30 يىل بۇرۇن ۋە 30 يىل كېيىن
1. 30 يىل بۇرۇن پۇلدارلار شېكەر شۈيى ئىچەتتى، 30 يىىلدىن كېيىن ، پۇلدارلار شېكەر سىيىدىغان بولۇپ قالدى. 2. 30 يىل بۇرۇن قۇرساق سالغان يۇغان قۇرساق ئەرلەر «باياشاتلىق بەلگىسى» دەپ پەخىزلىنەتتى. 30 يىدىن كېيىن « پوق قۇرساق» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ئەرلەر بىزار بولىدىغان بولدى. 3. 30يىل بۇرۇن تالىشىپ يۈرۈپ مايلىق گۆش سېتىۋالدىغان ئىدى ، 30 يىلدىن كېيىن تالىشىپ يۈرۈپ، مايسىز گۆش سېتىۋالدىغان بولدى. 4. 30 يىل بۇرۇن قىزلار سىرتقا چىقسا ئامالنىڭ بېرىچە بەدەننى تۇلۇق ئېتىپ كېيىنەتتى، 30 يىلدىن كېيىن، قىزلار سىرتقا چىققاندا ئامالنىڭ بېرىچە بەدىننىنى ئۇچۇق قۇيىدىغان بولدى. 5. 30 يىل بۇرۇن قىزلار ئۇزۇن چاچ، ئەرلەر قىسقا چاچ قۇياتتى. 30 يىلدىن كېيىن ئەرلەر ئۇزۇن چاچ. قىزلار قىسقا چاچ قۇيىدىغان بولدى. 6. 30 يىل بۇرۇن كىشلەر قانداق قىلغاندا سەمىرىشىنى ئويلىسا، 30 يىلدىن كېيىن قانداق قىلىپ ، ئورۇقلاشنى ئويلايدىغان بولدى. 7. 30 يىل بۇرۇن نامراتلار يۇقسۇرلۇقتىن ياۋا كۆكتات بىلەن زاغرا يەيتتى، 30 يىلدىن كېيىن، ئورۇقلىيالمىغانلىقتىن ياۋا كۆكتات بىلەن زاغردىن ھوزورلىندىغان بولدى. 8. 30 يىل بۇرۇن دۆلەت « بوز يەر ئىچىش» نى چاقىرىق قىلاتتى، 30 يىلدىن كېيىن دۆلەت « تېرىلغۇ يەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇش» قا چاقىرىق قىلىدىغان بولدى. 9. 30 يىل بۇرۇن « نامرات» لىق ئىلغارلىق، « يۇقسۇزلۇق» شەرەپ ئىدى. 30 يىلدىن كېيىن،« نامرات» لىق نۇمۇس، «زەردار» لىق شەرەپ بولدى. 10. 30 يىل بۇرۇن سېتىۋالغان نەرسە قانچە ئەزان بولسا باشقىلار شۇنچە ھەۋەس قىلاتتى. 30 يىلدىن كېيىن سېتىۋالغان نەرسە قانچە قىمممەت بولسا باشقىلارشۇنچە ھەۋەس قىلىدىغان بولدى. 11. 30 يىل بۇرۇن بىر ئۆيدە بىر ئادەم خىزمەت قىلىپ، بىر ئائىلىنى باقاتتى. 30 يىلدىن كېيىن بىر ئۆيدە ئىككى ئادەم خىزمەت قىلىپ، بىز كىچىك بالىنى ئاران باقىدىغان بولدى. 12. 30 يىل بۇرۇن نۇرغۇنلىغان چوڭلار باللىرىنى ئۇرۇپ تىللايتتى. 30 يىلدىن كېيىن بالىلار چوڭلارنى ئۇرۇپ تىللايدىغان بولدى. 13. 30 يىل بۇرۇن ئەرلەر ئائىلىنىڭ مەركىزى ئىدى، 30 يىلدىن كېيىن ئاياللار ئۆينىڭ مەركىزى بولۇپ قالدى. 14. 30يىل بۇرۇن ئىشقا ۋېلىسپىت بىلەن بېرىش مودا ئىدى. 30 يىلدىن كېيىن ماشنا بىلەن ئىشقا بېرىش مودا بولدى. 15. 30 يىل بۇرۇن بالىلار ئاتا- ئانىسغا خەت يېزىپ بېرەتتى. 30 يىلدىن كېيىن ئاتا-ئانىلار باللىرىغا تاپشۇرۇق يېزىشىپ بېرىغان بولدى.
مەنبە: ئۈندىداردىكى خەنزۇچە تېكىستتىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى. |