قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 10413|ئىنكاس: 64

[ بوزقىر ] سېلىڭ دېگەنمۇ ۋاڭ شۇجى ، چېقىڭ دېگەنمۇ ۋاڭ شۇجى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرۋايىم پەلەك

50

تېما

19

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   50.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7496
تۆھپە : 4063
توردىكى ۋاقتى: 3144
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 18:32:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

سېلىڭ دېگەنمۇ ۋاڭ شۇجى ، چېقىڭ دېگەنمۇ ۋاڭ شۇجى

بوزقىر


         
             2010 -يىلى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق نامرات ناھىيەدىكى ئەڭ نامرات يېزىنىڭ ئەڭ نامرات كەنتىگە بىر يىللىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئەۋەتىلدىم.
شۇكەنىتتە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىشلەش جەريانىدا يولۇققان مۇنداق بىر ئىش مېنى ھازىرغىچە ئويغا سالىدۇ : بىز تۇرىۋاتقان كەنىت يېزا بازىرىغا 21 كىلومېتىر ،ناھىيە بازىرىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان يەنە كېلىپ قاتنىشى قولايسىز كەنىت بولغاچقادېھقانلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىشى كۆپ قىيىن  ئىكەن. بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقان كەنىت قوروسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چوڭ يول بويىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر دېھقان قوروسى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ يول بويىغا قارايدىغان بىر دۇكان سېلىپ ، كەنىت ئاھالىلىرىغا قولايلىق ياراتقاچ ئۆزىمۇ بەلگۈلۈك ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشمەكچى بولۇپ ، ئىلتىماس يېزىپ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭغا سۇنۇپتۇ.
ۋاڭ شۇجى خىزمەت تەكشۈرگەچ شۇ كەنىتكە كېلىپ ، دۇكان سېلىنىدىغان نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،دېھقاننىڭ دۇكان سېلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى تەستىقلاپتۇ. بۇنىڭدىن خۇش بولغان قولى قىسقا دېھقان پارتىيەنىڭ مېھرى-شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتىپ ، تاپقان-تەرگىنىنى يىغىش قىلىپ ، بالا-جاقىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ كېسەك تاملىق قوروسىنىڭ يېنىغايولغا قارىتىپ قىشتىن بىر دۇكان سېلىپ، سوپۇن، سەرەڭگە ، شىكەر، چاي دېگەندەك تۇرمۇش بويۇملىرىنى سېلىپ،  خېلى يۈرۈشتۈرىۋاپتۇ.بۇنىڭدىن ئەتراپتىكى كەنىت ئاھالىلىرى ۋە دېھقانمۇ خوش بوپ قاپتۇ.
           ئارىدىن بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا كەنىت كادىرلىرى بۇ دوكاننىڭ ئورنىغا ئۆستەڭ توغرا كېلىپ قالغانلىقىنى ، شۇڭا ئۇنى چېقىپ بېرىش بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈپتۇ. دېھقان بولسا دۇكان سېلىش ئىشىنى ۋاڭ شۇجىنىڭ تەستىقلىغانلىقىنى، ئۆز مەيلىچە سېلىۋالمىغانلىقىنى ئېيتىپ ، چاقماسلىقتا چىڭ تۇرىۋاپتۇ. يېزارەھبەرلىرى كېلىپ دۇكاننى چېقىۋېتىش ئىشىنى قايتا-قايتا دېسىمۇ دېھقان يەنىلا ۋاڭ شۇجىنى شىپى كەلتۈرۈپ چاقماسلىقتا چىڭ تۇرىۋاپتۇ.
          ئاڭغىچە قېزىش ماشىنىلىرىنىڭ كېچە-كۈندۈز جىددىي تۇتۇپ ئىككى تەرەپتىن قېزىشى نەتىجىسىدە ئۆستەڭ شۇ دېھقاننىڭ دۇكىنىغا كېلىپ توختاپتۇ. ئىش توختاپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاڭ شۇجى ئاتايەن ئۆزى شۇ كەنىتكەكېلىپ دېھقانغا ئىنتايىن كەسكىن تەلەپپۇزدا ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىنىڭ دېگەن مۇدەتتەپۈتۈشى ئۈچۈن دۇكاننى قەتئىي چاقماي بولمايدىغانلىقىنى ، ئەگەر ياخشىلىقچە چېقىپ بەرمىسە توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن تۈرتۈپ مەجبۇرىي چېقىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتپتۇ.
بىز شۇ كەنىتكە دەل مۇشۇنداق بىر ئەمەلىي مەسىلىگە ئۈسۈپلا بېرىپتىمىز.يېزىدىن بىزنى ئەشۇ دېھقانغا خىزمەت ئىشلەپ دۇكىنىنى چېقىشقا ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇدى.مەن بىر خەنزۇ كادىرنى ئەگەشتۈرۈپ دېھقاننىڭ ئۆيىگە كىرىپ سۆھبەت ئېلىپ باردىم.
         سۆھبەت ئارىسىدا مەلۇم بولدىكى ، ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇشۇ خىلۋەت كەنىتتىلا  ياشاپ،  سىرىتقى دۇنيا بىلەن كۆپ ئۇچراشمىغان بۇ دېھقان يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسىنى «پارتىيە » دەپ بىلىدىكەن. ئۇنىڭچە بولغاندا ۋاڭ شۇجى سېلىڭ دېگەن دۇكاننى جاڭ ياكى لى شۇجى چېقىڭ دېسە پىكرى يوقكەندۇق. ئەمما ۋاڭ شۇجى بۇ يىل «سېلىڭ »دەپ كېلەر يىلى «چېقىڭ» دېسە قاراپ تۇرۇپ ئادەم كولدۇرلاتقانلىق بولۇپ قالىدىكەن. پارتىيە خەلق مەنپەئەتىنى ئويلىشى ، ئەمما ، خەلقنى ئەخمەق قىلماسلىقى كېرەككەن.
دېمىسىمۇ راسىت،ئاقكۆڭۈل ساددا ئۇيغۇر دېھقانلىرى يېزا-بازارلاردىكى ئۇيغۇر كادىرلاردىن كۆرەيېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىلىرىنى «پارتىيە» دەپ بىلىدۇ. ئۆزىگە كېلىۋاتقان شاپائەتلەرنى شۇلار ئورۇنلاشتۇرغان دەپ بىلىدۇ. ھەتتا كادىرلىق سالاھىيىتى يوق كىشىلەر ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ ، ئىختىيارىي يوسۇندا پۇل چىقىرىپ ، نامراتلاردىن ھال سورىسىمۇ ئۇلار « پارتىيەگە رەھمەت» دەيدۇ.
         يىراقتىكى بىر نامرات كەنىتكە چۈشۈپ ،نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىشلەپ قايتىپ كەلگەن ، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان  دوستۇم تۇنياز ئوسمان ئەپەندىمۇ  مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ :« دىگەنلىرىڭىز توغرا.بۇنداق ئىشقا مەنمۇ يولۇققان.ئىدارىگەۋەزىپە قىلىنغان نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە يېنىمىزدىن پۇل چىقىرىپ قىيىچىلىقى بارلارغا ئاپىرىپ بەرسەك بىچارىلەر‹پارتىيەگە رەھمەت› دىيىشكەن ئىدى .ئۆتكەن يىلى يىل ئاخرىدا ئېچىلغان بىر تەجرىبە تۇنۇشتۇرۇش يىغىنىدا يېزىغا بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ تەجرىبەتۇنۇشتۇرۇپ ئېيىتقان‹پۇقرالار ،پارتىيە-ھۆكۈمەتتىن بەك مىننەتدار،ھازىر ئۇلاربىزنىڭ ئىككى خۇدايىمىز بار،بىرسى ئاللاھ،يەنە بىرسى پارتىيە دەيدىغان بولدى› دىگەن سۆزىگە قەتئى ئىشەنمەي مۇسۇلمان ئامما ھەرگىزمۇ ئىككى خۇدا بار دىمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.يىل بېشىدا مەلۇم ناھىيىنىڭ مەلۇم يېزىسىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ بېرىپ بەش ناماز ئوقۇيدىغان بىر موماينىڭ ئاغزىدىن‹ پارتىيە بەك ئۇلۇقكەن،خۇدامۇ ئۇلۇقكەن،ھەر ئىككىلىسى ئۇلۇقكەن›دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىگە ئىشىنىپ قالدىم.».
بىز كۆپ خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق دۇكاننى سېلىشقا كەتكەن بارلىق چىقىملىرىنى تۆلەپ بېرىش ھەم باشقامۇۋاپىق ئورۇندىن دۇكانلىق يەر كۆرسىتىپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ مىڭ تەستە دېھقاننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ يېنىپ چىقتۇق.
           ئەمەلىيەتتە ،دېھقاننىڭ دېگىنىنىڭمۇ ئاساسى يوق ئەمەس ئىدى. ئۇنى ئىلمىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلغاندا بىر يېزىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى بولغان ئادەم شۇ يېزىنىڭ ھېچ بولمىساكەلگۈسى بەش يىللىق پىلانىدىن بىخەۋەر قالىدىغان ئىش نەدە بولسۇن ؟ نەگە ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى چۈشىدۇ ، نەگە ئۆستەڭ چۈشىدۇ ... مۇشۇنداق موھىم پىلان ۋە تۈرلەردىن بىخەۋەر قېلىشى مۇمكىنمۇ ؟ ئەشۇنداق موھىم ئىشلاردىن بىخەۋەر يۈرۈش بۇكاتتام باشنىڭ ئومۇم ئۈچۈن ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پوزىتسىيىسىنىڭ مۈجمەل ئىكەنلىكىنى ؛ مۇشۇنداق موھىم ئىشلار ئۈستىدە باش قاتۇرۇش ، تەكشۈررۈپ تەتقىق قىلىشقا كەتكەن ۋاختىنى ئەمەل كوچىسىدا سوكۇلداش ۋە يەپ-ئىچىشكە سەرىپ قىلىۋەتكەنلىكىنى پەم ئەتكىلى بولىدۇ.
       دەرۋەقە ، كېيىن بىلسەم مۇشۇتېمىدا سۆزلەنگەن زەيلىك-ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى نەچچە يۈز مىڭ يۇەنلىك مەبلەغ پىلانىغاكىرگەن ، شۇ ناھىيەنىڭ يىرىك پىلانىدىكى نۇقتۇلۇق سۇ ئىنشاھاتى قۇرۇلۇشى ئىكەن.ۋاڭ شۇجى ئەجىبا ئۆزى باشقۇرىۋاتقان يېزا تەۋەسىدە ئەشۇنداق مۇھىم سۇ ئىنشاھاتى قۇرۇلۇشى پىلانىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمىدەپ دېھقانغا دەل شۇ ئۆستەڭ بويىغا بۇ يىل دۇكان سالدۇرۇپ ، كېلەر يىلى يەنە چاقتۇرىدۇ؟ مۇبادا «بىلمەي قاپتىمەن » دېسە ئۇنداقتا   مۇشۇنداق موھىم تۈر قۇرۇلۇشىنى بىلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ ؟ ئەجىبا ، ئەشۇنداق مۇھىم سۇ ئىنشاھاتى قۇرۇلۇش تۈر پىلانى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي نېمىشقىپتۇ ؟ بارلىق ۋاقتىنى ئەمەلدارلىق سورۇنىدىكى ئايىقى چىقماس يەپ-ئىچىشكىلا سەرىپ قىپتىمۇ ؟
          تېخىمۇ قىزىقارلىقى، ۋاڭ بۇلتۇر يېزىلىق پارتكومىنىڭ شۇجىسى چاغدا ئۆز پۇخرالىرىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ دۇكاننى« سېلىڭ »دەپتۇ . ھازىر ناھىيەلىك سۇ ئىدارىسىگە باشلىق بولۇپ يۆتكەلگەچكە  ئۆز سىستېمىسىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ يەنە «چېقىڭ» دەپتۇ.تېخى ، گېزى كەلسە  ۋاڭ تۈنۈگۈن شۇجىلىق سالاھىيىتى بىلەن   دۇكان يوق قاتنىشى قولايسىز  چەت كەنىتكە دۇكان سالدۇرۇپ ، دېھقان ئاممىسىغا قولايلىق ياراتتىم دەپ خونى ئالسا ؛ يەنە بۈگۈن قوپۇپ ئىدارە باشلىقىلىق سالاھىيىتى بىلەن سۇ ئىنشاھاتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇنچە ئۆي- دۇكاننى چاقتۇرۇپ، ئېتز-ئېرىق سۇ ئىنشاھاتى قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، سوتسىيالىستىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالدىم ، دەپ يەنە خونى ئېلىۋېرىدۇ.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە  قانداقلا دېسە ، قانداقلا قىلسا بولىۋېرىدۇ.ھەتتا تەتۈر ئىشلارمۇ ئوڭغا ئېقىۋېرىدۇ.ئەمما ، ئەڭ ئاخىردا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا قولىدا ھېچقانداق ھوقۇق يوق ،  ھوقۇقلا ئەمەس ئاددىيسى تەڭرى بەرگەن ئەقەللىي سۆزلەش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغان پۇخرالاردۇر .تېخى گېزى كەلسە بۇنداق قارا قورساقلار  چوڭ-چوڭ تۈرلەردىكى تەكرار قۇرۇلۇشلاردىن دۆلەتكە مىسلىسىز زىيانلارنى كەلتۈرمەيدۇ ، دەپ ھېچكىم مەيدىسىگە مۇشىتلىيالمايدۇ.
         ئەسلىدە ناھىيە ، يېزىلارمۇ بىردەرىجىلىك ھاكىمىيەت بولغانىكەن ئۇنىڭ چوقۇم ئۆز ئالدىغا شارائىتىغا بېقىپ تۈزگەن يىرىك پىلانلىرى بولىدۇ. شۇ  پىلانلارئىلمىي دەلىللەشتىن  ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنى باسقۇچلۇق يولغا قويۇش كېرەك. پىلاننى قايرىپ قويۇپ شەخسىي ھېسىياتىغا تايىنىپلا بۇيرۇقۋازلىق بويىچە ئىش كۆرگەندەپۇخرالارنىڭ مەنپەئەتىلا ئەمەس يەنە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىمۇ ئوخشاشلا زىيانغائۇچرايدىغان گەپ .نۆۋەتتەكۆرۈلۈۋاتقان  تەكرار قۇرۇلۇشتىن كېلىپ چىقىۋاتقان تولدۇرۇپ ئالغۇسىز زىيانلار ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
        گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بىر يېزىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان پىكىرداش دوستۇم تۇنياز ئوسمان ئەپەندىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسلەپ قالدىم : « بىز كىچىك چاغلاردا يېزىمىزدا تاش ئۆستەڭ ياساش پىلانى تۈزۈلۈپ دېھقانلار قارا قىشتا ئوت قالاپ توڭ ئېرىتىپ دالادا يېتىپ نەچچە يىللاپ ئۆستەڭ چاپتى.دەھشەت جاپالىق ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى نەچچە ئادەمنىڭ بېشىغا چىقىپ ئاخىرى تاماملانغان بولدى.ئەمما ھەيران قالارلىقى بۇ ئۆستەڭ بىر قېتىممۇ ئىشلىتىلىپ باقماي تاشلاپ قويۇلدى.يىللار ئۆتۈپ يەنە تاش ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى باشلاندى،قىزىقارلىق يېرى ئۆستەڭنىڭ ئورنى يۆتكەلگەن ئىدى.دېھقانلار يەنە نەچچە يىللاپ بىكارغائىشلىدى،بۇرۇنقى تاش ئۆستەڭنىڭ تاشلىرىنى قۇمۇرۇپ يېڭى تاش ئۆستەڭگە تۇشۇدى.يېڭى تاش ئۆستەڭ چىرايلىق مەھەللىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتۈپ دەل-دەرەخ،باغ ۋەدېھقانلارنىڭ قورۇ جايلىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى،مەھەللە ھازىرغىچە بۇرۇنقى قىياپىتىگە كېلەلمىدى...بوز قىر ئەپەندى يازغاندەك قارا قىشتا دېھقاننى قىيناپ ئالدىنقى تاش ئۆستەڭنى  ياساتقانمۇ،ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغانمۇ،تاش ئۆستەڭنىڭ ئورنىنى يۆتكەپ تەكرار قۇرۇلۇش قىلدۇرغانمۇپارتىيەنىڭ رەھبەرلىرى ئىدى...ئەپسۇسكى بۇنداقلارنىڭ بىرسىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم» .
           
دېمىسىمۇ يېزىمىزدىكى ئەشۇ ئىككى قېتىملىق تەكرار ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىغا مەنمۇ شاھىت ئىدىم.شۇجەرياندا نە تىراكتورى نە ئات-ئېشەك ھارۋىسى يوق بىر قىسىم دېھقانلار تاش توشۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىيالمىغاچقا نەق پۇل تۆلەشكە مەجبۇر بولۇپ قاق سەنەم بولۇپ كەتكەنىدى. ئەمگەكنىڭ ئېغىرلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن يەنە بىر قىسىم ياش دېھقانلار كەتمەن-گۈرچەكلىرىنى ئىشلىگەن يېرىدە تاشلاپلا ياقا يۇرتلارغا قاڭقىپ چىقىپ كەتكەنچە ئىككىنچى ئاياغ باسمىغانىدى.
         مۇشۇنداق بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈدىغان ،ئومۇمىيلىق ئۈچۈن ئەمەس دائىرە ئۈچۈنلا كەتمەن چاپىدىغان قاراقورساق باشلىقلار پارتىيە-ھۆككۈمەتنىڭ ئامما نەزىرىدىكى ئوبرازىنى چۈرۈشۈرۈپ قويىدۇ.تېخىمۇشۇنداق بىر ئادەم ئوڭلاپ چىچالمىغان پوخنى مىڭ ئادەم بىرمۇنچە ۋاقىت، زېھىن كۈچ سەرىپ قىلىپ ئېيتىدىغان گەپ. ۋاڭ  شۇجىدەكلەرھە دېسىلا مۇقىملىقنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.مۇقىملىقنى قوغداشتا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئاجايىپ پىلان-چارىلەرنى ئويلاپ تاپىدۇ.ئەمما ، مۇشۇ تېمىداسۆزلەنگەندەك ئىشلارنىڭ دەل مۇقىمسىزلىقنى پەيدا قىلىشنىڭ ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يىراقلاشتۇرىۋېتىشنىڭ ئامىلى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بېقىشمايدۇ.
          شۇ بىچارە دېھقاننىڭ دۇكان سېلىشقا  كەتكەن ئەجرى ۋە پۇلىغا چىدىماي يىغلاپ كەتكەن ھالىتى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. تېخى بۇ ناھەقچىلىككە چىدىماي يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپ ،ئانىسىنىڭ كۆزلىرىدىن دەريادەك ياش ئاققۇزغان ئوغلىنى دېمەيسىز. ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بىكار قويماي ئىشلىتىشۋە باي قىلماسلىق ھەققىدە يوشۇرۇن ئۇقتۇرۇش يوقتۇ ؟
          ئۆزى باشقۇرىۋاتقان يېزا تەۋەسىدە ئەشۇنداقمۇھىم سۇ ئىنشاھاتى قۇرۇلۇشى پىلانىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە دەل شۇ ئۆستەڭ بويىغا بۇ يىل دۇكان سالدۇرۇپ ، كېلەر يىلى يەنە چاقتۇرسا ئەسلىدىنلا ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز شۇ دېھقان قەددىنى كۆتۈرەلەمتى ؟بۇ «پۇخرالارنى بېيىتىمەن» دەپ ۋەدەبېرىپ قويۇپ ، ئارقىدىنلا  قارشى مۇقام توۋلاپ پۇخرالارنى قاراپ تۇرۇپ نامراتلىق پاتقىقىغا سۆرىگەنلىك بولماي نېمە ؟ ۋاڭ شۇجى نۆۋەتتە قانات يايدۇرىلىۋاتقان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشىيەن تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشتا بۇ ھەقتە ئۆز-ئۆزىنى قانچىلىك تەنقىت قىلالىغاندۇ ؟
           ئاخىرغا بېرىپ شۇ دېھقانغا  كەتكەن چىقىمىغا ھېساپلاپ پۇل بېرىش  كېلىشىمى ئاقمىدىمۇ قانداق بىلمىدىم. ئاڭلىسام بىز نامراتلارنى يۆلەشكە ئاپارغان سېمنوتتىن ئازراق بېرىپتۇدەك. شۇ دېھقاننىڭ مىڭ تەستە سالغان دۇكاننى ئاۋايلاپ چېقىپ ، قىشلارنى چېقىپ قويماي پۈتۈن ھالەتتە ئېلىش ئۈچۈن پەم بىلەن ئېلىۋاتقان ھالەتتە كۆردۈم.
بۇنداق تەكرار قۇرۇلۇش تۈسىنى ئالغان تىكىپ-سۆكەرئىشلارنىڭ ئايىغى قاچانمۇ بېسىقار ؟ بىر ئادەم چىچسا ئۇنىڭ قوڭىنى باشقا يۈزلىگەن ئادەم ئېرتىدىغان ئىشلار قاچانمۇ تۈگەر-ھە؟ تېخى قوڭىدىن پوق ئېقىپلا يۈرىدىغان بۇنداق غوجاملارنىڭ ئەمەلدارلىق سورىنىكى كۆپلىكىنى دېمەيسىز.ھەر دەرىجىلىك پارتىيەمەكتەپلىرى مەخسۇس « چىچىش دەرىسلىكى « تەسىسپ قىلىپ ، ئوڭشاپ چىچالمايدىغان ،چىچسىمۇ قوڭىنى ئېيتالمايدىغانلارغا چىچىشنىڭ قائىدىلىرىنى ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكەئۆگۈتۈپ قويىدىغان يەرگە يەتتىمۇ قانداق ؟
        « جىياۋ يۈلۇ » دېگەن كىنونى كۆرۈۋېتىپ مۇنداق كۆرۈنۈشتىن ھەيران قالغانىدىم: بىر پىشقەدەم ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشچىسى قاتتىق ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپقالىدۇ. ئوغلى يېرىم كېچىدە جىياۋيۈلۇنى ئىزدەپ بېرىپ يىغلاپ كېتىدۇ.   قىزىق ئىش ،دادىسى ئۆلەرھالەتتە ياتقاندا ئۇدۇل دوختۇرخانىغا ئاپارماي  نېمىدەپ شۇجىنى ئىزدەيدۇ ؟
        گەپ ئاددىي، شۇجىنى دوختۇردۇنمۇ ئۇلۇغ كۆرگەن .يولچى ئەپەندىنىڭ يۇقۇرقى ئىنكاسىدا ئۇيغۇردېھقانلىرىنىڭ " خۇدامۇ ئۇلۇغ ، پارتىيەمۇ ئۇلۇغ  " دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرىشىگەقارىغاندا بۇ خىل ئاڭ ھازىر ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا مەۋجۇتكەن.   مۇبادا ۋاڭ شۇجىدەك شۇجىلەرئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مۇشۇ يوسۇندا ئەخمەق قىلسا " پەقەت ۋە پەقەت خۇدالا ئۇلۇغ ئىكەن " دېگەن ئىدىيەگە  قايتىپ قېلىشى مۇمكىن.
2010-يىلى مايدا شۇ نامرات ناھىيەنىڭ شۇ نامرات يېزا شۇ نامرات كەنتىدە قەلەمگە ئېلىنىپ ،2013-يىلى  5-ئۆكتەبىر ئاقسۇدا تولۇقلاپ يېزىلدى.

ئەسلى مەنبە: شاھتۇر

قۇياش يېيىشكە بو

17

تېما

7

دوست

3014

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10892
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 588
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 600
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 20:04:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوز قىر قېرىندىشىمىزنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇمىغىلى خېلى بوپتىكەن بۈگۈن يەنە بىر ئېسىل يازمىڭىزنى كۆرۈپتىمەن.ھەقىقەتەن ھەق ئىشنى يېزىپسىز.
باغداشقا يەنە كۆپلىگەن نادىر يازمىلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز!!!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

6

تېما

0

دوست

3292

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   43.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11685
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 380
تۆھپە : 755
توردىكى ۋاقتى: 347
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 20:20:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوزقىر قېرىندىشىم ياخشىمۇ سىز!!!!!! تېنىڭىز سالامەت،تۇرمۇشىڭىز خاتىرجەم،خىزمەتلىرڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!!!!!!!!!
يازغان ماقالىڭىزنى ئوقۇپ يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كەتتى.

قارام سوپى

8

تېما

3

دوست

3992

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14014
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 172
تۆھپە : 1095
توردىكى ۋاقتى: 218
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 20:52:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي نادان قەۋمىم ئاگاھ بولۇڭلار.....
ھوقۇق ئىقتىسادشۇناسلىقىدا ئەمەلدارلارنىڭ ئىككى خىل پايدا ئېلىش يولى بار،نورمال تىجارەتچىلەرنىڭ پەقەت بىرلا خىل.
ئەمەلدارلار چېقىپ بىر پايدا ئالىدۇ،ئاندىن رەتلىدىم ،تۈزىدىم دەپ پايدا ئالىدۇ.چېقىپ بىرىش ھەققى،ئۆتۈنۈپ بىرىش ھەققى،قۇرۇلۇش شىرىنكانىسى،ئالغان پارىسى قاتارلىقلارنى قوشقاندا پۇل دىگەن سۇدەك ئېقىپ كىرىدۇ.شۇڭا قەيەرگە يېڭى باشلىق كەلسە ئاۋۋال چاقىدۇ،ئاندىن تۈزەيدۇ،سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتىدۇ.
نامراتلىق بەزىلەرنى ئاڭقاۋ قىلىۋەتتى،ئاجىزلار ئىتىقادىنى يوقىتاي دەپ قالدى.
كۈچلۈك روھ ۋە كۈچلۈك تەپەككۇر ئىگىللىرىگە مۇھتاج بوپقالدۇق.

1

تېما

0

دوست

954

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   90.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10794
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 172
تۆھپە : 185
توردىكى ۋاقتى: 139
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 21:04:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئىشلار ئادەمنى تولىمۇ زىدە  قىلدۇ .لىكىن ھېچكىم تۇزمەيدۇ................

1

تېما

0

دوست

1947

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21702
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 576
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 21:39:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلغا،ئۆستەڭ قۇرلىشىغا تۇغرا كەپقالغان بۇلسا چاقمىسا بۇلمىغىدەك دەرىجىگە بىرىپ قاپتۇ تۇغرا چۈشەنسەك بۇلىدۇ.

6

تېما

3

دوست

3614

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   53.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3157
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 889
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 22:03:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pawil يوللىغان ۋاقتى  2013-12-12 21:39
يۇلغا،ئۆستەڭ قۇرلىشىغا تۇغرا كەپقالغان بۇلسا چاقمىسا  ...

نىمىنى توغرا چۈشۈنىمىز؟

پاۋىل دەك ئويلۇنۇپ گەپ قىلىڭ

1

تېما

1

دوست

1143

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   14.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22145
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 22:10:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا ھۆكۈمەتنىڭ دۈشمەنلىرى ئاللىقانداق تېرورچى، بۆلگۈنچىلەر ئەمەس، بەلكى ئاشۇنداق پارىخور، نەپسانىيەتچى، جانباقتى بولۇۋالغان يەرلىك ئەمەلدارلاردۇر. ئاشۇنداق ئەمەلدارلارنىڭ كۇرسى چۈشكەن كۈنى تېرورچى، بۆلگۈنچىلەرمۇ ئۇجۇقىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )