- تىزىملاتقان
- 2011-8-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2673
- نادىر
- 1
- يازما
- 205
ئۆسۈش
22.43%
|
باغداش ئىقتسادى ماقالىلەرنى قوبول قىلامدۇ يوق دېگەن قانداق گەپ ،بۇمۇ بىر ئادەتتكى مۇنبەر تېما ساغلام مەزمۇن بولسىلا چىقارماي قالامتى؟ خۇددى مەركەزگە يوللىغاندەك گەپلەررنى قويۇپ ئەمىلى ئۈنۈمى بولىدىغان رايونىمىزغا ماس كېلىدىغان يەنى بەزى مەھسۇلاتلارنى بۇ يەردە ئىشلەپچىقارغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ بازار تېىپىش ئەھۋالى قانچلىك بولىدۇ بۇلارنىمۇ ئويلاش كېرەك. زاۋۇت قۇردۇق دەپ چوڭ سانائەت كارخانلىرنىڭ مەھسۇلاتىغا كۆز تىككەن بىلەن شىنجاڭدا شۇنىڭغا قانچلىك ئېھتىياج بار بۇلارنى تەھلىل قىلۋىراق بىر تۈر يازايلى. مەسلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلار مەھسۇلاتلىرنى شىنجاڭدىكى بىر كىشىمۇ سېتۋالمىسىمۇ لىكىن ئىچكىرى ئۆلكىدە بازار تاپقۇزۋرىدۇ،،،لكىن بىز ئشلەپچىقارساقچۇ؟ رايۇنىمىزنىڭ بازىردا بىرلا ماڭماي تۇرۇپ قالسا ئىش چاتاق،ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئاللىقاچان كۇرمىڭلىغان زاۋۇتلار تۇرسا ئېشىپ تېشىپ يىراق غەربىي يۇرتتىن سېتۋالمايدۇ دە! شۇڭلاشقا يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇپ،
پايپاق ۋە يپەك بۇيۇملار ئاۋۋال يىپ يىڭنە،تۈگمە قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى يىۋۇ شەھىرىگە ئوخشاش يېنىك سانائەتتىن باشلاپ تەرەققى قىلايلى،گەرچە شىنجاڭدا ئېغىر ترانسماتور شىركىتىگە ئوخشاش داڭلىق ئېغىر سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بازلىرى بولسىمۇ ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى يەنىلا ئىچىكىرى ئۆلكىدىكى كارخانا گۇرۇھلار.
تاۋباۋدىكى ئۈسكۈنلىەرنى سېتىۋىلىپ يۇرتىمىزدا زاۋۇت قۇرىمىز دەپ يۈرگىچە، ھېلىقى
تونور ياسىغان،كاۋاپدان ياسىغان ئىجادچان بالىدەك ئۆزىمىز ئىجاد قىلغان نەرسىلەر بىلەن زاۋۇت قۇرساق ھەقىقى تەرەققىيات يولىغا ماڭالايمىز.
قارلۇقمۇ ئىجادىيەت كۈچى بىلەن تەرەققى قىلغان شىركەت،ئارمان ئىخلاسلارمۇ يېڭى مەھسۇلات مۇستەقىل پاتنىت ھوقۇقىغا ئىگە ئىجادىيەت خاراكىترلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن بۈگۈننى يارىتالىغان. بىز ھەر بىر مەھەللە بېشىغا بىردىن زاۋۇت قۇرۋالساقمۇ يالغان ماركا چاپلاپ ئالدامچلىق قىلساقمۇ يەنىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەھسۇلاتلار رايونمىزغا تۈركۈملەپ كىرىپ بازارنى ئىگەللەپ تۇرىدۇ.بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار ئەلۋەتتە. مەنمۇ بۇرۇن زاۋۇتى يوق مىللەت قانداق كۈنگە قالىدۇ دېگەن ماقالىلەرنى كۆرگەندە چوقۇم زاۋۇتىمىز بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلغان.لىكىن ھازىر شۇنداق ئويلايمەنكى زاۋۇت بولسىلا ھېساب ئەمەس،سىز ماۋۇ يەرگە بىر زاۋۇت قۇرسىڭىز ئەتسىلا باشقىلار ئوخشاش زاۋۇتنى پىشانىڭىزگە سىزدىن نوچى قىلىپ قۇرالايدۇ.
نېمشقا چۈنكى سىزدە مۇستەقىل پاتىنىت ھوقۇقىغا ئىگە نەرسە يوق. سىزنىڭ بىردىنبىر بايلىقىڭىز پەقەتلا ئۈسكۈنە دىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا ئۈسكۈنە سېتىۋالسىلا سىز قىلغان ئىشنى باشقىلارمۇ قىلىۋرىدۇ.ئاز تولا تېخنكا دېگەن ھېچ گەپ ئەمەس.شۇڭلاشقا بىز دەۋرىر چاقىمىزنى باشقىلار بېسپ بولغان كاتاڭ يولغا باشلىماي ھامان ماڭغان ئىكەنمىز، يىڭلىق، ئىجادىيەت بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ مۇقىملاشتۇرايلى.ئەشۇ چاغدا باشقلار كۆزنى چەكچەيتىپ قالسا قالىدۇكى ھەرگىز سىزنى دورىيالمايدۇ. |
|