قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 371|ئىنكاس: 1

قىزىل كىسىلى (ئالاھىدىلىك، داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

416

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23837
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 116
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 13:45:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida




قىزىل كىسىلىنىڭ يۇقۇش ئالاھىدىلىگى
•يۇقۇش مەنبەسى: قىزىل كىسىلى بولغان ئادەمدىن كىسەل بولۇشتىن 2 كۈن بۇرۇن ۋە قىزىل چىققاندىن كىيىنكى 5 كۈن ئىچىدە كۆزىدىكى چاپاق، ئېغىز، بۇرۇن ۋە نەپەس يوللىرىدىكى ئاجراتمىلار ئارقىلىق يۇقىدۇ.
•يۇقۇش يوللىرى: ئاساسلىقى نەپەس يوللىرى ئارقىلىق يۇقىدۇ. كىيىم ، ئويۇنچۇقلارنى بىۋاستە تۇتۇش ئارقىلىقمۇ يۇقىدۇ.
•ئاسان يۇقىدىغان كىشىلەر: قىزىل ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزمىغان ياكى بۇرۇن قىزىل چىقىپ باقمىغان ئادەملەرگە يۇقىدۇ.
•تارقىلىش ئالاھىدىلىگى: قىش ۋە ئەتىياز مەزگىلىدە كۆپ كۆرىلىدۇ. 6 ئايدىن بەش ياشقىچە بالىلاردا ئەڭ كۆپ تارقىلىدۇ.


قىزىل كىسىلىنىڭ كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى
•قىزىل ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىي خاراكتىرلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كىسەللىگى.
•قىزىتىش
•يۆتۈلۈش
•كۆزى قىزىرىپ قېلىش
•ئېغىز شىللىق پەردىسىگە قىزىل كوپلىك بەلگىسى چىقىش
•بەدىنىگە قىزىل چىقىش
قىزىل چىقىش ئالاھىدىلىگى
•قىزىتىپ قالغاندىن 3-4 كىيىن قىزىل چىقىشقا باشلايدۇ.
•قىزىل چىقىش تەرتىۋى: قۇلاقنىڭ كەينى، چاچنىڭ ئەتراپى، پىشاينا، يۈز، بويۇن، كۆكرەك، قوساق، قول پۇت، ئەڭ ئاخىرىدا ئالقان ۋە تاپانغا چىقىدۇ. ئادەتتە 2 كۈندىن 5 كۈنگىچە پۈتۈنلەي چىقىپ بولىدۇ.
•دەسلەپتە بەدەندە سۇس قىزىل رەڭلىك دانچىلار ئۆرلەيدۇ، كېيىن رەڭگى قارامتۇل قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ.  باسسا ئاقىرىدۇ. قىزىل چىقىش مەزگىلىدە بالىلار تېخىمۇ قاتتىق قىززىتىپ گىرادۇسى 40 قا چىقىدۇ ۋە ئۆپكە يالۇغى پەيدا بولىدۇ.
•قىزىل چىقىپ بولۇپ 3-5 كۈندىن كىيىن بەدەندىكى قىزىللار چىقىش تەرتىۋى بويىچە يوقايدۇ. لېكىن قىزىل چىققان يەردىن ئازراق كىپەك تۆكۈلىدۇ ۋە داغ قالىدۇ.


قىزىل كىسىلىنىڭ كۆپ كۆرىلىدىغان ئەگەشمە كىسەللىكلىرى
•ئۆپكە ياللۇغى:  90 پىرسەنتتىن ئارتۇق بالىلاردا بولىدۇ.
•يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى: ئادەتتە ئاجىز، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.
•كاناي ياللۇغى: كىچىك بالىلارنىڭ كاناي بوشلۇقى كىچىك ۋە تار بولغاچقا ئاسانلا كاناي توسۇلۇپ تۇنجۇقۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
•مىڭە ياللۇغى: ئاز كۆرىلىدۇ، لېكىن ئۆلۈش نىسپىتى يۇقىرى.


قىزىل كىسىلىنى داۋالاش
•باشقا بالىلاردىن ئايرىۋېتىپ ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا كارۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىش.
•كۆز، بۇرۇن ۋە ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز تۇتۇش.
•قايناقسۇنى كۆپ ئىچىپ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى بېرىش.
•قىزىغاندا قىزىتما دورىسى، يۆتەلگەندە بەلغەم بوشىتىدىغان دورىلارنى بېرىش.
•ئۆپكە ياللۇغى بولغاندا پېننىسېلىن ۋە باشقا ياللۇغ قايتۇرىدىغان دورىلارنى ئۇرۇش.
•يۇرەك مۇسلكۇل ياللۇغى، كاناي ياللۇغى ۋە مىڭە ياللۇغى بولغاندا شۇ كىسەللەرگە قارىتا داۋالاش.




قىزىل كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
•قىزىل چىقىپ قالغان بالىلارنى ئايرىپ داۋالاپ يەسلى ۋە مەكتەپكە بارغۇزماسلىق. ئادەتتىكى قىزىل كىسەللەرنى قىزىل چىققاندىن كېيىن 5 كۈن، ئۆپكە ياللۇغى بارلارنى 10 كۈن ئايرىش كېرەك.
•قىزىل تارقىلىش مەزگىلىدە بالىلارنى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاپارماسلىق ۋە تۇققان يوقلىماسلىق كېرەك.
•قىزىل چىقىپ باقمىغان بالىلارنىڭ ھەممىسى قىزىل ۋاكسىنىسىنى چوقۇم ئۇرغۇزۇش. تۇنجى قېتىم 8 ئاي بولغاندا ئۇرىدۇ. 7 ياشلىق بولغاندا كۈچەيتىپ ئەملىنىدۇ.


kizil1.jpg
kizil2.jpg

0

تېما

0

دوست

1769

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   76.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10487
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 282
تۆھپە : 355
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 14:19:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي
قۇتلان تېلفۇنلىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )