خەلىق سەنئەتكارلىرىمىز ھەققىدە
خەلىق سەنئەتكارلىرى ئۇيغۇر جەميىتىنىڭ مەنىۋى بايلىقلىرىنى ئوزگىچە شەكىل بىلەن ئەجداتتىن ئەۋلاتقا ئۇلاپ كەلگەن ئۇنسىز مىھنەتكەشلەردۇر .ئۇلارنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇزىنى بېغىشلاش روھى ئادەمنى قايىل قىلماي قالمايدۇ.ئۇيغۇرنىڭ ئون ئىككى مۇقامى بىلەن باشقا يەرلىك مۇقاملىرى تارىختىن بۇيان مۇشۇنداق ئۇزىنى سەنئەت ئۇچۇن ئۇرۇپ تۇرغان ، تىنمسىز ئىزدىنىدىغان ئاددى لىكىن سۇيۇملۇك كىشلەر ئارقىلىق تارقىلىپ ئۇيغۇر مەنۋىيەت تارىخىنى بىيىتىپ جانلاندۇرۇپ كەلگەن . خەلىق سەنئەتكارلىرىنىڭ خەلىق مەشرەپلىرىدىكى رولىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىك بۇلۇپ تارىختىن بۇيانىقى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ناھيىتتى رەڭگارەڭ بىر ئاملىى بۇلۇش سۇپىتى بىلەن كۇزىمىزنى قاماشتۇرۇپ تۇرىدۇ .نەچچە يىل ئاۋال مۇقەددەس مىجىت ئىسىملىك بىر قېرىندىشمىز پارژدىكى ئۇيغۇر قىزىنىڭ بايانلىرى دىگەن ماقالسى ئارقىلىق دولان مۇقاملىرنى ئېيتقان ئەلنەغمىچلەرنىڭ فىرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا ئالاھىدە ئالقىشقا ئىرىشكەنلىگىدىن ئىبارەت پاكىت جەميىتمىزدىكى كشلىرىمىزدە يەرلىك سەنئەتكەبولغان قىزىقشىنى ئويغاتقان ۋە بىرمەھەللىك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى .....
بىرمىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇق تارخىي ئۇنىڭ مەدىنىيتى ئاساسىدا گۇللىندۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ .... بىر مىللەت ئۇزىنىڭ مىللىي مەدىنىيتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللارنى مەھكەم قوغدىشى ۋەراۋاجلاندۇرشى كىرەك . چۇنكى شۇ مىللەتنى ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرغىنى مۇشۇنداق كوزئالدىدىكى ھەققي رىئال نەرسلەردۇر . ئۇنى زاماننىڭ تەرەققىياتى ياكى ئاللىقانداق ماس كەلمەسلىك ئىدىيسى ۋە ياكى باشقا قالپاقلارنى كەيدۇرۇپ ئۇچۇغداش ۋەكەمسۇندۇرۇش ئاقلانلىك ئەمەس . كۇرۇنۇپ تۇرۇپتىكى بىزدە ھازىر مىللىي ئۇيۇشۇشچانلىق ، مىللىي ئاڭ ۋە ئۇمۇمىي بىرلىككە كەلگەن بىرمىللىي روھ كەمچىل . ئەنئەنۋىي مىللىي مەدىنيىتمىزنى تەشكىل قىلغان ئامىللارتوغۇرىسىدا ئىزدىنشمىز يىتەرلىك ئەمەس . بىرىمىز غەرپنىڭكىگە قىزىقساق بىرىمىزئەرەپنىڭكىگە قىزىقىمىز ، بىرىمىز مەسلىلەرگە دىني نۇقتىدىن باھا بەرسەك بىرىمىزئىقتسادي نۇقتىدىن باھا بىرىمىز . بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرغىلا خاس بولغان قىممەت قارشىمىز شەكىللىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، كوپ قۇتۇپلۇققا قاراپ يۇزلىنىپ ئارىمىزدىكى ھاڭ بارغانسىرى كىڭيىپ بېرىۋاتىدۇ .... مۇشۇ خىل كىرزىس ئىچىدە بىزنىڭ خەلىق سەنئىتمىز بارغانسىرى ئاجىزلاۋاتىدۇ ، ئىز باسارلىرىدىن ئايىرىلىپ قىلۋاتىدۇ . يۇرتنىڭ ئاتسى بولغان ئەمەلدارلىرىمىز بولسا بۇ نۇقتىغاتېخمۇ سەل قاراپ كىلۋاتىدۇ . يۇقىرنىڭ مەنۋى مەدىنيەتنى راۋاجلاندۇرش ھەققىدىكى چاقرىقىلىرى بىلەن زورمۇ زور بىر ئىشلارنى قىلغان بولسمۇ بۇ خىل سەنئەتنى ۋە مۇشۇ خىل كىشلەرنى قۇتقۇزۇش راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىكى ئەملىي ئۇنۇمىي يوققنىڭ ھىسابىدا . ئىشلەنگەن خىزمەتلەرمۇباشلىقنىڭ ئالمىشىش بىلەن نەتىجسىز ئاياقلىشۋاتىدۇ . خەلىق سەنئەتكارلىرىنىڭ زاغرا تىل بىلەن ئىيىتپ كىلۋاتقان بەزى خەلىق ناخشىلىرى ھازىرقى چوڭ سەھنىلەردە ناخشا ئېيتىپ تۇنۇلۋاتقان مەشھۇر ناخشچىلىرىمىزنى ئۇزۇلمەس سەنئەت بايلىقى بىلەن تەمىن ئىتىپ كىلۋاتىدۇ . مۇشۇ نۇقتىدىن ھەممىز ئەسلىي ئاشۇ خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ روھىدىن ئۇزۇق ئالغۇچلاردىندۇرمىز . ئۇلارنىڭ ئاددىي ساددا قىياپىتى تىرىشچانلىقى ،تۇرمۇشتا قىسلىپ قالسىمۇ ئۇزى دەۋەلغىنىدەك ئاشۇ « ئىشق » تا يىنىپ تۇردىغىنى ۋە كىيىنكى ئەۋلاتلاردىن ئىزىنى باسقىدەك ئادەم چىققماسلىقىدىن ئەنسرەيدىغان كۇچلۇك مەسئۇليەت تۇيغۇسى ئادەمنىڭ ھورمىتىنى قوزغايدۇ . بۇرۇندىن تارتىپ خەلىق ئىچىدىكى سەنئەتكارلىرىمىز ئۇرۇندىغان نۇمۇرلارنى كۇرۇشكە ئامراق ئىدىم ھەم ئۇلارغا ئىچ – ئىچىمدىن قايىل بۇلاتتىم .ئۇلارنىڭ ئوزلىگىدىن ئۇگۇنۇپ، ھىچقانداق مۇنتىزىم تەربىيە ئالماي تۇرۇپ، ئۆز سىزىمغا تايىنىپ ، شۇنچىلىك نۇمۇرلارنى ئۇرۇنداپ چىقشغا قاراپ ، ئۇلارنىڭ مىھنىتىگە ۋە ئۇزنى سەنئەتكە بېغىشلاش روھىغا ئاپىرىن ئۇقۇيتتىم .يىقىندا مەن ئونسۇ ناھىيسىنىڭ تۇمشۇق يىزىسغا خىزمەت سەۋەبدىن بىرىپ قىلىپ بىرتۇركۇم ئەلنەغمىچلەرنىڭ نۇمۇرنى سۇرەتكە ئالغان ئىدىم .بۇنى تورغا يوللاپ دوسلارنىڭ دىققىتگە سۇندۇم . دوسلارنىڭ ياقتۇرشنى ئۇمۇت قىلىمەن . 2013يىلى 12 – ئاينىڭ 13 كۇنى ئونسۇ ناھىيسى
|