قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1435|ئىنكاس: 4

ئەڭ تۇغرا جاۋاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

2

دوست

715

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23838
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 236
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 20:21:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەڭ تۇغرا جاۋاب
(流云)




             بۈگۈن پوپ يەنە بىر بۈلۈك ئىئانە پول تاپشۇرۋالدى.ئۇ بۇ پۇللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە ئويلىغاچ يولدا كېتىپ باراتتى،ئۇ كۆڭلىدە «قانداق قىلسام تېخىمۇ كۆپ كىشلەر تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ،مېھىر-شەپقىتىنى ھىس قىلار»دىگەننى خىيال قىلاتتى.توساتتىن يول بۇيىدا ئويناۋاتقان  بالىلارنى كۆرۈپ قالدى،دە كۈڭلىدە دۇنيادا باللىقتىنمۇ ساپ دىل بولمىسا كېرەك.ئۇنداقتا،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تەڭرى قەيەردىدۇ؟دىگەنلەرنى ئويلاپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن پوپ باللار ئويناۋاتقان تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.پوپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا،سىلەردىن سوراپ باقاي«كىم تەڭرىنىڭ قەيەردىلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟»دىدى.بالىلار دەرھال ئويۇندىن توختاپ،ھەيرانلىق نەزەرى بىلەن پوپقا قارىدى.پوپ قوينىدىن بىرتال شاكلاتنى ئىلىپ،باللارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ:«كىمكى تۇغرا جاۋاب بېرەلىسە،بۇنى شۇنىڭغا بېرىمەن»دېدى.
        شۆبھىسىزىكى،شاكلات بالىلارنى ئۆزىگە رام قىلۋالغاندى.بالىلاردىن بۆكلۈك،دوغلاق بىرى سۆز باشلاپ،«مەن بىلىمەن،مەن بىلىمەن،تەڭرى چىركاۋدا!»دىدى.پوپ نىمىشقا،دەپ سورىدى.بالا«چۈنكى كۆپچىلىكىنڭ ھەممىسى چىركاۋغا بارىدۇ ۋە ئىبادەتنى شۇ يەردە قىلىدۇ»دەپ بۇلۇپلا،دىنىي ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى.پوپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بېشىنى لېڭشىتتى.
         بۇ ۋاقىتتا،ياندا تۇرغان، بىر بۈدرە چاچلىق قىز،ئالدىراپ گەپ قىستۇرۇپ«تەڭرى، مۇمام بوينىغا ئىسىۋالغان كىرىست بەلگىسىدە»دېدى.بوپ دەرھال يىنىچە بۇلۇپ،«نىمىشقا؟» دەپ سورىدى.قىزچاق«مۇمام ھەركۈنى ئەتگەن ئورنىدىن تۇرۇپلا،كىرىستنى ئالقىنىغا ئېلىپ،بىر نەرسىلەرنى ئوقۇيدۇ.مۇمامنىڭ ئېيتىشىچە،تەڭرى بولمىسا،ئۇ ئۈلۈپ كېتىدىكەن.شۇ كۈنى مەن،مومامنىڭ ئوخلاپ قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ،ئۇنىڭ كىرىست زەنجىرىنى ئېلۋالدىم.نەتىجىدە،مومام جىددىيلىشىپ،قان بىسىمى ئۆرلەپ ،ئۈلۈپ كەتكىلى تاسلا قالدى.مەنچە تەڭرى شۇ كىرىست بەلگىسىدە باركەن!»دىدى.قىزچاقنىڭ سۆزى تۈگىشىگىلا،كۆپچىلىك ئىختىيارسىز باشلىرىنى لېڭشىتتى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ سۆزلىرى يوللۇق دەپ ئويلىدى.پوپمۇ پات-پات بىشىنى لېڭشىتىپ تۇردى.
         پوپ شاكلاتنى قىزچاققا سۇنىۋاتقاندا،ئارقا تەرەپتىن« توختاڭ،مەنمۇ دەپ باقاي» دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.پوپنىڭ كۆزى سەل يىراقتىكى،بۇيىدىن ئۇزۇن كۆڭلەك كىيۋالغان بالىغا چۈشتى. بالا جىددىي قىياپەتتە پوپقا قاراپ تۇرغاندى.
          پوپ بالىنىڭ ئالدىغا بېرىپ،سەۋىرچانلىق بىلەن «ياخشى!،سەنمۇ دەپ باققىن،تەڭرى زادى قەيەردە؟»دەپ سورىدى.بالا دۇدۇقلاپ «تەڭرى ... ئۇ بىزنىڭ قوشنىمىز!».بالىلار ئاڭلاپ كۈلۈپ تىلىقىپ كېتىشتى.بالا قىزارغان ھالدا،ئىشەنمىسەڭلار،مەن بىلەن بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭلار!»دىدى.بايقى بۈدرە چاچلىق قىز مەنسىتمىگەن ھالدا:«بىز ساڭا قانداق ئىشىنىمىز؟» دىدى. بالا داۋاملاشتۇرۇپ«تەڭرى ئۆزى گۇۋاھ»دىدى،دە ئارقسىغا بۇرۇلۇپ ماڭدى. بۇنى كۆرگەن بۈدرە چاچلىق قىز«تەڭرى ھۈرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ،بىر بېرىپ كۆرۈپ باقمايمىزمۇ،ئۇ يەنە قانداق نەيرەڭ ئىشلىتىدىكىن كۆرۈپ باقىلى »دىدى.شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئوغۇل بالىغا ئەگىشىپ شەرىق تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
         كۆپچىلىك بىر ھازا ماڭغاندىن كىيىن ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان شەھەردىن يىراقلاپ،بىر پارچە قاقاسلىققا چىقىپ قالدى.كەچكى شەپەقنىڭ نۇرى ئاستىدا بۇ يەر تېخىمۇ سۈرلۈك كۆرۈنۈپ كەتتى.بايقى بۈدرە چاچ قىز ئېختىيارسىزلا،«تەڭرىم،ئۇ بىزنى نەگە ئەكىلىپ قويدى؟»دەپ سالدى. بالا قەدىمىنى توختىتىپ،بىگىز بارمىقى بىلەن ئالدى تەرەپنى كۆرسىتىپ،يۇقۇرى ئاۋازدا«قاراڭلار،بۇ يەر مىنىڭ ئۆيۈم،تەڭرى بىزنىڭ قوشنىمىزمىكەن؟».
پوپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغىنچە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالغاندى.توۋۋا،نىمدىگەن كۆپ كىرىست بەلگىلىرى بۇ ،تۇپتۇغرا بىرقانچە ئىنگىلىز مىلى كەلگۈدەك.كۆپچىلىك قەبرىستانلىق ئارسىدا قەد كۈتۈرۈپ تۇرغان بىر قانچە ئۆينىمۇ كۆرۈپ ئۈلگۈردى. ئاددىي كەپە شەكلىدىكى بۇ ئۆيلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆگزىلىرى قاڭالتىر بىلەن يىپىلىپ،يامغۇر توسىقى قىلىنغاندى.
         يوغان بىر قەبرە تاش ئالدىدا،بىر ياش تىتىلىپ كەتكەن بىر كىتاپنى ئىجتىھات بىلەن ئوقىماقتا؛سەل يىراقتا،چاچلىرى ئاپئاق ئاقارغان ئىككى مويسىپىت كىشى بىپايان ئاسمانغا قاراپ بىرنىملەرنى دىمەكتە،كۈتمەكتە.يەنە بىر تەرەپتە، ئۆي تەرەپتىن كەلگەن يىغا ئاۋازىدىن چۆچىگەن قۇشلار قەبرىستانلىق ھاۋابوشلۇقىدا ئۇچۇپ يۈرمەكتە.
         كۆپچىلىك داۋاملىق ئالغا قاراپ مېڭۋىتىپ،يول بۇيىدىكى ئۈزۈلگەن توك تۈۋرۈكى،تېشىلىپ كەتكەن پاسكىنا سۇ تۇربىسى،ئەخلەت دۆۋىسىنى كۆردى.چىقىر يول پاسكىنا سۇ بىلەن تۇشۇپ كەتكەن بۇلۇپ،پاشا،چىۋىنلار ئوچۇپ يۈرەتتى.قارىماققا ناھايتى بەتتەر كۆرىنەتتى.بالا ئالدىغراق ئۆتۈپ، قۇلى بىلەن ئالدىدىكى پاكارغىنە كەپە ئۆيننى كۆرسىتىپ،ھاياجانلانغان ھالدا،«قاراڭلار،بىز ئاۋۇ ئۆيدە تۇرىمىز!»دىدى.بۈدرە چاچلىق قىز يەنە سورىدى:«سىلەر قورۇقمامسىلەر؟».ئوغۇل بالا بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ،«ئانامنىڭ دېيىشىچە،ئۆلگەن ئادەم قۇرقۇنۇچلۇق ئەمەس،بىز بۇ يەردە،تەڭرىگە ھەمرا بۇلىمىز.بۇ يەر دۇنيادىكى تەڭرىگە ئەڭ يېقىن جاي،بىزنىڭ ھەربىر تىنىقىمىز،ھەربىر ئۇھىسنىشىمىزنى تەڭرى ئاڭلاپ تۇرىدۇ.ئۇ ھەر ۋاقىت بىزنى قوغداپ تۇرىدۇ.بۇ يەر بىزنىڭ تۇغۇلغان ھەم ئۆلۈپ كىتىدىغان جايمىز.ئۆلگەندە ئوخشاش يەرلىككە دەپنە قىلىنىمىز،ئەمما ھايات چىغىمىزدا بۇنى ئۇنتۇيمىز.بىز تەڭرىگە نىمدىگەن يېقىن...»دېگەن دىدى.
         بالىلار باشلىرىنى تۈۋەن سىلىپ،ئۈنسىز تۇرۇپ كېتىشتى.پوپ بالىنىڭ بېشىنى مىھرىبانلىق بىلەن سىلاپ تۇرۇپ«بالام،شاكلاتنى ساڭا بەرسەم بولغۇدەك.چۈنكى سەن ئەڭ تۇغرا جاۋابنى بەردىڭ!»دىدى.بالا شاكلاتنى ئېلىپ،خۇشال ھالدا باشقا باللارغا قاراپ«ھاي بالىلار! تىزراق كېلىڭلار تەڭ يەيلى،بۇ تەڭرىنىڭ سوۋغىسى...»دىدى.
          پوپ قەۋرىستانلىقىتن كېلىۋىتىپ،تۇغرا جاۋابنى تاپقاندەك،ئۆزىنى يەڭگىل ھىس قىلدى.ئۇ ئاللىبۇرۇن ھېلىقى ئىئانە پۇلغا، بۇ «تەڭرىنىڭ»قوشنىسىغا ھەقىقي بىر ئۆي ياساپ بېرىشنى قارار قىلىپ بولغاندى.



ـــــــــــــ ساتتار ئىسمايىل   تەرجىمىسى
2013-12-11

2

تېما

0

دوست

1163

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23780
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 370
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 00:01:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالى ئنكاس
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

0

دوست

852

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   70.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15388
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 264
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 12:11:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3818
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 12:34:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارنىڭ كىرىستىنى چىقىۋەتسە ياكى بىرەرسى ئوغورلاپ ئۇنى ھاجەتخانىغا تاشلىۋەتسە ئۇلارنىڭ تەڭرىسى تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالىدىغان ئوخشىمامدۇ ئۇنداقتا ؟

0

تېما

1

دوست

3040

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13007
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 970
توردىكى ۋاقتى: 218
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 01:51:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداشتا خىرىستىيان مۇرىتلىرى پەيدا بولغىلى تۇردىغۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )