قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3020|ئىنكاس: 37

«يېڭى ناۋا» دىكى قانات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

4

دوست

2857

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7250
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 675
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 18:39:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«يېڭى ناۋا» دىكى قانات


      «يېڭى ناۋا» پروگراممىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۆزنىڭ يېڭىدىن-يېڭى چولپانلىرى بىلەن كەڭ كۆرۈرمەنلەرنى ھەربىر يېڭى سانغا تەقەززا قىلماقتا. بۇمۇ بىزنىڭ «ناخشا-ئۇسسۇل دېسە ئۆلىۋاتقان ئانىسىنىڭ ئېڭىكىنى چېتىپ قويۇپ يۈگرەيدىغان» پىسىخىك ھالىتىمىزنىڭ تېخىچە چوڭقۇر ئويلىنىش باسقۇچىغا يەتمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ («بايقاش»، «ئادەم ۋە تەبىئەت»، «پەن-مائارىپ»، «بىر كىتاب، بىر ئالەم» پروگراممىلىرىنىڭ كۆرۈرمەنلىرى بىلەن «يېڭى ناۋا» پروگراممىسىنىڭ كۆرۈرمەنلىرىنى سىتاتىستىكا قىلىپ بېقىشقا ئامالسىزمەن). بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىنى تېخىمۇ تېرەن پىكىر قىلالايدىغانلارغا قويۇپ، ئەڭ يېڭى (2013- يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى) «يېڭى ناۋا» پروگراممىسىغا كېلەيلى.
       بۇ ساندا مېنى بۇ يازمىنى يېزىشقا مەجبۇر قىلغىنى يېڭىدىن سەھنىگە چىققان (تاماشىبىنلارنىڭ چاۋىكى تەسىرىدىن ئىسمىنى تولۇق ئاڭلاشقا مۇيەسەر بولالمىدىم) رىياسەتچىنىڭ كىيىمى بولدى. بۇ رىيەسەتچىنىڭ كىيىمىنى غەربلىكلەرنىڭ توي كىيىمى ياكى بالېت ئۇسسۇلچىلىرىنىڭ كىيىمى دەپ مۇتلەقلەشتۈرەلمىدىم-يۇ، 6 ئاي قىش بولىدىغان ئۈرۈمچىنىڭ 12-ئاينىڭ 6- كۈنلىرىدە قارا قىش مەزگىلىگە كىرىدىغانلىقى ئېسىمگە كەلدى.
ئەنئەنىۋىيلىكنى قويۇپ تۇرغاندىمۇ، ھېچبولمىغاندا قىش پەسلىدە شۇ پەسىلگە لايىق كىيىم كىيىشىمىز زۆرۈرغۇ؟! بۇرۇن سەھنىلەردە ئانچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن بۇ رىياسەتچى بىلمەمدۇ؟! تىزىنىڭ يۇقۇرىسىدىن يەنە تۆت ئىلىك يۇقۇرىسىدا ھۆپۆپنىڭ تاجىسىدەك دىڭگىيىپ تۇرغان بۇ «كۆينەك» نى يىراق سەھرالاردا ئىس ياندۇرۇپ تۇرىدىغان مەشنىڭ ئالدىدا دۈگدەرەپ ئولتۇرۇپ تېلۋېزور كۆرىۋاتقان ئانىلىرىمىز پەرزەنتلەرگە قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ فىلىم ئىشلىگۈچى، رېژىسسورلار ھېچبولمىغاندا بۇ رىياسەتچىنىڭ كىيىمىنى قالغان ئىككىسىنىڭكىگە ماسلاشتۇرۇش لازىملىقىنى ئويلىمىغانمىدۇ؟!
      بۇ رىياسەتچى بەلكىم ئۆز كەسپىدە ئاشۇ كۆينەك بىلەن ئۇچۇپ، رىياسەتچىلىك كۆكىدە بىردىنلا پەرۋاز قىلىشنى ئارزۇ قىلغاندۇ، ياكى بىرەرسى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن شۇنداق ئۇچۇرغاندۇ. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى چۆجىنىڭ چۆجىچە، بۈركۈتنىڭ بۈركۈتچە قانىتى بولىدۇ. رىياسەتچىلىك سېپىگە يېڭى قېتىلغان بىر كەسپ ئەھلىنىڭ مېنىڭ نادان قەلبىمدە قالدۇرغان سەلبىي تەسىرى شۈنچىلىك. قالغانلار قانداق خىياللارنى سۈرىۋاتىدىغاندۇ؟ ئىشقىلىپ، «يېڭى ناۋا» سەھنىسىدە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ سەنئەت كۆكىدە پەرۋاز قىلىشنى، ياكى باشقا قاناتلار بىلەن پەرۋاز قىلىشنى ئويلىغانلار شۇنى ئۇنتۇپ قالمىسۇنكى ھەرقانچە ئىگىزدە پەرۋاز قىلغان قۇشنىڭمۇ دېنى يەردە. ئەنئەنىۋىيلىكتىن، مىللىي خاسلىقتىن ئايرىلغان قانات بىلەن كۆككە ئەمەس پەقەت كاتەكنىڭ ئۆگزىسىگىچىلا ئۇچقىلى بولۇشى مۇمكىن...
مەنبە: قەلىمىم

yengilikka intilima

0

تېما

0

دوست

230

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3177
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 14:59:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بۇ تىما بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ،رڭياسەتچى ئەلنىڭ ،ئوبرازچىسى دىئگەن گەپ ،شۇڭا،سەھنىگە چىققۇچىلار،مەن مىللىتىمگە،ۋە ئۇزامگە ماس كەلدىممۇ دەپ ئەينەككە بىر قارىۋېتىشى كېراك.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

2

تېما

0

دوست

331

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   15.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21965
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 16:06:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۆگە قۇشقىلا ئوخشاتتىم، بۇنداق كىيىمنى بالېىت ئوينىغاندا كىيىدىغۇ دەيمەن

4

تېما

4

دوست

6934

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   38.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10920
يازما سانى: 458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 494
تۆھپە : 1803
توردىكى ۋاقتى: 433
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 16:26:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا غەرىپلىشىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ، بۇ خان .

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3832
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 16:37:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ماڭىمۇ سەل غەلىتە تۇيۇلغان....

4

تېما

2

دوست

6939

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   38.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  530
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1272
تۆھپە : 1267
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 18:41:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرايلىقكەن دىسە مۇز ئوكيانغىمۇ بېرىپ تۇرغىدەك بۇ
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )