- تىزىملاتقان
- 2013-12-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 233
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
77.67%
|
بالىلارغا ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇش جەدۋىلى
ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇش نىسپىتى تۆۋەن، بولۇپمۇ دىھقان، قول ھۈنەرۋەن ۋە تىجارەتچىلەر ئارىسىدا بالىلىرىغا ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك مەسىلىسى بىر قەدەر ئېغىر. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر بالىلىرى ئارىسىدا قىزىل، كۆك يۆتەل، مىڭە ياللۇغى، تىبىركىلوز، سۇ چىچىگى، تىتانۇس، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بولۇش نىسپىتى ۋە ئۆلۈش نىسپىتى ئېغىر. قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق يۇرتلاردا ھەي يىلى دىگۈدەك بالىلاردا قىزىل كىسىلى كەڭ كۆلەمدە تارقاپ نۇرغۇن بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا. دىيارىمىزدا بالىلار پارالىچ كىسىلى يوقىتىلغان بولسىمۇ يېقىندا خوتەندە قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقتى. شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ تۇرىشى قاتتىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
نىمە ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملەشنى مۇھىم دەيمىز؟
•يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە ئانىسىدىن ئېلىپ چۈشكەن كىسەلگە قارشى تۇرغۇچى ماددىلار بولىدۇ، لېكىن بۇ ماددىلار 1 ئايدىن بىر يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خوراپ تۈگەيدۇ. شۇڭا ۋاكسىنا ئەملەپ كۆپ كۆرىلىدىغان يۇقۇملۇق كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر.
•ئەگەر بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەنمىسە بالىلار مىكروپ ۋە ۋىروسلارغا ئۇچراشقاندا ئۇلارغا قارشى ئىممۇنىت كۈچى بولمايدۇ. ۋاكسىنلار ۋۇجۇتقا كىلىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن بالىلار قىزىل، كۆك يۆتەل، بالىلار پارالىچى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ۋە بەزىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن.
•ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق چىچەك كىسىلى دۇنيادىن يوقىتىلدى، بالىلار پارالىچى، خولىرا قاتارلىق كىسەللەر زور دەرىجىدە ئازايتىلدى.
• بالىلارغا ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ بەدىنىنى يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگە قارشى ئىممۇنىت كۈچىگە ئېگە قىلغىلىبولىدۇ ۋە يۇقۇملۇق كىسەلىكلەرگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
• شۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسپىتىنى يۇقۇرىلاتقان ۋە ئاغرىتقان يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
1. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق: ئۆپكە تىبىركىلوز ۋاكسىنىسى، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى.
2. بالا بىر ئايغا توشقاندا: ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى.
3. بالا ئىككى ئايغا توشقاندا: بالىلار پارالىچى كىسىلى ۋاكسىنىسى.
4. بالا ئۈچ ئايغا توشقاندا: بالىلار پارالىچى كىسىلى ۋاكسىنىسى، كۆك يۆتەل-ئاق كاناي ياللۇغى-تېتانۇس ۋاكسىنىسى.
5. بالا تۆت ئايغا توشقاندا: بالىلار پارالىچى كىسىلى ۋاكسىنىسى، كۆك يۆتەل-ئاق كاناي ياللۇغى-تېتانۇس ۋاكسىنىسى.
6. بالا بەش ئايغا توشقاندا: كۆك يۆتەل-ئاق كاناي ياللۇغى-تېتانۇس ۋاكسىنىسى.
7. بالا ئالتە ئايغا توشقاندا:ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى، تارقىلىشچان مىڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى.
8. بالا سەككىز ئايغا توشقاندا: قىزىل ۋاكسىنىسى.
9. بالا سەككىز ئايلىقتىن بىر ياشقا توشقىچە: رۇبىللا ۋاكسىنىسى، قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغى ۋاكسىنىسى.
10. بالا بىر ياشقا توشقاندا: ب تىپلىق مىڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى.
11. بالا بىر يېرىم ياشلىق بولغاندىن ئىككى ياشقىچە بولغان ئارلىقتا: كۆك يۆتەل-ئاق كاناي ياللۇغى-تېتانۇس ۋاكسىنىسى.
12. بالا تۆت ياشلىق بولغاندا: بالىلار پارالىچى كىسىلى ۋاكسىنىسى.
13. بالا تۆت ياشلىق بولغاندا: قىزىل ۋاكسىنىسى، ئاق كاناي ياللۇغى-تېتانۇس ۋاكسىنىسى.
|
-
|