قىرتاق پاراڭلار شەن خەيفۈ دولان تەرجىمىسى
△ بىر جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم يۇيۇنىپ پاكىزلىنىشنى ئويلىسا، ئېھتىمال ھەقىقى پاكىز كۆلچەكنى تاپقىلى بولمىسا كېرەك. △ يالغانچىلىق كۆپ بولسا پىتنە-پاساتمۇ كۆپ بولىدۇ،پىتنە-پاسات يوقۇتىلسا، راسچىللىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەگەر ئەمەلدارنىڭسۆزىگە ئىشەنگىلى بولمىسا، پىتنە-پاساتقا تېخىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ئۇنداقتا پۇقرالار كېمگە ئىشىنىدۇ؟ △ ئەگەر جامائەت ئەخلاقى ئومۇمىيۈزلىك كەمچىل بولسا، مەيلى ئەمەلدار، سودىگەر ياكى ئادەتتىكى پۇقرا بولسۇن قانۇندىن تەپتارتمىسا، ئۇنداقتا بۇ جەمئىيەت ياخشى سۈپەتتىن مەھرۇم قالغان بولىدۇۋە خوشاللىق بولمايدۇ. △ ئاجىز كىشىلەر دېگەن نېمە؟زوراۋانلىق، ئادالەتسىزلىك ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا، ئازراقمۇ قارشىلىق ئىقتىدارى بولمىغان كىشىلەردۇر. △ بۇ دۇنيادا ئەما كىشىلەر ھېچنەرسىنى كۆرەلمەيدۇ، مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا ئەمالار ئەڭ خاتىرجەم كىشىلەرمۇ قانداق؟ △ دېگىننى قىلمايدېغانلار ئەمەلدار، دېيىشكە پىتىنالمايدىغانلار تۆۋەن دەرىجىلىكلەر، دېمە دېسىمۇ دەيدىغانلار ئامما، دېگىننى ئاشكارىلايدىغانلار تور ئەھلى. △ بىر ئەمەلدارنىڭ راس گەپ قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئەمەلدىن ئايرىلماقچى بولغانلىقى ئەمەس بەلكى ئاللىقاچان ئەمەلدىن ئايرىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. △ ئەڭ قورقۇنۇشلىقى ئەمەلدارنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمۈچىگە چوغ تارتىشى، ئۇندىن قالسا تېلۋېزىيەدىكى دورا ئېلانى.ئالدىنقىسى ئۆزىنى « خەلقنىڭ چاكىرى » دەپ پەردازلايدۇ، كېيىنكىسى ئۆزىنى « ساغلاملىق» دەپ پەردازلايدۇ، كىشىنى ئەندىشىگە سالدېغىنى خەلق بىلەن بىمارنىڭ يەنىلا ساختا دورا ئىستىمال قىلىۋاتقىنى. △ كېشىلەرنى تالانتى بۇيىچە ئايرىغان جەمئىيەت تەبىئى جەمئىيەت؛ ئەخلاق-پەزىلىتى بۇيىچە ئايرىغان جەمئىيەت مەدەنىي جەمئىيەت؛ ئەمەل-دەرىجىسى ۋە ئورۇن-مەرتىۋېسى بۇيىچە ئايرىغان جەمئىيەت بايلىق ۋەمەرتىۋېگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان جەمئىيەت؛ پۇلنىڭ ئاز-كۆپلىكى بويىچەئايرىلغان جەمئىيەت ئادىمىيلىكى يوقالغان جەمئىيەتتۇر. △ ئەمەلدارلار ئەمەل تېلىگەندە چاشقانغا، ئەمەلگە ئېرىشسە يولۋاسقا، ئەمەلدىن ئايرىلسا ئادەمگە ئوخشايدۇ.
بۇ يازما « فېلياتون ئايلىق ژورنىلى» نىڭ 2012-يىلى 7-ئايلىق ئالدىنقى ساننىڭ 1-بەتتىن تەرجىمە قىلىندى.
|