قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3465|ئىنكاس: 18

مۇقۇملۇقنى مۇشۇنداق قوغدامدۇق؟!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

140

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5789
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 2660
تۆھپە : 1903
توردىكى ۋاقتى: 2191
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


ئەرزىيەتچىلەرنى زورلۇق بىلەن ئېلىپ كېتىش «مۇقىملىقنى قوغداش»نىڭ
ھۈنىرى بولۇپ قالدىمۇ؟


يېقىندا، لوياڭلىق جاۋ ئەپەندى سەيلى-ساياھەت قىلىپ كەلمەكچى بولۇپ، پايتەختكە بېرىپ قاپتۇ، پايتەختكە ئەرز-ھال ئېيتىپ بارغان ئەرزىيەتچىلەر بىلەن بىللە كىچىكرەك بىر قونالغۇدا يېتىپ قاپتۇ. ئون نەچچە نامەلۇم ئادەم پەيدا بولۇپ، جاۋ ئەپەندىنىمۇ ئەرزىيەتچىكەن دەپ، ھېلىقى ئەرزىيەتچىلەر بىلەن قوشۇپ لوياڭ شەھىرىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. جاۋ ئەپەندى يولدا بارغىچە ئۆلگىدەك تاياق يەپ، ھۇشىدىن كېتىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن، يولنىڭ چېتىگە تاشلىۋېتىلىپتۇ. ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى جاۋ ئەپەندى ئۇچرىغان ئۇۋالچىلىقنى ئاڭلاپ، جاۋ ئەپەندىنىڭ دادىسىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئوغلىڭىزغا ساۋاق بولۇپ قالسۇن، پايتەختكە بېرىپ يۈرمىسۇن. بۇ مەرتەمغۇ خاتا تۇتۇلۇپتىكەن، ھەر ھالدا ئۆزىنى كۆرەلىدىڭىز، كېيىنكى مەرتەم ئۆزىنىمۇ كۆرەلمىىسڭىز نېمە دېگۈلۈك؟» دېيىشىپتۇ. موشۇ يىللاردا، «موقىملىقنى قوغداش»نى سۈيئىستىمال قىلىپ، ھوقۇقىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىدىغان، نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدىغان ئەھۋاللار گېزىتلەردە داۋاملىق خەۋەر قىلىنىپ تۇردى. پايتەختكە ئەرز-ھال ئېيتىپ بارغانلارنى ھەپسىگە قامىۋالغانلارنى جامائەت ئەيىپلەپمۇ باقتى. لېكىن، «خاتا تۇتۇپ قويۇش»، «ئۇرۇپ قويۇش» تراگىدىيىسى تۈزۈم بوشلۇقى شارائىتىدا يەنىلا داۋام قىلىپ كەلدى. «قارا ھەپسە» قىسمىتىگە يولۇققانلارغا قارىغاندا، جاۋ ئەپەندى ھەقىقەتەنمۇ تەلەيلىككەن، چۈنكى، ئۇ ھېلىھەم ھايات. ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى ئېيتقاندەك، كېيىنكى مەرتەم جاۋ ئەپەندىنىڭ ئۆلۈك-تىرىگىنىمۇ بىلگىلى بولمىسا، نېمە دېگۈلۈك؟ بۇنى ئاگاھلاندۇرۇش دېگەندىن كۆرە تەھدىت دېگەن تۈزۈكتەك تۇرىدۇ. ھوقۇق ئەسەبىيلىكىدىن ئاشكارىلىنىۋاتقىنى تۈزۈم كاپالىتىنىڭ يوقلۇقى، ئاۋامنىڭ بىچارىلىكى ۋە ھوقۇقىنى قوغداشتىكى مۇشاققەتلىك كەچمىشلىرىدۇر.

جاۋ ئەپەندى بۇنداق ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولسا كېرەك. ئۇ نامەلۇم كىشىلەرنىڭ «خاتا تۇتۇلسا مەيلىكى، بىرسىمۇ توردىن چۈشۈپ قالمىسۇن» دېگەن قارارى سەۋەبىدىن شۇنداق ئۇۋالچىلىققا يولۇققان. ئەرزىيەت سانى بىلەن يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش چېتىۋېلىنغانلىق سەۋەبىدىن ئەنە شۇنداق بىمەنە بەلگىلىمىلەر كۆپلەپ مەيدانغا چىقماقتا. شۇنىڭ بىلەن، ئەرزىيەتچىلەرنى قاتتىق قامال قىلىش، پېيىگە چۈشۈپ تەكشۈرۈش بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، ئۆسۈشكە يول تېپىشىدىكى يوشۇرۇن كۈچ بولۇپ قالماقتا. «قارا ھەپسە» پەيدا بولۇش ۋە زورلۇق بىلەن ئېلىپ كېتىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلار مانا بۇنىڭ تۇغۇندىسىدۇر. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يەرلىكنىڭ موقىملىقنى قوغدىشى ۋە ئاممىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىغا دېئالىكتىك مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئەرزىيەتچى ئاممىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشى ئۇنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى بولسا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «موقىملىقنى قوغدىشى» باھانە-سەۋەبتۇر. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى «ھوقۇقىنى قوغداش» بولسا، ھەقىقىي مەقسەت-مۇددىئاسىدۇر. ھالبۇكى، ئىككى خىل ھوقۇقنى قوغداش بىر-بىرىگە زىت كېلىدۇ، بىرىنىڭ مەقسىدى تەلىپىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش بولسا، يەنە بىرىنىڭ مەقسىدى ئاۋامنىڭ دەرت-ھالى بىلەن كارى بولماي، ھەتتا ئىنكار قىلىپ، مەنسەب تاجىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت. ئەرزىيەتچى ئامما بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى ۋە قانۇنلۇق تەلەپ قويۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان چوڭ ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ئەرزىيەتچىلەرنى زورلۇق بىلەن ئېلىپ كېتىش موقىملىقنى قوغداشتىكى قانۇنسىز ۋاسىتە-ئۇسۇل بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەمەلدارلار ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان مەمۇرىي مۇداخىلە ئاۋامنىڭ قانۇنلۇق تەلەپلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ - يولسىزلىق، شۇنداقلا  دېمۇكراتىك قانۇنچىلىق روھىغىمۇ مۇخالىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمەلدارلار «موقىملىقنى قوغداش» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەندە، «موقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دەيدىغان بىرتەرەپلىمە قاراشتىن يۈكسەك دەرىجىدە ھۇشيار تۇرۇپ،  ئۇنى «خاننىڭ شەمشىرى» قىلىۋېلىپ، قانۇنسىز مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ باھانىسى قىلىۋالسا ھەرگىز بولمايدۇ.

بۇ ھەم بۈگۈنكى كۈندىكى ئەمەلدارلار جامائىتىدىكىلەرنىڭ ئىدىلوگىيە جەھەتتە پەيدا قىلغان خەۋىپلىك سەپسەتىسىدۇر، كۆپلىگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ «موقىملىقنى قوغداش» تەپەككۇرىدىكى ئەڭ چوڭ خاتا قارىشىدۇر. بىلىش كېرەككى، «موقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەننىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرغىنى چوقۇم ئادەم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دېگەن ئىدىيەدۇر. تۈزۈم بولمىغان ئەھۋالدا، مەلۇم جاينىڭ موقىم بولغان-بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، نۆۋەتتە ئاساسلىنىدىغان قانۇن يوق بولماقتا، ئەكسىچە، شۇ جايدىكى پارتكوم-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ سوبىكتىپ ئېڭىغا باغلىق بولماقتا. نەتىجىدە، بەزى جايلار بۇ خىل پىكىر ئېقىمىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەرزىيەتچى ئاممىنى زورلۇق بىلەن ئېلىپ كېتىپ، ئاۋامنىڭ قانۇنلۇق تەلەپلىرى بىلەن ئىجتىمائىي موقىملىقنى قارىمۇ-قارشى قىلىپ قويۇپ، زىددىيەتنى يوشۇرۇپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى مەجبۇرىي بېسىش ئارقىلىق، ۋاقتلىق موقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىۋاتىدۇ.

بۇنداق قىلىش ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر، دېموكراتىيە ۋە قانۇنچىلىققا بولغان ھاقارەتتۇر، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش روھىغا مۇخالىپتۇر. بۇنداق «موقىملىقنى قوغداش» ماھىيەتتىن تۈزىمەي، يۈزەكى-ۋاقتلىق تۈزەش بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ۋاقتلىق ئۈنۈم كۆرۈلگەن بىلەن، ئەل-ئاۋام تۈزۈم كاپالىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ، ھوقۇقلۇق ئورگانلارنىڭ ئىناۋىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ. موشۇنداق كېتىۋەرسە، ئاۋامنىڭ ئەندىش-تەشۋىشى ۋە نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، «قوغدىغانسىرى مۇقىم بولماسلىق»تەك غەلىتە چەمبىرەك ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. موقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى- ئەمەلدارلار دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، كونا ئىدىيىۋى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتەك موقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى قانۇننىڭ ئۈستىگە قويۇشتىن ساقلىنىش، كۆرۈلگەن زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى قانۇنچىلىق روھى ۋە ئادىمىيىلىك خىسلىتى بىلەن ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. مانا بۇ جاھالەت ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ھىدايەت يولىدۇر.


مىڭ يىفەن ئىمزاسىدىكى بۇ ئوبزور  خەنزۇچە «نۇر تورى»دا ئېلان قىلىنغان

4

تېما

40

دوست

5428

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1020
تۆھپە : 1304
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەپلەرنى كىملەر ئاڭلاۋاتىدۇ ؟كىملەر قۇلاق سىلىۋاتىدۇ ؟يىڭى -يىڭى گەپلەر،ئىسىملار پەيدا بولوشقا باشلىدى،مەسىلەن ئەرزخۇر،ئەرزخۇرلار دىگەندەك،بۇرۇن نەدە بۇنداق گەپ بار ئىدى...
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

2

دوست

2758

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9612
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 507
تۆھپە : 498
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست گەپنىڭ ھەممىنى دەپتىغۇ ماۋۇ يولداش... بىراق مۇشۇ سۆزى بىلەن ئۆزىگە پالاكەت كەلمىسىلا بولاتتىغۇ... چۈنكى مۇقىملىق بىرىنچىدە

11

تېما

0

دوست

2731

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1123
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 680
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خىل ئىشلاردىن بىرسىنى مەنمۇ بىر تونۇشتىن ئاڭلىدىم. ئۇ تاياق يېمەپتۇ، لېكىن تازا ئادىمىزات يوق تاغ ئارىسىغا ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭغا قايتىپ كېتىشنى چىرايلىق «ئېسىگە» سېلىپ قۇيۇپتۇ...

6

تېما

3

دوست

2981

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3157
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 695
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باركاللا.    رەخمەت سىزگە

2

تېما

5

دوست

3475

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15034
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1008
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     پۇقرانىڭ  ئەرىز قىلغىنى   پارتىيەگە  ، ھۆكىمەتنىڭ ئادىللىقىغا ئىشەنگىنى،        ئەگەر  ھېچكىم  ئەرىز قىلمىسا،  ئۇ   ھال  بەكمۇ قورقىنىشلۇق  ،چۈنكى  پۇقرالار ھۆكىمەتكە ،پارتىيەگە ئىشەنمىگەندە ، ئۈمۈدىنى ئۈزگەندە ئاندىن ئەرىز قىلىشتىن توختايدۇ.......  ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى  تەسەۋۋۇر قىلماق  بەكمۇ قىيىن....
   
تاڭ تەيزۇڭ  دەپتىكەنغۇ :    پادىشاھ گوياكى كىمە، پۇقرا  دىڭىز ، دىڭىز  كىمىنى چۆكتۈرۋىتەيلەيدۇ  ھەم لەيلىتەلەيدۇ.......   دەپ....


3

تېما

2

دوست

9559

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   91.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2102
تۆھپە : 1506
توردىكى ۋاقتى: 395
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاساسلىقى تۈزۈلمە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشلار . مەركەز ئۆلكىلەر بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاشقاندا دەرىجە ئاتلاپ ئەرز قىلىش ئىشلىرىغا يۈز بەرسە ، ھەر بىر دېلوغا مانچە نومۇردىن تارتىلىدۇ . دەپ مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىشىدۇ . يىل ئاخىرىدا نومۇر تارتىلدىمۇ بولدى مەركەزنىڭ شۇ يەرلىككە بېرىدىغان پۇلىمۇ تارتىلدى دىگەن گەپ . ھەم ، مەسئۇل باشلىقمۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەنقىتلىنىدۇ . سىياسىي نەتىجىسى نۆل بولىدۇ دىگەنلىك .
شۇنىڭ بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تۆۋەن بىلەن ئوخشاش مەزمۇندا ، ياكى ئۇنىڭدىن كۆپتۈرۈپ بىر مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىشىدۇ ، تۆۋەنمۇ ئامالسىز دەرىجە ئاتلاپ ئەرز قىلىش ئىشلىرىنى كۈچىنىڭ بارىچە توسۇشقا مەجبۈر بولىدۇ .
لېكىن بۇ قېتىم شى رەئىس تەختكە چىققاندىن كېيىن بۇ نومۇر تارتىش ئىشىنى يوق قىلىۋەتتى . ئەمدى خالىغانچە دەرىجە ئاتلاپ ئەرز قىلسىڭىز ھېچكىم توسمايدۇ . ئەلۋەتتە ، مۇھىم يىغىن مەزگىللىرىدە يەنىلا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن .

0

تېما

0

دوست

763

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   52.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلىتىمىز مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۇپ قالدىما؟ بۇنى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلمەمدىغاندۇ؟  
بولماپتۇ   بۇ زاۋاللىقنىڭ ئەڭ چوڭ بىشارىتى.

0

تېما

0

دوست

1676

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   67.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 474
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە پۇقرا ھوقۇقىنى قانۇن ئارقىلىق قوغدىسا بولاتتى . ئەمما ئەرزىيەت تارماقلىرىنىڭ قۇرۇلىشى بىرقىسىم كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويدى . پۇقرا مەنپەئەتىنى قوغداشتا قانۇندىن پايدىلىنىش كېرەكمۇ ؟ ياكى ئەرىز قىلىش كېرەكمۇ ؟

11

تېما

0

دوست

2463

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15446
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 43
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا مائىشنى....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )