قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1209|ئىنكاس: 9

كانسۇ بازارىنىڭ «لەيلىمە نوپۇستكى كىشىلەرنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

98

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   32.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23678
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
          
               كانسۇ بازارىنىڭ «لەيلىمە نوپۇستكى كىشىلەرنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش
                       خىزمىتىنى كۈچەيتىش، يولغا قويۇش پىكىرى
                                       لاھىيەسى ( سىناق نۇسقا )
     

        كانسۇبازىرىمىزنىڭ لەيلىمە نوپۇستىكى كىشىلەرنىڭ نوپۇسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇقېلىپلاشتۇرۇش، ئۇلارغا ئۇنۋېرسال مۇلازىمەت قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، جەمئىيەتنىڭ ئېناق تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، كانسۇ بازىرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا تۆۋەندىكى يولغا قويۇش پىكىرى ئالاھىدە تۈزۈپ چىقىلدى.


1.   مۇلازىمەت ئوبېيكتىنى باشقۇرۇش.

        مەزكۇرپىكىر بولسا لەيلىمە نوپۇستىكىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، كانسۇ نوپۇسىغا ئىگەبولغان، لىكىن كانسۇ بازىرىمىزدىن ئايرىلغىنىغا 3 ئايدىن يۇقىرى بولغان ھەمدەئەسلى ئولتۇراقلاشقان ئورۇن ۋە كۆچۈپ كىرگەن ئورنى كانسۇ بولغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.


2.   باشقۇرۇش مۇلازىمەت پىرىنسىپى.

        كانسۇبازىرىمىزدىكى لەيلىمە نوپۇستىكىلەر كۈچمە ئىجتىمائىي باشقۇرۇش مۇلازىمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاۋالقى نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇندىن ئورتاق باشقۇرۇلىدۇ.


3.   مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى.

(1)  بازارلىق ساقچىخانا

‹1› نوپۇس يۆتكەپكىرىش شەرتىنى ئېنىق بەلگىلەش. تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىسىگە ئۇيغۇن بولسا كانسۇنوپۇسىغا يۆتكەپ كىرىشكە بولىدۇ:

1 كانسۇ بازىرىداخىزمەت قىلغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقانلار ھەمدە ئەمگەك توختامى بولغان، باج تاپشۇرۇش ئىسپاتى بولغان، ياشانغاندا بېقىنىش سۇغۇرتىسى ئىسپاتى بولغان كىشىلەر؛ 2 توي قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، كانسۇلۇققا ياتلىق بولۇپ كەلگەنلەر.

‹2› ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئايرىلىپ تۇرغان بولسا، يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنى ئايال تەرەپنىڭ نوپۇسىغا ئېلىش ئاساس قىلىنىدۇ.

‹3› يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى نوپۇسقا ئېلىش ئېشىنى بىجىرگەندە چوقۇم بازارلىق پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىنىڭ قوشۇلغان تەستىق ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش ئىسپاتىغا چوقۇم پىلانلىق تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئىمزا قويۇپ تامغا بېسىلغان بولىشى كېرەك. بازارلىق ساقچىخانا چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىغا قارىتا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرۇشى كېرەك.

‹4› ئىجتىمائىي رايون ساقچىخانا ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى خادىملار چوقۇم قەرەللىك تۈردە ئاھالەكومىتېتىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەسئۇل كادىرلار بىلەن ئالاقە باغلاپ،رايونىمىز تەۋەسىدىكى كىشىلەرنىڭ نوپۇس يۆتكەش ۋە ئەمەلىي بار بولغان نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىشلار ئۈستىدە پىكىرلىشىپ تۇرۇشى كېرەك.   

(2)  بازارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت پونكىتى.

‹1› تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى بانكا كارتىسى ئارقىلىق تارقىتىشتىن بىر يىلدا ئىككى قېتىم نەق پۇل تارقىتىشقا ئۆزگەرتىش، بۇ ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ سىرتقا چىقىپكەتكەنلەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلىشكە ماسلىشىشى كېرەك. كانسۇ بازارىرىدىكى سىرتقا چىقىپ كەتكەن كىشىلەر كاپالەت پۇلىنى ئالغاندا چوقۇم تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ ئولتۇراقلىشىش ئىسپاتىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك. بۇ  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلىشىگە پايدىلىق.

‹2› كاپالەت پۇلى تارقتىلغان ۋاقىتتا بازىرىمىزدىكى سىرتقا چىقىپ كەتكەن كىشىلەر چوقۇم كىرىمئىسپاتىنى كۆرسىتىشى كېرەك. يەنى ئىسپاتقا چوقۇم تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى يېزا-بازار،ئاھالە كومىتېت، ساقچىخانىنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولىشى كېرەك.

‹3› كاپالەت پۇلى تارقىتىلغان ۋاقىتتا بازىرىمىز تەۋەسىدىكى سىرتقا چىقىپ كەتكەن كىشىلەر چوقۇم نوپۇس دەپتىرى، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئىسپاتى ۋە ۋاكسىنا ئەملەش ئىسپاتىنى ئېلىپ كېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ سىرتقا چىقىپكەتكەن كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى ۋەۋاكسىنا ئەملەش ئەھۋالىنى ئىگىلىشىگە پايدىلىق.

(3)بازارلىق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى.

‹1› نوپۇس باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، سىرتقا چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئاشۇرۇپ پەرزەنت كۆرۈش ھادىسىسىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كانسۇ بازىرىمىزدىن كۆرسەتكۈچ ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىش، سىرتتىن كۆرسەتكۈچ ئېلىپ كانسۇ نوپۇسىغائالدۇرماقچى بولغانلار بولسا،رەسمىيتى  بىجىرىلىپ بىرىلمەيدۇ ،‹2› لەيلىمە نوپۇستىكىلەر تۆۋەن تۇرمۇشكاپالەت پۇلى ئالغىلى كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تەشكىل تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارغا تۇغۇتتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ھامىلدرلىق، تۇغۇت ئەھۋالى ۋە سالاھىيەت تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پىلاندىن ئاشۇرۇپ تۇغۇش ئىشلىرىغا قارىتا ياخشى تەدبىر قوللىنىش كېرەك.

4.مەزكۈر يولغاقويۇلۇش پىكىرى 2013- يىل 11- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

4

تېما

0

دوست

3482

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1153
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 732
تۆھپە : 589
توردىكى ۋاقتى: 593
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نە ئۇ كانسۇ بازىرى دىگەن ؟
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

848

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   69.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1356
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 61
تۆھپە : 219
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كان بىلەن سۇ جىق بىر بازار

1

تېما

0

دوست

294

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12329
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 91
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمقى دەۋىردە بىر ئەۋلىيا ئۇ جايدىن كان قازغان، نەتىجىدە كاندىن بايلىق چىقماي سۇ چىققان، شۇنىڭ بىلەن بۇ بازار كان+سۇ=كانسۇ دەپ ئاتىلىپ كەلگەن!

0

تېما

0

دوست

710

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 204
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كانسۇدا  ھەقىقەتەن كان جىق ،  ئەمما سۇ جىق ئەمەس .
ئۆز ۋاختىدا كانسۇ كۆمۈر كىنى قەشقەر ۋىلايىتىنى كۆمۈر،توك ۋە سىمۇنىت بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. كىيىن  ۋەيران بولۇپ كەتتى.
ھازىر شىنجاڭغا مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەر قايتىدىن مەبلەغ سىلىپ كاننى ئەسلىگە كەلتۇردى.

1

تېما

38

دوست

4811

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   93.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1014
تۆھپە : 1124
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقتىسادى ئەھۋالى قانداقراقتۇ بۇ جاينىڭ ؟
كان جىق بولغىنى بىلەن خەلىق نامرات تەتۈر تاناسىپ ئەمەستۇ ؟

7

تېما

1

دوست

5247

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1088
يازما سانى: 592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 211
تۆھپە : 1409
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوپۇس ساقچىسى mail دا باشلىقىغا يوللايمەن دەپ باغداشقا يوللاپ ساپتۇ! توغرا چۈشىنىڭلار،...

0

تېما

0

دوست

536

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   7.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22200
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كان جىق بولغىنى بىلەن خەلق نامرات،ھەممە يەر تاغ،تاشلىق ،يەرئاستى لىق بايلىق.ئۇيەردىكى ئادەملەرنىڭ كۆپنچىسى دىگدەك كۆچمەن بولۇپ چىققان ئشچىلار.تۇرمۇشى نامرات.شارائىت ناچارراق،شامال ،بوران ئۇچۇپ تۇردۇ.كۆمۈر،تۆمۇر،سىمنوت توشۇيدىغان ماشىنلار مىڭىپ تۇردۇ.20-30-يىل ئىشلىگەن ئشچىلار ئش ئورنىدىن قالدى(شاڭاڭ بولدى)ئۇنىڭ ئورنىغا قۇلقىمىز ئاڭلىمغان،كۆزمىز كۆرۈپ باقمىغانلار خاڭجاڭ بولۇپ ئىشلەپ بولدى.
ئۆزنىڭ ياشلىقنى ،قىرانلىقنى ،كۈچ قۇۋتىنى كاڭسۇغا بەرگەنلەر ھازىر چىشى قالمىغان بوۋاي بولدى.تاغار كۆترىپ كۆمۈر توشغان ئشچان،بەردەم يىگتلەرشاڭاڭ بولۇپ سەرسان بولدى.بۇنىمە گەپتۇ دەپ ھەيران بولماڭ..! كاڭسۇ دىگەن قانداق جاي ئشلىگەنلەر بارمۇ دەپ سوراپ باقساق ھەممە ئىش ئايان بولدى.

0

تېما

0

دوست

848

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   69.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1356
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 61
تۆھپە : 219
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خابانىڭ سۈيى جىققۇ

2

تېما

0

دوست

98

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   32.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23678
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 15:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن بىلىدىغانلار مەسلىھەت بەرسەڭلار ، بۇ لاھىيە قانۇنغا، سىياسەتلەرگە ئۇيغۇنمۇ، نوپۇسقا ئورۇنلاشتۇرۇش كانسۇدىكى بىر تەس ئىش بولۇپ قالدى، بۇ تەدبىر بىلەن نوپۇسقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئىشى تىخىمۇ تەسلەشتى، دىمەكچى بالىنى نوپۇسقا ئۇرۇنلاشتۇرماقچى بولغانلار  دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايوننىڭ نوپۇسقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىۋى  بىلەن ئەمەس بەلكى بۇ يەرلىك تەدبىر بويىچە ئىش كۆرۈشى كىرەك، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە بۇتەدبىردە بىرەر قانۇنى ئاساس يوق، ھەمدە تەرتىپلىرى ئېنىق ئەمەس ، شۇڭا قانۇن بىلىدىغانلار بىرەر مەسلىھەت بەرسەڭلار،  يەنە بىر مەقسەت كانسۇ نوپۇسىدىكى نۇرغۇن كىشلەر باشقا يەردە ئۇلتۇراقلاشقان، شۇڭا  بۇ يەرلىك تەدبىردىن خەۋەردەر بولۇپ قالسا ئوشۇق ئاۋارىچىلىق تارىتمايدۇ . رەھمەت !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )