- تىزىملاتقان
- 2013-12-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 416
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
58%
|
نىمە ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملەشنى مۇھىم دەيمىز؟
•يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە ئانىسىدىن ئېلىپ چۈشكەن كىسەلگە قارشى تۇرغۇچى ماددىلار بولىدۇ، لېكىن بۇ ماددىلار 1 ئايدىن بىر يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خوراپ تۈگەيدۇ. شۇڭا ۋاكسىنا ئەملەپ كۆپ كۆرىلىدىغان يۇقۇملۇق كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر.
•ئەگەر بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەنمىسە بالىلار مىكروپ ۋە ۋىروسلارغا ئۇچراشقاندا ئۇلارغا قارشى ئىممۇنىت كۈچى بولمايدۇ. ۋاكسىنلار ۋۇجۇتقا كىلىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن بالىلار قىزىل، كۆك يۆتەل، بالىلار پارالىچى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ۋە بەزىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن.
•ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق چىچەك كىسىلى دۇنيادىن يوقىتىلدى، بالىلار پارالىچى، خولىرا قاتارلىق كىسەللەر زور دەرىجىدە ئازايتىلدى.
• بالىلارغا ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ بەدىنىنى يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگە قارشى ئىممۇنىت كۈچىگە ئېگە قىلغىلىبولىدۇ ۋە يۇقۇملۇق كىسەلىكلەرگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
• شۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسپىتىنى يۇقۇرىلاتقان ۋە ئاغرىتقان يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. |
|