قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1122|ئىنكاس: 10

تۇرسۇنبەگ ياسىن :ئۇپۇققا سىزىلغان ئۇيغۇر سۈرەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

182

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   60.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23437
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


ئۇپۇققا سىزىلغان ئۇيغۇر سۈرەتلىرى



تۇرسۇنبەگ ياسىن

120.gif

file:///c:/users/dell/appdata/local/360CHR~1/Chrome/USERDA~1/Temp/181515~1.GIF

(1)



بېيجىڭغا خاس ھىسياتسىز شامال ،

گۈركىرەيتتى -

سېلىپ سۈر - چوقان .

ئەمما لىكىن لىڭشىپ قويمايدۇ ،

قەشقەردىكى رەت- رەت ئاق تىرەك ،

سوزۇپ مۆرەپ قويىدۇ ،

بەزى - بەزىدە ،

ئىچى پۇشقان موزايلق ئىنەك .

چىللىمايدۇ ،

بېيجىڭدا پەقەت ،

ئەركەك - زەردەك ھورۇن خورازلار ،

مىكيانلارغا ۋەزىپە شۇڭا ،

ساراڭلاردەك ،

غەلۋە - چۇقانلار .

قېرىپ قالغان ئۆيسىز لالمىلار ،

كوچىلاردا يۈرۈيدۇ قاۋاپ ،



بەشكىرەمنىڭ شەربەت ئەنجۈرى ،

ساراڭ ئەمەس،

يىلدا ئون پىشىپ .

كۈندە مەستەك يۈرىدۇ شۇڭا ،

ئەرسىز ئىتلار يۇندىنى ئىچىپ .

بېيجىڭدا ،

ئاپتاپلارمۇ شۇنچىلىك سوغۇق ،

خۇيى تۇتسا شۇنچىلىك تەرسا ،

ھېچ يامغۇرسىز ئۆتمەيدۇ بۇلۇت ،

شاماللارمۇ شۇنچە بىپەرۋا.

لاي سۇ ئىچىپ باقمىغان بۇلۇت ،

قانداق بىلسۇن تامچە بىرىشنى.

بېلىق قانداق ئايرىلسۇن سۇدىن ،

ئەمما بۇ سۇ ،

تازلانغان سۇكەن ،

ئەۋرەز يولىدىن يىغىپ توپلىنىپ .

....

بېيجىڭدىكى ئاينىڭ يۈزىدە ،

كۆرىنىدۇ ،

قەشقەرلىك ناۋاي .

توڭلىغاندا بولمايدۇ ھەمراھ ،

ئۈجمە كۆڭۈل مۇزلۇق پارىۋاي.

تەپتارتىدۇ شەھەرلىك موزايدىن ،

سەھرادىكى ،

مۈڭگۈزلۈك بۇقا .

يىغلىغانغا كەلمەيدۇ يارىڭ ،

دىكابىردا پىشمايدۇ سويما

...

كۆرىنىدۇ شەھەردە ئوماق ،

سەت بولسىمۇ ،

سەھرالىق قاغا .

ئىشەنگىلى بولمايدۇ دوستۇم ،

ئاي يۈز ئەمما ،

ئالدامچى يارغا .

....

نازۇك دىلغا كۆپ ئازار بىرىش ،

ئاقىللارنىڭ بۇيرىقى ئەمەس .

قىستىغىلى بولماس ۋىجداننى ،

قېرى قىزنىڭ تويلۇقى ئەمەس .

پايتەختتە ئېتىلسا پوجاڭ ،

ھاڭراپ قويىدۇ قەشقەردە ئىشەك،

پىشىنگىچە ئۇخلاپ قالغانلار ،

ئويغۇنۇپلا تىركسە كىرەك .





(2)

131.jpg



بۇ شەھەرنىڭ سوغۇق مىھرىدىن ،

تىتىرەيدۇ جالاقلاپ قىشمۇ .

تۇيۇلىدۇ جاھاننىڭ مېھرى ،

قىپقالغاندەك _

خوتەن ، قەشقەردە.


<<خەق يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە ،

ئۆز يۇرتۇڭدا ئولتان بول >>

ئاھ ، ئاتىلىرىمىز بەكمۇ تەدانكەن ،

بىلگەن ئىكەن بۇلارنى ئالدىن ،

ھېلىقى بىر چاغ قان كىچىپ يۈرۈپ .

تۈنەپ يېتىپ ئوچاق بېشىدا ،

ئوت كۆيگەندە يۇرتنىڭ بېشىدا .

تەڭلەنگەندە زالىم قىلىچى ،

جەننەت كەبى ئىللىق ماكانغا .






بۇ شەھەردە تۇيۇلار خۇددى ،

قەشقىرىمدە قالغاندەك جېنىم .

تاياق يىسەم بېيجىڭدا تۇرۇپ ،

ساقىيىدۇ قەشقەردە تىنىم .

بېيجىڭدىكى ئاينىڭ كۆزىدىن ،

تۆكۈلىدۇ قەشقەرنىڭ يېشى .

پاتمايدۇ بۇ ھەيۋەت شەھەرگە ،

مۇساپىر بولسا -

ھەركىمنىڭ  بېشى .



بىھاجەتتۇر يىغلاپ ياش تۆكۈش ،

يىغلاپ تۇرغاچ كۈن - تۈندە يۈرەك .



بېيجىڭدىكى كارۋاتتا ياتسام ،

چۈشلىرىمدە چىللايدۇ خوراز ،

ئاڭلانمايدۇ -

ئۆتسە يىل ئاي كۈن ،

ئەزان ئاتلىق شۇ مۇڭلۇق ئاۋاز .


ياشلىقىمدا تولغۇنۇپ ياتسام ،

چۈشلىرىمدە بولىدۇ ئايان ،

پەرىشتىدەك ئۇيغۇرنىڭ قىزى .

مەڭزىمگە بىر ئۇيغۇر مۇش ئاتسا ،

مۇھەببەتتە قالىدۇ ئىزى .

بۇزۇلغاندا چۈشلىرىم ھەر رەت ،

كۆرنىدۇ ھېيىتگاھ ماڭا ،

تىتىرەپ تۇرۇپ يازىمەن شىئېر ،

بېيجىڭدىكى پار ئىسسىقىدا .

مىھرى ئەجەپ ئىسسىق تۇيۇلار ،

نە خىسلەت بار ئۇيغۇر نېنىدا ؟

چۈشلىرىمدە ئايغا بارغاندا ،

پەرىشتىلەر سورىدى مەندىن :

قەيەرلەردىن كەپ قالدىڭ يىگىت ؟

جاۋابىم شۇ : خەلقىم يېنىدىن .

بېيجىڭدىكى فونتان سۇ چاچسا ،

كەپ قالىدۇ يادىمغا ھەر رەت ،

باھاردىكى يۇرتنىڭ پېتىقى .

شۇ پېتىقنىڭ مىھرى ئۆز ماڭا ،

كىچەلەيمەن مەيدەمنى كىرىپ .

بېيجىڭدىكى ئاشنىڭ سۈيىدە ،

كەمدۇر ھامان _

قەشقەرنىڭ تۇزى .

سۈكۈت بىلەن قارىسام كۆككە ،

يۇلتۇزلاردىن كەلمەيدۇ سادا .

مۇساپىر دەپ چەتكە قاققاندەك .

مەن دۇنيانىڭ ئۈگەي ئوغلىمۇ ؟

ئۇنتۇلغانمۇ ئۆز ئانام دادام ؟

ئەي دۇنيا :

ئۈگەي كەبى كۆرەمسەن مىنى ؟

مىھرىم بىلەن سۆيسەممۇ سىنى ؟

مەن جاھانغا چۇقان سالىمەن :

ياق !

مەن قەشقەرنىڭ مەڭگۈ ئۆز ئوغلى ،

مەن قەشقەرنىڭ شاھزادىسىمەن !



خاتىمە






ئاڭلانمايدۇ بېيجىڭدا ھەرگىز ،
ھېيتگاھتا تولىغان ئەزان ،
بامدات ئۈچۈن ماڭسا بوۋايلار ،
بېيجىڭلىقلار غېمىدە ھامان .
كۆرۈنمەيدۇ تۈتەك ئاسماندا ،
قەشقەردىكى نۇرلۇق تولۇنئاي ،
ئىنساپ تىلەپ تۇرار ئاللادىن ،
بېيجىڭدىكى مۇساپىرغا ،
قەشقەردىكى ئۆيدە،
جاينامازدا دۇئا قىلىپ ،
پەرىشتە زات ئانا مىھرىبان !

2011-يىلى 11- ئاي ( شەھرى بېيجىڭ )



ok (25).gif

0

تېما

0

دوست

126

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22350
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرى بەدىئى ماھارەت بىلەن يېزىلغان نادىر شېئىر دىيىشكە لايىققەن!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

5

تېما

0

دوست

917

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15091
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 79
تۆھپە : 245
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭقۇر مەزمۈن گەۋدىلىنىپتۇ بۇ شېئىردا.
  ھارمىغاي سىز.

1

تېما

6

دوست

5220

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1508
توردىكى ۋاقتى: 219
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ياخشى يېزىلغان شىئېركەن، ئىلھاملىرىڭىز قايناپ تۇرغاي!

10

تېما

0

دوست

4458

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9848
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 675
تۆھپە : 905
توردىكى ۋاقتى: 293
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بۇ ئېسىل بەدىئىي ئوبرازغا تويۇنغان چۈچۈك تەملىك شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ، چوڭقۇر تەسىرلەندىم! بۇ شېئىردا بىر مۇساپىرنىڭ ئوزگە يۇرتتىكى كۈچلۈك ۋەتەنپەرلىك ھېسسىياتى  سېلىشتۇرۇش ۋە ئوخشىتىش ۋاستىلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن قوللىنىش ئارىلىق ئىنتايىن جايىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن. قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يېڭى-يىڭى ئېسىل ئىجقادىيەتلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.  

0

تېما

0

دوست

295

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   98.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15167
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرغا بولغان چۈشەنچەم ئاددىيلا بولغاچقا تولۇق چۈشىنىپ كىتەلمىدىم،باھا بىرىشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلغۇدەك.ئەمما ئۆزگە يۇرتتىكى ئانا يۇرتقا بولغان سېغىنىشنى ھىس قىلمايمۇ قالمىدىم.شۇنداقلا ماۋۇ ئىككى مىسرانى ياقتۇردۇم:بېيجىڭدىكى ئاينىڭ يۈزىدە،كۆرۈنىدۇ قەشقەرلىك ناۋاي.
يەنە  بىرگە ماۋۇ بىر كۇپىلىتنى پەقەت چۈشىنەلمەي قالدىم،مىسرالار ئارىسىدىكى لوگىكىلىق مۇناسىۋەتنىمۇ بىلەلمىدىم،چۈشەندۈرۈپ قويامسىز:
بەشكىرەمنىڭ شەربەت ئەنجۈرى ،

ساراڭ ئەمەس،

يىلدا ئون پىشىپ .

كۈندە مەستەك يۈرىدۇ شۇڭا ،

ئەرسىز ئىتلار يۇندىنى ئىچىپ

19

تېما

3

دوست

6970

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   39.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2736
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1138
تۆھپە : 1355
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ، قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي دوستۇم....

0

تېما

0

دوست

653

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17880
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ تولىمۇ ھوزۇرلاندىم ،رەھمەت سىزگە ، ھەقىقەت دە بۇ ، بىزدەك سىرتتىكى بالىلار ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ، ھىس قىلغان ئىشلار ، شېئىر يولى بىلەن يېزىلسا باشقىچە يېقىملىق چىقىدىكەن، نادىر شېئىرلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىگە تىلەكداشمەن .

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23734
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alghur يوللىغان ۋاقتى  2013-12-8 22:20
شېئىرغا بولغان چۈشەنچەم ئاددىيلا بولغاچقا تولۇق چۈشىن ...

«ئەرسىز ئىت» لار دىن كۆرەېلى بولدۇكى ،ئۇ «ئىت» ھەرگىزمۇ ئاددى ھايۋان ئەمەس...بەلكى «ئىت»تەك ئىتتۇر

1

تېما

38

دوست

4811

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   93.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1014
تۆھپە : 1124
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )