- تىزىملاتقان
- 2013-11-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1565
- نادىر
- 1
- يازما
- 116
ئۆسۈش
56.5%
|
زاۋۇت قۇرۇش ھەققىدە
بۈگۈن باغداشتىكى قېرىندىشىمىزنىڭ بۇ ئۇلانمىدا ئۆزىنىڭ بىر كىچىك تىپتىكى بىر قېتىملىق قەغەز ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇت قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ، ئەمما قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەي ياردەم سورىغانلىقىنى كۆردۈم . ./thread-21520-1-1.html
مەن بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەن ئاساستا تۆۋەندىكى يازمىنى تورداشلارغا سۇندۇم ،تورداشلارغا ياردىمى بولۇب قالسا ئەجەب ئەمەس .(باشقىلارنىڭ ساقلاپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئايرىم تىما قىلىب يوللۇدۇم.
ئەسكەرتىش :
1.تۆۋەندىكىسى توردىن تەرجىمە قىلغان ۋە ئۆزۈم ئۈگەنگەن بىلىملىرىمگە ئاساسەن رەتلىگىنىم . شۇڭلاشقا بەزى خاتالىقلار بولىشى مۇمكىن .
2.بۇ تېمىدىن كۆرسەتمىلىك پايدىلانسىڭىز بولىدۇ ،ئەمما تىمىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ 100% توغرىلىقىغا كاپالەت بېرىلمەيدۇ،شۇنداقلا مەزمۇندىكى ياكى چۈشۈنۈشتىكى خاتالىق سەۋەبىدىن سىزگە زىيان كېلىب چىقسا ،ئەلچۈن ھېچقانداق قانۇنى جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ.
1. زاۋۇت قۇرۇشتىن بۇرۇن ئويلىشىدىغان ئامىللار :
زاۋۇت قۇرۇشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىلنى چوقۇم ياخشى ئويلۇنۇش كېرەك.
1،دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلۇرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن تۈزۈم ۋە سىياسەتلىرى.
2،زاۋۇت ئادىرىسى،يەرنى ھۆددىگە ئېلىش ۋاقىت چەكلىمىسى،يەرنى ھۆدىىگە ئېلىش خىراجىتى
3،زاۋۇت تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ قاتناش ئەھۋالى قولايلىقمۇ -يوق ؟
4،زاۋۇت تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ توك،سۇ پۇلى ،باج ئېلىش ئەھۋالى
5،زاۋۇت ئىشلىتىدىغان خام ئەشيانىڭ كېلىش مەنبەسى
6.بازارنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان ئېھتىياجى
7،مەھسۇلاتنى سېتىپ چىقىرىش لىنىيىسى
...قاتارلىقلار. ئەجدادلىرىمىزدا يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس دەيدىغان گەپ بار ،زاۋۇت قۇرۇشتىن بۇرۇن يۇقارقى ئامىلارنى چوقۇم ئەستايىدىل ئويلۇنۇش كېرەك.
2.زاۋۇت قۇرۇش رەسمىيەتلىرى
زاۋۇت قۇرغاندا دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملىرىغا ئاساسەن ،تۆۋەندىكى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش تەلەب قىلىندۇ .ئەسكەرتىش : ئوخشىمىغان جايلار ۋە ئوخشىمىغان تىپتىكى زاۋۇت رەسمىيەتلىرى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن ،تەپسىلاتىنى يەرلىك سودا سانائەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بېرىپ سۈرۈشتۈرسڭىز بولىدۇ!
1،زاۋۇت ئورنىنىڭ مۇھىت تەكشۈرۈش ۋە باھالاش
2.سودا سانائەت ئىدارىسىدە ئەنگە ئالدۇرۇش
3.يەرلىك باج ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇش
4. خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىق ئىسپاتى
5.زاۋۇت قۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان ئەسلەھە لەرنىڭ بىخەتەرلىك ۋە لاياقەتلىك ئىسپاتى، يەرلىك پەن تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئىشلىتىش رۇخسىتى
خىزمەتلەر تۈگىگەندىن كېيىن يەرلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى (ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى) زاۋۇت بىخەتەرلىكى باھالاش ئېلىب بارىدۇ.
3.زاۋۇت قۇرۇش
يۇقارقى خىزمەتلەر تۈگىگەندىن كېيىن زاۋۇت قۇرۇشنى باشلايمىز.
1،ئىختىساد توپلاش . (تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز ئالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ)
2.زاۋۇت قۇرلۇشى ئېلىب بېرىش
3.ئىىشچى خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش
4.ئىشچىلارنى تېخنىكا بويىچە تەربىيلەش
5.خام ئەشيا سېتىۋېلىش
6.بىخەتەر ئىشلەب چىقىرىش ۋە خېرىدار چارقىرىش
7.سېتىب چىقىرىش ۋە مەھسۇلات ئېلانى قاتارلىق تەشۋىقات خىزمىتىنى ئىشلەش.
ئەلچۈندىن :
يوقۇرىقى ھەر قايسى باسقۇچلارنى بىربىرىدىن پەرىخلەندۈرۈش ،شۇنداقلا پايدىلىنىش ۋە رەتلەشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن رەت نۇمۇرى قويۇلۇپ رەت تەرتىبى بويىچە تىزىلدى. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن بەزىلىرىنى ئالدىدا بەزىلىرىنى كەينىدە قىلسىڭىز بولىدۇ ،بىرلىكتە ئېلىب ماڭسىڭىزمۇ بولىدۇ .
باشقا بىلىدىغان دوستلۇرۇمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىنكاسدا تولۇقلاپ قويۇشىنى سورايمەن.
|
|