قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2850|ئىنكاس: 30

بۈگۈن 2013-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

9

دوست

3663

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 87
تۆھپە : 1162
توردىكى ۋاقتى: 397
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 12:58:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۈگۈن 2013-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلدى

   نوبېل مۇكاپاتى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات بولۇپ، تەسىر دائىرىسىنىڭ زورلىقى بىلەن بۇ مۇكاپات پۈتۈن دۇنيانىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ كىلىۋاتىدۇ. نوبېل مۇكاپاتى 19-ئەسىردىكى ئاتاقلىق خېمىيە ئالىمى، كەشپىياتچى ئەلفىرەد نوبېلنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى ئىنسانىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى مۇكاپلاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن قالدۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇ ئۆلۈپ كېتىپ 5-يىلدىن كىيىن تارقىتىلىشقا باشلىغان. بۇ مۇكاپات 1901-يىلى تۇنجى قېتىم تارقىتلغاندىن باشلاپ، ھازىرغىچە 113-يىللىق تارىخنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ فىزىكا، خېمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا، ئەدەبىيات، تىنچلىق ۋە كېيىن قوشۇلغان ئىقتىساد قاتارلىق ساھەدىكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە قوشقان شەخسىلەرنى مۇكاپاتلاپ كەلدى.
مانا بۈگۈن (12-ئاينىڭ 10-كۈنى) 2013-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى ۋە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا ھاياجانلىق بىلەن كۈتكەن نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ستھوكلىم كونسېرىت زالى ۋە ئوسلو شەھەر زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. تۆۋەندە بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغۇچى ئەلفىردە نوبېل ۋە نوبېل مۇكاپاتىغا ئائىت بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى، ئاخىرىدا بۈگۈنكى نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن:



1 .ئەلفىرەد نوبېل ۋە نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى


  ئەلفىرەد بېرنخارد نوبېل 1833-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى شىۋىتسىيەنىڭ سىتھوكلىم شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ياش ۋاقتىدا دادىسىنىڭ قورال-ياراق زاۋۇتىدا ئىشلىگەن. ئۇ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشى تۈپەيلى، خېمىيىلىك پارتلاتقۇچ دورىلارنى سىناق قىلغان. 1864-يىلى بىر قىتىمىلىق ئەجەللىك پارتلاشتا ئۇنىڭ ئېنىسى ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغاچقا، ئۇ بىخەتەرلىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پارتلاتقۇچ دورا - دىنامىتنى كەشىپ قىلغان. نوبېل ئۆزىنىڭ غايەت زور بايلىقىنى نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىشقا ئىشلەتكەن.
1888-يىلى نوبېلنىڭ ئىنىسى لۇدۋېگ فىرنسىيەدە ئۆلۈپ كەتكەن. فىرانسىيەدىكى بىر گېىزىت خاتالىشىپ لۇدۋېگ نوبېلنىڭ ئورنىغا ئەلفىرەد نوبېلنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى گېزىتكە باسقان ۋە ئۇنىڭ دىنامىتنى كەشىپ قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن.  ئەلفىرەد نوبېل بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن قانداق ياد ئېتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى فىزىكا، خېمىيە، مىدىتسىنا ياكى فىزىئولوگىيە، ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەر ۋە تىنچلىق ئىشلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاشقا سەرپ قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇنىڭ بۇ   ساھەلەردىكى نەتىجە قازانغانلارنى مۇكاپاتلىشى ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىنى ۋە نىمىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
ئۇ 1896-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيەنىڭ سان رېمو شەھرىدە ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆلۈپ كىتىش ئالدىدا باج ۋە مىراسنى چىقىرىۋەتكەندە جەمئىي 31 مىليۇن 225 مىڭ شىۋىت كروناسىنى (بۇ پۇل 2008-يىلىدىكى 250 مىليۇن ئامرىكا دوللىرىغا تەڭ بولغان)  نوبېل مۇكاپاتىغا ئىشلىتىشكە قالدۇرغان.
نوبېل 1895-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى پارىستىكى بىر شىۋىتلار-نورۋېگىيلىكلەر قاۋاقخانىسدا ئۇنىڭ ئۈچىنچى شۇنداقلا ئەڭ ئاخرىقى ۋەسىيتىگە ئىمزا قويغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ۋەسىيتى ئوقۇلغاندا شىۋىتسىيە ۋە خەلقىئارادا زور بەس-مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان چۈنكى ئۇ مال مۈلكىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بىر مۇكاپات تەسىس قىلىشقا ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇ ۋەسىيتىگە قارشى چىققان ۋە ئۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشقا تاللىغانلار بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشنى رەت قىلغان. ئۇ ۋەسىيىتىدە «ئىنسانلار جەمئىيتى ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى مۇكاپاتلايمەن» دىگەن. ئاخىرى 1901-يىلى نوبېلنىڭ ۋاپاتىدىن 5 يىل ئۆتكەندە ئاندىن تۇنجى قېتىملىق نوبېل فىزىكا، خېمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا، ئەدەبىيات ۋە تىنچلىق مۇكاپاتلىرى تارقىتىلغان. نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ۋە نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى شىۋىتسيە پەنلەر ئاكادىميىسى تەرىپىدىن، نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى سىتھوكلىم ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نورۋېگىيە پارلامىنتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. 1968-يىلىدىن باشلاپ شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى Sveriges Riksbank نوبېلنى خاتىرلەش يۈزسىدىن نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىنى تارقىتىشنى قارار قىلغان. شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى، نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى، نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ۋە نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىدىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك مۇكاپات تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر نوبېل مۇكاپاتىنىڭ سوممىسى 8 مىليون شىۋىتسىيە كروناسى (تەخمىنەن 1.2 مىليون ئامرىكا دوللىرى ياكى 7 مىليون 350 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) بولۇپ، ئەگەر بىردىن كۆپ كىشى بىر قېتىملىق نوبېل مۇكاپاتىغا تەڭ ئېرىشسە ئۇلارغا بۇ پۇل بۆلۈپ بىرىلىدۇ.

2. نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدا پاكىتلار



نوبېل مۇكاپاتى 1901-يىلدىن 2012-يىلغىچە جەمئىي 555 قېتىم 862 كىشىگە تارقىتىپ بىرىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاران 44 كىشى ئاياللاردۇر. بىرىنچى دۇنيا ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە نوبېل مۇكاپاتى بىر نەچچە يىل تارقىتىلمىغان. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 59 ياش بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياش كىشى 25 يىشىدا (William Lawrence Bragg ،1915) نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يېشى ئەڭ چوڭى بولسا 90 ياش بولۇپ، بۇ كىشى 2007-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا نائىل بولغان ئامرىكا مىنېسسودا ئۇنۋىرستىتى ئىقتىساد پەنلىرى پىرافىسورى Leonid Hurwicz.  بۇلارنىڭ ئىچىدە 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغانلار ئەڭ كۆپ. تۇغۇلغان دۆلىتى بويىچە تىزغاندا ھىندىستاندا تۇغۇلغانلاردىن 8 كىشى، ياپونيەدە تۇغۇلغانلاردىن 17 كىشى، ئىتالىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 17 كىشى، شىۋىتسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 28 كىشى، روسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 37 كىشى، فىرانسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 49 كىشى، گىرمانىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 74 كىشى، ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 79 كىشى، ئامرىكىدا تۇغۇلغانلاردىن 247 كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ مەكتەپ تەۋەلىكى (رەسمىي) بويىچە تىزغاندائەڭ كۆپ نوبېل مۇكاپاتى ساھىبخانى چىققان 5 ئۇنىۋىرستىت: ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنىۋىرستىتى (89 كىشى)، ئامرىكا چىكاگو ئۇنىۋىرستىتى (87 كىشى)، ئامرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋىرستىتى (82 كىشى)، ئامرىكا ماسساچۇستىس تېخنىكا ئۇنىۋىرستىتى (78)، ئامرىكا كالىفورنىيە ئۇنۋىرستىتى - برىكلىي (71). بۇ كىشىلەر ئىچىدە دۇنيادا ئەڭ قارشى ئىلىشقا ئېرىشكەن، ئەڭ مەشھۇر 10 كىشى:

1.Martin Luther King Jr مارتىن لۇسىر كېڭ:  تىنچىلىق مۇكاپاتى (1964)



2.Albert Einstein ئالبېرت ئېينىشتېيىن: فىزىكا مۇكاپاتى (1921)



3.Mother Teresa تېرىسا ئانا: تىنچلىق مۇكاپاتى (1979)



4.Rabindranath Tagore رابىندراناس تاگور: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1913)



5.Nelson Mandela نېلسون ماندېلا: تىنچلىق مۇكاپاتى (1993)



6.Ernest Hemingway ئېرنېست ھېمىڭۋاي: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1954)



7.Marie Curie مارىي كىيۇرى: فىزىكا مۇكاپاتى (1903)



8.John Steinbeck جون ستېينبېك: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1962)



9.Winston Churchill ۋېنىستون چىرچېل:تىنچلىق مۇكاپاتى (1953)



10.William Faulkner ۋىللىيام فاۋلكىنېر: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1949)


3. 2013-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈشلەر:







بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر تىزىملىكىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:







































بىلگەجان (سان ئانتونىيو، تېكساس، ئامېرىكا)

(2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، كەچ 10:30)


ئەسكەرتىش: بۇ خەۋەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ناداندىن زارلاي

0

تېما

2

دوست

589

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13165
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 13:58:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھىم بىزدىنمۇ مۇشۇ مۇكاپاتنى ئالىدىغان ئنسانلارنىڭ چىقىشىنى نىسىپ قىلغايسەن
قۇتلان تېلفۇنلىرى

4

تېما

40

دوست

5428

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1020
تۆھپە : 1304
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 13:59:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۆھرەت ئاكىمىزنىڭ بۇ مۇكاپاتنى تىزراق ئىلىشىنى تىلەيمەن

9

تېما

7

دوست

3901

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 1134
توردىكى ۋاقتى: 294
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 14:12:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kitabhumar يوللىغان ۋاقتى  2013-12-11 13:59
شۆھرەت ئاكىمىزنىڭ بۇ مۇكاپاتنى تىزراق ئىلىشىنى تىلەيم ...

بىر يىل ساقلايدىغان گەپ، ئۇ چاغقىچە تەسىرى تىخىمۇ كىڭىيىپ كىتىشى ئىنىق، چۇقۇم ئالىدۇ.

1

تېما

0

دوست

630

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7153
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 15:08:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-11 15:38  

خۇداغا مىڭ شۈكرى.
مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر تىزىملىكىگە قاراپ ھاياجاندىن يىغلىۋەتكىلى تاس قالدىم. ئاھ خۇدا، تىلىكىمنى _ ئۇيغۇرنى نوبىل مۇكاپىتىغا ئېرىشتۈرمەسلىك ئۈچۈن قىلغان تىلاۋىتىمنى ئىجابەت قىلغىنىڭغا مىڭ شۇكرى.

‹‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا بىر نەچچە ئۇيغۇرۇم ئېرىشكەن ئىدى، شۇلارنىڭ كەينىدىن تارقالغان پىتنىلەر يۈرىكىمنى يېرىۋېتەي دەپ قالدى.
ناۋادا ئۇيغۇرۇمدىن بىرەرسى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالسىچۇ؟ بۇ خىيالنى قىلىشتىنمۇ قورقىمەن. ماڭا سەۋر ئاتا قىلغىن ئاللاھىم!
ناۋادا ئېرىشىپ قالسىچۇ، بۇ خىيالدىن مېنى نېرى قىلغىن.
كۆز ئالدىمدا نوبىل مۇكاپاتى ئالغان ئۇيغۇرنىڭ ئەتىسىدە يۈز بېرىدىغان مۇدھىش كۆرۈنۈشلەر:
كىملەردۇ ئۇنى نوبىل مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتىدىكى XX،XX نىڭ ھەمجىنىس بۇرادىرى، شۇڭا ئۇ بۇ مۇكاپاتنى ئالالىدى دەپ جار سالماقتا.
كىملەردۇ ئۇنى نوبىل مۇكاپاتى باش ئىشخانىسىدىكى XX،XX باشلىقنىڭ كۆتىنى بىر ئەسىر سۈرتۈپ قويغان، شۇ سەۋەپ......
كىملەردۇ ئۇنىڭ چوڭ قىزى نوبىل مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتىدىكى XX،XX نىڭ ئۇرۇقىدىن بولغان، بۇنى مەن ئۇنىڭ چىرايىدىن بىلىۋالدىم. شۇ سەۋەب ئۇ بۇ مۇكاپاتنى ئالالىدى دەپ يىغلىماقتا.
كىملەردۇ ئۇنىڭغا پالتا-پىچاقلىرىنى بىلىمەكتە.
كىملەردۇ.........
ھەممە يەر قان بىلەن، ئاشۇ نوبىل مۇكاپاتى ئالغان ئۇيغۇرنىڭ قېنى بىلەن بۇيالغان. ھەممە يەر ئۇنىڭ ئائىلىسى، جەمەتى ئۈستىدىكى سۆز-چۆچەك، ھاقارەتلەر بىلەن تولغان.

<<كىملەردۇ>>نىڭ كىملىك ئارخىپىدىن پەقەت شۇنىلا بىلەلىشىمىز مۇمكىن. ئۇلار نوبىل مۇكاپاتى ئالغان ئۇيغۇرنىڭ <<قىيامەتلىك>> قېرىندىشى، دوستى، مەسلەكدىشى.

خۇدا، ئۇيغۇرۇمنى مەڭگۈ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرمە!

4

تېما

40

دوست

5428

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1020
تۆھپە : 1304
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 15:39:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ما ھۆكۈمران دىگەن كىشى ساقمىدۇ يا ...؟

9

تېما

1

دوست

1360

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 422
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 15:51:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۆھرەت ئاكىمىزنىڭ بۇ مۇكاپاتنى 2014-يىلى ئېلىشىنى تىلەيمەن

0

تېما

2

دوست

883

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   76.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21878
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 250
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 15:53:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزدىنمۇ شۇنداق شەخىسلەرنىڭ چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن!

7

تېما

0

دوست

743

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17344
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 16:01:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك تېما بۇپتۇ، كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدۇق.

2

تېما

0

دوست

355

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   27.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22150
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 16:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆۈمران ئەپەندى، سىزچە ئاز ساندىكى پىتنىخورلاردىن شۇ دەرىجىدە قورقۇش
ھاجەتما ؟ ئىت قاۋاۋېرىدۇ ، كارۋان يۈرۈۋېرىدۇ دىگەن ھىكمەتنى بىلمەمسىز نىمە ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )