- تىزىملاتقان
- 2011-7-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7423
- نادىر
- 0
- يازما
- 482
ئۆسۈش
48.46%
|
ئۆزىڭىزنى بوش چاغلىماڭ
كىچىك چاغلىرىدا، ئۇ دائىم باشقىلارنىڭ بىر ئېغىز ماختاپ قويۇشىدىن ھاياجانلانسا، يەنە داۋاملىق باشقىلارنىڭ بىر ئېغىز ھاقارەتلىشىدىن ئازابلىنىپ كېتەتتى. دادىسى ئۇنىڭغا:
ـــ سېنىڭ كەيپىياتىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بەلگىلەنمىسۇن، سەن ئۆز-ئۆزۈڭنى ماختاشنى ئۆگەنگىن، ھەرگىزمۇ خالىغانچە ئۆزەڭنى بوش چاغلىما، ـــ دەيتتى.
ئۇ دادىسىنىڭ بۇ بىر ئېغىز سۆزىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپتۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ بىر چوڭ شىركەتنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپتۇ، تۈرلۈك كەسكىن سىناقلاردىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ۋە يەنە بىر ئوغۇل بالا تاللىنىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر ساننى تالىشىپتۇ.
كىمنىڭ تاللىنىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا، كومىسىيەلەر ئۇنچىلىك سۈرلۈك بولماي، ناھايىتى ئاددىي سوئاللارنى سوراپتۇ.
باش كومىسىيە كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـــ بىز خالىغانچە پاراڭلىشىپ باقايلى، نېمىلا توغرىسىدا پاراڭلاشساق بولۇۋېرىدۇ، ـــ دەپتۇ.
ھېلىقى ئوغۇل بالا ئۆتمۈشتىن تارتىپ كەلگۈسىگىچە، كىشىلىك تەجرىبىسىدىن تارتىپ، كىشىلىك غايىسىگىچە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپتۇ. ئەمما ئۇ تولىمۇ ئاددىي قىلىپ:
ـــ مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنى سۆيۈپ كەلدىم، يەنە ئەزەلدىن ئۆزۈمنى ناھايىتى مۇھىم دەپ ھېس قىلىپ كەلدىم، مەن دۇنيادا مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى بارلىقىغا ئىشىنىمەن، ـــ دەپتۇ. يۇزتۇرانە ئىمتىھان ئاياغلاشقاندىن كېيىن، باش كومىسىيە ئۇنىڭغا:
ـــ ئەتىدىن باشلاپ خىزمەتكە كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز، ـــ دەپتۇ.
شىركەتكە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر كۈنى ئۇ باش كومىسىيەدىن ئەينى چاغدا نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى تاللىغانلىقىنى سوراپتۇ. باش كوممىسىيە ئۇنىڭغا:
ـــ چۈنكى سەن ئۆزۈڭنى بوش چاغلىمىدىڭ، ـــ دەپتۇ.
مەنبە:دوسلار چەمبىرىگى
|
-
|