تەكلىماكان روھى : ئەسەت سۇلايمان
بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى تەكلىماكان گىرۋىكىگە جايلاشقان بىر قانچە قايناق بازارنىڭ شەنبىلىك ھاياتىنى تاماشا قىلىۋاتقان بىر ياپونىيەلىك سەيياھ ھاياجان ئىلكىدە مۇنداق دېگەنىكەن.«شەرقى ئاسىيانىڭ ياپيېشىل ئېكىنزارلىقلار بىلەن تولغان مۇنبەت زېمىنىدا، ئۈستىدە ئاقۇش تۇمانلار لەيلەپ تۇرغان گىرىمسەن تاغ-دەريالىرىغا قاراپ مۇقىم، پىنھان تېرىم ھاياتى كەچۈرۈپ كەلگەن خەلقلەر ئۆزلىرىدە مۇلايىم، سەۋرچانلىق، ئاياللىق نازاكەتكە باي ھۆل خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن؛ لېكىن ئىچكى ئاسىيانىڭ تەبىئى مۇھىتى بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى قۇرغاق، تاغلىرى قاقاس، قۇملۇقلىرى پايانسىز بولۇپ، بۇ ھال يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئوچۇق -يورۇق، قىزىققان، ئەرلىك جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان قۇرغاق خاركتېرىنى يېتىلدۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.»
بىزنىڭچە، ياپونىيىلىك بۇ سەيياھنىڭ يۇقىرىقى تەھلىلى ئاددى بىر سېلىشتۇرما بولمىسا كېرەك، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان بىزنىڭ ئاتا -بوۋىلىرىمىز تەكلىماكان چۆللۈكىدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق بالىياتقۇنى قۇچاقلاپ ياشاپ كەلگەن ئىدى. بۇ سىرلىق بالىياتقۇغا مىللىتىمىز ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن تالاي سەرگۈزەشتىلەر - خۇشاللىقمۇ، ئازابمۇ، ۋەھىمىمۇ، گۈزەللىكمۇ يوشۇرۇنغان ئىدى. تەكلىماكان ئۇلار ئۈچۈن بىر «مېھرىبان ئانا» ئىدى. ئۇلار ئۇنى ئۇلۇغلايتتى؛ ئۇ توغرۇلۇق گۈزەل رىۋايەتلەرنى توقۇيتتى. ئۇنىڭ باغرىغا كۆمۈلگەن قەدىمىي شەھەرلەادىن بەزى -بەزىدە ئاڭلىنىپ قالىدىغان مۇڭلۇق ناخشا سادالىرىدىن، توخۇلارنىڭ چىللاشلىرىدىن، تۇلپارلارنىڭ كىشنەشلىرىدىن، تۆگە كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما ئاۋازلىرىدىن سۆيۈنۈپ كېتەتتى. قەلبىدە مۇھەببەت ئويغانغان يىگىت -قىزلار گويا ئۇلۇغ ئانىنىڭ ئەمچەكلىرىگە ئوخشايدىغان سانجاق -سانجاق قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۈستىدە ئوڭدىسىغا يېتىۋېلىپ، تولۇنئاينىڭ كۆتۈرۈلىشىنى كۈتەتتى.....دەرۋەقە، «چۆل ئۇلارنىڭ ۋەتىنى، ئانىسى، كۆڭۈل خۇشى ئىدى. شۇڭا چۆلنىڭ گۈزەللىكىنى پەقەت چۆل پەرزەنتلىرىلا بىلىدۇ.....» يەنە بىر تەرەپتىن تەكلىماكان ئۇلار ئۈچۈن قورقۇنۇچلۇق سىر ئىدى. ئۇنىڭ گويا ئۇخلاپ ياتقان زور شىردەك ھەيۋەتلىك جىسمىغا جىمىكى رەھىمسىزلىك، ۋەھىمە، مەڭگۈ تويمايدىغان ئاچكۆزلۈك يوشۇرۇنغانىدى. ئۇ قورقۇنۇچلۇق گۈركىرەپ نەرە تارتسا، بىر كېچىدىلا قايناق شەھەرلەرنى، كىمخاپتەك بوستانلىقلارنى يۇتۇپ كېتەتتى. تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بوستانلىق مەدەنىيىتى ئەمەلىيەتتە تەكلىماكان بىلەن بولغان نەچچە مىڭ يىللىق جاپالىق كۈرەش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئىدى. ئۆز مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا چۆل ئادەملىرىنىڭ مىجەزىمۇ سۇسىز جەزىرىلەردە كۆكلەپ تۇرغان ئاشۇ تىكەنلىك ئوتلارنىڭ تەبىئىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. «راھەتلىك باغلار، شەھەرنىڭ سالقىن سارايلىرىدا يىللاپ ئاپتاپ كۆرمىگەن لەشتەك ئاق چىرايلارنى بۇ يەردە ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.چۆل ئادەملىرىنىڭ چىرايى قۇياشتا چاقناپ مىستەك پارقىراپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىمۇ ئۆڭۈپ ئاشۇ قۇملارنىڭ رەڭگىگە ئوخشاپ قالغان؛ قۇياشنىڭ ئوتتەك قىزىق تەپتى، ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرغان چۆل شاماللىرى جاھىللىق، قوپاللىق، مەردانىلىك، سادىقلىقتەك خىسلەتلەرنى ئۇلارنىڭ قان -قېنىغا سىڭدۈرىۋەتكەن.....-مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ قۇم باسقان شەھەر ناملىق رومانىدىن».
شۇنداق، بۇ يەردە تەبىئەت ھېچبىر ھاياتلىقنى پەپىلىمەيدۇ؛ ھەممە نېمە ئۆزىنىڭ قايتماس، ئېگىلمەس روھىغا تايىنىپلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ!.....شۇڭلاشقا ئۇيغۇر روھى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ئىچكى مۇناسىۋەت شەكىللەنگەن. بىز بۇ خىل روھى باغلىنىشنى مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر»، خالىدە ئىسرائىلنىڭ «قۇملۇقنىڭ چچۈشى»، ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل»، مۇھەممەد باغراشنىڭ «جەزىرە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز. دېمەك، مىللىتىمىز خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئىچكى پىسخىك جۇغلانمىسىنىڭ تەركىبىدە تەكلىماكاندىن ئىبارەت بۇ سىرلىق جەزىرىنىڭ قۇرغاق، ئىنسان بىلەن تەبىئەتتىن تاشقىرى بىر ئىلاھى كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ئۆز ئىزدىنىشلىرىنىڭ مەقسىتى قىلىدىغان مەنىۋى ھالەت ئۆز ئىزلىرىنى چوڭقۇر قالدۇرغان.
مەنبە: دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ ناملىق كىتابى |