كەشپىيات
كەشپىيات ئىشقىدا سوققان يۈرەك
مەن شايار ناھىيە شايار بازىرىنىڭ باغچا مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق 43ياشلىق سەمەت مەخمۇتنىڭ «قوش مەنبەلىك شور تۇز كارۋىتى»ياساپ پاتېنت ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ،7-دىكابىر ئۇنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە بارغاندا ، بىر قانچە خېرىدار ئۇنىڭ بۇ ئۆزگىچە كەشپىياتىنى كۆرىۋاتاتتى.سەمەت مەھمۇت خېرىدارلارغا كارۋاتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرىۋاتاتتى.ئۆيىدە پۈتكەن ۋە پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان 10دانە كارۋات ،ھويلىسىدا نۇرغۇن تۆمۈر-قەلەي ، بىر دۆۋە شور تۇز ۋە شور تۇز لېيىدا قۇيۇلغان بىر مۇنچە تۆت چاسا شور تۇز كېسىكى تۇراتتى. بۇ كارۋاتنىڭ ئۇزۇنلىقى ئىككى متىر.كەڭلىكى 90سانتامېتىر بولۇپ،ئاساسلىق ماتىريالى تۆمۈر-قەلەي ۋە شايار تەۋەسىدىكى جاڭگاللىق-شورلۇقتىن كۆپ چىقىدىغان شور تۇز ئىكەن.ئىچىگە توكتا ۋە سۇدا قىزىيدىغان قۇرۇلما قوراشتۇرۇلغان ۋە 10سانتىمېتىر قېلىنلىقتا شۇر تۇز سېلىنىدىكەن.پارغىمۇ،توكقىمۇ چېتىپ قىزىتىشقا بولىدىكەن.قىزىقلىقىنى يۇقۇرى- تۆۋەن تەڭشىگىلى بولىدىكەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە سەمەت مەھمۇت ئەسلىدە نۇرباغ يېزا ئارال كەنتىدىكى دېھقان بولۇپ،1985-يىلدىن بۇيان ناھىيە بازىرىغا كىرىپ ئولتۇراقلىشىپ ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى سېتىش تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغان. مۇشۇ جەرياندا ئۇ ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ،ئىلىكتىر تېخنىكىسىغا ئائىت تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن.2000-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇنىڭ كاللىسىغا جەمئىيەتكە،خەلققە پايدىلىق ۋە ئىشلىتىشكە قولايلىق بولغان يېڭىچە بىر ئۈسكۈنە كەشىپ قىلىپ بېقىش خىيالى كېلىپ قېلىپ،كېچە-كۈندۈز دېگىدەك ئىزدىنىپ لايىھەلەش،كىتاب-ماتىريال كۆرۈش ئارقىلىق، دەسلەپكى قەدەمدە شور تۇز كارۋىتى ياساشقا تۇتۇش قىلىپ ،2011-يىلى بۇ قوش مەنبەلىك شور تۇز كارۋىتىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ياساپ،دۆلەتلىك بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىغا پاتېنت ئىلتىماسى سۇندى.2012-يىلى 2-ئايدا ئۇنىڭ ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ پاتېنت گۇۋاھنامىسى بېرىلدى.سەمەت مەھمۇت بۇ كارۋاتقا«تەكلىماكان يالقۇنى شور تۇز كارۋىتى»دەپ ئىسىم قويدى ۋە مۇشۇ ئىسىمنى ماركا نامى قىلىپ ئەنگە ئالدۇرماقچى بولدى. سەمەت مەھمۇت ماڭا مۇنداق دېدى:ھازىر جەمئىيىتىمىز تەرەققىي قىلىپ بېنالىشىپ كەتتى.شۇنداقلا، كىشىلەردە سوغۇق ئەڭگىزى ئېشىپ كېتىش سەۋەپلىك كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر كۆپ بلغاچقا،شۇر تۇز كارۋىتىغا بولغان ئېھتىياج كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.شۇڭا مەن ئۇزۇن يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق توكقىمۇ،پارغىمۇ چېتىشقا بولىدىغان بۇ قوش مەنبەلىك شور تۇز كارۋىتىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ياساپ بازارغا سالدىم. ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق يەككە تىجارەتچى ئامانگۈل قايىم بۇ كارۋاتنىڭ پايدىسىنى كۆرگەنلەرنىڭ بىرى.مەن ئامانگۈلنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا،ئۇ كىچىەن بېنا ئۆينىڭ بۇلىڭىغا ياراشتۇرۇپ قويۇلغان شور تۇز كارۋىتىدا يېتىپ ئارام ئېلىۋاتقان ئىكەن.بىز قىزغىن كۆرۈشكەندىن كېيىن:ــ بۇ كارۋاتقا كۆنۈپ قاپلىدە؟ ئۆيگىمۇ شۇنداق يارىشىپتۇ ــ دېدىم گەپ كوچىلاش مەقسىتىدە. ــ شۇنداق،مېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى سالامەتلىكىم ياخشى بولماي،بەك داۋالىنىپ كەتتىم.بولۇپمۇ ،رىماتىزىم بەك ئېغىر ئىدى.مۇشۇ كارۋاتنى ئېلىپ ياتقاندىن بېرى،سالامەتلىكىمگە نىسبەتەن ئۆنۈمى كۆرۈلدى،پۇتۇممۇ ئاغرىمايدىغان بولدى.بۇ كارۋاتنى بۇرۇنراق سېتىۋالسام بوپتىكەن ــ دېدى ئۇ. سەمەت مەھمۇت بۇ شور تۇز كارۋىتىنى تېخى بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ بازارغا سالغان.ئۇنىڭ يەنە پاتېنتقا ئېرىشكەن،ئەمما تېخى بازارغا سالمىغان «ئاپتۇماتىك قاچا يۇيغۇچ»،پارالىچ كېسىلى،بىلى سۇنۇپ كەتكەن ،ئۆرۈلالمايدىغان بىمارلارنى ئاپتۇماتىك ئۆرۈپ قويىدىغان«بىمارلارغا قولايلىق زەمبىل كارۋات»قاتارلىق ئىككى كەشپىياتى ،يەنە پاتېنت ئىلتىماس قىلغان بىر كەشپىياتى،لايىھەلەپ،خەرىتىسىنى تەييار قىلغان ئۈچ كەشپىياتى بار ئىكەن.ئۇنىڭ ماڭا چۈشەندۈرىشىچە؛بارلىق كەشپىياتلىرىغا پاتېنت ئېلىپ،زاۋۇت ياكى كارخانا قۇرۇپ ۋە ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ،جەمئىيەت ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشماقچى ئىكەن.بىراق ،يۈرىكى كەشپىيات ئىشقىدا سوقىدىغان بۇ دېھقان كەشپىياتچىنىڭ ئۇلۇغ پىلان-ئارزۇلىرىنىڭ رۇياپقا چىقىشىدا خېلە قىيىنچىلىق باردەك تۇرىدۇ.ئۇ يەنىلا
ھۆكۈمەت،جەمئىيەت،خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج.ئىرادە،تىرىشچانلىق ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنى،ئېقتىساسلىقلارنى قوللاش سىياسىتى ئۇنى چوقۇم ئارزۇسىغا يەتكۈزىدۇ. سۆرەتتە:سەمەت مەھمۇت شور تۇز كارۋىتىنى ئاسىرىماقتا.
|