، ئەمما ھەممەيلەن بىزدىن: بۇ ھۆجەيرىلەر زادى كىلىنىكا-دەرىجىسىدىكى ھۆجەيرىلەرمۇ؟ ئۇلارنى راستىنلابىمارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟  دىگەن سۇئاللارغا ئېنىق جاۋاپ بىرىشىمىزنى كۈتمەكتە. ھازىرغىچە كۆرگەنلىرىمىزدىن بىز: «ھەئە!» دەپ جاۋاب بىرىمىز. بۇلار ھەقىقىي غول ھۆجەيرىلەر؛ ئۇلار بەئەينى نورمال تۆرەلمىدىن ئايرىپ ئېلىنغان غول ھۆجەيرىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ يادروسى بىمار تېنىدىكى ھۆجەيرىدىن كەلگەن بولغاچقا، ئىممۇنىت جەھەتتىن يەكلەش كۆرۈلمەيدۇ. بىز ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلالىدۇق؛ بىز ئىلگىرى ھەقىقىي تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىگە ئىگە ئىدۇق، ئەمما بىمارنىڭ ئۆز ھۆجەيرە يادروسى بىلەن ئەمەس. قارىماققا، بىز ئىزدەپ كەلگەن ھۆجەيرىلەرنى تاپقاندەك قىلىمىز ھەمدە بۇ تېخنىكا قىسقا مۇدەتتە كىلىنىكىلىق سىناق باسقۇچىغا كۆچسىكەن دىگەن ئۈمىدتىمىز. بىز نۆۋەتتە بۇ ئىككى خىل ھۆجەيرىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان يېڭى ماقالىمىزنى ئالدىراش تەييارلاۋاتىمىز.

17-بەت
Slide17.JPG

خۇلاسە: ئېپىگېنتىكىلىق ۋە گېن ئىپادىلىنىش تىپىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ كلونلىغان ھۆجەيرىلىرىمىز تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇشتىن ھاسىل بولغان ھەقىقىي تۆرەلمىدىن-ئايرىۋىلىنىغان غول ھۆجەيرىلەرگە ناھايتى يىقىن.
بىز يەنە iPS ھۆجەيرىلىرىدە ناھايتى يۇقىرى نېسبەتتە گېنتىكىلىق بىنورماللىقلار بارلىقىنى ۋە بىز كلونلىغان ھۆجەيرىلەردە بىنورماللىقنىڭ ناھايتى ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردۇق.
ئەمدى بىز بۇ ھۆجەيرىلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن FDA دىن ئىجازەتنامە ئىلىش كۆپ ئاسانغا توختىسىكەن، دىگەن ئۈمىدتە. بۇ مېنىڭ تەجىرىبىخانامدا ئېلىپ بىرىلىۋاتقان ئىككىنچى تەتقىقات تۈرى بولۇپ، ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك غول ھۆجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كلون تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلگەن ئىدۇق. ئەمدى بىز بۇ نەتىجىلىرىمىزنى كىلىنىكىلىق داۋالاشتا ئىشلىتىشكە نېسىپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەپسۇسلىنارلىقى بىز ئىنسان تۇخۇمىنى ئىشلتىمىز، ئەمما شۇنىڭغا چۇشلۇق يۇقىرى سۈپەتتىكى، كىلىنىكا دەرىجىسىدىكى غول ھۆجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرىمىز.

18-بەت
Slide18.JPG

ئاخىرىدا تەجىرىبخانەمدىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. سۈرەتتىكى بۇ كىشىلەر مېنىڭ تەجىرىبخانامنىڭ ئەزالىرىدۇر. مەن يەنە بىر قانچە كىلىنىكا فاكۇلتىتلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىمەن. مەسىلەن، بىز تۇخۇمغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، بىز تۇغۇت ئىلىمى فاكۇلىتىتىدىكىلەردىن ياردەم سورايمىز، ئۇلار بىزگە بىمارلارنىڭ تۇخۇملىرىنى يىغىپ بىرىدۇ. مەن NIH (ئامرىكا ساغلاملىق ئېنىستىتۇتى) نىڭ تەتقىقات مەبلىغىگە ئېرىشىپ تۇرىمەن. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، NIH پەقەت ھايۋانلاردىكى تەتقىقاتلارغىلا مەبلەغ سالىدۇ، ئىنسانلاردىى تەتقىقاتلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. شۇڭا، بىز يەنە فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىرتىدىكى بىر قىسىم شەخسىي فوندلاردىنمۇ مەبلەغكە ئېرىشىمىز.
بۇلار مەن قىلىۋاتقان تەتقىقاتلارنى قىسقىچە خۇلاسىسى. سىلەر ئۈچۈن بەك تېخنىكىلىقى يۇقىرى بولۇپ كەتمىگەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر قانداق سۇئاللىرىڭىلار بولسا سورىساڭلار، مەن داۋاملىق خۇشاللىق بىلەن جاۋاب بىرىمەن.


تۈگىدى.

بىلگەجان
2013-يىلى كۆنەكنىڭ 6-كۈنى

ئەلقانات

0

تېما

11

دوست

4690

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 141
تۆھپە : 1308
توردىكى ۋاقتى: 566
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە سىزگە ئەڭ سەمىمى تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. شۇنداقلا ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق، تېنىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

uyghur

22

تېما

1

دوست

5821

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   16.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4471
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1283
تۆھپە : 911
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمىمىزنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن!

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 2839
توردىكى ۋاقتى: 1028
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا يېزىلغان، بۇنداق يۇقىرى  سۈپەتلىك ئىملىي ماقالىلەرنىمۇ كۆرگىلى بۇلدىكەن.مەن بۇ يازىمنى كۆرۈپ بەكلا خۇرسەن بولدۇم.بىلگە جان سىزنىڭ روھىڭىزدىن بەكلا تەسىرلەندىم. سىزدەك مىللىتى ئۈچۈن بۇنداق ياخشى ئىش قىلىدىغان زىيالىلار كۆپ ئەمەس.مەن بىر ئاددى بىر باغۋەن .سىزنىڭ ھەربىر يازمىڭزىنى بۇلۇپمۇ ئالىملىرىمىزنى تونۇشتۇرۇغان ھەربىر يازمىڭىزنى  ئىز قوغلاپ بىرنىمۇ قويماي ئوقۇپ چىقىمەن .ئازراق بولسىمۇ سەبىي بالىلىرىمىغا ،ئاددى قىلىپ   سۆزلەپ بېرىمەن.

17

تېما

7

دوست

3412

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 80
تۆھپە : 1066
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-بەت
ئېزاھات: دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ گەرچە بۇ قېىتىم ئۇيغۇر تىلىدا دوكلات بەرگۈسى بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن بىئولوگىيىلىك ئاتالغۇلار بولۇپمۇ ئۇ تەتقىق قىلىۋاتقان غول ھۆجەيرە ساھەسىدىكى ئۇقۇملارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلپ بولۇش ماڭا ئوخشاش تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان ئادەم ئۈچۈنمۇ ناھايتى تەس كىلىۋاتقان يەردە ئۇنى توغرا چۈشەنسەك بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ دوكلاتىنى ئېنگىلىزچە ئاڭلاپ شۇنچىلىك ئوبدان چۈشەندىم، ئەمما ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بولۇپ ئوقۇسام ھەتتا ئۆزەمگە نېسبەتەنمۇ ئېنگىلىزچىدەك راۋان ئەمەس، بىر يەرلىرى چۈشىنكسىزراق چىقىپ قالغاندەك بىلىندى. كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ئاممىباپراق تەرجىمە قىلىشقا تېرىشىش بىلەن بىرگە، كەڭ بىئولوگىيە كەسپى ساھەسىدىن سىرىت ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇنداق دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەدىكى تەتقىقات دوكلاتىنى ياخشى ھەزىم قىلالىشى ئۈچۈن ھەر بىر بەتتىكى مەزمۇنلارغا ئىزاھات يېزىشنى لايىق كۆردۈم.

17

تېما

7

دوست

3412

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 80
تۆھپە : 1066
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       
2-بەت
ئېزاھات: ئاۋۋال، ھۆجەيرە دىگىنىمىز جانلىق تېنىنى تۈزىدىغان ئەڭ كىچىك جانلىق بىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئىنسانلارغا نېسبەتەن (بۇ ماقالىدىكى بارلىق ھۆجەيرىگە مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلىرىم پەقەت ئىنسان ۋە يۇقىرى دەرىجلىك ھايۋانلارغا ماس كىلىدۇ)، بىز بەدىنىمىزدىكى مىليونلىغان ھۆجەيرىلەرنىڭ توپىدىن ئىبارەت. خۇددى بىر ئۆي سېلىشقا نۇرغۇن خش كەتكەندەك ئىنسانغا ئوخشاش مۇرەككەپ جانلىقلار نۇرغۇنلىغان ھۆجەيرىلەردىن تۈزۈلىدۇ ياكى ھەرە كۆنىكىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرسىڭىز ھەر بىر ئايرىلىپ تۇرغان بوشلۇقنى بىر ھۆجەيرىگە ئوخشىتىش مۇمكىن. ھۆجەيرىلەر ناھايتى كىچىك بولغاچقا كۆپىنچە ھۆجەيرىلەرنى ئاددى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، پەقەت مىكروسكوپ ئاستىدا كۆرۈشكە بولىدۇ. ھۆجەيرىلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ خىل بولۇپ تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكىسىيسى ئوخشىشىپ قالىدىغان بەدەندىكى بىر ئەزاغا جايلاشقان ھۆجەيرىلەر توپىنى توقۇلما دەيمىز، توقۇلمىلار بىرلىشىپ بەدىنىمىزدىكى ئەزا، ئورگانلارنى تۈزىدۇ. ھەر بىر ھۆجەيرىنىڭ تېشىدا بىر پەردىسىمان قوش قەۋەتلىك تۈزۈلۈش بولۇپ بىر ھۆجەيرىنى يەنە بىر ھۆجەيرىدىن ئايرىپ تۇرىدۇ، بۇ تۈزۈلۈش ھۆجەيرە پەردىسى دېيىلىدۇ. ھۆجەيرە ئىچىدە زىچلىقى يۇقىرى تەخمىنەن ئىللپىس ياكى يۇمىلاقراق شەكىلدىكى بىر رايون بولۇپ بۇ ھۆجەيرە يادروسى دىيىلىدۇ. ھۆجەيرە يادروسى ئىچىگە بىزنىڭ كۆپىيىشىمىز ۋە ئەجدادنى ئەۋلادقا تۇتاشتۇرىدىغان ۋە بارلىق ئېرسىي بەلگىلەرنىڭ ئاساسى بولغان ئېرسىيەت ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان خىروموسوملار، دىمەك ئېرسىي ماددا DNA (گېن دىگىنىمىز دەل مۇشۇ DNA نىڭ پارچىلىرىدۇر) ۋە ئۇلارنى باغلاپ تۇرىدىغان ئاقسىللار بولىدۇ. ھۆجەيرە يادروسىنىڭ تېشى ھۆجەيرە پەردىسىنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ھۆجەيرە رايونلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ سىتوپلازما دەپ ئاتىلىدۇ.




سىتوپلازما ئىچىگە نۇرغۇن ھۆجەيرە ئاپپاراتلىرى ماكانلاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بۇ تېمىدا ئېلىنغان خوندىرىئوسومدىن ھەر بىر ھۆجەيرىدە ناھايتى كۆپ نۇسخا مەۋجۇت بولىدۇ ۋە توختىماي ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىدۇ. قان ئارقىلىق بەدەننىڭ ھەممە يەرلىرىگە يەتكۈزۈلگەن ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بىز سۈمۈرگەن ئوكسىگېننىڭ ياردىمى بىلەن خوندىرىئوسوم ئىچىدىكى ناھايتى مۇرەككەپ بىر قۇرۇلمىدا ئوكسىدلاش-ئوكسىدسىزلىنىش رىئاكسىيسىگە كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىكتىرون زەنجىرى دەپ ئاتىلىدىغان بىر سىستىمىلىق رىئاكسىيەلەر توپلىمىدىن ئۆتۈپ ئاخىرىدا ئىسسىقلىق ۋە پارچىلانغاندا يۇقىرى مىقداردا ئېنىرگىيە قويۇپ بىرىدىغان ATP دەپ ئاتىلىدىغان ماددىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بىز ھەر بىر ھەرىكەت ئۈچۈن خوندىرىئوسومدا ئىشلەنگەن ATP نى پارچىلاش ئارقىلىق ھەرىكەت قىلالايمىز. خوندىرىئوسومنىڭ رەڭگى ناھايتى قېنىق بولۇپ، ئادەتتە كاتەكتە بېقىلغان قۇش بىلەن دالىدا بېقىلغان قۇشنىڭ گۆشىنى پاچاق گۆشنىڭ رەڭگىنىڭ قېنىق سۇسلىقىغا قاراپ پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ چۈنكى ھەرىكەتنى كۆپ قىلغان پاچاق مۇسكۇلىدا خوندىرىئوسوملارنىڭ سانى كۆپرەك بولىدۇ، دىمەك قېنىق رەڭللىك پاچاق بولسا دالىدا ھەرىكەتنى كۆپ قىلغان قۇشتىن كەلگەن بولىدۇ. ئادەتتە، 99% تىن كۆپ گېنلار پەقەت ھۆجەيرە يادروسىدا ساقلانغان بولىدۇ. ھۆجەيرە ئاپپاراتلىرى ئىچىدە پەقەت خوندىرىئوسوملا بىر يۈرۈش كىچىك گېنلارنى ئىلىپ يۈرىدۇ، بىز بۇ گېنلارنىڭ فۇنكىسىيىسىنى ئەمدى بىلىشكە باشلاۋاتىمىز.

17

تېما

7

دوست

3412

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 80
تۆھپە : 1066
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3-بەت

ئېزاھات: بىز ھەممىمىز ئانىمىزدىن كەلگەن تۇخۇم ھۆجەيرىسى بىلەن ئاتىمىزدىن كەلگەن ئىسپىرما ھۆجەيرىسىنىڭ بىرلىشىشىنىڭ مەھسۇلى. بىزدىكى ئاساسەن ھەممىسى دىگۈدەك ئېرسىي بەلگىلەر مۇشۇ ئىككى ھۆجەيرىدىن ئورتاق كەلگەن بولىدۇ. ئەمما ئىسپىرما تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كىرىپ ئۇرۇقلاندۇرالىشى ئۈچۈن چوقۇم تۇخۇم بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇچرىشالىشى كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسپىرمىنىڭ ئۈزۈپ يۈرۈشىگە ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىسپىرما ھۆجەيرىسىنىڭ قۇيرۇق قسىمى ناھايتى كۆپ خوندىرىئوسوملاردىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ، شۇنداق بولغاچقا ئىپسىرما قۇيرۇقى خوندىرىئوسوم ئىشلىگەن ئېنرگىيەدىن پايدىلىنىپ تەخمىنەن ھەر مېنۇتىغا 3 مىللمىتىر ئارىلىققا ئۈزۈپ بارالايدۇ. ئەگەر ئەرلەردە ئىسپىرمىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى تۆۋەن بولسا تۇغماس بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئىسپىرما قۇيرۇقىدىكى خوندىرىئوسوملار بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار. ئەمما بۇ خوندىرىئوسوملار ئىسپىرما تۇخۇم ئىچىگە كىرىشتىن بۇرۇن ئىسپىرمىنىڭ باش قىسمىدىن سىيرىلپ كىتىدۇ ۋە پەقەت ئىسپىرما يادروسى بولغان ئىسپىرمىنىڭ باش قىسمىلا تۇخۇم ئىچىگە كىرىدۇ. دىمەك ئىسپىرما ھۆجەيرىسى خوندىرىئوسوملىرىنى بىللە ئىلىپ كىرمەي، تېشىدا قويۇپ كىرىدۇ. ئىسپىرمىنىڭ ئىلىپ كىرىدىغىنى ئۈچ مۇھىم نەرسە بولۇپ، بۇنىڭ بىرى تۇخۇمىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ ئۇرۇقلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى سېگنال مولىكۇلىلار؛ ئىككىنچىسى، ئاتىلىق ئېرسىي ماددا؛ ئۈچىنچىسى، تۇخۇم بىلەن ئىسپىرما بىرلىشىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان مەركىزى تەنچە دەپ ئاتىلىدىغان قىسىمنى ئىلىپ كىرىدۇ. شۇنداق بولغانكەن، بىزنىڭ خوندىرىئوسوملىرىمىز پەقەت ئانىمىزدىن ئېرسىيەت قالىدۇ.
ئاندىن بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان قايتا گۇرۇپپىلىشىش ۋە ئارىلاشما تەنچە ھادىسىسى تۇخۇم بىلەن ئىسپرما بىرلەشكەندە يادرودىكى گېنلاردا يۈز بىرىدىغان ھادىسىلەر بولۇپ، قايتا گۇرپپىلىشىش دىگىنىمىز ئاتىدىن كەلگەن خىروموسوم بىلەن ئانىدىن كەلگەن خىروموسوم بىرىكىپ بىر جۈپ ھاسىل قىلىش جەريانىدە يىقىن كەپلا بىرى ئىككى بولماستىن خۇددى قوللىرىنى بىرىگە گىرەلەشتۈرگەندەك ھالەتتە چىرمىشىپ جۈپ تۈزىدۇ، بۇ جەرياندا بىر خىروموسومغا يەنە بىر خىروموسومنىڭ بىر رايونى قوشۇلۇپ قېلىپ ئەسلىدە يوق بولغان گېنلارنىڭ پەيدا بولۇپ قىلىش ھادېسىسىنى كۆرسىتىدۇ.





بىزدە ئوخشاش گېندىن بىر جۈپتىن بار بولۇپ، بىرى ئاتىدىن يەنە بىرى ئانىدىن كەلگەن بولىدۇ ۋە بۇلار تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار ئاشكارا گېن ۋە يوشۇرۇن گېن دەپ بۆلۈنىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئاتا ۋە ئانا ئىككىلى تەرەپتىن كەلگەن گېن ئوخشاشلا ئاشكارا گېن ياكى ھەر ئىككىلىسى يوشۇرۇن گېن بولۇپ قالسا بىز بۇنى ساپ تەنچىلىك دەپ ئاتايمىز؛ ئەكسىچە، بىر ئاشكارا گېن بىلەن بىر يوشۇرۇن گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بىرىدىغان بولۇپ، بۇ دەل ئارىلاشما تەنچە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يەردىكى ئاشكارا، يوشۇرۇن دىگەنلىك گېن ئىپادىلىنىپ چىقىپ فىنىوتىپ (بىزدىكى بارلىق ئېرسىيەتلىك بەلگىلەر، ئالاھىدىلىكلەر) نى بەلگىلەيدۇ. ئادەتتە بىر جۈپ تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار ئىچىدە بىر تال ئاشكارا گېن بولسىلا فىنوتىپ ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ، ئەمما يوشورۇن گېن بولسا ئۇ ھالدا بىر تال بولسا كۇپايە قىلمايدۇ، پەقەت بىر جۈپ تەڭ ئورۇنلۇق گېننىڭ ھەر ئىككىلىسى يوشۇرۇن گېن بولسا ئاندىن ئاشكارىلنىپ فىنوتىپ بولۇپ ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ئادەتتە ئاشكارا گېنلار چوڭ ھەرىپ بىلەن يېزىلىدۇ، يوشۇرۇن گېنلار بولسا كىچىك ھەرىپلەر بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن: Aa

خوندىرىئوسوملۇق گېنلاردا ئاتا ۋە ئانىنىڭ كەلگەن گېنلارنىڭ بىرلىشىشى مەۋجۇت بولمىغاچقا، شۇنىڭغا ماس قايتا گۇرۇپپىلىشىش ۋە ئارىلاشما تەنچىلىك بولۇش ھادېسىسىمۇ كۆرۈلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خوندىرىئوسوملۇق گېنلار ناھايتى قىسقا ۋە تۈزۈلۈشى بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، يادرو گېنلىرىدەك مۇرەككەپ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشنى ھاسىل قىلمايدۇ. بۇ يەردە گېن دىگىنىمىز تەكشىلىكتە قوش بۇرمىلىق
تۈزۈلۈش ئىگە يادرو كېسلاتاسى DNA ياكى DNA پارچىلىرىنى كۆزدە تۇتىمىز.

17

تېما

7

دوست

3412

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 80
تۆھپە : 1066
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4-بەت
ئېزاھات: ئادەتتە بەدىنىمىزدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئېنىرگىيەگە بولغان ئېھتىياجى ئوخشاش بولمايدۇ، مېڭە، يۈرەك ۋە سۆڭەك مۇسكۇلى قاتارلىق ئۈچ ئەزانىڭ ئېنىرگىيەگە بولغان تەلىپى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ چۈنكى بۇ ئەزالار ئېنىرگىيە ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق فۇنكىسيەلەرنى ئىلىپ بارىدۇ. ئېنىرگىيە دىگىنىمىز كۆپىنچە ۋاقىتتا بىز يىگەن يېمەكلىكلەردىن گلۇكوزا، ئامىنو كېسلاتالىرى، ماي كېسلاتارلىرى ...قاتارلىقلار سۈپىتىدە قانغا قوبۇل قىلىنغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ ھەر قايسى ئەزالارغا تارقىلىشىنى ۋە ئاخىرىدا ھەر بىر ھۆجەيرىنىڭ ئىچىدىكى خوندىرىئوسومغا يىتىپ بىرىپ ياكى شۇ يەردە پىششىقلاشتن ئۆتۈپ خوندىرىئوسومدىكى ئېلىكتىر زەنجىرلىرىنىڭ ياردىمىدە يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك ئۇنىۋىرىسال ماددا ATP يەنى ئادىنوزىن تىرى-فوسفاتنى ئىشلەپچىقىرىشنى كۆزدە تۇتىمىز. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئورگانلار ئىچىدە مېڭە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولۇپ پەقەت گلۇكوزىنىلار ئېنرگىيە سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ، باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى مېڭە بىۋاستە ATP غا ئايلاندۇرالمايدۇ. بەدەندە ئازراق بولسىمۇ گىلۇكوزا بولسىلا چوقۇم ئالدى بىلەن مېڭىنى تەمىنلەيدۇ. ئاندىن قالسا باشقا ئەزالارغا بارىدۇ. يۇقىرى مىقداردا ئېنىرگىيە ئىشلەتكۈچى ئەزالارنى تۈزگۈچى ھۆجەيرىلەردە كۆپ مىقداردا خوندىرىئوسوملار بار بولىدۇ ۋە سانىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە ئىش مىقدارىنىڭ ئېغىر بولۇشى تۈپەيلى بۇ ئەزالاردىكى خوندىرىئوسوملۇق گېنلار ئاسانراق زەخمىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

17

تېما

7

دوست

3412

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 80
تۆھپە : 1066
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر تېخى بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. ئامېرىكىدا دوختۇرلار HIV نى ئىشلىتىپ كېسەل داۋالاپتۇ!!!
http://loiter.co/v/doctors-take- ... ect-hiv-into-dying/
بۇ ئۇسۇل پەقەت ئۆلۈپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان راك كېسەللىرىگە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل گېنتىكىلىق ئۇسۇلدا ياساپ چىقىلغان HIV ۋىرۇسى كېسەل پەيدا قىلمايدىكەن؛ ئەكسىچە، بەدەندىكى T ئۆلتۈرگۈچى ئىممۇنىت ھۆجەيرىلىرىنى قوزغىتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، شۇ ئارقىلىق T ھۆجەيرىلەر راك ھۆجەيرىلىرىنى تىزلىكتە ئۆلتۈرۈپ راكنى داۋالىيالايدىكەن. يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتا كۆرسىتىلگەن ۋىدىئودا بىر ئاق قان راكىغا گىرىپتار بولغان ئوغۇل بالا ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغاندا بۇ ئۇسۇلدا داۋالىنىپ مۆجىزىلىك ھالدا پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكەنلىكى سۆزلىنىپتۇ. بەكلا ھەيران قالدىم...

0

تېما

1

دوست

1816

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   81.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18201
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 396
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە بىلگەجان دوكتۇ،سىزنىڭ بىزنى ئالىمىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىللىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى ئېلىپ كەلگىنىڭىزگە؟
ئاخردا سىزنىڭ تېنىڭىزگە سالامەتلىك تەتقىقاتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )