قومۇلنىڭ قۇملىشىش ئەھۋالى ئېغىر
2013-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى7:00لەر ئەتىراپىدا مەملىكەتلىك رادىيو ئىستانىسىمىكىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوملۇق رادىيو ئىستانىسىمىكىن ئىشقىلىپ مېنىڭ ماشىنامدا چاستوتىسى 92:50 رادىيو ئۇزىلىدا بىر خەۋەر ئاڭلاپ يۈرەكلىرىم ئېغىپ كەتتى ھەم چەكسىز خۇش بولۇپ كەتتىم. خەۋەر مەزمۇنى:<<-دۆلىتىمىزدىكى مۇھىت ئاسراش ئورگانلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جەمئىي 6 شەھەر، ناھىيىنى قۇملىشىش ئەھۋالى ئېغىر ، قۇتقۇزۇش، قوغداش رايونىغا كىرگۈزۈپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قومۇل شەھىرى، پىچان ناھىيىسى بار ئىكەن. (قالغان تۆرت ناھىيە ئىسىمدىن چىقىپ قاپتۇ). ئۇزاق مۇددەتلىك قالايمىقان كان ئېچىش، بوز يەر ئېچىش تۈپەيلىدىن ئەسلىدىنلا قۇرغاق بولغان بۇ رايونلارنىڭ قۇملىشىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، داۋاملىق كېڭىيىش ھالىتىدە ئىكەن، شۇڭا بۇندىن كېيىن مۇشۇ ئالتە نۇقتىدا قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلارغا قاتتىق چەك قويۇلىدۇ!...>>بۇ گەپلەرنى رادىيودىن ئاڭلاپ ئۆز قۇلىقىمدا ئىشىنەلمەيلا قالدىم. چۈنكى، پۈتۈن قومۇل خەلقى يۇرتىمىزنىڭ قۇملىشىۋاتقانلىقىنى، قىش-ياز قار-يامغۇرنىڭ ئورنىدا توپا -چاڭ يېغىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان قومۇلنىڭ مۇھىتىنى بۇلغاۋاتقان، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئېچىش چەكلەنگەن قىسمەن كان-كارخانىلارنڭ يۇرتىمىزدا ئېچىلىۋاتقانلىقىغا ھەممىمىز ھەيران. بەزى كان رايونلىرىغا بېرىپ قالسىڭىز سېسىقچىلىقتىن تىنمۇ ئالالمايسىز! نومچىلار ، راھەتباغلىقىلار بۇ ئىشلارنى ھەممىمىزدىن ئوبدان بىلىدۇ. بىر ئاينىڭ ئالدىدا قۇرۇلۇش بانكىسىغا ئىش بېجىرگىلى باردىم، يېنىمدا ئولتۇرۇپ جەدىۋەل تولدۇرۇۋاتقان يېڭى توي قىلغاندەك ئىجىل بىر جۈپ خەنزۇ قىز-يىگىت دىقىتىمنى بۇزۇپ تۇراتتى. بىرچاغدا ئۇلارنىڭ بانكا خادىمى بىلەن قىلىشقان گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
بانكا خادىمى: ھە، سىلەر ئاراتۈرك نومدا ئىشلەمسىلەر؟ شۇڭا مائاشىڭلار يۇقىرى ئىكەندە!
يىگىت: شۇنداق ، بىز نومدا يول ياقىسىدىكى سېسىقچىلىقى 20 كىلومېتىر دائىرىگە تارقىلىدىغان شېركەتتە ئىشلەيمىز.
قىز: ھەدە بىز يۇرتىمىزدىن چىققىلى بەش يىل بولدى، مائاش يۇقىرى ئەمەس، سالامەتلىكىمىزدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدۇق.
يىگىت: يەنە ئازراق پۇل يىغىۋېلىپ باشقا كەسىپكە يۆتكىلىپ كېتەيلىمىكىن...
بۇچاغدا مېنىڭ نۆۋىتىم كېلىپ 6-كۆزنەككە كېتىپ قالدىم.
بايىقىلارنىڭ پارىڭىدىكى مەزكور شېركەت دۆلەت دەرىجىلىك قوغىلىنىدىغان، نوم بازىرىدىكى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي توغراقلىق بار ئورۇنغا يېقىن بولۇپ، گۈزەل توغراقلىقلار ئارىسدا تۇرۇپ قارىسىڭىزمۇ ھەيۋەتلىك شېركەتنىڭ زامانىۋىي قۇرۇلۇشلىرى كېچە-كۈندۈز مانا مەن، نىمە قىلالايتىڭ دېگەندەك كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. راھەتباغ يېزىسىكى مەھەللىنىڭ دەل قارشى تەرپىگە سېلىنغان ھەيۋەتلىك تۇرخۇنلارنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى ھەيران قالماي تۇرالماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ يەردىكى كۆپ قىسىم كارخانىلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىش نىسپىتى دۆلەت چەكلىگەن قىزىل سىزىقتىن ئارتىپ كەتكەن، سېپى ئۆزىدىن كىشىلەر ياشاۋاتقان ئورۇنلارغا سېلىنىدىغان كارخانىلار ئەمەس.
بىر قانچە يىللارنىڭ ئالدىدا خەلقئار جەمئىيەت جۇڭگونىڭ مۇھىت ئاسراش، قوغداش ئىشلىرىنىڭ قالاقلىقىنى، يەرشارى مۇھىتىغا ئېغىر تەھىدت بولىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئوتتۇرىغا قويدى. مۇناسىۋەتلىك رەھبەر ۋە ئورۇنلار ئۇلارغا قاتتىق رەدىيە بەردى، لېكىن، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ مۇھىت ئاسراش ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىرىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. يۇقىرىقى خەۋەر مانا بۇنىڭ دەلىلىدۇر!
مۇھىت ئاسراش قانداقتۇر بىر شەخىس، بىر مىللەت ۋە بىر ھاكىمىيەتنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەمەس! ئۇ بۇ بىر تاللا يەرشارىدا بىر قۇياشتىن بەھىرلىنىپ، بىر بوشلۇقتا نەپەسلىنىپ ياشاۋاتقان ھەر بىر ئىنساننىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر!
|