قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2775|ئىنكاس: 12

مۇسۇلمانلارنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەققىد.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

2114

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21727
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 13:27:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمانلارنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەققىدە پىرىنسىپلار ۋە كۆرسەتمىلەر .


بىزمۇسۇلمانلارنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلارغا قانداق قارايدىغانلىقىنى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇلار بىلەن ئىسلام شەرىئىتى بويىچە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەكچىمىز ؟


مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
1. ئىسلام - مىھر-شەپقەت ، ئادالەت دىنى .
2. مۇسۇلمانلار غەيرى مۇسۇلمانلارنى ئسلامغا ئىلىم -ھىكمەت ، چىرايلىق ۋەز-نەسىھەت بىلەن ھەمدە ياخشى رەۋىشتە مۇنازىرلىشىش ئارقىلىق چاقىرىشقا بۇيرۇلغان .
ئاللاھ دەيدۇ :
« ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﯓ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﻓﯩﺪﯨﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ) ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ، ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﻼﺭﻛﻰ، «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺘﯘﻕ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻼﻫﯩﯖﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻼﻫﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﺩﯗﺭ، ﺑﯩﺰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯩﺰ» . » [ ئۆمۈچۈك (ئەنكەبۇت) : 46 ]
3. ئاللاھ ئىسلام دىنىدىن باشقا دىننى قوبۇل قىلمايدۇ . ئاللاھ دەيدۇ :
« ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ (ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻦ) ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ) ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﯩﺪﯗﺭ . » [ ئىمران ئائىلىسى(ئال ئىمران) : 85 ] .
4. مۇسۇلمانلار كاپىرلارغا ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا پۇرسەت بىرىدۇ . ئاللاھ دەيدۇ :
« ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﯩﺴﻪ، ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻛﺎﻻﻣﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ) ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻐﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﮕﻪ) ﻗﻪﺩﻩﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ (ﺋﯘ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﺴﺎ)، ﺋﯘﻧﻰ (ﺟﯧﻨﻰ، ﻣﯧﻠﻰ) ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﯩﻦ، ﺑﯘ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭ (ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﺘﯩﻨﻰ) ﺋﯘﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﻣﺪﯗﺭ. » .[ تەۋبە : 6 ]
5. مۇسۇلمانلار كاپىرلارنىڭ تۈرىگە قاراپ پەرىقلىق مۇئامىلە قىلىدۇ ، تىنىچ ئۆتكۈچىلەر بىلەن تىنىچ ئۆتىدۇ ، ئۇرۇش قىلغۇچىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ ، ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا توسقۇنچىلىق قىلغۇچىلارغا جىھاد ئاچىدۇ ھەمدە ئۇنى زىمىندا ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدۇ .
6. قەلىبتىكى مۇھەببەت ۋە نەپرەت مەسىلىسىگە كەلسەك ، مۇسۇلمانلارنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلارغا بولغان پوزىتسىيسى بۇلارنىڭ ئاللاھقا بولغان پوزىتسىيسىگە باغلىق . ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلسا ھەمدە ئۇنىڭغا بولغان ئىبادەتكە ھەرقانداق بىر نەرسىنى شىرىك قىلمىسا ، ئۇنداقتا ئۇلار ئۇلارنى سۆيىدۇ .ئەگەر ئۇلار باشقىلارنى ئۇنىڭغا بولغان ئىبادەتكە شىرىك قىلسا ، ياكى ئۇنى ئىنكار قىلسا ، ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە باشقىلارغا ئىبادەت قىلسا ، ياكى ئۇنىڭ دىنىغا دۈشمەنلىك قىلسا ھەمدە ھەقىقەتنى ئۆچ كۆرسە ، ئۇنداقتا ئۇلارغا قەلىپلىرىمىزدە نەپرەت بولۇشى كىرەك .
7. ئۇلارغا قەلىپتە نەپرەت بولۇش دىگەنلىك ،ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش ياكى ئېزىش دىگەنلىك ئەمەس ، چۈنكى ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) كىتاپ كىشىلىرىگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كىرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دىگەن :
« ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﺪﯗﻡ، ﺍﻟﻠﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯗﺭ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﭘﻪﺭﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭﺩﯗﺭ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ، » [ كىڭىشىش ( شۇرا) : 15 ]
گەرچە ئۇ بىر مۇسۇلمان ، ئاۋۇلار بولسا يەھۇدى ۋە خىرىستىئان دىنىغا ئەگەشكۈچىلەر بولسىمۇ .
8. مۇسۇلمانلار ھەرقانداق ئەھۋالدا بىر مۇسۇلماننىڭ ئىسلام دىنىغا دۈشمەنلىك قىلمايدىغان بىر غەيرى مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلىشى دۇرۇس ئەمەس دەپ قارايدۇ ؛ شۇڭا مۇسۇلمان ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلمايدۇ، ياكى ئۇنى قورقۇتمايدۇ، ياكى تەھدىت سالمايدۇ ، ياكى ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغۇرلىمايدۇ ، ياكى ئۇنىڭغا خىيانەت قىلمايدۇ ، ياكى .ئۇنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلمايدۇ ، ياكى ئامانىتىگە خىيانەت قىلمايدۇ ، ياكى ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇۋالمايدۇ ، ياكى ئۇنىڭدىن مال سىتىۋالغاندا مىلىنىڭ باھاسىنى تۇتۇۋالمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن شىرىك تىجارەت قىلسا شىرىكچىلىكتىكى پايدىسىنى تۇتۇۋالمايدۇ .
9. مۇسۇلمانلار بىر مۇسۇلمان غەيرى مۇسۇلمان تەرەپ بىلەن قىلىنغان ئەھدە ۋە كىلىشىملەرگە ھۆرمەت قىلىشى كىرەك دەپ ئىشىنىدۇ . ئەگەر بىر مۇسۇلمان ئۇلارنىڭ دۆلىتىگە كىرىشكە رۇخسەت ( يەنى ، ۋىزا) تەلەپ قىلغاندا ، ئۇلارنىڭ شەرىتلىرىگە قوشۇلسا ھەمدە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىشقا ۋەدە بەرسە ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ زىمىنىدا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىقا ، ساتقىنلىق قىلىشقا ، ئوغۇرلۇق قىلىشقا قىلىشقا ، ئۆلتۈرۈشكە ياكى ھەرقانداق ۋەيران قىلغۇچ ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىقلارغا يول قويۇلمايدۇ .
10. غەيرى مۇسۇلمانلار مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش قوزغىسا ھەمدە ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن قوغلاپ چىقارسا ، ياكى باشقىلارنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىغا ياردەم قىلسا ،مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشكە ھەمدە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشىغا رۇخسەت دەپ ئىشىنىدۇ .
11. مۇسۇلمانلار بىر مۇسۇلمان دۈشمەنلىك قىلمايدىغان غەيرى مۇسۇلمانلارغا مىھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىغا، مەيلى ئىقتىسادى ياردەم بىلەن ، ئاچلارنى بىقىش بىلەن ، ئەگەر مۇھتاج بولسا ئۇلارغا قەرز بىرىش بىلەن ياكى دۇرۇس ئىشلاردا تىلىۋىلىش بىلەن، ياكى ئۇلارغا سىلىق سۆزقىلىش ياكى ئۇلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئىلىش قاتارلىقلار بىلەن بولسۇن.
ئاللاھ دەيدۇ :
«(ﻛﯘﻓﻔﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ) ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯘﺭﺗﯘﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﻫﻪﻳﺪﻩﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﺳﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﺎﺩﯨﻠﻼﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ . »
[ ئىمتىھان ئىلىنغۇچى ئايال (مۇمتەھىنە) : 8 ]
12. مۇسۇلمانلار ،ھەقىقەتنى بەرپا قىلىش ھەمدە باتىل(ساختىلىق)نى يوقۇتۇش، ئۇۋال قىلىنغانلارغا ياردەم قىلىش ھەمدە ئىنسانلارنى خەتەردىن ساقلاش توغىرسىدا، ۋە شۇنىڭدەك مۇھىتنى قوغداش ياكى بۇلغىنىشقا قارشى تۇرۇش، ياكى ۋابا كىسەللىرى بىلەن ئىلىشىش قاتارلىقلاردا غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا ھىچقانداق سەۋەپ يوق .
13. مۇسۇلمانلار ، مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مۇئەييەن بەلگىلىمىلەردە ،مەسىلەن ، خۇنپۇلى(دىيەت) ، مىراس، توي، تويغا ئىگە(ۋەلى) بولۇش ، مەككىگە كىرىش قاتارلىقلاردا ،ئسلام قانۇنشۇناسلىقى( فىقھ )كىتاپلىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك پەرىق بار دەپ ئىشىنىدۇ .بۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەدنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بۇيرۇقلىرىنى ئاساس قىلىدۇ .بىز ئاللاھقا ھىچ نەرسىنى شىرىك قىلماستىن ئۇنى بىر دەپ ئىشەنگۈچى بىلەن ئاللاھقا ئىشەنمىگۈچىنى ياكى ئاللاھقا ئشەنمەيدىغان ھەمدە ئۇنىڭغا بولغان ئىبادەتكە باشقا بىرىنى شىرىك قىلغۇچىنى، ياكى ھەقىقى دىندىن بۇرۇلۇپ كەتكۈچىنى ئوخشاش دەپ قارىيالمايمىز .
14. مۇسۇلمانلار بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدە ۋە باشقا جايلاردا كىشىلەرنى ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىشقا بۇيرۇلغان.ئۇلار ئاللاھنىڭ توغرا دىنىنى بارلىق دۇنياغا يەتكۈزۈشى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەسچىتلەرنى سىلىشى ، ھەمدە دەۋەتچىلەرنى غەيرى ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلىشى لازىم .
15.مۇسۇلمانلار باشقا دىنلارغا ئەگىشىۋاتقان كىشىلەرنى توغرا دىندا ئەمەس دەپ ئىشىنىدۇ ،شۇڭا مۇسۇلمانلار غەيرى مۇسۇلمانلارغا دىنى دەۋەتچىلەرنى ئەۋەتىشىگە ، ئىسلام دۆلەتلىرىدە چىركاۋلارنى سىلىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ . ئاللاھ دەيدۇ :
« ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﺎﺳﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻣﺪﯗ؟ ﺋﯘﻻﺭ (ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﯞﺍﺑﺘﺎ) ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ .»
[ سەجدە : 18 ]
كىمكى ئىسلام دىنى باشقا دىنلار بىلەن ئوخشاش دەپ قارايدىكەن بىر ئېغىر خاتالىق سادىر قىلغان بولىدۇ . بىراق ئىسلام ئالىملىرى غەيرى مۇسۇلمانلار غا مۇنازىرە ئىشىكىنى ئاچتى ھەمدە غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن سۆلۈشۈشكە ،ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ھەمدە ئۇلارغا ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بەردى .
ئاخىرىدا ئاللاھ دەيدۇ :
« «ﺋﻰ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ! (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ) ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺍﻟﻠﻪﻏﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺍﻟﻠﻪﻏﺎ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﯘﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﻪﻙ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﮔﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﮕﻪ) ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ» ﺩﯦﮕﯩﻦ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﺳﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ): «(ﺋﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺳﻰ!) ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﮔﯘﯞﺍﻫ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ .»
[ ئىمران ئائىلىسى : 64 ]
« ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ، ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ) ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﻩﻫﻴﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﺴﻪ)، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ (ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ) ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. » [ ئىمران ئائىلىسى : 110 ]


مەنبە ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى

2

تېما

9

دوست

5718

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15034
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1700
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 13:25:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاللاھ  دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىزگە رەھمەت قىلسۇن.. ئىككىلا ئالەم  سائادەتمەن قىلسۇن... بۇندىن بۇرۇن  غەيرى مۇسۇلمان دىگەن گەپنى  تولۇق چۈشەنمىگەن ئدىم... بۇ تېمىڭزنى كۆرۈپ  ئىنشائاللاھ   چۈشىنۋالدىم...  ئەسلى ئەھلى كىتاپنى  غەيرى  مۇسۇلمانلار دەيدىكەنمىز......    رەھمەت سىزگە.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

10

تېما

15

دوست

8455

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   69.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2514
توردىكى ۋاقتى: 639
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 14:57:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ مۇشۇ يىىدىن پەيدا بولغان  غەيرى مۇسۇلمان     دىگەن گەپ پەقەتلا ئىددىيەمدىن ئۆتمەيدۇ ...  
مۇسۇلمان دىگەن سۆز ئەسلى
ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان ئادەمگە بىرىلىدىغان نام ئىدى،  ئەسلى بۇ شۇنچىلىك گۈزەل، كاتتا بىر نام ئىدى ......ئەپسۇس.........

0

تېما

3

دوست

3865

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19286
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 1216
توردىكى ۋاقتى: 204
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 20:20:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokboraa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-11 14:57
مىنىڭ مۇشۇ يىىدىن پەيدا بولغان  غەيرى مۇسۇلمان     دىگەن ...

دوكتۇر يۈسۈف قەرەداۋىينىڭ 全球化时代的伊斯兰宣传دىگەن كىتابىنى ئوقۇپ بېقىڭ، شۇنىڭدىن خېلى چوڭقۇر مەلۇمات ئالالايسىز.
http://item.taobao.com/item.htm? ... &id=17463005696

10

تېما

15

دوست

8455

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   69.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2514
توردىكى ۋاقتى: 639
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 21:23:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ بۇكىتاۋىنى ئوقۇغان،  ئەرەپچىسىنى.
بۇكىتاپتا دوكتۇر مۇسۇلمانلارنى ئۈچكە ئايرىغان.
1- مۆئمىن مۇسۇلمان.
2- مۇسۇلمان.
3- مۇسۇلمان پاسىق.   
بۇكىتاپتا مۇشۇ ئۈچ سۈپەت كىڭەيتىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن.   غەيرى مۇسۇلمان دىگەن ئاتالغۇغا چۈشەنچە يوق.   
بۇ غەيرى مۇسۇلمان دىگەن ئاتالغۇ كومىنىستلارنىڭ كەشپىياتى.

0

تېما

3

دوست

3865

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19286
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 1216
توردىكى ۋاقتى: 204
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 22:35:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokboraa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-11 21:23
مەن يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ بۇكىتاۋىنى ئوقۇغان،  ئەرەپچىسىنى ...

بىرىنچى باب تۆتىنچى پاراگرافنىڭ 2-تارمىقىغا قايتا قاراپ بېقىڭ. كاپىر دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا غەيرى مۇسۇلمانلار (مۇسۇلمان ئەمەسلەر) دىگەننى تەشەببۇس قىپتۇ. مىنىڭچىمۇ كاپىر دىگەن سۆزگە ئىشەنمىگەنلەر دىگەن سۆزنى قوشۇپ قويۇش لازىم. بۇلارنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ۋاقتىڭىز چىقسا ئايرىم پاراڭلىشارمىز. بۇ سەل چوڭ تېما. ئاسانلا خاتاچۈشىنىش بوپ قالىدۇ، ھەممىمىز كۆپرەك ئىزدىنەيلى.

2

تېما

0

دوست

1163

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23780
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 370
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 00:11:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ebrar يوللىغان ۋاقتى  2013-12-11 22:35
بىرىنچى باب تۆتىنچى پاراگرافنىڭ 2-تارمىقىغا قايتا قار ...

غەيرى مۇسۇلمان دىگەن سۆز كاپىر دىگەن سۆزنىڭ سەل سىلىغراقى

10

تېما

15

دوست

8455

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   69.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2514
توردىكى ۋاقتى: 639
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 08:35:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ebrar يوللىغان ۋاقتى  2013-12-11 22:35
بىرىنچى باب تۆتىنچى پاراگرافنىڭ 2-تارمىقىغا قايتا قار ...

ئاللا رەھمەت قىلسۇن،  بولىدۇ.     مەنمۇ تىلىفۇندا تورغا چىققانلىقىم ئۈچۈن كۆپ گەپ قىلالمايدىكەنمەن.  ڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )