- تىزىملاتقان
- 2013-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1054
- نادىر
- 0
- يازما
- 52
ئۆسۈش
5.4%
|
altunalma يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 00:37
يانچۇقچى ، ئوغرى ، بۇلاڭچىلارغا يان باسقانلىقىم ئەمەس ...
مۇنۇ ئىنكاسىڭىزنى مەن قوللايمەن . قارماققا مۇشۇنداق ناشايان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوغلانلىرىمىزغا ، ئەيىش-ئىشرەتخانلاردا تىنىنى سېتىپ يۈرگەن قىزلىرىمىز غا ھەممىمىزنىڭ ئۆچلىكىمىز كىلىدۇ لىكىن شۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق سان -سەۋەپلىرى ، ئېچىنىشلىق ئۆتمۈشلىرى بولدىكەن . شۇلارنى ئاشۇنداق يوللارغا مەڭگگۈ باغلاپ قويغان مەن بىلەن سىلەردەك مەسچىتكە كىرسە مۆھمىنگە ، قاۋاقخانغا كىرسە زابايغا . ھارام سىڭسە كاتتا بىر بايغا ئايلىنالايدىغان بىرقىسىم كۆپ قۇتۇپلۇق ئىسىل ئادەملەر سەۋەپكار ئىكەنمىز . بۇلتۇر ئۈرەمچى ۋوگزالىدا پويىز كۈتۈپ بىردەم ۋاقىتى ئۆتكۈزۈش مەخسىتىدە ئەتراپنى ئايلىنىپ يۈرۈپ مىنىڭ قەدىناس بىر ئاغىنەمنىڭ ئىنسىنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم ، بۇ بالا 7 ياش ۋاختىدا مەھەللىدىكى تەڭ دىمەتلىك بالىلار بىلەن يىزىمىزنىڭ تەۋەلىكدىكى بىر مەيداندا ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقسىنى كۈرۈش ئۈچۈن چىقىپ كىتىپ ئىزدىرەكسىز يوقالغىنىچە تاكى 2009يىلى كۈزگىچە ئىزدىركى بولماي شۇيىلى شىنجاڭلىق شاكىچىكلەرنى قايتۇردىغان خەمخورلۇق شاملىدا ئۇچۇپ كەپ قالغان ئىدى ، مىنىڭغۇ ئىسىمدە قالماپتىكەن ئۇ ئون نەچچە يىل ئاۋالقى بۇ بالا يۈتكەن ۋاقىتتىكى ئىشلار ، شۇ چاغلاردا بۇ بالنىڭ ئاكسى بىلەن مەن 10-11 ياش ۋاخلىرىمىز ئىكەن ، بۇ بالا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئاكىسىدىن ئاڭلىشىمچە ئاتا ئانسى ئېغلىدا بىر تۇياق چىچقاق قوي قالمىغىچە پۈتۈن بىساتىنى سېتىپ 4-5يىل شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلىكلەرنى ئىزدەپمۇ تاپالماپتىكەنتۇق . بۇ بالا قايتىپ كىلىپ 4ئايغا يېقىن ئۆيدە تۇردى ، كۆپ قېتىم ئۆيدىكىلەربىلەن ئازارلىشىپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىدىغاننڭ گىپىنى قىپتىكەن ، ئاكسى بىلەن ئىككىمىز بىرنەچچە قېتىم نەسھەتمۇ قىلغانمۇ بولدۇق ، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە يوقاپ كەتتى . كىيىن مەھەللىدە بىرسى دەيدۇ قارمايدا ئوغۇرلۇق قىلدىكەن دىسە ، يەنە بىرسى ئۈرۈمچىدە ئاق ساتىدىكەن ، يانچۇقچۇلۇق قىلدىكەن دىگەندەك سۆزلەر تارقىلىپ يۈرگەنتى . شۇكۇن غايىپتىنلا ئۇچۇرشۇپ قالدۇق . ئۇنمىغىنىمغا ئۇنىماي سەن مىنىڭ ئاكام قاتارلىق ئادەمسەن بۈگۈن زادى مەن بىلەن مۇڭداشمىساڭ بولمايدۇ دەپ ئاخىرى ئامال بولماي بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بىركىچە مۇڭدۇشۇپ چىقتىم . ئۇنىڭ دىيشىچە شۇچاغدا ئاتۇشلۇق بىرسى بۇنى ئالداپ ئىچكىرگە ئەكرىپ يانچۇقچۇلۇق كەسپىدە تەربىيلەن دەسمى ئورنىدا تىجارەت قىلغانكەن . ھىلقى سودىگەرنىڭ ئىشلىرى تازا ئەپلىشىپ يولى بارغانچە ئۇزىراپ تىجارەت دائىرسى كەڭرىپ ئىشقىلىپ چەكلىندىغان ئەمما ئاسان پۇل تاپدىغان تىجارەتنىڭ ھەممىنى قىلاتتىكەنتۇق . ئاخرى بىر ھۇقۇيتلىغان ئاۋاز بىلەنلا ھىلقى ئوقەتچىنىڭ ئىككى پۇتى بىر ئۆتۈككە تىقلىپ 20نەچچە بالا قۇتلۇپ كەپتىكەنتۇق . يەنە نەسىھەت قىلغۇم كىلىپ ، يۇرتقا كەتسەڭ ، ھازىر ھەممە يەردە پىششىق خىشتىن ئۆي سېلۋاتىدۇ . ھىچبولمىغاندا تامچىلىقمۇ ياكى ياغاچچىلىقمۇ ياكى باشقا كەسىپمۇ ئىشقىلىپ بىر ھەنەر ئۈگۈنسەڭ ، ئۈرۈمچىدىن كەتكىڭ بولمىسا كىچىك بولسىمۇ بىر ئېلىم -سېىتىم بىلەن شۇغۇللانساڭمۇ بولاتتى ،ھازىر تېخى 21 ياشلىق بىر يىگىتسەن ياخشى يولغا يۈزلەنسەڭ يولۇڭ ئۇزۇن تېخى دىيشىمگىلا سۆزلەپ كەتتى . سەن مىنىڭ بويامغىلا قارىما ئاكا ! مەندە سۆلەت بولغان بىلەن جان يوق . كىچىكلا نەشە ئاق دىگەنلەرگە مەجبۇرى قۇل بولغانمەن . يولنى ئوڭشاپ مېڭىپ يانچۇق كوچىلاپ جان بېقىپ يۈرگىنىم بىلەن سەن دىگەن ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىدەك تەندە ماغدۇر يوق . خەتنىڭ سۇنقىنىمۇ بىلمىسەم قايسى كاللام ،قايسى ئەقلىم بىلەن تىجارەت قىلىمەن ؟ بولدى قوي ئۇنداق گەپلىرىڭنى ، جەميەت مانا مۇشۇ شۇ . نەچچىلىگەن ئائىللىلەرنى خانى -ۋەيران قىلغان . نەچچە ئاتا-ئانىنىڭ باغرىنى قان قىلغان ، نەچچە ئون سەبىنىڭ كىلەچىگىنى ۋەيران قىلغان ، قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان ھېلقى مۇناپىق ، ھازىر مانا ئەمدى ئۈرۈمچىنىڭ كىندىكىدىن كاتتا ئىمارەت سېلىپ ، ساقالنى مەيدىگە قويۇپ تۇماقنى سىڭايان كىيىن ،جەينىمازنى دولسىغا ئارتىپ نۇمۇس قىلماي مەسچىتكە قاتراپ يۈرىيدۇ .ئادەم ئادەم بولدىغان بولسا ، جەميەت جەميەت بولدىغان بولسا ، ھېلقى نەرسە ھېلقى نەرسە بولدىغان بولسا يۈز قېتىم ئۆلمىسىمۇ ساق قالمايدىغان مۇناپىق ئىدى ئاشۇ . قانداق قىلمىز ئەمدى ، زامان بىزگە باقمىغاندىكىن بىز زامانغا بېقىپ ياشايدىكەنمىز شۇ . دىمسىمۇ بىر ئىنساننىڭ 7ياشتىن 18ياشقىچە بولغان خۇنچىدەك ۋاختى ئاشۇنداق تەلىم -تەربىيسىز ، مىھىر مۇھەببەتسىز ھايۋاننىڭ ئورنىدا ئۈتۈپ كەتسە ، ئۇئادەمنىڭ كىلەچىگى قانداق بولماقچى ؟جىق گەپلىرىنى يېزىپ يۈرۈش ئەپسىز كەلدى كۆپچىلىك . كىمدىن يامانلايمىز ؟ تۆۋبە دەيلى ، ئۇلۇغ ئىگەم ھەممىمىزگە چەكسىز ھىدايەت قىلغاي ........... |
|