ئارسىلان ئابدۇللاغا ئوچۇق خەت
ھۆرمەتلىك ئارسىلان ئابدۇللا ئەپەندى: ئالدى بىلەن سىزگە ۋە ئۇرۇق-تۇققان،دوسىت-يارەنلىرىڭزگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن!!! سىزنىڭ《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》ژورنىلنىڭ 2013-يىللىق 4-ساندا ئىلان قىلىنغان 《تىلىمىزدىكى غەلىتە ھادىسىلەر ۋە زىيالىلارنىڭ تىل پوزىتسىيەسى 》ناملىق ماقالىڭزنى ئوقۇغاندىن بۇيان،مەندە سىزگە ئوچۇق خەت يېزىش ئويى تۇغۇلغان.كۆپ سەۋەپلەرگە كۆرە،ئەمدى يېزىش نىسىپ بولدى.سىزنىڭ تىلشۇناسلىق ساھەسىدە مۇتەخەسىس ئىكەنلىكىڭىز ۋە ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىڭىز ھەممىمىزگە ئاپتاپتەك روشەن.شۇ سەۋەبدىن ئۇشبۇ ماقالىڭزدىن ھەم كۆپ نەپكە،زۆرۈر بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.ئەمما يەنىلا سىزدىن بەزى سوئاللارنى سورىغۇم،بىلمىگەن بىلىملەرنى بىلۋالغۇم كىلۋاتىدۇ. سىز دىگەندەك ھازىر تىلىمىزدە غەلىتە ھادىسىلەر كۆپ.ھەممىمىزنىڭ (يالغۇز زىيالىلارنىڭلا ئەمەس) تىل پوزىتسىيمىز بەكلا ناچار.قوش تىللىق مائارىپنىڭ يولغا قويۇلىشى ۋە تىلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپتىكى ئىشلتىلىش ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ،قوش تىللىق مائارىپنىڭ بارا-بارا تاق تىللىشىپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللار بۇ خىل غەلىتە ھادىسىلەرنىڭ قىسمەن سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.مەن مەتبۇئات-ئاخبارات ساھەسىنى بۇ جەھەتتىكى چوڭ سەۋەبكارلار دەپ بىلمەن.كۈنىمىزدە گىزىت-ژورنال،تېلۋىزورلاردا دېيلىۋاتقان《مۇھىت ئاسرايدىغان ھاجەتخانا》،《ھېچقانداق خىميىلىك ئىلمىنىت قوشۇلمىغان》قاتارلىق بىر تالاي لاۋزا گەپلەر بىر جەھەتتىن شۇ ساھەدىكى كىشىللىرمىزنىڭ زىيادە بىلىمسىزلىكىنى بىلدۇرسە،يەنە بىر جەھەتتن ئۇلارنىڭ خەن تىلىغا زىيادە بېقىنىپ قالغانلىقىنىڭ بەلگىسى. ماقالىڭزدىكى پىكىرلەرگە ئاساسەن قوشۇلىمەن.بىز ئۈچۈن تېخمۇ نادىر ماقالىلەرنى توختىماي يېزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.ئەمما قىسمەن مەسىلىلەردىكى قاراشلىرىڭزغا قوشۇلالمايمەن.زادى ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدىغىنى،بۇ ماقالىنى ئون يىل.ھەتتا يىگىرمە يىل ئاۋۋال يازغان بولسىڭىزمۇ بولاتتىكەن.نىمە ئۈچۈن شۇنچە كېچىكىپ ئوتتۇرغا قويدىڭىز؟غەلىتە ھادىسىلەرنىڭ شەكللىنىش سەۋەبىنى ئاساسەن ئىسلام دىننىڭ ئومۇملىشىشى ۋە 《ئەرەبگويلۇق》،《پارىسگويلۇق》قاتارلىقلاردىن ئىزدەپسىز.بۇلار تارىخقا نىسبەتەن توغرا.ئەمما بۈگۈنگىچۇ؟ئەڭ قىسقىسى ،ئازادلىقدىن 80-يىللارغىچە بولغان جەريان جەرياننى نىمە دەپ چۈشەندۇرىسىز؟مۇشۇ 30 يىلدا مىنىڭ بايقىشىمچە روسچە بىلەن خەنچە ئاتالغۇ كەسكىن رىقابەتكە چۈشۇپتۇ.ئەجىبا بۇمۇ زىيالىلارنىڭ ياكى ئاۋامنىڭ مەسىلىسىمۇ؟لاتىن ھەرىپى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش قىسمەن زىيالىلارنىڭ ۋە خەلقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرىغان.بۇنى سىز مەندىن ياخشى بىلسىز.ئەمما سەيپىددىن ئەزىزى ۋە ئەلقەم ئەختەم قاتارلىق ھوقۇق ئەھلىلىرى شۇ چاغدا بۇ خىل يېزىق ئىسلاھاتىنى تەشۋىق قىلدىغان ماقالە ۋە كىتابچىلارنى يازغان.ئەجىبا ئۇلار مۇشۇنداق چوڭ غەلىتىلىككە نىمە ئۈچۈن شۈنچە كۆپ كۈچ چىقارغان؟سىز ماقالىڭىزدا بىر تالاي مەسئولىيەتىنى زىيالىلارغا يۈكلەپ قويۇپسىز.ئەلۋەتتە زىيالىلارنىڭىمۇ مەسئولىيىتى بار .بىراق ئەڭ چوڭ سەۋەبىنى ئۇلاردا دەپ قارىمايمەن. كۈنىمىزدە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تىل-يېزىق كومتىتى توختىماي ئىملا يېڭلىماقتا.قاملاشمىغان سۆزلەرنى ياسىماقتا.مېنىڭچە ئۇلار بىر ئورگان بولغانىكەن،بۇ مەسىلىلەرنىڭ زىيالىلار بىلەن چوڭ مۇناسىۋىتى يوق.مەن بۇ يەردە 《مەدەنىيەت پوداقچلىقى》دىگەن بىر ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى.گەرچە قوپال بولسىمۇ،كۆز-قارىشىمىنى ئوتتۇرىغا قوياي: مەتبۇئات-ئاخبارات ۋاستىلىرىمىزگە قارايدىغان بولساق،《زۇڭلى》،《زۇڭتوڭ》،《بەنگوڭتىڭ》،《گوۋۇيۇەن》،《شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى》،《بىڭتۇەن》،《گومىنداڭ》،《فاڭجىن》،《لۇشىيەن》قاتارلىق ئاتالغۇلار بار.سىزچە ئۇلارنى ئۇيغۇرچە ئاتىغىلى بولمامدۇ؟ بىز ئامېرىكا گوۋۇيۇەننى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دەيمىزيۈ،دۆلىتىمىزدىكىنى خەنچە بىۋاستە گوۋۇيۇەن دەيمىز.ئون ئىككى ئاينى ئىلىپ ئېيتساق،ھازىر بىر قىسىم ياشلار توردا ئاي نامىنى تولۇق ئۇيغۇرچە ئاتاشقا باشلىدى.بىراق مەتبۇئات-ئاخبارات ۋاستىلىرى يەنىلا ئىنگىلىزچە ئاھاڭنى بىۋاستە ئىلۋاتىدۇ.بۇ زىيالىنىڭ مەسىلىسىمۇ؟ئۇيغۇر تىلدىكى ئا،ئە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشى نەدىن كەلدى؟بۇ زىيالىنىڭ ياكى خەلقنىڭ تۆھپىسىمۇ؟مانا بۇلار مېنىڭچە ھوقۇق ئەھللىرىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈك ياكى 《مەدەنىيەت پوداقچىلىقى》قىلۋاتقانلقىنىڭ بەلگىسى.نۇرغۇن كىشلەرنىڭ بىر كىچىدىلا مويەنچى بولۇپ كەتكەنلكىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر!!! قازاق قېرىنداشلار شىنجاڭ تېلۋىزىيسىدە ئاي ناملىرىنى ساپ قازاقچە ئاتىسا بولدىكەنۇ،بىز ئىلتىماس قىلىپ ئۆزگەرتسەك نىمىشكە بولمايدىكەن؟ ھۆرمەتلىك ئارسىلان ئابدۇللا ئەپەندى،جەمئىيتىمىزدىكى بىر قىسىم ياشلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى ئۆزىنىڭ ئانا تىلغا بولغان قايغۇسى ۋە يۈكسەك مۇھەبىتىنى ئىزھار قىلماقتا.ئانا تىل مەكتەبلىرىنى قۇرۇش تەشەببۇسلىرى نەچچە يۈز مىڭلىغان كىشلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشمەكتە.بۇ ئىشلاردىن سىزنىڭمۇ خەۋرىڭز باردۇر.سىز ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاقىللار ئىشخانسىنىڭ مۇدىرى.دىمەك تىلىمىزنىڭ مەسىللىرىنى ئالتە توك-توك زىيالىغا دۆڭگەپ قويماي،قانۇن ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-تەلەپلىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش،تىلىمىزدىكى غەلىتە ھادىسىلەرنى ئوڭشاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى دەپ قارايمەن. سىزگە سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەپ : ئېلشاد رەخىم ئەسكەرتىش: ئارسىلان ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى 《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》ژورنىلنىڭ 2013-يىللىق 4-ساندا ئىلان قىلىنغان.تورداشلار شۇڭا بۇ ماقالىنى ئاۋۋال ئەستايىدىل ئوقۇپ ئاندىن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا،قالايمىقان باشقىلارنى تىللايدىغان،قانۇنسىز سۆز-ئىبارىلەردىن ساقلانساق. |