قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1054|ئىنكاس: 15

ئادەم ئىزدەش تورىدىن ئۈچ ئايلىق نەتىجە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

77

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23686
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 20:15:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                                                      
ئادەم ئىزدەش تورىدىن ئۈچ ئايلىق نەتىجە




      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، بىز ئالدىنقى قېتىم 9-ئايدا بىر قېتىم ئادەم ئىزدەش تورىدىن ئىككى ئايلىق نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ تورداشلارغا يەتكۈزگەن ئىدۇق . ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەن بۇگۈنكى كۈندە يەنىلا ئوخشاشلا بىز قىلىۋاتقان ھەم قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرىمىزنى تورداشلارغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۇق .

بىز بۇ ئۈچ ئاي ئچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر :


         9-ئاينىڭ 16-كۈنى بىز ئۈندىدار ۋە توربىكەت ئارقىلىق يوقاپ كەتكەنلىك ئۇچۇرى چىقىرىلغان سۈبھىنۇر ئىسىملىك قىز بىر كۈن ئىچىدىلا تېپىلدى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق رول ئوينىغان كىشى خوتەن شەھىرىدىن ھۈسەنجان ياسىن .  بىز قىزنىڭ ماتىريالىنى تورغا ۋە ئۈندىدارغا يوللاپ تارقاتقاندىن كىيىن تەخمىنەن 6-7 سائەتلەردىن كىيىن سۈبھىنۇرنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە قىزنى قىزنى تېپىۋالغىنى ھۈسەنجان ياسىن ئىسىملىك كىشى ئىكەن ، ئۇلار قىزىنى ئالغىلى ئۇلارنىڭ يېنىغا ماڭغانلىقىنى ئېيتتى .

بۇ بىزنىڭ توربىكەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئەڭ تىز سۈرەتتە تېپىلغان سەبىي ھېسابلىنىدۇ .


2- توربىكىتىمىز تۇنجى بولۇپ ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىك ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدۇق .



       يەنى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساڭفاڭگو رايۇنىدا بىر دوستۇم بىر بالىنىڭ يالغۇز يۈرگەنلىكى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ ئۇنى -بۇنى سورىغان ھەم بالىنىڭ ئېزىپ قالغانلىقىنى بىلگەن ، شۇنىڭدىن كىيىن دوستۇم ساڭفاڭگو رايۇنلۇق ساقچىخانىغا مەلۇم قىلغان ، ساڭفاڭگو ساقچىخانىسىدىكى ئالىم ساقچى ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغاندىن كىيىن بالىنىڭ رەسىملىرى ۋە ئۇچۇرىنى توردا ئېلان قىلغان ھەم بىز مۇ ئۈندىدار سالۇنىمىزدا ئېلان قىلدۇق ، ئارىدىن 1،2 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بالىنىڭ ھامىيلىرى كېلىپ ئۇنى ئېلىپ كەتكەن ، بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ساڭفاڭگو رايۇنلۇق ساقچىخانىدىكى ئالىم ساقچىغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .


3- ئامما بىلەن ھەمكارلىشىپ تېپىۋېلىنغان قىزنىڭ ساق سالامەت ھالدا ئائېلىسىگە قايتىشىغا ياردەم قىلدۇق .


      9-ئاينىڭ 23-كۈنى خوتەن شەھىرى لاسكويدىن ئابلەت ئابلا ئىسىملىك قېرىندىشىمىز ئېزىپ قالغان ئىنىمىز روزىمۇھەممەتنى تېپىۋالغان ھەم ماشىنىغا سېلىپ يوللارنى ئايلاندۇرغان ئەمما بالا يولنى پەرق قىلالمىغان ، ئامالسىز بالىنى ئۆيىگە ئەكىلىپ بىز بىلەن ئالاقىلىشپ ئۆزىنىڭ بىر بالىنى تېپىۋالغانلىقىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇچۇرىنى قىلالمىغانلىقى ئېيتقان ئىدى ، بىز بالىنىڭ رەسىمى ۋە ئۇچۇرلىرىنى تورىمىزدا ۋە ئۈندىدار سالۇنىمىزدا ئېلان قىلىپ ئارىدىن 2كۈن ئۆتكەندە بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى كېلىپ بالىنى ئېلىپ كەتكەن . بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئابلەت ئابلاغا ئوخشاش قېرىنداشلىرىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .


4-يوقاپ كەتكەنلار ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك قىز گۈلزىبا ئەخمەت تېپىلدى .


      بىز 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈندىداردا بىرئاكىمىزنىڭ قىزنىڭ دورىخانىغا كىرىپ چىققۇچىلىك ئارلىقتا يوقاپ كەتكەنلىك ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ قىزنىڭ ئەمدىلا 21ئايلىق بولغانلىقى بىلدۇق ، ھەم تىز سۈرئەتتە قىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توربىكىتىمىز ۋە ئۈندىدار سالۇنىمىزدا ئېلان قىلدۇق ، ئارىدىن 10 نەچچە كۈن ئۆتكەن كۈندە قىزنىڭ دادىسى تېلفۇن قىلىپ قىزىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ھازىر قىزنى ئالغىلى ماڭغانلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشتى ، بۇ قىز توربىكىتىمىزدە ئېلان قىلىنىپ تېپىلغان ئەڭ كىچىك قىز ھېسابلىنىدۇ .


      5- 9-ئاينىڭ 7-كۈنى مىسرانىم ھەم شىنجاڭ ئادەم ئىزدەش تورىغا يوقاپ كەتكەنلىك ئۇچۇرى يوللانغان ئىككى ئىنىمىز ،نۇرئەلى تۇرسۇن ۋە قېيۇمجان تۇرسۇن قاتارلىق  ئىنىمىز سۆيۈملۈك ساقچىللىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا بىخەتەر ھالدا ئىللىق ئائېلىسىگە قايتىپ كەلدى ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورداشلارنىڭ ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ يوللاپ بەرگەنلىكىگە كۆپتىن – كۆپ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ، ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت ..



6-يوقاپ كەتكەن ئىنىمىز قەيسەر مەمەت قايتىپ كەلدى .


7-سىنتەبىر يوقاپ كەتكەنلىك ئۇچۇرى يوللانغان ئىنىمىز قەيسەرمەمەت تورداشلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىللىق ئائېلىسىگە قايتىپ كەلدى .


8- ئالىمجان ئەخمەت قايتىپ كەلدى .


        11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەندە بىر ھەدىمىزنىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم-دە ئۇيقۇدىن ئويغاندىم ، تېلفۇننى ئالدىم ، ئەسلى ھەدىمىزنىڭ ئوغلى ئاخشام ئۈرۈمچىدىكى كەررىفۇرنىڭ ئالدىدىن يوقاپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمەپتۇ ، ھەدىمىز ئاخىرى ساقلاپ بولالماي ماڭا تېلفۇن قىلسا مېنىڭ ئارام ئېلىشىمغا دەخلى يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تاكى ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ساقلاپ تېلفۇن قىلالماپتۇ (ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىز 24 سائەت سىز ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ ، مەخسىتىمىز يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ قايتىپ كېلىشىگە كۈچ قوشۇش ، شۇنداق بولغان ئىكەن سىزنىڭ بالىڭىز ھەم ئومىقىڭىزنىڭ قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئۇيقىمىزدىن ۋاز كېچەلەيمىز ، شۇڭا ھەرۋاقىت تېلفۇن قىلسىڭىز بولىىدۇ .)،بۇ گەپنى ئاڭلاپلا بىرخىل بولۇپ قالدىم دە تىزلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ بالىنىڭ ئۇچۇرىنى چىقىرىپ قويدۇم ھەم سالۇندا تارقاتتىم ، ئارىدىن 3كۈن ئۆتكەندە بالىنىڭ ئۇچۇرىنى بىر ئاممىۋى ئاپتۇبۇس شوپۇرىنىڭ قىلغانلىقىنى ئەمما ئادەم كۆپ بولۇپ كېتىپ بالىنى يەنە يوقۇتۇپ قويغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى، بىز يەنە قايتىدىن سالۇندا ئۇچۇر قىلدۇق ، ئارىدىن يەنە 3 كۈن ئۆتكەندە ھەدىمىزنىڭ بالىنى تاپقانلىقىنى ئېيتىپ رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشتى ....


خوش بۇ قىسقىغىنە ئۈچ ئايلىق نەتىجىمىز مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى ،ئاخىرىدا تورداشلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا دەيدىغىنىم :

         بالا سىزنىڭ ، بالىنى قانداق تەربىيەلەش ئۇمۇ سىزنىڭ تاللىشىىڭىز ، لىكىن ئۇنۇتماڭ ، كىچىككىنە شۇ سەبىيدىمۇ كۆڭۈل بار ، غورۇر بار ، بەزىدە بىلىپ بىلمەي بالىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قالىسىز ، ئەمما ئويلاپ بېقىڭ ، ئېسىڭىزدە بولسا بەلكىم سىزنىمۇ ئاتا-ئانىڭىز بەزىدە ئۇقۇشماسلىق بىلەن رەنجىتىپ كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتقان بولىشى مومكىن . بۇ ۋاقىتتا سىز قانداق بولغان ؟ ئەسلىيەلمىسىڭىز بەزىدە تۇرمۇشتا ۋە ئائېلىدە شۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپ قالسا سىز قانداق قىلىسز ؟ شۇنداق ، بالىنىڭمۇ ئەلۋەتتە كۆڭلى بار ، شۇنداقلا كىچىك سەبىيلەرنىڭ كۆڭلى سىزدىن ۋە بىزدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق نازۇك ، شۇڭا بالىنى قانداق تەربىيەلەش ھەم قانداق ۋاقىتتا قانداق تەنبىھ بېرىش قاتارلىقلارنىمۇ ئويلۇشۇپ ئاندىن قىلىڭ ، بالىڭىز ئۆيدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ھەرقانچە يىغلاپ زارلىسىڭىزمۇ بىكار ، شۇڭا بالىلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى ....

        بۇنداق دىيىشىم يۇقارقىلاردىن باشقا نۇرغۇنلىغان بالىلار بار ، ئۆيىدىن يامانلاپ چىقىپ كېتىپ تېپىلمىغان ياكى ئىچكىرىدىكى يامان بالىلارنىڭ ئازدۇرىشىغا ئۇچراپ چىقىپ كېتىپ كىيىن پۇشايمان قىلىپ ئۆيىگە قايتالماي پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي يۈرگەن ...شۇڭا پۇشايمان قىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتا-ئانابولۇشنىلا بىلمەي بالىڭىزغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ .

         يەنە بىر گەپنى قوشۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ ، كىچىكىمدە تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا بىر ساۋاقدىشىم بولدىغان ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە چىقىپ قانداقتۇر بىر خوجايىننىڭ قولىدا ئىشلەپ نۇرغۇن پۇل تاپقانلىقىنى ،پۇلنى قانداق ئوغۇرلايدىغانلىقىنى ‹مۇئاشىنىڭ › ئاجايىپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى زۇق شوق بىلەن دەپ بېرەتتى ، پۇلنىمۇ سۇدەك خەجلەيتى .(ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋاقىتتىكى پۇلنى سۇدەك خەجلەش بەلكىم 50-60 يۈەن بولسا كېرەك ، ئەمما تولۇقسىز ئوتتۇردىكى ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن بۇ پۇل شۇنداق كۆپ بولۇپ تۇيۇلۇپ كېتەتتىكەن ، ئەمدى بىلسەم بۇ پۇل ھېچقانچە پۇل ئەمەسكەن ، مانا مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن بېرى ئۇنداق پۇلنىڭ نەچچە 10 ھەسسىگىچە پۇلنى خەجلەپ باقتىم ، ئەمما مېنىڭ خوجايىنىم يوق ،ئوغۇرلۇق قىلمايمەن ) شۇ ۋاقىتلاردا مەن ۋە نەچچە ساۋاقدىشىمىز ھەيران قېلىپ بىزمۇ ئىچكىرىگە چىقىپ ئوغۇرلۇق قىلساق بولغىدەك دەپ ئويلىنىپ قالاتتۇق ، كىيىن بىلسەم ئىشلار ھەرگىز ئۇنىڭ دىگىندەك ئەمەسكەن ، ئەمەلىيەتتە شۇ يەردىكى خوجايىنى پۇلنى ئۇنىڭغا قەستەن شۇنداق كۆپ خەجلە ، چىقىدىغان بالىلار بولسا ئېلىپ چىق ، بىر بالا ئېلىپ چىقالىساڭ مۇنچە پۇل بېرىمەن دەپ ياكى قەرزىڭنى كۆتۈرۋېتىمەن دەپ ۋەدە قىلاتتىكەن ، شۇڭا بالىڭىزنىڭ يامان  يولغا كىرىپ قېلىشى ئۇنىڭ قانداق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ بېقىڭ، بالىنى تېپىپ قويۇپ كىيىم ۋە قوسقىنى باقسىڭىزلا ھېساپ ئەمەس ، ئۇ كىملەر بىلەن ئارلىشىۋاتىدۇ ، نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ ، سومكىسىدا نىمىلەر بار ، يانفۇندا نىمە ئىشلارنى كىملەر بىلەن ئالاقىلشىۋاتىدۇ ، توردا نىمىلەرنى كۆرۋاتىدۇ ............ دىققەت قىلىپ قويۇڭ، لىكىن ئۇسۇلىڭىز توغرا بولسۇن .

         بولدى ئەمدى كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرمۇ ئاخىرلاشتى ، ئەمدى يەنە بىر كىچىككىنە تەكلىپ ، ئەگەر سىز بىزبىلەن ھەمكارلىشىپ مۈرىنى -مۈرىگە تىرەپ  يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ تىزراق ئائېلىسىگە قايتىپ كېلىشىگە ياردەم قىلماقچى بولسىڭىز توربىكىتىمىزنىڭ سالۇنىنى قوشۇۋېلىڭ . سالۇنىمىزدا ھازىر سىزگە ئوخشاش 20،000 دىن ئارتۇق كىشى بار ، سىزنىڭمۇ قوشۇلۇپ يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى تارقىتىشىڭىزنى ھەم ئۇچرىتىپ قالسىڭىز ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز .

شىنجاڭ ئادەم ئىزدەش سالۇنى :yutkanlar

        توربىكەت باشلىقلىرىغا يەنە بىر تەكلىپ ، بولسا توربىكىتمىزگە كىچىككىنە بىر ئېلان ئورنى بەرگەن بولسىڭىز ، بىزنىڭ قىلىۋاتقان خالىسانە ئىشلىرىمىزنى قوللىغان بولسىڭىز دىمەكچى ئىدىم ، ئاخىرىدا بىزنى قوللاپ توربىكىتىمىزگە ئېلان ئورنى بەرگەن بارلىق بىكەت باشلىقلىرىغا كۆپتىن -كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن كۆپ رەھمەت سىلەرگە ...

توربىكەت ئىسمى : شىنجاڭ ئادەم ئىزدەش تورى

توربىكەت ئادرىسى :http://www.yutkanlar.com

لوگو ئۇلانمىسى :


(بۇ تىمىنى بولسا باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللاپ قويۇشۇڭلارنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ، رەھمەت سىلەرگە)


----كىتابخۇمار----

7

تېما

57

دوست

9270

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   85.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 2452
توردىكى ۋاقتى: 367
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 18:27:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ .
ئەمەلىيەتتە  ئۆينى تاپالماي ئىزىپ قالغان ياكى قانداقتۇر بىر سەۋەب بىلەن يوقاپ كەتكەن سەبي بالا ۋە ئاتا ئانىسىنىڭ كۆزلىرىدىكى ياش ۋە جىددىيلىشىشنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك ،ئۇلارنىڭ ئۇچراشقاندىكى ۋىسال دەقىقىلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ خۇشاللىق ياشلىرىغا جۈر بولىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئويلىساق ئەلۋەتتە كۆپچىلىك ھەممەيلەن سىلەرگە ئالەمچە تەشەككۈر ئىيتماي تۇرالمايمىز...
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

623

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   24.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20912
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 20:32:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن

148

تېما

0

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   51.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1405
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 6527
تۆھپە : 5065
توردىكى ۋاقتى: 1310
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 20:41:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ساۋابىنى بىرەر، ياخشى ئادەملەر يەنىلا كۆپ! رەھمەت سىزلەرگە!!!

1

تېما

0

دوست

576

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12453
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 20:52:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلغان ھەربىر ياخشى ئىشىڭلار ئۈچۈن اللە كاتتا ئەجىر بەرسۇن!!

1

تېما

9

دوست

8855

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2576
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 20:57:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ساۋاپلىق ئىشلىرىڭلارنىڭ ئەجرىنى اللە بىرە قېرىنداشلىرىم!

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

15

دوست

3962

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 886
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 21:29:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭلاردىن گۈللەر ئۆنسۇن ، تېخىمۇ كۆپ بالىلار ئىللىق ئائىلىسىگە قايتىپ  مېھرىبان ئاتا - ئانىسى بىلەن جەم بولغاي .

1

تېما

0

دوست

1252

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7153
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 344
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 22:57:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور بېتىڭلارنىڭ قىلىۋاتقان ساخاۋەتلىك ئىشلىرى بىزنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى.
پەرزەنت ئاتا-ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى. يوقاپ كەتكەن بالىنىڭ جۇدالىق ئازابىنى پەقەت شۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىلا بىلەلەيدۇ. ھەممىمىز ئېزىپ قالغان سەبىيلەرنىڭ بالدۇرراق ئىللىق ئائىلىسىگە قايتىشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغانلىكى ياخشىلىقلارنى ئايىمايلى.
بىز باشقىلارغا كىچىككىنە خوشاللىق ئاتا قىلالىساق، ئالەمچە خوشاللىقلاردىن بەھرىمەن بولالايمىز.

ئادەم ئىزدەش تورىدىكى مېھنەتكەش ئەزىزلەرگە كۆپتىن- كۆپ رەخمەت!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )